ئابدۇقادىر جالالىدىن، زۇلپىقار بارات، ئادىل تۇنىيازلار بىلكۈچتە
ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر
شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇپخانىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى 2 – نويابىر ئۈرۈمچى رۇيدا سارىيىنىڭ 12 – قەۋىتىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىرافىسسورى، داڭلىق ئەدەبىياتشۇناس، شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىن،شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تەڭرىتاغ ئالىمى، جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى زۇلپىقار بارات ئۆزباش، داڭلىق شائىر ئادىل تۇنىياز، ئاتاقلىق ئەدىبە نەزىرە مۇھەممەد سالىھ، شىنجاڭ كىنو – تېلېۋىزىيە تەرجىمە مەركىزىنىڭ ئاتاقلىق ئاۋاز ئارتىسى ئابدۇقېيۇم ئىمىن، پىشقەدەم يازغۇچى يۇنۇس ئىلياس ئىدىقۇتلۇق، قارلۇق شىركىتىنىڭ بەرپاچىسى سىراجىدىن قارلۇق، ئېرپان شىركىتىنىڭ داڭلىق ئىنگىلىز تىلى مۇتەخەسىسى ئىلھام ئېرپان، جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئىلمىي جەمئىيتىدىن ماگىستېر ئاسپىرانت، تەتقىقاتچى قۇربانجان ئابدۇقادىر، ئۆزتۈرۈك خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تاھىر ئىمىن، شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى، ياش قەلەمكەش ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر قاتارلىقلار قاتناشتى. مۇراسىمغا سابىق «بىر كىتاب بىر ئالەم» پىروگراممىسىنىڭ ئاتاقلىق رىياسەتچىسى كۆرەش بارات رىياسەتچىلىك قىلدى.
بۇ پائالىيەت شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇپخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، مالايسىيادا ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزگەن ئىرادىلىك ياش ئابلاجان ئەزىز باشچىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەت جەريانىدا يونۇس ئىلياس ئىدىقۇتلۇق، قۇربانجان ئابدۇقادىر، تاھىر ئىمىن قاتارلىقلار بىلكۈچ كۇتۇپخانىسىغا كىتاب ئىئانە قىلدى. ئىلھام ئېرپان ئۆزىنىڭ ھەر ئايلىق مائاشىدىن 500 يۈەن ئاجىرتىپ بىلكۈچ كۇتۇپخانىسىغا ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە نەق مەيداندا مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى.
تەبرىكلەش مۇراسىمىدىن خاتىرىلەر
داڭلىق ئەدەبىياتشۇناس، پىروفىسسور ئابدۇقادىر جالالىدىن سۆزىدە: بىلكۈچ كۇتۇپخانىسىغا ئوخشاش پۇقراۋىي كۇتۇپخانىلار جەمئىيىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. قارايدىغان بولساق، جەمئىيتىتىمىزدە پۇقرالار ئاچقان تورخانا، دىسكوخانا، ك ت ۋخانا، مۇزىكىلىق كۇلۇب، مېھمانخانا، ئاشخانا قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى ساماندەك، ئەمما ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار شەخسىي ئاچقان كۇتۇپخانىدىن پەقەت بىلكۇچ كۇتۇپخانىسىلا بار، شۇڭا بىز بۇ بىرلا كۇتۇپخانىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭلۈل بۆلىشىمىز، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى ئاسىرىغاندەك كۆڭۈل قويۇپ ئاسىرىشىمىز لازىم. شەخسەن مەن بىلكۈچ كۇتۇپخانىسى ئېچىلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم، بۇ جەرياندا بۇ كۇتۇپخانىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلاجان ئەزىزنىڭ ئىرادىسىگە ئاپىرىن ئېيتتىم. مېنىڭچە، ئىنسانىيەتنىڭ كىرزىسىنى ھەل قىلىش يالغۇز كىتابلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ، مۇبادا كىتابلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش بولغان بولسا، ئىنسانىيەت ئاللىبۇرۇن كىرزىستىن قۇتۇلۇپ كەتكەن بولاتتى. ناپائىلون «ئۆرە تۇرغان دېھقان ئولتۇرۋالغان مۇتەپەككۇردىن ئەلا» دېگەن. شۇڭا كىتابى بىلىملەرنى بىز چوقۇم ئەمەلىيەتكە باغلاشنى بىلىشىمىز لازىم. بىزنىڭ ھەمىشە كىتاب ئوقۇشقا ۋاقتىمىز چىقمايدۇ، چۈنكى بىز نورمال تىرىكچىلىكىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپلەپ ۋاقىت سەرىپ قىلىشىمىز كېرەك. شۇڭا بىز نىشانلىق كىتاب ئوقۇشنى، كىتابنى شاللاپ ۋە تاللاپ ئوقۇشنى بىلىشىمىز، نىشانىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكلىرىنى باشتا ئوقۇشىمىز لازىم، دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى.
جەمئىيەتشۇناس، دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش سۆزىدە: نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتىماقتا، ئىلىم ھاۋاسى ئىلىم قويمىچىلىقى، ساختا بىلىم، مازغاپ ھەقىقەت بىلەن تولماقتا. ئاتالمىش پىسخولوگلار، قويمىچى مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلار، تەقلىدچى تەرجىمىكەشلەر مەيدانغا كېلىپ، خەلقنىڭ ئاڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولماقتا. مەتبۇئاتچىلىقىمىزدا كىتاب قوراشتۇرمىچىلىقى، كىتاب كۆچۈرمىچىلىكى باش كۆتۈرمەكتە. بەزىلەر باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى نومۇس قىلماستىن ئۆزىنىڭ قىلىۋالماقتا، كىتاب ئوقۇمايدىغانلار كىتاب ئوقۇيدىغانلارنى مەسخىرە قىلىدىغان، نامۇۋاپىق مەسخىرىۋازلىق ئەۋىج ئالماقتا. ياشلار ئارىسىدا ئىلىم ئېلىشتا ئۈندىداردىن كىتابنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋالىدىغان، ھەپتە - ئايلاپ قولىغا كىتاب ئالماي ئۈندىدار مەستانىسىغا ئايلىنىدىغان ھادىسە باش كۆتۈرمەكتە. قىسمەن ئۈندىدار سالونلىرىدا «گۈزەللەرنى سايلاش» مۇسابىسىقى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇيغۇر قىزلىرى ئۆزلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ سالۇنغا چىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئۆزى بازارغا سالىدىغان بىمەنىلىك مەيدانغا كەلمەكتە. ئەتراپىمىزنى يالغانچىلىق، ساختا مەدىھىيەۋازلىق، ياخشىچاقلىق، سۈنئىي رېئاللىق قاپلىدى. نۇرغۇن بىنورمال ھادىسىلەرگە تەنقىد ياغدۇرىدىغانلار چىقمىغانلىقتىن، ئۇ ھادىسىلەر ئۆسمىدەك يامرىماقتا. ئەسلىدە، نورمال تەرەققىي قىلىدىغان بىر ساغلام جەمئىيەت بۇنداق بولماسلىقى كېرەك. ئەمەلىيەتتە، ئىلىمدە چۇڭقۇرلىشىش دېمەكلىك تەنقىدى ئاڭدا چۇڭقۇرلىشىش دېمەكلىكتۇر، شۇڭا بىزدە تەنقىدى ئاڭ يېتىلىشى كېرەك، جەمئىيەتتە ئاشۇ بىمەنىلىكلەرگە قارىتا مەيلى يازمىلىرىمىزدا بولسۇن ياكى سۆھبەت سورۇنلىرىمىز، ۋە ياكى ئۈندىدار توپلىرىمىزدا بولسۇن تەنقىد ياغدۇرۇشىمىز، رېئاللىقىمىزنى، ئاڭ تەرەققىياتىمىز ۋە تەپەككۇرىمىزنى ئۇ خىل بىمەنىلىكلەرنىڭ زەخمىلەندۈرۈۋېرىشىگە يول قويماسلىقىمىز لازىم. جەمئىيتىمىز كىتابخۇمارلار جەمئىيىتىگە ئايلىنىشى، ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا بىر مەھەل كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى لازىم، چۈنكى كىتاب قۇدرەتلىك كۈچ، بۈيۈك چوققۇلارغا يامىشىشقا ئىشلىتىلىدىغان شوتا. بىز تېرەن پىكىرلىك، ئەقلى ئويغاق بىر ئەۋلاد كىشىلەردىن بولۇشىمىز ئۈچۈن چوقۇم بۈيۈك كىشىلەرنىڭ بۈيۈك كىتابلىرىنى ئوقۇشىمىز لازىم، چۈنكى بۈيۈكلەر بىزنىڭ بۈيۈك ئادەملەردىن بولالايدىغانلىقىمىزنى ئېسىمىزگە سالىدۇ. يەنە بىر مۇھىم مەسلە شۇكى، بىز چوقۇم مىكرو سورۇنلىرىمىزنى ئەلالاشتۇرۇشىمىز، قەرەللىك ھالدا ئىلىم سورۇنلىرى تۈزۈپ، ئىلىم ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئاڭ تەرەققىياتىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز لازىم، دېدى.
داڭلىق شائىر ئادىل تۇنىياز سۆزىدە: شېئىر ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدىكى بىر ئاقسۆڭەك. شېئىر تەپەككۇرنىڭ بىلەي تېشى، روھنىڭ گىماستىكىسى. سىلەر مەيلى چۈشىنىپ ئوقۇڭلار ياكى چۈشەنمەي ئوقۇڭلار كۈنىگە چوقۇم بىر پارچىدىن شېئىر ئوقۇپ قويۇڭلار، بۇ سىلەرنىڭ تەپەككۇرۇڭلارنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، تەسەۋۋرۇ قابىلىيىتىڭلىنى ئۆستۈرىدۇ، دېدى.
ئاتاقلىق ئەدىبە نەزىرە مۇھەممەد سالىھ سۆزىدە: ئەقلىمنى بىلسەم ئۆيىمىز كىتابلار دۇنياسى ئىدى. دادام ياتىدىغان ھۇجرا، كارىۋات بېشى، دېرىزە تەكچىسى قاتارلىقلارغا كىتابلار قويۇلغانىدى. ئۇلۇغ كىتابلاردا شۇنداق ئېيتىلىدۇ «بىلگەنلەر بىلمىگەنلەردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن»، «بىر قەبىلىنىڭ ئۆلۈمى بىر ئالىمنىڭ ئۆلۈمىدىن يەڭگىل»، «ئىمان يالىڭاچ بولىدۇ، تەقۋادارلىق ئۇنىڭ لىباسى، ھايا ئۇنىڭ زىننىتى، ئىلىم ئۇنىڭ مېۋىسى» دېيىلگەن. كىتاب پەزىلەتلىك دوست، بۇ دوستنىڭ كۆكسى قارنى دەريادەك كەڭ، ئالدىڭدا ماختاپ، ئارقاڭدا غەيۋىتىڭنى قىلمايدۇ، سەندىن قۇسۇر ئىزدىمەيدۇ. ساڭا ئاش – نان دېمەيدۇ، پەقەت سەندىن ئۆزىەە كۆپرەك ۋاقتىنى بېرىشنىلا تەلەپ قىلىدۇ. بىر مەدەنىيەتنى ۋەيران قىلىشتا كىتابلارنى كۆيدۈرۈش بىھاجەت، پەقەت كىشىلەرنى كىتاب ئوقۇمايدىغان، كىتابقا قىزىقمايدىغان قىلىۋېتىشلا كۇپايە. كىتابلىرى غېرىب بولۇپ قالغان خەلقنىڭ ئەرلىرى نادانلىققا قۇل، ئاياللىرى روھى تۇل بولۇپ قالىدۇ، دېدى.
تەتقىقاتچى قۇربانجان ئابدۇقادىر سۆزىدە: مەن كىلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا توم توم كىتابلارنى يازغان ئاپتورلار ۋە ئۇلارنى كۆچۈرگەن خەتتاتلارنىڭ كىتابلارنىڭ بىرەر يېرىگە ئىسمىنى قالدۇرمىغانلىقىنى كۆرىمەن، شۇنداق چاغلاردا مەن بىر تەرەپتىن ئىسمىنى يازماسلىقنىڭ تەتقىقاتىمغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن خاپا بولساممۇ، يەنە بىر تەرەپتىن كاللامدا «بەلكىم ئۇ كىلاسسىكلىرىمىز ئەۋلادلىرىغا بىلىمىنى مېھنەتسىز بېغىشلىغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئويلاپ ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. مانا ھازىر قارايدىغان بولساق ئۈندىداردا ئىككى قۇر قارىشىنى يېزىپ قويغانلارمۇ ئاستىغا پالانچى – پۇكۇنچى ھېكىمەتلىكى، پۇستانى ھېس – تەپەككۇرى دەپ يېزىۋالىدىغان بولۇپ قاپتۇ، ئۇلار چوقۇم كىلاسسىكلىرىمىزنىڭ مىننەتسىز بېغىشلاش روھىدىن ئۆگىنىشى كېرەك، دېدى.
كارخانا باشقۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن سۆزىدە: مەن تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن يىلى ئانام تۈگەپ كەتتى، ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن يۇقىرىلاپ ئوقۇيالمىدىم. بىراق مەن مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئايرىلغان بىلەن، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردۇم، مەن دەسلەپتە ئۈچ يىل ئەرەب تىلى ئۆگەندىم، بۇ جەرياندا بىر قىسىم مەشھۇر ئەرەبچە ئەسەرلەرنى ئوقۇدۇم. كېيىن ئۆيدىكىلەردىن 100 يۈەن پۇل سوراپ، شۇ پۇل بىلەن ئۈرۈمچىگە چىقتىم. ئۈرۈمچىگە كېلىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنگىلىز تىلى كۇرسىدا ئىككى ئاي ئىنگىلىز تىلى ئۆگەندىم. ئىنگىلىز تىلىدىن مۇئەييەن ئاساس تىكلەپ بولغاندىن كېيىن «ئۇلتاش» مەكتىپىدە ئىنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدىم. بۇ جەرياندا كىتاب مېنىڭ ئۆزلىكىمدىن ئۆگىنىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇستازىم بولۇپ كەلدى. كېيىن «ئىنگىلىزچە – ئۇيغۇرچە ئەقىلىيە سۆزلەر» ناملىق كىتابىمنى نەشىر قىلدۇردۇم. يېقىندا ئىگىلىك تىكلەشكە دائىر بىر قانچە كىتابىم نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، قىسقىسى، مەن كىتاب ئوقۇش ۋە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشنىڭ لەززىتىنى ھەقىقىي تېتىغانلارنىڭ بىرى، دېدى.پائالىيەت يۇقىرقى مۆھتىرەم كىشىلەرنىڭ ھېكمەتكە تۇيۇنغان ئېسىل سۆزلىرىنى ئاڭلاش بىلەن غەلبىلىك ئاياغلاشتى.
سۈرەتتە: يازما ئىگىسى ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر بىلكۈچ كۇتۇپخانىسىدا زىيارەتتە
|