- تىزىملاتقان
- 2014-11-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 39
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
13%
|
ھەممە كىشى ئۇقۇتقۇچىلارنى جاھاندىكى ئەڭ جاپاكەش ئىنسان دەيدۇ ، بىراق ئۇلار ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى كىچىك بالىلارنى باشقۇرىدۇ تەربىيەلەيدۇ ، ئۇلاردىنمۇ جاپاكەش ئاخباراتچىلار بولسا ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن بۇ پۈتكۈل جەمىئەتتىكى ھەرساھە ھەر كەسىپ ھەرخىل ئىددىيە قاتلىمى ھەرخىل ياش ۋە ھەرخىل قىزىقىشلاردىكى بىر بىرىگە ئوخشىمىغان تالاي كىشىلەرنى تەربىيەلەيدۇ ، تىلىۋىزۇر رادىئونى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا بىلىم بىرىدۇ ،ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلايدۇ ۋە ئۇلارغا سىرداش بولىدۇ ، ئەگەردە يامغۇر ياغسا يامغۇرنىڭ ئەڭ چوڭى مۇشۇلارنىڭ بىشىغا چۈشىدۇ ، شامال چىقسا ئەڭ كۈچلۈكى مۇشۇلارغا ئۇرۇلىدۇ ، قار ياغسا ئەڭ مۇزدەكى مۇشۇلارنى قۇچاقلايدۇ ، گاھىدا ئىچىمىز پۇشۇپ قالسا تۇرلاردا بولارنى تىللاپ قويىمىز ، نەچچە كۈن تىلىۋۇزۇردا كۆرۈنمەي قالسا بىرنى ئۇرۇپلا «ئۆلتۈرۈپ» مۇ قويىمىز ، ئازراقلا كەمچىلىكلىرىنى تىپىۋالساق بولدى ھەممىسى نۆل ، ئۇلار كەسپىنى بىزنى دەپ ئائىلىسىدىن ئايرىلدى ، ئاتا ئانىسىدىن ئايرىلدى ، ھەتتاكى ئۆز پۇشتىدىن بولغان پەرزەنتلىرىنىمۇ كۈندە يوقلاپ بولالمىدى ، پىرۇگىراممىدىن چۈشۈپ ۋەياكى زىيارەتتىن قايتىپ ئەمدى ئۇف دەي دىگەندە ۋاقىت بىريەرگە بارغان ئەتىنىڭ غىمى ، ئەتىكى پىرۇگىراممىنىڭ ئەتىكى زىيارەتنىڭ ئەتىكى خىزمەتنىڭ غىمى ئۇلارنى يەنە چەكسىز خىياللارغا غەرىق قىلاتتى ، جەمىئەتتىكى ھەر تۈرلۈك ئىجدىمائى پائالىيەتلەر ئۇلارنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق ۋاقتىنى تارتىۋالغان ئىدى ، ھەرخىل تۇرمۇش بىسمىى ئۇنداق بۇنداق ئىشلار ئۇلارنىڭ پىرۇگىرامما ئىشلىشىگە تەسىر يەتكۈزەلمەيىتتى ، قانداقتۇر بىر ئىشلار ئۈچۈن ئازاپلىنىۋاتقان يۈرىكى پىژ پىژ كۆيىۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا مىكرۇفىن ئالدىغا كەلگەندە چىرايلىق بىر تەبەسسۇم جاھاننى بىر ئالاتتى ، ئۇلارمۇ تۇرمۇشتا بىزگە ئوخشاشلا ئادەم ، ئۇلارمۇ يول ماڭىدۇ ،تاماق يەيدۇ ، ئۇخلايدۇ ،خۇشال بولىدۇ ، ئازاپلىنىدۇ ، ئۇلار بىلەن ئوخشىمايدىغان بىرلار يىرىمىز بىز خالىمىساق ياكى كۆڭلىمىز يىرىم ۋاقىتلاردا تىلىۋىزۇر ياكى رادىئۇنى ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ ، لىكىن ئۇلار ئۇنداق قىلامايدۇ ، يۇقۇرنىڭ تەنقىدىنىمۇ ئۇلار ئاڭلايدۇ ، تۆۋەننىڭ غەيۋىتىنىمۇ شۇلار ئاڭلايدۇ ، ئاللا نىمىلەردۇر كۆڭلىمىزگە ياقماي قالسا خۇددى تىلىۋىزىيە ئىستانسى شۇلارنىڭ شەخسى شىركىتىدەك شۇلاردىن خاپۇلىمىز بىرىنجى بولوپ شۇلارنى تىللايمىز ، يەنىلا شۇلار كۆتۈرۈشلۈك ، يەنىلا شۇلار ئەڭ مىھرىبان ، چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ ئاكا ھەدىلىرىمىزدەك قانچە تىللىساقمۇ بىزدىن قەتئى خاپۇممايدۇ ، يەنىلا بىزنى ئويلايدۇ ،
نەچچە كۈن ئاۋال شىنجاڭ خەلىق رادىئو ئىستانسىنىڭ قاتناش سەنئەت چاستۇتىسىدا بىر ئاڭلىغۇچىنىڭ ئۇستاز رىياسەتچىمىز مەۋلۇد ئىبراھىمغا قىلغان سۆزى مىنى تىگى يوق خىياللارغا غەرىق قىلدى ، ئۆزى بىر ئاتا ئىكەن ئۇ دەيدۇكى :- مەۋلۇد ئاكا ، نەچچە يىل ئاۋال سىز مىنىڭ ئائىلەمنى قۇتقۇزىۋالغانتىڭىز، چوڭقۇر ھاڭنىڭ تۈۋىگە بىرىپ بولغان مىنى ئاشۇ مۇھەببەتلىك ، سىھرى كارامەتلىك سۆزلىرىڭىز بىلەن نادامەت ئۇيقىسىدىن ئويغۇتۇپ ئىللىق ئائىلەم قوينىغا ياندۇرۇپ ئەكەلگەنتىڭىز ، مانا ھازىر بىز شۈنچىلىك بەخىتلىك ئۆتىۋاتىمىز ، سىز بىزنىڭ ئائىلىنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭىز ، ئەگەردە شۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ شۇ تەسىرىڭىز بولمىسا ئىدى ، مەن پەرزەنتلىرىم ئالدىدا كەچۈرگۈسىز گۇناھكار سانىلاتتىم ، سىزگە كۆپ رەخمەت ، مەن يىقىندا بىر قانچە دوستۇمغا رادىئۇ ئىلىپ سوۋغا قىلدىم ، ئۇلارنىڭمۇ سەرسانلىق كۆچىسىغا قاراپ كىتىۋاتقان ئائىلىسىنى تىزراق ئەسلىگە كەلتۇرىۋالسۇن دەپ سىلەرنى تەۋسىيە قىلدىم .
بۇنداق مىساللار ئىنتايىن كۆپ پەرزەنتىنىڭ ئاچچىق نىدالىرىغا چىدىماي ، شۇ يۇقسۇلچىلىقتا ئامالسىزلىقتىن تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئالدىغا بىرىپ بىزگە مۇشۇ قىزىمىز ياردەم قىلالايدۇ دەپ ئىشىنىپ شەمسىيە ئەبەيدۇللانىڭ چىقىشىنى ساقلاپ تۇرىۋاتقان ئاتا ئانىلارنىڭ شۇ بىچارە ھالىتى ، شۇ مىھىرلىك شەمسىيە ئەبەيدۇللانىمۇ ئاز يىغلاتقان ئەمەس ، بەلكىم سورىسىڭىز ئۆزىنىڭ قاچانلاردا نىمە سەۋەپتىن بۇ يۇللارغا كىرىپ قالغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ ، بىراق بۇنى ئۇ ئۆزىنىڭ ئادىمىيىلىك بۇرچى ، قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى دەپ بىلىدۇ ، ئەگەر مەن ئازراق بەدەل تۆلىسەم باشقىلار ياخشىراق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئىش بولسا ، ئۇنداقتا بۇ مېنىڭ بەدەل تۆلىشىمگە ئەرزىيدىغان ئىش .مانا بۇ شەمسىيە ئەبەيدۇللانىڭ ھايات مىزانى ، بىز بىلەن قارلەيلىسى پىرۇگىراممىدا ئاددىلا بىر يۈز كۆرۈشۈشتىن باشلىنىپ مانا ئەمدى مەركىزى خەلىق رادىئۇ ئىستانسىنىڭ ۋە شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ بىر قانچىلىغان كۇزۇر پىرۇگىراممىلىرى ئارقىلىق بىزنى ئۆزىگە ئاپىرىن ئىيتقۇزىۋاتقان تىرىشچان ، ئىستىقباللىق رىياسەتچىمىز نىجات ۋەلى ياقۇپنىڭمۇ كەسىپنى سۆيۈش روھى ئۇستازلارنى سۆيۈندۈرسە ، كەڭ خەلىقنى خۇشال قىلماي تۇرالمايدۇ ، ئۇنىڭ ئاۋازى كاتتا شەھەرلەردىن باشلاپ ،يىراق يىزىلارغىچە تارالغان ، ئۇنىڭ ئۆز پىرۇگىراممىسىغا بولغان ئەستايىدىللىقى ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ياقتۇرشىغا ئىرىشىش ئۈچۈن باسقان ھەربىر قەدىمى بىزنىڭ ئاخبارات سىپىمىزنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن ئۇلتاش بولغۇسى ، ئادىلجان تىجلىقما دىگەن چىرايلىق سالاملىرى بىلەن يول ئۇچۇرى بىرىۋاتقان شۇپۇر قىرىنداشلىرىمىزنىڭ قەلبىدىكى قانتاش سەنئەت رادىئوسىنىڭ ياش رىياسەتچىسى ئادىلجان ئابلىمىتنىڭ قانچىلىك ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ گۈزەل سالاملىرى ، دەم ئالغان كۈنلىرى قىنى ئادىلجان دەپ سۈرۈشتۇرۇپ سوراپ كىتىشلىرىدىن بىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالايلايمىز ، سۆزلەپ كەلسەك رىياسەتچىلىرىمىز ھەققىدىكى بۇنداق كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان چىرايلىق ھىكايىلەر تۈگىمەيدۇ ، چۈنكى ئۇلارمۇ چىرايلىق قەدەملىرىنى بىركۈنمۇ توختىتىپ قويغىنى يوق ، بىز پەقەت ئۇلارغا شۈنىلا دىيەلەيمىز ھارمىغايسىلەر تۆھپىكارلار ، بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن .
-ئىلھامجان مۇھەممەد جۇنۇن |
|