قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1406|ئىنكاس: 23

«تاجسىز پادىشاھلار» نىڭ بايرىمىغا مۇبارەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

17

تېما

15

دوست

2889

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 54
تۆھپە : 934
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-13
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«تاجسىز پادىشاھلار» نىڭ بايرىمىغا مۇبارەك

ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر

8c89a5ee41c311afd8c703[1].jpg


     ھەر يىلى 8 - نويابىر خەل تىلچىسى، تارىخ پۈتۈكچىسى، دەۋر كۈيچىسى بولغان جاپاكەش مۇخبىرلارنىڭ بايرىمى. بايرام تەنتەنىسىگە سىلەر بىلەن تەڭ جۆر بولالىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلماقتىمەن.
      مۇخبىر دۇنيانى كۆزەتكۈچى، پاكىتنى سۆزلەتكۈچى، ئۇ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان، ئۆز يۈرىكى بىلەن ھېس قىلغان، ئۆز كاللىسى بىلەن ئويلىغان نەرسىلەرنى يازىدۇ. ئاخبارات ئەسەرلىرىدىكى «مەن» ئەنە «شۇ سۆزلەۋاتقان» پاكىتلارنىڭ گۇۋاھچىسى. مۇخبىرلار مۇخبىرلىق كۆزى ئارقىلىق باشقىلار كۆرەلمىگەن، كۆرسىمۇ ھېس قىلالمىغان نەرسىلەرنى كۆرىدۇ ۋە ھېس قىلىدۇ. ئاخبارا ئەسىرىدە مۇخبىر «مەن» ئارقىلىق زىيارەت ئوبىكتى بىلەن يۈزمۇ يۈز تۇرۇپ ھېسىيات ۋە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. مۇخبىردا چوقۇم ئويناق تەپەككۇر، ئۆتكۈر كۆز بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئادەتتىكى مۇخبىر بىلەن ئۆتكۈر كۆزلۈك مۇخبىر ئارىسىدا ناھايىتى زور پەرق بولىدۇ. كۆزى ئۆتكۈر مۇخبىر كىشىلەر دائىم ئۇچرىتىدىغان شەيئى - ھادىسىلەر ئارىسىدىن باشقىلار كۆرەلمەيدىغان نەرسىلەرنى بايقىۋالالايدۇ. مۇنداق كۆزنى ئۇلارغا كەسىپكە بولغان ساداقىتى، جاپالىق ئىزدىنىشى، ئۆگىنىش ئىرادىسى، پىداكارلىق روھى، ئادالەتنى ياقلاشتىكى جاسارىتى ۋە پاراسىتى ئاتا قىلغان. ياخشى مۇخبىر زىيارەت داۋامىدا تالاي جاپالىق يوللارنى بېسىپ، خەلقى، ئەل-ۋەتىنى ئۈچۈن تىنم تاپماي خىزمەت قىلىدۇ. بىراق، بىرەر قېتىممۇ ھاردىم-تالدىم دەپ داتلىمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزى سۆيگەن مۇخبرلىق كەسپىگە بارلىقىنى ئاتىغان بولىدۇ. مۇخبىرلار گۈلزارلىقتىن ئەڭ خۇشپۇراق گۈللەرنى تاللاپ خەلقىگە تەقدىم ئېتىش يولىدا جاپا چەككۈچىلەردۇر.
     شۇنداق، مۇخبىرلىق ــ ئۇلۇغ كەسىپ، مۇخبىرلار «بۈگۈن» نىڭ يازغۇچىلىرى، «ئەتە» نىڭ تارىخچىلىرىدۇر. بۈگۈنكىدەك ئۇچۇرنىڭ رولى ھەرقانداق نەرسىنىڭ رولىدىن چوڭ بولىۋاتقان زامانىۋي جەمئىيەتنى مۇخبىرسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. مۇخبىرنىڭ كۆزى، قۇلىقى، قولى، ئاغزى، پۇتى پۈتۈنلەي ئاۋامنىڭ كۆزى، قۇلىقى، قولى، ئاغزى، پۇتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا مۇخبىر بولۇش راستىنلا ئاسان ئىش، سىز كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىڭىزنى ئەينەن خاتىرلەپ قويسىڭىزلا مۇخبىر بولالايسىز. پەقەت جان باقىدىغان مۇخبىرلا بولالايسىز! خالاس. لېكىن ياراملىق مۇخبىر بولۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. بىزدە تونۇلغان يازغۇچى، شائىرنىڭ كۆپ، تونۇلغان مۇخبىرنىڭ ئاز بولىشىمۇ بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بەلكىم مۇخبىرنىڭ مەنزىلى يازغۇچىنىڭ مەنزىلىدىن تېخىمۇ يىراق ۋە مۈشكۈل بولسا كېرەك.
     مەن بۇ يازمام ئارقىلىق ئاخبارات سېپىدە جاپالىق ئىشلەۋاتقان ئاخباراتچىلىرىمىزنى سۆيۈندۈرەلىگەن بولسام ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلغان بولاتتىم. سىلەرنىڭ ئاخبارات سېپىدە تېخىمۇ جەڭگىۋارلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىجادىيەت گۈلزارلىقىدىن تېخمۇ رەڭگارەڭ گۈللەرنى ئېچىلدۇرۇشۇڭلارغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن، بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن تاجسىز پادىشاھلار، مېھنەتكەش ئاخباراتچىلار!
(يازما ئىگىسى شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى)


0

تېما

0

دوست

191

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   63.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31681
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 48
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-13
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
8 – نويابىردىكى 15 – قېتىملىق مۇخبىرلار بايرىمىنى قىزىغىن تەبرىكلەيمەن! جاپالىق، ئەمما شەرەپلىك خىزمىتىڭلار ئۈچۈن، ئەل ـ جامائەت ھەر ۋاقىت ياخشى تىلەكلىرىنى ھەدىيە قىلغۇسى![玫瑰][玫瑰][玫瑰]  
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

226

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   75.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31651
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 58
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-13
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇخبىرلىق -ئادالەت تارازىسىنىڭ سىموۋۇلى، مۇخبىر دوستلارنىڭ بايرىمىنى تەبىرىكلەيمەن !

17

تېما

15

دوست

2889

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 54
تۆھپە : 934
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-13
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇخبىرنىڭ ئىشخانىسى جەمئىيەت، مۇخبىرنىڭ ئىشقا چىقىش ۋە ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتى بولمايدۇ، ھەر كۈنى ئىشلەيدۇ، ئىشلەۋېتىپ دەم ئالىدۇ...

0

تېما

0

دوست

252

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28293
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 64
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     
             ئككى ئاي پىراكتىكىدىن شۇنى ھىس قىلدىمكى مۇخبىرلىق كۆڭۇللۇك ئەمما ئادەمنى ئازاپلايدىغان خىزمەتكەن . چۇنكى ۋىجدانىڭ بىلەن خىزمىتىڭ تار كوچىدا دوقۇرشۇپ قالىدىكەن.  

17

تېما

15

دوست

2889

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 54
تۆھپە : 934
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-13
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇلار ئاپتونوم رايونىمىز تاراتقۇلاردا جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان مېھنەتكەش مۇخبىرلاردۇر

تاجسىز پادىشاھلار1

تاجسىز پادىشاھلار1

تاجسىز پادىشاھلار2

تاجسىز پادىشاھلار2

تاجسىز پادىشاھلار3

تاجسىز پادىشاھلار3

تاجسىز پادىشاھلار4

تاجسىز پادىشاھلار4

تاجسىز پادىشاھلار5

تاجسىز پادىشاھلار5

17

تېما

15

دوست

2889

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 54
تۆھپە : 934
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-13
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارمۇ ئاپتونوم رايونىمىز تاراتقۇلاردا جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان مېھنەتكەش مۇخبىرلاردۇر
36 (2).jpg
38 (1).jpg
38 (2).jpg
39.jpg

3

تېما

6

دوست

8854

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   77.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 2772
توردىكى ۋاقتى: 608
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-13
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆۋلىتىمىزدا ھەقىقى مۇخبىرمۇ بارمىدۇ ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )