- تىزىملاتقان
- 2012-3-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2103
- نادىر
- 1
- يازما
- 102
ئۆسۈش
3.43%
|
ھەممە ئادەمنىڭ گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرى، ئۇلۇغۋار نىشان مەقسەتلىرى بولىدۇ، ئەمما تۇرمۇشتىن ئىبارەت كەڭ ۋە مۇرەككەپ سەھنە ئادەمنى نۇرغۇن رول ئېلىشقا قىستىغانلىقتىن بەزىدە ئادەم ئۆزىمۇ بىلىپ-بىلمەي، ئۆز خاراكتىرى ۋە مىجەر خۇلقىغا ماس كەلمەيدىغان رول ئېلىشقىمۇ مەجبۇر بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ نىشانى بىر ياقتا قېلىپ، ناتونۇش بىر يولدا تەمتىرەپ مېڭىپ، نەگە بېرىپ نەدە توختاشنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان ئايىغى چىقماس سەپەر باشلىنىدۇ.
كىچىكلىكىمدە مەيدە يانچۇقىغا بەش ئالتە قەلەمنى قاتارىسىغا قىستۇرۋالغان كۆزەينەك تاقىۋالغان مۇئەللىملەرنى، يوغان قاسقان شەپكىسىنى كىيىپ ھەيۋەتلىك، مەغرۇر ماڭغان ساقچىلارنى، ئاپائاق خالىتىنى كيىپ، قۇلىغىغا تىڭشىغۇچ تاقىۋالغان دوختۇرلارنى، ئېسىل پىكاپلارغا ئولتۇرۇپ خىزمەت تەكشۈرۈشكە ماڭغان باشلىقلارنى كۆرسەم، مەنمۇ چوقۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ياراملىق ئادەم بولۇپ، ھەممە ھەۋەس قىلغۇدەك قالتىس ئادەم بولسامكەن دەپ ئويلاپ كېتەتتىم، ئايلار، يىللار ئادەمنىڭ ئارزۇسىغا باقماي ئۆتىۋېرىدىكەن، يىگىتلەرنىڭ ئاپئاق چىرايىغا ساقال-بۇرۇت، قىزلارغا قورۇق چۈشۈپ، كۈنسىرى قېرىۋاتقانلىقىمىزنى، ھاياتىمىزنىڭ دەقىقە مىنوتلاپ ئاز قېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىكەن،
بۇنىڭدىن ئون يىل « 30 ياشتىن بۇرۇن مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇشنى بەلگىلەپ بولسىڭىز» دېگەندەك ماقالىلەرنى ئوقۇپ، « 30ياشقىچە بىر ئىشنىڭ پىشىنى ئوڭلاپ تۇتالمىسا ئۆزىنىڭ پىشانىسىدىن كۆرمەي كىمدىن كۆرىمىز» - دەپ ، بىر ئىككى بالىغا ئاتا بولۇپمۇ، ئۆزىنى تۈزەپ بولالمىغانلارنى مەسخىرە قىلغانىدىم، 24 يېشىمدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈردۈم، 27 ياشتا توي قىلدىم، 28 ياشتا بىر بالىغا ئاتا بولدۇم، ئويلاپ باقسام ئارىدىكى بۇ ئون ئاققان سۇدەك ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كەتتى، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بەش يىلغىچە چوقۇم ئۆي، ماشىنا مەسىلەمنى تولۇق ھەل قىلىۋېتىمەن دېگەنىدىم، ئالدىنقى ئۈچ يىلدا يىغقان تەرگىنىم، ئاتا-ئانامنىڭ يىغقىنىنى قوشۇپ ئاران توي قىلىۋالدىم، قەرىز ئېلىپ بولسىمۇ ئۆي ئېلىۋالدىم، ئەمما ماشىنا ئالالمىغان بولساممۇ، ئىككى چاقلىق موتۇسىكىلىتقا ئېرىشتىم، « ئىككى كىشلىك مائاش بىلەن ئۆينى چوقۇم راۋرۇس تۇتۇپ كېتىمەنغۇ» دەپ ئيلىغان ئىدىم، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولمىدى، تۈگىمەس ئادىمگەرچىلىك، ئۆينىڭ چىقىمى، ئىككى چوڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ ھالىدىن ھەۋەر ئېلىش، خوتۇننىڭ قىممەت باھالىق كىيىم غەلۋىسى بىلەن يەتتە مىڭ يۈەنگە يېقىن مائاش ئالىدىغان بۇ ئائىلىنى كۆڭلۈمدىكىدەك چۆرۈپ كېتەلمەستىن، چوڭلاردىن پۇل سوراپ خەجلىگىلى تاس-تاسلا قېلىۋاتىمەن. كوچا-كويلاردا كېتىۋېتىپ، ئەتراپتىكى باققاللارغا ، توۋلامچى سېتىمچىلارغا قاراپ كېتىمەن، بەزىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپمۇ قالىمەن، ئۇلارنىڭمۇ ھالى ئۆزىگە چۈشلۇق ئىكەن كۈنىگە 100 يۈەن تاپاۋەت قىلالىسا شۈكرى دەيدىكەن، ئەمما مەن شۈكرى قىلاي دېسەممۇ شۈكرى قىلالمايۋاتىمەن. بەزى يېشىمىز تەڭ قۇرداشلىرىنىڭ يۇقىرى ئىستىماللىق ھالاۋەتلىك تۇرمۇشىغا، ئېسىل ماشىنىلىرىغا قاراپ ئۆزۈمگە باھا بېرىپ كېتىمەن، بۇنىڭغا خوتۇننىڭ كىيىم غەلۋىسى قوشۇلۇپ « خان بېسىمى»بولىدۇ. ئۆزۈمنىڭ ياراملىق ياكى يارامسىزلىقى ھەققىدە ئازاپلىق ئويلىنىشقا دۇچ كېلىمەن.
نۇرغۇن كىشى ئۈچۈن، زاۋۇت، كان-كارخانىلىرى ئاز، سودا تىجارەت تازا گۈللەنمىگەن، ئستېمال سەۋىيىسى يۇقىرى، قاتنىشى سەل قولايسىز جەنۇبىي شىنجاڭدا ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر دەپتىرىدىن ئورۇن ئېلىپ، « ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى»نى يەپ، مۇقىم خىزمەت قىلىپ ئۆتۈش بىر خىل بەخت ھېسابلىنىشى مۇمكىن، ئەمما مەن بۇنداق ھېس قىلمىدىم. ئەتتىگىنى خىزمەتكە بېرىش، كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ بىكار لاغايلاش، ئاخشىمى تېلېۋىزور كۆرۈش ماڭا بارغانسىرى مەنىسىز تۇيۇلىدىغان بولۇپ كەتتى.يېقىندا مۇنداق بايانلارنى كۆردۈم، «20 يېشىڭىزدا پۇلىڭىز بولمىسا نورمال، 30 يېشىڭىزدا پۇلىڭىز بولمىسا بەلكىم ئائىلە شارائىتىڭىزنىڭ سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن. 40 يېشىڭىزدا پۇلىڭىز بولمىسا سەۋەبىنى پەقەت ئۆزىڭىزدىن ئىزدىمەي ئامال يوق». بۇ بايانلار مېنى خېلى چۆچىتىپ قويدى.
ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر تاۋىقىدىن ئاش يەۋاتقان « ئايلىقچى» دوستلىرىم، سىلەر قانداق ياشاۋاتىسىلەر؟ خىزمەتتىن باشقا نىمە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىسىلەر؟ خەنزۇ تىلى، كومپىيۇتېر بىلىدىغان، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن، جەنۇبىي شىنجاڭ شارائىتىدا ئىشتىن سىرىت قانداق ئىشلارنى قىلغاندا ئىگىلىك تىكلىگىلى ھېچ بولمىغاندا قۇشۇمچە كىرىم قىلغىلى بولىدۇ؟ تورداشلار بىلەن مۇشۇ ھەقتە پاراڭلىشىپ باقسامكەن دەيمەن.
|
|