قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 14765|ئىنكاس: 16

يېڭى ئوتتۇرا ئاسىيا ياكى مىللەتلەرنىڭ پەيدا قىلىنىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

203

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   67.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31959
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 64
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-3 20:46:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         1990- يىللاردا مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق مىللىي دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان بۇ مىللەتلەر قانداق مەيدانغا كەلدى؟ ئوتتۇرا ئاسىيادا قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولدى؟ قايسى ئىشلاردا ئۆزگىرىش بولمىدى؟ يېقىن كەلگۈسىدە بۇ دۆلەتلەر پەقەت نېفىت، تەبىئىي گازغا تايىنىپ جان باقىدىغان جۇمھۇرىيەتلەر بولۇپ قالامدۇ ياكى تەقدىرى يەنە باشقىچە بولامدۇ؟ فرانسىيەلىك جەمئىيەتشۇناس، مىللەتشۇناس، تارىخچى ئولىۋېر روي «يېڭى ئوتتۇرا ئاسىيا ياكى مىللەتلەرنىڭ پەيدا قىلىنىشى» ناملىق كىتابىدا بۇ يېڭى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تىل، يېزىق، زېمىن، نوپۇس ۋە ئېتنىك نام جەھەتتىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بارلىققا كەلتۈرگەن بۈيۈك ئىجادىيەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، بۇ تارىخىي ھەقىقەتنى ئايدىڭلاشتۇرمىغىچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھازىرقى مەنزىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىلگىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا توغرۇلۇق ئۇزۇن يىل تەكشۈرۈش، تەتقىقات ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە يازغان بۇ كىتابىدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ 20-ئەسىردىكى ئىجتىمائىي، مەدەنىي، سىياسىي تارىخىنى رۇسلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىشغال قىلىش تارىخىدىن باشلاپ بايان قىلىدۇ؛ چار روسىيە دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنى، رۇسلارنىڭ تۈركىي خەلقلەرنى پان تۇركىست ئېقىمىغا قارشى قانداق بۆلگەنلىكىنى، بولشېۋىك دەۋرىدىن كېيىن بۇ رايونلارنى قانداق قىزىللاشتۇرغانلىقىنى، قىسقىسى، بۇ رايوندىكى ئىسلام ۋە مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.
      بۇ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر كىتاب، ئەمما تولۇق تەرجىمە قىلىپ بولۇشقا كۈچ ۋە ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا دەسلەپكى بۆلۈمىدىن ئازراق بولسىمۇ مۇھىم نۇقتىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ كۆپچىلىككە سۇندۇم.
***********************
   ئوتتۇرا ئەسىردە پارس يوسۇنىدىكى مۇسۇلمانلىشىشتىن كېيىن تىل ۋە جۇغراپىيەلىك تۈركلىشىش ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھازىرقى ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن مۇھىم ئامىلدۇر. 33-بەت
   ئەدەبىي بىر تۈركچە ( يەنى چاغاتايچە¬) رەسمىي تىل سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان پارسچە بىلەن بىرلىكتە مەدەنىيەت، كۈلتۈر تىلى قىلىپ قوللىنىلغان. دىندا سۈننىي مەزھەپ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. 35-بەت
    بۇ مەزگىلدە ئارال ۋە ئۇرال ئارىسىدىكى بوزقىردا چىنگىزخانغا تۇغقان كېلىدىغان ئوبۇلخەيرى (1412|~ 1468) كېيىنكى زامانلاردا نەۋرىسى شەيبانىخان ئىگىلىگەن ماكانلاردا ياشايدىغان قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشقان. قىپچاق تىل گۇرۇپپىسىغا تەۋە بولغان بۇ قەبىلىلەر مۇشۇ جەرياندا بۆلۈنۈپ كەتكەن. بۇلاردىن بىر قىسمى(يەنى قازاقلار) بىرلىشىشنى رەت قىلىپ، بۈگۈنكى قازاقىستان بوز قىرلىرىدا كۆچمەن بولۇپ ياشىغان. باشقىلىرى ئۆزبېك ئاتىلىپ، مەۋەرا ئۇننەھىرنى ئېلىشقا تىرىشقان. ئوبۇلخەيرىنىڭ نەۋرىسى مۇھەممەد شەيبانى 1500- يىلى سەمەرقەندنى ئالغان، نەتىجىدە ئۆزبېكلەر ئۆز ئالدىغا بىر كۈچ بولۇپ شەكىللەنگەن. ھالبۇكى، ئۆزبېك ھۆكۈمدارلىرى تېمۇرنى (تۆمۈرلەڭنى) ئۆرنەك قىلغان بولۇپ، تىلىنى (پارسچىلاشقان، نەتىجىدە ئەسلىدىكى قىپچاقچىسىدىن يىراقلاشقان بىر چاغاتايچە تىلنى)، مەدەنىيەتىنى ۋە دۆلەت شەكلىنى تېمۇردىن قوبۇل قىلغان.
تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ كۆچۈشىنى قىرغىزلار ئەمەلگە ئاشۇرغان. بۇددىسىت ئويراتلار تەرىپىدىن بوز قىرلاردىن قوغلانغان قىرغىزلار بۈگۈن ياشاۋاتقان زېمىنىغا 16- ۋە 17- ئەسىردە ماكانلاشقان.
     پارس ئەنئەنىسىنىڭ مىراسى بولغان دۆلەت تۈزۈلمىسى ئىراندىكى تۇنجى سەلجۇق ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن مەيدانغا كەلگەن. بۇ دۆلەتنىڭ پادىشاھى تۈرك (يەنى ئالىپ ئارسلانخان ياكى مەلىك شاھ)، ۋەزىر بولسا پارس (يەنى نىزامۇل مۈلك: 1092-1018) بولۇپ، بۇ ۋەزىر دىنىي ئەنئەنە ۋە شەرىئەتنى قوغدايدىغان، قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئەرەبچە، پارسچە ئوقۇيدىغان ئۇلىمالارنى يېتىشتۈرىدىغان مەدرىسە سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. 36
    دۆلەت ۋە مىللەتنى شىئە مەزھىپىگە تاياندۇرۇپ قويغان، 1501-يىلدىن 1727-يىلغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان سەفەۋى خاندانلىقىنىڭ ئىراننى ئىگىلىشى، مەۋەرا ئۇننەھىرنىڭ رۇسلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغىچە ئۆزبېكلەر تەرىپىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىنىشى، ئۆزبېكلەر ئىستېلاسى نەتىجىسىدە ئاتا ماكانىدىن ئايرىلغان بابۇرخاننىڭ 1526-يىلى يېڭى دېھلىنى بېسىۋېلىپ موغۇل ئىمپېراتورلۇقىنى قۇرۇشى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۈچ قۇتۇپقا بۆلۈنۈشىگە زور تەسىر كۆرسەتتى. بۇ ئۈچ قۇتۇپ ئارىسىدىكى ئافغانىستان ئارىسالدى دۆلەتكە ئايلاندى.
    ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىپلا تېمۇرلەڭنى دۆلەت ئاتىسى دەپ جاكارلىدى.ئۆزبېكلەرنىڭ جەنۇبقا كېڭەيمىچىلىك قىلىش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان رۇسلار بىلەن بۈيۈك ئويۇن ئىچىگە كىرگەن ئەنگىلىيەلىكلەر 1857~1947 يىللىرى ئارىسىدا موغۇل ئىمپېراتورلۇقىنىڭ ئورنىنى ئالدى.
     19-ئەسىردىكى رۇسىيە- ئەنگىلىيە رىقابىتى ھىندىستان يولىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا خرىستىئان روسىيە بىلەن شىئە ئىران ئوتتۇرىسىدا سىقىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا سەر خىللىرى پانتۇركىزم بىلەن ئىسلامىي كىملىكنى (مۇسۇلمانلىقنى) سىياسىي، ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئۈچۈن بىر يول، ۋاسىتە سۈپىتىدە كۆردى. ئەمما ئوسمانلى سۇلتانلىقىغا تۇيۇلغان بۇ يېقىنلىق تولىمۇ كېچىككەنىدى: يېڭى قۇرۇلغان كامالىست تۈركىيە 1921-يىلدىن كېيىن مىللىي دۆلەت باسقۇچىغا ئۆتۈش ئۈچۈن مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ مەركىزى بولۇش غايىسىدىن ۋاز كەچتى. 37
    تۈركىيە بىلەن ئىراننى ئايرىپ تۇرغان تام (يەنى ھەر ئىككىسىنىڭ قوغدىنىش تېمى) ئىران ئىنقىلاۋى بىلەن لائىك(دىن بىلەن ھاكىمىيەت ئايرىۋېتىلگەن)تۈركىيەنىڭ نېمىشقا ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەقىقىي تەسىر پەيدا قىلالمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.پامىرلىقلار شىئە ئەمەس، تاجىكمۇ ئەمەس، ئىسمائىلىيە پىرقىسىگە تەۋە بولۇپ، شەرقىي ئىران لەھجىسىدە سۆزلىشىدۇ. 38
    ئىران، ئۆزبېك، موغۇل خاندانلىرىنىڭ ساراي تىلى، مەدەنىيەت تىلى پارسچە ئىدى، ھۆكۈمدارلىرى تۈرك نەسىللىك ئىدى. ئىراندا ئاۋۋال سافەۋىلەر، ئاندىن كاچارلار، ھىندىستاندا موغۇللار، ماۋەرائۇننەھىر (بۇخارا، خىۋە، قوقەند) دە ئۆزبېكلەر خانلىق قۇرغانىدى. ۋىكسمان ئۆزبېكلەرنىڭ بۈگۈن ئاز دېگەندە ئۈچ گۇرۇپپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: بىرىنچىسى، سارتلار (كۆپىنچىسى پارس نەسىللىك، قەبىلەلەشمىگەن يەرلىك خەلق)؛ ئىككىنچىسى، چاغاتاي تۈركچىسىدە سۆزلىشىدىغان، تېمۇردىن ئاۋۋالقى مەزگىلدە ماكانلاشقان تۈركىي تىللىق خەلق، ( قارلۇق، بارلاس، قارائالتاي...)لارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تۈركىيلەر؛ ئۈچىنچىسى، قىپچاقلار (قىپچاق، كوڭرات، مازگىت، كۇراما...ۋاھاكازالار) 47
تۈركىي گۇرۇپ ( مېنىڭچە، كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلار بولۇشى مۇمكىن -- ت) سىياسىي سەۋەب تۈپەيلىدىن ئوتتۇزىنچى يىللاردىكى نوپۇس تەكشۈرۈش جەريانىدا "ئۆزبېك" دەپ ئاتىلىپ قالغان.
     ھەيدەر ئەلى نامىدىكى بىر قىسىم ئۆزبېكلەر  1924-يىلدىكى يەر بۆلۈپ بېرىش ئەسناسىدا تۈركمەنىستاندىكى بەرىكەتلىك ماكانىدىن ئايرىلماسلىق ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن "تۈركمەن" بولۇشقا رازى بولغان.سوۋېتلاشتۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگىچە سارتلار دېگەن بۇ سۆز تۈركىي خەلقلەر ياكى تاجىكلارنىڭ قايسى لەھجىدە سۆزلىشىشىدىن قەتئىينەزەر، مەۋەرا ئۇننەھىردىكى قەبىلىلەشمىگەن يەرلىك خەلقنى (يېزىلىقلارنى) ئاتاش ئۈچۈن قوللىنىلاتتى؛ ھەقىقەتەن، سارتلار ئوخشاش مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي ماكاندىن ئورتاق بەھرىمەن بولاتتى. 48
    لېنىننىڭ «قىرغىز» دېگىنى قازاقلارنى، «سارت» دېگىنى ئۆزبېك ياكى تاجىكلارنى كۆرسىتەتتى.«قازاق» دېگەن نام بىر ئېتنىك مىللەتنى ئەمەس، سىياسىي تاللاشنى ئىپادىلەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزبېك ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ، كۆچمەن بولۇپ ياشاش ئۇسۇلىنى تاللىۋالغانىدى.
     تۈركمەنلەر بولسا ھېچقاچان بىر خەلق ياكى مىللەت سۈپىتىدە شەكىللەنمىگەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، ئوغۇز تىلى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇقىم ماكانلاشمىغان، بەلكى قەبىلىلەشكەن ۋە كۆچمەن خەلق سۈپىتىدە قالغان قىسمىنى تەشكىل قىلاتتى. شۇڭا تۈركىيە بىلەن ئىراقتا ھازىرمۇ تۈركىيە تۈركچىسىدە سۆزلىشىدىغان تۈركمەنلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇنداق نام بېرىش (يەنى تۈركمەن دەپ ئاتاش) تىل ئالاھىدىلىكىنى ئەمەس، ئۇزۇن زامان داۋاملاشقان بىر ياشاش ئۇسۇلىنى (قەبىلىۋازلىق ۋە كۆچمەنلىك)نى كۆرسىتىدۇ.
      «تاجىك» سۆزى بولسا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پارسچە سۆزلىشىدىغان سۈننىي مەزھەپ مۇسۇلمانلىرىنىڭ كونا ئاتىلىشىدۇر. ئۆزبېك تىلىنىلا ئۆز تىلى قىلغان كونا تاجىكلار ھەرگىز ئۆزى ھەم باشقىلار تەرىپىدىن تاجىك دەپ ئاتالمايدۇ. 49
     «ئازەرى» ئۇقۇمى 1920-يىللاردىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ چاغقىچە ئەزەربەيجان تامامەن جۇغراپىيەلىك بىر چۈشەنچە ئىدى. 1924-يىلدىن ئاۋۋال رۇسلار ئازەرى ۋە تاتارلارنى «تۈرك» ياكى «مۇسۇلمان» دەپ ئاتايتتى. ئەزەربەيجاننىڭ ئىسلاھاتچى رەھبەرلىرى 1914-يىلدىن ئاۋۋال ئۆزلىرىنىڭ تۈركلىكى ۋە مۇسۇلمانلىقىنى تەكىتلەيتتى. ئەزەربەيجاننىڭ بۈيۈك يازغۇچىلىرىدىن مىرزا فەتىھ ئەلىئاخۇنزادە (1812~1878) تىياتىر ئەسەرلىرىنى يەرلىك تىلدا يېزىپ، ئاددىي ۋە قولايلىق ئەرەب ئېلىپبەسىنى ئىشلەتكىنىدە ئۆزىنى پارس دەيتتى. قوللانغان تىلىنى ئازەرى تىلى ئەمەس، «تۈرك تىلى» دەپ ئاتايتتى. كاۋكاز فىدىراتسىيونى (ئىتتىپاقى) يىقىلغاندىن كېيىن ئەزەربەيجاننىڭ 1919-يىلى قىسقا مۇددەتلىك مۇستەقىل بولۇشى رەسۇلزادەگە ئوخشاش سىياسىي رەھبەرلەرنى «ئەزەربەيجان مىللىتى» ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا مەجبۇرلىدى. ئەمما بۇ يەردىكى ئۇقۇم سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئىجاد قىلىنغان «ئازەرى مىللىتى» ئۇقۇمى ئەمەس ئىدى. 49
     ئۆزبېك خانلىرى 1822~1845- يىللىرى ئارىسىدا رۇسلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلدى، ئەمما قازاق ئاقسۆڭەكلىرى ئۆز ئورنىنى ساقلاپ كەلدى. 56
17- ۋە 19-ئەسىر ئارىسىدا ئاۋستىرىيە، ۋېنگىرىيەدە ئوسمانلى سۇلتانلىقىدىن ئېلىنغان زېمىنلار دەرھال خىرىستىيانلاشتۇرۇلدى، تۈرك تىللىق مۇسۇلمانلار توپ-توپ بولۇپ تۈركىيەگە چېكىندى، ئۇ رايوندا پەقەت مۇسۇلمانلاشتۇرۇلغان يەرلىك خەلق قالدى (بوسنىۋالىقلار ۋە ئالبانىيەلىكلەر). 59
قازاقلار 1715-يىلدىن كېيىن جۇڭغارىيەدىن كەلگەن ئىشغالىيەتچى ئويراتلارغا قارشى رۇسلاردىن ياردەم تەلەپ قىلدى. 1731-يىلى كىچىك ئوردا رەئىسى ئەبۇلخەيرى چار پادىشاھقا بېقىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، كېيىن ئوتتۇرا ئوردا ۋە چوڭ ئوردانىڭ بىر قىسمىمۇ چارروسىيەگە بېقىندى (1742-يىل).
     1801- يىل گۈرجىستان، 1828-يىل ئەرمەنىستان (ئىراندا ئىمزالانغان تۈركمەنچاي كېلىشىمىدىن كېيىن) رۇس زېمىنىغا قېتىلدى. رۇسلارنىڭ تاغلىق قەبىلە بىلەن بولغان ئۇرۇشى ئۇزاق ھەم پاجىىئەلىك بولدى، ئۇرۇشتىن كېيىن نۇرغۇن شىمالىي كاۋكازلىق تۈركلەر ئۆزلۈكىدىن ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىغا كۆچمەن بولدى. 60
     ياۋروپادىكى چوڭ كۈچلەرنىڭ ھېچقايسىسى رۇسلارنىڭ ئىستانبۇلنى ئىگىلۋېلىشىنى خالىمايتتى. 61
    1878~ 1924 - يىللىرى ئارىسىدا رۇس ئىمپېراتورلۇقىدا ياشىغان مۇسۇلمانلار رۇس جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇشنىڭ تايانچ نۇقتىسى ئىراندا ئەمەس، ئوسمانلى سۇلتانلىقىدا دەپ تونۇيتتى؛ دىن ۋە تىل ئورتاقلىقى ئۇلارنىڭ كاللىسىدىكى بۇ پىكىرنى قۇۋۋەتلەيتتى.
    ئىسلام ھەر زامان رۇسلارنىڭ نەزەرىدىن چەتتە قالمىغان. 980-يىللاردا رۇسلار خرىستىيان (پروتېستانت)، تاتارلار مۇسۇلمان بولغان. 1237-يىل موڭغۇل ئىستېلاسى مۇسۇلمان تاتارلار بىلەن بۇتپەرەس ياكى خرىستىئان موڭغۇللارنىڭ ئارىلىشىشىغا، دىن ۋە تىل جەھەتتە تاتارلار بەكرەك كۈچلۈك بولغان ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولغان.
    ئالتۇن ئوردا خانلىقى ھازىرقى روسىيەنىڭ مەركىزىدە، ۋولگا دەرياسى ھاۋزىسىدىكى قازان شەھىرى ئەتراپىدا قۇرۇلغان. قۇرۇلغان ۋاقتى بىلەن 1480-يىللار ئارىسىدا ئون رۇس بەگلىكىدىن توققۇزى ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ۋاسسال (بېقىندى) ھالىتىگە كەلگەنىدى، بۇ كۈچ تەڭپۇڭلۇقى 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئەكسىگە تەرەققىي قىلدى. رۇسلار 1552-يىلى قازاننى ئېلىپ، ھاكىمىيەت قۇردى. بۇ ئۈستۈنلۈك 1991-يىلدىكى مۇستەقىللىق ئېلانلىرىدىن كېيىن مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىق دۆلەتلەردىكى رۇسلارنىڭ ئاز سانلىققا ئايلىنىشىغا قەدەر داۋام قىلدى. 62
    چار پادىشاھنىڭ تۇنجى يىللىرىدا رۇسلار تاتارلارنى دۆلەت ئىشلىرىغا قاتناشتۇرغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ خرىستىيان دىنىغا كىرىشىنى شەرت قىلدى، ئەمما بۇ ئاسمىلاتسىيە سىياسىتى ئەمەس ئىدى؛ ئەگەر مۇسۇلمانلار خرىستىيان بولسا يەنىلا مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قالالايتتى، ئۆز تىلىدا پاراڭلىشالايتتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرالايتتى. ئىنجىل تاتار تىلىغا تەرجىمە قىلىندى، 1803-يىلى تاتارچە بىر دىنىي كىتاب يېزىلدى. 1762-يىلدىن 1796-يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان چار پادىشاھ كاتىرىنا ئىسلام بىلەن ھەمكارلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويدى، مۇسۇلمانلارغا بىر تارىخىي كېلىشىم سۇندى: بېقىندى بولىسەن، ئەمما ئورنىڭ بولىدۇ.
     بۇ سىياسەت ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى: «مۇقەددەس سىنور مەجلىسى»دە باشقا دىنلارنى ھۆرمەتلەش قارار قىلىندى (1773-يىلى)؛ ئاۋۋال ئورىنبۇرگ، ئاندىن ئۇفادا (بىر تاتار باشلىق بولغان) رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇلدى؛ مەككىگە ھەجگە بارىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيالىق مۇسۇلمانلارنىڭ شىئەلەر ئىگىلىۋالغان ئىراندىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن باشقا يەردىن ئۆتۈش ھەققى بېرىلدى؛ تاتار موللىلىرى قازاقلارنى ئىمانغا كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈلدى، قۇرئان ئوقۇتىدىغان مەكتەپ-مەدرىسەلەر يېڭىدىن ئېچىلدى. ھەتتا چار پادىشاھ بۇخارادا ئۆز پۇلى بىلەن بىر مەدرىسە قۇرغان دېگەن گەپلەر بار. نەتىجىدە تاتار موللىلىرى چاررۇسىيەنىڭ قوللىشى بىلەن ئاكتىپ رول ئويناپ، ئەسلىدىنلا دىنىي نوپۇزغا ئىگە بۇخارا موللىلىرىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. 63
    شۇغىنىسى تاتار موللىلىرى ئىسلاھاتچى، غەربكە مايىل، پان ئىسلامىي بىر ئېقىمنىڭ تەرەپدارلىرى بولغاچقا 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە چار پادىشاھمۇ، بۇخارا ئەمىرىمۇ ئۇلارنى چەكلىمەكچى بولدى.چار پادىشاھ نىكۇلاي (1855~1825) زامانىغا كەلگەندە ئىسلامغا كەڭچىلىك قىلىنمىدى، ئەمما مۇپتىلىق قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلار ساقلاپ قېلىندى. 1802-يىلى قازاندا بىر مۇسۇلمانلار باسمىخانىسى قۇرۇلدى. 64
      چار پادىشاھ ئالېكساندىرا 1816- يىلى چار روسىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ناپالىئون بىلەن ئۇرۇشقاندا ئۆلگەن تاتار، باشقىرت مۇسۇلمانلىرىغا ئاتاپ مۇسكۋادا تۇنجى جامەنى سالدۇردى. تاتارچە، رۇسچە بىلەن بىللە بوزقىرلار ۋالىيلىقى رايونىنىڭ رەسمىي ھۆكۈمەت تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلدى.
ئەڭ ئاخىردا سىتالىننىڭ مىللەتلەر سىياسىتى سۇلتان غالىيېۋنىڭ ئۈممەت ئۇقۇمىنى ئەلمانىيلاشتۇرۇش (دىننى ھاكىمىيەتتىن ئايرىۋېتىش) ئۇرۇنۇشىنى يوقىتىپ تاشلىدى.
     رۇسلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىشغالىيىتى 1854-يىلدىكى قىرىم مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن باشلانغان بولۇپ، 1860يىلى بىشكەكنى، 1864-يىلى چىمكەنتنى، 1865-يىلى تاشكەنتنى بېسىۋالدى، 1868-يىلى بۇخارا ئەمىرىنىڭ قولىدىكى سەمەرقەندنى ئىگىلىدى، ئەمىر بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، شەرقىي بۇخارا (سەمەرقەندتىن پامىرغىچە)نىڭ پۈتۈن زېمىنىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالدى. 65
     مۇستەملىكىچى ئىنگىلزلار بىلەن رۇسلارنىڭ ئارىسىدا قالغان ئافغانىستان tampon(كاۋاكنى تولدۇرغۇچى) دۆلەت سۈپىتىدە چېگرىسى بەلگىلەندى، نەتىجىدە كابۇل ئەمىرىگە رۇسىيە، ھىندىستان ۋە جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، (تاجىك) ئىسمائىلىيەلەر بىلەن قىرغىزلار ياشايدىغان ۋادىلاردىن تەشكىل تاپقان ۋاخان كارىدورىمۇ قوشۇپ بېرىلدى. 66
     يۇقىرىقى ماكانلارنى باشقۇرۇش ئۈچۈن رۇسلار 1867- يىلى گېنرال كائوفمان رەھبەرلىكىدە تۈركمەنىستان ۋىلايىتىنى قۇردى. بوزقىرلار ۋالىيلىقىدا رۇسلار كۆچمەن قازاقلارغا قارشى يەرلەشتۈرۈش سىياسىتى يۈرگۈزدى. رۇس ئەمەلدارلار ئەنئەنىۋى قەبىلە تۈزۈمىنى بۇزۇشقا ۋە قازاقلارنى مۇمكىنقەدەر بىۋاسىتە باشقۇرۇشقا تىرىشتى. بۇ ئەھۋالدا مەسچىت سېلىشقا چەك قويماقچى بولدى، مۇشۇ ۋاققىچە ئۆزلىرى قوللاپ كەلگەن تاتار ۋائىزلىرىنى چەكلەشكە تىرىشتى، ھەتتا ئۇلارنى خرسىتىيان بولۇشقا، ئىسلامغا قارشى چىقىشقا زورلىدى. بۇ سىياسەت ئەكسىچە ئىسلامنىڭ كېڭىيىشىگە، زېمىن، كۆچمەنلىك ۋە ئاپتونومىيە ھەۋىسىنىڭ كۈچىيىشىگە، ئىسيانلارنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولدى. 67
     1898-يىل ئەنجاندا رۇسلارغا قارشى بىر نەقشىبەندى شەيخىنىڭ (مۇھەممەد ئەلى) رەھبەرلىكىدە ئىسلام ئەسلىيەتچى ئېقىم (fundamentalist) ئىسيانى چىقتى. بۇ ئارىدا جەدىتچىلەر (مۇسۇلمان ئىسلاھاتچىلار) رۇسلارنىڭ زامانىۋىلىشىش ئىشلىرىغا ئېتىراز بىلدۈرمىگەن بىلەن، چاررۇسىيە تۈزۈمىنىڭ ھاكىممۇتلەقلىكىنى تەنقىدلەشكە باشلىدى.
     رۇس ئىمپېراتورلۇقى ئىچىدە تاتارلار رەھبەرلىك قىلغان مۇسۇلمانلار ئىسلاھات ھەرىكىتى ئوتتۇرا ئاسىيادا پەقەت ئاز ساندىكى زىيالىيلار ئارىسىدا تارقالدى ۋە ئىككى تەسىر كۈچنىڭ---- ئەنئەنىۋى مۇسۇلمانلار(يەنى قەدىمچىلەر) بىلەن چاررۇسىيە سىستېمىسىنىڭ ئارىسىدا قالدى.
رۇسىيەدىكى مۇسۇلمان ئىسلاھاتچىلار ئىككى تاتار ئۇلىماسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ: ئەبۇل ناسىر كۇرساۋى (1814----1783)، شاھابىدىن مارجانى (1889---1818).
     قازان ۋە قىرىم تاتارلىرى جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىلىرى ئىدى، ئۇ ئەڭ ئاۋۋال رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەربىيەلەشنى، رۇسىيە ئىمپېراتورلۇقىدا ئۆز كىملىكلەرى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى بىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر مەدەنىيەت ھەرىكىتى ئىدى. ئۇنىڭ يادروسى مەكتەپ ۋە باسمىخانا بولدى. 1883-يىلى قۇرغان «تەرجىمان» ھەپتىلىك گېزىتى بىلەن پۈتۈن رۇس ئىمپېراتورلۇقىدا ئاۋازىنى ئاڭلاتقان ئىسمائىل غاسپىرالى بۇ ھەرىكەتنىڭ يارقىن سىماسىدۇر. گېزىتتىكى ماقالىلەر تۈركىي تىللارنىڭ پەرقىدىن ھالقىيالايدىغان (ياكى پەرقىنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرگەن) بىر ئاز ياسالما تۈركچە ۋە ئەرەب ئېلپبەسى بىلەن يېزىلدى. غاسپىرالى تاتارلار ئارىسىدا كېڭەيگەن، قازاقىستان ۋە ماۋەرائۇننەھىرنىڭ جاي-جايلىرىدا ئۇچراتقىلى بولىدىغان بىر يېڭىچە مەكتەپلەر تورى ھاسىل قىلدى. 1916-يىلى رۇسىيە ئىمېراتورلۇقىدىكى جەدىدچىلىك مەكتىپى 5000 غا يەتتى. 1897-يىلدىكى نوپۇس ئىستاتىستىكىسىغا كۆرە، تاتارلارنىڭ ساۋاتلىق بولۇش نىسبىتىنىڭ 20.4 پىرسەنت، رۇسلارنىڭ بولسا 18.3 پىرسەنت بولۇشى، بۇ ھەرىكەتنىڭ نەقەدەر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
    ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ئىسلاھات ھەرىكىتىنى سىياسىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش تىرىشچانلىقى مائارىپ ئىشلىرىغا باققاندا نەتىجىسىز بولدى. 1905-يىلى بىرىنچى دۇما(مەجلىس) سايلىمىدا مۇسۇلمان سەر خىللىرى ۋەكىل خاراكتېرلىك ئورتاق بىر سىياسىي كۈچ ھاسىل قىلىشقا تىرىشتى. 1905-يىلى نوۋگوردتا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى بىرىنچى قۇرۇلتىيى تاتارلار باش بولغان، رۇسىيە دېموكراتلار پارتىيەسىگە يېقىن تۇرىدىغان "ئىتتىپاق ھەرىكىتى" نى تەشكىللىدى. ئەمما تۆت قېتىملىق دۇمادا مۇسۇلمانلار بىر سىياسىي كۈچ بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى، 1918- يىل بىلەن 1923-يىل ئارىسىدىكى بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئىچىدە، 1990-، 1991-يىللىرىدىكى گورباچېۋنىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھات دەۋرىدىكى سايلاملاردا بۇ مەغلۇبىيەت تەكرارلاندى. 70
     "مىللەت" بىر دۆلەتنى ئەمەس، بىر جامائەت توپى ۋە ماكاننى كۆرسىتىدىغان ئۇقۇم ئىدى. رۇسىيە ئىمپېراتورلۇقىدىكى ئىسلاھاتچى مۇسۇلمانلار بۇ نۇقتىدىن ھەرىكەت قىلاتتى، ھازىرقى ئۇقۇمى بويىچە (بىر زېمىن ۋە دۆلەتكە تايىنىدىغان) مۇستەقىللىق تەلىپى يوق ئىدى. ئىسمائىل غاسپىرالىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلاھاتنى باشتىن كەچۈرگەن رۇس ئىمپېراتورلۇقى ئىچىدە ياشايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. بۇ تەلەپ 1917-يىلى 5-ئايدا مۇسكۋادا ئېچىلغان رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قۇرۇلتاي نەتىجىسىدە بىر "مىللىي شۇرا (مەسلىھەت كېڭىشى)" قۇرۇلدى؛ ھالبۇكى بۇ يەردە "مىللىي" سۆزى "جامائەتچى" دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرەتتى. زېمىنغا باغلىق بولمىغان مۇسۇلمانلار مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش يولىدىكى بۇ تەلەپ ئىمپېراتورلۇق تۈزۈلمىسىگە تامامەن ئۇيغۇن ئىدى (يەنى "ئۆز زېمىنىمىز، ئۆز دۆلىتىمىز بولمىسىمۇ مەيلى، بىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىزنى ئېتىراپ قىل" دەيدىغان بۇ تەلەپ رۇسلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىدى). ئەمما بۇ تەلەپ تۈنۈگۈن ھەم بۈگۈن رۇسىيەدىن بۆلۈنۈپ چىقىش پىلانى يوق تاتارلادىن كەلمەكتە ئىدى. ئازەرىلەر بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار بولسا ڧىدراسيون توغرۇلۇق گەپ قىلاتتى. ھالبۇكى بۇ تەلەپ-ئىستەكلەرنىڭ مۇستەقىل مىللىي دۆلەت قۇرۇش بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئىدى. 71
     1914-يىللاردىن بۇرۇن ئەزەربەيجاندىكى زىيالىيلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنى ئازەرى ئەمەس، تۈرك دەپ بىلەتتى. يازغۇچى ئاخۇنزادىگە ئوخشاش زىيالىيلار يەرلىك تۈركچىنىڭ ئورنىغا ئوسمانلى تۈركچىسىنى قوللىناتتى؛ 1905-يىللاردا خەلقنى "تۈركلەشتۈرۈش، مۇسۇلمانلاشتۇرۇش، ياۋروپالاشتۇرۇش" شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھۈسەيىنزادە (1921-1864) بۇلاردىن بىرى ئىدى. 1912-يىلى قۇرۇلغان ئەزەربەيجان مۇساۋات پارتىيەسى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىشىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ، 1918-يىلغىچە مۇستەقىللىق، ھەتتا ئەزەربەيجان مىللىتى توغرۇلۇق سۆزلەشنى رەت قىلدى.
    ماۋەرا ئۇننەھىردە جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان قىسقا مۇددەتلىك قوقەند مۇسۇلمان ھۆكۈمىتى (1919.1-1918.11) مۇستەقىللىقنى ئەمەس، ئاپتونومىيە تەلەپ قىلدى. مۇستاپا چوقاي دەيدىغان بىر قازاق ھۆكۈمەت بېشىغا چىقىرىلدى. بۇ شۇ چاغدىكى ۋەزىيەتنىڭ مىللەتچىلىكتىن نەقەدەر يىراق (ئۈممەتچىلىككە نەقەدەر يېقىن) ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 72
     بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىنگىلىزلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئەرەب مىللەتچىلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ياش تۈرك(ئىسلاھاتچى تۈرك) ۋارىسلىرىنىڭ بارا-بارا ئوسمانلى خىلاپەتىدىن تۈرك مىللەتچىلىكىگە ئېغىپ كېتىشى ئوتتۇرا شەرقتە "تۈركچىلىك" بىلەن ئىسلامنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولدى. ياش تۈركلەردىن باشلانغان ئېغىش تاكى ئاتاتۈركنىڭ لائىك (دىن بىلەن ھاكىمىيەت ئايرىۋېتىلگەن) ۋە مىللەتچى سىياسىتىگىچە، 1924-يىلى خەلىپىلىكنىڭ ئەمەلدىن قېلىشىغىچە داۋاملاشتى.
    ئىستانبۇلدا شەكىللەنگەن بۇ لائىك پانتۇركىزم رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى. ئەزەربەيجاندا بولسا بۇنىڭغا قارشى ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكى ھەرىكىتى مەيدانغا كەلدى.
    1917-يىلى قۇرۇلغان ئەسلىيەتچى تەشكىلاتقا "رۇسىيەدە مۇسۇلمانلىق" دەيدىغان مەنىدار ئىسىم قويۇلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، رۇسىيەدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنى شەرىئەت ئاستىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىدى. ئەزەربەيجاندا 1990-يىلى قۇرۇلغان ئىسلامىي پارتىيە-- "تۇغۇلۇش پارتىيەسى"نىڭ مەقسىتىمۇ مانا شۇ.شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىكى پانتۇركىزم 1924-يىلىغا قەدەر پان ئىسلامىزمنىڭ بىر شاخچىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. 73
    1924-يىلدىن بۇرۇن پانتۇركىزم بىلەن پان ئىسلامىزمنىڭ ئۈچىنچى بىر قىسمى- مۇستەملىكىچىلىككە قارشى "ئانتى جاھانگىرلىك" ئىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ئىدىيەسىدىن بولشېۋىكلار ياخشى پايدىلاندى. كۆپلىگەن جەدىدچىلەرنىڭ بۇ پارتىيەگە قېتىلىپ كېتىشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر. 74
    رۇسلار پانتۇركىزم بىلەن پان ئىسلامىزمنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مىللەتچىلىكنى تەرغىپ قىلىپ، تۈركىي مىللەتلەرنى ئايرىپ باشقۇرۇش يولىغا ماڭدى، سىتالىنمۇ شۇنداق قىلدى.رۇسىيەدە مۇسۇلمانلار رايونىدىكى ھەقىقىي مۇستەقىللىق 1918-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەزەربەيجاندا جاكارلاندى. پايتەخت گەنجە بولدى، بۇ دۆلەتنىلا ئەمەس، ئازەر مىللىتىنى تونۇتۇش ئۈچۈن قوللىنىلغان بىر ۋاسىتە بولدى.
     1918-يىلدىن 1937-يىلغىچە داۋاملاشقان باسمىچىلار ئىسيانى ھەر مىللەت (تاجىك، ئۆزبېك، قىرغىز، تۈركمەنلەر) ئۆزلىرىگە تەرەپدار توپلىغان ئىسياندۇر. بۇلار بولشېۋىكلارغا قارشى چىقتى، رەھبەرلىرى ئىچىدە موللىلار (مەسىلەن، پەرغانىدىكى ھال خوجا)، ۋىجدانلىق قاراقچىلار (مەسىلەن، پەرغانىدىكى ئىرگەش)، جەدىتچىلەردىن زەكى ۋەلى تۇغان، ھەتتا ئەنۋەر پاشادەك تۈرك قوماندانلىرى بار ئىدى. سىرتتىن كەلگەن زەكى ۋەلى تۇغان بىلەن ئەنۋەر پاشادىن باشقىلىرى ئەسلىيەتچى ئىسلام يولىنى تۇتتى ھەمدە مۇستەقىل ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشتەك مىللىي پىلانى بولمىدى. ئۇلار چېچىلاڭغۇ پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلدى، قۇدرەتلىك ئىسلام قوشۇنى بولالمىدى. بۇ ئەسلىدە ئېنىق پىلانى يوق قارشىلىق كۆرسىتىش توپىلىڭى ئىدى. بەزىلىرى بىر-بىرىگە بويسۇنماسلىق، ئۆز ھۇقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن بولشېۋىكلارغا قېتىلىپ كەتتى.
     جەدىتچىلەر تۈركمەنىستاندا ھېچ مەۋجۇت بولۇپ باقمىغان بولۇپ، تۈركمەن قەبىلىلىرى ئىسلام ئۈچۈن ئەمەس، قەبىلە تۈزۈمىنى قوغدش ئۈچۈن ئىسيان كۆتۈرگەنىدى. 83
(ئولىۋېر روينىڭ تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان مەزكۇر كىتابىنىڭ باش قىسمىدىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى)

6

تېما

1

دوست

2210

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4572
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 249
تۆھپە : 511
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-4 00:50:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەقدىرىمىز كاجمۇ ياكى ئۆزىمىز كاجمۇ، بىلمىدىم.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

4

تېما

3

دوست

2603

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9364
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 197
تۆھپە : 681
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-4 02:06:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن تەرجىمە قىلىشقا لايىق كىتابتەك قىلىدۇ ، بولسا بالدۇر تەرجىمە قىلىنىپ كىتابخانلىرىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشسە .

0

تېما

0

دوست

1041

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   4.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30440
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 318
توردىكى ۋاقتى: 82
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-4 05:21:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەقدىرىمىز كاجمۇ ياكى ئۆزىمىز كاجمۇ، بىلمىدىم.

ئۇزىمىز كاج .

6

تېما

2

دوست

2826

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4209
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 81
تۆھپە : 835
توردىكى ۋاقتى: 318
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-4 12:41:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوزقىر تورى ئەسلىگە كەپتۇ.....نورمال ئىچىلدى...

0

تېما

1

دوست

3658

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31660
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1072
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-4 13:48:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزدە بۇكىتاپنىڭ تۈركچىسى باركەندە؟

1

تېما

2

دوست

1926

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   92.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22881
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 608
توردىكى ۋاقتى: 434
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-4 18:01:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
b@bur يوللىغان ۋاقتى  2014-11-4 12:41
بوزقىر تورى ئەسلىگە كەپتۇ.....نورمال ئىچىلدى...

ۋاقتىڭىز يەتسەتور ئادىرسىنى يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن،ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم

6

تېما

2

دوست

2826

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4209
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 81
تۆھپە : 835
توردىكى ۋاقتى: 318
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-4 18:03:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tamkin0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-4 18:01
ۋاقتىڭىز يەتسەتور ئادىرسىنى يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز ب ...

http://bbs.bozqir.net/forum.php
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )