قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1099|ئىنكاس: 16

NASA: «بۇ يىل دېكابىردا قۇياش 6 كۈن تولۇق تۇتۇلىدۇ» دېگەن خەۋەر يالغان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

117

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 392
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 1077
تۆھپە : 2985
توردىكى ۋاقتى: 1237
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-3
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«بۇ يىل دېكابىردا قۇياش 6 كۈن تولۇق تۇتۇلىدۇ» دېگەن خەۋەر يالغان

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى



بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا تورلاردا «ناسا 2014-يىلى 12-ئايدا قۇياش 6 كۈن تولۇق تۇتۇلىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى» دېگەن تېمىدىكى بىر خەۋەر تارقالغان بولۇپ، بەزى قېرىنداشلار بۇ خەۋەرنى فېيىسبۇكقىمۇ ئۇلۇنۇش قىلىپ چىقىرىپ قويدى [1].  ئادەتتە بۇنداق بىر چوڭ ئىش بولغاندا، بىزگە ناسا نىڭ باش شتابىدىن چوقۇم ئۇچۇر كېلەتتى.  لېكىن بۇ قېتىم بىزگە ئۇنداق ئۇچۇر كەلمىدى.  شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ خەۋەرنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ بېقىش ئۈچۈن تورلارنى ئىزدەپ كۆردۈم.  نەتىجىدە مەزكۇر خەۋەرنىڭ يالغان خەۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدىم [2].  

ئەسلىدىكى خەۋەر «huzlers.com» دېگەن تور بېتىغا چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە بۇ يىل 12-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە كۈن تولۇق تۇتۇلۇپ، شۇنىڭ بىلەن 6 كۈن يەر شارىنى قاراڭغۇلۇق قاپلايدىكەن.  بۇ ھادىسىنى «كۈن بورىنى» (solar storm)  كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئاشۇنداق بوران پەيدا قىلغان چاڭ-توزاڭ ۋە ئالەم بوشلۇقى زەررىچىلىرى كۈن نۇرىنىڭ 90 پىرسەنتىنى توسۇۋالىدىكەن.  شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن يەر شارى 6 كۈن قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالىدىكەن.  ئۇ ئۇچۇردا دېيىلىشىچە بۇ خەۋەرنى ناسا جەزىملەشتۈرۈپتىمىش.  بۇ خەۋەرگە تېخى تۆۋەندىكى 1-رەسىم قوشۇپ بېرىلىپتۇ:

1-رەسىم

1-رەسىم

1-رەسىم: يالغان خەۋەرگە قوشۇپ قويۇلغان «راست رەسىم».

ئەمەلىيەتتە بولسا «huzlers.com» دېگەن تور بېتى يالغان خەۋەرلەرنى توقۇپ چىقىرىدىغان تور بېتى بولۇپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بۇرۇنمۇ يۈز بەرگەن.  يەنى، بۇرۇن بىر قېتىم بەزى جۇڭگولۇقلار مۇشۇنداق يالغان خەۋەرنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئاندىن ئۇنى بەزى ئۇيغۇر تورداشلار ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى تورلاردا بىر خىل ۋەھىمە پەيدا قىلغانىدى.  «huzlers.com» دېگەن تور بېتى ئۆزىنىڭ «كۈرەش نىشانىسى» نى مۇنداق دەپ بايان قىلىپتۇ: «دۇنيانى تەۋرىتىدىغان ھەقىقىي خەۋەرلەر بىلەن  ساتىرىك (ھەجۋىي، مەسخىرلىق) قىزىقچىلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلان قىلىپ، بۇ تور بېتىنىڭ زىيارەتچىلىرىنى بىر خىل گۇمانلىق ياكى ھەيرانلىق ھالىتىدە ساقلاش.»


ئالدىنقى ھەپتە ئىچىدە تورلاردا «ناسا تارقاتقان، خەلقئارا ئالەم پونكىتىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ ۋىدەئو فىلمىدا بىر ئۇچار تەخسە كۆرۈنۈپتۇ» دېگەن يەنە بىر خەۋەرمۇ تارقىلىپتۇ [3].  ھەتتا بۇ ئىشنى تۈركىيە قاتارلىق بەزى ئەللەردىكى تېلېۋىزورلارمۇ مەخسۇس خەۋەر قىلىپ بېرىپتۇ.  مەن تورلارنى ئىزدەپ، ناسا دىكىلەر بۇ ئىش ھەققىدە ھېچ نېمە دەمىگەنلىكىنى بايقىدىم.  ھازىرغىچە بۇ ئىش «ئۇچار تەخسە» ھەۋەسكارلىرىنىڭ تور بەتلىرىدىكى قىزىق تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ناسا ياكى باشقا بىرەر ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئۇ ھەقتە بىر نەرسە دېمەپتۇ.  

2-رەسىم

2-رەسىم

2-رەسىم: ناسا ۋىدېئوافىلمىدىكى «ئۇچار تەخسە».

ئەگەر سىز يۇقىرىقىدەك خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ راست-يالغانلىقىنى بىلەلمىسىڭىز، مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ.  مەن ئۇنى ئېنىقلاپ بېرىشكە تىرىشىمەن.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:


[1] NASA Confirms Earth Will Experience 6 Days of Total Darkness in December 2014! <http://huzlers.com/nasa-confirms ... -december-2014/>
<http://huzlers.com/nasa-confirms ... -december-2014/>

[2] NASA: Viral news on days of darkness in December is hoax
<http://www.techtimes.com/article ... ber-is-hoax.htm>

[3] 'UFO' appears to watch NASA astronauts on ISS spacewalk
http://www.chron.com/news/strang ... 9.php#photo-6998154


0

تېما

0

دوست

127

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   42.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31884
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-30
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلىيەتتىن بىزنى خەۋەردار قىلغان ئەجرىڭىزگە تەشەككۈرلەر بولغاي!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

8

دوست

6563

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   31.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 583
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 1565
توردىكى ۋاقتى: 304
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-1
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت!

0

تېما

1

دوست

143

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   47.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31651
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 32
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-31
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ باغداش تورىغا ئەزا بۇلۇشۇمنىڭ بىردىن-سەۋەبى-دەل بۇ مۇنبەردە ، يۇقۇرى سەۋيەدىكى تورداشلارنىڭ كوپ بولغانلىقىدا، يەنە بۇ مۇنبەردە بىرقەدەر يۇقۇرى ئەمەلدىكى تورداشلارنىڭمۇ بۇلۇشىغا تىلەكداشمەن. بىلىمخۇمارغا تەشەككۇر!

1

تېما

0

دوست

3589

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5368
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 727
تۆھپە : 598
توردىكى ۋاقتى: 302
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-30
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ناغۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-30 16:39  

[1].  ئادەتتە بۇنداق بىر چوڭ ئىش بولغاندا، بىزگە ناسا نىڭ باش شتابىدىن چوقۇم ئۇچۇر كېلەتتى.  لېكىن بۇ قېتىم بىزگە ئۇنداق ئۇچۇر كەلمىدى.



ماڭىمۇ ئۇچۇر كەلمىدى دىسە............(چاخچاق)

0

تېما

0

دوست

83

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   27.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31905
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-2
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدايىم ساقلىسۇن ئۇ كۈنلەردىن....... ياخشى خەۋەر بىلەن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ  رەھمەت.

0

تېما

1

دوست

654

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19192
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 216
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-30
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىن ئاكا،بۈگۈن يەنە يېڭى خەۋەر چىقىپ مۇنۇ Boyd Bushman دىگەن كىشى تاشقى پىلانىت ئىنسانلىرى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپتۇ،سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟بۇمۇ يالغان خەۋەرمۇ ؟

4

تېما

3

دوست

2304

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9364
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 197
تۆھپە : 587
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ۋاختىدا خەۋەر قىلىپ قويمىغان بولسىڭىز قانچىلىك بازار تېپىپ كېتەتتى بۇخەۋەر . خۇددى 2012-يىلدىكىدەكلا بىر ئىش بولاركەن ئۇچاغدا .
    تەشەككۈر ۋاختىدا ۋاقىپلاندۇرغىنىڭىزغا .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )