قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2735|ئىنكاس: 19

(bilgejan) ئامېرىكا تەسىراتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

30

تېما

31

دوست

7504

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى: 146
تۆھپە : 2514
توردىكى ۋاقتى: 865
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 05:40:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-9 05:41  

ئامېرىكا تەسىراتلىرى
بىلگەجان

2014-06-21 22.21.21.jpg

مانا، ئامېرىكىدا ياشىغىلىمۇ ھەش-پەش دېگۈچە 5 يىل بولۇپ قاپتۇ. ئامېرىكا توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى ۋە كەچۈرمىشلىرىمنى ئۆز نەزىرىم بويىچە قەلەمگە ئىلىپ باقاي دەپ باشلىغان «ئامېرىكىدىكى ھاياتىمدىن تەرمەچلەر» ناملىق ھېكايەمنىڭ بىرىنچى قىسمىدا سۆيۈملۈك ئۇيغۇر ئالىملىرىمىز بىلەن بولغان ئامېرىكىدىكى ئەھمىيەتلىك ئۇچرىشىشىمىز ۋە شۇ ھېكايىلەرگە يانداش ئامېرىكىدىكى تەبئىي پەن ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ قانداق يۈرۈشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بەزىبىر مۇھاكىمىلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسام، ئىككىنچى قىسمى ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەلىپى بىلەن مېنىڭ ۋە ئىككى ئۇيغۇر دوستۇمنىڭ ئامېرىكىغا دوكتورلۇق ئوقۇشقا قانداق كەلگەنلىكى ھەققىدىكى سەرگۈزەشتىلەر ئۈستىگە مەركەزلەشكەن بولدى. ئەمدى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىنكى كەچۈرمىشلىرىم ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر قىسىم يېزىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارىغان ئويلىرىم سىلەرنىڭ داۋاملىق دېققىتىڭلارنى بېرىشىڭلار بىلەن بىر-بىرلەپ قەلەمگە ئىلىنغۇسى. ئامېرىكىنىڭ پارىڭى بولسا بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ھوللىۋود كېنولىرىدىكىدەك زامانىۋى شەھەرلەر، ئېگىز بىنالار ۋە قورال كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان كىشىلەر توپى ياكى دېڭىز بويلىرىدىكى يالىڭاچ كىشىلەرنىڭ سىماسىغا يانداش ھەممە ئىشتا ئەركىنلىك تەشەببۇس قىلىنىدىغان جىنسىي بۇزۇقچىلىق ئەۋج ئالغان، كونتىروللۇقىنى يوقاتقان كىشىلەر توپىدىن تەشكىل تاپقان ئەخلاقسىز بىر جەمئىيەت ۋە ياكى خەۋەرلەردە كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىدىغان ئامېرىكا قىلىۋاتقان ئۇرۇشلار ۋە شۇ ئۇرۇشلارنى ئىجرا قىلىۋاتقان رەھىمسىز كىشىلەر توپى... دېگەندەكلەر كېلىشى مۇمكىن. بەزى تونۇشلىرىمنىڭ كۆز ئالدىغا ھەممە يېرى قاتتىق زامانىۋىلىشىپ كەتكەن تەبىئەتنىڭ ئەسلى-ۋەسلى قالمىغىلى تۇرغان،  ھەتتا ماشىنا ئادەملەر كوچىلىرىدا يۈرىدىغان شەھەرلەرمۇ كەلگۈدەكمىش...  ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ ئوخشىمغان ساھە-قاتلاملىرىغا تەۋە بولغانلار ئىچىدە ئامېرىكىغا بولغان چۈشەنچىلەرنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئەمەلىيەتتىكى ئامېرىكا رىئاللىقىغا يېقىنلىشىشى ۋە ياكى چەتنەپ كېتىشىنىڭ دەرىجىسىمۇ ئوخشىمايدىغانلىقى تەبئىي. قانداقلا بولمىسۇن، ئامېرىكا پەقەت ئۇيغۇرلار نەزىرىدە ئەمەس، ئامېرىكىغا سېمىۋول قېلىنغان «ئەركىنلىك ئىلاھى ھەيكىلى» نىڭ كۆلەڭگىسىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىر «ئەركىن» دۆلەت بولۇپ تونۇلغانلىقىدا شەك يوق. ھېس قىلىشىمچە، يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئامېرىكىغا ساياھەت، قىسقا مۇددەتلىك تەربىيىلىنىش ۋە ياكى ياشاش ئۈچۈن كىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئېشىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، دىيارىمىزدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىغا بولغان چۈشىنىشى بەكلا يۈزەكى ۋە كۆپىنچىسى ھوللىۋود كېنولىرى، رادىئو، گېزىت-تېلىۋىزىيە خەۋەرلىرى ۋە كوچا پاراڭلىرىدىن كەلگەن بولسا كېرەك. مېنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشتىن ئاۋۋالقى چۈشەنچىلىرىم بىر ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ناھايىتى ئەركىن-ئازدىچىلىك ئىچىدە، بېسىم، تاپشۇرۇق ۋە ئىمتىھاندەك «بىمەنە» نەرسىلەردىن خالىي، بەكمۇ زامانىۋى تېخنىكىلار بىلەن تەربىيلەش-تەربىيەلىنىش ئىلىپ بېرىلىدىغان، ھەممە ئىشنى قول سېلىپ ئىشلەپ بېقىش ئارقىلىق ناھايىتى ئاسان ئۆگەنگىلى بولىدىغان، ئىلم-پەندە دۇنيانى يېتەكلەپ ماڭىدىغان ئەركىن بىر دۆلەت دەپ ئويلاشنىڭ نېرىسىغا ئانچە ئۆتۈپ كەتمەيتتى. گەرچە ئىلگىرى دوست بولۇپ ئۆتكەن ئامېرىكىلىق دوستلىرىم ۋە ئوقۇغان كىتابلارنىڭ ياردىمىدە ئامېرىكىغا كىلىشتىن بىر قانچە يىل ئاۋۋال ئامېرىكا جەمئىيتى ۋە ئامېرىكىلقلار توغۇرلۇق بەزىبىر چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولغان بولساممۇ، ئەمما ئامېرىكىغا كىلىپ بىر نەچچە ياشاپ باققاندىن كىيىن ئاندىن ئامېرىكا جەمئىيتى ۋە ئامېرىكىلىقلارنى ئانچە-مۇنچە چۈشىنىشكە باشلىدىم. مەن ھېكايەمنىڭ بۇ قىسمىدا مەلۇم ۋاقىت تەرتىپى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ ئومۇميۈزلۈك چۈشەنچىلىرىنى سەل ئەركىن ئۇسلۇبتا مەخسۇس ئامېرىكىدىكى «ئەركىنلىك» ۋە «چەكلىملىكلەر»گە ئورتاق نەزەر تاشلاپ يېزىپ چىقماقىمەن. شۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە ئىلگىرى ئامېرىكا توغرىسىدا يېزىلغان باشقا ماقالە، ھېكايىلەرگە ئوخشىمايدىغان بىر نۇقتىدا تۇرۇپ، ئۆزۈمنىڭ ھازىرغىچە بولغان چۈشەنچىلىرىنى ئاددىي بىر خۇلاسىلەپ بەرمەكچىمەن. شۇنى ئالدىنئالا ئېنىق دەپ قويايكى، ئامېرىكا ۋە ئامېرىكىلىقلار دېگەندە ناھايىتى كۆپ خىل مىللەت، مەدەنىيەتتىن تەشكىل تاپقان بىر توپ كۆزدە تۇتۇلىدىغان بولغاچقا، مېنىڭ بۇ يەردە ئېيىقانلىرىم ھەرگىزمۇ ھەممىگە باپ كىلىدىغان قاراشلار بولماستىن، پەقەت مەندەك بىر تۆت يىللىق ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىنى مەكتەپتە ۋە بىر يىللىق خىزمەت ھاياتىنى بىر ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا ئىشلەپ ئۆتكۈزگەن كىشىنىڭ ئاددىي كۆزىتىشلىرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، نۇرغۇن ۋەقەلىكلەر ئامېرىكا مائارىپ ساھەسىگە ۋە بىر قەدەر ئوقۇمۇشلۇق ئامېرىكىلىقلار ئۈستىدە بولىدۇ. مەن بۇ ماقالەمدە ئىمكانقەدەر پەردازسىز ھالدا چىنلىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈشكە تىرىشىمەن ھەمدە ئۆزۈم كۆرمىگەن، ئىشەنچلىك دوستلىرىمدىن ئاڭلىمىغان ۋە ياكى بېشىمدىن ئۆتكۈزمىگەن ھەرقانداق ۋەقەنى يازمايمەن. يەنە بىرى، مېنىڭ بىلىدىغانلىرىممۇ ناھايىتى چەكلىك بولغاچقا، يۈرگۈزگەن مۇھاكىملىرىمدە پەقەت خاتالىق يوق دەپ ئېيتالمايمەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ كاللىسىدىكى چۈشەنچىلەر ۋە بۇرۇن ئاڭلىغان بىلگەنلىرى بىلەن مېنىڭ يازغانلىرىم ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاب بولۇپ قالسا، بۇ بىر تەبئىي ئەھۋال بولۇپ ھەر كىشىنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسى ۋە ھايات كەچۈرمىشلىرىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئەستە تۇتۇشىنى ۋە بۇ ماقالەمدىن ئامېرىكا ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەلۇم تەرەپلىرىگە نىسبەتەن بىر چىن تونۇشقا ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئامېرىكا تەسىراتلىرى (1) - ئامېرىكىغا سەپەر

2009-يىلى 8-ئاي، ئوتتەك قىززىپ كەتكەن، ھەم نەم ھەم كىشىنى بىئارام قىلىدىغان تاماكا پۇرىقىغا تولغان بېيجىڭدا تاكسىغا چۈشۈپ دەككە-دۈككە ئىچىدە بېيجىڭ خەلقىئارا ئايرودرومىغا كېتىۋاتىمەن. تاماكا پۇرىقىغا ئۆچ ئىدىم، ئىچىمدە مۇنداق سېسىق پۇراقنى پۇراشقا مەجبۇر بولمايدىغان بىر ئىس-تۈتەكسىز جايغا كېتىۋاتقانلىقىمدىن خۇشاللانساممۇ، لېكىن مەن ئۇچىدىغان ئايروپىلان قانداقتۇر سەۋەبلەر بىلەن بىكار قىلىنىپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇدا ئىدىم. يەنە بىر تەرەپتىن ئايروپىلانغا چىقىشتىن ئىلگىرى چېگرىدىن چىقىش ئورنىدا توسۇلۇپ قىلىپ چىقالماي قالسام بەرىبىر بارالماسلىقىم مۇمكىن دېگەندەك يامان خىياللارلا كاللامنى چىرمايتتىم. يۈك-تاقىلىرىم خىلى بار بولۇپ يوغان چامداندىن ئىككىسى كىچىك چامدانىمدىن بىرسى بار ئىدى. ئۈرۈمچىدىن ماڭغىنىمدا يۈكلىرىمنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىپ تاس قالغانتىم بېيجىڭغىمۇ نەرسىلىرىمنى ئەكىلەلمىگىلى، ھېلىمۇ ياخشى مېنى ئالاھىدە ماشىنلىق كىلىپ ئايرودورۇمغا ئۇزىتىپ چىققان دىلشات ئاكام (بىر ئۇستازىمنىڭ يولدىشى)نىڭ بىر تېلېفۇن قىلىشى بىلەن ئازغىنە ھەق تۆلەپلا ئوڭۇشلۇق بېيىجىڭغا كىلىۋالغان ئىدىم. شۇ قېتىم مۇناسىۋەت دېگەننىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ئەقلىم ھەيران بولغان بولدى ھەم دىلشات ئاكامنىڭ ياردىمىدىن شۇنچىلىك مىننەتدار بولغان ئىدىم. ئەمدىلىكتە بېيجىڭ ئايرودرومىدا بىرەر كىلەشمەسلىك بولسا ئۆزۈمدىن باشقا ياردەم قىلغۇدەك ھېچكىممۇ يوق بولغاچقىمۇ كۆڭلۈم راستىنلا جايىدا ئەمەس ئىدى. ئۈرۈمچىدىن چىقىپ كەتكەندىن كىين ئادەمگە ھەممە نەرسە ناتونۇش بىلىنگەچكىمۇ بېيجىڭدىكى بىر كۈنلۈك ساقلاش ۋاقتىنى تەستە ئۆتكۈزۈپ ئەمدى ئۇزۇندىن بۇيان كۈتكەن چوڭ سەپەرگە ئاتلانغىنىمدا خۇشال بولاي دەپمۇ خۇشال بولالمايۋاتاتتىم. ئەمدى مۇشۇ كەتسەم ئاتا-ئانام، ئايالىم، ئاچا-ئېنىلىرىم ۋە ئۇرۇق تۇغقان دوست-بۇرادەرلەر بىلەن قاچان كۆرۈشىدىغىنىم خۇدايىمنىڭ ئۆزىگە ئامانەت ئىدى. مىڭ شۈكرى، بېيجىڭ ئايرودرومىدا ئىشلار ئۇنداق تەس بولۇپمۇ كەتمىدى. خەلقىئارالىق ئايروپىلانلارنىڭ يۈك-تاق ئۆلچىمىدە كۆپرەك نەرسە ئىلىۋىلىشقا يول قويۇلغاچقا يۈك-تاقلىرىمنى ئاسانلا ئۆتكۈزىۋىتىپ چىگرادىن چىقىش ئورنىغا كەلدىم. چەتئەلگە چىقىپ باققان ھەممەيلەن بىلىدىغىنىدەك، مەنمۇ بىر چەتتە تۇرۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇلدۇم ۋە خىزمەتچى خادىم پاسپورتۇمنى بىر ساقچى كىيىۋالغان كىشىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ مەندىن كىيىن قاتاردا تۇرغانلارنىڭ ئىشىنى تىزلىكتە بىجىرىشنى داۋاملاشتۇردى. ھەممە ئادەم ماڭا قاراۋاتقاندەك، نېمىشقا توختىتىپ قويىدىغاندۇ، بىرەر چاتىقى بارمىدۇ دەپ ئويلاپ قىلىۋاتقاندەك بىلىنىپ ناھايتى راھەتسىزلىك ۋە ئەنسىرەش ئىچىدە ئون مېنۇتنى 10 سائەتتەك ئۆتكۈزۈپ ئاخىرى پاسپورتۇمنى قولۇمغا ئالدىم ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ ئايروپىلان كۈتۈش زالىغا كىرىۋالدىم. يەنە بىر شۈكرى دېدىميۇ-ئەمما يەنە بىرى كەينىمدىن قوغلاپ كىلىپ قايتۇرۇپ تېشىغا چىقىرىۋىتىدىغاندەك تۇيغۇلاردىن زادىلا نېرى بولالمىدىم ۋە ئىتتىك-ئىتتىك قەدەملەر بىلەن توپ-توپ كىشىلەر ئارىسىغا ئىلىشىپ مېڭىپ ئاران دېگەندە مەن چۈشىدىغان ئايروپىلاننىڭ ساقلاش ئورنىنى تىپىپ تاقەتسىزلىك ئىچىدە بىر نەچچە سائەتلىك كۈتۈش ۋاقتىنىڭ تىزراق ئۆتۈپ كېتىشىنى كۈتتۈم. شۇ ئەسنادا مەخسۇس ئۆيدىكىلەرنى خاتىرجەم قىلىشقا لازىم بولىدۇ دەپ ئېىلىۋالغان 50 كويلۇق كارتىدىن بىرنى ئىلىپلا سېلىۋالغان ئەبگا تېلېفۇن يادىمغا يەتتى، ۋە ئولتۇرۇپ مەندىن ئەنسىرەيدىغان يېقىن-يورۇقلارغا تېلېفۇن قىلىپ ئامەن-ئېسەنلىكىمنى بىلدۈرۈپ قويدۇم. 2009-يىلى 8-ئايلار ئەنسىزلىككە تولغان ئالاھىدە بىر مەزگىل بولغاچقا، ھەممەيلەن مېنىڭ ئوقۇشقا ماڭالىشىمدىن ئوبدانلا ئەنسىرەپ تۇراتتى. ئەمەلىيەتتە بولسا، ماڭا ھېچبىر ئىش ئالاھىدە بىلىنمىدى، پەقەت تور توختىتىۋىتىلگەنلىكى ئۈچۈن مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىشتا بەزى قولايسىزلىقلار بولغان بولسىمۇ، باشقا ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچرىمىدىم. بېيجىڭدىكى ۋاقتىمدا ئالدىمغا ئالغىلى چىقماقچى بولغان ئامېرىكىلىق دوستۇم ئېلىنغا ئايروپىلان ئۇچۇرلىرىنى ئېلخەت قىلپمۇ ئۈلگۈردۈم. شۇنداق قىلىپ ئايرپىلانغىمۇ چىقىپ ئورۇنلىشىۋالدىم. مانا ئەمدى يۈرىكىم سوقماقتا… ھاياجانلانماقتىمەن… يۈرىكىمنىڭ دۈپ-دۈپ، دۈپ-دۈپ قىلىشلىرى قۇلىقىمغا ئېنىق ئاڭلانغاندەك ھېس قىلاتتىم. شۇ تاپتا ئايروپىلان كۆتۈرۈلدى، دۇئا قىلدىم. ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ مەرھەممىتى ئۈچۈن، مېنى ئەزىز قىلغان قەدىردان ئاتا-ئانام، قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ئۈچۈن، ئازاپ ئىچىدە ماڭا ئىشىنىپ خوش دېگەن مېھرلىك ئايالىم ئۈچۈن، مېنى پەرۋىش قىلغان ئۇستازلىرىم ئۈچۈن، ھاياتىمدىن ئورۇن ئىگەللەپ مېنى مەن قىلغان دوستلىرىم ۋە بارچە يۇرت-خەلقىم ئۈچۈن دۇئا قىلدىم…. ئايروپىلان پەلەككە كۆتۈرۈلۈپ شەھەر ئاسمىنىدىن يىراقلاشقان شۇ دەقىقىدە تۇنجى قېتىم ئۆزۈمنىڭ ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارىدىغانلىقىمغا ھەقىقىي ئىشەندىم چۈنكى ئەمدى بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بۇ يولدىن مېنى توسۇپ قالالمايتتى. راست، ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بېرىش مېنىڭ ئارزۇيۇم ئىدى، بۇ ئارزۇيۇم ئۈچۈن كۆپ تىرىشتىم، مانا ئەمدى ئارزيۇمغا يېتىش يولىدىكى ھايات سەپىرىمنىڭ يېڭى بىر مۇقەددىمىسى باشلىنىش ئالدىدا مەن ھاياجانلانماي كىممۇ ھاياجانلانسۇن؟

ئامېرىكا تەسىراتلىرى (2) - ئامېرىكا ئۇنىۋېرستېتلىرى ئەركىنمۇ؟


ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئەركىن ئىكەنلىكىنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم، شۇڭىمۇ دەسلەپ مەكتەپكە كەلگىنمدە تېخى ئۆزەمچە ئەمدى جۇڭگودىكىدەك بېسىم ئىچىدە ئوقۇماي، ئەركىن-ئازادە ئوقۇيدىغان بولدۇم، دەپ ئويلاپ ئۆز كۆڭلۈمنى خوش ئېتىپ يۈرۈپتىمەن. مەكتىپىمىگە كىلىش ئالدىدا ئامېرىكىدا تۇنجى قەدەم باسقان ئامېرىكا ئوتتۇرا قىسمىدىكى گۈزەل روكىي تاغلىرى باغرىدىكى ئېگىز تۈزلەڭلىككە جايلاشقان، شۇنىڭغا مۇناسىپ ئامېرىكىدا «ئېنگىلىز مىلى ئېگىزلىكىدىكى شەھەر، mile high city» دەپ تونۇلغان كالورادو شىتاتىنىڭ پايتەخىت شەھىرى دەنۋىر (Denver) ئەتراپىدىكى گولدىن (Golden) دېگەن كىچىككىنە شەھەردە بىر نەچچە كۈننى ئۆتكۈزۈپ قىلغىلى ئىش بولمىغاچ ئەركىن-ئازادىلىكتىن ئىچىم پۇشۇپ بولغان ئىدى. مېنى ئۆيىگە باشلىغان دوستلىرىم مېنى ئۆيگە ئەكلىپ قويۇپ ئەتىسىلا پىلانى بويىچە شەرىقى قىرغاقتىكى پېنسىلۋانىيە شىتاتىغا جايلاشقان پىتىسبۇرگ (Pittsburgh) شەھرىگە بىر دوستىنىڭ تويىغا بارىمىز دەپ ئۈچ كۈنلۈك سەپەرگە كەتكەچكە، ئامېرىكا كىچىك شەھەرلىرىنىڭ ئاجايىپ تىمتاس جىمجىتلىقى، ساپ ۋە قېنىق، ئوچۇق رەڭلەرگە تولغان گۈزەللىكىدىن بەھىر ئىلىشتىن تويۇپمۇ بولغان ئىدىم.
گولدىندا مەن كۆرگەن كۆرۈنۈشلەر:


  

تۆۋەندىكىسى سىز كۆرگەنگە ئوخشىمايدىغان دۇنيا خەرىتىسى (ئامېرىكىنىڭ ئورنىغا قاراڭ):


مۇشۇ يەردە كېيىنكى مەزمۇنلارنى چۈشىنىش ئاسان بولسۇن زېرىكىشلىك بولسىمۇ ئازراق ئامېرىكا جۇغراپىيىسىدىن دەرس ئۆتەي: ئامېرىكىدىكى 50 شىتات ئىچىدە 48 شىتات تەخمىنەن تۆت چاسا شەكىلدە، كانادا بىلەن مېكسىكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىسىلغان ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا جايلاشقان بولۇپ، پەقەت ھاۋاي شىتاتى يىراقتىكى تىنىچ ئوكياندا بولسا، ئالياسكا شىتاتى كانادانىڭمۇ شىمالىدىكى روسىيە بىلەن ئامرىكا قىتئەسىنىڭ تىنچ ئوكيان بىلەن چېگىرلىنىدىغان قىسمىغا ئورۇنلاشقان. بۇ ئىككى شىتاتنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئامېرىكا تۆت چوڭ رايونغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بىر رايوننى ئۆزىنىڭ رايون ۋاقتى بولىدۇ، ھەرگىزمۇ جۇڭگودىكىدەك ئوخشىمىغان جۇغراپىيىلىك رايونلاردا ئومۇميۈزلۈك پايتەخت ۋاقتى ئىشلىتىلمەيدۇ.
ئامېرىكىغا نىسبەتەن ياۋروپاغا ئاتلانتىك ئوكيان ئارقىلىق قارىشىپ تۇرىدىغان ئاتلانتىك ئوكيان بويىدىكى رايونلار شەرىقى قىرغاق دەپ ئاتىلىدۇ ۋە شەرق ئۆلچەملىك ۋاقتىنى ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن، ھەممەيلەن ئاڭلىغان ۋاشىڭگىتون شەھىرى (شىتاتى ئەمەس)، نيۇيورك شەھرى… قاتارلىقلار شەرىقى قىرغاققا جايلاشقان.
2-سى ئوتتۇرا قىسىم ۋاقىت رايونى بولۇپ، بۇ رايونلار شەرىقى قىرغاق رايونلىرىنى يېنىغا جايلاشقان ئوتتۇرا قىسمدىكى كۆپلىگەن شىتاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، سىلەر كۆپ ئاڭلىغان ئىللىنوي شىتاتىنىڭ پايتەختى چىكاگو شەھىرى ۋە مەن ھازىر ياشاۋاتقان تىكساس شىتاتى قاتارلىقلار مۇشۇ رايونغا تەۋە.
3-سى تاغلىق رايونلار ۋاقتى بولۇپ، بۇ رايونلار روكىي تاغلىرى بويىغا جايلاشقان تاغلىق شىتاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ جايلارنىڭ ۋاقتى شەرىقى قىرغاق ۋاقتىدىن 2 سائەت كىين بولىدۇ. مەسىلەن، مەن گېپىنى قىلىۋاتقان كالورادو شىتاتىدىكى دەنۋېر شەھىرى ۋە مەن ئوقۇغان ۋايومىڭ شىتاتىمۇ شۇ ۋاقىت رايونىغا تەۋە.
ئاخىرقىسى تىنچ ئوكيان ۋاقىت رايونى بولۇپ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ غەربىگە جايلاشقان، ئەمما جۇڭگودىكى دۇنيا خەرىتىسىدىن قارىغاندا جۇڭگونىڭ شەرقىدىكى تىنچ ئوكيان بىلەن قارىشىپ تۇرۇپ كىشىگە شەرقتەك تۇيغۇ بېرىدىغان قىسمى بولۇپ، بۇ جايلار تىنچ ئوكيان بويلىرىغا جايلاشقان بولۇپ، ۋاقىت جەھەتتە شەرىقى قىرغاق ۋاقتى (ۋاشىڭگىتون ۋاقتى) دىن 3 سائەت كېيىن. مەسىلەن، ھەممىمىز بەك كۆپ ئاڭلىغان كالىفورنىيە شىتاتىدىكى لوس ئانجىلىس، سان-فىرانسىسكو شەھەرلىرى، مىكروسوفىتنىڭ باش مەركىزى قۇرۇلغان ۋاشىڭگىتون شىتاتى سىئاتىل شەھىرى ۋە مەن بۇ ماقالەمدە كۆپ تىلغا ئالغان ئورىگون شىتاتى پورتلاند شەھىرى قاتارلىقلار مۇشۇ رايوندا.


ئومۇمەن، ئامېرىكىنىڭ مۇتلەق كۆپ نوپۇسى شەرىقى قىرغاق بىلەن غەربىي قىرغاققا جايلاشقان بولۇپ، گەرچە ئامېرىكىدا تەرەققىيات جۇڭگودىكىدەك تەكشىسىز بولمىسىمۇ، ئەمما بىز ئىسمىنى ئاڭلىغان چوڭ شىركەتلەر ۋە كۆپرەك نوپۇس مۇشۇ ئىككى قىرغاق رايونىغا جايلاشقان. مەيلى قانداق بولمىسۇن، ئامېرىكىنىڭ تەخمىنەن يېرىمدىن كۆپرەك ئۇنىۋېرستېتلىرى بىر قەدەر كىچىك شەھەرلەرگە ياكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ شەھەر سىرتىدىكى كىچىك شەھەرچىلەرگە جايلاشقان بولۇپ، سىزنىڭ قەيەردە ياشىشىڭىز بەك مۇھىم بولسا ئامېرىكىدا ئوقۇماقچى بولغانلارغا نىسبەتەن مۇشۇ نۇقتىغا دېققەت قىلىپ قويغاننىڭ زېيىنى يوق بولسا كېرەك.

دەنۋىردىن قايتىپ مەكتىپىمگە قايتىپ كىلىشتىن بۇرۇن دوستۇم ئېللىن مېنى كالورادو شىتاتلىق پايتەخىت بىناسىدا ئىكىسكۇرسىيە قىلدۇردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، مەن ئامېرىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇشۇنداق جايلارنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىشىم مۇھىم ئىكەن. بۇ جايدا راس دېگەندەك بەكمۇ ھەيرانلىق ئىچىدە نۇرغۇن تەسىراتلارغا ئېرىشكەن ئىدى ۋە ئامېرىكىدىكى ئەركىن ھوقۇقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا تۇنجى قېتىم گۇۋاھ بولغان بولدۇم.
كالورادو پايتەخىت بىناسىدىن كۆرۈنۈشلەر:






ئامېرىكىدىكى بارلىق شىتاتلارنىڭ مەركىزى شەھىرى شىتات پايتەختى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ھەر قايسى شىتات پايتەخىتلىرىدە تاشقى كۆرۈنۈشى ئاق ساراينى تەقلىد قىلىپ سېلىنغان شىتاتلىق پايتەخىت بىناسى بولىدىكەن. كالورادو شىتاتلىق پايتەخىت بىناسى ئىچىدە بۇ كۈنى شىتات باشلىقى بىر يىغىن ئېچىۋاتقان بولۇپ، خالىغان كىشىلەر زالنىڭ ئىچىدىكى ئەينەك بىلەن توسۇلغان ئايرىم ئورۇنلاردا ئولتۇرۇپ شىتاتلىق ھۆكۈمەتتىكى ھەر بىر باشلىقنىڭ قانداق پىكىر بەرگەنلىكىنى ۋە نېمىلەرنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى نەق مەيداندا ئاڭلىسا بولىدىكەن، شۇغىنىسى ئامما نەق مەيداندا پىكىر قاتناشتۇرسا بولمايدىكەن. بىز زالغا خالىغانچە كىردۇق، پەقەت ئىشكتىن كىرگەندە سومكىلارنى پەستە قويۇپ قويۇشىمىز كېرەككەن، ھېچكىم كىملىك تەكشۈرمەيدىكەن. كىرىشىمىزگە مەخسۇس خادىم بىزنى باشلاپ پۈتۈن بىنانى ئىكىسكۇرسىيە قىلدۇردى ۋە بىنانىڭ سىرتقا قارايدىغان ئەينەكلىرىدىن شەھەرنىڭ ئەڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنى تاماشا قىلدۇق. دوستۇم ئېللىن ئۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن ئىشلەيدىغان بولغاچقا مېنى ئاپتوبۇس بېكتىگە ئاپىرىپ مەكتىپمگە يولغا سېلىپ قويۇپ مەن بىلەن خوشلاشتى. مەنمۇ ئۇ يوق نەچچە كۈندىن بىرى زېرىكىپ ئامېرىكىغا كىلە-كەلمەيلا ئاللىقاچان يۇيۇبتىن يۇرتۇمنىڭ كوچىلىرىنى، ئۇيغۇرلىرىمنى كۆرۈپ يىغا باسقۇدەك دەرىجىدە يۇرت سېغىنچى قيىنىغان بولغاچقا بۈگۈن مەكتىپىمگە مېڭىشقا ئالدىرىدىم. ئاپتوبۇس بېكىتىنى كۆرۈپ ئەقلىم ھەيران قالدى. مۇشۇ ئەتراپىدىكى كىچىك شەھەرلەر بىلەن قوشۇلسا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ياشايدىغان چوڭ شەھەرنىڭ ئاپتوبۇس بېكىتىدە پەقەت 10 چە ئاپتوبۇس تۇراتتى. تېخى يۈك-تاقىغا ئايرىم پۇل تۆلەيدىغان ئىشكەن. قولۇمغا ئىلىۋالغان كىچىك سومكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۈچ چامادانغا 35 دوللار ئارتۇق پۇل تۆلەپ، 40 دوللارغا ئالغان بېلىتىم بىلەن تەڭ بوپ قالغىنىنى كۆرۈپ خىلى ئىچىم ئېچىشىتى. قانداقلا بولمىسۇن، ئاپتوبۇس دەل ۋاقتىدا قوزغىلىپ دەنۋىردىن ئايرىلدى ۋە شەھەر سىرتىغا چىقىپلا ئۆزۈمنىڭ ھەقىقىي ئامېرىكا «ياۋا غەرب دالاسى، wild west» غا كەلگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. روكىي تاغلىرىنىڭ پايانسىز ئۇزۇن باغرىنى بويلاپ ماڭغان بۇ يولنىڭ ئەتراپىدىكى كەڭرىچىلىق، يېىشىل يايلاقلار كىشىگە تەڭرىتاغ بويلىرىنى ئەسلىتەتتى. بۇ يەردىكى قېنىق رەڭلەرگە تولغان ياۋا دالا، كۆپكۆك ئاسمان ۋە كەڭرى زېمىن كىشىگە ھوزۇر ۋە ئەركىن-ئازادىلىك بېغىشلايدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئاپتوبۇستا ئىككى سائەتنىڭ قانداق ئۆتكىنىنى بىلمەيلا بىر كىچىك شەھەرگە كەلگەندە شوپۇر چۈشىدىغان جايغا كەلگەنلىكىمنى ئەسكەرتتى. شۇنداق قىلىپ 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ تۆت يىللىق دوكتورلۇق ئوقۇش ھاياتىم ۋايومىڭ شىتاتىنىڭ لارامىي دەپ ئاتىلىدىغان بۇ كىچىك شەھەردە تىپتىنچ ۋە مول-ھوسۇللۇق ئۆتۈشكە باشلىدى.

تۇنجى ھەپتىسى يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتىۋىلىش ۋە رەسمىيەتلەرنى بىجىرىش بىلەن ئۆتكەچكە خىلى ئازادىچىلىك ئىچىدە ئۆتتى. دەرس باشلىغان ھەپتىسى بىزگە بىر مۇنچە قائىدە نىزاملار ئۇقتۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە دوكتورلۇقنىڭ بىرىنچى يىلىدىن قانداق قىلىپ ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىمىزدە كۈتۈلىدىغان تەلەپلەر بىلەن كۆچۈرمىكەشلىك ۋە سەمىمىيەتسىزلىك ئۈستىدە گەپ ئەڭ كۆپ بولۇندى. كۆچۈرمىكەشلىكنىڭ مىسالى سۈپىتىدە ئۇلار شۇ يىلى نەق بىزنىڭ كەسىپتىن بىزدىن بىر قارار يۇقىرى ئوقۇغان تۆت نەپەر جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى ئىشلەپ كىلىشكە بېرىلگەن سوئاللارغا توردىن كۆچۈرۈپ شۇ پىتى چاپلاپلا جاۋاب بەرگەنلىكى سېزىلىپ ھەممىسىنىڭ مەكتەپتىن ھەيدەلگەنلىكىنى نەچچە رەت تەكىتلەپ بىزنى ئاگاھلاندۇردى. توۋا دەپ قالدىم، ئامېرىكىغا كىلىپمۇ ئەركىن ياشىغىلى بولمامدۇ ئادەم؟! نېمىدىگەن كۆپ تەلەپ، قائىدىلەر بۇ؟ سىز بولسىڭىزمۇ چوقۇم شۇنداق دەپ ئويلاپ قالاتتىىڭىز. مەن كىرگەن دوكتورلۇق پىروگراممىسى بىر «كۆپ فاكۇلتىتلار بىرلىشىپ ئاچقان، interdisciplinary» بىر كەسىپ بولۇپ، گەرچە ئىسمى مولىكۇلا ۋە ھۈجەيرە ھاياتلىق ئىلىمى، ياكى قىسقارتىپ MCLS دەپ ئاتالسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مەكتەپتىكى ھاياتلىق پەنلىرىگە مۇناسىۋەتلىك 10 دىن ئارتۇق فاكۇلتىتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن پروفىسورلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر كۆپ ساھەلىك كەسىپ ئىكەن. بۇ دېگەنلىك بىرىنچى يىلى شۇ پىروگراممىنى ئاچقۇچى مولىكۇلا بىئولوگىيسى فاكۇلتىتى بىزنى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى (ئايلىق مائاش) بىلەن تەمىنلەيدىكەن. شۇ بىر يىل ئىچىدە ھەر ئىككى ئايدا بىر تەجىرىبخانا ئالمىشىپ 4 قېتىم نۆۋەتلىشىپ چىقىدىكەنمىز ۋە يىلنىڭ ئاخىرىدا شۇ 4 تەجىرىبىخانا ئىچىدىكى بىرەر پىروفىسورغا ياققۇدەك ياخشى ئىشلىگەن بولساق، ئاندىن شۇ پروفىسورنىڭ تەجىرىبخانىسىغا كىرىدىكەنمىز ھەم شۇ پىروفىسور تەتقىقات مەبلىغىدىن چىقىم قىلىپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان ئىشكەن. ھەپتىسىگە ئاران 12 سائەت دەرس ئوقۇدۇق دېگەن بىلەن ئامېرىكىدا دەرس ناھايىتى تىز سۆزلىنىدىكەن ۋە ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئىمتىھان ئىلىنىدىكەن. شۇنداق بولغاندا مەن تاللىغان تۆت پەن دەرسكە ھەپتىسىگە بىر قېتىم، بەزىدە ئىككى قېتىمدىن ئىمتىھان توغرا كىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈندۈزلىرى دەرس يوق بارلىق ۋاقىتلاردا نۆۋەتلىشىپ ئىشلەۋاتقان تەجىرىبخانىدا مۇقىم تۇرۇپ تەجىرىبە ئىشلەپ 2 ئايدىن كىيىن چىققان نەتىجىنى پۈتۈن فاكۇلتىت پىروفىسورلىرى ۋە ساۋاقداشلىرىمىز ئالدىدا دوكلات بېرىدىكەنمىز. ياخشى نەتىجە چىقىرىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە كۆپىنچە شەنبە-يەكشەنبىلەر ۋە كەچلىرىنىمۇ تەجىرىبخانىدا ئىشلەپ ئۆتكۈزىدىغان ئىشكەن. دەرسنىڭ ئىمتىھانلىرىغا پەقەت كېچىلىرى تەييارلىق قىلىشقا ۋاقىت چىقىدىكەن. دەسلەپ تېخى سەل قاراپ مەۋسۈملۈك ئىمتىھان بولمىغاندىكىن دەپ ئانچە تەييارلىق قىلمىسام ئاران C ئالغان گەپ (70-70 گىچە نومۇر) ھەم ھەر بىر قېتىملىق كىچىك ئىمتىھان بىلەن مەۋسۈم ئاخىرىدىكى ئىمتىھاننىڭ شۇ پەننىڭ ئاخىرقى مەۋسۈملۈك نەتىجىسىدە ئىگەللەيدىغان نىسبىتىمۇ ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن. بۇرۇن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدىكى ۋاقىتلاردا بەزى خوشياقمىغان دەرسلەرنى مەۋسۈم ئاخىردىكى ئىمتىھانغا 2 ھەپتە قالغاندا كېچىلەپ ئۆگىنىپمۇ ئىمتىھاندىن گەپ-سۆز يوق 90 نومۇرنى ئىلىۋىتەتتىم، ئەمدىلىكتە بۇنداق ئەركىنلىكتىنمۇ پۈتۈنلەي مەھرم قالغان گەپ. تەجىرىبخانىدا ئىشلەپ بۇ تەلىپى يۇقىرى پىروفىسورلارنى تەسىرلەندۈرمىسە تېخى، دەرسلەردە A، ئەڭ كەمىدە B ئالمىساڭ ھەيدىلىسەن دەۋاتقان ئىككى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوشۇلۇپ بىرىنچى يىلىنىڭ ئاخىرىدا تېخى 10 ئاساس سىناش ئىمتىھانى ئىلىنىپ، باشقا جەھەتلەردىن لاياقەتلىك بولسىمۇ بۇ ئىمتىھاندا 80 دىن يۇقىرى ئالمىساق ھەيدىلەرمىشمىز تېخى… ئويلاپ بېقىڭلار، بۇنداق ئەھۋالدا قانداقمۇ ئەركىن ھېس قىلغىلى بولسۇن؟ بۇلارنىڭ ئىمتىھانلىرىنىڭ تەسلىكى، كىتابتىكى ئىنچىكە مەزمۇنلارنىمۇ ئۈجۈر-بۈجۈرگىچە تىگىدىن تولۇق چۈشىنىپ باشقىلارغا ئۆز تىلىڭىزدا چۈشەندۈرگىدەك بىلمىسىڭىز ئىمتىھان سوئاللىرىنىڭ ئىنچىكە ۋە تەسلىكىدىن ئۆتۈشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئەڭ قاملاشمىغان يىرى، سىزنىڭ جاۋابىڭىز كىتابتىكى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش بولسا ياكى ھەر قانداق بىرەر ساۋاقدىشىڭىز بىلەن ئوخشاش بولسا كۆچۈرمىكەشلىك قىلغان ھېسابلىنىدىكەنسىز! توۋا، بىزنى ئەسلى كىتابتىكى بىلەن ئوخشىمايدىغان يازساق نومۇر بەرمەيدىغان، ئەكسىچە كىتابتىكىنى ئۆز ئەينى يادلىۋىلىپ شۇنى يازساق تولۇق نومۇرغا ئېرىشىدىغان قىلىپ تەربىيلىگەن ئەمەسمىدى؟ ئەمدى بۇلارنى دەپ ئامېرىكىدا ئوقۇماقچى بولغانلارنى قورقۇتۋەتكۈممۇ يوق، ئەمما ئامېرىكا مائارىپى ھەرگىزمۇ سىز ئويلىغاندەك ئاسان، ئەركىن مائارىپ ئەمەسلىكىنى بىلسىڭىزلا بولدى. نۇرغۇنلارنىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكا ئالىي مائارىپى ئىمتىھان نومۇرلىرىغا ئالاھىدە ئىتىبار بېرىدىكەن ھەم نەزىرىيەنى تېگى-تېگىدىن پىششىق بىلىشىڭىزنى ۋە بىرلا ۋاقىتتا قول سېلىپ ئىشلىيەلەيدىغان، قىلغان ئىشىڭىزدىن باشقىلارنىڭ ئالدىدا قورقماي دوكلات بېرەلەيدىغان بولۇشىڭىزنى تەلەپ قىلىدىكەن. يېڭى مۇھىت، يېڭىچە مائارىپ، يېڭىچە تۇرمۇش ۋە ئوي-پىكىر شەكلى بىلەن تونۇشۇپ ئىشلارنىڭ قانداق يۈرۈشىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ بولغۇچە، بۇ بىر يىلمۇ توشۇپ كېتىدىكەن، ئەمما بىر يىلدىن كىيىن شۇ قاقشاشلارنىڭ ئارقىسىدا ئېرىشىدىغان يەكۈنىڭىز مۇنداق بولىدىكەن: «ئامېرىكا مائارىپى ھەقىقەتەن بىلىمخۇمارلارنى دۇنياۋى ئىلغان بىلىملەرگە قۇلاققىچە چىلىشىپ تۇرۇپ ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن ۋە كىشىنى ھەقىقىي ئۆزىگە ئىشىنەلەيدىغان قىلىپ تەربىيلەپ چىقىدىكەن».  شۇنداق قىلىپ بىلگەجاننىڭ ئامېرىكىدىكى بىرىنچى يىلىنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنى ئاللىقاچان پەرەز قىلىپ بولدىڭىز. شۇنداقتىمۇ، شۇ بىر يىل جەريانىدا ئەلۋەتتە بىرەر-يىرىم قېتىم ساياھەتكە بارىدىغان ۋاقىتلارمۇ بولىدۇ ۋە «ئامېرىكىدا مۇنداق ئوينىدۇم» دەپ دوستلىرىڭىزنىڭ سىزدىن سورايدىغان ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىك ۋە تاماشاغا ئائىت كۈتكەن جاۋابلىرىغا قورقماي جاۋاب بېرىشكە ئەسقىتىپمۇ قالىدۇ.

ئامېرىكا تەسىراتلىرى (3) - ئامېرىكىدىكى غەلىتە ياتاقدىشىم

مەن ئامېرىكىغا كىلىش ئالدىدا يۇرتتا خەلىقئارا تېلېفۇن ۋە تور توختاپ قالغىنىنىڭ زېينىنى ئامېرىكىغا كىلىپلا كۆرۈشكە باشلىدىم. ھەممە ئىش بەكلا بۇرۇن ئالدىن پىلانلىنىدىغان بۇ دۆلەتتە، مەن بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ قويمىغانلىقىم ئۈچۈن، ئامال يوقىدىن تۇرىدىغان جاي ئۇقۇشمايلا ئامرىكىغا كەلدىم. ھېلىمۇ ياخشى مەن ئامېرىكىدا تۇنجى قەدەم باسقان، ئوقۇيدىغان مەكتىپىمگە يېقىن كالورادو شىتاتىدىكى دەنۋىر دېگەن شەھەردە تۇرىدىغان ئامېرىكىلىق دوستلىرىم بار ئىدى. ئامېرىكىغا تۇنجى قەدەم باسقىنىمدا شۇلار ئالدىمغا چىقىپ ئۆيىگە ئىلىپ باردى ۋە شۇلارنىڭ ئۆيىدە 5-6 كۈن تۇرۇپ قالدىم. مۇشۇ مەزگىلدە مەكتىپىمگە تېلېفۇن ئۇرۇپ بارسام تۇرىدىغان جاي ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشىنى، ھازىرغىچە ھېچقانداق تۇرىدىغان جايىم يوقلۇقىنى ۋە قانداق ئۆي بولسا تىپىپ بېرىشىنى، ئىشقىلىپ مېنى تالادا قويماسلىقىنى ئېيتىپ يالۋۇردۇم. بۇ ۋاقىت ئاللىقاچان مەكتىپىمدە تىزىمغا ئالدۇرۇشۇمغا پەقەت بىر ھەپتە قالغان ۋاقىت ئىدى. ئۇلار دەسلەپ مەكتەپنىڭ بىنا ئۆيلىرىنىڭ ئاللىقاچان توشۇپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزۈمنىڭ مەكتەپ سىرتىدىن ئۆي ئىزدەپ تىپىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئەمما مەن جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ «قانداقلا بولمىسۇن مېنى تالادا قويماڭلار» دەپ يالۋۇردۇم. ئادەتتە كۆپىنچە ئامېرىكا ئۇنىۋىرستېتلىرىدا پەقەت تولۇق كۇرسنىڭ 1-2-يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارلا مەكتەپ ياتىقىدا يېتىشى شەرت بولۇپ قالغانلار ياكى مەكتەپنىڭ بىنا ئۆيلىرىدە ۋە ياكى مەكتەپ سىرتىدىن ئۆي ئىجارە ئىلىپ تۇرۇشى لازىم بولاتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ماڭا مەكتەپنىڭ بىنا ئۆيلىرى تۈگەپ قالغان دەپ ئۆتەپ-تېشىپ 2 كىشىلىك ياتاقتىن بىرسىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي Logan ئىسىملىك بىر ياتاقدىشىم بارلىقىنى دىگەنتى، مەن دېگەن چۆچۈپ كەتكەن گەپ....  چۈنكى مېنىڭ بۇرۇن Logan ئىسىملىك ئامرىكىلىق بىر دوستۇم بار بولۇپ، ئۇ بىر قىز بالا ئىدى، دەل شۇ قىز مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان بولۇپ ماڭا ئۆز ۋاقتىدا مۇشۇ مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىشىمنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى.  ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ۋاقىتلاردا ئامرىكىنى ناھايتى «ئوچۇق» دۆلەت دەپ چۈشەنگەچكە، بۇنداق ئېھتىماللىقنىڭ بولۇشىدىن ئەلۋەتتە گۇمان قىلىمىدىم. مەكتەپكە خەت يېزىپ بۇ كىشىنى گۇمانغا سالىدىغان ياتاقدىشىمنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى توغرۇلۇق سورىسام، ئۇلار ئوشۇق گەپ قىلمايلا بىز سەن توشقۇزغان جەدۋەلگە ئاساسەن ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدىغان بىرىنى ياتاقداش قىلىپ ئورۇنلاشتۇردۇق، دەپلا مەن قىزىقىدىغان سوئالغا جاۋاب بەرمەي قويدى. ئوھ.. ئۇلارغۇ مەندىن يېشىم، قىزىقىشىم، كەسپىم، چوڭ-كىچىك تۇرمۇش ئادەتلىرىمدىن تارتىپ سوراپ ساڭا ئەڭ ماس كىلىدىغان بىرسى بىلەن تۇرىسەن دىگەنتى، ئەجىبا ئەمدى ماڭا ئەڭ ماس كەلگىنى بىر قىز بالا بوپتىدە دەپ ئويلاپ ئەنسىرەپ كەتكىنىمنى دېمەيسىلەر… قىززىق ئىشتە! يات بىر دۆلەتكە بارسىڭىز، ئۇلار سىزنى ئۆزىنىڭ قائىدىلىرىنى چۈشىنىدۇ دەپلا ئويلىغاچقا سىزنىڭ سوئال سوراشتىكى چىقىش نۇقتىڭىزنى قەتئىي ھېس قىلىپ يېتەلمەيدىكەن ۋە ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرى بويىچىلا جاۋاب بېرىدىكەن. مەن دەرھال مەكتەپ تەمىنلىگەن ئېلخەت ئادېرىسى بويىچە، Logan غا خەت يازدىم. ئەتىسى ئاخىرى Logan دىن خەت كەلدى. ئۇ قىسقا قىلىپ ئۆزىنىڭ كومپىيۇتېر ئېنژىنىرلىقى كەسپىنىڭ تولۇق كۇرسنى باشلايدىغان يېڭى ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيەدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا خىزمەت قىلغان يىگىت ئىكەنلىكىنى، ھازىر 26 ياشقا كىرگەنلىكى ئۈچۈن بىر قەدەر پىشقان دەپ قارىلىپ مەندەك بىر دوكتور ئاسپىرانتى بىلەن بىر ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ مىسسۇرى شىتاتىدىن بىر نەچچە كۈندىن كىيىن يولغا چىقىپ ماشىنا ھەيدەپ مەكتەپكە كىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ كۆڭلۈم ئەمدى ئەمىن تاپقان بولدى.

مەن دەنۋىردىن بىر ئاپتوبۇسقا چۈشۈپ ئالاھەزەل ئىككى سائەت يول يۈرۈپ مەكتىپىم جايلاشقان شەھەرگە كىلىۋالدىم ۋە مەكتەپتىن ئالدىمغا چىققان بىر ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىنىڭ ياردىمى بىلەن مەكتەپكە كىلىپ ياتىقىمغىمۇ ئورۇنلىشىۋالدىم. شۇ كۈنى لوگان ماڭا ئەتىسى كىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ يەنە بىر ئىلخەت يازغان ئىدى. ئاخىرى ھاياجاندا ئەتىىسى چۈشتىن بۇرۇنقى قاتنىشىدىغان پائالىيەتلەردىن بىكار بولۇپ ياتاققا كىرسەم بويى ئىگىز، خام سېمىز، مەندىن خېلى قېرى كۆرۈنىدىغان بىر يىگىت ياتاقتا تۇرۇپتۇ. بىر مۇنچە ھەيرانلىقلاردىن كىيىن، مەن سىلەرگە گىپىنى قىلىپ بەرمەكچى بولغان ياتاقدىشىم Logan بىلەن تونۇشۇشۇممۇ غەلىتە باشلاندى. ئۇ ناھايتى كەمسۆز يىگىتكەن. ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ھايۋاناتلارنىڭ مۇھەببىتى تەسۋىرلىنىدىغان كىتابلار ۋە شۇ تۈردىكى كارتونلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ يەنە بىر قىزىقىشى بولسا بۆرە، تۈلكە، يولۋاس، ئېيىق دېگەندەك ھايۋاناتلارنىڭ شەكلىدىكى نىقاب كىيملەرنى توقۇشكەن. راست دىگەندەك ئۇ 3-4 كۈندىن كىين بىر مۇنچە يۇڭلارنى ئەكىلىپ مۇشۇنداق «بۆرە كىيملىرى» نى توقۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئۆزى بۇرۇن توقىغان 5 قۇر شۇنداق كىيىمى بار ئىكەن. نېمىشقا يەنە توقۇيسەن دىسەم، «توقۇپ ساتىمەن» دەيدۇ.  ياتاقنىڭ ئىچى كارۋىتىمنىڭ ئۈستىدىن باشقا ھەممە يەر لىق رەڭگارەڭ يۇڭلارغا تولۇپ كېگىزچىلىك زاۋۇتىدىن پەرقىمۇ قالماپتۇ. ئۇنى مۇشۇنىڭغا قاراپلار غەلىتىكەن دەپ قاپتۇ، ھەجەپمۇ باشقىلارنىڭ قىزىقىشىنى ھۆرمەتلىمەيدىكەن دەپ ئويلاۋاتقان بولسىڭىز تېخى ساقلاپ تۇرۇڭ. چاتاق يېرى ئۇ كۈندە كەچتە توختىماي گازلىق ئىچىملىك ئىچىدىكەن. ئىچسىغۇ مەيلىتى، لېكىن توختىماي ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوسۇرۇپ قويىدىغان ئىشى بار ئىكەن. ئانچە سېسىق پۇرىمىغاندىكىن ئۇنىمۇ مەيلى دىسەم ھەر قېتىم شۇنداق قىلىشتىن بۇرۇن "excuse me" (كەچۈرۈڭ) دەپ قويۇشلىرى بار، بەزىدە شۇنداق دەپ ئۇخلاۋاتقان ئادەمنىمۇ ئويغىتىۋىتىدۇ، دېمەيسىلەر. ئاخىرى بىر كۈن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ، تېشىغا چىققان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولىدىغالىقىنى ياكى مۇنچا ئۆيىدە شۇنداق قىلسا مېنىڭ ناھايتى مىننەتدار بولىدىغانلىقىمنى ئېيتسام، ئۇ بىر-ئىككى كۈن شۇنداق قىلىپ يەنە ئەسلىگە قايتىۋالدى. بىر كۈنى پەقەت ئۇخلىيالماي سانىسام ئۇ توپتوغرا بىر كەچتە 50 قېتىمدەك «excuse me» دېدى. بۇ غەلىتە ھەم مۆرىمەس ياتاقدىشىمدىن بىئارام بولۇپ يۈرەتتىم. ئىككى ھەپتىلەردىن كېيىن ئۇ ئاخىرى ئىسمىمنى ئېسىدە تۇتالىدى ۋە بىر كۈنى كەچتە ئۇخلاش ئالدىدا ئاكتىپلىق بىلەن  مېنىڭ قانداق تەنھەرىكەت تۈرلىرىگە قىزىقىدىغانلىقىمنى سورىدى، بۇ ئىككى ھەپتىدىن بىرى ئۇنىڭ مەندىن تۇنجى قېتىم ئۆزى گەپ باشلاپ سوئال سورىشى ئىدى. مەن تىك-تاك توپنىڭ گېپىنى قىلدىم. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوۋ ئوۋلاشنى ناھايتى ياقتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مېنى بىللە ئوۋ ئوۋلاپ كىلىشكە تەكلىپ قىلدى ۋە خالىسام ئوۋغا چىققاندا ئۆزىنىڭ 4 مېلتىقىنىڭ بىرىنى ماڭا ئارىيەت بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئوۋ ئوۋلاشقا قىزىقمايدىغانلىقىمنى دېدىميۇ، كۆزۈم ياتاقنىڭ ئىچىنى ئاختۇرۇشقا چۈشتى چۈنكى مەن ئۇ ۋاقىتلاردا مەكتەپتە قورال ساقلاشقا بولمايدىغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىدىم. مېنى ئەنسىرەتكىنى، بىر قېتىم كېچىسى ئويغىنىپ كىتىپ قارىسام ئۇ كارۋىتىدا بىر نىمىلەرنى دەپ ئولتۇرۇپتۇ، گىپىنى پەقەت ئۇقالمىدىم. ئەتىسى ئويغىنىپ قارىسام يەنە شۇ، پىچىرلاپ بىر نېمىلەرنى دەۋىتىپتۇ، يا تېلېغۇنى يوق، يا قۇلاقتا نائۇشنىكمۇ يوق.. شۇنىڭ بىلەن جۈرئەتكە كىلىپ ئۇنىڭدىن «مەندىن گەپ سورىدىڭمۇ؟ مەن ئاڭلىيالماي قالدىم، قايتا سورىساڭ بوپتىكەن» دىسەم، نېمە دەيدۇ دېمەيسىلەر؟ ئۇ تۇرۇپ كىتىپ، «ياق، مەن سەندىن ھىچنىمە سورىمىدىم. ئەگەر ئۆزەمگە گەپ قىلغىنىمنى دەۋاتقان بولساڭ، ئەنسىرىمە، داداممۇ شۇنداق قىلاتتى» دېمەسمۇ.... شۇ كېچە قەتئىي ئۇيقۇم كەلمىدى. ئۇ «مەندە تاپانچىدىن تۆتى بار دىگەن ئىدى ئەمەسمۇ؟ نەگە يوشۇرغاندۇ؟ » دىگەنلەر كاللامدىن كەچتى چۈنكى بۇ كاللىسى چاتاق ئاداش بولسا ئەمدى... دەپ بەك قورقۇپ قالغان ئىدىم. ئۇ ۋاقىتلاردا مەكتەپ تاماقخانىسىدىن تاماق يىيىشىمگە توغرا كىلىپ بېلىق بىلەن خام سەيلەردىن باشقىسىنى، ئەتىگەنلىرى تۇخۇم، مېۋە.. دىگەندەكلەرنى يىگەندىن باشقىسىنى يىيەلمىگەندىكىن ئىچىم پۇشۇپلا تۇراتتى. دوكتورلۇق ئوقۇشۇمنىڭ بىرىنچى دەرس باشلانغان ھەپتىسىلا فاكۇلتىتىمىزىكى شۇ يىلى قوبۇل قىلىنغان 10 ئوقۇغۇچىغا يىغىن ئېچىپ يىل ئاخىرىدا يېرىمىمىزنىڭ بۇ دوكتورلۇق پروگراممىسى بىلەن خوشلىشىشىمىز ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىر مۇنچە ئېغىر تەلەپلەر ۋە قورقۇنچلۇق گەپلەرنى ئۇقتۇرغان بولغاچقا مەكتەپتىنمۇ بېسىم ھېس قىلىپ تۇراتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياتاقدىشىم ھېلىقىدەك! بۇنداق ۋاقىتتا كۈندە «كېگىزچىلىك زاۋۇتى» دا يېتىپ، كەچلىرى جۆيلۈيدىغان ساراڭ تەرىپىدىن ئويغىتىلىپ ئۇخلىيالماي قىلىشتىن ئەنسىرەش ئەسلى مەن ئەنسىرەيدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئىش بولۇشى كېرەك ئىدى چۈنكى ھەر بىر مېنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بېرىشكە سەل قارىغىلى بولمايدىغان دوكتورلۇقنىڭ تۇنجى يىلىدىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈۋىلىشىم كېرەك ئىدى. ئاخىرى بىر ئايدىن كىيىن مەكتەپ ئۆتكۈزگەن خەلىقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنى كۈتىۋىلىش دالا تامىقى پائالىيىتىدە بىر تۈركىيەلىك بالىدىن قاقشاپ يۈرگەن (تاماق ئەتسەم پۇرايدىكەن دەپ ئەتكىلى قويمىدى دەپچۇ ) جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى مېنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىزدەپ كىلىپ ئۇنىڭ تۇرۋاتقان ئۆيىنى ئىجارە ئىلىشىمنى ئۆتۈنۈشى بىلەن مەكتەپنىڭ تاماق ئەتكىلى بولىدىغان بىنا ئۆيىگە كۆچۈپ كىرىشنى ئىلتىماس قىلىشنى باشلىدىم. ئادەتتە توختام بويىچە 1 يىل تۇرۇشۇم كېرەك بولغان بولسىمۇ، مەن ياتاقدىشىمنىڭ ئىشلىرىنى سۆزلىگەچ ئۆزۈمنىڭ تاماق يىيەلمەي ناھايىتى قېينىلىپ كەتكەنلىكىمنى ئېيتىپ كۈندە ئۇلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىشىم بىلەن، ئاخىرى 10-ئاينىڭ باشلىرىدا بۇ غەلىتە ئامېرىكىلىق ياتاقدىشىم بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ تۈركىيلىك ياتاقدىشىم، مىجەزى ئوڭلۇق يىگىت ئونۇر تۇرغان ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ ئاخىرى كۆپ ئىنتىزار بولغان لەغمەن-پولۇلار بىلەن نورمال ھاياتىمنى باشلىدىم.
ئامېرىكا تەسىراتلىرى (4) - مۇنچاق ساتىدىغان پروفىسورۇم

ئامېرىكىدا مەن ھازىرغىچە تونۇشقان كىشىلەر ئىچىدە دوكتور يېتەكچىم پرافىسور سىتىۋىن فورد ماڭا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن كىشى بولسا كېرەك. ئىلگىرى ئۇنىڭ ماڭا كەسپىي بىلىملەرنى قانچىلىك كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەتكەنلىكىنى ۋە ئۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالىي مەكتەپ پروفىسورى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدىم. ئۇنىڭ چوڭقۇر بىلىملىرى ۋە چەكسىز ئەستائىدىللىقى مېنى قانچىلىك ھەيرانلىقتا قالدۇرسا ئۇنىڭ بەزى تۇرمۇشتىكى ئىشلىرىمۇ مېنى شۇنچىلىك ھەيران قالدۇرىدۇ. ئامېرىكىدا پروفىسورلار بىرەر ئىلمىي يېغىن ياكى تەكلىپلىك دوكلات سۆزلەشكە كەتمىگەن ۋاقىتلىرىدا پۈتۈن ۋاقتىنى مەكتەپتە ئۆتكۈزىدۇ ۋە مېنىڭ نۇرغۇن ئۇستازلىرىم شەنبە كۈنلىرىمۇ ئوخشاشلا خىزمەت قىلاتتى. دوكتور فوردقا ئوخشاش «ئىلىم-پەن بارلىقىم» دەپ ئويلايدىغان، قىلغان تەتقىقاتلىرىدىن زور خۇشاللىق تاپىدىغان ۋە ھاياجانلىنىدىغان پروفىسورلار ئۈچۈن ھەر بىر كۈنلۈك خىزمەت ئىنتايىن مۇھىم، ئەلۋەتتە. ئۇلار ئاساسەن كەچلىرىمۇ ئۆيىدە ئىشلەيدىغان بولۇپ، كۈندۈزلىرى خىزمەت ۋاقتىدا قىلىپ بولالمىغان بەزى خالىس خىزمەتلەر، مەسىلەن: ژورناللارنىڭ ماقالە باھالاش خىزمىتى ياكى قايسىبىر ئىلمىي ئورگانلارنىڭ تەتقىقات مەبلىغى ئىلتىماسلىرىنى كۆرۈپ چىقىپ باھالاپ بېكىتىش دېگەندەك كۆپ ۋاقىت ئالىدىغان ئىشلارنى كەچلىرى قىلىشى ناھايىتى ئومۇملاشقان بىر ئەھۋال. ئۇلار ئادەتتە سورۇنغا بارمايدۇ، توي-تۆكۈن، ئولتۇرۇشلاردىن ئاساسەن يېراق بولۇپ كۆپىنچە پروفىسورلار ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە قىلچە ئاكتىپ ئەمەس،دېيىشكە بولىدۇ. دوكتور فورد بىر «سەھەر قۇشى» بولۇپ قىشمۇ-ياز ئەتىگەن سائەت 6:30 دە ئىشقا كىلىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرغىنىغا 30 يىلدىن ئاشقانكەن. ئۇ شەنبە كۈنلىرىمۇ ئوخشاش ۋاقىتتا ئىشقا كىلىدىغان بولۇپ، كۆپىنچە شەنبە كۈنلىرىنى تەجىرىبخانىدا ئۆتكۈزىدىغان مېنى تەجىرىبخانىدا يوقلاپ بىرەر يېرىم دەم پاراڭ سېلىشنى ئۇنتۇمايتتى ۋە چۈشتىن كېيىنلىرى 3:00 لەردە قايتاتتى. ئۇ ئىزچىل مۇشۇنداق ۋاقىت تەرتىپىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەچكە، مەن ئۇنىڭ قايسى ۋاقىتتا كىلىپ-كېتىدىغانلىقىنى مەكتەپكە كەلمەي تۇرۇپمۇ پەرەز قىلالايتتىم ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان قىزىل رەڭلىك ماشىنىسىنىڭ بىنانىڭ ئالدىدا بار يوقلۇقىغا قاراپ بىنانىڭ ئىچىگە كىرمەي تۇرۇپ پەرىزىمنىڭ ھەر قاچان توغرا ئىكەنلىكىنى بىلەلەيتتىم. شۇنداق ئالدىراش ئۆتۈۋاتقان 2012-يىلى دېكابىر كۈنلىرىنىڭ بىرىدە مېنىڭ پەرىزىم خاتا بولۇپ چىقتى. ئەزەلدىن مەن ئېلخەت يازسام بىر سائەت ئىچىدە، ھېچبولمىغاندا شۇ كۈندىن قالدۇرماي جاۋاب قايتۇرىدىغان بۇ كىشى بىر قېتىم پەيشەنبە كېچە سائەت 2:30 لەردە ئەۋەتكەن بىر ئېلخىتىمگە ئەتىسى چۈشتىن كىيىن بولسىمۇ جاۋاب قايتۇرمىدى. بۇ خېتىمدە مەن ئۇنىڭدىن دوكتورلۇق دېسسىرتاتسىيەمنىڭ بىر پاراگرافىنى كۆرۈپ بېقىشىنى ۋە تۈزىتىش بېرىشىنى ئۆتۈنگەن ئىدىم.  بۇ ئىش مېنى ناھايىتى ھەيران قالدۇردى چۈنكى يېغىنغا كەتمىگەن بىر جۈمە كۈنى ئۇنىڭ مېنى جاۋاپسىز قالدۇرىشى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان، ئۇ ھېچبولمىغاندا قاچان كۆرۈپ بېرىدىغانلىقىنى بولسىمۇ بىلدۈرۈپ قوياتتى. مېنى كۈندە ئىشخانىسىغا ئاز دېگەندە بىر قېتىم چاقىرىۋالىدىغان بۇ «سۆيۈملۈملۈك قېرى» بۇ كۈنى مېنى چاقىرمىدى، ئىشخانىسىمۇ تاقاق تۇراتتى. ئىشقىلىپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەيلا قالغان ئىدىم.

شۈ كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 5:00 لەردە ئۆيگە قايتىپ ئايالىم ۋە قىزىمنى ئىلىپ مەكتەپ پائالىيەت مەركىزىگە كەلدۇق. بۇ يەردە بىر قاينام-تاشقىنلىققا تولغان يەرمەنكە ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ قول-ھۈنەرۋەنچىلىك بويۇملىرىنى بايراملىق ساتىدىغان بولۇپ، بۇنداق يەرمەنكىلەر يىلدا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتى ۋە قولدا توقۇلغان شارپا ۋە پەلەي دېگەندەك ناھايىتى ياخشى سۈپەتلىك، قاتتىق سوغۇق بولىدىغان بۇ جايدا جانغا ئەسقاتىدىغان نەرسىلەرنى تاپقىلى بولاتتى. يەرمەنكە زالى ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدىغان قاينام تاشقىنلىققا تولغان بولۇپ، بايرام تۈسىگە كىرگەن پائالىيەت مەركىزىدىكى بېزەكلەرگە خۇشال ۋە ئازادە يۈرۈشۋاتقان ئىللىق چىراي كىشىلەر قوشۇلۇپ ئادەمنىڭ روھىنى كۆتۈرەتتى. بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە جايلاشقان پەشتاقتىن چىقىشتىكى تۇنجى يەرمەنكە زالىغا كىرىپلا ھاڭ-تاڭ قالدىم چۈنكى ئەتىگەندىن بىرى مەن ئىزدەپ يۈرگەن كىشى بۇ يەردە مۇنچاق سېتىۋىتىپتۇ!

توۋا دەپ قالدىم، ھەيرانلىقىمنى يوشۇرۇشقا تىرىشاتتىم، ئەمما مارشا (دوكتور فوردنىڭ ئايالى) نىڭ ئىللىق سالاملىرى ۋە قىزغىنى قارشى ئىلىشلىرىدىن كېيىنلا مەن دوكتور فوردنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلاشقا تەقەززا بولۇپ، گەپ تەشتىم:

-مەن تېخى سىزنى ئىزدەۋاتقان ئىدىم، ئەتىگەندىن بىرى سىزنى تاپالماي يۈرسەم ئەسلى بۇ يەردىكەنسىزدە؟

-ساڭا دېيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. مارشا نەچچە ئايدىن بىرى ئۆيدە ياسىغان زىننەت بۇيۇملىرىنى بۈگۈنكى بايراملىق يەرمەنكىدە ساتماقچى بولغانتى. مەن ئەتىگەندىن بىرى نەرسىلەرنى تىزىشقا ياردەملەشتىم ۋە ئۇنى يالغۇز قويماي دېدىم-دەپ چۈشەندۈردى فورد.

-ياخشى بوپتۇ، مارشا بەك چىرايلىق زىبۇ-زىننەتلەرنى ياساپتۇ. ئۇمۇ زېرىكىپ قالمىغۇدەك.

-قانداق نېمە ئىشقا ئىزىدىگەن ئىدىڭ، تۇرسۇن؟

-شۇ بىر پاراگرافنى تۈنۈگۈن كېچە پۈتتۈرۈپ ئەۋەتكەن ئىدىم، كۆرۈپ بېرەمدىكىن دېگەن. مەن تېخى سىزنى بەك ئالدىراش بوپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن.

-مەن ئەتە ئىشخانامغا بارغاندا كۆرۈپ بېرەي. مەن ئۈچۈن «ئائىلەمدىنمۇ بەكرەك مۇھىم ئىش يوق»، مارشانىڭ ئىشى چىقىپ قالسا ھەممىنى تاشلىشىمغا توغرا كىلىدۇ. ياخشى يېرى بۇنداق پائالىيەتلەر يىلدا ئاران بىرەر قېتىم بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ۋاقىت چىقىرىشىم كېرەكتە؟

-بەك ياخشى بوپتۇ. مارشا ھەقىقەتەن چىرايلىق نەرسىلەرنى ياسايدۇ-دەپ گەپنى ماختاش بىلەن تۈگەتكەن بولدۇم.

بىز پارىڭىمىزنى تۈگەتكىچە مارشا ئايالىمغا بىر كىتاب ئارىغۇچ (نەقىشلەنگەن مارجانلىق كىتابنىڭ ئوقۇپ بولغان يېرىگە قىستۇرۇپ قويىدىغان زىننەت بۇيۇمى) سېتىپ ئۈلگۈرۈپتۇ. مارشا بۇرۇنمۇ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمىزدا ئايالىمغا مۇنچاق، بىلەيزۈك دېگەندەك نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىپ تۇراتتى، ھەم ئۇ يىغىپ كەلگەن، سېتىۋالغان تاشلارمۇ بەك چىرايلىق بولغاچقا ئۇنىڭ زىننەت بۇيۇملىرى بەكمۇ نەپىس ئىشلەنگەن ئىدى. بىز قىزغىن پاراڭلاردىن كىيىن ئاستا زالنڭ ئۇ تەرىپىگە يۆتكەلدۇق ھەم پروفىسورۇم دوكتور فورد خۇشال كۈلكىسى بىلەن مۇنچاقلارنى باشقىلارغا تونۇشتۇرۇشنى داۋام ئەتتى…

بىر پروفىسورنىڭ ئۆزى تونۇيدىغان كىشىلەر بار يەردە ئايالى بىلەن زىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىشى مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئىش بولغاچقا، بۇ ئىش خاتىرەمدە بەكمۇ ئېنىق قالغان ئىدى ۋە ئۇنىڭ بۇ روھى بەكمۇ تەسىر قىلدى. توي قىلغىلى 40 يىلدىن ئاشقان بۇ خۇشال بىر جۈپلەرنىڭ بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇپ شۇنچە ئۇزۇن يىلدىن كېيىنمۇ بىر-بىرىگە بولغان كۆيۈنۈشى ۋە ھۆرمىتى، شۇنداقلا 3 قىزىنى ۋە نەۋرىلىرىنى ھەر ۋاقىت يوقلاپ تۇرۇشى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايتتى. ئامېرىكىلىقلار ئۆزى مۇھىم دەپ ئويلىغان ئىشنى قىلىشتا ھەرگىز باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشىنى خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ ۋە ئۆزى خۇشال بولىدىغان ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ھەر قانداق جايدا پەخىىرلىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئېلىشىدۇ. ئامېرىكىدا كىشىلەرنىڭ ئەركىن بولۇشىدە دۆلەت قانۇن-تۈزۈملىرى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغاندىن باشقا، يەنە كىشىلەرنىڭ ئىددىيىسى ۋە كۆز قاراشلىرى ئۇلارنىڭ خىيالى، ئەركىن تۇرمۇش ئۇسۇلىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرسا كېرەك..

ئامېرىكا تەسىراتلىرى (5) - مەكتەپتىن قوغلانغان تۈركىيىلىك دوستۇم

يېڭى كىلىپلا «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» دېگەندەك بۇ يەردىكى ئىشلارنىڭ قانداق يۈرۈشىدىغانلىقىنى بىلىپ بولالماي گاڭگىراپ يۈرگەندە ئۈستىدە ھېكايسىنى سۆزلەپ بەرگەن ھېلىقى غەلىتە بىر ئامېرىكىلىق (ئۇندىن كىيىن ئۇنداق غەلىتە ئامېرىكىلىق ئۇچرىتىپمۇ باقمىدىم) بىلەن تاماق ئېتىش شارائىتىمۇ يوق ياتاققا تەقسىملىنىپ قىلىپ تازا ئىچىم پۇشقانتى. يەنە كىلىپ، 2009-يىللىرى يۇرتتا خەلىقئارالىق تېلېفۇن كىرمەيدىغان-چىقمايدىغان بولغاچقا ئايالىم ۋە ئۆيدىكىلەرنىڭ خەۋىرىنى ئالالماي ئۆلگۈدەك زېرىكىپ كەتكەن ئىدىم. مەكتەپكە كىلىپ بىر ئايدىن كىيىنلا ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ھەر ئايغا بۆلۈپ مائاش شەكلىدە بېرىدىغان بولغاچقا ئىقتسادتىن غەم قىلىدىغان ئىش بولمايدىكەن، شۇ بىرلا يېرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئوقۇشنىڭ بېسىمىغا يۇرت سېغىنچى قوشۇلۇپ كاللامدا يەتكۈدەك غەم بار ئىدى. ياخشى يېرى، مەكتەپ ياتىقىدىن تۈركىيىلىك يىگىت ئونۇر تۇرۋاتقان ئىككى قەۋەتلىك بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن كۈنلەر ھەر ھالدا مەنىلىك ئۆتۈۋاتاتتى. ئونۇر بىلەن دەسلىپىدە كۆرۈشۈپلا ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتسام، ئۇ قىزغىن قۇچاقلاپ كۆرۈشتى ۋە مەندىن بىر مۇنچە ئەھۋال سوراپ ئىلگىرىكى جۇڭگولۇق ياتاقدىشىنىڭ خىلى جىق غەيۋىتىنى قىلىپمۇ ئۈلگۈردى. بىز ناھايتى تىزلا چىقىشىپ قالدۇق. بۇ مىجەزى ئوچۇق-يورۇق، ئويۇن-تاماشاغا ئامراق يىگىت مەكتىپىمىزنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتىتىدا دوكتورلۇققا ئوقۇشىنى مەن بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا باشلىغان بولۇپ، ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ئايئوۋا شىتاتىدا 2 يىل ماگىستىرلىقتا ئوقۇغان ئىكەن. ئۇنى دەسلەپ بەكلا تىرىشچان ئوقۇغۇچىكەن دەپ ئويلاپ قاپتىمەن چۈنكى ئۇ ھەر جۈمە-شەنبە كەچلىرىمۇ «كۈتۈپخانا، library» غا بارىمەن دەپ ئۆيدىن چىقىپ كېتەتتى ۋە كەمدىن-كەم يېرىم كېچىدىن بۇرۇن ئۆيگە قايتاتتى. ئۇ ئەتىسى چۈشكىچە ئۇخلاپ ئويغانغىنىدا مەن ئەتكەن چۈشلۈك تاماققا داخىل بولغاچ تۈنۈگۈن دوستلىرى ۋولقان ۋە جان بىلەن ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەتتى. ئۇنىڭ تاماق ئېتىشكە ئانچە ئېپى يوق ئىكەن، شۇنچە يىل ئۆزى يالغۇز ياشاپمۇ تاماق ئېتىشنى ئۆگەنمپتۇ، جىق بولسا «كۆفتە» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركچە كاۋاپ قورۇپ يەپ قويىدىكەن. شۇڭىمۇ مېنىڭ ياققان نانلارنى يەپ «ئانامنىڭ نېنىني يېگەندەك بولدۇم» دېسە، لەغمەندىن ئىككى تەخسە سوقۇۋىتىپ «ئىسسىق باستى» دەپ قويۇپ ئولتۇرۇپ ماڭا گۇڭا-مۇڭا بولاتتى. بۇ ئۆيگە كۆچكەندىكى كۈنلىرىم  ئىلگىرى ياتاقتا تۇرغان ۋاقتىمدىكىدىن ھەر ھالدا زېرىكىشتىن خالىي ئىدى. ئۇ چاغدا يا پاراڭ قىلىشقۇدەك ئادەممۇ يوق، ئۇيغۇرچە بىرەر ئېغىز مۇڭدىشىپ بېرىدىغانغا مەكتىپىمدىكى سۇبات ئاكامدىن بۆلەك ھېچكىم يوق، ئەمما ئۇ بەكمۇ ئالدىراش ئىدى.  ياتاقتا تۇرۇپ دەل بىر ئاي بولغان بىر كۈنى شۇنچىلىك ئۆيگە تېلېفۇن ئۇرغۇم كىلىپ كەتتى، بەزىدە بىرەر مېنۇت ئۇلىنىپ قالىدىغان ۋاقىتلىرىم بولغاچقا ئېلىنمىسا قايتا ئۇراتتىم. شۇنداق زېرىككەن بىر شەنبە كەچلىكى ياتاق بىناسىنىڭ زالىدىكى تېلېفۇنغا 10 دوللارغا سېتىۋالغان كارتا بىلەن باشقا دۆلەتلەردىكى دوستلىرىمغا تېلېفۇن ئۇرماقچى بولدۇم. ئۇلار بىلەن سۆزلەشتىم-يۇ، ئەمما كۆڭلۈم يەنىلا ئۆيدىكىلەرگە تارتاتتى، شۇنىڭ بىلەن ساناپ تۇرۇپ 10 قېتىم ئۇرساممۇ ئېلىنمىغاچ، چوقۇم ئۇلىنىپ قالىدۇ دېگەن نىيەتتە 100 قېتىم نومۇرنى باستىم، 30 سېكۇنقىچە جىرىڭلاپ ئارقىدىن تۈتۈلەپ ئۈزۈلۈپ كېتەتتى… شۇنداق داۋاملاشتۇرىۋەرسەم خۇدايىمنىڭ ئىچى ئاغرىپ بولسىمۇ ئۇلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن ئۈمىدتە شۇ كېچىنى تاڭ ئاتقۇزۋىتەي دەپ قالغان ئىدىم…. ئەمما ھازىر پاراڭلاشقۇم كەلسە ئونۇر بىلەن پاراڭلىشىپ زېرىككىنىم چىقىپمۇ قالىدۇ. بەزى گەپلەرنىڭ ئېنگىلىزچىسىنى تاپالمىغىنىمىزدا ئۇيغۇرچە مۇنداق دەيتتۇق دېسەم، ئونۇرمۇ تۈركچىمۇ شۇنداق دەپ قالاتتى ۋە كۈلۈشۈپ كېتەتتۇق.

يەنە بىر خۇشال بولىدىغان يېرىم. مەكتەپكە پىيادە ماڭسا 10 مېنۇت كىلىدىغان بۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئاھالىلەر رايونىدىن مەكتەپ ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ كۈندە نەچچە رەت تەجىرىبخانىغا قاتنايتتىم. بۇ ئاپتوبۇسقا چىقىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىچنىسى خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار بولغاچقا، ئافرىقىدىن كەلگەن قارا تەنلىك ئوقۇغۇچىلاردىن تارتىپ، رەڭگى ئۇلاردىن قېلىشمايدىغان نۇرغۇن ھېندىستانلىق ئوقۇغۇچىلار، ئاق چاچ، سېرىق چاچ شىمالىي، غەربىي ياۋروپالىقلاردىن تارتىپ چېچى مېنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان روس، تاتارلار ۋە شەرىقى ياۋروپالىقلارغىچە، ئۇيغۇرغا بەكلا ئوخشاپ كېتىدىغان نېپاللىقلاردىن تارتىپ جۇڭگولۇق ۋە جەنۇبىي ئاسىيالىقلارغىچە بولغان 80 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئونلىغان ئوخشىمىغان تىللاردا سۆزلىشىپ كۈلۈشۈشلىرىگە ئاپتوبۇس شوپۇرى دائىم قويۇۋالىدىغان ئامېرىكا سەھرا مۇزىكىلىرى جۆر بولۇپ قاينام-تاشقىنلىق بىر كەيىپىيات شەكىللىنەتتى. گەرچە مەن بىلەن ئۇيغۇرچە تەڭ سۆزلىشىپ ماڭىدىغان ئادەم بولمىسىمۇ، ماڭا ئوخشاش ھېچكىمگە گەپ قىلماي ئولتۇرىدىغان ھەر يەرلىك ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ كۆڭلۈمگە تەسەللىي تاپاتتىم.

شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئونۇر ئۆيىمىزگە پات-پاتلا بىر ئاغىنىسىنى باشلاپ كىلىدىغان بولدى. بۇ كۆڭ كۆزلۈك، چاچلىرى ئۇزۇن ۋە بۈدرە ئېگىز بويلۇق تۈركنىڭ ئىسمى جان ئىكەن. ئۇ كەم سۆزدەك كۆرۈنسىمۇ، لىكىن بەكمۇ ئەدەپلىك ئىدى. ئونۇرنىڭ مەن بىلەن بىر فاكۇلتىتتىكى ۋولقان ئىسىملىك چوشقا گۆشى يەيدىغان تۈرك ئاغىنىسىگە قارىغاندا كۆپ تۈزۈتلۈك ۋە تاماق ۋاقىتلىرىدا ئۆيىمىزگە كىلىپ قالسا تەشۈككۈرنى نەچچە رەت ئېيتىشنى يادىدا ساقلايدىغان بۇ يىگىت بىلەنمۇ ئاسان چىقىشىپ قالدىم. بىر جۈمە كۈنى كەچ ئونۇر بىلەن ئىككىسى كۈتۈپخانىغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مېنىمۇ تەكلىپ قىلىۋىدى، مېنىڭمۇ ئىشلەيدىغان تاپشۇرۇقلىرىم خىلى كۆپ بولغاچقا ماقۇل دەپ سومكامنى ئېسىپ ئۇلارغا ئەگەشتىم. ئونۇر ئالدىنئالا تېلېفۇن قىلىپ قويسا ئىشىك ئالدىغا كىلىپ ئەكتىدىغان مەكتەپنىڭ «ئاقيول، Saferide» دەپ ئاتىلىدىغان شەنبە-يەكشەنبىلىك ھەقسىز تاكسى مۇلازىمىتىگە تېلېفۇن قىلىپ قويغانىكەن. ئەمما ماشىنىدىن چۈشۈپ قارىسام بىز مەكتەپ كۈتۈپخانىسى ئالدىدا ئەمەس، بەلكى مەكتەپنىڭ قارشىسىدىكى بىر قاۋاقخانا ئالدىدا تۇرۇپتۇق.

-ئونۇر، بىز ھەجەپ بۇ يەردە چۈشۈپ قاپتۇققۇ، دەپ سورىدىم-تەئەججۈپلىنىپ.

-مانا «كۈتۈپخانا»غا كەلدۇق دەپ ئۈستىدىكى ۋىۋىسكىنى ئىشارە قىلدى، ئۇمۇ ھەيران بولغان قىياپەتتە.

ئوھ، ئەسلى بۇلار دائىم بارىدىغىنى دەل مۇشۇ «كۈتۈپخانا» ئىسىملىك قاۋاقخانىكەن ئەمەسمۇ؟ ئامېرىكىلىقلار تاپمايدىغان ئىشى يوق، خەقتە دەپ قالدىم ئىچىمدە ۋە ئۇلارغا تاپشۇرۇقۇم كۆپلۈكىنى ئېيتىپ ئۇلارغا خوش دېگەچ مەكتەپ كۈتۈپخانىسىغا يول ئالدىم. قىزىق يىرى ئونۇر شۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ ئۆزىنىڭمۇ ناھايىتى تىرىشچان ۋە ئالدىراش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن، كۈتۈپخانىغا ماڭدىم دېسە، بۈگۈن مەكتەپ كۈتۈپخانىسىغا ماڭدىم، تاپشۇرۇقلىرىم بەك كۆپ دەپ ماڭىدىغان بولدى ۋە ئەتىسى تېخى 23 بەتلىك ماتېماتىكىلىق فورمۇلالار بىلەن تولغان تاپشۇرۇق دەپتىرىنى كۆرسىتىپمۇ قويىدىغان بولۇۋالدى. ئونۇر يەنە بىر تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى دەرىسىنى «ئوقۇتۇش ياردەمچىسى» بولۇپ، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ئىكەن.

-قارا، ماۋۇ ئوقۇغۇچى بۇ سوئالغان مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ، نومۇر بېرەيمۇ قانداق قىلاي؟ دەپ سورايتتى بەزىدە، ئۇ.

-قېنى كۆرۈپ باقايچۇ، «ئىقتىساد دېگەن قانداق پەن؟ جاۋاب: ئىقتىساد ناھايىتى پەچەت كىشىلەر تەتقىق قىلىدىغان بىر مۇھىم پەن» دېگەندەك جاۋابلارنى كۆرۈپ، مەنمۇ كۈلۈپ كېتەتتىم.

ئامېرىكىلىق تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جاۋابلىرى ئىچىدە مۇشۇنداق قىزىقارلىق جاۋابلار چىقىپ تۇراتتى. ئونۇر ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنمىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ دوكتورلۇقنىڭ 1-يىلىدىكى ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلگەچ، مەن ئۇنىڭ ئالدىراش ئىكەنلىكىگە قىلچە گۇمان قىلمايتتىم. ئەمما ئۇنىڭ دوستى جان ئوخشىمايتىتى. جان خېلى سوغۇق كۈنلىرىمۇ يىلىڭ مايكىلارنى كېيىپ ئالدىنى ئېچىپ قويۇپ يۈرىدىغان، ئايىغى قاچانلا قارىسا پارقىراپلار تۇرغان بىر پاكىزە يىگىت بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىرەر قېتىم دەرس تەكرارلىغىنىنى ياكى دەرسنىڭ گېپىنى قىلغىنىنىمۇ ئاڭلىمايتتىم. ئۇ ھەر ۋاقىت خۇشخۇيلۇق بىلەن بىزنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇپ كېتەتتى ۋە مەندىنمۇ ۋاقتىم بولسىلا كۆپ گەپ سوراپ جاھاندا ھېچبىر غېمى يوقتەك ئالدىرىماي تۇيغۇ بېرەتتى. ئۇ بىر نەچچە قېتىم ئاچقۇچنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قالغان ۋاقىتلىرىمدە ئونۇرنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆينىڭ ئىشكىنى ئېچىپمۇ بەرگەن ئىدى. شۇڭا مەنمۇ ئۇنىڭغا قىزغىن مۇئامىلىدە بولاتتىم ۋە ئۇ تولۇق كۇرس 4-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە بىر يىل قالغاچقا دەرسلىرى كۆپ بولمىسا كېرەك دەپ ئويلايتتىم. ئاخىرى مەۋسۈم ئاياغلىشىپ مەۋسۈملۈك ئىمتىھان ۋاقتى يېتىپ كەلدى. بىر كۈنى ئاران دېگەندە بىر پەن ئىمتىھانىمنى تۈگىتىپ قاراڭغۇ چۈشكەندە ئۆيگە قايتىپ كەلسەم، جان بىزنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇپتۇ، قارىسام ئونۇر بىلەن ۋولقان ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىۋاتقاندەك قىلىۋىدى، ئالدىراشچىلىقىمدا كارىم بولماي توڭلاتقۇدىكى ئىككى بۇرۇن ئېتىۋالغان پولۇنى ئىسسىتىپ يەپلا ئەتىسىدىكى ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن چىقىپ كەتتىم. ئۇنى شۇ كۆرگەنچە قايتا كۆرمىدىم، 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا قىشلىق تەتىل بوۇپ 1-ئاينىڭ بېشىدا ئەتىيازلىق مەۋسۈم باشلاندى. ئەمما ئۇنى يەنىلا كۆرمىدىم،  كېيىن ئۇقسام جان ھېلىقى كۈنى ئەتىگەندىكى ئىمتىھاندا كۆچۈرۈپ تۇتۇلۇپ قاپتۇ ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە بىر مەۋسۈم قالغاندا مەكتەپتىن ھەيدىلىپتۇ. بۇ ئىشتىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم ۋە ئامېرىكا مەكتەپلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم كۆچۈرۈپ تۇتۇلۇپ قالغانغىمۇ ھەيدىۋەتكىنىگە قاراپ بۇلار نېمىدىگەن «رەھمىسىز»، كىشىلەرنىڭ «ئەركىنلىكى»نى چەكلەپ نېمە قىلار بولغىيتتى دەپ قالدىم.

ئامېرىكا تەسىراتلىرى (6) - ئامېرىكىدا بالىسىنى «خورلىغان» ئۆزبېك

ئامېرىكىدا غەلتە قائىدىلەرنىڭ كۆپلۈكىنى بالام تۇغۇلغاندىن كىيىن ئاندىن تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىشقا باشلىدىم. دەسلەپ ئامېرىكىدا بالا بېقىش بەكلا ئاسان بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان ئىدىم چۈنكى بۇ يەردە بالا تۇغۇلغىچە نۇرغۇن قولايلىقلار بار. ئادەتتە ئامېرىكىدا دوختۇرخانىغا كەلگەنلەرنىڭ پۇلى بار-يوقلۇقىنى دوختۇردىن چىقىدىغان ۋاقىتقىچە ئانچە ئېنىق بىلىپ كەتمەيدۇ ھەم ھىچكىم سوراپمۇ يۈرمەيدۇ. بالام تۇغۇلغاندا مەن بىر ئوقۇغۇچى بولغاچقا بالام تۇغۇلغاندا دوختۇرخانىدا كېتىدىغان چىقىمنى شىتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ مىدىتسىنا سۇغۇرتىسى پۈتۈنلەي ئۆزى كۆتۈرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن 12 مىڭ دوللارلىق دوختۇرخانا چىقىمىدىن بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن بىر قېتىم ئۇلتىرا تەكشۈرۈش ئەسۋابىدا تەكشۈرگەنگە 300 يۈز دوللار تۆلىمىسەڭ بولمايدۇ دېگەنتى، باشقىلاردىن ئاڭلىغىنىم بويىچە 12 ئايغا بۆلۈپ تۆلەيمەن دېسەم ماقۇل دېمەسمۇ، شۇنداق قىلىپ ئاسانلا بولغان ئىدى. دوختۇرخانىدىكى مۇلازىمەتنىڭ ياخشىلىقىنى تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز دېمەي ئامالىم يوق. ھەتتا بالام تۇغۇلغاندا سىسترالار بىزنىڭ ھاياجانىمىزنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن ئۇلارمۇ يىغلاپ كېتىشتى… قېرىشقاندەك بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاران 48 سائەت تۇرۇشقا يول قويۇلىدىكەن، ئەمما قېلىن قار ياغقانلىقى ئۈچۈن بىر كۈن ئارتۇق تۇرۇپ ئاندىن كەتكۈمىز كەلمەي دېگۈدەك ئۆيگە قايتىپ كەلگەن ئىدۇق. سېستىرالار كۈتۈشتە ئانىڭىز، ئاچا-سېڭىللىرىڭىزدىنمۇ ئۆتە ياخشى مۇلازىمەت قىلىدىغان بولغاچقا دوختۇرخانىدىن قەتئىيلا ئايرىلغۇڭىز كەلمەيدىكەن. ئايالىم بىلەن بالىنىلا ئەمەس، بەلكى مېنىمۇ ئاجايىپ كۈتتى. مېنىڭ كارۋىتىم ئايالىمنىڭكىدىن كىچكرەك بولسىمۇ شۇنداق ئەپلىك، شارائىتىمۇ بەكلا ياخشى ئىكەن. گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا بىز «باشقىلارنى شۇنچىۋالا ئويلىغىلىمۇ، ئىشلارنى شۇنچىلىكمۇ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغىلى، دوختۇرخانىدىمۇ ئارامگاھتەك تۇرغىلى بولىدىكەن، ھە» دەپ ياقىمىزنى چىشلىشىپ ئۇ ياخشى مۇئامىلىلەرگە تۇنجى كۈنى كۆنەلمەي، ئەتىسىدىن باشلاپ بەك خوشيىقىپ كەتكۈمىز كەلمەي قالغان ئىدى. تۇغۇت بۆلۈمىدە ئىشلەش ناھايتى جاپالىق بولسىمۇ، بۇ كەسپىنى تاللىغان سېستىرلار ئىچ-ئىچىدىن بوۋاقلارنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا رازى بولۇپ سىز كۈتكەندىن ئاز دىگەندە يۈز ھەسسە ياخشى مۇلازىمەت قىلىدىكەن. بالا تۇغۇلۇشتىن 3 ئاي بۇرۇن ئەر-ئايال ئىككىمىز ھەپتىدە ئىككى سائەتتىن ئۆتۈلىدىغان تۇغۇت دەرىسى دېگەندەكلەرگە قاتنىشىپ بالا بېقىش توغرۇلۇقمۇ خىلى كۆپ بىلىمگە ئىگە بولغان ئىدۇق. ئەمما بالا بېقىشتىكى قائىدىلەرنىڭ كۆپلۈكىنى كېينچە تېخىمۇ ئېنىق بىلىپ قالدۇق.
ئامېرىكىدا ئاتا-ئانا بولۇش راستىنلا ئاسان ئەمەس. قىزىمنى دوختۇرخانىدا ئىلىپ چىقىدىغان ۋاقتىدا شۇ ئۈچ كۈنلۈك بولغان بوۋاقنى ماشىنىغا «بالىلار ئورۇندۇقى» بېكىتىپ شۇنىڭغا سېلىپ ئۆيگە ئاپىرىشقا مەجبۇر بولدۇق چۈنكى 8 ياشتىن كىچىك ھەر قانداق بالا چوقۇم ھەر ۋاقىت شۇ خىل ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىكەن. تېخى بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئۇ ئورۇندۇقنى ئاتايىتەن ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرنى چاقىرىپ بېكىتكىلى سالىدىغان ئىشكەن. بىر قېتىم تاللا بازىرىدا بالىنى ھارۋىغا ئولتۇرغۇزۇپ نەرسە-كېرەك سېتىۋىلۋاتاتتىم. بىر قولۇم ھارۋىدا بۆلجۈرگەن تاللاۋاتسام، بىر ساقچى ئالدىمغا كىلىپ:

-ئەپەندى، سىزنى ئاگاھلاندۇرىمەن، بالىڭىزغا ياخشى قاراڭ. بالىڭىز چوقۇم ئالدىڭىزدا، كۆرۈپ تۇرىدىغان جايدا تۇرۇشى كېرەك!

كەچۈرۈڭ، مەن دېققەت قىلاي دېگەچ بۇ ئاچچىقى يامان ساقچىنىڭ كۆزدىن ئاران قۇتۇلۇپ ئۆزۈمنى ناھايىتى گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ ئۆيگە يېنىپ كەلگەن ئىدىم. تېخى بالا 12 ياشقا تولۇق كىرمىگۈچە بىر قەدەم چوڭلارنىڭ قاراپ تۇرمىسا ئايرىلىشاق بولمايدۇ. بۇ ئاددىي گەپتەك بىلىنگەن بىلەن، ئامېرىكىدەك يات دۆلەتتە ئاتا-ئانىڭىز، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىز، دوست-بۇرادەرلىرىڭىز يوق ئەھۋالدا ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىز قاراپ بولۇشىڭىز راستىنلا ئاسانغا توختىمايدىكەن.


مەكتىپىمدە ئىشلەيدىغان 40 ياشلار ئەپچۆرىسىدىكى ئۆزبىكىستانلىق دوستىمىز ئەخەد تولىمۇ قىزىقچى كىشى ئىدى. ئەزەربەيجانلىق ئايالى زۇلفىيە ئىككەيلەننىڭ بىر ئوغۇل بىر قىزى بار بولۇپ، ئۇ ئىككەيلەننىڭ ناھايىتى كۆيۈمچان ئاتا-ئانا ئىكەنلىكىگە بىز قايىل ئىدۇق. بىر كۈنى ئەخەد مۇنداق بىر ئىش توغرۇلۇق قاقشاپ بەردى:

10-ئاينىڭ باشلىرىدىكى بىر كۈنى ئەخەدنىڭ ئايالى ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئۇ بالىلىرىنى يەسلىدىن ئىلىپ كەپتۇ ۋە ئۆيگە قايتىشىدا ئۆيدە ماي تۈگەپ قالغانلىقىنى پەملەپ تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدا توختاپتۇ. ئەمما قىزى قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن بولغاچقا، ئۇ ئوغلى ئابدۇللانى ئىلىپ 2 مېنۇتتا چىقىدىغان بولغاندىكىن دەپ قىزىنى ماشىنىدا قالدۇرۇپ دۇكانغا كىرىپ كېتىپتۇ. ئەمما كىم بىلسۇن، ئۇ 5 مېنۇت ھايال بولۇپ تېشىغا چىقسا بىر توپ ساقچىلار ئۇنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئەينىكىنى چېقىۋاتقۇدەك. ئۇنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى، ساقچىلار ئۇنى دەرھال تۇتۇپ قولىغا كويزا ساپتۇ ۋە بالىلارنىمۇ بىللە ئىلىپ كېتىپتۇ. ساقچىلار ئەخەدنى «بالىنى خورلاش جىنايىتى» بىلەن قولغا ئالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئەخەد شۇنچە چۈشەندۈرۈپمۇ قايىل قىلالماي، ئاخىرى بىرەيلەننىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى ۋە ئەخەدنىڭ راستىنلا دەل 5 مېنۇتتا يېنىپ چىققانلىقىنى ئېيتىشى بىلەن ئۇنى بىر كېچە سولاپ قويغاندىن كېيىن قولغا ئېلىشنىڭ ئورنىغا «80 سائەتلىك ئاممىۋى ئەمگەك جازاسى» بېرىپ قويۇپ بېرىپتۇ. توۋا دەيمەن، دەيتتى ئۇ- مەن ئۆزەمنىڭ بالىلىرىنى بېقىپ بولالماي يېتىشەلمەيۋاتسام ئەمدى قېرىلار ساناتورىيىسىگە بېرىپ ئىشلەيسەن دەيدۇ. بۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ كاللىسى چاتاق!

ئامېرىكا تەسىراتلىرى (7) - دوكتورلۇق ئوقۇشتا رېكورت ياراتقان جۇڭگولۇق ساۋاقدىشىم  

مەكتەپكە كەلگەن كۈنىمىزدىن باشلاپ پىروفىسورلىرىمىز بۇ يەردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى سەمىمىزگە سېلىپ تۇراتتى ۋە ئامېرىكىدا كۆپىنچە دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئاز دېگەندە 5 يىلدا پۈتتۈرىدىغانلىقى، ئەمەلىيەتتە يېرىمدىن كۆپ ئوقۇغۇچىلار 6 يىلدا پۈتتۈرىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ قۇلىقىمىزنىمۇ پىشۇرۋەتكەن ئىدى. ئەمما مەن دوكتورلۇقتا شۇنچە ئۇزۇن ئوقۇيدىغان ئىشنىڭ بارلىقىغا گۇۋاھ بولمىغان بولسام يەنىلا ئىشەنمىگەن بولاتتىم. كۆپ قىسىم جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ئۆزىگە ئېنگىلىزچە ئىسىم قويۇۋالغان جۇڭگولۇق قىز سىندى (ئەسلى ئىسمى فاڭشىن) قارىماققا ناھايىتى ئادەتتىكى بىر قىزدەك بىلىنەتتى. ئەمما ئۇ ئەمەلىيەتتە ئالاھىدە بىر قىز ئىكەن. ئۇنى مەكتەپتە تونۇمايدىغان پىروفىسىورلارمۇ ئاز بولۇپ، ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى، قىسقىسى غەيۋەتلىرى ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ ئۇنى كۆرۈپ باقمىغانلارنىڭ بىر كۆرگۈسىنى كەلتۈرەتتى. مەنمۇ مەكتەپكە كىلىپ ئىككى يىل بولغاندا بۇ قىز بىلەن كۆرۈشۈش شەرىپىگە ئېرىشتىم چۈنكى بەك كۆپ گپېىنى ئاڭلاپ كەتكەن ئەمەسمۇ. بىر كۈنى يېتەكچى ئۇستازىم دوكتور فورد ماڭا ئالاھىدە بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىزنىڭ تەجىرىبىخانىنىڭ ئۈسكىنىسىنى ئىشلەتمەكچى ئىكەنلىكى، چوقۇم مېنىڭ ئۇ تەجىرىبخانىمىزدا ۋاقىتتا كۆز قۇلاق بولۇشۇمنى سوراپتۇ. ئادەتتە تەجىرىبخانىلار ئارا خالىغانچە بىر-بىرىمىزنىڭ ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىدىغان بولغاچقا بۇ ئىش ماڭا غەلىتە تۇيۇلۇپ ئۇنىڭدىن سورىسام، ئەسلى بۇ قېتىمقىسى دەل نامى داڭلىق سىندى ئىكەن. نېمىشقا داڭلىق دەمسىلەر؟

سىندى 2004-يىلى مەكتىپىمىزنىڭ نېرۋولوگىيە فاكۇلتىتىغا دوكتورلۇققا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۇ ئىككى يىلدىن كىيىن بىر ماقالە يازغاندا سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆزگەرتىپ مەلۇم قىلغانلىقى بايقىلىپ قىلىپ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى ئوقۇشتىن چېكىندۈرمەكچى بوپتۇ، ئەمما دورىگەرلىك فاكۇلتىتىدىكى جۇڭگولۇق پروفىسور رېن ئۇنىڭ نېمىنىڭ ئىلمىي سەمىمىيەتسىزلىك بولىدىغانلىقىنى بىلمەي ئۇقۇشماي شۇنداق قىلىپ ساپتۇ، دەپ يۈرۈپ ئۇنى ئۆزىنىڭ تەجىرىبىخانىسىدا ئېلىپ قاپتۇ. ئەمما ئۇ بۇ قارارىغا تولىمۇ پۇشايمان قىلغانمىش. سىندى دوكتور رېنغا ناھايىتى كۆپ تەشەككۈرلەرنى ئېيتىپتۇ ۋە ئەسلىدىنلا تىرىشچان بۇ قىز كېچىلىرىمۇ تەجىرىبە ئىشلەپ كۆپلەپ سانلىق مەلۇماتلارنى چىقىرىش ئارقىلىق ئۇستازىنى تەسىرلەندۈرمەكچى بوپتۇ. ئەمما ئۇ قوشنا تەجىرىبخانىدىكىلەر تەييارلاپ قويغان دورىلار ۋە تەجىرىبە لازىمەتلىكلىرىنى سورىمايلا ئىشلىتىۋالىدىغان (ئوغۇرلاپ ئىشلىتىدىغان) خۇي تېپىۋاپتۇ. ئۇستازى نەچچە قېتىم نەسىھەت قىلسا تېخى «سەن ئۈچۈن شۇنچە جاپالىق ئىشلىسەم مېنى ئەيىپلىدىڭ» دەپ ئۇنىڭغا تازا ۋارقىراپ ئاچچىقىنى چىقىرىپتۇ. بەزى ئەپقاچتى گەپلەردىن قارىغان ئۇ ئەسلى دوكتور رېننى ياخشى كۆرۈپ قالغانمىش… مەيلى قانداق بولمىسۇن، ئىشلار يامانلىشىپ دوكتور رېن ئوقۇغۇچىسى سىندى ئۆزىگە كۆپ قېتىم ھاقارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۈستىدىن سوتقا ئەرىز سۇنۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سوت «سىندى بىر ئۆمۈر دوكتور رېن بار جايغا 30 قەدەم كىلىدىغان دائىرىنىڭ ئىچىدىن چەكلىنىدۇ» دەپ ھۆكۈم ئېلان قىپتۇ. بۇ دېگەنلىك سىندىينىڭ ئىككىنچى تەجىرىبخانىدىكى مەكتەپ ھاياتى ئاخىرلاشتى دېگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ، ئەلۋەتتە.  قىززىق دەيمەن، بۇنداق ئىش بىزنىڭ تەجىرىبىخانىدىمۇ بىر قېتىم بولمىغان بولسا، مۇشۇنداق ھۆكۈمنىڭ بارلىقىغا ھەرگىز ئىشەنمىگەن بولاتتىم. ئالدىنقى يىلى، تەجىرىبخانىمىزدا  ئىشلىگەن نەيسېن ئىسىملىك بوكىسچىلاردەك يوغان ھەم ئېگىز (1 مېتىر 95 كىلىدۇ) بىر ئامېرىكىلىق پوستدوكتۇرمۇ مۇشۇنداقراق بىر ھۆكۈمگە ئۇچرىغان ئىدى. ئۇ تەجىرىبخانىمىزدا ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا بىر ئوبدانلا ئىدى بولمىسا، ئەمما ئۇ ئارىزونا ئۇنىۋېرستېتىدا ياردەمچى پىروفىسورلۇق خىزمىتىگە ئېرشىپ تەجىرىبخانىمىزدىن كېتىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇ بىر تەجىرىبگە ياردەملىشىش ئۈچۈن بىر ھەپتىلىك قايتىپ كەلمەكچى بولغان ئىدى. ئەمما شۇ ئارىدا بىر نامەلۇم قىز ئوقۇغۇچى ئۇنىڭ ئۈستىدىن مەكتەپكە ئەرىز سۇنۇپتىكەن، مەكتەپ مۇنداق قارار چىقىرىپتۇ: «نەيسېن ئىلگىرى مەكتىپىمىزدە پوستدوكتۇرلۇق تەتقىقاتى قىلىۋاتقان مەزگىلىدە كىشىگە تەھدىت سالىدىغان، قورقۇتىدىغان ۋە قىزلار پوخۇرلۇق قىلىنىشتىن ئەنسىرەيدىغان خىزمەت مۇھىتى پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر مەكتىپىمىزنىڭ تۇپرىقىغا قەدەم بېسىشتىن چەكلىنىدۇ». بۇنى ئاڭلاپ ھەم ھەيران قالسام ھەم كۈلگۈم كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ بەزىدە سەل ئاچچىقى يامان بولۇپ، بىرەرسىگە قوپالراق گەپ قىلىپ قويغانمۇ تاڭ، كېتىپلا مۇنداق شىكايەت بىلەن ئەيىپلەندى. بۇنى بىلگەچ ، مەن سىندىغا چىقىرىلغان ھۆكۈمنى ئاڭلاپ ئۇنچىۋالا ھەيرانمۇ قالمىدىم. سىندى ئەمەلىيەتتە ناھايىتى مول تەجىرىبىلىك ۋە بەكمۇ تىرىشچان بولغاچقا، ئۇنى مىكروبىئولوگىيە فاكۇلتىتىدىكى بىر پىروفىسور تەجىرىبخانىسىغا ئىلىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سىندى 2007-يىلىغا كەلگەندە يەنە بىر قېتىم يېڭى ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە يېڭى دوكتورلۇق دېسسىرتاتسىيىسى ئۈچۈن ئىشلەشنى باشلاپتۇ. مەن كىلىپ بىرەر يىلدىن كېيىن مەكتەپ ئىچىدە سىندى ئوقۇش پۈتتۈرىدىكەن دەپ خەۋەر تارقىلىپ يۈردى، لېكىن كېيىنكى يىلى ئۇ يەنىلا بار. شۇنداق قىلىپ يىللار ئۆتۈۋەردى، مەنمۇ ئوقۇش پۈتتۈردۈم، ئەمما سىندى يەنىلا ئوقۇش پۈتتۈرمىدى. ماڭا ئۇ مەڭگۈ ئوقۇش پۈتتۈرمەيدىغاندەكلا بىلىنەتتى. مەن مەكتىپىمدىن ئايرىلىپ تېكساسقا كۆچۈپ كىلىپ پوستدوكتور بولۇپ ئىشلىگىلىمۇ بىر يىل بولاي دېگەندە ئاخىرى سىندى توغرۇلۇق بىر خۇشخەۋەر ئاڭلىدىم. ئۇ بۇ يىل 5-ئايدا راستىنلا ئوقۇش پۈتتۈرۈپتۇ. 10 يىل! دەل 10 يىلدا سىندى ئاخىرى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ مەكتەپ تارىخىدىكى دوكتورلۇقتا ئەڭ ئۇزۇن ئوقۇغان كىشى رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.


ئامېرىكا تەسىراتلىرى (8) - چۇخەي كېيىدىغان خىزمەتدىشىم

ئامېرىكىنى قانچە ياخشى چۈشىنىمەن دەپ ئويلىغانلارمۇ ئامېرىكىغا كىلىپ بىر نەچچە يىل ياشىغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى چۈشەنچىسىنىڭ يۈزەكى ئىكەنلىكىنى ھېس قېلىپ قالىدۇ. مەنمۇ ئامېرىكىغا كىلىشتىن بۇرۇن دەل شۇنداق ئۆزىگە قاتتىق ئىشىنىدىغانلارنىڭ بىرى ئىدىم، ئەمما ئامېرىكىغا كىلىپ ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشىنىڭ ئاجايىپ ئۆزگىچە ئىكەنلىكىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلغىنىمدا ئۇلارنى شۇ قەدەر ئەركىن ھېس قىلدۇرغان شۇ ئىشەنچكە ھەۋەس قىلىپمۇ قالدىم ۋە قانداق ئۆزىگە ئىشىنىشنى ئۆگىنپمۇ قالدىم. ئىلگىرى توفىل ئېمتىھانى سېنىپلىرىغا ئېنگىلىز تىلى دەرىسى بەرگۈدەك راۋان ئېنگىلىزچەم، ئەزەلدىن ئۇستازلىرىم ۋە ساۋاقداشلىرىم تەرىپىدىن مەيلى دەرسلەردە بولسۇن ۋە ياكى باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە بولسۇن ياخشىنىڭ ياخشىسى دەپ ماختىلىپ كەلگەن ئاتالمىش ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئەينى ۋاقىتلاردا ئۆزۈمنى بىر خىل قالتىس چاغلاپ قالىدىغان ۋاقىتلىرىممۇ بار ئىدى. ھازىرغا كەلگەندە شۇنداق قالتىس ھېس قىلىدىغان تۇيغۇلارنى ئىزدەپمۇ ھېچيەردىن تاپالمايمەن. نېمىشقا دەمسىز؟ مەندىكى ئۇ ئۆزىگە ئىشىنىش مۇئەييەن مەنىدىن ئەتراپىمدىكىلەردىن ئۆزۈمنى مەلۇم جەھەتتە ياخشىراق دەپ ئويلىغان ھاماقەتلىكىمدىن كەلگەن بولسا، ئامېرىكىلىقلاردىكى ئۆزىگە ئىشىنىش ئۆزىنى باشقىلارغا ئەمەس بەلكى كۆپىنچە ئۆزىنىڭ ئۆلچىمىگە سېلىشتۇرۇپ ئېرىشكەن ئىشەنچ بولۇپ بۇنى باشقىچە ئۆزىگە ئىشىنىش دەپ ئاتىماقتىن باشقا ئامالىم يوق. بۇ يەردە ئەركىنلىك دېسە قانداقتۇر چوڭ سىياسەتلەر ۋە تۈزۈلمىلەر ئۈستىدە پاراڭ قىلغۇم يوق، بەلكى ئادەتتىكى مەن كۆرۈپ تۇرىدىغان ئامېرىكا كىشىلىرىدىكى ئەركىنلىكنىڭ زادى قانداق ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى سىلەرگە چۈشەندۈرۈلىسەم دەيمەن.

بۈگۈن ئەتىگەن تەجىربىخانىمىزدىكى تېخنىك خىزمەتدىشىم تالىيا بىلەن 5-10 مېنۇت پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ تەجىرىبخانىغا ماڭىدىغان بولغاچقا، ئىشكىنى ئوچۇق قويۇشقا ئادەتلەنگەن تالىيا بۈگۈنمۇ ھەر كۈندىكىدەك مېنى كۆرۈپ قولىنى پۇلاڭشىتىپ «ھاي تۇرسۇن!» دەپ ئىللىق سالام قىلدى. ئوخشىمايدىغان يېرى، ئۇ بۈگۈن ئادەتتىكىدەك سالامدىن كىيىن قولىدىكى ئىشى بىلەن بەنت بولۇشنىڭ ئورنىغا مەندىن قىزغىنراق ئەھۋال سورىدى ۋە ئايىغىمنىڭ ياراشقانلىقىنى ماختىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئاياغ ۋە كېيىم-كېچەك توغۇرلۇق پاراڭغا چۈشتۇق:

-تۇرسۇن، سىزمۇ راھەت ئاياغلارنى ياخشى كۆرەمسىز؟ قاراڭ، بۈگۈن مەن تۈنۈگۈن تېخى سېتىۋالغان كىشىنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك راھەت بىر جۈپ ئايىغىمنى كېيىۋالدىم، دەپ- ئولتۇرغان پېتى پۇتىنى سوزۇپ ئۆزىنىڭ رەڭگارەڭ بوغۇچلۇق، يۇلغۇن چېچىكى بىلەن يېشىلدىن باشقا ئاساسەن ھەممە رەڭلەر تېپىلىدىغان ، بىر قاراشقا ئەرلەرنىڭ ئايىغىغىمۇ ئوخشاپ قالىدىغان تەنھەرىكەت ئايىغىنى كۆرسەتتى.

-راست، قارىماققا ھەقىقەتەن راھەتتەك كۆرۈنىدىكەن، دېدىم - مەنمۇ ئەدەب يۈزسىدىن.

-مەن ئەزەلدىن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيمەيمەن. مېنى نازاكەتلىك ئايال دېسە دوستلىرىممۇ كۈلۈپ تېلىقىپ قېلىشى ئېنىق، دېمىسىمۇ شۇ. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ماڭا ياراشمايدۇ، پەقەت مۇشۇنداق راھەت ئاياغلارنىلا كىيىمەن. مەن ئەزەلدىن ئىككى جۈپلا ئاياغ ساقلايتتىم، ھاۋا ئالمىشىپ تۇرۇشى ئۈچۈن چوقۇم كۈندە بىردىن ئالماشتۇرۇپ كىيىش كېرەك ئەمەسمۇ... ئەمما ئىككى جۈپ ئايىغىمنىڭ بىرىنىڭ ياراشقۇچىلىكى قالماپتىكەن، بۇ يېڭى بىر جۈپنى سېتىۋلدىم. ئۈچ جۈپ ئايىغىم بولۇپ باقمىغىلى نەچچە يىللار بوپكەتتىكىن تاڭ، ئىشقىلىپ مەن بۇ ئاياغنى توردىن شۇنداق ئەرزان ئېلىۋالغىنىمغا خوش.

ئويلاپ قالدىم، ئەگەر بۇ پاراڭ ئۈرۈمچىدە بولغان بولسا ئايال خىزمەتدىشىم ئۆزىنىڭ پەقەت ئىككى جۈپ ئايىغى بارلىقىنى ئېچىلىپ-يېيىلىپ سۆزلەپ بېرەرمىدى؟ بۇ ئاددىي دىئالوگ كۆپ قىسىم ئادەتتىكى ئامېرىكا كىشىلىرىدىكى كىيىم-كېچەككە بولغان كۆز قاراشنى يورۇتۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۇلار كىيىم-كېچەكنىڭ چىرايلىق بولۇشىدىن بەكرەك راھەت ۋە ئەرزان بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشىدۇ. راھەت بولسىلا ياراشسۇن-ياراشمىسۇن كىيىۋىرىدۇ ۋە ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسە باشقىلارغا ناھايىتى سەت بىلىنىشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى قاتتىق پەخىرلىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئالىدۇ. ئۇلار سىزگە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىىڭ كىيىم-كېچەكتە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بەلكىم بىز دېيىشنى خالىمايدىغان گەپلەرنىمۇ ھېچ پەرۋايىغا ئالماي سۆزلەپ كېتىشلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئەركىن-ئازادىلىكىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچتىن كىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايسىز.

ئامېرىكا تەسىراتلىرى (9) -ئامېرىكىدا سەمىمىيەت

كىچىكىمدە سېنىپ مۇدىرىم بولغان ئانامغا يالغان ئېيتقانلىقىم ئۈچۈن مەكتەپتە ئۇنىڭدىن ئەدەپ يېگەنلىكىم ھېلىھەم ئېسىمدە. «جېنىڭ چىقىپ كەتسىمۇ راست گەپ قىل!» دېگەن ئىدى، ئانام. ئانامنىڭ بۇ نەسىھىتى قۇلىقىمدىن تا ھازىرغىچە كەتمەيدۇ. شۇغىنىسى يۇرتىمىزدا گەرچە كىچىكىمىزدىن سەمىمىيىلىك-ئېسىل پەزىلەت دەپ ئۆگىنىپ كەلگەن بولساقمۇ، ئەمما جەمئىيتىمىزنىڭ ھەممە قاتلاملىرىدا سەمىمىيەتسىزلىك ئەۋج ئالغانلىقتىن كىشى راستچىل بولۇشقىمۇ ئامالسىز قالىدۇ. ھەتتا يالغانچىلىق شۇ قەدەر ئەۋجىگە چىققانلىقتىن، ھازىر بىراۋنىڭ راست گەپ قىلغانلىقى ياكى مەلۇم نەرسىنى تېپىۋىلىپ ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى ناھايىتى چوڭ ئىش بىلىنىپ خەۋەرلەردە ئېلان قىلىنىدىغان بولدى. بۇ كىىشگە سەمىمىي بولۇشنىڭ ئادەتتىكى نورمال ئىش ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان ئىشتەك تۇيغۇ بېرىدۇ. نېمە ئۈچۈن كىچىكىمىزدە ھەممىمىزگە سەمىمىىيەتنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقى توغرىسىدا تەربىيە بېرىلسىمۇ چوڭ بولغاندا بىز سەمىمىي كىشىلەردىن بولالمايمىز؟ بۇ جاۋاب بېرىش تەس مەسىلە بولسىمۇ، مېنىڭچە ھەر بىر كىچىك سەممىيەتنىڭ مۇكاپاتلانماسلىقى ياكى كىچىك سەمىمىيەتسىزلىكلەرنىڭ جازالانماسلىقى ھازىرقىدەك ئەھۋالنىڭ كىلىپ چىقىشىدا ئاساسلىق رول ئوينىغان. بۈگۈن تاللا بازىردا يۈز بەرگەن بىر ئىش بۇ توغرىدا دەرھال قەلەم تەۋرىتىشىمگە سەۋەب بولدى.

ئامېرىكىدا ئاساسەن چۈشلۈك دەمئىلىش دېگەن ئۇقۇم يوق بولۇپ، بەزى ئورۇنلاردا كىشىلەر بىر سائەت چۈشلۈك تاماق ئۈچۈن دەم ئالىدۇ، ئەمما ھەرگىز بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. مەن كۆپىنچە ئەھۋاللاردا كىشىلەرنىڭ چۈشلۈك تامىقىنى خىزمەت ئورنىغا ئىلىپ كىلىپ ئىشخانىسىدا ياكى ئىش ئورۇنلىرىدىكى تاماقلنىش ئۆيىدە ئولتۇرۇپ يېگەنلىكىنى ئۇچرىتىمەن. بولۇپمۇ چوڭ شەھەرلەردە ئۆيگە كىلىپ كېتىش ئۈچۈن بىر مۇنچە ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر خىزمەت ئورنىدا تاماق يېيىشكە ئادەتلەنگەن. تەلىيىمگە يارىشا، مەن بۇرۇن ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا ياشىغان شەھەر ناھايىتى كىچىك شەھەر بولغاچقا ئىشخانامدىن پىيادە 5-6 مېنۇت ماڭسام ئۆيگە باراتتىم ۋە كۈندە چۈشتە بىر سائەت ۋاقىت چىقىرىپ ئايالىم ئىسسىق تەييارلىغان چۈشلۈك تاماققا ئېغىز تەگكەچ قىزىم بىلەن بىردەم ئويناپ ئادەتلەنگەن ئىدىم. ھازىر مەن ياشايدىغان شەھەر ئامېرىكا بويىچە 7-چوڭ شەھەر بولۇپ، ئاران 1 يېرىم مىليون ئادەم بار دېگەن بىلەن پاكار ئۆيلەردىن تەشكىل تاپقان بۇ شەھەرنى پايانسىز بىر ماكان دييىشكە تامامەن بولاتتى. ياخشى يېرى، بۇ شەھەردىمۇ بىز تۇرىدىغان مەھەللە خىزمەت ئورنۇمغا ئاران 2 كىلومېتىر كىلىدىغان بولغاچقا چۈشلىرى ئۆيگە كىلىپ-كېتىش بەكمۇ قولاي.

بۈگۈن چۈشتە ئادىتىم بويىچە ئۆيگە مېڭىشتىن ئاۋۋال تېلېفۇن قىلىۋىدىم، ئەمدىلا تىلى چىقىشقا باشلىغان قىزىم تېلېفۇندا توختىماي «ئامما..ئامما….. ئاممامما…….» دەپ بېشىمنى ئوچاق قىلىۋەتتى. ئۇ مېۋە دېگەننى ئادەتتە ئامما دەپ ئۆگەنگەن بولۇپ، ئۇ مېۋە يېيىشكە شۇنچىلىك ئامراق، بەلكىم خىيالىدا تاماق يېيىشنىڭ ئورنىغا مېۋىلا يېيىش ئۇنىڭغا بەك خوشياقىدۇ. ئايالىمدىن سورىسام، ئۇ ئەتىگەندىن بىرى شاپتۇلنىڭ ھەممىنى يەپ بولۇپ، يەنە يەيمەن دەپ غەلۋە قىلىپ تۇرۋاپتۇ. ئالما بەرسە يېمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە قايتاشىمدا ئالدىدىن ئۆتىدىغان چوڭ تاللا بازىرىغا كىرىپ 5 مېنۇتتا بىر مۇنچە مېۋىلەرنى ئالغاچ يەنە قىزىم ياخشى كۆرىدىغان تورتتىن بىرنى 14 دوللارغا سېتىۋالدىم ۋە ئۇنى تۇيۇقسىز خۇشال قىلىۋەتمەكچى بولدۇم. چۈش ۋاقىتلىرى تاللا بازىرىمۇ ئانچە ئالدىراش ئەمەسكەنتۇق، ئالدىراپ ھېسابات قىلدىم، دە-دەرھال ئۆيگە ئالدىرىدىم. چاتاق يېرى، قىزىمغا مېۋىلەرنى كۆرسىتىپ بولۇپ قارىسام ئۇنى خوش قىلىۋەتمەكچى بولغان تورت ھېچ يەردە كۆرۈنمىدى. پەسكە چۈشۈپ ماشىنىغا قارىسام ئۇ يەردىمۇ يوق. ئاپلا دېدىم ۋە چوقۇم تاللا بازىرىدا خالتىلارنى تولۇق ئالمايلا مېڭىپتىمەن دەپ ئويلىدىم ۋە ھېچ ئىككىلەنمەي 1 مېنۇتتا ماشىنا بىلەن بارغىلى بولىدىغان تاللا بازىرىغا قايتىپ بېرىپ مەن پۇل تۆلىگەن يەردىكى ھېساباتچى ئايالدىن سورۈشتە قىلدىم. ھازىرغىچە ئامېرىكىدا مەن ياشىغان شەھەرلەردە بىرەرسىنىڭ باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئىلىۋالغىنىنى ئۇچرىتىپ باقمىغاچقا خاتىرجەم ھالدا قايتۇرۇپ كىلەلەيمەنغۇ دەپ بارسام، ئويلىمىغان يەردىن تورت ئۇ يەردە يوقكەن ھەم ھېساباتچى تورتنى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا دېرىكتور بىلەن سۆزلىشىش ئويۇم بارلىقىنى ئېيتسام، ئۇ قولىدىكى ئىشنى تاشلاپ دېرىكتورنى چاقىرىپ قويدى ۋە ئۆز ئىشىغا مەشغۇل بولدى. مەن ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەندىن كىيىن، دېرىكتور مەندىن تالوننى ئالغاچ كەلگەن-كەلمىگەنلىكىمنى سۈرۈشتۇردى. مەن ئۇنىڭغا تالوننى سۇنسام، ئۇ قولۇمدىكىنى ئالمايلا:

-كەلتۈرگەن ئاۋارىچىلىق ئۈچۈن سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن. سىز ئوخشاش تورتتىن يەنە بىرنى ئېلىۋالسىڭىز بولىدۇ. بىزنىڭ دۇكىنىمىزدا سودا قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت، دەپ كۈلۈمسىرىدى.

شۇنداق قىلىپ، 15 مېنۇت ئىچىدە قىزىم رەھمەت دېگەچ مېنى سۆيۈپ قويۇپ، ئىشتىھا بىلەن شاكىلات تورتنى ئېغىز-بۇرۇنلىرىغا يېيىشكە باشلىدى. ئويلاپ قالدىم: ئەگەر بۇ ئىش تېكساستا ئەمەس، دىيارىمىزدا بولغان بولسا قانداق بولار ئىدى؟

ئامېرىكىلىقلاردىكى بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچ كىشىنى تېخىمۇ سەمىمىي بولۇشقا ئۈندەيدۇ. دەل شۇ ئىشەنچ بولغاچقا، ئۇلار نۇرغۇن نەرسىلەردىن ئەنسىرەشتىن مۇستەسنا ۋە ئەركىن-ئازادە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

ئامېرىكا تەسىراتلىرى (10) - نورۇز كۈنىدىكى تىلەمچى

ئۈلۈشكۈن قىزىقارلىق بىر كۈن بولدى. ئامېرىكىغا كەلگەن تۇنجى يىلىدىن باشلاپ ئۆتكەن ئالدىنقى نورۇز بايرىمى كۈنلىرىدەك 5-قېتىملىق نورۇز بايرىمى كۈنى خىلى مەنىلىك ئۆتتى. ئىلگىرى ئوقۇۋاتقان بولغاچقا دەسلەپتە مەكتىپىمدە ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلار تەشكىللىگەن، كىيىن ئۆزۈم بىر قوللۇق قۇرۇپ چىققان ۋايومىڭ ئۇنىۋېرستېتى «ئوتتۇرا ئاسيالىق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى» ئۆتكۈزىدىغان نورۇزنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى بىلەن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ۋە كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزەتتۇق.

بۇ يىلغا كەلگەندە ئەمدى مەن ئوقۇغۇچى ئەمەس، تېكساستىكى مەن ئىشلەۋاتقان مەكتەپ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرستېتى بولغاچقا ھېچقانداق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ. شۇڭا نورۇزنىڭ ئالدىنقى كۈنى شۇنداقلا ئۆتۈپ كىتەرمۇ دەپ كۆڭلۈم سەل يىرىم بولۇپ قالغان ئىدى. چەتئەلدە ياشاپ باققانلار بىلگىنىدەك ھەر قاچان سىز ئۆزىڭىزنى خۇشال قىلىشقا تېرىشمىسىڭىز، بىرەر كۈننى ئۆزىڭىز چوڭ بىلىپ تەييارلىقلار بىلەن ئۆتكۈزمىسىڭىز ئەتراپىڭىزدا ھېچقانداق ئالاھىدە ئىشلار يۈز بەرمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مەن تۇنجى يىلىدىكى قاتتىق روھىم چۈشكۈن ئۆتكۈزگەن قۇربان ھېيتتىن كىيىن ھېيت-بايراملارنى مۇنداقلا ئۆتكۈزۋەتمەي، ئەكسىچە كىشىلەر ھەۋەس قىلغۇدەك ئۆتكۈزۈپ كىلىۋاتاتتىم. جۈمە كۈنى ئەتىگەندە دوپپامنى ۋە كانۋاي كۆينىكىمنى كىيىپ ئىشقا باردىم. خىزمەتداشلىرىم ئىچىدە ئالدىمغا ئۇچرىغانلار ھەيران بولۇشۇپ سوراشقا باشلىدى ۋە نۇرغۇنلىرى كىيمىمگە ناھايىتى ھەۋەس قىلغانلىقلىرىنى دېيىشىپ بايرىمىمنى تەبرىكلەشتى. باشقىلارنىڭ قىزغىن تەبرىكلىرىدىن شۇنداق سۆيۈنۈپ قالدىم ۋە ياخشى كەيىپىياتتا چۈشلۈك تاماققا ئۆيگە بارسام ئالاھىدە راستلانغان داستىخانغا ئۈلگۈرۈپتىمەن. مەھەللەمنىڭ دوقمۇشىدىكى مەسچىتتە جۈمەدىن يىنىپلا تەجىرىبخانىدىكىلەرگە بىرىدىغان دوكلاتىمغا ئاران ئۈلگۈرۈپ ئىشقا كەلدىم. ئەتىگەندىن بىرى كۆرۈشمىگەن پىرافىسورۇم ۋە باشقا خىزمەتداشلىرىم دوكلاتنى دەل ۋاقتىدا باشلايدىغان قائىدىنى بۇزۇپ ھەممىسىنڭ دوپپامنى كىيىپ باققۇسى كىلىپ قالدى. ئالدى بىلەن پىرافىسورۇم لورا بەكلا چىرايلىقكەن، كۆرۈپ باقسام بولامدۇ، دەپ قولىغا ئىلىۋىدى، قولدىن قولغا ئۆتۈپ تەجىرىبخانىدىكى ئون كىشىنىڭ ھەممىسىدىن بىر قۇر ئايلاندى ۋە ئىلمىي دوكلات سۆزلەشنىڭ ئورنىغا ئۇلارغا 15 مېنۇت نورۇز بايرىمى توغرىسىدا دەرس ئۆتۈپتىمەن  شۇ خۇشال كەيپىياتتا باشلىغاچقىمۇ دوكلاتىم ناھايىتى ئەركىن-ئازادە ئاياغلاشتى ۋە ئۇلار ئەسلى مېنىڭ دەم ئىلىشىم كىرەكلىكىنى ئېيتىپ سائەت 4:00 بولا-بولمايلا ئۆيگە قايتىپ كەچتە بولسىمۇ بايرام ئۆتكۈزۈشۈمنى تاپىلاشتى. ئويلاپ قالدىم، شۇ ئۇيغۇرچە كىيىمىمنى كىيمىگەن بولسام، ئۇلارغا ھەر قانچە دەپ بەرسەم بولاتتى دېسەممۇ، ھەرگىز نورۇز توغرۇلۇق 15 مېنۇت مېنىڭ قۇرۇق گىپىمنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلمىغان بولاتتى…
كەچتە بىرەر ئالاھىد ئىش قىلمىساق بولماس دەپ بىز بەك ياخشى كۆرىدىغان كۆك ياقۇت تۈرك كاۋاپخانىسغا بىرىپ مىھمان بولدۇق. قايتاشىمىزدا يولدا قىزىل چىراق ساقلاۋاتساق «تاماق لازىم ئىدى، قورسىقىم ئېچىپ كەتتى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان تاختاينى تۇتۇۋالغان چاچلىرى چۇۋۇق ئاق تەنلىك تىلەمچى ئايال ماشىنامنىڭ دېرىزىسگە كىلىپ ئىشىك چەكتى، بوپتۇ دەپ پورتمالنى چىقارغۇچە ئۇ ئايال دەرھال چۈشەندۈرۈش بېرىپ: كىيىمىڭلار كىشىنى ھەيرانۇ-ھەس قالغۇدەك چىرايلىقكەن، مەن شۇنى دەپ قويۇش ئۈچۈنلا يىنىڭغا كەلدىم، دەپ قويۇپ كېتىپ قالدى. ئامېرىكىدا يولدا ماڭسىمۇ كىشىلەر بىرەرىنىڭ كيىمىنى ياقتۇرۇپ قالسى، مەن شىلەپىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم، ياكى كۆينىكىڭىز بەك چىرايلىقكەن دەپ قويۇپ مېڭىشاتتى. لېكىن ئەزەلدىن بىرەر تىلەمچىنىڭ بۇنداق دېگىنىنى ئاڭلاپ باقمىغاچقا بۇ بەكلا يېڭىلىق تۇيۇلدى. ئاڭلىسام ئۈرۈمچىدە ئەتلەس كىيىم ۋە دوپپىلارنى رېستورانلاردىكى مۇلازىمەتچىلەر كىيىدۇ، دەپ ئۆزىنى قانداقتۇر «يۇقىرى تەبىقە»گە تەۋە دەپ قارايدىغانلار كىيمەس بولۇۋاپتۇمىش
....

ئامېرىكا تەسىراتلىرى (11) - خىزمەتدىشىمنىڭ گۈلە يېيىشى

ئامېرىكىلىقلارنى چۈشەنگەننىڭ بەلكىم كۆپ پايدىسى يوقتۇ، ئەمما ھېچبولمىسا بىر يەر شارىدا ياشاۋاتقانكەنمىز، بىزدىن باشقىلار قانداق ياشايدۇ، مەسىلىلەرنى قانداق ئويلايدۇ دېگەنلەرنى بىلىشكە نۇرغۇن كىشىلەر قىزىقسا كېرەك. ئۈلۈشكۈن قىزىقارلىق بىر ئىشقا يولۇقتۇم، ھەمدە بۇ ئىش ئارقىلىق بىر سوئالغا جاۋاب تاپتىم يەنى ئامېرىكىلىقلار گۈلىنى قانداق يەيدۇ؟ ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر ئېچىلىدىغان جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىكى تەجىرىبىخانا يېغىنى ئۈلۈشكۈن ئۆزگىچە بىر قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملاشتى. يېغىن بىلەن خوشى يوق ئامېرىكىلىقلار ئىككى ھەپتىدە بىر ئېچىلىدىغان بۇ يېغىن مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا بەكمۇ خۇشال بولۇشۇپ كېتەتتى، ئەمما بۇ قېتىم ئۇلار بۇ يېغىندىن ھوزۇرلانغاندەك قىلاتتى. مەن يۇرتتىن ئىلىپ كەلگەن چىلان، گۈلە قاتارلىق قۇرۇق يېمىشلەرنى سىرتمىلىق كىچىك پىلاستىك خالتىدا ئىخچامغىنە يۇمىلاق ئۈستەللىك يىغىن زالىغا ئىلىپ كىرگىنىمدە ھەممەيلەن قولۇمغا قاراشتى ۋە ئارقىدىنلا خىزمەتدىشىم شىفرا مەندىن سورىدى:

-تۇرسۇن، بۇ سەن گېپىنى قىلغان يەل-يېمىشلار شۇمۇ؟ بىز ئاۋۋال يېمىشلارنى تېتىپ باقايلى، ئاندىن يېغىننى باشلايلى، قانداق؟

-ھەئە، دەل شۇ. بولىدۇ، ئەمىسە خالتىلارنى سەندىن باشلاپ ئايلاندۇرايلى، دېدىم-دە قولۇمدىكى بىر نەچچە كىچىك خالتىنى ئۇنىڭغا سۇندۇم.

راستىنى ئېيتسام ئامېرىكىلىقلارنىڭ باشقىلارنى مېھمانغا چاقىرىشى ۋە يېڭى نەرسىلەرنى تېتىپ بېقىشى ئادەمنىڭ كۈلگۈسىنى كەلتۈرىدۇ. بېشىمدىن كۆپ ئىش ئۆتكەچكە مەن ئادەت بويىچە 2 ھەپتە ئىلگىرى مۇشۇ يېغىنغا بىر قىسىم ئۇلار ئەزەلدىن يەپ باقمىغان بولۇش ئېھتىمالى چوڭ بولغان بىر نەچچە خىل قۇرۇق يېمىشلارنى ئىلىپ كىلىپ كۆپچىلىك بىلەن بىللە بەھرىمان بولۇش ئويۇم بارلىقىنى ئېلخەت ئارقىلىق ھەممەيلەنگە ئۇقتۇرغان ئىدىم ھەمدە بۇ نەرسىلەرنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكىنى بىر قۇر چۈشەندۈرۈپ سوقماقنىڭ ئىچىدە ياڭاق قاتارلىق مېغىزلارنىڭ بارلىقىنىمۇ ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇمىغان ئىدىم. شۇنداقتىمۇ، يەنە بىر قېتىم چىلان، گۈلە ۋە سوقماقلارنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئىچىدىكى بىرەر نەرسىگە ئالاھىدە سەزگۈرلۈكى بارلارنىڭ دېققەت قىلىشىنى ئەسكەرتتىم.
ياخشىمۇ بۇ قېتىم بىرەرسىنىڭمۇ بۇ يېمەكلىكلەرگە سەزگۈرلۈكى يوقكەن.

مېنىڭ بۇ ئىشقا بۇنچە سەزگۈر بولۇشۇمدا بىر سەۋەب بار. بۇنىڭدىن ئېھتىمال تۆت يىل ئىلگىرى بىر شەنبە كۈنى چۈشتە ئايالىم ئىككىمىز پىروفىسورۇمنىڭ قىزى جېسسىكا بىلەن بازاردا مېۋە سېتىۋالغاچ ئۇچرىشىپ قېلىپ خىلى ئۇزۇن (3-4 مېنۇت) پاراڭلىشىپ تۇرۇپ قالدۇق ۋە بىز ئۇيغۇر پەدىسىگە ھازىر ئۆيگە بېرىپ چۈشلۈك تاماق قىلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ خالىسا ئۇنىڭ بىز بىلەن چۈشلۈك تاماق يېيىشىنى تەكلىپ قىلدۇق. جېسسىكا ناھايىتى تۈز مىجەزلىك ئايال بولۇپ ئويلىمىغان يەردىن 4 ياشلىق ئوغلى نەيىت بىلەن ئۆيىمىزگە بىللە كەلدى.

ئۇ چۈشتىن كېيىن دادىسىنىڭ ئۆيىگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتقاچقا، ئايالىم ئالدىراپ تېنەپ پىدىگەن قورۇمىسى قورۇپ لەغمەن قىلدى. جېسسىكا لەغمەننى ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئىشتىھا بىلەن يېدى ۋە بالىسىغا يېگۈزەلمەي خېلى ئاۋارە بولدى. كىم بىلسۇن، ئەتىسى كەچتە بىز پىروفىسورۇمنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بارساق، جېسسىكانى ناھايىتى بىئاراملىق ئىچىدە كۆرۈپ ھەيران قالدۇق. پىروفىسورۇم فورد قىزىنىڭ تۈنۈگۈن بىزنىڭ ئۆيدىن قايتىپ كىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىئارام بولۇشقا باشلىغانلىقىنى، قىززىپ، ئىچى سۈرۈپ بەك قېينىلىپ كەتكەنلىكىنى ۋە تاماقتىن زەھەرلىنىپ قىلىش ئېھتىمالى، ھېچبولمىسا سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىدىغان بىرەر يېمەكلىكنى ئىستىمال قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تارتىنمايلا ئېيتتى. ئەزەلدىن ئۇنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بارساق كۆپىنچە ۋاقىتلاردا سورۇندىكى كىشىلەر بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ ئاساسەن سالاتلاردىن باشقىغا ئېغىز تەگمەيتتۇق، ئەمما بۇ قېتىم يا خەق بىلەن پاراڭلىشىش خوشياقمىدى، يا گالدىن باشقا نەرسە تۈگۈل سۇمۇ ئۆتمەي ئىچىمىز سىقىلغانلىقتىن بىر سائەت ئاران بەرداشلىق بېرىپ بالدۇرلا ئۆيگە قايتىپ كىلىۋالغان ئىدۇق. ئەمما بىزنىڭ قانچىلىك بىئارامچىلىقتا قالغانلىقىمىزنى ئۇلار خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىدى، ئەتىمالىم. مېھمان ئۈچۈن كۆيۈپ، مېھمان ئۈچۈن ئۆلۈپ بېرىدىغان بىز ئۇيغۇرنىڭ پۈتكۈل ئەس-يادى مېھماننى قانداق قىلىپ ئوبدان كۈتىۋىلىشتا بولىدىغان تۇرسا، دەيتتىم ئىچىمدە- كىممۇ ئۇنىڭ بىرەر نەرسىگە زىيادە سەزگۈرلۈكى بارلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرسۈن، بىز ساپساق، ئوغلىمۇ ساپساق تۇرسا قانداقمۇ تاماقتىن زەھەرلەنگەن بولسۇن؟

شۇ بىئارامچىلىقتا ھەپتە ئاخىرىنى ئۆتكۈزۈپ دۈشەنبە كۈنى ئىشقا كەلسەم چۈشتىن كېيىندە فوردتىن بىر ئېلخەت تاپشۇرۋالدىم، ئۇ بۇ ئېلخەتنى مەن ۋە ئايالىمدىن كەچۈرۈم سوراپ يازغانىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھېلىقى كۈنى جېسسىكا بىزنىڭ ئۆيدىن قايتىپ كەتكەندىن كېيىن جېسسىكانىڭ يەنە بىر دوستى فوردنىڭ ئۆيىگە ئۇنى ئىزدەپ كەلگەنىكەن. ئۇ دوستى ئېغىر يۇقۇملۇق زۇكام بولغانلىقتىن ئەسلىدە جېسسىكاغا زۇكام يۇقۇپ قالغانىكەن. فورد ئۆزىنىڭ خىجالەت ئىكەنلىكىنى ۋە جېسسىكانىڭمۇ سەمىمىي كەچۈرۈم سورىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىنلا كۆڭلۈمدىكى تۇمان تارقالغاندەك بولدىيۇ، ئەمما ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۇششۇقلۇقىدىن ھەر ۋاقىت ھەزەر ئەيلەش كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئۆز سەمىمگە سالغان ئىدىم. ئادەتتە ئامېرىكىلىقلار بىزنى ئۆيلىرىگە قەھۋە ئىچىشكە چاقىرسىمۇ بىر ئاي بۇرۇن تەكلىپنامە ئەۋەتىپ نېمىلەرگە زىيادە سەزگۈرلۈكۈمىز بارلىقىنى سورايدىغانلىقى بىز ئۇيغۇرلاردا مېھمانلارنىڭ تەكلىپسىز، تېلېفۇنسىز ئىشىكتىنلا كىرىدىغان، كىشىنى ئۆزىگە يېقىن ھېس قىلدۇرىدىغان ئادەتلىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ئىدى. ئەلۋەتتە ساھىبخاننىڭ مېھمان كۈتۈشىمۇ باشقىچە.

چىلاننى ھەممەيلەن ئورتاق ياخشى كۆردى ۋە چىلان سېلىنغان خالتىنى ماڭا سۇنۇۋەتسەڭچۇ دەپ 10 ئادەم ئارىسىدا بىر دەمدە بىر قانچە قېتىم ئايلىنىپ چىقتى. قىززىق ئىش ئەمدى چىققىلى تۇردى. سوقماققا نۆۋەت كەلگەندە ئۇلار ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە يېزىلغان سوقماق قېپىدىكى خەتلەرنى چۈشەنمىسىمۇ زورلاپ ئوقۇغىلى تۇردى ۋە مەندىن بۇ خەتلەر توغرۇلۇق بىر مۇنچە سوئاللارنى سورىدى. مەن ئۇيغۇرچە خەتنىڭ ئوڭدىن سولغا ئوقۇلىدىغانلىقى ۋە خەنزۇچىنىڭ سولدىن ئوڭغا ئوقۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرسەم، شىفرا ئىبرايچىنىڭمۇ ئوڭدىن سولغا ئوقۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ خۇشال بولۇپ كەتتى. ئارىدىن تەجىرىبىخانىمىزدىكى قىززىقچى كىلىنتون (قىسقارتىپ كىلىنت دەپلا چاقىرىمىز) مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشىدىكى خەتلەرنى يالغاندىن ئوقۇيالىغان قىياپەتتە كۆپچىلىككە سوقماقنىڭ ئىچىدە نېمىلەر بارلىقىنى چۈشەندۈرگىلى تۇردى. ھەممەيلەن قاينام-تاشقىنلىقتا قىزغىنلىق بىلەن سۆزلەۋاتسىمۇ، ئەمما ھېچكىم سوقماقنى ئېچىپ يېيىشنى باشلىمىدى ۋە مەندىن بۇنىڭ تاتلىق ياكى ئەمەسلىكىنى، قانچىلىك كالورىيىسى بارلىقىنى سورىدى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ قانچە كالورىيە ئىكەنلىكىنى مەن بىلمەيمەندە... ئەمما مەن ئۇلارغا سوقماقنىڭ ياڭاق بىلەن كۈنجۈتتىن ياسالغان تاتلىق كەمپۈت تۈرىدىكى نەرسە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ئۇلار كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ بۈگۈن يەنە ئىستىمال قىلسا بولىدىغان كالورىيە (ئېنىرگىيە) مىقدارىنى ھېسابلاشقا چۈشتى ۋە بۇ «خەتەر»گە تەۋەككۇل قىلسا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى ئۈستىدە قىسقىچە ئويلىنىۋالدى. شىفرا باتۇرلۇق بىلەن مەن بىر تال سوقماقنى يەيمەن دەپ جاكارلاپ قىزىقىش ئىچىدە پىلاستىك ئورالمىنىڭ ئاغزىنى ئاچىدىغان يېرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئىزدىدى، تاپالمىغاندىن كېيىن بىر ئۇچىدىن تارتىپ ئاچماقچى بولدىيۇ، زادىلا ئاچالمىدى. مەنمۇ ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ ئۈلگۈردۈم:

-شىفرا، بۇ مەھسۇلات بالىلار ئۈچۈن ياسالغان. ئاچالمىساڭ مەن ياردەم قىلايمۇ؟ دەپ زاڭلىق ئارىلاش كۈلدۈم، مەن.

-راستما؟!! ئۇ قاتتىق ھەيران بولغان تەلەپپۇزدا- ماقۇل، قېنى سەن ئېچىپ باق، دېدى ئۇ ۋە سوقماقنى ماڭا سۇندى.

تارتىمەن، كۈچەپ تارتىۋاتىمەن، سوقماق خالتىسى ئېچىلاي دېمىدى. تازا ئىنچىكىلەپ قاراپ ئۇ بېشى تەرىپىدىن بار كۈچۈم بىلەن تارتىپ باقساممۇ بۇ خالتا زادىلا ئېچىلمىدى. چىشىمدا چىشلەپلا ئاچاي دەپ ئويلىدىميۇ، بىر توپ بىئولوگىيە ئالىملىرى ئالدىدا ھەممە يەردە مىكروب بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئېغىزىمدا چىشلەشنىڭ ياخشى چارە ئەمەسلىكىنى ئويلاپ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم... ئەجەپمۇ ھە؟ بۇلار ھەممە ئىشنى شۇ قەدەر ئەتراپلىق ئويلاپ تۇرىۋىلىپ ئادەمنى خالىغاننى قىلىشتىنمۇ ئەيمەندۈرۈپ قويىدۇ، ئەمەسمۇ. سوقماق ئىشلىگەنلەرمۇ قېرىشقاندەك خالتىنىڭ يان تەرىپىدىن كىچىككىنە كېسپ قويغان ئاسانلا ئاچقىلى بولماسمىدى، دەپ ئىچىمدە جىلە بولۇپ تۇرسام،  ئادەتتە ئېغىر بېسىق جەررىي چاقچاققا قوشۇلدى:

-تۇرسۇن، سېنىڭمۇ ئوخشاشلا بالىلاردەكمۇ كۈچۈڭ يوقكەن، ئەكە ئۆزۈم ئېچىپ بېرىمەن.

جەررىيمۇ شۇنچە قىلىپ ئاخىرى ئاچالمىغىنىدا ئىچىمدە خۇپىيانە بىر كۈلۈۋالدىم. ئەمما ئۇ مەن ئىشلىتىشنى خالىمىغان «چىش» قورالىنى ئىشقا سېلىپ خالتىنى ئاخىرى ئاچتى ۋە ئۆي ئىچىدە چاۋاك ساداسى كۆتۈرۈلدى. ئارىدا قىززىقچى كىلىنت سوقماقنى بىرنى چىشلىۋىدى چىشىغا چاپلىشىپ قىلىپ يا بىر چىشلەمنى ئۈزەلمەي بىر مۇنچە قىزىقارلىق چىراي ئىپادىلىرىنى چىقارغىلى تۇردى. بۇنى كۆرۈپ شىفرا قولىدىكى سوقماقنى ئۆيگە قايتقاندا ياكى ماشىنىدا دېگەندەك ئادەم يوق جايدا يەيمەن دەپ يېيىشتىن يالتىيىپ قالدى. توۋا دەيمەن، بىز ئۈچۈن ئادەتتىكى بىر ئىشلار بۇ ئامېرىكانلار ئۈچۈن ھەجەپمۇ چوڭ ئىش بوپكەتتى دەپ ئويلاپ تۇرسام، ئىشنىڭ قىززىقى گۈلە يېيىش باشلاندا ئاندىن چىققىلى تۇردى.

-تۇرسۇن، بۇ ئۆرۈك قېقى ھەجەپ مەن يەپ باققان ئاپلېسىن رەڭلىك گۈلىگە ئوخشىمايدىغۇ؟ بۇ قانداق ئۆرۈكنىڭ قېقى؟ دەپ سورىدى كىلىنت.

-بۇ مەن يەپ باققان ئەڭ شېرىن يەكەن ئۈرۈكلىرىنىڭ تەبئىي قۇرۇتۇلغان قېقى. سەن يېگەن پىششىقلاپ ئىشلەشتىن ئۆتكىنى، قولۇڭدىكى بولسا ھەقىقىي ئورگانىك مەھسۇلات - دەپ چۈشەندۈردۈم.

ئۇلار قىزىقىش ئىچىدە گۈلىگە تۇتۇش قىلىپ بىردەمدىن كېيىن شىفرا يەنە سۆز باشلىدى:

-تۇرسۇن، ئالدىنقى قېتىم يېگىنىم كۇرۇس-كۇرۇس شۇنداق تەملىك ئىكەنتۇق. ئەمما ئاغزىمدىكىنىڭ ئىچىدە قاتتىق ئۇرۇقى باردەك قىلىدۇ، ئۇرۇقىنىمۇ قوشۇپ يېسە پەيزى بولىدىكەنتۇق، دېمەسمۇ.

-سەن ئالدىنقىسىنىڭ ئۇرۇقىنى شاكىلى بىلەن قوشۇپ يەۋەتكەن ئوخشىمامسەن؟ ئاپلا...

كۆپچىلىك ئۆرۈك مېغىزى شاكىلىنىڭ ئادەم ئاشقازىنىدا قانچىلىك ۋاقىتتا ھەزىم بولىدىغانلىقىنى مۇنازىرە قىلىشقا چۈشكەن چاغدا مەن كاللامدا بۇ ئەقىللىق ئامېرىكان گۈلە يېگەننى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدىغان بولدى-دە، دېگەنلەرنى ئويلاشقا باشلىدىم...


تامام.



0

تېما

3

دوست

1595

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   59.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32022
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 456
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 14:57:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكىدىكى بارلىق ئشلىرڭىزنڭ ئوڭۇشلۇق بولشىنى تىلەيمەن ..ئاخرسى ھەجەپ قىزىقكەن....ئامەت سىزگەيار بولسۇن قىرىندىشىم.........
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

8

تېما

2

دوست

2381

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23987
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 722
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 15:19:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھا   ھا   ھا  بەك قىزىقارلىققكەن ،گۈلە يەپ باقمىغان ئامرىكىلىقلار ئۈچكىسىنىمۇ بىللە قۇشۇپ يەپ كىتىپ ئاشقازىنى ئاغرىپ قىلىپ بىلگە جانغا ئاۋارىچىلىق تىپىپ بەرمىسۇن يەنە ؟  ئۇلارنىڭ دىيارىمىزنىڭ سوقماقلىرىنى بەزىلىرىنىڭ يەمىگنلىكىنى بەزىلىرىگە بەك ياراپ كەتكەنلىكىنى ئۇقۇپ كۈلۈپ ساپتىمەن.
  ئىشقىلىپ بىلگەجانىنڭ چىقىشقاقلىقى بەشقا بىر ئەل ،باشقا بىرمىللەت ئارىدىمۇ تەسىر قوزغاپتۇدە ئادەم دىگەن ئاشۇنداق ياشاش كىرەك.

9

تېما

0

دوست

2267

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29015
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 692
توردىكى ۋاقتى: 198
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 15:34:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكا ھەققىدە خىلى كۆپ ئىشلارنى بىلدىم، رەھمەت!

ئەلقانات

2

تېما

18

دوست

8810

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   76.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 2596
توردىكى ۋاقتى: 1184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 16:49:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىدە كۈلۈپ، بەزىدە ھەيران بولۇپ، بەزىدە چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدىغان ھاياجانلىق تۇيغۇلار ئىچىدە ماقالىنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. مېنىڭ ئەڭ دىققىتىمنى تارتقىنى مىللىتى، دىنى، دۆلەت تەۋەلىكى شۇنداقلا قىممەت قارىشى جەھەتلەردىن روشەن پەرقلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ(يەنى سىزنىڭ)بالىسى تۇغۇلسىمۇ چىن ئىنسانىي مېھرى بىلەن خۇش بولۇپ يىغلاپ كەتكەن سېستىرالار بولدى. سىزگە ئەڭ سەمىمىي تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن. ئۇلۇغ ئاللاھ تېنىڭىزنى سالامەت، ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن!
ئاخىرىدا باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەزكۇر تېمىنى نادىرلىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىمەن.

0

تېما

1

دوست

619

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   23.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32039
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 184
توردىكى ۋاقتى: 140
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 17:00:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان، ياخشىمۇ سىز؟  قىممەتلىك ۋاقىتىڭىز ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئەزىز يۇرتىڭىزدىكى ھەر كەسىپ، ھەر ساھە قېرىنداشلىرىڭىزغا قىممەتلىك كۆرسەتمە بەرگىنىڭىزدىن بەكمۇ خۇشالمەن.  شەپقەتلىك ئىگىمىزدىن ئائىلىىزدىكىلەرگە سالامەتلىك ھەم تىنىچ-ئامانلىق تىلەيمەن.
     

25

تېما

1

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   35.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15695
يازما سانى: 652
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 7880
توردىكى ۋاقتى: 295
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 17:57:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«-ئەپەندى، سىزنى ئاگاھلاندۇرىمەن، بالىڭىزغا ياخشى قاراڭ. بالىڭىز چوقۇم ئالدىڭىزدا، كۆرۈپ تۇرىدىغان جايدا تۇرۇشى كېرەك!»

ماۋۇ قانۇن بىزنىڭ يۇرتتا يولغا قويۇلسا %80ئۇيغۇر گەپ يوق تۈرمىدە ياتىدىكەن،قالغان %20ئۇيغۇر ئۆلۈمگە  ھۆكۈم قىلنىدىكەن

0

تېما

4

دوست

1488

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   48.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30602
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 434
توردىكى ۋاقتى: 85
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 18:30:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالۋۇن يوللىغان ۋاقتى  2014-11-9 17:57
«-ئەپەندى، سىزنى ئاگاھلاندۇرىمەن، بالىڭىزغا ياخشى قار ...

我们
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )