مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردىن تارتىپ ئانامنىڭ تېنى ئاجىز بولۇپ ،تولا ئاغرىپ قالاتتى. تاماقنى ئاساسەن دادام ئېتىپ بېرەتتى،بىر –بىرىدىن كەپسىز،بىر –بىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايدىغان،ياش جەھەتتىن بىر –ئىككى ياش پەرقلىنىدىغان ئالتە بالىنىڭ كىيىم –كېچەكلىرىنى يۇيۇپ،ئاش –تامىقىنى ۋاقتى –قەرەلىدە ئېتىپ بېرىش ھەم خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش بىر ئەركىشىگە نىسپەتەن ئاسان ئەمەس ئىدى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا ئانامنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى پەقەت ياخشى بولماي بالدۇرلا كېسەللىك پېنسىيەسىگە چىقىۋالغان ئىدى،شۇنىڭدىن تارتىپ ئانام يىلدا بىر –ئىككى قېتىم دوختۇرخانىدا يېتىپ چىقىدۇ،ھەر قېتىم دوختۇرخانىدا ياتقاندا دادام ‹‹سىلەر بەك ئالدىراش، خىزمىتىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار،مەن ئۆزۈم قاراي...››دەپ ،ئانامنىڭ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئالىدۇ.بىزبولساق ئىشتىن چۈشكەندە،شەنبە –يەكشەنبە كۈنلىرى يوقلايمىز.تۆت يىلنىڭ ئالدىدا ئانام يۈرەككە تىيەك سېلىش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغان بولۇپ،كۆپ ھەركەت قىلالمايدۇ. ئانامنىڭ سالامەتلىكى تازا ياخشى بولمىغاچقا ،ئالتە پەرزەنتنىڭ ھەممىسى ئانامدىن بەك ئەنسىرەيمىز. ئويلاپ باقسام باقسام، ھەر ھېيت –بايرام ،خاتىرە كۈنلەردە ئاساسەن ئانامغا بىرنەرسە ئېلىپ بېرىپتىمەن،دادامنى كۆپ ئويلاشماپتىمەن.ھەر قېتىم تېلىفون قىلغاندا دادام ئېپ قالسا ‹‹تېنچلىق تۇردىڭىزمۇ ؟مىجەزىڭىز قانداراق ؟ ئانام بارمۇ؟تېلىفوننى ئانامغا بېرىڭ ...››دەپتىمەن.ئانامدىن ئەنسىرەپتىمەن-يۇ،دادامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولغاچقا ، كۆپ ئەنسىرەپ كەتمەپتىمەن.
دادام پېنسىيەگە چىققان يەتتە –سەككىز يىلدىن بېرى بىزنى مىڭ مۇشەققەتلەر بىلەن بېقىپ قاتارغا قوشقىنى يەتمىگەندەك،بالىلارنىڭ بالىلىرىنىمۇ جاپا تارتىپ بېقىۋېتىپتۇ،بىز ئالتە پەرزەنتلەرمۇ كۆيۈمسىز بالىلاردىن ئەمەس بولمىسا،پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن دادام –ئاناملارغا ۋاپادارلىقىمىزنى يەتكۈزۈپ تۇرىمىز،بىراق ھەممە ئۆينىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى بولغاندەك بىزنىڭ ئائىلىنىڭمۇ دەردى بار يېتىپ –ئاشقۇچە،بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دېگىلى بولمايدۇ چۆچەك چۆرۈپ.بەزى ئىشلارغا ئامال يوق.
ئىنىم بالا باقىدىغان ئادەم تاپالمىغاچقا ،بىچارە دادام ئۇنىڭ ئۆيىدە ئۈچ يىل تۇرۇپ نەۋرە باقتى.ئىنىمنىڭ ئۆيىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قالغان ئىككى ئىنىمنىڭ بالىلىرىمۇ تەييار بولۇپ،ھازىرغىچە ئۈچ نەۋرىنى بېقىۋاتىدۇ،بۇ نەۋرىلەرمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ قېشىغا كەلمەي دادامغا چاپلاشقىنى –چاپلاشقان،دادام ھەر كۈنى بۇ نەۋرىلەرنى توكلۇق ۋېلسىپىتكە ئولتۇرغۇزىۋېلىپ دەريا بويلىرىغا ،مەنزىرىلىك جايالارغا ئاپىرىپ ئوينىتىدۇ،ئاغرىپ قالسا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىدۇ،بەزىدە سەل قايناپ قالسام،‹‹قانداق قىلىمەن بالام،بالىلار ئالدىراش تۇرسا...›،دەيدۇ،مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلالمايمەن.بۇ نەۋرىلەرمۇ دادامغا شۇنداق ئىچەكىشىپ كەتكەنكى،ئاپىلىرى بولمىسا كارى يوق،دادام بىردەم بولماي قالسا‹‹چوڭ دادام قېنى ..؟››دەپ يىغلاپ ئالەمنى –مالەم قىلىدۇ،بولۇپنۇ ئوتتۇرانچى ئىنىمنىڭ بالىسىنى ئۆزى بىر قوللۇق باققاچقىمۇ دادامدىن بىر قەدەم نېرى بولغىلى ئۇنىمايدۇ،كەچلىرى ئۇخلىغاندىمۇ ئاپىسى بىلەن بىللە ياتماي دادام بىلەن بىللە ياتىدۇ،دادام ئەركىشى بولغان بىلەن بالا بېقىشتا خېلى تەجىربىلىك.
مۇشۇ بىرنەچچە يىللاردىن بېرى دادامنىڭ تۈزۈكرەك ئارام ئېلىپ باققىنىنى ئۇقمايمەن،قارىسام دادام باشقىچىلا قېرىپ كەتكەندەك،بەللىرى ئېگىلىپ مۈكچىيىپلا قاپتۇ، تونۇش –بىلىش،خۇلۇم –خوشنىلىرىمنىڭ ‹‹ دادىڭىز ئەجەب قېرىپ ،تۈگىشىپ كەتكەندەك بولۇپ قاپتا..››دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم ‹‹شۇررىدە››بولۇپ،ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالىدۇ. چوڭ ئۆيدىكى پۈتۈن ماڭ –تۇر ئىشلارنىڭ ھەممىسى دادامغا قاراشلىق.شۇنداق جاپالار ئاستىدا چېنىققاچقىمۇ ،ئەقلىمنى بىلىپ ھازىرغىچە دادامنىڭ ئورۇن تۇتۇپ ھەپتە يېتىپ قالغىنىنى بىلمەيمەن.
داۋامى بار...
مەنبە : ئۆز قەلىمىم |