- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 35258
- نادىر
- 19
- يازما
- 1758
ئۆسۈش
63.15%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلىم بىلوگ، كوت-كوت ۋە ئۈندىدار ۋە بىر قىسىم ساپالىق مەسئولىيەتچان ھەم ئاز قىسىم ساپاسىز سالون ئەھلى ئامان يۈرىۋاتامسىلەر؟
بەلكىم ئاۋۇ ماۋزۇنى كۆرۈپ مىڭ يىل ياشاپ تۈگەپ كەتكەن لوقمان ھەكىمنى كىم ئەرىز قىلىدىغاندۇ؟ دەپ ئويلىغان بولىشىڭىزلار مۇمكىن ھە؟! ئەمىسە خاتالىشىپسىزلەر! مەن تىللاردا داستان تىبابەت ئۇستىسىنى نىمىشقىمۇ ئەرىز قىلغۇدەكمەن؟! مۇمكىن بولسا ئىدى، تارىخىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن مۇناپىق، جاللاتلارنى ئەرىز قىلغان بولاتتىم.
بىراق، بىزگە بۇ ئاسماندىكى ئايغا چىققاندىنمۇ قىيىنغا توختايدىغان بىر ئىش. ئەمىسە يورغا گەپلىرىمنىڭ ئۆزىگە كەلسەم، مەن بۇ تېمامدا، مۇشۇ كۈنلەردە ئۈندىداردا تارقىلىپ يۈرگەن « ئۆمرىدە بولسىمۇ بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ» ناملىق بىر فىلىم ئۈستىدىن شىكايەت قىلماقچى! بۇ فىلىمغۇ كىشىگە جاسارەت بېغىشلىسىمۇ، فىلىمدا ئايان بولغان ئىككى خىل ئاقما يېزىق ماڭا ھاقارەتتەك تۇيۇلدى. چۈنكى دۆلەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاپتونومىيە ۋە تىل-يېزىق قانۇنىدا ئۇيغۇرچە خەت، خەنزۇچە خەتنىڭ ئۈستىدە، بىردە بىر نىسپەتتە يېزىلىشى كېرەك! دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. بىراق، بۇ سالون تارقاتقان مەزكور فىلىمدا بۇ قانۇن ۋە خىزمەت نىزامىغان خىلاپ قىلمىش يۈز بەرگەن. ئۇلار تەپ تارتماستىن دۆلەتنىڭ تىل-يېزىق قانۇن، نىزاملىرىنى ئاياق-ئاستى قىلغان. ئۇيغۇرچە خەت خەنزۇچە خەتنىڭ ئاستىدا يېزىلىپ قالغان. بۇ « لوقمان ھەكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرى » ئېلانىغا چاتما قىلىپ بېرىلگەن ئېلان فىلىمىنىڭ تارقىلىش قېتىم سانى 7000دىن ئېشىپتۇ. باش بارماقلىغانلار 70 نەپەردىن ئېشىپتۇ. ئەجەبا ئاشۇ فىلىمنى كۆرۈۋاتقان 7000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ تىل-يېزىق قانۇنىدىن خەاۋەرسىز قالغانمىدۇ؟! ئاشۇ تىل-يېزىق خىزمەت نىزامىغا ھاقارەت قىلىنغان ئاقما يېزىقنى چىقارغانلارغا لەنەت ئوقۇماي ، 70 نەپەر كىشىنىڭ بۇ تېمىنى باش بارماقلىغانلىقى كۈلكىلىك ئەمەسمۇ؟!
مەن تۆنۈگۈن يەنى 4-نويابىر ئەتتىگەندە ئىشقا چۈشۈپلا، سالوندىكى تېلېفۇن نومۇرىغا (0991-6757...) غا تېلېفۇن قىلدىم. قارشى تەرەپتىن بىر قىزچاق ئالدى، كەينىدىن ئۆزىنى مەسئول دىگەن باشلىقى مەن بىلەن كۆرۈشتى ۋە گېپىمنى چۈشۈنۈپ ئۆزىنىڭ چوقۇم ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا ئېيتىپ تۇرۇپكىنى قويۇۋەتتى. ئەپسۇس، ئۇ سالون يەنىلا ۋابادەك ئۈندىدار ئاسمىنىدا تارقىلىپ يۈرۈيدۇ. مانا چۈشتە ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا ئۈندىدارىمنى ئېچىپ ، بۇ تېمىسىمۇ ئوڭشاپ قويۇلمىغان «ناچار» تېمىنى كۆرۈپ «چەكسىز ھاياجان» ئىلكىدە بۇ ئەرىزنامەمنى يېزىۋاتىمەن. ماڭا ۋەدە بەرگەن كىشى بۇ تېمىنى كۆرسە چوقۇم خاتالىقىنى ئۆزگەرتەر دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە...
ئەڭ ئاخىرىدا يامغۇردىن كېيىنكى لاي، پاچىقتەك كۆپىيىپ كەتكەن ھۆرمەتلىك سالونلار، ئالدىراش، قىزىقچى سالونلار گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ھەر قانداق تېمىنى سالونغا چىقارغۇچە « يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس» دېگەن ئەنئەنىمىزگە ۋارىسلىق قىلىڭلار، بولمىسا بەك يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. ھەيرانمەن، كىشىلەرنىڭ قان-تەرى سىڭگەن ئەسەرلەر سالونلارنىڭ شەخسى نامىدا تارقىتىلىۋاتىدۇ. بۇ ئۇچىغا چىققان ساپاسىزلىقنىڭ ئالامىتى.
زامانىمىزدىكى ئۈندىدار سالونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭ مىللىتىمىزنى روھىي جەھەتتىن يۈكسەلدۈرۈشتىكى قىممىتى بىز ئويلىغاندىنمۇ يۇقىرى. ھامان بىر كۈنى ئەڭ ياخشىلار داۋانلارنىڭ پەللىسىگە چىقالايدۇ. ناچارلىرى بولسا زاماننىڭ تاسقاقلىرىدا شاللىنىپ كېتىدۇ خالاس.
|
|