قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2108|ئىنكاس: 112

بىلىمخۇمار: بۇيرۇلغان ياردەم ۋە تىرىشچانلىق ـــ بەدرى ئۇرۇشىدىن ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

117

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 392
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 1077
تۆھپە : 2985
توردىكى ۋاقتى: 1237
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇيرۇلغان ياردەم ۋە تىرىشچانلىق ـــ بەدرى ئۇرۇشىدىن ئويلىغانلىرىم

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى


مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەر ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى «ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە تەييارلىغان ماقالىلىرىدە ھازىرقى زامان مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكى، ۋە ئۇلارنىڭ تەرەققىياتتا نېمە ئۈچۈن ھازىرقىدەك بىر ناچار ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، تەرەققىيات جەھەتتە ھازىر بىر قىسىم غەرب ئەللىرى دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا، مۇسۇلمان ئەللىرى ۋە مۇسۇلمان خەلقلەر بولسا ئۇلاردىن كۆپ ئارقىدا تۇرۇۋاتىدۇ. مۇشۇنداق بىر ئەمەلىيەت مېنىڭ كاللامدا تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار يېڭى سوئاللارنى پەيدا قىلدى:

--«ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولىدۇ» دېگەن سۆز غەربلىكلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلاردىن كۆپ ئارقىدا قېلىشىغىمۇ ئۇيغۇن كېلەمدۇ؟
--ئەگەر ئۇيغۇن كەلسە، ئاللاھنىڭ ئاشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى ھېكمەت ياكى سەۋەب نېمە؟
--ئاللاھ قانداق كىشىلەرگە بەكرەك ياردەم قىلىدۇ؟
--مۇسۇلمانلىقنىڭ 5 پەرىزىنى تولۇق ئادا قىلىش ئارقىلىقلا ئاللاھنىڭ ياردىمىگە باشقىلاردىن كۆپرەك ئېرىشكىلى بولامدۇ؟
--ئەگەر شۇنداق قىلغىلى بولسا، نېمە ئۈچۈن ھازىر مۇسۇلمان ئەللىرى بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىن كۆپ ئارقىدا قالدى؟

بىر مىللەت ئۈچۈن قۇدرەت تېپىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى تېپىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ئاشۇ يولنى بۇرۇن مېڭىپ باققانلارنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت. يەنى قۇدرەت تاپقان مىللەتلەر قوللانغان ئۇسۇللارنى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت. تەرەققىي تاپقان ئەللەردىكى مىللەتلەر باشقا مىللەتلەرنى تەتقىق قىلىشقا، باشقا مىللەتلەر قوللانغان ئۇسۇللارنى تەتقىق قىلىشقا ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتە ھازىرغىچە بىر ناھايىتى ئاجىز ھالەتتە تۇرۇپ كەلدى. بۇنداق بولۇشتىكى بىر قىسىم سەۋەبلەر بىز ئۆزىمىزدە. يەنە بىر قىسمى بولسا بىزنىڭ ئۆزىمىزدە ئەمەس ـــ ئۆزىمىزگىلا باغلىق بولمىغان سەۋەبلەرمۇ ئاز ئەمەس. بەزى قېرىنداشلار بۇرۇن ماڭا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇدرەت تېپىشىدىكى ئۈنۈملۈك يول ئۈستىدە ئىزدىنىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن يەھۇدىيلار ھەققىدە بىر قانچە پارچە ماقالە يازدىم. ياپونلار ھەققىدىمۇ ھەم شۇنداق قىلدىم. مەن ياپونلار ئۈستىدىكى ماقالىلەرنى تەييارلىغاندا پايدىلانغان مەنبەلەرنىڭ بىرى 1930-يىللىرى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ياپونلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، شۇ ئاساستا تەييارلىغان بىر ئىلمىي دوكلات ئىدى. يەنە بىرى بولسا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ مائارىپ پروگراممىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش ۋە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى بايان قىلىنغان يەنە بىر ئىلمىي دوكلات ئىدى. مېنىڭ پەرىزىمچە كۆپىنچە ئوقۇرمەنلەر مەن پايدىلانغان ئاشۇ مەنبەلەرگە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىدى. مەن يېقىندا دىن ھەققىدە ئىزدىنىشنى باشلىغاندىن كېيىن، كاللامدا «غەرب ئەللىرىنىڭ ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلالىشى بىلەن ‹ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولىدۇ›، دېگەن دىنىي ھۆكۈم ئوتتۇرىسىدا چوقۇم بىر باغلىنىش بار. ئۇنداقتا ئۇ باغلىنىش نېمە؟» دېگەن سوئال پەيدا بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ كاللامنىڭ بىر يېرىدە مۇشۇ سوئالغا جاۋاب ئىزدەشنى زادىلا توختاتمىدىم. مېنىڭچە بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئاشۇ جاۋاب مۇسۇلمانلارنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.

مەن يېقىندىن بۇيان ياسىر قازى ئامېرىكىدىكى ئۆزى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئالىي مەكتەپتە دەرس قىلىپ سۆزلىگەن «مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن لېكسىيىلەرنى ئاڭلاۋاتقان بولۇپ، ئاشۇ لېكسىيىنىڭ 38-قىسمىدا يۇقىرىدىكى سوئالغا جاۋاب بولالايدىغان ئازراق مەزمۇننى ئۇچراتتىم. مەن مەزكۇر ماقالىدا ئاشۇ مەزمۇننى قىسقىچە تونۇشتۇرىمەن، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت ھېسابلىنىدىغان ئامېرىكا ئۆزىنىڭ تەرەققىياتتىكى باشلامچىلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھازىر قانداق ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ ئازراق توختىلىمەن. ھازىر ئامېرىكا تۇتۇۋاتقان بىر قىسىم يوللار باشقا تەرەققىي قىلغان غەرب ئەللىرىنىڭكىگە ناھايىتى يېقىن بولۇپ، مەن شۇنىڭغا ئائىت پاكىتلاردىن بىر قانچىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتىمەن. شۇ ئارقىلىق مەن ئىسلام دىنىدىكى «ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولىدۇ» دېگەن ئۇقۇم بىلەن ھازىرغىچە ئەڭ تەرەققىي قىلغان غەرب ئەللىرى تۇتقان يول ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى بايان قىلىمەن. ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىن بىرەرى بۇرۇن مۇشۇنداق بىر تېمىدا ماقالە يېزىپ ئېلان قىلىپ باققانمۇ-يوق، مەن ئۇنى بىلمەيمەن. ئاشۇنداق ماقالىدىن بىرەرى يېزىلغان بولسىمۇ، مەن ئۇنى كۆرۈپ باقمىدىم. مېنىڭ ئۈمىدىم، ئەگەر ئاشۇنداق ماقالىلەر تېخى يېزىپ بېقىلمىغان بولسا، مەزكۇر ماقالىنى بىر باشلىنىش قىلىپ، مەدەنىيەت ۋە بىلىم سالاھىيىتى جەھەتتە ئىمكانىيىتى بار قېرىنداشلار يۇقىرىدىكى سوئال ئۈستىدە ئورتاق ھالدا ئىزدىنىپ باقساق، ھەمدە بىر يۈرۈش قانائەتلىنەرلىك جاۋابلارنى تېپىپ چىقساق. شۇنداق قىلالىساق، بىز «ئۆزىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قۇدرەت تېپىشىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك يول قايسى؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب تاپقان بولىمىز.

ماڭا بۇرۇن ئېلخەت يازغان ئۇكىلارنىڭ بەزىلىرى ماڭا ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە بىر قىسىم ئۇكىلار ئۆزلۈكىدىن دىن ئۆگىنىشكە ناھايىتى كىرىشىپ كېتىپ، نورمال مەكتەپ ئوقۇشىغا سەل قارايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، مەندىن شۇلار ئۈچۈن بىرەر يازما تەييارلىشىمنى ئۈمىد قىلغانىدى. مەن مەكتەپ ئوقۇشى بىلەن دىن ئۆگىنىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىغان، دىن ئۆگىنىشنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، مەكتەپ ئوقۇشىغا سەل قاراۋاتقان ئۇكىلارغا مەزكۇر يازمىنى كەم دېگەندە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەن ياسىر قازىنىڭ لېكسىيىلىرىدە تەسۋىرلەنگەن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (مەن بۇنى تۆۋەندە «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام» دەپلا قىسقارتىپ ئالىمەن) نىڭ ھاياتىدىكى ۋەقەلەردىن بىلگەن، ھەمدە ياسىر قازى ناھايىتى ئېنىق ھالدا قايتا-قايتا تەكىتلىگەن بىر ھەقىقەت شۇكى، سىز بىر ئەڭ ياخشى مۇسۇلمان بولۇش بىلەنلا غەلىبىگە ئېرىشەلمەيسىز. سىز بىر ئەڭ ياخشى مۇسۇلمان بولۇش بىلەنلا ئاللاھ بۇيرۇغان ياردەمگە ئېرىشەلمەيسىز. ئاللاھنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، قىلغان ئىشىڭىزدا غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن سىز تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغان باشقا بىر قىسىم ئىشلارنىمۇ قىلىشىڭىز كېرەك.


1. بەدرى ئۇرۇشىدىن يەكۈنلەپ چىقىلغان مۇھىم ھېكمەتلەر


ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرنى باشلاپ، ھىجرىيە كالېندارىنىڭ 1-يىلى، ياكى 622-يىلى مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ (كۆچۈپ) كېلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار ئىككى خىل تەھدىتكە دۇچ كېلىدۇ. ئۇنىڭ بىرى ئىچكى تەھدىت بولۇپ، يەنە بىرى بولسا تاشقى تەھدىتتىن تەشكىل تاپىدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى ئىچكى تەھدىت مەدىنىنىڭ تېخى بىرلىككە كەلتۈرۈلمىگەنلىكىدىن ئىبارەتتۇر. تاشقى تەھدىت دەسلىپىدە يالغۇز مەككىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما كېيىنكى بىر قانچە يىلنىڭ ئىچىدە بولسا پۈتۈن ئەرەب يېرىم ئارىلىغا كېڭىيىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنە دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئەرەب يېرىم ئارىلى مەدىنە بىلەن مەككە، مۇسۇلمانلار بىلەن قۇرەيشتىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنىدۇ.

بەدرى ئۇرۇشى يۇقىرىدىكى ئىككى قۇتۇپ ئوتتۇرىسىدا ئەڭ دەسلىپىدە يۈز بەرگەن ئۇرۇشتۇر. يەنى، بۇ ئۇرۇشتا مەدىنىدىكى مۇسۇلمانلار مەككىدىكى قۇرەيشلەر بىلەن ئۇرۇشىدىغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق باشلانغان: ھىجرىيە كالېندارىنىڭ 2-يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرەيشنىڭ بىر كارۋىنىنىڭ شامغا سودىغا كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىش ۋاقتىغا ئۈلگۈرتۈپ، مەدىنىگە يېقىن جايدىكى ئۇلارنىڭ ئۆتە يولى ئەتراپىغا كۆپ قېتىم كۆزەتچىلەرنى ئەۋەتىدۇ. شۇ ئارقىلىق قۇرەيشنىڭ ھېلىقى كارۋىنى 1000 تۆگىگە مال بېسىپ قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە بۇ مىڭ تۆگىلىك كارۋاننى قوغدايدىغان كىشىلەرنىڭ سانى ئاران 40 ئادەم ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىدۇ (قۇرەيشلىكلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنى مەككىدىن كېتىشكە مەجبۇرلاپ، مۇسۇلمانلار مەككىدىن ئايرىلغاندا، ئۆزلىرىنىڭ ھەممە بايلىق-مۈلۈكلىرى مەككىدە، يەنى قۇرەيشلەرگە شۇ پېتى قالغان ئىدى. شۇڭا مۇسۇلمانلار بۇ قېتىم قىلغان ئىش ئۆز مال-مۈلۈكلىرىنىڭ بىر قىسمىنى قايتۇرۇۋېلىش ئىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ) . شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ پىلانىنى قۇرەيشلەرنىڭ بىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەدىنىدىكى ساھابىلەرگە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتماي، ئۇلارغا بىر جىددىي ۋەزىپە چىقىپ قالغانلىقىنى، ئۆزى خالىغان ساھابىلەرنىڭ قانچىلىك تەييارلىق قىلالىسا شۇنچىلىك تەييارلىق قىلىپ، ئۆزى بىلەن دەرھال يولغا چىقىشىنى چاقىرىق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەخمىنەن 310 نەپەر ساھابە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە دەرھال يولغا چىقىدۇ. ئەسلىدىكى پىلان بويىچە بولغاندا، 310 نەپەر ساھابىنىڭ ھېچ قانداق ئۇرۇش قىلمايلا قۇرەيشنىڭ 40 نەپەر قوغدىغۇچىسىنى بويسۇندۇرۇشى پۈتۈنلەي مۇمكىن ئىدى. شۇڭلاشقا بۇ 310 نەپەر ساھابە ئاران ئىككى تۇياق ئات ۋە 70 تۇياق تۆگە بىلەنلا، ھەمدە تولۇق قوراللانمايلا يولغا چىقىدۇ [1]. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3 ساھابىگە بىر تۆگە توغرا كەلگەن بولغاچقا، 3 نەپەر ساھابە بىر تۆگىگە نۆۋەتلىشىپ مىنىپ ماڭىدۇ. بىر كۈن يول مېڭىپ، ئاخشىمى بارگاھلارنى تىكىپ دەم ئېلىشقا كىرىشكەندىن كېيىنلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ پىلانىنى ساھابىلەرگە ئېيتىدۇ.

ئەمما قۇرەيشنىڭ ئادەملىرى بۇ ئىشنى بىلىپ قېلىپ، دەرھال مىڭدىن كۆپرەك ئەسكەر تەشكىللەپ، ئۇلارنى ياردەمگە ئەۋەتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 310 نەپەر مۇسۇلمانلار مىڭدىن ئارتۇق قۇرەيشلەر بىلەن مەككىگە 312 كىلومېتىر، مەدىنىگە 118 كىلومېتىر كېلىدىغان «بەدرى» دېگەن جايدا ئۇرۇش قىلىدۇ. مانا بۇ ئىسلام تارىخىدىكى داڭلىق ئۇرۇش، «بەدرى ئۇرۇشى» (Battle of Badr) بولۇپ، ئۇ قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان بىر قانچە ئۇرۇشلارنىڭ بىرىدۇر [2].

1-رەسىم

1-رەسىم

1-رەسىم: مەدىنە (Medina)، بەدرى (Badr) ۋە مەككە (Mecca) نىڭ جايلىشىش ئەھۋالى [2].

«بەدرى» دېگەن سۆز ئەسلىدە بىر ئادەمنىڭ ئىسمى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن بىر قانچە ئەسىر بۇرۇن، «بەدرى» ئىسىملىك بىر ئادەم ئاشۇ يەرگە بىر قۇدۇق قازىدۇ. كېيىنچە ئۇ يەر «بەدرى تۈزلەڭلىكى» دەپ ئاتىلىپ، ئەڭ ئاخىرى بۇ جاينىڭ ئىسمى «بەدرى» گە ئۆزگەرتىلىدۇ [1].

بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا قاتناشقان مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچى قۇرەيشلەرنىڭكىدىن كۆپ ئاجىز بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يول بويى توختىماي ياردەم تەلەپ قىلىپ ئاللاھقا دۇئا قىلىدۇ. ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلىپ، ئاشۇ ۋەدىسى بويىچە ئاللاھ بىر مىڭ پەرىشتە ئەۋەتىدۇ. ئەمما، بۇ پەرىشتىلەر كېلىپ، قۇرەيشنىڭ ئادەملىرىنى بىراقلا يوق قىلىۋەتمەيدۇ (ياسىر قازىنىڭ دېيىشىچە، پەرىشتە جىبرىئىل 600 دانە قانىتىنىڭ بىرسىنى بىر شىلتىش بىلەنلا بىر كەنتنى تۈزلىۋېتەلەيدىكەن) [3]. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا قاراپ تۇرۇپ، پەقەت ئۇلارنىڭ كۈچى يەتمىگەن، ياردەمسىز قالسا ھالاك بولۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالغان ۋاقتىدىلا ئاندىن ياردەم قىلىدۇ. بۇ لېكسىيىدە ياسىر قازى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن بىر نەرسە شۇكى، ئەگەر سىز ئەقلىڭىزنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىشلىتىپ، جېنىڭىزنى تىكىپ، ئۆزىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ، قاتتىق تىرىشمىسىڭىز، ئاللاھ ھەرگىزمۇ سىزگە ياردەم قىلمايدۇ.

قۇرئاندىكى 8-سۈرە ئەنفالنىڭ مەزمۇنى پۈتۈنلەي مۇشۇ ۋەقە ھەققىدە بولۇپ، مەن بارلىق ئوقۇرمەنلەرگە ماقالىنى ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئاشۇ سۈرىنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

تۆۋەندىكىسى ياسىر قازىنىڭ 38-قېتىملىق لېكسىيىدە قىلغان بىر قىسىم سۆزلىرىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى (بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسى لېكسىيىدىكى بىرلا جايدا سۆزلەنگەن ئەمەس بولۇپ، مەن ئۇلارنى لېكسىيىنىڭ بىر قانچە يەرلىرىدىن ئالدىم):

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرنى باشلاپ، بەدرى ئۇرۇش مەيدانىغا قاراپ كېتىۋاتقان يولدا ئاللاھقا ئارقا-ئارقىدىن دۇئا قىلىپ، ئاللاھتىن ياردەم تىلەش نەتىجىسىدە، ئاللاھتىن ئۇنىڭغا بىر مىڭ نەپەر پەرىشتە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەھىي كېلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن جىبرىئىل بېشىغا قىزىل رەڭلىك رەخت (turban) ئارتىۋالغان، قوللىرىدا قورال تۇتقان، ھەمدە ئاللاھ پەقەت پەرىشتىلەر ئۈچۈنلا ياراتقان بىر خىل ئالاھىدە خىلدىكى ئاتلارنى مىنگەن پەرىشتىلەردىن بىر مىڭ پەرىشتىنى باشلاپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قوشۇنىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن كېلىدۇ. ئەسلىدە پەرىشتىلەر قورال ئىشلەتمىسىمۇ قۇرەيشلەرنىڭ كىشىلىرىنى ئاسانلا بىتچىت قىلىۋېتەلەيتتى. ئەمما ئاللاھ مۇشۇ بىر ۋەقە ئارقىلىق بىزگە بىر مۇھىم ھېكمەتنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن پەرىشتىلەرمۇ ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسە بولمايدۇ. پەرىشتىلەرمۇ ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيدىكەن، قىلىۋاتقان ئىشىدىن ياخشى نەتىجە چىقمايدۇ.

بەدرى ئۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاللاھ پەرىشتىلەرنىڭ ئىچىدىكى جەۋھەرلەردىن 1000 نى تاللاپ ياردەمگە ماڭدۇرىدۇ. يەنى، پەرىشتىلەرنىڭ ئىچىدىمۇ ئوخشىمايدىغان دەرىجىلەر بار بولۇپ، ئاللاھ بەدرى ئۇرۇشىغا ئەۋەتكەنلەر ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مەنسىپى ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان (elite) بىر مىڭ پەرىشتىدىن تەركىب تاپقان. قۇرەيشلەرنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىش ئىشىنى بىرلا پەرىشتە قىلالايدىغان تۇرسا، ئاللاھ نېمە ئۈچۈن 1000 پەرىشتە ئەۋەتىدۇ؟ يەنى، پەرىشتىلەر ئىنسانلارنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەيدىغان بولغاچقا، ئۇلار دۈشمەنلەرنىڭ ئىچىدىكى خالىغان يەرلەرگە بېرىپ، ئۇلارنى يوقىتىۋېتەلەيتتى. ھەدىستىكى بىر رىۋايەتتە دېيىلىشىچە، بىر قېتىم جىبرىئىل ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى قىياپىتىدە كېلىپ، ئۆزىنىڭ 600 دانە قانىتىنىڭ بىرسىنى يەرگە بىر ئۇرغان ئىكەن، قانىتى تەككەن يەردىكى شەھەر ئاسمانغا قاڭقىپ چىقىپ، يەرگە دۈم كۆمتۈرۈلۈپ چۈشىدىكەن. مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئاللاھ يەنە نېمە ئۈچۈن بىر مىڭ پەرىشتىنى ئەۋەتىدۇ؟ بۇ يەردە مۇنداق بىر ئاددىي ھەقىقەت بار. ئۇ بولسىمۇ، قۇرئان ۋە سۈننەتكە باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن بىر ئۇچۇر شۇكى، سىز ھېچ قانداق نەرسىنى بىكارغا قولغا كەلتۈرەلمەيسىز. جەننەتمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. سىز جەننەتكىمۇ ھېچ ئىش قىلمايلا كىرەلمەيسىز. بىز جەننەتكە ئۆز تىرىشچانلىقىمىز بىلەنلا ئېرىشەلمەيمىز. بىز كۆرسىتىدىغان تىرىشچانلىقلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جەننەت دېگەن بىر بىباھا نەرسىدۇر. شۇنداق بولسىمۇ سىز جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىز كېرەك. يەنى سىز كۆرسەتكەن تىرىشچانلىق سىز ئېرىشىدىغان نەتىجە بىلەن سېلىشتۇرغاندا يېتەرلىك ئەمەس بولسىمۇ، سىز ئاشۇ نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم مەلۇم دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىز كېرەك. شۇنداق قىلسىڭىز، ئاللاھ سىز كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقنىڭ سانلىق مىقدارىغا ئەمەس، ئۇنىڭ سۈپىتىگە قاراپ، ئاندىن سىزگە نەتىجە ئاتا قىلىش-قىلماسلىقنى قارار قىلىدۇ. بەدرى ئۇرۇشىدا 300 نەپەر ساھابە يانلىرىدىكى قىلىچلىرىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۆلۈم مەيدانىغا قاراپ ماڭىدۇ. مانا دەل شۇ چاغدا ئاللاھ بىر مىڭ نەپەر پەرىشتىنى ئەۋەتىپ، شۇلار ئارقىلىق قىلماقچى بولغان ئىشنى تاماملايدۇ. يەنى، بۇ يەردە ساھابىلەر قاراپ تۇرۇپ، پەرىشتىلەر ھەممە ئىشنى ئۆزلىرى بىۋاستىلا قىلىۋەتمەيدۇ. ئۇرۇش مەيدانىدا يۈز بەرگەن ھەر بىر ۋەقەدە ساھابىلەر دۈشمەننى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ جەڭگە ئاتلىنىدۇ. ئاندىن پەرىشتىلەر قالغان ئىشنى پۈتتۈرىدۇ. بىرەر ۋەقەدىمۇ پەرىشتىلەر ساھابىلەر ئۈچۈن ھەممە ئىشنى ئۆزلىرى بىراقلا قىلىپ بەرمەيدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا شۇكى، سىز ھەرگىزمۇ سەۋەبنى قىلماي تۇرۇپ، نەتىجىگە ئېرىشەلمەيسىز. سىز مەنزىلگە يېتىش ئۈچۈن مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈشىڭىز كېرەك. ئاللاھ ھەرگىزمۇ مەنزىلنى ئويۇپ ئېلىپ، ئۇنى سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ئەكېلىپ بەرمەيدۇ. سىزنىڭ كۈچىڭىز پۈتۈن مۇساپىنى بېسىپ تۈگىتىشكە يەتمەسلىكىمۇ مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ سىز ئۆزىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ تىرىشسىڭىز، قالغىنىغا ئاللاھ ياردەم قىلىدۇ.

مەريەم ئەلەيھىسسالام ئۆزى يالغۇز تۇغۇت جەريانىنى باشلاپ، ئاچسىزلىقتىن جانسىزلىنىپ كەتكەندە، ئاللاھ ئۇنىڭغا «مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن، ئەمما خورما دەرىخىنى ئۆزۈڭ ئىرغاتقىن»، دەيدۇ. يەنى، خورمىلار مەريەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېتىكىگە ئۆزلۈكىدىن چۈشمەيدۇ. ئەمما مەريەم ئەلەيھىسسالامنىڭ خورما دەرىخىنى ئىرغاتقۇدەك كۈچى يوق. شۇڭا ئاللاھ ئۇنىڭغا «سەن قانچىلىك ئىش قىلالىساڭ شۇنى قىل، قالغىنىنى مەن قىلىمەن»، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەريەم ئەلەيھىسسالام دەرەخنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە مىدىرلىتىشقا ئۇرۇنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دەرەختىكى خورمىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا چۈشىدۇ. قاراڭلار، مەريەم ئەلەيھىسسالامدەك بىر ئۇلۇغ ئىنسان ئىسا ئەلەيھىسسالامدەك بىر پەيغەمبەرنى تۇغۇش ئالدىدا ئاشۇنداق بىر خەتەرگە يولۇققان ۋاقىتتىمۇ ئاللاھتىن بىكاردىن-بىكارغا ياردەمگە ئېرىشەلمىسە، بىزنىڭ تىرىشماي تۇرۇپ ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلىشىمىز مۇمكىنمۇ؟ بىزنىڭ بىر نەرسىگە ئېھتىياجىمىز چۈشكەندە «ئۇنى ماڭا ئاللاھ بېرىدۇ» دەپ ئۆيدە ئولتۇرساق، بىز ئاشۇ نەرسىگە ئېرىشەلەيمىزمۇ؟ ئەگەر بىر نەرسە بىزگە بۇيرۇلغان بولسا، پەقەت بىز ئۆزىمىزنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ تىرىشقاندىلا، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى بىزگە بېرىدۇ. ئەگەر ئۇ نەرسە بىزگە بۇيرۇلغان بولسا، بىز پەقەت سەۋەبىنى قىلغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئاللاھ ئۇنى بىزگە بېرىدۇ.

بەدرى ئۇرۇشىدىن يەكۈنلەپ چىقارغىلى بولىدىغان ئەڭ مۇھىم ھېكمەتلەرنىڭ بىرى مانا مۇشۇ. يەنى، بەدرى ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقى ئەڭ يۇقىرى چەك بولۇپ ئالدىن بېكىتىلگەن. يەنى ئۇ ئالدىن بۇيرۇلغان. ئەمما، مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ، جەڭگە كىرىپ، ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىن كېيىنلا ئاندىن بۇ غەلىبە ئۇلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلگەن. مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ بارلىقىنى مۇشۇ جەڭگە ئاتىغاندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ياردىمى كەلگەن. مۇسۇلمانلار ئۈمىدنى ئاللاھقا باغلاپ، ئاللاھقا ئىشىنىش ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش بىلەن بىللە، جېنىنى تىكىپ، قىلىچلار ئۇچۇپ يۈرگەن جەڭ مەيدانىغا كۆكرەك كىرىپ كىرىدۇ. ئاللاھ شۇنىڭدىن كېيىنلا ئۇلارغا ياردەم قىلىدۇ.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالاممۇ ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن پىچاقنى ئېگىز كۆتۈرىدۇ. دەل شۇ چاغدا، يەنى قۇربانلىق قىلماقچى بولۇپ تۇرغاندا، ئاللاھ «ئەمدى بولدى، سەن سىناقتىن ئۆتتۈڭ»، دەپ، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى قۇربانلىق قىلغۇزمايدۇ.

دېمەك، بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ، ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. ئاندىن ئاللاھ بىزگە ئۆزى خالىغان ۋە بىزگە بۇيرۇلغان نەرسىلەرنى بېرىدۇ.

ياسىر قازىنىڭ مەن بۇ قېتىم تىلغا ئالماقچى بولغان 38-لېكسىيىدىكى سۆزلىرى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.

مەن ياسىر قازى لېكسىيىسىنىڭ ئىچىدىكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەزمۇنلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنتايىن كۆپ ۋە ئىنتايىن ئۇزۇن ئويلاندىم. ئۇلارنى ئۆزۈمنىڭ ھازىرغىچە بولغان ئۆمرىدىكى ئەمەلىيەتكىمۇ باغلاپ باقتىم. نۇرغۇن قېرىنداشلار مەندىن داۋاملىق «سىز بۇنچىۋالا ئىشلارغا قانداق يېتىشىسىز؟» دەپ سورايدۇ. ئۇنىڭ جاۋابى ئاددىي: مەن توغرا ئىشلارنى تاللاپ قىلدىم، ھەمدە ئالىي  مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان  ۋاقتىمدىن باشلاپ ھەر كۈنى 12 سائەتتىن 16 سائەتكىچە، جېنىمنى تىكىپ، ئۆزۈمنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ، ئىشلارنى توغرا قىلىشقا ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا، قاتتىق تىرىشتىم. ھازىرمۇ شۇنداق قىلىۋاتىمەن. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر دىيارى ۋە چەت ئەلدىكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالى مېنىڭكىگە ناھايىتىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ.  مەن پەقەت شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئادەمدىنلا ئىبارەت.  

مېنىڭچە يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنى ئىسلام دىنىدىكى پىر پارچە «ئۇنتۇلغان ئەنئەنە» ئىكەن. ئىسلام دىنىدىكى بىر دانە «ئۇنتۇلغان ھېكمەت» ئىكەن. ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا، مۇسۇلمانلار بەدرى ئۇرۇشىدا نامايان قىلغان جاسارەت ، بەدرى ئۇرۇشىدا نامايان قىلغان باتۇرلۇقنى، بەدرى ئۇرۇشىدا نامايان قىلغان ھەر بىر زامانغا ماس كېلىدىغان ئەڭ ياخشى قۇدرەت تېپىش يولى بىلەن مېڭىش ئەقلىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار بۈگۈنكىدەك بىر ناچار ھالەتكە چۈشۈپ قالماي، كەم دېگەندىمۇ تەرەققىي قىلغان غەرب ئەللىرى بىلەن ئوخشاش سەۋىيىدە تۇرالىغان بولاتتى. ئەگەر مۇسۇلمانلار قانداق قىلغاندا ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ۋە بۇيرۇلغان نەرسىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئەستە چىڭ تۇتقان بولسا، لاياقەتلىك مۇسۇلمان بولۇش بىلەن بىللە كەم دېگەندە تەرەققىي قىلغان غەرب ئەللىرىدىكى خەلقلەردەك تىرىشقان بولسا، مۇسۇلمانلار بۈگۈنمۇ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە ھەربىي ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە دۇنيانىڭ ئالدىدا ماڭالىغان، ھېچ بولمىغاندا دۇنيا تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ماڭالىغان بولاتتى.

مەككىلىكلەر بىلەن مەدىنىدىكى مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى 2-قېتىملىق ئۇرۇش ھىجرىيە 3-يىلى، ياكى مىلادى 625-يىلى 19-مارت كۈنى ئوھۇد تېغىنىڭ باغرىدا يۈز بېرىدۇ. بۇ ئۇرۇشنى بەدرى ئۇرۇشىدا زىيان تارتقان مەككىلىكلەر مۇسۇلمانلاردىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن باشلايدۇ. بۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان مەككىلىكلەرنىڭ سانى 3000 نەپەر ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ سان مۇسۇلمانلارنىڭ سانىدىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئۇرۇشنىڭ ئەڭ دەسلىپىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ناھايىتى دانالىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە قوماندانلىق قىلىشى نەتىجىسىدە مۇسۇلمانلار مەككىلىكلەرنىڭ بارگاھلىرىنى ئاسانلا ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇسۇلمانلاردىن 300 دەك كىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنماي، ئولجا تالىشىپ ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كېتىدۇ. مەككىلىكلەر بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مۇسۇلمانلارغا قايتۇرما زەربە بېرىپ، مۇسۇلمانلارغا ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە زىيان سالىدۇ. مۇسۇلمانلاردىن كەم دېگەندە 70 كىشى شېھىت بولىدۇ. مەككىلىكلەردىن بولسا ئاران 22 ئادەم ئۆلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئېغىر دەرىجىدە يارىلىنىپ، دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغىلى تاسلا قالىدۇ. سۈرە ئال-ئىمران (3-سۈرە) دا ئاشۇ ئوھۇد ئۇرۇشىغا ئائىت خېلى كۆپ ئايەتلەر بار بولۇپ، ئۇ ئايەتلەر 3-سۈرىدىكى بىرلا جايدا بېرىلمەي، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر ئاز تارقىلىپ كەلگەن. شۇڭا ھازىر قۇرئاننى ئۆگىنىۋاتقان قېرىنداشلار 3-سۈرىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن، ئوھۇد ئۇرۇشى ھەققىدىكى تارىخنى بىر قېتىم ئوقۇۋەتسە، ئۇنىڭ كۆپ پايدىسى بولىدۇ. ياسىر قازى ئۆزىنىڭ «مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن لېكسىيىسىنىڭ 45-قىسمىدىن باشلاپ مۇشۇ ئوھۇد ئۇرۇشى ھەققىدە سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇ لېكسىيىنىڭ 49-قىسمىدا ئوھۇد ئۇرۇشىدىكى پايدىلىق نۇقتىلار بىلەن ھېكمەتلەرنى خۇلاسىلەيدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ (بۇ يەردىكىسىمۇ ياسىر قازى دېگەن سۆزلەرنىڭ ئەينەن تەرجىمىسى بولماستىن، ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىدىن ئىبارەت):

بەدرى ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدۇ، ۋە كېيىنكى قەدەمدە قانداق قىلىش توغرىسىدا ئۆز-ئارا سوقۇشمايدۇ. ئوھۇد ئۇرۇشىدا بولسا مۇسۇلمانلار ھەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنمايدۇ، ھەم كېيىنكى باسقۇچتا قانداق قىلىش مەسىلىسىدە ئۆز-ئارا سوقۇشىدۇ. ئولجا تالىشىپ، مۇسۇلمانلار قوشۇنى ئىچىدە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدۇ، ھەمدە ئىرادىسىنى يوقىتىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئەھۋال قۇرئاندىكى 8-سۈرە بىلەن 3-سۈرىدە بايان قىلىنغان.

قۇرئاندىكى ئاشۇ مەزمۇنلار ۋە ئوھۇد ئۇرۇشىدىكى ئەمەلىيەتتىن بىز شۇنى بىلەلەيمىزكى، ئەگەر مۇسۇلمانلاردا بىرلىك بولىدىكەن، ھەمدە مۇسۇلمانلاردا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارىتا ساداقەتمەنلىك بولىدىكەن، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىكەن، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم قىلىدۇ. ئەگەر مۇسۇلمانلاردا بىرلىك بولمايدىكەن، ھەمدە ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارىتا ساداقەتمەنلىك بولمايدىكەن، ئاللاھ ئۇلارغا ئاتىغان ياردىمىنى قايتۇرۇۋالىدۇ. (يەنى مۇسۇلمانلار ئوھۇد ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ دەسلىپىدە خۇددى بەدرى ئۇرۇشىدىكىدەكلا ھەرىكەت قىلغاندا ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم قىلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن مۇسۇلمانلار پارچىلىنىپ، دۈشمەننى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، مەنپەئەت تالىشىشقا چۈشۈپ كەتكەندە، ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلارغا قاراتقان ياردىمىنى توختىتىپ قويىدۇ--بىلىمخۇمار.) مەيلى سىز بىر مۇسۇلمان بولۇڭ، مەيلى سىز بىر ياخشى مۇسۇلمان بولۇڭ، مەيلى سىز دۇنيادىكى بىر ئەڭ ياخشى مۇسۇلمان بولۇڭ، سىزگە غەلىبە مۇنداقلا تەقدىم قىلىنمايدۇ. غەلىبە سىزگە كاپالەت قىلىنمايدۇ. مەسىلەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى مۇسۇلمان، ئەمما ئوھۇد ئۇرۇشىدا ئۇنىڭغا غەلىبە تەقدىم قىلىنمىدى. غەلىبە كۈرەش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلۈشى كېرەك. ھەر بىر غەلىبە كۈرەش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلۈشى كېرەك. بۇ جەھەتتىكى ئىشلار ھەرگىز باشقىچە بولمايدۇ. بۇ جەھەتتىكى ئىشلارنىڭ باشقىچە بولۇش ئېھتىماللىقى نۆلگە تەڭ. بۇ ئىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈنمۇ ئوخشاش. بۇ جەھەتتە ھېچ قانداق ئادەمنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلمەيدۇ. مەيلى بۇ دۇنيادا بولسۇن، ياكى ئاخىرەتتە بولسۇن، بۇ ئىش ھەر ئىككى دۇنيادا ئوخشاش.

ئوھۇد ئۇرۇشىدا مەككىلىكلەر مۇسۇلمانلارنى پۈتۈنلەي تازىلىۋەتمەكچى بولدى. لېكىن مۇسۇلمانلار مەككىلىكلەرنى ئۆز مەقسىتىگە يەتكۈزمىدى. مۇشۇنداق بىر غەلىبە ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېغىر دەرىجىدە يارىلىنىپ، قاتتىق سىناقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئېغىر دەرىجىدە بەدەل تۆلىدى.

ياسىر قازى 49-لېكسىيىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئوھۇد ئۇرۇشىنىڭ پايدىلىق نۇقتىلىرى ۋە مۇھىم ھېكمەتلىرى خېلى كۆپ بولۇپ، مەن يۇقىرىدا ئۇلارنىڭ پەقەت مەزكۇر تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىسمىنىلا تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 300 نەپەر ساھابىنى باشلاپ، بەدرى جېڭىنى ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسەت، 1000 تۆگىگە 50000 دىنار ئالتۇننى ئارتىپ، 40 نەپەر ئەسكەرنىڭ قوغدىشى بىلەن شامدىن مەككىگە قايتىپ كېتىۋاتقان بىر كارۋاننى قولغا چۈشۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى [2]. يەنى، باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، بەدرى ئۇرۇشى يۈز بەرگەن دەۋرلەردىكى تېز سۈرئەتتە قۇدرەت تېپىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى قۇرەيشنىڭ كارۋىنىنى قولغا كەلتۈرۈش بولغان ئىدى. ھازىرقى زاماندا قۇدرەت تېپىش ۋە تەرەققىياتتا دۇنيانىڭ ئالدىدا مېڭىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى قايسىلار؟ مەن تۆۋەندە مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئازراق توختىلىمەن.


2. توغرا ئىشلارنى تاللاپ قىلىش: ئامېرىكا مائارىپىدىكى «ستېم» پروگراممىسى


ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما 2010-يىلى 16-سېنتەبىر كۈنى مۇنداق دېگەن: «كەلگۈسىدىكى لىدېرلار (يېتەكلىگۈچىلەر) نىڭ قانداق بولىدىغانلىقى بىز ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى ھازىر قانداق تەربىيىلىشىمىزگە باغلىق، بولۇپمۇ ھازىر ئوقۇغۇچىلارنى تەبىئىي-پەن، تېخنولوگىيە، ئىنژېنېرلىق ۋە ماتېماتىكا كەسىپلىرىدە قانداق تەربىيىلىشىمىزگە باغلىق.» ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ھازىر ئامېرىكا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتىدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ ئاشۇنداق بىر ئورۇنغا تۈنۈگۈنلا ئېرىشكەن بولماستىن، ئۇنىڭ ئاشۇنداق ئورۇنغا ئېرىشكەنلىكىگە ھازىر بىرەر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت بولۇپ قالدى. ئامېرىكا قانداق قىلىپ مۇشۇنداق بىر ئورۇنغا ئېرىشەلىدى؟ بۇ سوئالغا تولۇق جاۋاب بېرىشكە مەزكۇر ماقالە بىر مۇۋاپىق سورۇن ئەمەس. يەنى، بىرىنچىدىن، ئۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تولۇق بايان قىلىش كەم دېگەندە بىرەر كىتاب يېزىشنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ئازدۇر-كۆپتۇر بىلىدۇ. شۇڭلاشقا مەن بۇ يەردە ئامېرىكا مائارىپىدا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان بىر پروگراممىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. بۇ پروگرامما ئۇيغۇر مائارىپىدا بىر مەخسۇس پروگرامما سۈپىتىدە يولغا قويۇلمىغان بولۇپ، مېنىڭ پەرىزىمچە پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى ھازىرغىچە باشقا ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، تېخى بۇنداق بىر نەرسىگە يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشكە يېتىشىپ بولالمىدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما يۇقىرىدىكى بىر جۈملە سۆزىدە مۇنداق 4 كەسپىي ساھەنى تىلغا ئالغان: تەبىئىي-پەن، تېخنولوگىيە، ئىنژېنېرلىق ۋە ماتېماتىكا. بۇ سۆزلەرنىڭ ئىنگلىزچىسى «Science, Technology, Engineering, Mathematics» بولۇپ، بۇ 4 سۆزنىڭ باش ھەرپىنى قوشساق ئىنگلىزچە ھەرپلەر بىلەن «STEM» دېگەن سۆز ھاسىل بولىدۇ. مەن ئۇنى تۆۋەندە ئۇيغۇرچىمۇ «ستېم» دەپ ئالىمەن. ھازىر ئامېرىكا مائارىپىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان بىر ستېم پروگراممىسى بار [4]. بۇ پروگراممىغا بىر «ستېم مائارىپى كومىتېتى» رەھبەرلىك قىلىدىغان بولۇپ، بۇ كومىتېت 13 مەملىكەتلىك ئىلىم-پەن ئورگانلىرىدىن تەركىب تاپقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مائارىپ مىنىستىرلىقىمۇ بار. بۇ كومىتېتنىڭ ۋەزىپىسى پۈتۈن مەملىكەت ئۈچۈن بىر تۇتاش مائارىپ ئىستراتېگىيىسى تۈزۈپ بېرىش، مائارىپ خىراجىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىش، ستېم پروگراممىسىنى تەشكىللەش، ھەمدە دۆلەت مائارىپ خىراجىتىنىڭ تۆۋەندىكى 5 ساھەدىكى رولىنى كۈچەيتىش:

1) يەسلىدىن 12-سىنىپقىچە بولغان ستېم دەرسلىرى
2) پۈتۈن خەلق ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ستېم كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۇنى ساقلاپ مېڭىش
3) ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ستېم بىلىملىرىنى ياخشىلاش
4) تارىختا ستېم ساھەلىرىدە ئاجىز بولۇپ كەلگەن ئىرقىي گۇرۇپپا كىشىلىرىگە قارىتىلغان ياردەمنى كۈچەيتىش
5) كەلگۈسىدىكى ستېم ئەمگەك كۈچلىرى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئاسپىرانتلار مائارىپىنى لايىھىلەش.

پرېزىدېنت ئوباما 2015-يىللىق دۆلەت خامچوتى ئىچىدە ستېم پروگراممىسى ئۈچۈن مەخسۇس پۇل ئاجرىتىپ، ستېم پروگراممىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، ۋە ستېم پروگراممىسى ئۈچۈن يېڭى ئوقۇتقۇچىلارنى خىزمەتكە ئېلىش قاتارلىق بىر قاتار ئىشلارنى يېڭى پىلانلارغا كىرگۈزدى. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قوشقاندا، ئامېرىكىنىڭ ستېم مائارىپىنى ياخشىلاش ئۈچۈن يېڭى ۋە ئۈنۈملۈك چارىلارنى تېپىپ چىقىدۇ ۋە ئۇلارنى يولغا قويىدۇ. پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ستېم دەرسلىرىنى ئۆتۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنى يولغا قويىدۇ. ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ستېم مائارىپىغا يېتەرلىك دەرىجىدە چوڭقۇرلاپ كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەلىيەتتە ئاسانلا قوللىنالايدىغان بىلىملەرگە ئىگە قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ستېم ساھەلىرىگە بولغان قىزىقىشىنى كۈچەيتىدۇ، ۋە ئاشۇ ساھەلەردە قولغا كەلتۈرىدىغان نەتىجىلىرىنى كۆپەيتىدۇ.

مېنىڭ بىلىشىمچە، ھەر خىل تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يېقىنقى بەش ئەسىردەك ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلار ستېم ساھەلىرىدە دۇنيانىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ باقمىدى. بۇ ساھەلەردە ھازىرمۇ ناھايىتى ئاجىز. يېقىنقى 60 يىلنىڭ مابەينىدىمۇ ئۇيغۇرلاردىن ستېم ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە نەتىجە قازانغانلار بەك ئاز بولغاچقا، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى داڭلىق ئەربابلار ئاساسەن ئىجتىمائىي پەنچىلەر بىلەن سەنئەتكارلىرىدىن تەشكىل تېپىپ كەلدى. خەلق ئارىسىدا كۆپرەك ئورۇنلاشتۇرىدىغان پائالىيەتلەر ئىچىدە ھازىرمۇ سەنئەت ۋە ئىجتىمائىي-پەن پائالىيەتلىرى ئاساسىي نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە دەرستىن سىرت ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ستېم ياكى ئىلىم-پەن پائالىيەتلىرى تېخىچە ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنداق بىر ئەھۋال ئىچىدە تۇرۇپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىدە ئەمەس. شۇنداقتىمۇ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، قۇدرەت تېپىش، ۋە دۇنيادىكى تەرەققىي تاپقان خەلقلەرنىڭ سەۋىيىسىگە يېتىشىۋېلىش ئىشلىرى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقان ۋە ئىزدىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز چوقۇم مائارىپتىكى ستېم كەسىپلىرىنى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەك. مانا بۇ غەربتىكى ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەرنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلالىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سىردۇر.


3. تەرەققىياتتا توغرا ئىشلارنى قىلغان ۋە ئىشلارنى توغرا قىلغانلارنىڭ مىسالى: ياپونلار، يەھۇدىيلار، ۋە گېرمانلار


مەن ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى بىر قىسىم يازمىلىرى ئارقىلىق ياپونلار ۋە يەھۇدىيلار ئۈستىدە خېلى كۆپ چۈشەنچە بەردىم. گېرمانلار ئۈستىدە تېخى توختالمىدىم. بەلكىم ئۇلار ئۈستىدە كېيىنچە ئايرىم توختىلىشىم مۇمكىن.

ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بۇ 3 مىللەتتە بەدرى ئۇرۇشىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭكىدەك ئېتىقاد بار، ۋە بەدرى ئۇرۇشىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭكىدەك بىرلىك بار. ئۇلار بەدرى ئۇرۇشىدىكى مۇسۇلمانلاردەك ئۆز مىللىتى ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قاتتىق تىرىشىدۇ. ھەممە ئىشنى ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدىكى ئەستايىدىللىق ۋە ئىنتايىن يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قىلىدۇ. ئۇلار ئانچە كۈلمەيدۇ، ئانچە بەك ئوينىمايدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا «بىز ھازىر قايسى تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتىمىز؟ بىزنىڭ ئەتىدىكى تەقدىرىمىز كاپالەتكە ئىگىمۇ؟» دەپ، كۆپ ئويلايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، گەرچە بۇ 3 مىللەت 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئۇلار ئانچە ئۇزۇن ھېسابلانمايدىغان 70 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە ئىقتىسادىي جەھەتتە يەنە دۇنيانىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى. مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتە دۇنيانى سوراۋاتىدۇ.

بۇ 3 مىللەتتە پۈتۈن نوپۇس بويىچە ئېتىقاد تەكشى ھالدا كۈچلۈك، مائارىپ ساپاسى يۇقىرى، قاتتىق تىرىشىش روھى ۋە ئىرادىسى كۈچلۈك. بىر قىسىم مۇسۇلمان ئەللىرى ۋە مۇسۇلمان رايونلىرىدىكى خەلقلەردە بولسا ئەھۋال دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغانلىقى، ھەتتا دىن ۋە ئەخلاقتىكى سەمىمىيەتلىكمۇ ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ھازىر خەلقئارادىكى بەزى زىيالىيلار ياپون، گېرمانىيە ۋە باشقا بىر قىسىم تەرەققىي تاپقان غەرب ئەللىرىنى «مۇسۇلمانلىرى يوق، ئىسلامى بار ئەللەر» دەپ ئاتاپ، يۇقىرىقىدەك مۇسۇلمان ئەللىرىنى بولسا «مۇسۇلمانلىرى بار، ئەمما ئىسلامى يوق ئەللەر» دەپ ئاتاۋاتىدۇ. ئەگەر ئوبدان ئويلاپ باقسىڭىز، بۇ سۆزلەرنىڭ بىر قىسىم ئاساسى بارلىقىنى بايقايسىز.

يۇقىرىدىكى 3 مىللەت ستېم ساھەلىرىدىمۇ دۇنياغا باشلامچى بولۇۋاتقان مىللەتلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر. مېنىڭ بەزى ماتېرىياللاردىن كۆرۈشۈمچە، ياپون نوپۇسىنىڭ 10 پىرسەنتى ماشىنىسازلىق سانائىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن (ئەمەلىيەتتە سانائەتلەشكەن ئەللەرنىڭ كۆپىنچىسىدىكى ئەھۋال مۇشۇنداق ئىكەن [5]). ياپونلارنىڭ تېخنولوگىيە ۋە ئىنژېنېرلىق ساھەسىدە نەقەدەر تەرەققىي قىلغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم. تەبىئىي-پەن ۋە ماتېماتىكىدا كۈچلۈك بولماي تۇرۇپ، تېخنولوگىيە ۋە ئىنژېنېرلىقتا كۈچلۈك بولۇش مۇمكىن ئەمەس. ئىسرائىلىيىدىكى 25 پىرسەنت يەھۇدىي نوپۇسى ئىنژېنېر ئىكەن. «گېرمانىيە» بىلەن «ئىنژېنېرلىق» نىڭ مەنىداش سۆز بولۇپ كېلىۋاتقىنىغا خېلى ئۇزۇن بولدى [6]. 1945-يىلى تەسلىم بولغاندىن كېيىن، گېرمانىيىنىڭ بېسىۋېلىنغان قىسمى 4 پارچە زېمىنغا بۆلىۋېتىلگەن، ھەمدە 1950-يىلىغا كەلگۈچە ئۇنىڭ قايتا كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئېغىر سانائىتى بىرلەشمە كۈچلەر تەرىپىدىن مەقسەتلىك ھالدا ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇپ تاشلانغان ئىدى. لېكىن گېرمانىيە يەنە كۈچەيدى. ھازىر ئۇ ئىقتىسادىي جەھەتتە ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا بولغان قالغان ئەللەرنى يۆلەۋاتىدۇ.

«ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولىدۇ.»

مەن ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى ماقالىلىرىدە بايان قىلغىنىمدەك، ياپونلارنىڭ بىر كۈچلۈك ياكى مۇقىم دىنى يوق. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئېتىقادى بار، ھەمدە بۇ ئېتىقاد پۈتۈن ياپون خەلقى ئىچىدە تەكشى ھالدا ئومۇملاشقان. ياپونلار كۈنىگە 8 سائەت ئىشلەيدىغان كىشىلەر ھېسابىدا مائاش ئېلىپ ئىشلەيدۇ، ئەمما شىركەتتە ئىشلەيدىغان ياپونلارنىڭ ئىچىدە كۈنىگە ئاران 8 سائەت ئىشلەيدىغان كىشىلەر ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس. ئۇلار نورمال ئەھۋالدا كۈنىگە 10 سائەتتىن ئارتۇق ئىشلەيدۇ. ئاياللار پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئائىلە ۋە بالا تەربىيىسىگە قاراتقان بولۇپ، ئەرلەر بولسا ئۆزىنى پۈتۈنلەي شىركىتىگە ئاتىۋەتكەن. مەن 80-يىللىرى ياپوندا ئوقۇۋاتقاندا كۆرگەن بىر ئەھۋال شۇكى، يېڭى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياپونلۇق ياشلار 5 يىلغىچە ئەتىگەن سائەت 9 دىن يېرىم كېچە سائەت 12 گىچە ئىشلەيدىكەن. شۇ جەرياندا ئۇلار بىر «رەسمىي ياپونلۇق» بولۇپ چېنىقىپ چىقىدىكەن.

يەھۇدىيلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ دىنىي ئېتىقادى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملارنىڭ ئېتىقادى ئىنتايىن كۈچلۈك. يەنە بىر قىسمى بولسا دىنسىزلار. ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇش تەرەپدارى بولغان زىئونىستلار دىنسىزلار بولۇپ، ئۇلار ھازىر ئىسرائىلىيىدە ياشاۋاتقان يەھۇدىيلارنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. دۇنيادىكى قىيىن كەسىپلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بېشىدا يەھۇدىيلار بار. ئۇلارنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى نوپۇسى ئاران 13 مىليون ئەتراپىدا بولسىمۇ، ھازىرغىچە تارقىتىلغان نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تەخمىنەن 3 تىن بىر قىسمىنى يەھۇدىيلار ئالدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدىن بىز يەھۇدىيلارنىڭ نەقەدەر تىرىشچان ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. تەرەققىياتتا توغرا ئىشلارنى قىلىشقا ۋە ئىشلارنى توغرا قىلىشقا نەقەدەر قادىر ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن گېرمانلار دىننى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويغان. بولۇپمۇ ئەنگلىيە بىلەن سېلىشتۇرغاندا، گېرمانلار ھەقىقىي دىنچىلاردىن بولۇپ، ئۆزىنىڭ بارلىق كۈچىنى ئاساسەن دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلارغا قاراتقان. مېنىڭ مۆلچەرلىشىمچە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گېرمانلاردىمۇ دىن جەھەتتە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق نوپۇسىمۇ «خۇداغا ئىشىنىدىغان، ئەمما دىنچى ئەمەس» (spiritual but not religious) كىشىلەرگە ئايلاندى. گېرمانلارمۇ ئىنتايىن قاتتىق ئىشلەيدۇ. ۋەزىپىنى ناھايىتى يۇقىرى مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇنلايدۇ، ھەمدە ناھايىتى ئىجادچان. ھازىر پۈتۈن دۇنيا ئىشلىتىۋاتقان ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ ئىچىدە گېرمانلار ئىجات قىلغانلىرى ناھايىتى يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. 1762-1814-يىللىرى ياشىغان گېرمانىيىلىك داڭلىق پەيلاسوپ فىختې (Johann Gottlieb Fichte) مۇنداق دەيدۇ [7]: «گېرمانلارنىڭ روھى بىر بۈركۈتكە ئوخشاش. ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ۋە مەخسۇس مەشىق قىلغان قانىتىنى قېقىپ، ئۆزىنىڭ ئېغىر بەدىنىنى يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلەشكە مەجبۇرى قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى چوڭقۇر تەپەككۇرلار ئارقىلىق ئۆزىگە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىدىغان بىر قۇياشقا ئوخشاش مەنبەگە يېقىنلىشىشتىن ئىبارەت.» مەن بۇ سۆزنى گېرمانلارنىڭ روھىنى ناھايىتى ئىخچام ۋە ناھايىتى جانلىق ھالدا چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىكەن، دەپ ئويلىدىم.

يۇقىرىدا ياسىر قازى دېگەندەك، ئەگەر سىز بىر ياخشى مۇسۇلمان بولۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ قاتتىق تىرىشمايدىكەنسىز، ئاللاھ سىزگە بىكاردىن-بىكارغا ياردەم قىلمايدۇ. ئاللاھ سىزگە غەلىبىنى بىكاردىن-بىكارغا تەقدىم قىلمايدۇ. ئەمدى بىز ياپونلار بىلەن گېرمانلارنىڭ يۇقىرىقىدەك ئەھۋالىدىن مۇنداق بىر خۇلاسىگە كېلەلەيمىز: سىز بىر كۈچلۈك دىنغا ئىگە بولمىسىڭىزمۇ، ياكى سىز داۋاملىق دىنىي ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانمىسىڭىزمۇ، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ، توغرا ئىشلارنى قىلىش ۋە ئىشلارنى توغرا قىلىش جەھەتتە ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىكەنسىز، ئاللاھ سىزنىڭ ھازىرقى دۇنيادىكى تەرەققىياتنىڭ ئالدىدا مېڭىشىڭىزغا، پۈتۈن ئىنسانلار ئارىسىدا قەدنى تىك كۆتۈرۈپ، قۇلدەك ئەمەس، ئادەمدەك ياشىشىڭىزغا يول قويىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشىمۇ مۇمكىن.


4. ئاخىرقى سۆز


مەن ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى ماقالىلىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ قانداق تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەرەققىياتتا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭغان بىر ھالەتتىن دۇنيانىڭ كەينىدە قالغان بىر ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم. مۇسۇلمانلارنى ئارقىدا قويغان تارىخىي سەۋەبلەرگە 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىلا خاتىمە بېرىلىپ بولغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق كۆپىنچە مۇسۇلمان ئەللىرى تاكى بۈگۈنگىچە تەرەققىياتتا دۇنيانىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان ئەللەرگە يېتىشىپ ماڭالمىدى. بىر قىسىم مۇسۇلمان ئەمەس، دىنىمۇ كۈچلۈك ئەمەس ئەللەر ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ كۆپىنچىسى بولسا تەرەققىياتتا ناھايىتى ئارقىدا قالدى. ھېلىقى بىر قىسىم مۇسۇلمان ئەللىرى پەقەت ئۆز دۆلەتلىرىدىكى يەر ئاستى بايلىقلارغا تايىنىپ ھازىرقىدەك ياشاۋاتقان بولۇپ، ئەگەر ئاشۇ يەر ئاستى بايلىقلىرى تۈگەپ كېتىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ قانداق بولۇپ كېتىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان.

مەن مەزكۇر ماقالىدا ھازىر تەرەققىياتتا دۇنيانىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان ئەللەرنىڭ نېمە ئۈچۈن تەرەققىي قىلغانلىقى بىلەن كۆپىنچە مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن تەرەققىي قىلالمىغانلىقىنى چۈشىنىشكە پايدىلىق بولغان بىر قىسىم مەزمۇنلارنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم. مۇشۇ ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلار ئاساسىدا ئوبدان ئويلىنىپ باقساق شۇنى بايقايمىزكى، مۇسۇلمانلارنى تەرەققىياتتا تۆۋەن سەۋىيىدە تۇتۇپ تۇرغان نەرسە ئىسلام دىنى بولماستىن، بەلكى ئاللاھ ئەينى ۋاقىتتا كۆرسىتىپ بەرگەن ھەمدە ئاللاھ راۋا كۆرۈپ قوللىغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەر ئەينى ۋاقىتتا ئىسپاتلاپ بولغان تەرەققىيات ئۇسۇللىرى ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىر قىسىم ھېكمەتلىرىنى ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىدىن، ياكى ئۇلاردىن ۋاز كەچكەنلىكىدىن بولغان. ئەينى ۋاقىتتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسپاتلاپ بەرگەن تەجرىبە-ساۋاقلار شۇكى، بىر خەلق گۈللىنىش ياكى قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن، چوقۇم بىر نىيەت ۋە بىر مەقسەتتە زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، شۇ زاماندىكى توغرا ئىشلارنى تاللاپ قىلىش، ۋە شۇ ئىشلارنى توغرا قىلىش يولىدا جانلىرىنى تىكىپ، ئۆزلىرىنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قاتتىق تىرىشىشى كېرەك. ئاشۇنداق قىلغاندىلا ئاللاھ بۇيرۇغان ياردەملەرنى قولغا كەلتۈرگىلى، ۋە غەلىبىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

«ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بولىدۇ». ئەگەر ھازىر دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان ئەللەر ۋە خەلقلەرگە قاراپ باقىدىغان بولساق، مۇنداق بىر ئەھۋالنى بايقايمىز: ئەگەر بىر خەلق گۈللىنىش ياكى قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن، چوقۇم بىر نىيەت ۋە بىر مەقسەتتە زىچ ئۇيۇشۇپ، شۇ زاماندىكى توغرا ئىشلارنى قىلىش ۋە شۇ ئىشلارنى توغرا قىلىش يولىدا ئەقىل ئىشلىتىپ، جانلىرىنى تىكىپ، ئۆزلىرىنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قاتتىق تىرىشىدىكەن، ئۇلار مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا يول قويىدۇ. ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا يول ئېچىپ بېرىدۇ. ھەتتا ئۇلارغا ياردەم قىلىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ ئەكسىچە، مۇسۇلمان بولۇش-بولماسلىقى ياكى قانداق مۇسۇلمان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاللاھ ئەقىلسىزلىق بىلەن ئىش قىلغۇچىلارغا ۋە ھۇرۇنلارغا ياردەم قىلمايدۇ. ئاللاھ ئەقىلسىزلىق بىلەن ئىش قىلغۇچىلارغا ۋە ھۇرۇنلارغا غەلىبىلەرنى تەقدىم قىلمايدۇ. دىنىي ئىبادەتلەر قاتتىق تىرىشچانلىقنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. بۇ خۇلاسىنى ھازىر دۇنيانىڭ كۆپ جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان، مۇسۇلمانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك چوڭ-چوڭ ۋەقەلەرمۇ روشەن ھالدا ئىسپاتلاپ تۇرۇۋاتىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقىدەك بىر ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئۇلارنىڭ باشقىلار بىلەن باراۋەر ھالەتتە رىقابەتلىشىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقىدۇر. ئەمما بىز بۇ ئامىلنى ئۆزىمىزنىڭ تىرىشماسلىقىنىڭ باھانىسى قىلىۋالساق بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا باراۋەر رىقابەتلىشىدىغان شارائىتنى بەرپا قىلىش يولىدا بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك. بۇ ئىشنى قانداق قىلىش جەھەتتە بىز يەھۇدىيلاردىن ئۆگەنسەك بولىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەر بار بولۇپ، مەن ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزۈمنىڭ يەھۇدىيلار ھەققىدىكى 2 پارچە ماقالىسىدە بىر ئاز چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم.

مەن ھازىر ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇكىلارنىڭ كۆپلىگەن ۋاقتىنى ئۆزلۈكىدىن دىن ئۆگىنىشكە ئاجرىتىپ، مەكتەپتە ئۆتۈلگەن دەرسلەرگە ئۇنچىۋالا ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقانلىقىنى، نەتىجىدە دەرسلەرگە يېتىشىپ ماڭالماس بولۇپ قالغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا ئوقۇشتا ياخشى، ئەمما ئۆزلۈكىدىن دىن ئۆگىنىشكە بېرىلمىگەن ساۋاقداشلىرى بىلەن ياخشى ئۆتمەيدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. مەن ئاشۇ ئۇكىلاردىن مەن يۇقىرىدا تونۇشتۇرغان بەدرى ئۇرۇشىدىن يەكۈنلەپ چىقىلغان ھېكمەتلەرگە دىققەت قىلىپ قويۇشىنى ئۆتۈنىمەن. يەنى، سىز قانچىلىك ياخشى مۇسۇلمان بولۇپ كەتسىڭىزمۇ، ئەگەر ئۆزىڭىز ئورۇنلاشقا تېگىشلىك رەسمىي ۋەزىپىلەرنى بارلىقىڭىزنى ئاتاپ، جېنىڭىزنى تىكىپ، ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئادا قىلمايدىكەنسىز، ئاللاھ سىزنى ياخشى كۆرۈپ كېتىشى، سىزگە تىلىگىنىڭىزنى بېرىشى ناتايىن. ئەگەر سىز مۇسۇلمانلىقنىڭ پەرزلىرىنى ناھايىتى ياخشى ئادا قىلىپ، ئۆز مىللىتىڭىزگە كۆڭۈل بۆلمىسىڭىز، مىللىتىڭىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئۆزىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ تۇرۇپ قىلمىسىڭىز، سىزنى ئاللاھ ياخشى كۆرۈشى ناتايىن. ئەگەر مەكتەپتىكى ئوقۇشىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ، ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئېلىپ ماڭمىسىڭىز، ئاللاھنىڭ سىز تىلىگەن نەرسىلەرنى سىزگە بېرىشى ناتايىن. بۇ جەھەتتە ھەممىنى بىلگۈچى بىر ئاللاھدۇر. بەدرى ئۇرۇشى بىزگە ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىدە بىلدۈرگەن نەرسە شۇكى، بىر خەلق قۇدرەت تاپماقچى بولىدىكەن، ياخشى مۇسۇلمان بولۇشتىن باشقا، يەنە چوقۇم قۇدرەت تېپىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تۇرۇپ پايدىلىنىشى كېرەك. ئۇنداق قىلمايدىكەن كىشىلەر تىلىگەننى ئاللاھنىڭ بېرىشى ناتايىن. مەن ياسىر قازىنىڭ لېكسىيىلىرىدىن مۇنداق مەزمۇننىمۇ ئاڭلىدىم: مۇسۇلمانلار مەدىنىگە كۆچۈپ بېرىپ، دەسلەپكى 5 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە ئېلىپ بارغان جەڭلەر جەريانىدا، مۇسۇلمانلار بەزىدە نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇسا، ئۇرۇشتا زىيان تارتىدىغان ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەن. شۇنداق ۋاقىتلاردا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر قىسىم ساھابىلەرنىڭ نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇماي، ئۇنى كېيىن ياخشى پۇرسەت تاپقاندا تولۇقلاپ ئوقۇشىغا يول قويغان. مەكتەپ ئوقۇشى بىلەن باشقا ئىشلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشتا، يۇقىرىدىكى ئەھۋال بىزگە بىر قىسىم ھېكمەتلەرنى ئۆگىتىدۇ. ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇكىلار ئۆزىمىزنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىر زور پايدىلىق كۈچ. بىز پەقەت ئوقۇش بىلەن باشقا ئىشلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، مەكتەپتىكى پۇرسەتتىن ئەڭ زور دەرىجىدە تولۇق پايدىلىنىپ، بىلىم ئېلىپ قابىلىيەت يېتىلدۈرگەندىلا، ئاندىن بۇ زور كۈچنى بىر ھەقىقىي پايدىلىق ئامىلغا ئايلاندۇرالايمىز. ئاللاھنىمۇ شۇ ئارقىلىق خوش ۋە رازى قىلالىشىمىز مۇمكىن.

قىسقىسى، ئاللاھ ساھابىلەر دەۋرىدىلا مۇسۇلمانلارغا قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. مۇسۇلمانلار بولسا ئۇنى ئۇنتۇلۇپ قالغان ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن بولغاچقا، ھازىرقىدەك بىر ناچار ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. ئەگەر مۇسۇلمانلار (بىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ئاشۇ «گۆھەر» نى قايتىدىن تېپىپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىدىكەن، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەقدىرى چوقۇم ھازىرقىدىن كۆپ ياخشى بولىدۇ.

ئادەم قاتتىق ئىشلىگەنگە ئۆلۈپ كەتمەيدۇ.  ئاز ئۇخلىغانغىمۇ ھەم شۇنداق.  ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلالىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاز ئۇخلاپ، قاتتىق ئىشلەشنى چەكتىن سەل ئاشۇرۇۋېتىدۇ.  چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلالىغان مىللەتلەرمۇ ھەم شۇنداق.  ئەگەر دۇنيادا «مۇسۇلمانلىرى يوق، ئەمما ئىسلام بار دۆلەت»  ھەقىقەتەنمۇ  مەۋجۇت، دېيىلدىكەن، ياپونىيە ئۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ.  ياپونلار قاتتىق ئۇيۇشۇشتا، ۋە جان تىكىپ قاتتىق تىرىشىشتىمۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.  مەيلى ئەرلىرى بولسۇن، ياكى ئاياللىرى بولسۇن، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتىمۇ ياپونلار دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ.  يەنى، بەدرى ئۇرۇشىدا ئىسپاتلانغان ئەھۋاللارنى ئۆلچەم قىلغاندا، دۇنيادىكى مىللەتلەر ئارىسىدا ياپونلارنىڭ بۇيرۇلغان ياردەملەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە شەرتى ئەڭ ياخشى توشىدۇ.  ئۇلار ئەمەلىيەتتىمۇ بۇيرۇلغان ياردەمگە ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن بولۇشى مۇمكىن.  ياپونلار تۇتقان يولنى تۇتسا، باشقىلارمۇ بۇيرۇلغان ياردەمگە تولۇق ئېرىشەلىشى مۇمكىن.  ياپونلار تۇتقان يولنى تۇتساق، بىزمۇ بۇيرۇلغان ياردەمگە تولۇق ئېرىشەلىشىمىز مۇمكىن.

مەن بۇ ماقالىنى «ئەزھەرى» قېرىندىشىمىزنىڭ يېقىنقى بىر ماقالىسىدىكى مۇنۇ بىر ئابزاس سۆز بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن: «شۇنى بىلىش كېرەككى، ئاللاھ نەتىجىنى تەقدىر قىلغاندەك سەۋەبنىمۇ تەقدىر قىلدى، ئاللاھ تەقدىر قىلغان نەتىجىلەرگە سەۋەبسىز يەتكىلى بولمايدۇ. دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرىدا سەۋەبسىز نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىك ئوخشاشلا بىر قانۇنىيەت، چۈنكى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئاللاھنىڭ قانۇنى بىر.»

بۇ توغرىدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ»، (سۈرە رەئد 11-ئايەت).


بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى


[1] Yasir Qadhi Seerah of Prophet Muhammad 35: The Battle of Badr 1
<https://www.youtube.com/watch?v=cELsoi1L6qw>

[2] Battle of Badr: http://en.wikipedia.org/wiki/Battle_of_Badr

[3] Yasir Qadhi Seerah of Prophet Muhammad 38: The Battle of Badr 4
<https://www.youtube.com/watch?v=iVdfPIFk-Ws>

[4] Science, Technology, Engineering and Math: Education for Global Leadership
<http://www.ed.gov/STEM>

[5] Automobile Industry
http://www.encyclopedia.com/topic/automobile_industry.aspx

[6] Engineering in Germany
<http://machinedesign.com/news/engineering-germany>

[7] Johann Gottlieb Fichte: Addresses to the German Nation (2013), Page 65.


0

تېما

11

دوست

3135

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   37.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22001
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 956
توردىكى ۋاقتى: 185
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-1
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپلىق مېغىزلىق يېزىلغان؛ ھارمىغايسىز!!!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

404

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29918
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 120
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىمخومار ئەپەندىم سۇرايدىغان سۇئالىم بارتى .بۇ سۇئال مىنى گاڭگىرتىپ قۆيدى.
1-سۇئال توغرا يول دىگەن قايسى يول؟
2-سۇئال توغرا يولنى قانداق چۇشنىمىز؟
3-سۇئال دۇنيادا ھازىر كىشلەر ئۆزنىڭ ئېتقادى، ماڭغان يولنى،يەنى ھەر ئادەم ئۆزنىڭكىنى توغرا يول دەپ قارايدۇ. كىشلەرنىڭ شۇنداق قىلغىنى توغرا يولمۇ؟

مىنىڭ چۇشنىشىم توغرا يول مۇنداق بولارمىكەن دەيمەن.
پۇتكۇل مەخلۇقات ۋە مەۋجۇداتقا زىيان سالماسلىق ۋە كۇينىشنى توغرا يولمىكەن دەيمەن.

14

تېما

21

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.81%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1072
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 3060
توردىكى ۋاقتى: 1158
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-2
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ خېلى بۇرۇندىن بىزگە دىمەكچى بولغان گەپلېرىنىڭ جەۋھىرى مۇشۇكەن دەپ قالدىم مەن تىخى ھىلىلا ھۈنەرۋەنلەر نىمىشقا گىپىدە تۇرمايدۇ دىگەن تىمىغا ئىنكاس يازغان ئىدىم. ئارتۇق گەپ قىلماي شۇ ئىنكاسنىلا يوللاپ قۇياي.

يىقىندا بىر توڭلاتقۇ ياسايدىغان كەسىپدىشىم بىلەن پاراڭلىشىپ، بەزى خىرىدارلارغا سىز تۇغرىلىق سۆزلەپ بېرىمەن، بەك قىزىقىدۇ دەپ كىلىپ، مىنىڭمۇ شۇنداق كىيىن پايدىسى كىلىدىغان ئىشلارغا ۋاقىت ئاجراتقۇدەك شارائىتىم بولسا ياخشى بۇلاتتى. دەپ قالدى. ئاندىن پىلانى تۇغرىلىق سۆزلەپ قالدى، پىلانى ياخشىكەن، بولسا باشقا جايلاردىمۇ قىلسا بولغۇدەك.
ھەر-بىر رىمونىتچى ئۆز ئالدىغا ئىش قىلسا دەسمايىنى كۆپ سىلىشقا تۇغرا كىلىدىكەن، ھەم ھەممىسىلا كۆپ ئىشلىنىدىغان بىر خىل زاپچاسنى كۆپ ئەكەلدۈرۋالىدىكەندە ۋاقىتنىڭ ئۈتىشى بىلەن بازاردىن شۇ مەھسۇلات قىپ قالسا يىڭى مالنى يا تاشلىۋەتكۈسى كەلمەيدىكەن يا ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن. بەزى زاپچاسلارنى بولسا بار بولسىمۇ شۇ بىسىلىپ قالغان ماللارنىڭ ئارسىدىن دەماللىقتا تىپىپ بۇلالماي يىڭىدىن ئەكىلىپ ئىشلىتىدىكەنمىز. يەنە يەرلىك ھۈنەرۋەنلەر ئىتىزغا سۇ نۇۋىتى كېپ قىلىش ، ۋاھا كازا ئىشلار بىلەن بەزىدە دۇكاندا بولماي قالىدىكەنمىز.
  ھەممەيلەن بىرلىشىپ چوڭراق بىر رىمونىتخانا ئاچسا لازىملىق سايمانغىلا پۇل چىقارساق ھەم ماللار تۈرى بۇيىچە ساقلانسا ئۇنىڭدا ئورۇنسىز چىقىملاردىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ ، تەجىربە ئالماشتۇرغىلى بۇلىدۇ ھەم دۇكان دائىم ئۇچۇق تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلىدۇ. يەنە ھۈكىمەتنىڭ مۇشۇنداق توپلىشىپ كارخانا قۇرغانلارغا ياردەم ئۈچۈن ئاجراتقان مەبلىغى باركەن ...

  مەنمۇ قوللاپ، ياخشى ئويلاپسىز بۇنىڭدا ھەم بەزى ئاز ئىشلىتىلىدىغان ھەم بولمىسا بولمايدىغان ئۈسكىنىلەر بىر-ئىككى يۈرۈش بولسىلا بۇلىدۇ، يەنە زاپچاسلارنى توپ ئالىدىغان بولغاچقا باھاسىمۇ تۈۋەن بۇلىدۇ، يالغۇز بولغاندا كىچىككىنە زاپچاس ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە قاتراشتىن ساقلىنىسىز. مۇقىم ئورۇن بىر قەدەر كۆپ سايمان بولغاندىكىن تىلفون قىلسىلا ئەكىلىپ بەرسىمۇ بۇلىدۇ، دەپ يەنە ئەگەر بولسا ئۆزىڭىز مەبلەغ سىلىپ ئۈسكىنىلەرنى كۈپەيتىپ ئاندىن ئىلىكتىر كەسپىنى تاشلىۋەتكەنلەرنى كىلىپ ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىڭ. ئىشلىگەنلەر ئىككى قولنى سىلىپ كىلىپلا ئىشلىسۇن ياكى بىسىلىپ قالغان سايمان-ئۈسكىنىلېرىنى ئەكىلىپ تىزىملاپ قويسۇن،  ئۇلاردا يوقلېرىنى سىز توپ ئەكەلگەن سايماننى ئۇلارغا پارچە باھادا تەمىنلەيسىز ھەم كەلگەن ئىشنى كىمنىڭ قۇلى بىكار بولسا شۇنىڭغا تەقسىملەپ بېرىسىز. ئەگەر ئىشنى پۈتكۈزۈپ بولماي تۇرۇپ باشقا ئىش بىلەن كىلەلمىسە باشقىلارغا تىزىملاپ ئۈتكۈزۈپ بېرىپ ، ئىشنىڭ ۋاختىدا قولدىن چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىسىز. ۋاختى كەلگەندە سايمان پۇلىنى تۇتۇپ قىلىپ ھەركىمنىڭ قىلغان ئىششىدىن ئىش ھەققىنىڭ %40 نى تۇتۇپ قىلىپ ئىش ھەققى قىلىپ بېرىسىز. ئالغان %40 پۇل ئۈسكىنە يىڭىلاش- كۈپەيتىش، ھەرخىل رەسمىيەتلەر ئۈچۈن سىزگە قالىدۇ. بۇنىڭ تىخىمۇ كۆپ پايدىسى كۆپلىگەن ھۈنەرۋەن بىر يەرگە يىغىلسا بوش ۋاقىتلېرىدا مۇنازىرە قىلىپ << كىيىن پايدىسى كىلىدىغان>> يىڭىلىقلارنى بايقاش ھەم شۇنىڭ ھەل قىلىش ئۇسوللېرى ئۈستىدە ئىزدىنىش پۇرسىتى يۇقىرى بۇلىدۇ ھەم ئىش ئىقىۋاتقىنىنى كۆرسە مەكتەپتىنتۇختاپ قالغان بالىلارمۇ مۇشۇ كەسىپنى ئۈگىنىشكە قىزىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانىسىغا باش ئاغرىقى تىپىپ بېرىشكە سەرىپ بولغان ۋاقىتلار ئەھمىيەتلىك ، كىيىنكى ئۈمرىدە ئۆزىگىلا ئەمەس بالا-چاقىلېرىنىڭ زېھنىنى ئىچىشقىمۇ ياردىمى تىگىدىغان ئەمىلى بىلىملەرنى ئۈگىنىش بىلەن ئۈتىدۇ. بولسا بالدۇرراق مۇشۇنداق قىلىڭ. دەپ تەكلىپ بەردىم.

158

تېما

7

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   57.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1615
نادىر تېمىسى: 16
مۇنبەر پۇلى: 6552
تۆھپە : 5817
توردىكى ۋاقتى: 1433
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-31
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ بىر نەرسىگە ئېھتىياجىمىز چۈشكەندە «ئۇنى ماڭا ئاللاھ بېرىدۇ» دەپ ئۆيدە ئولتۇرساق، بىز ئاشۇ نەرسىگە ئېرىشەلەيمىزمۇ؟ ئەگەر بىر نەرسە بىزگە بۇيرۇلغان بولسا، پەقەت بىز ئۆزىمىزنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ تىرىشقاندىلا، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى بىزگە بېرىدۇ. ئەگەر ئۇ نەرسە بىزگە بۇيرۇلغان بولسا، بىز پەقەت سەۋەبىنى قىلغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئاللاھ ئۇنى بىزگە بېرىدۇ.
---
يېقىنقى 60 يىلنىڭ مابەينىدىمۇ ئۇيغۇرلاردىن ستېم ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە نەتىجە قازانغانلار بەك ئاز بولغاچقا، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى داڭلىق ئەربابلار ئاساسەن ئىجتىمائىي پەنچىلەر بىلەن سەنئەتكارلىرىدىن تەشكىل تېپىپ كەلدى. خەلق ئارىسىدا كۆپرەك ئورۇنلاشتۇرىدىغان پائالىيەتلەر ئىچىدە ھازىرمۇ سەنئەت ۋە ئىجتىمائىي-پەن پائالىيەتلىرى ئاساسىي نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە دەرستىن سىرت ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ستېم ياكى ئىلىم-پەن پائالىيەتلىرى تېخىچە ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنداق بىر ئەھۋال ئىچىدە تۇرۇپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىدە ئەمەس. شۇنداقتىمۇ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، قۇدرەت تېپىش، ۋە دۇنيادىكى تەرەققىي تاپقان خەلقلەرنىڭ سەۋىيىسىگە يېتىشىۋېلىش ئىشلىرى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقان ۋە ئىزدىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز چوقۇم مائارىپتىكى ستېم كەسىپلىرىنى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەك.
---
ئەگەر سىز بىر ياخشى مۇسۇلمان بولۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ قاتتىق تىرىشمايدىكەنسىز، ئاللاھ سىزگە بىكاردىن-بىكارغا ياردەم قىلمايدۇ. ئاللاھ سىزگە غەلىبىنى بىكاردىن-بىكارغا تەقدىم قىلمايدۇ.
---
سىز بىر كۈچلۈك دىنغا ئىگە بولمىسىڭىزمۇ، ياكى سىز داۋاملىق دىنىي ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانمىسىڭىزمۇ، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ، توغرا ئىشلارنى قىلىش ۋە ئىشلارنى توغرا قىلىش جەھەتتە ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىكەنسىز، ئاللاھ سىزنىڭ ھازىرقى دۇنيادىكى تەرەققىياتنىڭ ئالدىدا مېڭىشىڭىزغا، پۈتۈن ئىنسانلار ئارىسىدا قەدنى تىك كۆتۈرۈپ، قۇلدەك ئەمەس، ئادەمدەك ياشىشىڭىزغا يول قويىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشىمۇ مۇمكىن.
---
ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ»، (سۈرە رەئد 11-ئايەت).
---
مەن ھازىر ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇكىلارنىڭ كۆپلىگەن ۋاقتىنى ئۆزلۈكىدىن دىن ئۆگىنىشكە ئاجرىتىپ، مەكتەپتە ئۆتۈلگەن دەرسلەرگە ئۇنچىۋالا ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقانلىقىنى، نەتىجىدە دەرسلەرگە يېتىشىپ ماڭالماس بولۇپ قالغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا ئوقۇشتا ياخشى، ئەمما ئۆزلۈكىدىن دىن ئۆگىنىشكە بېرىلمىگەن ساۋاقداشلىرى بىلەن ياخشى ئۆتمەيدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. مەن ئاشۇ ئۇكىلاردىن مەن يۇقىرىدا تونۇشتۇرغان بەدرى ئۇرۇشىدىن يەكۈنلەپ چىقىلغان ھېكمەتلەرگە دىققەت قىلىپ قويۇشىنى ئۆتۈنىمەن. يەنى، سىز قانچىلىك ياخشى مۇسۇلمان بولۇپ كەتسىڭىزمۇ، ئەگەر ئۆزىڭىز ئورۇنلاشقا تېگىشلىك رەسمىي ۋەزىپىلەرنى بارلىقىڭىزنى ئاتاپ، جېنىڭىزنى تىكىپ، ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئادا قىلمايدىكەنسىز، ئاللاھ سىزنى ياخشى كۆرۈپ كېتىشى، سىزگە تىلىگىنىڭىزنى بېرىشى ناتايىن. ئەگەر سىز مۇسۇلمانلىقنىڭ پەرزلىرىنى ناھايىتى ياخشى ئادا قىلىپ، ئۆز مىللىتىڭىزگە كۆڭۈل بۆلمىسىڭىز، مىللىتىڭىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئۆزىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ تۇرۇپ قىلمىسىڭىز، سىزنى ئاللاھ ياخشى كۆرۈشى ناتايىن. ئەگەر مەكتەپتىكى ئوقۇشىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ، ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئېلىپ ماڭمىسىڭىز، ئاللاھنىڭ سىز تىلىگەن نەرسىلەرنى سىزگە بېرىشى ناتايىن. بۇ جەھەتتە ھەممىنى بىلگۈچى بىر ئاللاھدۇر. بەدرى ئۇرۇشى بىزگە ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىدە بىلدۈرگەن نەرسە شۇكى، بىر خەلق قۇدرەت تاپماقچى بولىدىكەن، ياخشى مۇسۇلمان بولۇشتىن باشقا، يەنە چوقۇم قۇدرەت تېپىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تۇرۇپ پايدىلىنىشى كېرەك. ئۇنداق قىلمايدىكەن كىشىلەر تىلىگەننى ئاللاھنىڭ بېرىشى ناتايىن. مەن ياسىر قازىنىڭ لېكسىيىلىرىدىن مۇنداق مەزمۇننىمۇ ئاڭلىدىم: مۇسۇلمانلار مەدىنىگە كۆچۈپ بېرىپ، دەسلەپكى 5 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە ئېلىپ بارغان جەڭلەر جەريانىدا، مۇسۇلمانلار بەزىدە نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇسا، ئۇرۇشتا زىيان تارتىدىغان ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەن. شۇنداق ۋاقىتلاردا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر قىسىم ساھابىلەرنىڭ نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇماي، ئۇنى كېيىن ياخشى پۇرسەت تاپقاندا تولۇقلاپ ئوقۇشىغا يول قويغان. مەكتەپ ئوقۇشى بىلەن باشقا ئىشلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشتا، يۇقىرىدىكى ئەھۋال بىزگە بىر قىسىم ھېكمەتلەرنى ئۆگىتىدۇ. ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇكىلار ئۆزىمىزنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىر زور پايدىلىق كۈچ. بىز پەقەت ئوقۇش بىلەن باشقا ئىشلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، مەكتەپتىكى پۇرسەتتىن ئەڭ زور دەرىجىدە تولۇق پايدىلىنىپ، بىلىم ئېلىپ قابىلىيەت يېتىلدۈرگەندىلا، ئاندىن بۇ زور كۈچنى بىر ھەقىقىي پايدىلىق ئامىلغا ئايلاندۇرالايمىز. ئاللاھنىمۇ شۇ ئارقىلىق خوش ۋە رازى قىلالىشىمىز مۇمكىن.
---
بىلىمخۇمار ئاكا ئەجىرىڭىزنى ئاللاھ بىرەر

158

تېما

7

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   57.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1615
نادىر تېمىسى: 16
مۇنبەر پۇلى: 6552
تۆھپە : 5817
توردىكى ۋاقتى: 1433
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-31
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-31 16:55  


---
ئەگەر سىز بىر ياخشى مۇسۇلمان بولۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ قاتتىق تىرىشمايدىكەنسىز، ئاللاھ سىزگە بىكاردىن-بىكارغا ياردەم قىلمايدۇ. ئاللاھ سىزگە غەلىبىنى بىكاردىن-بىكارغا تەقدىم قىلمايدۇ.

---
ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ»، (سۈرە رەئد 11-ئايەت).
---

بىلىمخۇمار ئاكا ئەجىرىڭىزنى ئاللاھ بىرەر

14

تېما

21

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.81%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1072
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 3060
توردىكى ۋاقتى: 1158
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-2
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ۋوي ئۇقۇمايلا ئىنكاس يازماڭلار جۇمۇ باللار...

0

تېما

8

دوست

9881

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   97.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10825
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 66
تۆھپە : 3157
توردىكى ۋاقتى: 497
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-2
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىڭىزنى مۇسۇلمانلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىشىشى دېگەن تېمىڭىزدىن كېيىنكى يەنە بىر ئاجايىپ ئېسىل تېما دەپ قارىدىم.
ئاللاھ بىزگە ‹مەن ئىنسانلار ۋە جىنلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم› دەيدۇ، ئۇنداقتا ئاللاھ دەۋاتقان ئىبادەتنى بىز قانداق چۈشىنىۋالدۇق؟ بىز ئىبادەتنى تار مەنىدىلا چۈشىنىۋالدۇق، ئىبادەتنى خاس ئىمان ئېيتىش، ناماز، روزا، زاكات  ۋە ھەج بىلەن چەكلىنىدۇ دەپ قارىۋالدۇق، ئەمەلىيەتتە بولسا ئىنسان قىلىشقا تىگىشلىك ھەربىر ياخشى ئەمەس، ياخشى ئىش، ياخشى سۆزلەر ئىبادەت قاتارىدا سانىلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر قېتىم ساھابىلەرگە سۆز قىلىۋىتىپ ‹ئەمرىڭلاردىكى ئايالىڭلار بىلەن بىرگە بولغانغىمۇ ساۋاب يېزىلىدۇ› دېۋىدى، ساھابىلەر ‹ئىھ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئۆز نەپسىمىزنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئايالىمىز بىلەن بىرگە بولغانغىمۇ ساۋاب يېزىلامدۇ؟› دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبىرىمىز ‹ئەگەر سەن نەپسىڭنى ھارام يوللار بىلەن قاندۇرساڭ ئۇ گۇناھ بولامدۇ؟› دەپ سورىدى، ساھابىلەر شۇنداق دەپ جاۋاب بەردى، پەيغەمبىرىمىز ‹سەن شۇ ھارام يولدىن نەپسىڭنى تارتىپ، ھالال جۈپتىڭ بىلەن بىرگە بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا ساۋاب يېزىلىدۇ› دېدى. دېمەك بۇيەردە ئۆز ئەمرىدىكى ئايالى بىلەن بىرگە بولۇشمۇ ئىبادەت قاتارىدا ساۋاب بېرىلگەن.
شۇ قاتاردا ئۆز رىزقىنى ھالالدىن تېپىپ يېيىش، ھالال تىجارەت قىلىشمۇ ساۋاب يېزىلىدىغان ئەمەللەرنىڭ بىرى، ئىلىم تەلەپ قىلىش، ئىلىم ئۆگىنىش، پايدىلىق ئىلىملەرنى تارقىتىشمۇ ھەم ئاللاھ يولىدا قىلىنغان ئىبادەتلەر قاتارىدىن.
بىزلەر ئاللاھنىڭ ئېيتقانلىرىنى چۈشىنىپ، ئاللاھ دېگەن يولدا ماڭغان چاغلىرىمىزدا دۇنيا بىزنىڭ قولىمىزدا ئىدى، ئاللاھنىڭ دېگەنلىرىنى چۈشەنمەي، يولىمىزدىن ئازغان چاغدا دۇنيا ئالقىنىمىزدىن چىقىپ كەتتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )