ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى
ئۇيغۇرلار دۇنيادا جۇڭگو شىنجاڭدىن باشقا يەنە قازاقىستان ، قىرغىزىستان ، ئۆزبېكىستان ، سەئۇدى ئەرەبىستان ، ئافغانىستان ، تۈركىيە ، پاكىستان ، موڭغۇلىيە ۋە تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئولتۇراقلاشقان . بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان ، قىرغىزىستان ، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە بىرقەدەر كۆپ . ئۇيغۇرلار بۇ دۆلەتلەردە تەسىر كۈچى بىرقەدەر چوڭ مىللەت ھېسابلىنىدۇ .
ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ زىمىنى كەڭ ، يەر بايلىقى مول ، تۇپرىقى مۇنبەت بولۇپ ، خېلى بۇرۇنلا غەرب ۋە شەرقنىڭ سودا- سېتىق ئشلىرىدىكى داغدام يول بولۇپ قالغان . ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تەرەققىيات جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ بولۇپ ، دۇنيادىكى ئىنسانلار پائالىيىتى ئەڭ بۇرۇن شەكىللەنگەن جايلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . زېمىنى كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا خېلى بۇرۇنلا ھون ، ئۇيسۇن ، تۈرك ، باكتىرىيا ، خۈيخۇ قاتارلىق دەسلەپكى مەزگىلدىكى مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان . خۈيخۇ ( ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى )لار بۇرۇنلا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ ، 7~8 - ئەسىرلەردىن باشلاپلا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ياشاپ كەلگەن . نۇرغۇن تارىخى ماتېرىياللاردا بۇنىڭغا ئائىت مەلۇماتلار ئۇچرايدۇ . تۆۋەندە مەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى توغرىسىدىكى مۇھاكېمەمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن .
1. چارروسىيە دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ نوپۇسى
تارىختا ئوتتۇرا ئاسىيادا خېلى بۇرۇنلا ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان . 16- ئەسىردىن 19- ئەسىرگىچە ھۆكۈم سۈرگەن ‹‹بۇخارا خانلىقى›› ، ‹‹خارازىم خانلىقى›› ۋە ‹‹قوقەند خانلىقى›› دەۋىرلىرىدە بىرقىسىم ئۇيغۇرلار بۇ دۆلەتلەر تەۋەلىكىدە ئولتۇراقلاشقان ،بىراق بۇ دەۋىرلەردىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىغا ئائىت مەلۇماتلار بەكلا كەمچىل . 1820- يىلىدىن 1826- يىلىغىچە يۈز بەرگەن ‹‹يەھيا غوجا توپىلىڭى›› ، 1820- يىلىدىكى ‹‹يەتتە غوجا توپىلىڭى›› ۋە 1758- يىلىدىكى ‹‹چوڭ - كىچىك غوجىلار توپىلىڭى›› مەزگىللىرىدە قەشقەر ۋە ئىلى رايۇنلىرىدىن بولۇپ نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار فەرغانەگە كۆچۈپ كەتكەن . بىراق قانچىلىك نوپۇسنىڭ كۆچكەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق ماتېرىيال يوق . 19- ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىنىڭ ئاخىرى ۋە 30- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئاز بولمىغان قەشقەرلىكلەر فەرغانەگە كۆچۈپ كەتكەن. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا بۇ مەزگىلدە تەخمىنەن 85مىڭدىن 160 غىچە بولغان قەشقەرلىكلەر ئەينى چاغدىكى قوقەند خانلىقى زىمىنىغا كۆچۈپ چىقىپ كەتكەن . 1871- يىلىدىن 1882- يىلىغىچە ، قوقەند خانلىقىنىڭ خانى ياقۇپبەگ جەنۇبى شىنجاڭدىكى يەتتە شەھەرنى يۈتىۋالغان . 1882- يىلىغا كەلگەندە چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى قايتۇرىۋالغان . 1881- يىلىدىن 1884- يىلىغىچە 80 مىڭدىن 100 مىڭغىچە بولغان تارانچىلار مەجبۇرى ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەتتەسۇ ئوبلاستىغا كۆچۈرىۋىتىلگەن.
2. سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ نوپۇسى
1917- يىلى روسىيەنىڭ يىزا رايونلىرىدىكى ئومۇمىيۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرىشىگە ئاساسلانغاندا ، ئەينى ۋاقىتتا روسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 100516 ئادەم بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە تارانچىلار 60988 ئادەم ، قەشقەرلىكلەر 39528 ئادەم چىققان .
1920- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى نوپۇزلۇق ئۇيغۇر جامائەەت ئەربابى ئابدۇللا روزىباقىيۇف فەرغانەگە كۆچۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئاللا بۇرۇن 600 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى دېگەن . 1926 - يىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نوپۇس تەكشۈرىشىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 66 مىڭ چىققان بولۇپ ، بۇ ساندا 1917- يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا كۆرىنەرلىك كېمىيىش بولغان . 1959- يىلى پۈتكۈل سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسى 95مىڭغا يەتكەن . 1989- يىلىغا كەلگەندە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسى 263 مىڭغا يىتىپ ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەر ئىچىدە 12- ئورۇنغا ئۆتكەن .
3. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كىيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى نوپۇسى
1) ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسى .
تارىخ نۇقتىئىنەزىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئالتە مىليۇندىن يەتتە مىليۇنغىچە ، بىراق ھۆكىمەتنىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا ، 1979- يىلى ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسى 29مىڭ ، 1986- يىلى 36 مىڭ ، ھازىر ( 2011-يىلى) بولسا 45مىڭ ئەتراپىدا دەپ كۆرسىتىلگەن . بىراق ئۆزبېكىستاندىكى بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلار ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى 1 مىليۇن 500 مىڭدىن ئاز ئەمەس دەپ قارايدۇ .
2) قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى
1989- يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرىشىدە ، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 181مىڭ 500 ئادەم ، 1999-يىلى 210مىڭ 300 ئادەم ، ھازىرقىسى ( 2011-يىلى ) 480مىڭدىن 500مىڭغىچە . بىراق قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر نوپۇسى مۇتەخەسسىسى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى 1 مىليۇن 200 مىڭدىن كەم ئەمەس دەپ قارايدۇ .
3) قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى
1970- يىلى 24800
1979- يىلى 29800
1989- يىلى 36800
1998- يىلى 46000
2011-يىلى 70000 ئەتراپىدا.
بىراق بىر ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇتەخسسىسى نۇقتىلىق دوكىلاتىدا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسى 150 مىڭ دەپ توختالغان . بىراق قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى شۇ يىلى تەكشۈرۈش ئارقىلىق قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى 250 مىڭ دەپ ئېلان قىلغان .
4) تۈركىمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسى
تۈركىمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بىرقەدەر ئاز بولۇپ ، ھازىر ( 2011- يىلى ) بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسى 2000 ئەتراپىدا .
5) تاجىكىستاندىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسى
تاجىكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىمۇ بىرقەدەر ئاز بولۇپ ، 1970- يىلىدىكى نوپۇسى 5000 ئەتراپىدا ، ھازىر ( 2011- يىلى ) 8000 ئەتراپىدا .
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس مەسىلىسى
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە ياشاپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى خېلى كۆپ. بىراق ھېچكىم زادى قانچىلىك ئۇيغۇر بارلىقىنى ئېنىق ئېيتىپ بىرەلمەيدۇ . بۇ مەسىلىدە تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە سەۋەب بار :
1) دۆلەتنىڭ مىللىي سىياسىتى
ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس مەسىلىسى ئۆزبېكىستاندا ئەڭ كۆرىنەرلىك بولۇپ ، ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى توغرىسىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى يۇشۇرىدۇ ياكى يالغان دوكىلات بىرىدۇ . مەلۇم بىر يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ زۇڭتۇڭى ئىسلام كەرىموف سۆزىدە : دۇنيادا ئۇيغۇر دەيدىغان مىللەت يوق ، ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىغانلار ئۆزبېكىستان چىگرىسىدىن چىقىپ كەتسۇن دېگەن . يەنە ئۇيغۇر دېگەن ئىسىمنى تىلغا ئالماسلىققا بۇيرىغان . ھەمدە ئۇلارنى مەجبۇرى ھالدا ئۆزبېكلەرگە قېتىۋالغان . شۇنىڭ بىلەن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتاشقا پېتىنالمىغان. ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىسا جەمئىيەتتە ئورنى يوق بولۇپ قېلىشى ياكى خىزمەت تاپالماي قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن .
2) مەدەنىيەت ، تىل ، مىللىي ئۆرپ ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا مىللەتلەردىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغان بولغاچقا ، كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ئاستا- ئاستا ئۆزبېك ، قازاق ، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرگە سىڭىشىپ كەتكەن .
3) شىنجاڭدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلار ئۆزىنى قەشقەرلىك ياكى تارانچى دىگەن ناملار بىلەن ئاتىغان بولۇپ ، بىرلىككە كەلگەن مىللەت نامى يوق . شۇنىڭ بىلەن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزىنىڭ مىللىتىنى ئۇنتۇپ قالغان . سوۋېت ئىتتىپاقى مىللەتلەرنى ئايرىغان ۋاقتىدا كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ، شۇنىڭ بىلەن كىملىكىگە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ نامى يېزىلىپ كەتكەن .
ئەسلى ئادرېسى :
http://www.360doc.cn/article/6662518_151772816.html
تەرجىمە قىلغۇچى ئۇيغۇر ياشلار كۇلۇبىدىن باتۇر ئابلەت
2014- يىلى 10-ئاينىڭ 29- كۈنى
شەندوڭ
|