قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3280|ئىنكاس: 20
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قەيسەر مىجىت: ئۈزۈلمەس خاتىرىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

90

تېما

34

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 57
مۇنبەر پۇلى: 905
تۆھپە : 4327
توردىكى ۋاقتى: 246
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-3 09:47:23 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

    ئېلاۋە: ئىشقا بىرىپ كەلگۈچە پويىز ساقلاپ، ئاپتوبۇز ساقلاپ ۋاقتىم ساقىپ ئۆتۈپ كىتىدۇ. بۇ پارچە-پۇرات ۋاقىتتا تۇتۇپ بىر ئىشنى تۈگەتكىلى بولمايدۇ. سىنىڭ بۇنداق بۇيرۇشۇڭ بولسا ھايات، مىنىڭمۇ ئۆزۈمگە چۇشلۇق تەدبىرىم بار. بۇنداق چاغلاردا خىيالىمغا قۇيۇندەك كەلگەن پىكىرلەرنى تېلىفۇنۇمدىكى خاتىرە دەپتەرگە گۈپپىدە بىىسۋالىمەن.
    بۇلاردىن ئۆتكەندە ئىككى قىتىم ئارىيە ئىلىپ باغداش ئوقۇرمەنلىرىگە تۇتقان ئىدىم. بۈگۈنمۇ شۇنداق قىلدىم. يارىسا كۈلۈپ قويارسىلەر، يارىمىسا غومشۇپ تىللاپ قويارسىلەر، ھە راست، بىگۇناھ ئادەمنى تىللىسا گۇناھ ئارتىۋالىسلەر جۇما.:(:

            -1-                        


‏قۇچاقلايمەن سىنى ئالتۈن كۈز


‏*********************

‏      ئامىرىكىغا كەلگىنىمدىن بىرى ياشاۋاتقان ئىشتات-«ماي گۈلى » پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ ئەركىنلىك ئىزدەپ مىڭ بىر جاپادا مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرىلىپ بۇ زىمىندا ئەركىن ياشاشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ياۋروپالىق كۆچمەنلەرنىڭ تۇنجى قەدىمى چۈشكەن ماسساچۇست ئىشتاتى بولدى. مەن بۇ زىمىنغا تۇنجى قىتىم قەدەم باسقاندا بۇ زىمىندا ياشاپ قىلىشنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدىم. ئەمما مەنمۇ بىر ئىستەك بىلەن كەلگەن ئىدىم.
‏ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتتى. مەن بۇ يەرگە ئۆمرۈمنىڭ باھار پەسلىدە يەنى قىران ياشلىق مەزگىلىم-يىگىرمە نەچچە ياش چىغىمدا كەلگەن ئىدىم. ھالا بۈگۈن مەن يېشىمنىڭ قىرىقتىن ئىشىپ كەتكىنىنى يەنە ئۆمۈرنىڭ كۈز پەسلىنىڭ يىقىنلىشىۋاتقانلىغىنى تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز ھىسسىيات بىلەن ئەسكە ئالدىم-دە ئىشخانامدىن چىقىپ تەبىئەت بىلەن سىرداشماق بولدۇم.
‏ئىدارەمدىن 3 مىنۇت پىيادىلىق يىراقلىقتا بىر بۈك ئورمانلىق بار. پويىز يولى بىر كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدىن كىسىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئاستىدىن شىرىلداپ سۇلار ئىقىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ يىنىدا پىيادىلەر يولى بار.بۇ يولدىن ھەر خىل ئادەملەر مىڭىپ تۇرىدۇ، قىرىلار، ياشلار، ئاقلار، قارىلار، ئىسپانلار ۋە بىر ئۇيغۇر...
‏بۇ يولدىن بەزىلەر مىڭىپ ئۆتىدۇ، بەزىلەر يۈگرەپ ۋە يەنە بەزىلەر ۋەلسىپىتلىك ئۆتىدۇ. بەزىلەر زوقلىنىش بىلەن ئۆتىدۇ، بەزىلەر ئىسەنكىرەش بىلەن...
‏بۇ يولدىن بەزىلەر تەپەككۈر بىلەن ئۆتىدۇ، بەزىلەر خىيال بىلەن..بەزىلەر شاتلىققا چۆمسە، بەزىلەر قايغۇغا....
‏مەن بۈگۈن بۇ يولنى بىر خىل سۆيۈنۈش ھىسسياتىم بىلەن ئايلاندىم. كىتىۋاتىمەن، ئەتراپىمدا رەڭگا-رەڭ تۈسكە كىرگەن مەنزىرە...
قارا ماۋۇ تەبئەتنىڭ گۈزەللىگىنى ھەم سېخىللىغىنى!
‏كۆپ خىللىقتا مەۋجۈت يۈكسەكلىكنى!
‏‏گويا مۇھەببەتلىك بىر جۈپ ياشنىڭ توي مەرىكىسىدە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىچىلغان زىننەت چاچقۇلىرىدەك زىمىننىڭ ئۈستىدە ئېغىناقلاپ ياتقان ھەر خىل ياپراقلارنىڭ سىھرىنى دىمەيسىز؟
‏قىزىل، سېرىق، قوڭۇر، جىگەر رەڭ...
‏ كۆز ئالدىمغا بىر گۈزەل پەرىشتە كۆرۈنۈپ كەتتى. تاس قالدى ئۆزۈمنى يەرگە ئىتىپ بۇ گۈزەللىكنى قۇچاقلىغىلى ھەم سۆيگىلى...
‏سەتلىكىمگە باقماي مۇشۇنداق گۈزەللىككە دۈم چۈشۈدىغىنىمدىن ئانچە ئۇيۇلۇپ كەتمەيمەن دىسە!
‏مەن بۇ رايوندا كۈز پەسلىدە تۇغۇلىدىغان بۇ خىل گۈزەللىككە بۇرۇن دىققەت قىلغان بولساممۇ بۈگۈنكىدەك مەستانە بولماپتىكەنمەن. ياپراقلارنى دەسسەپ،ئۆستەڭ بويىدا تۇرۇپ، دەرەخلەرگە قاراپ، ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ئادەملەرگە سالام قىلىپ
‏كۆڭلۈم ۋاللىدە يورۇپ كەتتى-دە تەبئەتنى ئايلىنىش ئىستىگى تۇغۇلدى:
‏ئاللاھ بۇيرىسا مەن بۇ ھەپتە ئاخىرى سىنى چوقۇم قۇچاقلايمەن ئالتۇن كۈز پەسلى!!!



-2-

شىكايەت

‏*******************

(ئۇخلاۋىتىپ ئويغىنىپ كەتتىم ئەسلى كۆڭلۈمدىكى مۇنۇ شىكايەت قۇتراپتىكەن)
يا بىسمىللا، ما گىپىمنى ئاڭلاڭلا ئۈندىدار ئىشلىتىدىغان خالايىقلا. نىمە دەيسىلە بۇنى! ھىكايەت،؟ رىۋايەت يا شىكايەت؟ ئەركىنلىك
‏سىلىدە، نىم دىسەڭلا دەڭلا.
مىنىڭ سىغىنىپ تۇرۇپ ئەسلەيدىغان تاتلىق ساۋاقداشلىرىم بار ئىدى، ئۇندىداردا توپ قۇرۇشتى، دىدارلاشتى، سۆزلەشتى. مانا ئەمدى تۇيۇقسىز ھەممىسى يوقاپ كىتىشتى. غىدىقلىغاندىن كىيىنلا سايرايدۇ، تىرىكتۈرگەندىن كىيىنلا قاينايدۇ.
‏ئەڭ دەسلەپ «يابالار توپى»غا ئۆزگەرتىۋەتتىم.
‏«ياق، بىزنىڭ زۇۋانىمىز بار » دەپ سۆزلەشتى ئۇلار، ئاندىن ئۇزۇن مەھەل جىمىقىشتى. شۇنىڭ بىلەن توپنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋەتتىم «بوڭقۇشلار توپى»غا. ئىقتىساد ئوقۇپ سالامنى ئىقتىساد قىلىشقان بولغاندىن كىيىن.
‏-ۋاي نىمە گەپ بۇ بوڭقۇش دىگەن دىيىشتى
‏-ۋاي بىر چىرايلىق ئاتىساڭ بولمامدۇ دەپ تىرىكىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر نۆۋەت قاينىدى سورۇن.
‏يەنە توختاپ قالدى ئۇلار، كۈن ئۆتتى، ھەپتە ئۆتتى، يا بىر-بىرىگە سالام قىلىشمايدۇ بۇ بالىلار. يا ئاللا بۇلارغا قاراپ مىنىڭ ئىچىم پۇشتى. مەنغۇ ئاڭغىچە ئىدارەمدىكى فىئوناغا بەش قىتىم، قوشنام ئەنتونىغا يەتتە قىتىم سالام قىلىپ بولدۇم.
‏شۇنىڭ بىلەن توپنىڭ ئىسمىنى يەنە ئۆزگەرتىۋەتتىم «ياشانغانلار توپى»غا. بۇ قىتىم سالامغا كەلدى ئەمرۇللا، قاقشاپ قويدى زەينۇرە، «بىز ياش قەيسەر، بىز بار مەيەدە، سادىر ئات چاپتۇرغان غۇلجا جىلىليۈزىدە»!
‏نۇرىمانگۈل ئەۋەتىدۇ توپقا «ئايرىلىش مىنۇتلىرى» دىگەن ناخشىنى، ئەمما ئايايدۇ ئاۋازىنى. ئابدۇرىشىت سۆزلەپ كىتىدۇ تاڭ سەھەردە، قاقشاپ قويىدۇ ئۇمۇ بەزى-بەزىدە.
‏ مەن چىقىپ كەتتىم توپتىم نەچچە رەت، تارتىپ كىرگۈزۈۋالىدۇ مىنى، ئەمما يا گەپ قىلمايدۇ.
‏ئەمدى نىمە دىگۈلۈك ھەقاسىلىرىنى، قىلىقلىرى لازىدەك ئاچچىق، ئەمما كۆڭلى ھەسەلدەك تاتلىق ساۋاقداشلار؟؟؟؟
‏يەنە سالام قىلىشمىسا ئۆزئارا، نىمە دەپ ئۆزگەرتىۋىتەي توپنىڭ ئىسمىنى مەسلەكداشلا؟ ھەقاسىلىرى بى ئەقىل كۆكىتىشمەمسىلەەەپ!!!!:)

-3-

                        
‏پەنت ئشلىتىپ ئۈندىدارغا چىقىرىش...

‏قايسى بىر ساۋاقدىشىم،
‏قۇرۇۋاپتىكەن ساۋاقداشلار توپىنى.
‏سۆزلەپ كەتكەن ئىدى ھەممە بەس-بەستە.
‏توپ قۇرۇلغان دەسلىۋىدە.
‏ۋاقىت ئايرىماي، سورۇن تاللىماي،
‏تاڭ سەھەردە،
‏چۈشتە، كەچتە ھەتتا يىرىم كىچىدە.
‏بىراق،
‏ئوخشاپ قالدى بۇ توپ يىقىندا،
‏ئۈششۈك چۈشكەن گۈلزارلىق باققا.
‏چۈنكى،
‏ھىچكىم سۆزلەي دىمەيدۇ.
‏چاقچاق قىلسام ياكى كۈلەي دىمەيدۇ.
‏بەئەينى ئوخشاپ قالدى،
‏بۇ ئالەمدىن غايىپ بوپ كەتكەن،
‏رەھمەتلىك رەسسام مەمەتجان چۈشكەن،
‏مالايسىيانىڭ ئايرۇپىلانىغا.
‏ئويلىدىم:
‏«باردۇر ئۇلارنىڭ تەڭقىسلىغى»
‏لىكىن،
‏چىداپ بولالمايدىكەنمەن،
‏يىقىنلىرىمنىڭ جىمجىتلىقىغا.
‏ئەنسىرەپ قالىدىكەنمەن،
‏«نىمە بولۇۋاتقاندۇ بۇلارغا»
‏ھەي،
‏مىنىڭمۇ لاغايلاپ يۈرگەن ۋاقتىم يوق،
‏ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ كۆنۈپ قاپتىكەنمەن ئەمدى.
‏سۇغا تاش ئىتىپ سىناپ باققۇم كەلدى،
‏شۇنىڭ بىلەن قوسىغىمغا جىن كىرىپ،
‏توپنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋەتتىم.
‏«88-2 مۇزلار» توپىغا.
‏ۋە دىدىم:
‏«ئىسىت،
‏يۇرتقا كەلگەن 10 كۈنلۈك.
‏كۆرۈشەي دىمىدىڭلار،
‏كىتىمەن ئەتە ئۈرۈمچىدىن بوستونغا»
‏شۇئان،
‏سالاملار ياغدى كەينى -كەينىدىن،
-‏چاقچاق قىلمايۋاتقانسىز؟
‏-چۈشۈڭىزدە قايتىپ كەلدىڭىز؟
‏-قاراپ ئولتۇردۇققۇ يولىڭىزغا.

‏..............

‏ۋاي سىلەرگە رەھمەت !
‏پەرىشتىدەك قىز ساۋاقداشلىرىم.
پەنت ئىشلىتىپ قويدۇمغۇ مانا،
‏تارتىپ چىقىرىش ئۈچۈن ئۈندىدارغا.
‏سايراپ تۇرۇڭلار-مەۋجۇتلۇق بار،
‏قايناپ تۇرۇڭلار-ئۈمىت بار.
‏ماۋۇ سۆزۈمنى كۆرسەڭ سادىقجان،
‏گۈلزاردىن رۇخسەت سوراپ يۈرمەي،
‏قارا دىڭىز بويىدا كۈنگە قاقلىنىۋەرمەي،
‏مۆرەپ قوي، كالا بوپ قالمايسەن.
‏سالام دەپ تۇر ئۇنتۇلۇپ قالمايسەن.
‏ھەي يوقاپ كەتكەن كىرەم گايىت،
‏بولدى سەن 60 نومۇرغىمۇ يارىمىدىڭ،
‏قانچە سەھەر قوپساڭمۇ...
‏دىسەم گەپ تولا، دىمەيلا قوياي،
‏ئەمدى مۇشۇنچىلىك دىسەم بولا
‏توپ ئىسمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالاي...


‏-4-

‏تۇتۇلۇش...

‏********

‏     بۇرناكۈنى بالام بىلەن بىر يەرگە كىتىۋىتىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقۇم كەلدى. گەپ باشلىسام «ھە» لا دەپ قويىدۇ، قولىدىكى تېلىفۇننى ئويناپ ئولتۇرىدۇ. مەن ئۇنىڭغا چوڭلىرىمىزنىڭ ئۇسۇلى بويىچە تەربىيە قىلماق بولۇپ دىدىم:
‏-بالام سەن مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلىمىساڭ، كىيىن سىنىڭ بالاڭمۇ گىپىڭنى ئاڭلىمايدۇ.
‏-ئەمىسە سەن، مىجىتاخۇن دادامنىڭ گىپىنى ئاڭلىماپتىكەنسەن-دە؟ دىدى ئۇ دەرھاللا.
‏تىلىم تۇتۇلغاندەك بولدى.
مەن ئۇنڭغا چۈشەندۈرمەك بولدۇم، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى گەپكە سالالىدىم. لىكىن بالىلارغا ئالدىراپ لوگىكىسىز گەپلەرنى قىلىپ سالماسلىق كىرەكلىگىنىمۇ بىلىپ يەتتىم.


        -5-               

‏ھە كۆرە نان دىگەن مۇشۇ..

‏********************

ئاتۇشتىن جەرۇللا خۇددى مەن ئەينى چاغدا ئۈرۈمچىگە چىققاندىكى خەنزۇچە سەۋىيەدەك ياپون تىلى سەۋىيەسى بىلەن ياپون مەملىكىتىگە ئوقۇشقا بىرىپتۇغۇ بىر چامادانغا لىق نان قاچىلاپ . ئايرۇدۇرۇمدا بىر ياپۇنلۇق تەكشۈرگۈچى ئۇنىڭ چامىدىنىنى ئاچقۇزۇپ دەپتۇ؛
‏これは何(なん)ですか?これはナンです...そううう..
‏(كورېۋا نانى دېسۇكا؟ بۇ نىمە؟)
‏بۇ پاناق بۇرۇن ياپۇنلۇقنىڭ ساقچىدەك تەلەپپۇزدا سوئال سورىشى جەرۇللانىڭ جىنىغا تىگىپتۇ ۋە:
‏-«ھۇ گومۇش گۇي، ھە كۆرەۋال نان دىگەن مۇشۇ!»دەپ چاماداننى يوغان ئىچىۋىتىپتۇ.
‏ھاڭ-تاڭ قاپتۇ ھىلىقى ياپۇنلۇق جەرۇللانىڭ قىلىغىدىن.
‏ئەسلىدە ياپونچىدە «بۇ» دىگەننى «كورې» «نىمە» دىگەننى، «نانى» دەيدۇكەن ئەمەسمااااا لېۋايىدىن قاقاچ، ئايزىم توقاچ!!!


-6-

‏سوغۇق سەھەر، ئوتلۇق بىر سالام...

‏***********************
‏‏سوغۇق چۈشكەن راھەتسىز كۈندە،
‏دوستلۇرۇمغا يالقۇنلۇق سالام.
ئالىمىدە ئىنسانچىلىقنىڭ،
‏ سالامسىزلىق ھەممىدىن يامان.
‏ھىس قىلساڭلار ھارارىتىنى،
‏چىپ-چىپ قىلىپ قويسۇن يۈزۈڭلار.
‏ھاجىتى يوق كۆيۈپ كىتىشنىڭ،
‏مەن خوشالمەن راھەت بولساڭلار...


...-7-

‏*************

1.‏«دىسە گەپ بولىدۇ، دىمىسە دەرت بولىدۇ» دەيدىكەن كىشىلەر. قارىغاندا «دىسە دەرت، دىمىسە مەرت» بولىدىغان زامان ئوخشايدۇ ھازىر.
‏2. «گەپ قىلىشقىمۇ كۈچ كىتىدۇ، ئىنىرگىيە خورايدۇ». بۇمۇ راست ئوخشايدۇ. نەزەر سالساڭ، ئىگىز بويلۇق ئادەملەرنىڭ ئاز گەپ قىلىپ ئىگىز ئەمەسلەرنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىگىنى بايقايسەن.
‏3. «قۇرۇق گەپكە مۈشۈكمۇ ئاپتاپقا چىقمايدۇ». ھۆل گەپنىڭ دەردى بارلىغىنى بىلمەيدۇ-دە نادان باللا!!!
‏4. «يالغان گەپ ئۈچ قىتىم ئايلانسا راستقا ئايلىنىدۇ».
‏-قۇرۇق گەپ! ئەسلى ئاڭلىغۇچىنىڭ كاللىسى ئايلىنىپ كەتكەن گەپ! بولمىسا يالغاننى راست دەپ ئىشىنەمدۇ؟
‏5. گەپ، گەپ ...ئىيتقاننىڭ ھەممىسى گەپ دەپ، بۇ يازغانلىرىممۇ بولدى-دە بىر گەپ! ئۇنداق ئەمەسمۇ يا، ھەشقىپىچەكگۈل، ئۇرايىم تەتۈر داڭقان؟

***********

-8-
                        
‏    ئەگەر بەزىلەر سىنى يامان دىسە، ئۇلارغا ئىرەن قىلما، ئۆزۈڭدىن گۇمانلانما. ئۇلار ياكى سىنى چۈشەنمەي شۇنداق دەيدۇ، ياكى ئۆزىنى چۈشەنمەي شۇنداق دەيدۇ. ئۇلارنىمۇ كۈزۈتۈپ باھالاپ باق. ساڭا باھا بەرگەن ئادەمگە سىنىڭمۇ باھا بىرىش ھوقۇقىڭ بار! ئۇلار بىر-بىرىدىن يامانلامدۇ-يوق؟ ئەگەر يامانلىسا، دىمەك ئەسلى يامان شۇلار. ئەگەر ئۇلار ياخشى بولسا، دىمەك ئۆزۈڭنىڭ كەمچىلىكلىرى ئۈستىدە ئويلانساڭ بولىدۇ.
‏خاتالىقىڭ بولسا بوينۇڭغۈ ئال ھەم تۈزەت. ئەمما باشقىلارنىڭ خاتالىغى ئۈچۈن ئۆزۈڭنى ئەيىپلىسەڭ، سەن روھى قۇل بىرسى!
‏تەنھا قالساڭمۇ مەيلى غۇرۇر ۋە ئىشەنچ بىلەن ياشا، ئوتانباي پااشا!


1

تېما

4

دوست

4174

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   72.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27945
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1346
توردىكى ۋاقتى: 186
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-30
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-3 11:55:34 |ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىپسىز........
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

2096

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21527
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 668
توردىكى ۋاقتى: 158
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-3 13:18:34 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىلار شۇنداق تاتلىق چىقىپتۇ،داۋاملىق يېزىپ تۇرغايسىز،ئادەمىڭ تەپەككۇرۇرىنى  غىدىقلاپ ،ئالى مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىمنى بىرمۇ-بىر ئەسلەتتى.....

ناداندىن زارلاي

0

تېما

1

دوست

1391

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   39.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13165
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 426
توردىكى ۋاقتى: 181
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-4
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-3 16:02:34 |ئايرىم كۆرۈش
بىزنىڭ ساۋاقداشلار توپىمۇ شۇنداق،ئۇ پەقەت ۋاستىلىق تارقىتىش توپىغا ئايلاندى.بەزى ۋاقىتلاردا بەزى ساۋاقداشلار ئەھۋال سورىسىمۇ ئىنكاسسىز قالىدۇ.

2

تېما

5

دوست

1876

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   87.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24276
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 560
توردىكى ۋاقتى: 117
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-19
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-3 16:37:38 |ئايرىم كۆرۈش
شۇنداق ياخشى يىزىپسىز.ھەي توپلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بوپ قالغان ئوخشايدۇ

0

تېما

0

دوست

684

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   36.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16602
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 220
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-3 18:00:05 |ئايرىم كۆرۈش
   ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي كۆپ يازمىلارنى يېزىپسىز قەيسەر ئەپەندىم.قۇراق ئەسەرلاردىن چوڭ بىر يازما ھاسىل بوپتۇ.ئوقۇرمەنلەرگە ئەلبەتتە پايدىسى تىگىدۇ.ۋاقىتتىن پايدىلىنىشتىمۇ دىتىڭىز بار ئىكەن.باشقا ئىشلاردىمۇ شۇندق؛يازمىڭىزغا رەھمەت !

0

تېما

1

دوست

566

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   13.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11108
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 177
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-3 18:04:58 |ئايرىم كۆرۈش
خالىس يوللىغان ۋاقتى  2014-11-3 16:37
شۇنداق ياخشى يىزىپسىز.ھەي توپلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بو ...

بۇ بولىدىغان ئۇسۇل ئىكەن،كاللىدىن كەچكەن پېكىرلەرنى ۋاقتىدا يېزىپ قويۇش، مۆرىتى كەلگەندە ئورتاقلىشىش.  بەزى  ئېسىل كۆرۈنۈشلەرنى ۋاقتىدا سۈرەتكە تارتىۋالساق، ئەينەن ساقلىنىپ قالىدۇ، تەسىراتمۇ شۇنداقمىكىن دەيمەن.  

2

تېما

6

دوست

853

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   70.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28753
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 276
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-3 18:07:36 |ئايرىم كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )