قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1671|ئىنكاس: 15

NASA: خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا قاراپ ماڭغان راكېتا پارتلاپ كەتتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

148

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1153
تۆھپە : 4107
توردىكى ۋاقتى: 1543
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 10:00:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-30 10:04  

خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا قاراپ ماڭغان راكېتا پارتلاپ كەتتى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى


بۈگۈن (2014-10-29) ناسا نىڭ 1-قول باشلىقى چارلىس بولدېن (Charles Bolden)  بارلىق ناسا خادىملىرىغا بىر پارچە ئېلخەت يېزىپ، 10-ئاينىڭ 28-كۈنى خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا چىقىرىلىدىغان «سىگنۇس» (Cygnus) ناملىق ئالەم ئۇچقۇرىنى ئېلىپ ماڭغان بىر راكېتا يەردىن قوزغۇلۇپ 10 سېكۇنت ئۆتكەندە پارتلاپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى [1].  ھەمدە كائىناتقا ئالەم ئۇچقۇرى چىقىرىشنىڭ بىر ئىنتايىن قىيىن ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى، ناسا كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بەزىدە مۇشۇنداق ھادىسىمۇ يۈز بېرىپ قالىدىغانلىقىنى، بۇ قېتىم ھېچ قانداق ئادەم چىقىمى سادىر بولمىغانلىقى ھەممەيلەن ئۈچۈن بىر خوش-خەۋەر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.

بۇ راكېتا «ئوربىت ئىلىملىرى» (Orbital Sciences)  دەپ ئاتىلىدىغان بىر خۇسۇسىي شىركەتنىڭ راكېتاسى بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە (Virginia) شتاتىنىڭ ۋاللوپس ئارىلىدىن ئېتىلغان.  بۇ قېتىمقى ۋەقەدە بىرەر  ئادەم زەخمىلەنمىگەن.  شۇنداقلا بۇ قېتىمقى يۈكنىڭ خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا ۋاقتىدا يېتىپ بارماسلىقى تۈپەيلىدىن ئۇ يەردە ئاشلىق ياكى ئىچىملىك يېتىشمەسلىكتەك باشقا بىرەر خەۋپمۇ يۈز بەرمەيدىكەن.  لېكىن، بۇ قېتىم ئىشلىتىلگەن راكېتا ئېتىش ئۈسكۈنلىرى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان.

بۇ راكېتىنىڭ ئىسمى «ئانتارېس» (Antares) بولۇپ، بۇ خىلدىكى راكېتالار 2013-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان.  بۇ قېتىمقىسى ئاشۇ خىلدىكى راكېتىنىڭ بەشىنچىسى بولۇپ، بۇرۇنقى 4 قېتىمدا بۇنداق ۋەقە يۈز بېرىپ باقمىغانىكەن.  بۇ قېتىمقى خەۋەرلەردە بۇ راكېتىنىڭ پارتلاپ كېتىش سەۋەبى ھەققىدە ھېچ قانداق مەزمۇن يوق ئىكەن (بۇ تېخى تۆنۈگۈن يۈز بەرگەن ۋەقە بولغاچقا، ناسا دىكىلەر ئۇنىڭ سەۋەبىنى تېخى تېپىپ چىقىپ بولالمىغان بولۇشى مۇمكىن).
ناسا بۇ يىل جەمئى 19 قېتىم خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا يۈك چىقارغان بولۇپ، بۇ قېتىم مەغلۇپ بولغىنى 20-قېتىملىق يۈك چىقىرىش مەشغۇلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
تۆۋەندىكى رەسىملەردە كۆرسىتىلگىنى «ئانتارېس» راكېتاسىنىڭ بىر قانچە كۆرۈنىشلىرى.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:


[1] Orbital’s Antares fails seconds after launch
<http://www.nasaspaceflight.com/2 ... y-after-launch/>

1-رەسىم

1-رەسىم



2-رەسىم

2-رەسىم


3-رەسىم

3-رەسىم





پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

8

دوست

7589

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   51.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 1885
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 12:44:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(بۇ قېتىم ھېچ قانداق ئادەم چىقىمى سادىر بولمىغانلىقى ھەممەيلەن ئۈچۈن بىر خوش-خەۋەر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.)

بىزنىڭ بۇ يەردە بولسا(ئادەم چىقىمى ،خوش-خەۋەر )دىمەي،قايغۇغا ئايلىنىشى مۇمكىن ئىدى.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

2841

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12337
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 850
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 12:56:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋەبى بەك ئاددىغۇ بۇنىڭ،،قەستەن يۇشۇرۇۋاتامدۇ نىمە ؟

148

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1153
تۆھپە : 4107
توردىكى ۋاقتى: 1543
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 13:40:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۆۋەندىكىسى مېنىڭ باشقا بىر تور بېتىدىكى بىر تورداشنىڭ سوئالىغا يازغان جاۋابىم:
= ============================== =

«ئوربىت ئىلىملىرى» دېگەن شىركەت ئامېرىكىنىڭ شىركىتى بولۇپ، ئانتارېس ناملىق راكېتادا ئىشلەتكەن ماتورنى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئۇكرائىنالىق ئالىملار لاھىيلىگەن ئىكەن.  سوۋېت ئىتتىپاقى بۇرۇن «N-1F» تىپلىق راكېتانى ياساپ، 4 قېتىم سىناق قىلىپ، ھەممىسىدە مەغلۇپ بولۇپ، شۇنىڭ  بىلەن 1970-يىلى ئۇ راكېتانى ياساپ چىقىشنى توختاتقان ئىكەن.  كېيىن ئاشۇ راكېتادا ئىشلىتىلگەن ماتور ئاساسىدا «NK-33» تىپلىق ماتور  ئىشلەپ چىقىرىلىپ، ئاندىن «NK-33» ئاساسىدا «AJ26-58» تىپلىق ماتور ياسالغان ئىكەن.  مەن پايدىلانغان مەنبەدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېيىن قالغان ماتورلارنى كىملەر ياساپ چىققانلىقى ھەققىدە ھېچ نېمە دېيىلمەپتۇ.  بۇ قېتىم ئانتارېس ناملىق راكېتا ئىشلەتكىنى ئەنە شۇ «AJ26-58» تىپلىق ماتور ئىكەن.

ئالەم تېخنىكىسىغا ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم نەرسىلەرنى ياساپ چىقىشتا شەخسىي شىركەتلەرنىڭ ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى، چىقىمى تۆۋەن، ۋە سۈرئىتى تېز بولىدىغان بولغاچقا، ناسا ھازىر بارغانسېرى شەخسىي شىركەتلەردىن كۆپلەپ پايدىلىنىش تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.  

1

تېما

19

دوست

3669

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6506
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 1131
توردىكى ۋاقتى: 494
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 13:45:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىنگىلىزچە نەق مەيدان خەۋىرىنى كۆرگەنتىم. راكىتا پارتىلاپ كەتسىمۇ ئاللا كاللا سېلىپ ھۇدۇقىدىغان ئەھۋال يوق.  شۇنداق سالماق خەۋەر قىلدى.  

9

تېما

0

دوست

2267

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29015
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 692
توردىكى ۋاقتى: 198
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 14:20:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولۇپتۇ.

بۇ ئادەتتىكى زىيان ئەمەس.

يىراقتا تۇرۇپ جا

33

تېما

16

دوست

6106

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   22.12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11900
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1015
تۆھپە : 1190
توردىكى ۋاقتى: 310
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 15:06:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياتىمدا ھېچ راكىتا كۆرمىدىم ، بۇ ۋەقەمۇ مېنى ئانچە قىززىقتۇرمىدى . مېنى قىززىقتۇرغىنى بىر خۇسۇسى شېركەتنىڭ راكىتاسى ئىكەنلىكى .
بىزدەخۇسۇسى شېركەتلەر بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ بۇ ياخشى ئەھۋال . ئەمما خۇسۇسى شېركەتلىرىمىزدە راكىتا تۇرۇپ تۇرسۇن ماشىنىلارمۇ تولۇق ئەمەس.
بۇ پەقەت مېنىڭ خىيالىم .

0

تېما

0

دوست

1528

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   52.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31601
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 468
توردىكى ۋاقتى: 68
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 00:25:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nigaran يوللىغان ۋاقتى  2014-10-30 15:06
ھاياتىمدا ھېچ راكىتا كۆرمىدىم ، بۇ ۋەقەمۇ مېنى ئانچە ق ...

ئالدىرىمىسىڭىز ماشىنىمۇ  تۇلۇق بۇلۇپ قالا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )