قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 957|ئىنكاس: 3

قارلىغاچ چۈشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

16

تېما

9

دوست

4807

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   93.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7463
يازما سانى: 455
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 1416
توردىكى ۋاقتى: 181
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 13:53:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارلىغاچ چۈشى

   قۇملۇق ئەنە شۇنداق سىرلىق جاي،يىراق يىراقتىن تولغىشىپ كەلگەندەك قۇم بارخانلىرى،ئۇنىڭ ئارىسىدىكى يىلاندەك تار،باش- ئايىغى يوق چىغىر يوللار،ئانچە مۇنچە ئۇچراپ قالىدىغان شەھەر سىپىللىرى ياكى باغى ئىرەملەر ، ئايۋان سارايلارنىڭ نىپىز شايى يىپەكتەكتەك تەۋرىنىپ تۇردىغان ئىزىتقۇلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا تىلغا ئالغۇدەك ئانچىكى نەرسىلەرمۇ ئۇچىرمايدۇ.لىكىن چوڭلارنىڭ ئايدىڭ كەچلەردىكى ھىكايىلىرىدە ،ئىشان -پىرىملەرىنىڭ داستان قىسسىلىرىدە،بۇ قۇملۇق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى چەكسىز چۆل-جەزىرىلەر ئەزەلدىن بىر خىيابان خىلۋەت زىمىن بولۇپ ، يەتتە ئىقلىمدىكى سودا  كارۋانلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىكەن.يىراق-يىراقتىن كىلىشكەن ئالتۇن چورۇق،كۆمۈش كەمزۇللۇق سودىگەرلەر بايلىق ۋە باياشات تۇرمۇشقا ھەيران بولسا،غىرىبانە،مۇساپىر ئاجىزەلەر،ئانچە -مۇنچە پەيدا بولۇپ قالىدىغان چۆل ئادەملىرى جەننەت ماكانغا يەتتۇق دەپ،بۇلاق سۈيىدە يۇيۇنۇپ،پاقلان گۆشىدە ئوزۇقلىنىپ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە باياشات ياشايدىكەن.                        
   -كىچىكىمدە داداملارنىڭ ئىيتىشىچە،بۇ ئەتراپتا،ئاجايىپ باغلار،گۈزەل راۋاقلار ،قاراڭغۇلىشىپ تۇردىغان بوستان سارايلار ،پەلەككە سوزۇلغان پايە-پەشتاق،تاش مۇنارلار ئانچە مۇنچە ئۇچراپ قالىدىكەن .يولۇچىلارنىڭ بەزىسى بۇ باغلاردىن ئۆزلىرىچە قورقۇشۇپ ئەگىپ ئۆتكەنلىرى يولىغا راۋان بولسا،ئاشىق بولغانلىرى باغقا قەدەم قويغان شۇنىڭ بىلەن غايىپ بولغان .                              
     -چۆل ئادەملىرى ئەزەلدىن مەۋجۇت دىدى چوڭراق بىركىشى.-قەدىمكى زاماندا بىر پادىشاھلىقنىڭ ئادەملىرى يەر ئاستىغا كۆمتۈرۈلۋىتىلگەن،ئۇلار گۇناھقا شىرىك ئىدى.قايسى بەگلىكلەرنىڭ خەلىقلىرى ئاسماندىن چۈشكەن تاش بىلەن يەكسان بولغان ،بەزىلەر قۇم ئاستىغا غەرىق بولسا،بەزىلەر تۇيۇقسىز قىتىپ قىلىشقان ..        
     -يىڭى توي قىلغان چاغلىرىم ئىدى،بىر كۈنى توغراقلىققا ئوتۇنغا كىردىم.كەچ قالغىنىمنى پەمىلەپ،بىرھارۋا ئوتۇننى توشقۇزۇپلا كەينىمگە ياندىم.لىكىن كەلگەن يولۇمنى پەقەتلا تاپالمىدىم ،يەنە كىلىپ شۇنچە ئايلىنىپ بىر دۆڭلۈكنى ھالقىپ كىتەلمىدىم،ئىشەكنىڭمۇ ھالى ئىنتايىن خاراب،تۇلۇمدا سۇمۇ يوق.رىزىقىم مۇشۇنچىلىك ئوخشايدۇ دەپ ئىچىمدىكى دەرت-پىراقتا خۇداغا نالە قىلدىم،ئايالىم ۋە ئانام كۆزۈمگە كۆرىنىپلا تۇراتتى .قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىم ھازىرغىچە  بىر سىر.بىراق كۆز ئالدىمدا بىر قەسىر توغرىراقى بىر گۈزەل ماكان تۇراتتى،تاملىرى كۈمۈشتۇر بەلكىم كۆمۈشتىنمۇ ئىسىل تاش بولسا كىرەك،گۈل-گىياھلارنىڭ،مىۋە-چىۋىلەرنىڭ پۇرىقى قوشۇلۇپ كولدۇرلاپ كەتكەن قورسۇقۇم تىخىمۇ تاراقشىپ كەتتى.راست،مەن بىر ئىشەك مىنىپ كەلگەن؟ ئۇنداقتا ئىشىكىم قىنى ؟ پايانسىز قۇملۇقتا نە بىرەر سايىمۇ كۆرۈنمەيتتى، يىراقتىكى چەكسىز چۆل، قۇم-باياۋان،دۆۋە-دۆۋە قۇم بارخانىلىرى،يۇماشاق قۇم ئۈستىدىكى تۇلۇم،مىنىڭ رەڭگى ئۆڭگەن چورۇقۇم .ئىشەك چوقۇم قاچقان؟ ئۇ نەگە قاچىدۇ،مۇشۇ دەشتى چۆلدە ھە؟..ئەمىسە ئۇنى بىرەر ياۋايى ھايۋانلارنىڭ يەپ قويىشى مۇمكىنمۇ ؟ ياق بۇمۇ مۇمكىن ئەمەس...ئەمسە ئۇنى قانات چىقىرىپ ئۇچۇپ كەتتى دىيىش تولىمۇ كۈلكىلىكتە،ئۇ پەقەت ئادەتتىكى ئىشەكقۇ ؟ بولدىلا كىيىن كىلىپ قالار دىگەن نىيەتتە با غقا كىردىم.پاھ دەۋەتتىم ئىچىمدە،ئالدىمدا بىر تار ئەمما چىرايلىق تاشلار ياتقۇزۇلغان پەلەمپەي،يىلانباغرى بولۇپ ئىگىزگە سوزۇلغان ،ئاخىرى كۆرۈنمەس،بەلكىم تىخىمۇ گۈزەل يەرلەرگە،ياكى جەننەتكە تۇتىشار.ھەرخىل قۇشلارنىڭ يىقىملىق سايراشلىرى،ئاجايىپ چىرايلىق كىپىنەكلەرنىڭ جۈپ-جۈپ بولۇپ ئۇچۇشلىرى ،شاخلىرىنى كۆتەلمەي مەي باغلاپ پىشىپ كەتكەن سەرخىل مىۋىلەر ،قىزىل ،سىرىق،ھالرەڭ ئىچىلغان گۈللەر..يەنە ..تۇيۇقسىز ئالدىمغا ئىشىكىم چىقىپ قالدى .ئۆز ئىشىكىمنى تاپقىنىمغا خۇرسەن بولۇپ ئۇنى يىتىلىۋالدىم،لىكىن پەقەت ماڭمىدى،شۇنچە ئۇرۇنۇشلىرىممۇ كار قىلمىدى .ئىشەك دىگەن ھامان ئىشەكتە ،بۇ جانۋار كۈچى ھالال بولغان بىلەن خۇيى مانا مۇشۇنداق ئوسال،لىكىن..ئۇ توساتتىن بىشىنى تىك كۆتۇردىدە بويۇنلىرىنى سوزۇپ ئاسمانغا قاراپ چىشلىرىنى چىقىرىپ ..ئۇزۇن-ئۇزۇن تۈكلۈك قۇلىقى تىترەيتتى ،دەقىقە ئىچىدە  شاتتىدە ماڭا قارىدى -دە تاكراڭلاپ چاپقىنچە دەرەخلەرنىڭ ئىچىدە غايىپ بولدى .ئاچچىغىمدا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ يۈرۈپ چۈشتەكلا بىر يەرگە ،بىر چىمەنلىكتىن چىقىپ قالدىم ،ئالدىمدا كۆمۈشتىن ياسالغان بىر قەسىر.ئىشەك ئاقتىمۇ يوق،كۆتىمۇ يوق . ئالدىمدىكى چىنارنىڭ يىنىدىن بىر قىز چىقىپ كەلدى . گۈزەل قىز ئەدەب بىلەن تەزىم قىلغاندىن كىيىن سارايغا باشلىدى.كۆرىۋاتقىنىمغا بىرئىشىنىپ ئىشەنمەي ،ساراينىڭ كارىدورىدا كىتىپ باراتتىم .گۇزەل قىز مىنى ئەڭ ئىچكەركى ھۇجرىلارغا باشلاپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ ،مىنى يەنە بىر ھۇجرىغا باشلىدى،بۇنى ھۇجرا دىگەندىن كۆرە بىر ساراي دىسەم توغرا بولار بەلكىم.قىرىق ھۇجرا ،ھەر بىر ئىغىز ئۆينىڭ بوسۇغىىسىدا قىرىق گۈزەل قىز،قىرىق پەرىزات كۈلۈپ تۇراتتى.ئۇلار ماڭا قاراپ كۈلەتتى،مەن ئۇلارغا قاراپ ھەيران بولاتتىم.ئاسماندىكى ئايمۇ ئۇنچە چىرايلىق ،كۈنمۇ ئۇنچە نۇرلۇق بولمىسا كىرەك .
-خۇش كەپسىز پەھلىۋان يىگىت.پەرى قىز يىنىمغا كەلدى
-ھاردۇق ئىلىڭ ،يۇمشاق تۆشەكلەر سىزگە ھەمرا
-خالىسىڭىز دىدى يەنە بىر قىز قولۇمنى تۇتۇپ ئەڭ تاتلىق،شىرىن نازۇ نىئمەتلەر ھۇزۇرىڭىزدا
-ياق مەن بىلەن..
    شۇنداق قىلىپ قىزلار شۇنداق ئۇرۇشۇپ كەتتىكى ،قورقۇنۇشتىن ھۇشۇمدىن كەتتىم.كىيىن ئۆزۈمنىڭ مەخمەلدەك تۆشەكتە ياتقىنىمنى ھىس قىلىپ كۆزۈمنى ئاچتىمدە،گۈزەل بىر پەرى قىز ،تۇغما ھالەتتە يىنىمدا ياتاتتى.چىلىق-چىلىق تەرلىگىنىمچە ،پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ئىشىككە ماڭدىم.
-توختاڭ! قىزنىڭ سىھىرلىك ئاۋازى يۈرىكىمدىن ئوقيادەك تىشىپ ئۆتتى
-مۇشۇ يەردە قىلىڭ،ئۆمۈر بويى سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى قىلىپ،رازى قىلىمەن.كۆرۈپ تۇرۇپسىز پۈتكۈل ئوردا،سەلتەنەت سىزنىڭ بولىدۇ.
    لىكىن مەن ئانامنى ،ئايالىمنى سەۋەپ قىلىپ كەتمىسەم بولمايدىغىنىنى سەۋەپ قىلىپ يالۋۇردۇم ،لىكىن پەرى قىز قوشۇلمىدى ،ناۋادا قالسام شۇنچە بايلىق ،كاتتا شۆھرەت مىنىڭ ئىلكىمدە ،يەنە كىلىپ...توختا ئانام بىلەن ئايالىم مەن ئۈچۈن يۈرىگى يىرتىلدۇ ،چاچلىرىنى يۇلۇيدۇ،بىناۋا كۆلبىمىزدىن موھتاجلىق تۆكۈلىدۇ.ئاخىرى پەرى قىزنى قايىل قىلدىم ،پەرى قىز كىتىشىمگە قوشۇلغان ىولسىمۇ بىر شەرت بىلەن يەنى قىرىق كۈن قىلىشمىنى تەلەپ قىلدى.ئىككىلەنمەيلا قوشۇلدۇم.شۇنداق قىلىپ،ئۇنىڭ تەلىپى بويىنچە قىرىق كىچە كۈندۈز ھەمراھ بولغاندىن كىيىن ،ئۇ مىنى ئوتلۇق سۆيۈشلىرى بىلەن يولغا سىىلىپ قويدى.شۇ چاغدىكى تۇرمۇش پاراغەت ،ھۇزۇرلۇق كەيىپلەر ئىنسان ھاياتىدا پەقەت ماڭىلا مەنسۇپ بولدىمىكىن دەيمەن.كىيىن ئۆيگە كەلسەم يۇرۇتداشلار مىنى تاپالمىغاچقا ،قۇرۇق تۇلۇمنى كۆرۈپ چۆلدە ئالۋاستىغا ئايلىنىپ كەتتى دەپ نەزىرىمنى بىرىپ بولغانىكەن .ئانام نەچچە كۈن يىغلاپ ،مىنى داخانغا ئاپىرىپ ساقلىقىمغا ئىشەنگەن،ئەجەب ئىش ،شۇ چاغدا ئوغۇرلىقچە تىقىۋالغان تىللانى ھىچيەردىن تاپالمىدىم ،ئاقتىمۇ يوق-كۆكتىمۇ يوق ...
-مىنىڭ ئاكاممۇ قۇملۇققا بىر كىرىپ كەتكىنچە ئىز دىرىكىنى قىلالمىدۇق
-بەلكىم ئۇمۇ پەرىزاتقا ئۇچراپ قالغان دە،پەرىزاتلارنىڭ شاھى بولغاندۇ بەلكىم .چاقچاق قىلدى بۇرۇتلۇق  يىگت...
-بىزگە دىدى چوكان- پادىشاھ ئەمەس ئۇ كىرەك...
-پات-پات مەھەللىمىزدە ياكى ھىلىقى جاڭگالدىكى بۇلاق تۈۋىدە بىر سۈر ئىشەك پەيدا بولۇپ قالىدۇ،تۇياقلىرى شۇنچە چىرايلىق،كىمنىڭ ئىشىكىدۇ دەپ شۇنچە يولىغا قارىسام ھىچكىشى يوق،تۇتۇپ ئاپىرىپ بىرەي دەپ قوغلاپتىمەن،قوغلا -قوغلا بىر قۇرۇق دەرەخنىڭ تۈۋىدىنلا چىقىپ قالدۇق.ئىشەكنىڭ قارىسىمۇ يوق قانچىلىك قورقۇپ كەتكىنىمنى ئۆزۈم بىلىمەن،ئالدى -ئارقامغا قارىماي شۇنداق تىز قىچىپتىمەن،بىر چاغدا قارا دىگەندەك بولدى ،ئارقامغا قارىسام بايامقى دەرەخ تۈۋىدە بىر چىرايلىق قىز يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ.تىخىمۇ جىنىم چىقىپ مىڭ تەستە ئۆيگە كىلىۋالدىم،ئەتىسى كۆيۈپ -پىشىپ يىتىپ ئاران بىر ئايدا ساقايدىم .
كىشىلەر باشلىرىنى لىڭشىتىپ بىر بىرىنى تەستىقلىشاتتى.              
    -ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مۇشۇ چۆلدە پات-پات ئاجايىپ غارايىپ ئاۋازلار ئاڭلىنىپ قالىدىكەن،بەزىدە نەغمە-ناۋانىڭ ئاۋازى ئاڭلانسا،بەزىدە ئاتلارنىڭ تۇياقلىرىنىڭ دۈپۈرلاشلىرى،مەزلۈم-بالىلارنىڭ يىغلاشلىرىغا ئوخشاش ئاۋاز كىلىدىكەن.شۇڭا چوڭلار چۆلگە كىرىشتىن توسقان.
-ئەجەب ئىش ،سىنىڭ ئىشىكىڭ بولسىمۇ تىپىلاتتىدە ،ئىشەك ئەقىللىق جانىۋار ئۇ ئۆز ئوقىرىنى تاپالايدۇ ،ئۇنىڭ ئۇچۇپ كىتىشى مۇمكىن ئەمەستە ؟
-ئات ئۇچسا بولدىكەنۇ ئىشەك ئۇچسا بولمامدىكىنە ،بەلكىم ئۇمۇ راستىنلا ئۇچۇپ كەتكەن ،يىراق بىر چۆپلۈكتە بەخرامان كۆشەۋاتقاندۇر بەلكىم.
-راست توختىغىنە ،بوۋاي ئالدىمغا كىلىپ سورىدى .-سەن ھىلىقى پەرىزاتنىڭ ئىسمىنى بىلەمسىنا ؟
-ياق ،پەقەت ئۇنىڭ ئۇزىتار چاغدا مەندەك چۆل پەرىسىنى ئۇنتۇپ قالماڭ دىگىنى ئىسىمدە قاپتۇ.
چۆل پەرىسى ؟!
-پەقەت شۇلا..
-چۆل سىرلىق دۇنيا ،بەلكىم بوۋاي ساقىلىنى سىلىدى،-بەلكىم ئۇ ئادەم ئەمەستۇ،بەلكىم سەن چۈش كۆرگەنسەن ؟!
-ئۇنداقتا سىنىڭ قىرىق كۈنگخچە ھايات قىلىشىڭ مۇمكىن ئەمەستە؟؟
كىشىلەرنىڭ پارىڭى ھىچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس.پەقەت گۈرۈلدەپ كۆيىۋاتقان گۈلخان ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ چىرايىدا ، ھەر خىل ئەكىس ئەتكەن قورقۇش،قىزىقىش،يەنە قانداقتۇر ھىسسىياتلار قىتىپ قالغان ئىدى .تۇيۇقسىز  يۇلتۇزلار كۆچۈشكە باشلىدى،مەن ئەزەلدىن ئۇنداق جىق يۇلتۇزلارنى كۆرۈپ باقمىغان.كىشىلەر دۈررىدە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ يۇلتۇزلارغا قارىغىنىچە دۇرۇت ئوقۇشقا،ئاغزى كەلگەن ئايەتلەرنى ئوقۇشقا باشلىدى.يۇلتۇزلار كۆكتىن چەكسىزلىككە ،يىراق ئۇپۇقتىكى زىمىن بىلەن ئاسماننىڭ تۇتىشىش نۇقتىسى،قۇملۇقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چىكىگە كۆچتى .كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىدە ،ئاتەش گۈلخاننىڭ ئەڭ يارقىن يانغىنلىرىدا ،پايانسىز قۇملۇقنىڭ يەنە بىر تەرىپى قىتىپ قالدى .
2
كىچىككىنە تۆت ئىغىزلىق ئۆي مىنىڭ مىنىڭ ئۆيۈم .ئاددىيلا سەرەمجانلاشتۇرۇلغان، ئانچىكى ئۆي جاھازلىرىمۇ بولمىغان ، پەقەت بۇلۇڭدىكى يوغان تاشئەينەك ،تامدىكى يوغان خوتەن گىلىمىلا ئۆيگە  ئانچىكى ئىسكەت بىرىپ تۇراتتى.كۈنگەي تەرەپتىكى بىر ئىغىزلىق ئۆي ئۇنىڭ بىلەن مىنىڭ ھۇجرا ئۆيىمىز،تارغىنە ئۆيدىكى 2 كارۋات، يوغان ھەم كىلەڭسىز كىيىم ئىشكاپى،يىنىدىكى كونا ئۇسلۇپتىكى ئاددىيغىنە تومپۇچكا ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى مىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن گىرىم بويۇملىرىم.توي قىلغان ئاشۇ كۈزدە بىزنىڭ ھۇجىرىمىزدا بىرلا كارۋات بولغان،قالغان ئائىلە سايمانلىرىنى ئۇ ئىككىمىز ئايلىق مۇئاشىمىزدىن تىجەپ يىغىپ ئالغان ئىدۇق.كىيىم ئىشكاپىمۇ ،تومپۇچكىمۇ،ھەتتا كىچىككىنە قوڭغۇراق سائەتمۇ مەن ياقتۇردىغان ھالرەڭدە ئىدى.ئۇنىڭ ماڭا شۇنچە ئامراقلىقى،نىمىلا دىسەم قىلىپ بىرىمەن دەپلا تۇرىدىغان ئەرلىك مەسئۇلىيىتى قەلبىمدىكى جاراھەتلەرنى ئاز تولا بولسىمۇ ئازلاتقان،قەلىب يارامغا مەلھەم بولغان ئىدى.لىكىن ئاشۇ شەمبە -ھاياتىمدىكى يەنە بىر تەقدىرنىڭ رەھىمسىز چاقچىقى. ئۇنىڭ ماڭا بولغان مىھرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى.نۇرغۇن دوختۇرخانىلارغا،ئاڭلىغانكى تىۋىپلارغا، ھەتتا داخان پىرىلارغا كۆرۈنىشلىرىمنىڭ ھەممىسى نەتىجىسىز بولۇپ چىقتى .دوختۇرنىڭ ئۈمۈدسىز چىرايىنى كۆرۈپ نەچچە كۈن يىغلاپ چىقتىم .ئاخىرى دوستۇمنىڭ زورى بىلەن جەنۇپقا بىرىپ ،مەلۇم يۇرۇتتىكى داڭلىق (كىشىلەر شۇنداق دىيىشىدىكەن ) تىۋىپقا كىسىلىمنى داۋالىتىش ئۈچۈن ماڭدىم .پويىزنىڭ تاتىراڭغۇ دىرىزىسىدىن يىراقلىشىۋاتقان بۇ شەھەرگە،داۋاملىق كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان كۈلرەڭ تاغقا قاراپ ، ئىچ-ئىچىمدىن چىقىۋاتقان پىغاننى زورىغا بىسىپ ئەڭ ئاخىرقى ئۈمۈدنى ئىلىپ جەنۇپقا يۇرۇپ كەتتىم.
3
بۇ شەھەرنىڭ كەچلىك مەنزىرسى شۇنچە گۈزەل.يىراق-يىراقتىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئاسمان پەلەك بىنالار ،ھەر خىل شەكىلدە نۇر چاقنىتىپ تۇرغان بىزەك چىراغلار ،كەڭرى ھەم ھەيۋەتلىك ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەر ،موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغان ماشىنىلار بۇشەھەردە ئەزەلدىن كىچە بولمايدىغاندەك ،كىشىلەرنىڭ مەڭگۈ مانا مۇشۇنداق ئالدىراشتەك تۇيغۇ بىرىدۇ.سائەت ئاللا بۇرۇن 12 بولغان بولسىمۇ ئۇ تىخىچە قايتىپ كەلمىدى.يىقىندىن بۇيان توغرىراقى جەنۇپتىن كەلگەندىن بۇيان ئۇ مانا مۇشۇنداق كەچ-كەلگىنى كەلگەن ،ماڭا قاپاقمۇ ئاچمايدۇ.ئەزەلدىن ئۇنىڭ ھاراق ئىچكەن  ،تاماكا چەككىنىنى كۆرگەن ئەمەستىم ،لىكىن ھازىر ھەركۈنى دىگۈدەك مەس كىلىدۇ،يەنە كىلىپ داۋاملىق يىنىدا بىر سىرىق چاچ قىزمۇ بىللە كىلەتتى..كىيىن سورىسام خىزمەتتىدىشىمىش،ئاغىنىلەر بىلەن ھاراق ئىچىپ كەيىپچىلىكتە خاتا تىلفۇن قىلىپ قاپتۇدەك،شۇڭا بىرەر ئىش چىقىشىدىن ئەنسىرەپ..پۈتۈنلەي يالغان دەيتىم ئىچىمدە.گەرچە ھازىرقى جەمىيەتنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمىسەممۇ ،لىكىن بۇنداق قىزلارنىڭ بولۇپمۇ ئۇنىڭدەك سىرىق چاچ،پالكۆز قىزلارنىڭ قۇرغان قىلتىقىغا گەپ كەتمەيتتى.لىكىن شۇنچە يىل بىر ياستۇققا باش قويغان ئىرىمنىڭ يوچۇنلا بىر قىزنى ئۆيگە باشلاپ كىلىشى غۇرۇرۇمغا يۇندە چاچقان بولسىمۇ ،ئۇنىڭ ئالدىدىكى شۇ تىل قىسىلچىلىقىم سەۋەبلىك يەنىلا سۈكۈت قىلدىم.لىكىن ئۆز ئىرىمنىڭ گەرچە ئۆزى ياۋاش ،مىجەزى سەل بوشاڭ بولسىمۇ،ئۇنداق ئىشلارنى قىلمايدىغان ،ئەرلىك غۇرۇر مەجبۇرىىيتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرساممۇ ،رەشىك ئوتى يۈرىگىمنى كۆيدۈرەتتى.
بۈگۈن شەمبە ، ئەتىگەن ئۇ ناشتا قىلماستىن تالاغا ماڭدى ،ماڭا ئايان، ئۇنىڭ مەن بىلەن ئۆي تۇتقىسى يوق،مىنى كۆرەرگە كۆزى يوقتۇر ،لىكىن قانداقلا ئىش بولمىسۇن ،چىرايلىق دىيىشسەك،مەيلى ئاجىرشىپ كەتسەكمۇ...يۈرۈگۈم تۇيۇقسىز شۇنداق سىلىپ كەتتى ،«ئاجرىشىش» نىمىدىگەن قورقۇنۇشلۇق.ئاجرىشىش دىمەك نەچچە يىللىق ھاياتىڭنى بىللە ئۆتكۈزگەن ،كۆڭۈل بىرىپ بىر ياستۇققا باش قويغان ئادىمىڭدىن،قان-تەرىڭ بەدىلىگە كەلگەن تۇرمۇشتىن ئايرىلىپ قىلىش دىمەكتۇر.دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئازاب بولماس،بولۇپمۇ ئەمدى 30 نىڭ قارىسىنى ئالغان بىر ئايال ئۈچۈن تۇل خوتۇن دىگەن ئاتاققا قىلىش مەڭگۇ قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان نۇمۇس.شۇ دەقىقىلەردە ئۇنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرىدىغىنىم ،ئۇنىڭسىز ياشىيالمايدىغانلىقىمغا چىن پۈتتۈم.ياق دەيتتى قەلبىم بۇنداق ئۆتىۋەرسەم ،ئۇنى مۇنداقلا باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويسام بولمايدۇ،نىمىلا بولمىسۇن ئۇ مىنىڭ يولدۇشۇم ،قانۇنلۇق ئىرىم،ھايات بىغىمنىڭ گۈلزارى پەرۋىشكارى ،جىنىم كەتسە كەتسۇنكى ھەرگىز ئايرىلمايمەن.
بازاردىن يىڭى كۆكتاتلارنى ،خۇرۇچلارنى سىتىۋالدىم .كەچتە ئۇ كەلسە تاماق يىگەچ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىمەن .ئۇنىڭ قاپقارا قاشلىرى ئارسىدىكى قوي كۆزلىرىگە ،پىشقان ئەرلەرگە خاس تەمكىن قىياپىتىگە قاراپ ئۆز قولۇم بىلەن بىر پىيالە چاينى قۇيىمەن دە -باقسىلا بىگىم دەيمەن .ئۇمۇ ئاۋالقىدەكلا ماڭا قاراپ قاقاھلاپ كۈلىدۇ دە ،يىنىمغا كىلىپ مىنى چىڭ قۇچاقلايدۇ.ئاھ شۇ يۇرەكنى تىترەتكۈچى سىھىرلىك كۈلكىلەر ،ئوتلۇق تىنىقلار،كۆيدۈرۈپ كۈل قىلغۇچى ئوتلۇق قۇچاقلاشلار...
كۆڭلۈم شۇنداق خۇشالمىكىن ،ئادەتتە بىر سائەت باھا تالىشىپ ،نەچچە دۇقمۇشقا دوقۇرۇپ ئالىدىغان كۆكتاتلارنى تىزلا ئىلىپ ئۆيگە قايتتتىم.يوللاردىكى كىشىلەر ماڭا كۈلۈپ قاراۋاتقاندەك ،دەرەخ ياپراقلىرىمۇ ماڭا مەدەت بىرىۋاتقاندەك ئۈنسىز شىۋىرلايتتى .ئەزەلدىن گەپ قىلىشمايدىغان قاپىقى يامان ئىشىك باقار بوۋايدىن ئىككى ئىغىز ئەھۋال سوراپ قويدۇم .بەلكىم كۆڭلىدە ماۋۇ خوتۇن بۈگۈن ساراڭ بولۇپ قالدىمۇ نىمە ئويلاۋاتقاندۇ ،ئويلىسا ئويلىمامدۇ، راست مەن بىر ساراڭ،ئۆز ئىرى ،يولدىشى ئۈچۈن جىنى پىدا سۆيگۈ سارىڭى ،ئەر سارىڭى ...
تاماقلارنى شۇنداق ئوخشىتىپ ئىتىش مىنىڭ ئالاھىدىلىكىم .دوستلىرىمدىن تارتىپ ئۇرۇق تۇققانلارغىچە ھەممىسى مىنىڭ تامىقىمنى ماختايدۇ ،ئۇمۇ نەچچە قىتىم مىنى ماختىغان .چىرايلىق ئالما ئۇرۇقى كوپتامنى كىيىپ ،ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ سۇسقىنا گىرىممۇ قىلىۋالدىم .ئەينەكتىكى چىرايلىق ئايالغا ،پۇتكۇل تۇرقىدىن ئاياللىق جەزبىدارلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان ئايالغا،ئۇنىڭ چىرايلىق كۆزلىرىگە،ئۇزۇن-ئۇزۇن كىرپىكلىرىگە قاراپ رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈمسىردىم ھەم روھىممۇ كۆتۈرلۈپ قالدى.ھەر بىر ئۆيگە ئۇ ئامراق ئەتىرنى سۇسقىنە چىچىپ قويدۇم.كۈتكەن مىنىۇتلارمۇ ئاخىرى يىتىپ كەلدى.ئىشىكنىڭ چىكىلىشىدىن يۈرۈگۈن سىلىپ جىددىيلەشكىنىمدىن ئىشىككە قاراپ ماڭدىم .ئۆزۈمنى توختىۋىلىشقا تىرىشىپ ئەڭ ئاخىرقى قىتىم ئەينەككە قارىۋىتىپ ئىشىكنى ئاچتىم .
4
ئالدىمدا ئۇزۇن چىغىر يول  يول بويىدىكى ئارچا ھەم قارا ياغاچلار باغۋەنسىز ھەر تەرەپكە شاخاراپ كەتكەن بولۇپ ،بىر قارىغان كىشىگە ۋەھىمە تۇيۇلاتتى .قولۇمدىكى كىچىككىنە سومكام شۇنچىلىك ئىغىر تۇيۇلدىكى پىرقىرتىپ تاشلىۋەتتىم .بۇ كۆل ئۇنچىمۇ چوڭ ئەمەس،يىڭى شەھەر رايۇنىنى كىڭەيتىش ئۈچۈن ئەتراپنى كۆكەرتىپ بەرپا قىلغان،شەھەردىن يىراق،ئانچىكى كىشىلەردىن باشقا ھىچكىمنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايدىغان كۆل .كىچىك چاغلىرىمدا مەھەللىمىزدىكى ئىرىق-كۆلچەكلەرگە شۇنچە ئامراقتىم.ئىرىقتىكى سۈزۈك سۇلارنىڭ قەيەردىن كىلىپ قەيەرگە بارىدىغانلىقىغا شۇنچە قىزىقاتتىم  .تىلۋۇزۇردىن كۆز يەتكۈسىز كۆپكۆك جىمىرلاپ تۇرغان دىڭىزنى كۆرەتتۇق،بەلكىم بۇ سۇلارمۇ ئاشۇ دىڭىزلارغا قۇيۇلسا كىرەك ،ئۇنداقتا دىڭىزلار قەيەردىن كەلگەن ،ئەجىبا دىڭىزلەرمۇ تولىمۇ يىراقتىكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ دىڭىزلارغا قۇيۇلسە كىرەك.بەلكىم ئۇيەرلەر بۇ يەردىن تىخىمۇ چوڭ ھەم نەچچە ھەسسە چىرايلىقتۇ؟ ئۇ يەردىمۇ ئادەملەر بارمىدۇ ؟ ئۇ يەردىكى بالىلارمۇ بىزدەك مەكتەپلەردە ئوقامدىغاندۇ ؟نۇرغۇن سۇئاللارغا ،جاۋاپسىز تىپىشماقلارغا ھىرىس ئىدىم .جىمىرلاپ تۇرغان زۇمرەتتەك سۇلارغا،ياپيىشل دەل -دەرەخلەرگە ئامراقلىقىمدىن ئالىي مەكتەپنىمۇ ئورمانچىلىق كەسپىدە ئوقۇدۇم .قىسقىسى ياپيىشىل يايلاققا قارىغاندا ،خىلۋەت ئورمانلار،ئۇلارنىڭ باغرىدىكى تىنىمسىز شىلدىرلاپ تۇرىدىغان ئىرىق-ئىقىنلار ،غايەت زور ئەينەكتەك جىمىرلاپ تۇرغان كۆللەر قەلبىمگە يىقىن تۇيىلاتتى.بۈگۈن ھاۋا تۇتۇتۇق ،قوغۇشۇندەك ئىغىر بۇلۇتلار ئاسماندا ئىسلىپ تۇراتتى.بارا-بارا قويۇقلىشىۋاتقان قارا بۇلۇتلار تىخىمۇ سۈرۈلۈشكە باشلىدى .بەلكىم يامغۇر ياغسا كىرەك .تۇرغان يىرىمدىكى سىمونىت پەشتاقتىلا ئولتۇردۇم ،چۈنكى ئەمدى جىسمىمدا مىسقالچە ماغدۇر قالمىغان ئىدى.بۇ ئەلەملەرنى ،قەلبىمدىكى چەكسىز سىغىنىش ،خورلۇق ئازاپلارنى قانداق كۆتۈرۈپ يۈرگىنىمگە ئۆزۈممۇ ھەيران .كۆزلىرىمدىن ياشلار قۇيۇلۇشقا باشلىدى.ھەممىگە ،پۈتكۇل ھاياتىمدىكى بارلىق ئىشلارغا مەن سەۋەپچى ،مەن گۇناھكار ،مىنىڭ تۇغۇلىشىم ،چوڭ بولۇشۇم ،ئوقۇشۇم توي قىلشىم ھەممىسى بىر خاتالىق ،پەقەت مەنلا يوقالسام ..ئورنۇمدىن تۇرۇپ كۆلگە قاراپ ماڭدىم .توساق رىشاتكىسىدىن ئاتلىنىپ سۇدىكى ئۆزۈمگە ،چاچلىرى چۇۋۇق ،ئورۇق ۋىجىك ئايالغا ،كىلەڭسىز چاپىنىغا قاراپ تۇردۇم .ھاۋا گۈلدۈرلەپ بوران تىخىمۇ ئەدەشكە باشلىدى.كۆل بويىدىكى يىڭى قويغان كۆچەتلەر ،بوستانلار شامالدا ھەر تەرەپكە ئۆزىنى تاشلاپ قايرىلاتتى ،ئۇچى يەرگە تىگەي -تىگەي دەپلا قالغاندا ،يەنە شۇنداق بىر باتۇرانە كۈچنىڭ تەسىرىدە قەددىنى رۇسلاتتىدە يەنە ئۆزىنى ھەر تەرەپكە تاشلايتتى.كۆل سۈيىمۇ بايامقى تىنىچ تەرتىپىنى بۇزۇپ،دەۋرەپ چايقىلىشقا ،قىرغاقلارغا ئۇرۇلۇپ ،چايقىلىشقا باشلىدى.توساتتىنلا بىر جۈپ قارلىغاچ ئۇچۇپ كەلدى نىمىدىگەن چىرايلىق قۇش ،قەيەردە كۆرگىنىمنى ئىسىمغا ئالالمىدىم بىر جۈپ بولسا كىرەك ،بەلكىم ئاشىق-مەشۇقلاردۇر.ئوزۇقلىرىنى تىپىپ ئۆيلىرىگە قايتىدۇ دە يەملىرىنى باللىرىغا تاشلايدۇ .ئۇلار كۆل بويىدا بىر ئايلىنىپ پەسلەپ بىشىمنىڭ ئۈستىدىن غۇررىدە قىلىپ ئۇچۇپ ئۆتتىدە قوغۇشۇن رەڭلىك ئاسماننى ئاچماق قۇيرۇقلىرى بىلەن كىسىپ ئۆتۈپ غايىپ بولدى، يىراقتا بىر كىشى مەن تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتاتتى ، ئەڭ ئاخىرقى  كۆز قارچۇقۇمدا،ئۇ ۋە بۇ جۈپ قارلىغاچ قىتىپ قالدى .
5
ئاخشام دىيىشكەن گەپلەر ،كۆز ئالدىمدا ئۇنىڭ  پەرۋاسىزلا ئىپادىسى ،سەۋەپسىز جىلمىيىپ قويۇشلىرى.ئىنىق جاۋاپ ئالالمىغاچقا يەنە سورۇدۇم .
-خالىسىڭىز بالا بىقىۋالايلى،دوستۇمنىڭ دىيىشىچە ھازىر ئۇنداق بالىلارنى ئوڭايلا تاپقىلى بولىدىكەن ،يەنە كىلىپ،بوۋاق ۋاختىدىن باشلاپ باققاچقا ئاسانلا-ئۇنىڭ لەپپىدە قاراشلىرىدىن گىپىمنى يۇتىۋەتتىم .بۇ قاراشتا بىر خىل مەنسىتمەسلىك،غەزەپ،خورلۇق ئەكىس ئىتەتتى.يەنە شۇ سۈكۈت .ئەزەلدىن خۇشال -خۇرام ئۆتكەن ،بىر-بىرىمىزگە گەپ بەرمەي پاراڭلىشىشقا ئامراق ئەر-خوتۇنلاردىن ،بۈگۈنكىدەك كۈن-كۈنلەپ گەپ قىلىشمايدىغان،تاماق ئۈستىلىمىز،كارۋاتلىرىمىزغىچە ئايرىم بولدىغان ئۆي ئىچىدىمۇ سائەت-سائەتلەپ ئولتۇرۇپ ئۈن قاقمايدىغان ھالغا ئايلانغان ئىدى.ئۆزۈمنى بەزلەپ بارچە گۇناھنى ئۆزۈمدە قويۇپ،يەنە ئىغىز ئاچتىم
-شۇڭا ئاتا ئانىسى ياخشىراق ئائىلنىڭ بالىسى بولسا بىقىۋالساق سىزمۇ بۇنداق قىينالمايتىڭىز،مەنمۇ...
ئو قوپۇپلا ياتاق ئۆيگە ماڭدى ،بۇ ماڭا خورلۇقتەك تۇيۇلدى .مەندە نىمە گۇناھ؟خۇدانىڭ يارىتىشى شۇ تۇرسا،ھەممىنى بۈلۈپ تۇرۇپ چىش يىرىپ بىر نىمە دىمىسە ،ئۇرسىمۇ تىللىسىمۇ مانا مۇشۇنداق گەپ قىلماي باتناپ ئادەمنى قىيدىمىسا .ئورنۇمدا ئۇزاق ئولتۇردۇم .بارچە گۇناھنى ئۆزۈمدە قويۇپ،يەنىلا ئۇنى ئاڭلاپ چىقتىم .ياتاق ئۆيىگە كىرسەم تاماكا چىكىپ دىرىزگە كۆڭۈلسىز قاراپ تۇراتتى .تۇرۇپلا يۈرىگىم ئىچىشىپ كەتتى ،بۇ خىل ھىسسىيات ئۇنىڭغا بولغان ئىچ ئاغرىتىشقىمۇ ، ئۆزۈمگە ئىچ ئاغرىتىشقىمۇ،ئۆزۈمنىڭ بەخىتسىز پىشانەمدىن ئۆكۈنىشكىمۇ ئوخشايتتى .ياشلىرىم ئۈن تۈنسىز تۆكۈلدى .ئاستا بىرىپ ئۇنى ئارقىسىدىن قۇچاغلىدىم .قوللىرىنى ئىلىپ يۈزلىرىمگە ياقتىم،لەۋلىرىمگە باستىم ئۇ ماڭا قارىمىغان بولسىمۇ كۆزلىرىدە ياشلار لىغىرلاپ تۇراتتى،مىنى كەچۈرڭ راخمان دەيتتى قەلبىم ،ئۇنىڭدىن چىن دىلىمدىن كەچۈرۈم سورۇدۇم ،شۇنچە قىلساممۇ ئۇنىڭ قەلبىدىكى مۇز ئىرىمىدى .
-قوبۇل كۆرسىڭىز بولدى دىمىگەن بولاي ،لىكىن بۇنداق ئۆزىڭىزنى قىينىماڭ ،بۇنداق ئازاپلانماڭ بولامدۇ؟ مەنمۇ بەك تۆكۈلۈپلا كەتتىم ...
-بىز ئاجىرشىپ كىتەيلى  ئۇ قىلچىمۇ تەمتىرمەي ،دۇدۇقلىماي ،بىر تىنىقتىلا ئىغىزدىن چىقىرۋەتتى .ماڭا خۇددى تۇيۇقسىز روھى چىكەتكەن ئادەمدەك،يەرشارى قىيسىيىپ قالغاندەك تۇيۇلماقتا ئىدى.بارچە پىغانىم  كۆزۈمدىن چىقتى ،قانچىلىك يىغلىغىنىمنى ئۆزۈممۇ بۈلمەيمەن .پەقەت قەلىب دالارىمنىڭ سوغۇق شامال ئۇرۇپ تۇرغان چۆلدە يالغۇز قالغاندەك ، ھىس-تۇيغۇلىرىم ئاستا-ئاستا ئۆلمەكتە ئىدى .مەن ھۆركىرەپ يىغلاپ ئالەمنى مالەم قىلمىدىم ،ئۇنى سىلكىشلەپ نىمىشقا دەپ سەۋەبىنىمۇ سورىمىدىم .پەقەت تۇرغان ئورنۇمدا قاققان قوزۇقتەك، ئەزەلدىن مۇشۇنداق يارىتىلغاندەك تۇرىۋەردىم .ئۇنىڭ قاچانلاردا يىنىمدىن چىكەتكىنى ئىسىمدە يوق،پەقەت ئىشىكنىڭ گۈپپىدە يىپىلغان ئاۋازى،ئۇنىڭ مىنى كەچۈرۈڭ بىز ئاجىرشىپ كىتەيلى.مىنىڭ سىزنىمۇ ئۆزۈمنىمۇ قىينىغىم يوق  دىگىىنى  غۇۋا يادىمدا.
شۇنىڭدىن كىيىن مەن ئاغرىپ قالدىم توپتۇغرا بىر ئاي مۇزدەك ئۆيدە يالغۇز تۆت تامغا قاراپ ياتتىم.ئۇزاق كىچىلەرنى ئۇزىتىپ ،قۇياشنىڭ يۇمشاق ھەم ئۇزۇن نۇرلىرى زىمىنغا چىچىلغاندا ،بۇ ئۆيگە بىسىپ كىرگەن غەلىيانلارنى،ئازاپ-كەچمىشلەرنى باشقۇرۇپ بولالماي ھالىمدىن كىتەتتىم،يالغۇزلۇق ،غىرىپلىق مىنى يىمەكتە ئىدى .ھەممىدىن رايىم يىنىپ ،بۆلەكچىلا بىر ئادەمگە، ھىچنىمىدىن غەمسىز زاھىتقا ئوخشاپ قالغان ئىدىم . بەزىدە چۈشكە ئوخشايدىغان ئۇزاق  خىيالدىن مەڭدەپ،ئۆزۈمنىڭ قاچان، قەيەردە تۇرىۋاتقانلىقىمنى تەستە ئىلغا قىلاتتىم .تۇرۇ- تۇرۇپ مىنىڭ تۇتقان ئۆيۈم مۇشۇ ھە دەپ تام-تۇرۇسلارغا قاراپ كىتەتتىم، بۇنى قانداقمۇ ئۆي دىگىلى بولسۇن ؟ قىنى سەن ياخشى كۆرۈپ بارلىقىنى بەرگەنلەر ؟ قىنى سەن ئىشەنگەن ،سىنى مەڭگۈ سۆيىمەن دىگەنلەر ؟ ئىنسان دىگەن ئاشۇنچىلىك نەرسىغۇ ،ھامان ئۆزگىرىدۇ ، سىنى مىڭ تەستە قولغا كەلتۇرىدۇ ،لىكىن سىنىڭدىن ياخشىسىنى كۆرگەندە،سەندىن ئاسانلا تانىدۇ.شەخسىيەتچىلىك ،مەڭگۇ قانائەت قىلماسلىق ئىنساننىڭ ھەقىقىي ئۆزى ،ئەينى سۈرىتى .شۇڭا بىر دانا ئىنسان كۆزى ئاخىرى قەبرىدە توپىغا تويىدۇ دىگەن.  . ئاينۇر رەيھان ،ساباھەتلەرنىڭ كۈندە تاماق توشۇپ كۈتىشى بىلەن تالا تۈزگە چىققىدەك بولدۇم . بىر كۈنى ئۈچىمىز يىغىلىپ تازا يىغلىدۇق ، ۋاپاسىز دۇنيادىن ،ئەرلەردىن ،تۇرمۇشتىن زار بولۇپ تازا يىغلۇدۇق . كۆڭلىمىدىكى بارلىق سىرىمىزنى تۆكۈشۈپ ئۆز ئەرلىرىمىزنى ھەر خىل ھايۋاناتلارغا ئوخشۇتۇپ سۈپەتلەيتتۇق ،ئارقىدىن پىخىلداپ كۈلگىنىمىچە بىر بىرىمىزنى قۇچاقلىشىپ پومداقلىشىپ كۈلۈشۈپ كىتەتتۇق ،كۆڭۈل دىگەن مانا مۇشۇنچىلىك نەرسە ،بەخىت تولىمۇ شۇنداق .بەخىت دىگەن سۆزنىڭ توم-توم لۇغەتلەردە بىر تالاي چۈشەندۇرۇلۇشىگە،ئالىملارنىڭ ئايلاپ-يىللاپ تەتقىق قىلىشلىرىغا قاراپ كۈلگۈم كىلىدۇ .بەخىت ئۇ بىر قانائەت ،غەم -غۇسسىز ئۆتكەن بىر كۈن .بەخىت ئۇ ئۆز ئىرىڭ بىلەن باللىرىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ يىگەن غىزادا،گۇناھلىرىڭغا قىلغان چىن تۆۋبەڭدە ...دوستمۇ بىر بەخىت ،مۇشۇ كۈنلەردە ئۆز ئىرىڭ ،ئايالىڭ ئىشەنچىسىز كۈنلەردە بەخىت ئۇ يىقىن دوستۇڭ ،سىرداش دىلكىشىڭ بولىدىكەن .لىكىن ...ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىلغىنىمغا ھەپتە بولۇپ ئاشتى.شۇنداق ئاددىيلا ئاجىرشىپ كەتتۇق ،پۈتكۆل ئۆي ،بارلىق بىساتلار قىيىنئانامنىڭ قول تىقىشى بىلەن ھەممىسى ئۇلارغا قالدى ،سوت ئىچىلغان كۈنى ئۇنى كۆرۈپ سوغۇقلا كۆرۈشۈپ قويدۇم ،ئۆزۈمدىكى بۇنچىلىك قەيسەرلىكنىڭ نەدىن كەلگىنىمۇ بۈلمەيمەن ،ھىچنىمىنى تالاشماي ،10 يىللىق ھاياتىمنىڭ يالدامىسى بولىمىش ھەممە ،ھەممىنى شۇلارغا تاشلاپ بىرىپ ئارقىمغا قارىماي چىكەتتىم .بىنا پەلەمپىيىدىن چۈشكىچە بوغۇزۇمغا قاپلىشىۋالغان يىغىنى تەستە بىسىپ ،بىردەم توختىۋالغاندىن كىيىن مەڭگۈلۈك خوشلاشتىم .بۆلۈم باشلىقىمىز ئەھۋالىمدىن خەۋەر تىپىپ ، ئىدارىدىن بىركىشلىك ياتاق ئاجىرتىپ بەردى.دوستلىرىمنىڭ تەسەللى بىرىشلىرى ،كۆيۈنۈپ كۈتۈشلىرىدە خىلى روسىم كۆتۈرلۈپ قالدى.
گەرچە  دوستلۇرۇمنىڭ ئالدىدا زورىغا كۈلۈپ قويساممۇ ،لىكىن دەردىمنى ئۆزۈم بىلەتتىم . بىز ئاياللار مانا مۇشۇنداق ،بولۇپمۇ بىز ئۈچىمىز مۇشۇنداق ئىدۇق .گەرچە ئاينۇر بىلەن ساباھەت ھەر ئىككىسى ئىككى قىتىمدىن ئاجراشقان ،ئەر دىگەنگە تويدۇم دەپ جار سالغان بولسىمۇ ،لىكىن كۈندە ئولتۇرۇشقا ئالدىرايدۇ ،ئەلۋەتتە بۇنداق سورۇنلاردا ئەرلەر كەم بولمايدۇ .ساباھات گەرچە توي قىلمىغان بولسىمۇ ،يىگىتىنى گاھ تىللاپ ،گاپ ،ماختاپ يۈرىيدۇ ..ئويلاپ قالىمەن دۇنيادا ئەرلەر بولمىغان بولسا ، پەقەت بىز ئاياللارلا يالغۇز ياشىساق ،غەم-غۇسسىز ،ئارمانسىز كۈلۈپ ياشىساق .لىكىن ئۆتكەندەئىدارىمىزدىكى ياشقا ئەڭ چوڭ خەزمەتدىشىمىز پەتەم ھەدە «-مەيلى چولاق بولامدۇ ،قارىغۇ بولامدۇ ،دىۋانە بولامدۇ ئىرىم بولغان بولسا ھە،كۆڭلۈم توق يۇرەتتىم  »دىۋىدى ھەممىزنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى .ھەمىشە بىز ئۆز ئەرلىرىمىزنى شۇنچە تىللاپ ،جاھاندىكى ئەڭ پەسكەش نەرسىگە ئايلاندۇرىۋىتىمىز ،لىكىن يالغۇز قالغىنىمىزدا ئۆلگىدەك سىغىنىمىز.ئايال دىگەن ئەنە شۇنداق سىرلىق دۇنيا ،بولۇپمۇ ئەمدىلا بەخىت يولىغا تەلپۈنگەندە كوچىغا تاشلىۋىتىلگەن ئاياللار تىخىمۇ شۇنداق...
ئىدارىمىزنىڭ ھويلىسىدا بىر تۈپ دەرەخ بار ئىدى. نەچچە قىتىم يول كىڭەيتىش ياكى ئاھالىلەر قورۇسى سىلىش ئۈچۈن كىسىۋىتىش توغرا كەلگەن بولسىمۇ ،ئىدارە باشلىقىمىزنىڭ دەرەخنى كەسمەسلىكتە چىڭ تۇرغان ،ھەتتا ئۆلسەم ئۆلىمەنكى ھەرگىز كەسكىلى قويمايمەن دەپ دەرەخنىڭ ئالدىدا يىتىۋالغىنى ھەممىزگە ئايان .ئىدارىدىكىلەر چاقچاق قىلىپ مۇشۇ دەرەخنىڭ تىگدە ئالتۇن بايلىقلىرى بارمىش دىسە ،بەزىلەر باشلىقنىڭ بوۋىسىدىن مىراس قاپتىكەن دىيىشەتتى ،شوخراق بالىلار ئىدارە باشلىقىمىز بىلەن قىز دوستىنىڭ داۋاملىق كۆرىشىدىغان كونا جايىكەن دەپ چاقچاق قىلاتتى ،ياشقا چوڭراق ئايشەم ھەدىمىز سەل ئالغايدەك كۆرىنىدىغان كۆزلىرىنى قىسىپ تۇرۇپ پىخىلداپ كۈلەتتى ،بەلكىم دەيتتى ئۇ ،باشلىققا بۇ دەرەخنىڭ جىنى چاپلاشقان،مەن ئۇنىڭ بەزىدە ئۇ دەرەخكە قاراپ ئۆزى بىلەن ئۆزى سۆزلەۋاتقانىنى كۆرگەن دەپ ھەممىمىزنى قىزقتۇراتتى. .مەيلى قانداقلا بولمىسۇن مەنمۇ بۇ دەرەخكە ئامراق ئىدىم ،باھار پەسلىدە ئۇنىڭغا ياپيىشىل يوپۇرماق چىققىنىغا ،كۈز پەسلىدىكى ئالتۇندەك ياپراقلىرىغا تويماي قاراتتىم ،ئۇ خۇددى بىر كۆرۈنمەس سائەتتەك بىزگە پەسىللەردىن پەسىللەرگە ،يىللاردىن يىللارغا شەپە بىرىپ تۇراتتى .بۈگۈنمۇ ئىش يوق ئۇنى بۇنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ،قولۇمغا ئالىي مەكتەپتە مەكتىپىمىزدە مودا بولغان «چالىقۇشى» رومانى چىقىپ قالدى .ئەينى چاغدا مەنمۇ بۇ كىتاپنى كىچە-كىچىلەپ ئوقۇپ چىققان ،ئۇنىڭدىكى فەرىدە بىلەن كامراننى ئاغزىمدىن چۈشۈرمەي يۈرەتتىم .كىتاپنى ئاستا ۋاراقلاپ ئوقۇشقا باشلىدىم .فەرىدە دەرەخ ئۈستىدە كامراننى يوشۇرۇن كۈزىتىدۇ ،ئۇنىڭ باشقا يەدىن كەلگەن تۇغقان قىزى بىلەن ئۇچىرىشقا چىققان يىرىدىن كۆرۈپ قالىدۇ ،كىيىن قاتتىق كۈلۈپ تۇققان قىزنى قاچۇرۋىتىدۇ ،كامراننى ئوسال قىلىپ مازاقتا قويىدۇ ...بۈگۈن ئىدارىدىكى ھەممىسى يىڭىلا خىزممەتكە چىققان مەۋلاننىڭ تويىغا كەتتى ، ئەتىگەندىن بىشىم ئاغرىپلا تۇرغاچ.ھەم توي- تۆكۈنگە بىرىشكە پەقەتلا قىزىقماس بولۇپ قالغاچقىمىكىن، ئۇلارغا مىجەزىمنىڭ يوقلىقىنى بانا قىلدىم . قوشنا ياتاقتىكى ئىشىك باقار مامۇتكامنىڭ سىمىز ئايالى توختىماي كەشتە تىكەتتى ،داۋاملىق يىنىدىن ئايرىمايدىغان چوڭ قارا رادىئوسىدىن داۋاملىق ناخشا ئۈزۈلمەيتتى،بۈگۈنمۇ بىر كونا ئۇسلۇپتىكى ناخشا ئاڭلىنىپ تۇراتتى :
ئىسىڭدىمۇ چىمەنلىكتە
ماڭا بەرگەن يىشىل ياپراق
تۇنجى سۆيگۈ ئىزھارى دەپ
كۆزگە سۈرتتۈم ئۇزاق-ئۇزاق


شۇنچە يىللار كەتتى ئۆتۈپ
ئۇنتالمىدىم سىنى ھەرگىز
تۇنجى سۆيگۈ يالدامىسى
قالدۇرۇپتۇ قەلبىمدە ئىز
ناخشىچى ئايالنىڭ تىترەڭگۈ ئاۋازدا ئىيتقان ھەسرەتلىك پىغانى ھاۋادا ئاستا - ئاستا لەيلەپ ،قەلىبلەرگە سىڭىپ كىتەتتى.كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ دىرىزە ئالدىغا كەلدىم .ھىلىقى دەرەخ مەيىن شامالدا شىلدىرلاپ تۇراتتى  ئۇنىڭ ياپراقلىرىغا ،ئۈن-تۈنسىز تەۋرىنىپ تۇرغان يوپۇرماقلارغا قاراپ ئۇزاققىچە قاراپ تۇردۇم ،قەلب دالالىرىمدا چەكسىز غىرىپلىق ،چۈشكۈنلۈك چايقىلىپ تۇراتتى .تۇيۇقسىز دەرەخ ياپراقلىرى ئارىسىدىن بىر سىمانى كۆرۈپ قالدىم .ئۇنى مەن ئاللا بۇرۇن ئۆلدى دەپ ئويلىغان ،بىراق ئۇ ئۇنتۈنسىز ماڭا قاراپ تۇراتتى.ياشلىق رەستىلىرىمدىكى ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز ھەم قورقۇنۇشلۇق كۈندە بۈگۈنكىدەك يالغۇز دەرەخ تۈۋىدە ساپسىرىق يوپۇرماقلار تۆكۈلۋاتاتتى .ئۇ تولىمۇ چىقىشقاق بالا ئىدى ،ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى  ۋە مەھەللىدىكى ئىشلارنى،ئاجايىپ-غارايىپ كەچمىشلەرنى  سۆزلەپ مىنى تاڭ قالدۇراتتى.ئۇ جەنۇپتىكى چوڭ بىر تاغلىق يىزىدىن بولۇپ ،ئۇ يەردە ئاجايىپ غارايىپ ئادەملەر ،ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدىكەن.بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ كونا تۈگمەن يىزىسىدا بىر ئەما كىشى بولۇپ،كىشىلەرگە بىر قاراپلا نەدىن كەلگىنىنى،نىمىش قىلدىغىنىنى،ئاخشام قازىنىدا نىمە تاماق پىشقىنىنى قىياس قىلالايدىكەن ،مەھەللىدىكىلەر ئۇنى قاسىم باخشى دەپ ئاتىشىدىكەن .بەلكىم ئانچىە ئىشەنمىگەن بولسام كىرەك ،ئۇ چىرايىمغا قاراپلا كۈلۈپ تۇرۇپ :-گىپىمگە كۈلمە گۈلزار، دۇنيادا ئاجايىپ -غارايىپ ئادەملەر ،تىگىگە يەتكىلى بولمايدىغان ئىشلار بولىدىكەن .ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن بەندىلەرگە شۇنداق خىسلەت ئاتا قىلىدىكى،سەن بىلەن مەنمۇ  نەچچە يىل دۈم يىتىپ كىتاپ كۆرۈپمۇ تىگىگە يىتەلمەيدىكەنمىز.لىكىن قاسىمنى مەھەللىدىكىلەر قورسىقىدا ئالىسى بار دىيىشىدۇ ،مومامنىڭ دىيىشىچە  ئۇلارنىڭ ئەجدادى بۇرۇن قۇملۇق گىرۋەكلىرىدە ئاجايىپ بوستانلىقلاردا ياشايدىكەن ،يەنە كىلىپ بىر كۈنى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ ئىش بولغانىكەن ...

******** ******** ****** ******* ********* ****** ****** ***** ******** ***** ********* ************** ********* ******** ******* ******


ئالىي مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىلى ،ئۇنىڭ بىلەن پەقەتلا چىداشمىدۇق .ئۆيدىكىلەرنىڭ مىنى جەنۇپقا ،بولۇپمۇ بىر تاغلىق يىزىدىكى سەھرا يىگىتىگە بىرىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى . نەچچە كۈن يىغلاپ تۇرىۋىلشلىرىمغا، قورقاق سىلىپ ئۆيدىن چىقماي تاماقمۇ يىمەي قىيداشلىرىمغا ئۇلار قەتئى تىز پۈكمىدى .كىيىن دادام ئەگەر شۇ ئەخمەت  بىلەن توي قىلىمەن دىسەڭ سەندەك قىزىم يوق دەپ گەپنى ئۈزدى..نەچچە كۈنگىچە بىر-بىرىمىزگە تاپا تەنە قىلىشىپ ،قىيدىشىپ يۈردۇق .ئوقۇش مۇراسىم ئۆتكۈزگەن كۈنى ،ئۇنىڭ نۇرغۇن ۋەدە قەسەملىرىگە،تىزلىنىپ يالۋۇرۇشلىرىغا چىدىماي ئۇنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولدۇم .ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسام ،ھاياتىم پۈتۈنلەي قاراڭغۇدا قالىدىغاندەك ،كۈنلىرىمنىڭ ھىچقانداق مەنىسى قالمايدىغاندەك ھىسسىياتتا ئىدىم .ئۇ  پاتلا قالماي ئۆيدىكىلەرنى قايىل قىلىپ بۇ يەرگە قايتىپ كىلىدىغان بولۇپ يۇرتىغا كەتتى. كۈنلىرىم ئۇنىڭ خەۋىرىنى كۈتۈش بىلەن ئۆتەتتى.ئۆيدىكىلەرمۇ دەردىمنى چۈشەنگەچ ئارتۇق گەپ قىلمىدى ،ئالدىمغا ئاش كەلسە ئاشقا قاراپ ،سۇ كەلسە سۇغا قاراپ يىغلايتتىم .ئۇنى بۇنچە ياخشى كۆرىدىغىنىمغا ،بۇنىڭدىن كىيىن ھىچكىمنى ياخشى كۆرەلمەيدىغاندەك ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيەتتىم.ئۆيدىكىلەرنىڭ مىنىڭ قىينىلىشىمغا قاراپ تۇرىشىغا ،ئاپامنىڭ يوشۇرۇنچە ياش تۆكىۋاتقانلىقى كۆرۈپ تۇراتتىم . شۇ چاغدا تەلىيىمنىڭ   كاجلىقىدىن ،ئاتا ئانامدىن ئالدىراپ-ئاغرىنمىسام بوپتىكەن ئەڭ چوڭ ئىززەت ھۆزمىتىم ،قىزلىق غۇرۇرۇم ئۇنىڭ توي خەۋىرىنى ئاڭلىغان كۈنى ئۈششۈك تەگكەن ياپراقتەك تىزلا مۇزلىدى...
6
كۆزۈمنى ئاستا ئاچتىم ،بەدەنلىرىم بىر خىل يىقىمسىز ئاغرىپ تۇراتتى ،ۋاقىتقا قارىدىم ،نىمىگە قارىغىنىم ئىسىمدە يوق ،لىكىن قاپقارا تۆت تام ماڭا  سوغۇقلا قاراپ  تۇراتتى ،ۋاقىتنىڭ ئەكىلىپ بەرگىنى پەقەت مۇشۇلا .قەلبىمدە چەكسىز ئازاب ،بۇ ئازاپ پەقەت  چەكسىز جۇدالىق چۆلىدىكى تەنھا يولۇچىدەك ئىغىر روھي قەدەملىرىمدە ،غىرىپ قاراڭغۇ كەپىدە ئاچچىق تولغاق يەۋاتقان ئانىنىڭ ئاخىرقى كۆز قارىچۇقلىرىغا،يىتىم يىسىرلەرنىڭ قەلبىدىكى بىچارىلىق قەسىدىلىرىدەك چەكسىز ھەم پىغانلىق ئىدى .ئۇ كەلدى قاسىم باخشىنىڭ ئورۇق قولىدەك قوللىرى بىلەن كارنىيىمنى سىقتىدە ئارقىدىن ئۇچامدىكى ئاپئاق كىيىملەرنى سالدۇرماقچى بولدى،مەن پەقەت تىلىمدىكى تىل دەشناملارغا قارىشى قەلبىمنىڭ تۇنجى ئاچقۇچىنى ئۇنىڭغا تەڭلىدىم .پەقەت ھەييارلارچە كۈلكىسى ،مەينەت ئاغزىدىن ئىقىۋاتقان قۇرۇق ۋەدىلەر ئۇنىڭ ئۆزىگە ئوخشاشلا بەتتەم ۋە قاڭسىق.نىمىشقا ئۇنى بۇرۇنلا مۇشۇنداق تونۇپ يەتمىگەندىمەن دەپ دىلىمنى ئەزدىم .ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ دەپ قۇلۇقۇمغا پىچىرلاۋاتقان ئۇنى بار كۈچۈم بىلەن ئىتتەردىم ، قولۇم ئۇنىڭ مەيدىسىنى بىسىپ ئۆتۈپ ،ئۇنىڭ كەڭ يەلكىسىدىن بىر تۆشۈك ئىچىلىپ قالدى ،ئۇنىڭ ھەممە ئەزالىرى قاپقارا ،يۈرىكىنىڭ ئوڭ بۇلۇڭىدا بىر سىسىق كۆل سول يىنىدا بىر بىشى ئۈزۈلگەن ئالتۇنبىلىق تۇراتتى ،ئالتۇنبىلىقنى ئاستا قولۇمغا ئىلىپ كۆلگە تاشلىدىم ،شۇ زامان كۆل بىر يۇلقۇنۇپ مىنى يۇتۇپ كەتتى ،پەقەت بىر پاي ئايىغىم تالادا ،يۇمشاق قۇمساڭغۇ كۆل توپىسىدا قىپقالدى،ئۇ ئانام ئۆز قولى بىلەن تىكىپ بەرگەن ئاياغ ئىدى .يىنىمدا بىر ئەر ،قاچان پەيدا بولغان بىلمىدىم، تىنىم شۈركەندى .ئۇنىڭ باغرىدا تۇرۇپ بايامقى ئىشلار ،مەن ئۇيالدىم .لىكىن ئۇ ئەزەلدىن شۇ كۈلۈمسىرشى بىلەن مىنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇراتتى .بۇ قىتىم پەقەت بىر سوغۇق تاشنىڭ تۈۋىدە ياتقاندەك ئەزەلدىن ئۇنىڭ بىر بۇت ياكى ئەسكى تاش ئىكەنلىكىنى بىلىدىغاندەك ھىچقانداق ئىپادىسىز ئۇنىڭغا بويسۇندۇم .سىلىق تاش ،قوپال تاش ،خۇددى بىلەيدەك ھەر قانداق پىچاقنى بىلەپ ئەتكە ئەكىلىدىغان،  لىكىن ئۆزى ئۇپراپ پەقەت بىر پىچاققىمۇ ئۆتمەس تاش.كىشىلەرنىڭ قەبرە تىشىدەك ،چۆللەردىكى تاشلاندۇق تاشلاردەك ھىسسىياتسىز ،ۋىجدانسىز شەرمەندە تاش.ئىچ-ئىچىمدىن چىققان بىر پارچا ئوت بىلەن تاش ۋاككىدە يىرىلدى ،ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمۇدۇم ،پەقەت قولۇم يەتكۈدەكلا يەردىكى بىر پارچە قىشنى ئاستا ئالدىم .ئۇزۇن بىر دەستە نۇر ئاپئاق ،يۇمشاق قوللىرى بىلەن يۈزۈمگە سۆيدى ،قاچانلاردا بۇ يەرگە دىرىزە ئورنۇتىلغانلىقىغا ھەيران بولۇپ ،ھىچقانداق نەقىشسىز،تولىمۇ ئاددى كەلگەن دىرىزىدىن دىلىم سۆيۈندى.سىرىتتا كىچىك بىر باغ،بەلكىم تاشلاندۇق بىر باغ بولسا كىرەك ،ئانچە رەتلىك قويۇلمىغان مىۋە كۆچەتلىرى ،سارغىيىپ قۇرۇپ قىلىشقان گۈللەر ،كىچىككىنە ئىرىقتىن شىرىلداپ ئىقىپ كىرىپ تارام تاراملارغا بۆلۈنۈپ ئىقىۋاتقان سۇلار ،كىچىككىنى بىر جۈپ كىپىنەك ... شامال ،غۇر غۇر شامال ،سالقىن شامال ،ھىسسىياتلارنى ،قەلىبلەرنىڭ سىرلىرىنى ئەپ قاچقۇچى شامال ،ئۇنىڭ ئوغرى ئىكەنلىكىنى قاندان بۈلەلەيسەن ؟ ھەقىقەتەن ئۇ بىر ئوغرىدۇر.تۇيۇقسىز شامال بورانغا ئايلاندى ،بىردەمدىلا چاقماق چىقىپ ھاۋۋا گۈلدۈرلەپ يامغۇر قۇيۇلۇشقا باشلىدى .يىراقتىن بىر قارا چىكىت ،يىنىقلاپ بىر قارلىغاچ ئۇچۇپ كەلدى ، ئۇ ئىلگىركىدەك ئاسماننى قايچا قاناتلىرى بىلەنمۇ كەزمىدى ، شوخلۇق بىلەن ھاۋادا پەرۋازمۇ قىلمىدى پەقەت كىچىككىنە بىر شاخقا قونۇۋىلىپ دۈگدىيەپ ئولتۇرغىنىچە ئۇخلاپ قالدى .نىمىشقا ئۇ يالغۇزكىنە؟ ئۆزۈمگە كۈلگۈم كەلدى دۇنيادا يالغۇز نەرسىلەر ئازمۇ ؟ تاش ،دەرەخ،ئادەم ،ئاي ،قۇياش ،يۇلتۇز ھەممىسى يالغۇز.يالغۇز كىلىمىز يالغۇز كىتىمىز ،بۇنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق .يامغۇر ھىچ توختايدىغاندەك ئەمەس،قەلبىمدىكى زور بىر دولقۇن يامغۇر سۈيىگە قىتىلىپ كەتتى ،ئۇلار ئىقىپ-ئىقىپ يىراقلارغا ،پايانسىز كەتكەن قۇملۇقلارغا ،سىڭىپ كىتىدۇ ،پەقەتلا قۇملۇققا سىڭىپ كىتىدۇ .  قۇم دىگەن نىمە ؟ قۇمدا نىمە بار ؟ ئادەملە ئەزەلدىن سۇئال  سوراشقا   ئامراق ،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىلىمسىزلىكىنى ياپماقچى بولىشىدۇ لىكىن چىنىپ قالىدۇ ،دەرھاللا ئاي يۇلتۇزغا تۆھمەت قىلىدۇ.بۇ جاۋاپ پەقەت بىرلا يولدا ئىناۋەتلىك ئۇ بولسىمۇ قۇم .ئاتەش ھارارەتلىك چۆلدۈر.چۆللەردىكى كىشىلەر ئۇلۇغ مۆجىزىلەرنى ياراتقان ،كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئىلاھىيەت ئۇرۇقىنى چاچقان.چۆلدىكى كىشىلەر ئىنسانىيەت يۈرىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن كىشىلەر ئىدى.ئىھ!-مىھرىبان ،دىلكەش قۇملۇق خەلقى،مىڭبىر كىچىلەردىكى ساماۋى خەلق....
7
چىرايلىق ئايال ،كىلىشكەن ئەر ،ياسىداق خىلۋەت ئايرىمخانا .تامدىكى يوغانتىپ ئىسىلغان رەسىمدە ئىككى ئادەم ،بىر ئەر،بىر ئايال
-نىمىشقا ئىچىلىپ ئولتۇرمايسىز ؟
-راخمان سىزگە دىسەم ئۇنى بولدى ئۇنتۇپ كىتىڭ ، ئۇنىڭ نىمىشقا تۇغماسلىقىنى ئۆزىڭىزمۇ بۈلىسىز، ئاياللار شۇنداق سىرلىق ،ئۇنىڭ تۇغماسلىقى چوقۇم بىرىنجى قىتىم بالا ئالدۇرغىنىدىن بولغان ،دوختۇرنىڭ ئىيتقىنى ئىنىق ئىسپات تۇرسا ،ئۆزىڭىزنى بۇنداق قىينىسىڭىز بولمايدۇ
ئەر ئۈن چىقمايتتى پەقەت ،ئالدىدىكى قاندەك سۇيۇق ،يىرىم رومكا سۇيۇقلۇققا تىكىلىپ قالغانئىدى
-سىزنى ساقلىغىنىم ئۆزىڭىزگە ئايان ،گەرچە سىز توي قىلىپ كەتكەن بولسىڭىزمۇ ،يەنىلا سىزنى كۈتتۈم ماڭىمۇ ئىچىڭىز ئاغرىسۇن ، شۇ كىچىدىن باشلاپ سىزگە بارلىقىمنى ئاتىۋەتكەن!
-قايتامدۇق ؟ ئەر بىشنى كۆتۈردى.
ئىسىل مىھمانخانىنىڭ 12-قەۋەتتە ئۇلارنىڭ خىلىغىچە ماڭغان ئاياغ ئاۋازى ،ئاچقۇچنىڭ شىرىلداشلىرى ،ئارقىدىن ئىشىكنىڭ گۈپپىدە يىپىلشى ۋاقىتنىڭ قوينىدا قىتىپ قالدى .
ئۇ كەلدى كۆزلىرىمنى يۇمىۋالدىم .ئۇنىڭ ھاياسىز كۆزلىرىگە قاراشتىن ،بىراۋنىڭ تىنىگە تىكىلگەن بھايا كۆزلىرگە بەرداشلىق بەرگۈدەك قۇربىتىم يەتمەيتتى .ئۇنىڭ ئاياغ ئاۋازى،ئىغىر خورسۇنۇشلىرى تومۇر-تومۇرلىرىمدا ياڭراۋاتاتتى،قانداق قىلىمەن ئۇنى مانا مۇشۇنداق ياخشى كۆرەتتىم ،گەرچە ماڭا ئاسىيلىق قىلسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈشكە رازى ئىدىم .قەلبىمدىكى بىرىنىڭ خىلىدىن بىرى مىنى زاڭلىق قىلىشى، مىنى تۇزكۇرغا ، يالغانچىغا چىقىرشى جىنىمغا تىگەتتى.بۇ جاھان ئۆتنە ئالەم دەيتتى ئۇ ،قارىغىنا ،دۇنيادا ھىچكىم،ھىچكىشى ئۆز خاتالىقىغا بەدەل تۆلىمەي تۇرۇپ بۇ دۇنيادىن ئايرىلامدۇ ؟ خام خىيال قىلما گۈلناز، بۇ دۇنيا تەڭشەلگەن جاھان ،ياراتقان ئىگىسى ئەنە شۇنداق سەن بىلمىگەن يوللاردىن ،سەن ئويلاپ باقمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق تەڭشەپ قويىدۇ ..ئۇ توختىماي سۆزلەتتى ،مىنى ئۆز ئىلكىگە قايتا ئالماقچى بولاتتى ،لىكىن يۈزىگە ئۇرغان بىر شاپلاق تەستىكىم   ئۆزۈمنى، قەلبىمدىكى ئۇزۇن بۇيان مىنى قىيناپ كەلگەن قاراقغۇلىقنى خىلى يەرلەرگىچە يورۇتتى .ئىسىت نىمىشقىدۇر بۇرۇنراق مۇشۇنچىلىك ئەقلىم بولمىغان بولغىيتتى دەپ تازا يىغلىدىم .كەچتە ئۇ تىلفۇنۇمغا ئۇچۇر يوللاپتۇ. يوللىغان ئۇچۇردا ئۇ مىنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ، مىڭ ئاماللارنى قىلىپ ئاخىرى مەن ئۈچۈن بۇ شەھەرگە يۆتكىلىپ كەلگەنلىكىنى يىزىپتۇ ،مىنى دەقىقە ئۇنۇتماپتۇ ، ئىزچىل ئىچىدە ئەسلەپ كەپتۇ ،ئاخىرى ئالغان ئايالىنى قويۇپ بىرىپ مىنى ئىزدەپ كەلسە مىنىڭ بۇنداق تەتۈرلىك قىلماسلىقىمنى ،ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتسەم ياخشى بولىدىغانلىقىنى كۆپ تەكىتلەپتۇ ...
دادام-ئاناملارنى تولىمۇ سىغىندىم ،مىنى ئۇنىڭغا بەرمىگىنىگە ،چوڭلارنىڭ ھەقىقەتەن يىراق كۆرەرلىكىگە چىن دىلىمدىن قايىل بولدۇم لىكىن ئىنسان داۋاملىق ئەڭ مۇھىم ھەقىقەتلەرنى ،ئەڭ مۇھىم قەدىردانلىرىنى كىچىكىپ تونۇپ يىتىدىكەن .ئەتىسى ئۇ ئۇدۇللا ئىدارىغا  ئىزدەپ كەلدى ،ھىچكىمدىن ئاڭلىمىغان تىل-ھاقارەتنى ئۇنىڭدىن ئاڭلىدىم ،كۆزۈمنى مىتمۇ قىلماي ئۇنىڭ كۆزىگە مىختەك قاراپ تۇردۇم .
ئۇ سۆزلەپ سۆزلەپ بولۇپ كەتتى. ئىدارىدىكىلەر مىنىڭ تەمكىنلىكىمگە ھەيران قالغان بولسا كىرەك بىر ئىككىدىن كىلىپ ماڭا تەسەللىي بەرگەن بولدى .ساباھەتنىڭ دىيىشىچە مىنىڭ بۇنداق قىلغىنىم ناھايىتى توغرا بوپتۇدەك ، بۇنداق كىشىلەرگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلمىسا بولمىغۇدەك .پاتەم ھەدىمىزمۇ جىق سۆزلىدى ،لىكىن كاللامغا بىرسىمۇ كىرمىدى. يولدا ماڭغاچ ئۇزاق ئويلاندىم ،كاللام قۇپقۇرۇق،لىكىن كۆڭلۈمدە بىرخىل ئەمىنلىك يىلىنجاپ تۇراتتى ،ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ قويارمەنمۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم ،لىكىن ئۇنداق بولمىدى.
-تاماق يىدىڭىزمۇ ؟
ئۇ ماڭا ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىرسىنى كۆرگەندەك تەرزىدە قاراپ قويدى.
-كۆزۈمدىن يوقال .ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنچە بوش چىققان بولسىمۇ ،بىراق  ئىنىق ئاڭلىدىم .
ئۇ كەتتى ،بارا-بارا يىراقلاپ غايىپ بولدى .ئەمدى ئۇنى تۇتىۋالغۇممۇ يوق ،كەتسۇن ،يىراقلارغا ،قانچە يىراققا بولسا شۇنچە ياخشى لىكىن مەن نەگە كىتىمەن ؟  ئىشىككە قاراپ،تامغا قاراپ ،كارىۋاتقا قاراپ ،ئىلغۇدىكى ئۇنىڭ يوغان پەلتۇرىغا قاراپ كۈلدۈم قاقاھلاپ ،ئىچ-ئىچىمدىن چىقىرىپ كۈلدۈم .تۇيۇقسىز ئاجايىپ بىر ئاۋازلار بىلەن جاھان قاراڭغۇلىشىپ ،نۇرغۇن قارلىغاچلار ئۇدۇل مىنىڭ ئۆيۈمگە ئۇچۇپ كىردى مەن ئەزەلدىن بۇنداق كۆپ قارلىغاچ كۆرۈپ باقمىغان. ئۇلار ئاسما چىراقلارنى ،پولدىكى گىلەملەرنى ،دىۋانلارنى ھەممە نەرسىنى سۇندۇرۇپ چاقاتتى قاپقارا كىچىك قاناتلىرى بىلەن پەردىلەرگە،ياپقۇچلارغا كۈچ بىلەن ئۇرۇلاتت -دە ئاجايىپ بىر كۈچ بىلەن تىتما تالاڭ قىلىۋىتەتتى ، بىردەمدىلا ئۆي ئىچى بىر خارابىلىققا ئايلاندى ،ئۇلار قاپقارا دۈگىلەك كۆزلىرىنى ماڭا تىكتىدە ماڭا ھۇجۇم قىلدى . ئۇچلۇق،كىچىك تۇمشىقى بىلەن مىنى كۆتۈرۈشكە ،ئىگىز بىنالاردىن ،كەڭرى يوللاردىن ،ئەڭ ئىگىز قىيالاردىن ئۆتۈپ چەكسىز قۇم-باخانلىرى بىلەن قاپلانغان يىراق بىر تاغلىق يىزىغا ئەكىلىپ تاشلىدى .
ئالدىمدا ئىگىز-ئىگىز بارخانلار ،ئۈچەيدەك تار ،باش ئايىغى يوق چىغىر يوللار  ھەممە ئەتراپ پەقەت قۇم ئىدى .ھەش-پەش دىگۈچە قۇياشنىڭ يۈزى قىزىرىشقا كىيىن قارىيشىقا ئۆزگىرىپ بوران چىقتى ،قاپقارا بۇلۇتلار،ئاسمان پەلەك بولۇپ كۆتۈرلىۋاتقان ،ھەممىنى يۇتۇپ كىتىدىغاندەك گۇركىرەۋاتقان قۇيۇن،كۇھىقاپتىن پىتراپ قاچقان دىۋىلەردەك تۈرۈلۈپ تۈرۈلۈپ كىلىۋاتقان قۇم بارخانلىرى قەلبىمدىكى ھەر بىر ئازاپنى ، پىغاننى يۇيماقتا ئىدى .ئالدىمغا قاراپ مىڭىۋەردىم ،كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇپ ،گاھ يىقىلىپ گاھ سەنتۈرلۈپ ئالدىمغا ، چەكسىز چۆلگە قاراپ مىڭىۋەردىم .چىرايلىق ئاسمان ،ياپيىشىل ئورمان،كۆككە سوزۇلغان مەغرۇر بىنالار،باش-ئايىغى يوق تاش شەھەر ھەممىسى چۈشكە ئايلانماقتا ئىدى.بەلكىم ئۇلار ئەزەلدىن بىر چۈشتۇر.بورانمۇ بارا -بارا بىسىقتى .يىراقتا بىر قارا چىكىت  ئىنىق كۆرۈنۈشكە باشلىدى . بەلكىم بىر ئاي ،بىر يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق يول يۈرگەندىمەن. ئاخىرى ئۇنى ئىنىق كۆردۈم . پايانسىز قۇم باسقان چۆل-جەزىرىدە،ئىنسانىيەت ئەڭ ئىپتىدائىي ھالىتىگە كۆچكەن ماكاندا ،بىر تۈپ دەرەخ يالغۇز  غادىيىپ تۇراتتى.

u=1817541700,3887066831&fm=23&gp=0.jpg

0

تېما

19

دوست

297

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32061
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 17:57:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېممىدىن بىرنى يوللاپسىز.ھارمىغايسىز
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

3

دوست

1614

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   61.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32022
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 462
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 04:00:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنڭ چوڭ دادامنڭ ئويىدىكى پىشايۋاندا بۇرن ھەر يىلى قارلىغاچ ئۇۋىلايدىغان لىكىن رەمەتلىك تۈگەپ كەتكەننىڭ ياغى كۈرۈپ باقمىدىم....

0

تېما

0

دوست

296

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   98.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32068
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 92
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-11 12:20:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
brave يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 04:00
مىنڭ چوڭ دادامنڭ ئويىدىكى پىشايۋاندا بۇرن ھەر يىلى قار ...

چوڭلارنىڭ  ئېيتىشىچە  ئاق  كۈڭۈل  ئادەملەرنىڭ  ئۈيىگە  قالغاچ  ئۇۋا  سالارمىش.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )