قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3738|ئىنكاس: 24

تۈركىيە تەسىراتلىرىم:رونالدونىڭ ئىسراپخورلىقى (11)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

13

دوست

1739

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   73.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17966
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 624
توردىكى ۋاقتى: 118
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 13:47:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭى

   1998 ‏- يىلى، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ  فرانسىيىدە ئۆتكۈزىلىۋاتقان مەزگىلى؛ تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا چولپان رونالدو لېما ھەققىدە تالاش-تارتىش داۋام قىلماقتا ؛ تالاش-تارتىشنىڭ ئەسلى مەنبەسى برازىلىيە مەتبۇئاتلىرى، قايناۋاتقان ۋە كايىۋاتقانلار برازىلىيەلىكلەر؛ تەنقىدنىڭ ئوبيېكتى رونالدونىڭ " ئىىسراپخورلۇقى":  رونالدو مۇسابىقە داۋامىدا برازىلىيەدىكى قېرىنداشلىرىنى پارىژغا ئەكىلىپ ئويناتقان؛ قېرىنداشلىرىنىڭ پارىژدىكى بىرقانچە كۈنلۈك ھەشەمەتلىك تۇرمۇشى برازىلىيە جامائەت پىكرى تەرىپىدىن توغرا كۆرۈلمىگەن؛ ژورنالىستلار  رونالدونى " برازىلىيە خەلقىنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرمۇش سەۋىيىسىدىن كۆپ ھالقىغان ھالدا تۇرمۇش كەچۈردى" دەپ تەنقىد قىلغان، تۈركىيە مەتبۇاتلىرى بۇ تەنقىدكە قىزغىن چاۋاك چالماقتا.
  رونالدونىڭ دەسلەپكى جاۋابى مۇنداق: "  يېزىش ئاسان، ياشاش ئاسان ئەمەس، ئەگەر ئۇلار(تەنقىدچىلەر) ئائىلىمىزدىكى قېرىنداشلارنىڭ  بالا چاغلىرىمىزدا ئىككى تۇخۇم بىلەن بىر ئىستاكان سۈتنى  تۆتكە بۆلۈپ ناشتىلىق قىلغان مەزگىللىرىمىزنى بىلسە ئىدى، بىزنىڭ بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىزنى توغرا چۈشۈنەتتى."  رونالدونىڭ دەۋاتقىنى شۇ: كىچىك ۋاقتىمىزدا قىيىنچىلىقنى كۆپ تارتتۇق، ئەمدى قولىمىزدا بار ۋاقتىدا ھاياتتىمىزنىڭ ئۆتمۈشىدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرىۋاتىمىز، نەرى خاتا؟! بۇ ئۆزىنى ئاقلاشقا تەنقىدچىلەردىن جاۋاپ كېچىكمىدى: " بالا ۋاقتىڭلاردىمۇ يامان ئەمەس ياشاپسىلەر، ناشتىلىقىڭلار ئاز بولسىمۇ ساز ئىكەن؛ ئەمما ئۇ چاغدا دۇنيانىڭ بىرمۇنچە جايلىرىدا كىشىلەر بىر بۇردا نان بىلەن بىر ئىستاكان چايغا زار بولۇپ ياشاۋاتقان ئىدى."  مۇنازىرە توختىمىدى، ئاخىرى رونالدو يۇمشۇدى، پىكرىدىن ياندى ۋە برازىلىيە خەلقىدىن ئەپۇ سورىدى.
  مېنى ئويلاندۇرغان نەرسە شۇ: رونالدو پارىژغا كوماندىروپكىغا كەلگەن ئەمەس، بىرەر جامائەت فوندىنىڭ ياردىمى بىلەن مىسيونېرلىككە كەلگەنمۇ ئەمەس، پۇتبول ئوينىغىنى كەلگەن؛ ئەكىلىپ ئويناتقىنى سۆيگىنى ياكى ئاشنىسى ئەمەس، بىر تۇققان قېرىنداشلىرى؛ پۇت ئۆزىنىڭ، پۇل ئۆزىنىڭ، يانچۇقىدىكى پۇلى ئازايسىدۇ، كۆپەيسىدۇ، قۇرۇغدالسىدۇ، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزى ۋە قېرىنداشلىرىغا چېتىشلىق؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق، رونالدو ئۆز خەلقىغە ئارتۇق خەجلەپ قويغان پۇلىنىڭ ھېسابىنى بەرمەكتە، بەرگەندىمۇ تىرنىقىنى تاتىلاپ تۇرۇپ. ئەگەر بۇ بىر ئىجابىي ئەھۋال دېيىلسە، بۇنى بىر مەدەنىيەتنىڭ مېۋىسى دەيمىزمۇ، ساغلام بىر تۈزۈم ياكى تۈزۈلمىنىڭ نەتىجىسى دەيمىزمۇ، بۇ ھەقتە توختالغۇم يوق؛ پەقەتلا ئەينى چاغدىكى ھېسسىياتىمنى بايان قىلغۇم بار: ھەيرانە-ھەس بولدۇم، ئۇگىلاندىم، پۇچىلاندىم.
  چولپانلار يانچۇقىدىكىنى ئەمەس، ئەمەلدارلار غەزىنىدىكىنى چېچىۋەتسىمۇ، سورىۋەتسىمۇ ھېچ نېمە دېيىلمەيدىغان جەمئىيەتتىن كەلگەن بىر بەندە، بۇنداق ۋەزىيەتتە ئويلانماي تۇرالامدۇ؟!
  پۇقرالىرى ئائىلىسىنىڭ بىر كۈنلۈك روزىغارى ئۈچۈن كۈن بويى تەرلەپ تەپچىرەۋاتقان، ئەمما خادىملىرى يىغىن-مۇراسىم-قۇرۇلتايلىرىدا تېخى چوكا تەگمىگەن تائاملىرىنى ئەخلەت ساندۇقىغا تۆكۈۋېتىۋاتقان جەمئىيەتتىن كەلگەن بىر ئادەم بالىسى، بۇ ھېساب-سوراش -ھېساب بېرىشلەرگە ھەيران بولماي قالامدۇ؟!
ئۆزىنىڭ شەخسىي بايلىقىنى بۇزۇپ چاچسىغۇ مەيلى، بىر كىشىلىك ھوقۇق( ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆتمەيدىغان) ئۈچۈن پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ بايلىقىنى سېتىپ، تەۋەرۈكلىرىنى بۇزۇپ ياشاۋاتقانلار كوچىلاردا ئامان-ئېسەن ياشاۋاتقان بىر جەمئىيەتتىن كەلگەن ئىنسان ئۇرۇقى بۇ ۋەزىيەتتە " ھەي توۋا!" دېمەي تۇرالامدۇ؟!
  رونالدودىكى بۇ يۇمشاش، بۇ تەسلىم بولۇشلاردا ساقچىنىڭ تاپانچىسىنىڭ رولى يوق، ھەتتا بىرەر قېتىم ئۈستەل مۇشتلانغان سوئال-سوراقمۇ يوق؛ پەقەت ۋە پەقەت ئەلنىڭ نەزىرى - جامائەت پىكرىنىڭ نازارىتى بار.  
   رونالدو بەزىلەرنىڭ " پۇتبول مەيدانىدا يېڭىلمىدى، يازغۇچىلارغا(ژورنالىستلارغا) يېڭىلدى" دېگەن باھاسىغا مۇنداق جاۋاپ قايتۇردى: " يازغۇچىلاردىن قورقمۇدۇم ياراتقۇچىدىن قورقتۇم، يازغۇچىلارغا تەسلىم بولمۇدۇم، ئەل جامائەتكە تەسلىم بولدۇم."
  رونالدونىڭ قايسى دىنغا قانچىلىك ئىشىنىدىغانلىقىدىن خەۋىرىم يوق، قىززىقىپ ئىزدىنىپمۇ ئولتۇرمۇدىم، ئەمما ئۇنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىدىن، ئۇنىڭ بىر ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىدىن گۇمان قىلمىدىم. دېمەك بىر ئىنساندا، ئىمانىي مۇكەممەللىك بولمىسىمۇ، ئىمانىي بىر يۇقۇندى بولسا، ئەخلاقىي بىر كامالەت بولمىسىمۇ، ئىنساپ بولسا؛ ۋىجدانىي بىر ئۇرغۇ بولمىسىمۇ نومۇس تۇيغۇسى بولسا، ئۇنىڭدا ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭى دېگەن نەرسىنىڭ تەبىئىي ھالدا شەكىللىنىدىغانلىقىغا ئىشەندىم؛ شۇنداقلا بىر جەمئىيەتتە، مۇكەممەل بىر قانۇن بولۇپ كەتمىسىمۇ ئەركىنرەك بىر جامائەت پىكرى مۇھىتى بولسا مەزكۇر ئاڭنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا ئىشەندىم.

1

تېما

3

دوست

653

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22461
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 190
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 14:05:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە مىنۇتنىڭ ئالدىدا ئۆزىمىزنىڭ مىللىتىنىڭ نەتىجىللىرى يىزىلغان خەۋەردىن بىرسى يىزىلسا تەستىقلانماي ئۆچۈرۈلگەنتى، مانا ئارقىسىدىنلا ماۋۇ ئەجنەبىينىڭ خەۋىرى يوللانسا تەستىقلىنىپتۇ.
ئۆزىمىزنىىڭكىنى تەشۋىق قىلماي دەسسەپ چۆكتۈرۈشكە، خەخنىڭكىنى ماختاپ كۆتۈرۈشكە ئاران تۇرىمىز ھە!
توۋا دىمىسە بىكار،،،،،،،،،،،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

1009

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   0.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10542
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 159
تۆھپە : 206
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 14:55:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ،   ئۇيلاپ ئوتۇرسام  تۈركىيە  تەسراتلىرىم  دەپ  چىقپتى  بەكلا  جىدىلىك           ئىچىدە  بىر  ئۇقۇپ بۇلۇپ قايتا  يەنە  ئىككى قېتىم  ئۇقىۋالدىم .،    12 -  قىسمىنى  ساقلايمىز  ،،،

0

تېما

2

دوست

609

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   21.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32022
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 164
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 16:07:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسىملىقمىتى بۇ ، مەن تىىخى تۈگدىمكى دىگەن.

7

تېما

2

دوست

2672

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18108
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 818
توردىكى ۋاقتى: 192
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 16:17:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ   قانداقمۇ  تۇرۇكيە  تەسىراتى   بولسۇن  ئەپەندىم

5

تېما

13

دوست

1739

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   73.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17966
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 624
توردىكى ۋاقتى: 118
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 20:16:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: «تۈركىيە تەسىراتلىرىم»نىڭ ئالدىنقى قىسىملىرى tesedduq.biz تورىدىن تېپىلىدۇ.

0

تېما

0

دوست

274

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   91.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31970
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 82
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 21:02:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق رونالدۇ ئاشنىسىدىن ئايرىلىپ كەتتى،مىراندا يەتتىنجى ئاشنىسىدىن ئايرىلىپ كەتتى،گىرمانىيەدە چىشى ئىت ئوننى كۇچۇكلىدى،شاھرۇخخان تىرنىقىنى ئالدۇردى،پالانى چولپان قاش چەكتۇردى،،،،قاتارلىق خەۋەر يازىدىغانلارنىڭ ھاياتىنىڭ مەناسىز ئۆتىدىغانلىغىغا بەكمۇ ئېچىنغۇم كىلىدۇ،،،،ھەم ئاشۇنداق ئادەملەرنى تۇنۇسام ئۈلۈپ قالسا پەقەت ئىچىم ئاغرىمامدىكى دەپ قالىمەن بەزىدە،،،،نىمە دىگەن ھاياتنى بىكار ئۆتكۈزۈش ھە!خۇدا ئىسراپخۇرنى ياخشى كۆرمەيمەن دىدىغۇ ئىسراپچىلىق دىگەن ئاش تاماق ئىسراپ قىلىشتىلا بولمايدۇ،ۋاقىت ئىسراپ قىلسىمۇ ئوخشاش،بەلكىم بۇ ھەممىدىن يامان دەپ ئويلايمەن،،،،،،،،

0

تېما

4

دوست

626

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   25.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30103
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 180
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-8 22:31:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتورغا رەھمەت ‹‹تۈركىيە تەسىراتلىرىم›› نى ناھايتى ياخشى يىزىپ كىلىۋاتىسىز، يازمىڭىزدىن كۆپ چىگىش سۇئاللارغا جاۋاپ تېپىپ كىلىۋاتىمىز، يەنە تېخىمۇ مەنىلىك كۆزقاراشلار بىلەن رەڭدار مەزمۇنلارنى يوللاپ بىزگە سۇنغايسىز، رەھمەت،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )