بۇ يازمىنى ئاخىرىدا intilguchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-30 09:26
ئۆزلۈك تۇيغۇسىنىڭ مۇھىملىقى
ئىنتىلگۈچى
بىز ئۆزلۈك تۇيغۇسىنىڭ مۇھىملىقى ھەقىقىدە ئاز بولمىغان كىتاب-ماتېرىياللارنى ئوقۇپ كېلىۋاتىمىز. شەخسەن مەنمۇ ھەم شۇنداق، لىكىن ئادەم بىر ئىشلارنى ئۆزبېشىدىن ئۆتكۈزگەندە ئاندىن جىق نەرسىلەرنىڭ ھېكمىتى ۋە مەنىسىنىڭ قانچىلىك چۇڭقۇر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىش ئىمكانىيىتى بۇلىدىكەن. مەن داڭلىق يازغۇچى -ئەدىبلىرىمىزدىن ئەسئەت سۇلايمان، ئابدۇقادىر جالالىدىن قاتارلىقلارنىڭ 'ئۆزلۈك ۋە كىملىك'، 'ئۆزنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا' قاتارلىق كىتابلىرىنى ئوقۇغىنىمدا، ۋەياكى مەھشۇر تەبىئى پەن ئالىملىرمىزدىن 'بىلىمخۇمار' يازغان ماقالىلىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئۆزەمچە بۇلارنى خېلى چۈشۈنۈپ تېگىگە يەتتىم دەپ ئويلايتتىم. لىكىن ئالدىنقى ئايدىكى سەپىرىمدىن كىيىن مەن بۇلارنىڭ ھەقىقى تېگىگە يېتىش ئۈچۈن چۇڭقۇر ئوي-پىكر ۋە ئەمىلىي تەجرىبە-ساۋاق بۇلىشى كېرەكلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم.
تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچى بۇلۇش سالاھىتىم ۋە تىرىشچانلىق ئارقىسىدا قولغا كەلگەن يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىم بىلەن دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىلمى تەتقىقات يېغىنلىرغا قاتنىشىپ كىلىۋاتىمەن. ئالدىنقى ئايدا (2014.9) مۇڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئۇلانباتتاردا ئۆتكۈزۇلگەن"قوش يۇلتۇز " تېمىسىدىكى 15تىن ئارتۇق دۆلەتتىن (ئامرىكا، ئەنگلىيە، ياپۇنىيە، گىرمانىيە، فىرانسىيە، روسىيە قاتارلىق) كەلگەن مۇشۇ ساھەدىكى داڭلىق تەتقىقاتچى ئالىملار قاتناشقان ئىلمى يېغىنغا ئۆزەمنىڭ يېڭى نەتىجەمنى ئېلىپ قاتنىشىپ كەلدىم. بۇ مېنىڭ 3-قېتىم خەلقارالىق ئىلمى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىم، لىكىن بۇ قېتىمدا مەن مەيلى كەسپى ياكى باشقا مەنىۋى جەھەتتىن بولسۇن ئېرىشكىنىم بىرقەدەر مول بولغان بىر قېتىم بولدى دەپ قارايمەن، تۈۋەندە مەن ئازغىنە نەتىجەم جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى، ئاز-تولا مەنىۋى ئۇزۇق بىرەلىسە ئەجەب ئەمەس.
مەن بۇرۇنقى پاسپورت ئىلىش ۋە بۇ قېتىملىق ۋىزا بىجىرىش جەرياندىكى ئەگرى-توقايلىقنى ھەم بۇ جەرياندا ئۇچىرىغان نامۇۋاپىق، ئۇچىراشقا تېگىشلىك بولمىغان ھەرخىل مۇئامىلىلەردەك ئاچچىق ئەسلىمىلەرنى سۆزلەپ ئۆتكۈم يوق. ئەمما مەكتەپتىكى بىرقىسىم رەسىمىيەتلەرنى بىجىرىش جەريانىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن. مەن سۇنغان ئىلتىماس قۇبۇل قىلىنىپ، يېغىن تەشكىللىگۈچىلەر تەرپىدىن ئەۋەتىلگەن تەكلىپنامىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئاندىن ۋىزا بىجىرىش ئىشىنى باشلاپ مەكتەپكە ئىلتىماس سۇندىم(مەكتەپتىكى ھەرقانداق بىر تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچى چەتئەلگە چىقىپ ئىلمى پائالىيەتلەرگە قاتناشماقچى بولسا مەكتەپ ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچىلار ئىشخانىسى ۋە تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىدىن تەستىق ئېلىشى كېرەك ئىدى). مەن ئىلتىماس سۇنۇپ بىرمەزگىلدىن كېيىن ئويلىمغان يەردىن مەلۇم رەھبەر تەرىپدىن ئىشخانىغا چاقىرتىلدىم(ئادەتتە تەستىق بىۋاستە توردىلا بۇلىدۇ). مەن ھەرخىل خىياللار ۋە تەشۋىش ئىچىدە ئىشخانىغا كەلدىم، بۇنداق چاقىرىتىشلار ماڭا بىرخىل ئازاب ۋە بىسىملارنى ئىلىپ كىلەتتى. بۇ قېتىممۇ ھەم شۇنداق، ئىشخانىغا كىرگەندىن كېيىن بىر ئايال باشلىق بىۋاستىلا ماڭا:'شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشى مۇرەككەپ، ئۇنداق ئاسانلا چەتئەلگە چىقسا بولمايدۇ. بىز سېنىڭ چىقىۋىلىپ قايتىپ كەلمەسلىكىڭدىن ئەنسىرەيمىز.....' دىگەندەك بىرقاتار گەپلەرنى قىلدى. ئارقىدىنلا بىر ئەر باشلىق:'سەن ئەڭ ياخشىسى بۇنداق ئىشلارغا ئېرىشىشكە ئۇرۇنمىغىن، بۇ ساڭىمۇ بىزگىمۇ ياخشى..... ' دىگەندەك سىپايە زەھەرلىك گەپلەرنى قېلىپ مىنى ۋاز كېچىشكە دەۋەت قىلدى.
بۇلارنى ئاڭلاپ بېشىم قېيىپ خۇددى يەر تۇيۇقسىز يېرىلىپ ئىچىگە چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك ھىس قىلدىم، بىراق دەرھاللا ئۆزەمنى تەڭشەپ ئەسلىمگە قايتىپ سوغاق قانلىق بىلەن ئۇلارغا جاۋابەن:'مېنىڭ ھەممە رەسىمىيەتلىرىم تۇلۇق تۇرسا، ئۇنىڭ ئۇستىگە مەن ھىچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن تۇرسام نىمىشقا ماڭا مۇنداق قىلىسىلەر؟! مەن نۇرغۇن جاپالارنى چىكىپ تىرىشىپ ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەن، ھەرگىزمۇ ئەخماقلارچە ئۇنداق ئاسان ۋاز كەچمەيمەن، جېنىم تېنىمدىلا بولسا بۇ يەرنى ياخشى ئوقۇپ تاماملاپ، داۋاملىق ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمەن. ئەجىبا بىز شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار بۇ مەكتەپكە تەۋە ئەمەسمۇ؟ نىمە ئۈچۈن بىزگە بۇنداق مۇئامىلە قىلسىلەر؟!.... ' دېگەندەك گەپلەرنى قىلدىم. ئۇلار مېنى ئاۋال قايتىپ تۇرۇشقا، ئۇلارنىڭ ئۇقتۇرۇشنى كۈتۈشىمگە بۇيرىدى.
مەن ئىغىر قەدەملەر بىلەن ئىشخانىدىن ئايرىلدىم، كاللامدا نۇرغۇن خىياللار ۋە چىگىش سۇئاللار. مەن ئەنسىرىدىم، يەنى ئالدىنقى قېتىمقىدەك بۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم. مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا مەن كانادا ئالبىرتا ئۇنۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتتىنىڭ 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تەتقىقات يېغىنىنىڭ تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدىم. ئۇ يەرگە چىقىش رەسىمىيەتلىرنى بىجىرىش مەزگىلىدە "كۇنمىڭ ۋەقەسى" يۈز بەرگەن ئىدى، مۇشۇ سەۋەبتىن مەن شىنجاڭلىق بولغانلىقىم ئۈچۈن ئىشىم يوققا چىقىپ، ئۇ پۇرسەتتىن قۇرۇق قالدىم. ئەگەر بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولغان بولسا بۇ ماڭا خېلى ئىغىر زەربە بۇلاتتى.
نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن مەن فاكۇلتېتتىمىزنىڭ ئوقۇشقا مەسئۇل مۇئەللىمىنىڭ تېلىفوننى ئالدىم ۋە ئىلتىماسىمنىڭ تەستىقلانغانلىقىنى بىلدىم. بۇ گەرچە بولۇشقا تېگىشلىك، قېرىنداش مىللەتلەر ئۈچۈن بىرنەچچە كۈنلىك ئاددىيلا بىر ئىش بولسىمۇ، ئەمما مەن ئۈچۈن تەسلىكتە قولغا كەلگەن، ئاران ھەل بولغان بىر پۇرسەت ئىدى. يولغا چىقىشقا نەچچە كۈن ئاۋال مەكتەپ مالىيە ئىشخانىسىغا بېرىپ ئالدىن خىراجەت ئۈچۈن قەرىز ئېلىش ئىلتىماسى سۇندۇم. بۇ ئىشمۇ مەكتەپ سىياسەت-بەلگىلىمىلەر ئۇيغۇن، قىلىپ بىرىشكە تېگىشلىك ئىش بولسمۇ، مەن يەنىلا "ئالاھىدە" مۇئامىلىگە ئۇچۇرىدىم. نۇرغۇن قورساق كۆپىكچىلىكى بىلەن ئەتە ماڭىمەن دىگەن كۈنى بۇ ئىشمۇ ئاخىرى ھەل بولدى. مەن ئويلايمەن بىز قاقشاش، زارلىنىش بىلەن ھىچ ئىش قىلالمايمىز، ھىچكىمدىن ئاغرىنماسلىق كېرەك. ئۆزىمىزدىن ئىشنى باشلاپ توختامسىز تىرىشىشىمىز، دۆلىتىمىزنىڭ پايدىلنالايدىغان سىياسەتلىرىدىن پايدىلنىپ ئالغا ئىنتىلشىمىز، ئۆزمىزنى تولۇقلاپ، تاكامۇللاشتۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ جەريانلار مېنى ئۆزەم ئۇستىدە، مەن تۇرىۋاتقان بۇ مەكتەپ ۋە جەمئىيەت ئۇستىدە قايتىدىن بىر ئوي-خىياللارغا سالدى.
شۇنداق قىلىپ 8-ئاينىڭ 30-كۈنى سەھەردە نەنجىڭ ئايروپورتىغا كەلدىم ھەم ئۆزەمنىڭ چەتئەلگە قاراپ يول ئالغانلىقىمغا ئاستا-ئاستا ئىشىنىشكە باشلىدىم، ھەم مۇشۇ ۋاقتىن كىملىك ئورنىغا پاسپورت ئىشلتىشكە باشلىدىم. شۇنىسى قىزىق بولدى، پاسپورت ئىشلەتكەندىن كېيىن خىزمەتچى خادىملارنىڭ ھەممىسى ماڭا ئېنگلىزچە سۆزلىدى ۋە مېنى چەتئەل گەرەژدانى دەپ ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلە قىلدى. مەن ھەيران بولدۇم، پاسپورتىمنىڭ رەڭگى ۋە يۇرتى دىگەن يەرگە ئېنىق قىلىپ شىنجاڭ دەپ يېزىقلىق تۇرسا، بۇلارنى ئۇلارغا دىققەت قىلمىدىمۇ ياكى كاللىسى شۇنچىلىكمۇ؟! بىر ئاددىيغىنە پاسپورت مېنى باشقا بىرئادەمگە ئايلاندۇرغان ئىدى، ئەمما ھەرقېتىم مەن ئۇلارغا ئۆزەمنىڭ شىنجاڭلىق (ئۇيغۇر) ئىكەنلىكىمنى ئېيتقاندىن كىيىن چىراي ئىپادىسىدىكى كۈلۈمسىرەش قاياقلارغىدۇر يوقۇلۇپ، پوزىتسىيىسى مۇلايىملىقتىن قوپاللىققا ئۆزگەردى. ھەرھالدا چېگرىدىن ئۆتۈش تەكشۈرۈشلىرنى ئوڭۇشلىق تۈگىتىپ ئۇلانباتارغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا چىقتىم.
مۇرەككەپ ھىس-تۇيغۇلار ۋە ھەرخىل چىگىش خىياللار بىلەن ئايروپىلانىڭ ئاخىرقى مەنزىلگە (يەنى ئۇلانباتار) يىتىپ كەلگەنلىكىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن. مەن ئايروپىلان دەرىزىسىدىن سىرتقا نەزەر تاشلىدىم، شەھەر بارا-بارا ئېنىق كۆرىنىشكە باشلىدى، ئەتراپى تاغلار بىلەن قورشالغان ئۇزۇنىسىغا ئىمارەتلەر سىلىنغان بىر شەھەرگە يىقىنلاپ پەسلەشكە باشلىدۇق. مەن بۇرۇن مەڭگۇ تاشلار ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ھەققىدە كىتابلارنى ئوقۇغان، ھازىر ئۆزەمنىڭ ئەنە ئاشۇ دەۋىرلەردە ئەجداتلىرىمىز شاھ-خاقان بۇلۇپ پارلاق تارىخنى ياراتقان زېمىنغا قەدەم بېسىش ئالدىدا ئىكەنلىكىمگە بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي ئولتۇراتتىم. ئايروپىلان ئاخىر 'چىڭگىزخان' ئايروپورتىغا بىخەتەر قوندى. مەن تەكشۈرۈشلەرنى تۈگىتىپ سىرتقا چىقىپ چۇڭقۇر بىر نەپەس ئالدىم. بىر ياش مۇڭغۇل كىرا ماشىنا شوپۇرى بىلەن پاراڭلاشتىم، ئۇ پەقەت بىرنەچچە جۈملە ئېنگلىزچە بىلدىغان بۇلۇپ، ئۆزەم تەييارلىغان خەرىتە بىلەن تەسلىكـتە ئۇنىڭغا بارماقچى بولغان مەنزلىمنى بىلدۇردۇم. ماشىنا مېڭىۋاتاتتى، مەن يول بويى سىرتنى كۆزىتىپ ماڭدىم. بۇ بىر تىپىك 3-ئەل دۆلىتىنىڭ شەھرى ئىدى، ئاددىي ئىمارەتلەر (ئېگىز بىنالار ئازلا ئىدى)، يول شارائىتى ۋە كېتىۋاتقان ئاددىي ماشىنلار بۇ شەھەر تەرەققىياتنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ماشىنا تۇيۇقسىز توختىدى، شوپۇر ماڭا:"شەھەر مەركىزى" دېۋىدى، مەن ئۇياق-بۇياققا سەپ سىلىشقا كىرىشتىم. ئۇ يەنە ماڭا بىر ھەيۋەت سىلىنغان ئىمارەتنى كۆرسىتىپ:"پارلامېنت، چىڭگىزخان" دېدى چالا-بولا ئېنگلىز تىلىدا، پەخىرلەنگەن ھالدا. مەن ئۇنىڭ ئەسلىدە ماڭا مۇشۇ پارلامېنت بىناسنى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى ھەيۋەتلىك چوڭ قوپۇرۇلغان مەغرۇرانە ئولتۇرغان چىڭگىزخان ھەيكىلىنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە توختىغانلىقىنى بىلدىم. تەقى-تۇرقى ۋە گەپلىرىدىن كۆپ ئوقۇمىغانلىقى چىقىپ تۇردىغان كىشىلەر نەزىرىدە ئاددىي بولغان بۇ كىرا شوپۇرىدىكى ئۆزلۈك پەخىرلىنىش ھىسياتى مېنى ئويغا سالدى. بۇنداق ئۆزلۈك تۇيغۇسى بىزنىڭ ئارىمىزدىكى خېلى كىشىلەردە يوق، ئەمەلىي ھەركەت ھەققىدە سۆز ئېچىش تېخىمۇ تەس. مەن مەكتەپلەردە ئۆزمىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز توغرىسىدا، تارىخىمىز توغرىسىدا ھىچ نەرسە بىلمەيدىغان، ھەم مىللەتتىن زارلىنىپ ئۆزلىكنى يوقىتىۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۇچىرىتىپ كىلىۋاتىمەن.
مەن تۇرماقچى بولغان مېھمانخانىغىمۇ يىتىپ كەلدۇق، شوپۇرغا رەھمىتىمنى بىلدۇرۇپ مېھمانخانا كۈتۈش زالىغا كىردىم. مېھمانخانا خادىملىرى بىلەن دېيىشپ بولغاندىن كىيىن ئۇلار ئۆز-ئارا مۇڭغۇلچە سۆزلىشىپ مېنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. ئەتىسى ئەتىگەندە سىرتقا چىقىپ ئايلانغاچ مۇسۇلمانچە ئاشخانا ئىزدىدىم. بۇ شەھەرنىڭ نوپۇسى ئانچە كۆپ بولمىغانلىقىدىن كوچىدا ئادەم شالاڭ ئىدى. يولدا كېتىۋاتقاچ ئۆزەمنى شۇنداق ئەركىن ھىس قىلغاندەك بولدىميۇ، لىكىن ياتسىراش ۋە غەلىتە تۇيغۇلار بىلەن كىتىپ باراتتىم. مېھمانخانا خادىملىرى دەپ بەرگەن ھەممە كوچىلارنى ئىزدىدىم ئەمما بىرمۇ مۇسۇلمانچە تاماقخانا تاپالمىدىم. تەلىيىمگە ئىنى بۇرادىرىم زېمىنجان ئۇزاتقاندا بەرگەن نانلار ۋە بۇ يەردىكى مىۋە-چېۋىلەر بىلەن بىر ھەپتىنى ئۆتكۈزدۈم.
9-ئاينىڭ1-كۈنى يېغىن رەسمىي باشلاندى، باشلىنىش مۇراسىمدا ئىككى مۇڭغۇلچە كىيىنگەن ياش چىقىپ مۇڭغۇل مىللىتىنىڭ رەسمىي يۇسۇندىكى يىغىلىش ۋە پائالىيەتلەردە ئۇرۇنلايدىغان مىللىچە ناخشا-مۇزىكىسى بىلەن باشلىدى. بۇ ھەر يەرلەردىن كەلگەن تەتقىقاتچى ئالىملارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بەش كۈنلۈك يېغىن ۋاقتى شۇنداق تېز ئۆتۈپ كەتتى. يېغىن ئارلىقىدا ھەرقايسى دۆلەتتكى مىللەتلەر ئۆز تىلىدا پاراڭلىشاتتى(گىرمانلار نىمىسچە، ياپۇنىيەلىك ياپۇنچە، فىرانسىيەلىك فىرانسۇسچە...)، مەن يالغۇز ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن يېتىمسىراپ تۇراتتىم، پەقەت ئېنگلىزچە پاراڭلىشىش پۇرسىتى بولغاندىلا ئاندىن باشقىلا بىلەن گەپ قىلىشاتتىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئېنگلىزچىنى شۇنداق ياخشى سۆزلەيدۇ ئەمما ئۆز-ئارا ئانا تىلىدا سۆزلىشىدۇ ھەرگىزمۇ باشقا تىل ئارلاشتۇرمايدۇ، چۇنكى بۇنى ئۇلار ئۆزىگە ۋە مىللىتىگە بولغان ھەققى ھۆرمەت، ھەققى پەخىرلىنىدىغان ئىش دەپ قارايدىكەن. يېغىن ۋاقتىدىن سىرىت 2 كۈنلۈك ساياھەت ۋاقتىمىز بار ئىدى. بۇ ئىككى كۈنلۈك ساياھەتتە ماڭا تەسىر قىلغان ئىشمۇ ئاز بولمىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يازسام بىر كىتاب بۇلۇپ چىقىشى مۇمكىن. بىرنى مىسال قىلسام، مەن ئىككى ياپۇنىيەلىك ۋە بىر ئىتالىيەلىك بىلەن مۇڭغۇلىيە دۆلەتلىك مۇزېيخانىنى زىيارەت قىلدۇق. بۇ مۇزېيخانىدا ساقلىنىۋاتقان ئەجداتلىرىمىز يېزىپ قالدۇرغان مەڭگۈتاشلارنى كۆرۇپ ۋە ئۇنى ئۆز قوللىرىم بىلەن تۇتقان ۋاقتتىكى چەكسىز ھاياجان، پەخىرلىنىش ھىسياتلىرىنى تەسۋىرلەشكە ئاجىزمەن. بۇ مەڭگۈتاشلارنىڭ ئېنگلىزچە چۈشەندۈرلىشىگە ئېنىق قىلىپ بۇ تاشلار كۆك تۈرۈكنىڭ بىردىنبىر ئەۋلاد بولغان ئۇيغۇرلار تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم دەپ يېزىلغان، ھەمدە 6-ئەسىردىن 9-ئەسىرگىچە (ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى) مۇڭغۇلىيە زېمىنلىرىدا ھۆكۇم سۈرگەن ئۇيغۇرلار ئەجداتلىرى تەرىپدىن يېزىپ قالدۇرلغان دەپ ئىزاھلانغان. بۇلارنى كۆرگەن ئىككى ياپۇنىيەلىك ۋە بىر ئىتالىيەلىك ماڭا باشقىچە نەزىرىدە قاراپ كەتتى، بۇ ماڭا تېخىمۇ كوپ ئىلھام بەردى. ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچ ۋە تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىش ئىرادىسى كۈچەيدى.
قىسقىسى، بۇ بىر ھەپتىدىكى ھوسۇللارنى بىر پارچە ماقالە بىلەن پۈتىنلەي سۆزلەپ تۈگىتىش تەس، مەن پەقەت بەزى ئىشلارنى يەنى ئوقۇرمەنلەرگە پايدىسى بار دەپ قارىغان بەزى نوقتى-نەزەرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتتۇم. ئەگەر بىز ھەرقانداق ئىشتا ئۆزىمىزدىن سەۋەبنى ئىزدەپ، توغرا يولدا ياخشى تىرىشساق، مەيلى قايسى ۋاقتتا قايسى جايدا بولسۇن ئۆزىمىزنىڭ كىملىكنى ئۇنتۇپ قالماي، ئۆزلىكىمىزنى باشقىلارغا بىلدۇرۇپ ئېتىراپ قىلدۇرالايدىغان ياخشى ئىشلارنى قىلالىساق، مەن شەخسەن ئىشىنىمەنكى، ئاللاھ خالىسا كېلەچىكىمىز پارلاق بولغۇسى.
2014-يىلى10-ئاي
نەنجىڭ.
|