- تىزىملاتقان
- 2011-9-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4905
- نادىر
- 1
- يازما
- 299
ئۆسۈش
96.83%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdulquddus تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-11 03:10
سەۋەبى نىمە؟؟؟
مەلۇمكى، مەن شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ لۇغەت بۆلۈمى بىلەن تۈزگەن توختامغا يارىشا كۆپ ئۇچرايدىغان 222 تىلغا ئالاقىدار 3 مىليونغا يېقىن چەتئەل كىشى ئىسىملىرىدىن تەركىپ تاپقان « چەتئەل كىشى ئىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىش قوللانمىسى» نى تەييارلاپ يوللىغان ئىدىم.
كۆپ ئەپسۇس ، لۇغەت بۆلۈمنىڭ رەھبەرلىگى تەكرار ئالمىشىپ كېتىشى سەۋەپلىك لۇغەتتىكى ئىسىملارنىڭ تەرجىمە پىرىنسىپى ۋە قۇرۇلمىسىمۇ تەكرار ئۆزگەرتىلىۋېرىپ ، ئاخىرقى ھېساپتا 2 مىتىر ئىگىزلىكتىكى ئارگىنال بى كېرەك قىلىنغاننىڭ ئۈستىگە ئاشۇ ئارگىناللارنى تەييارلاش جەريانىدا نەچچە يىللاپ ۋاقت، نەچچە مىڭ يۇەنلەپ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ۋە بۇ تۈپەيلى تەكرار – تەكرار ئائىلىۋىي ماجرالارغا دۇچ كەلدىم....!
ئاللاھقا كۆپ شۇكرىلەركى، بۇ زور ھەجىملىك لۇغەتنى تىل تۈرى بۇيىچە ئىشلەش قارار قىلىنىپ ، تۇنجى قېتىم «خەنزۇچە رۇسچە ئۇيغۇرچە سوۋىت كىشى ئىسىملىرى لۇغىتى» قىسمى (1988-يىلى)، ئارقىدىن «خەنزۇچە ئىنگىلىزچە ئىنگىلىز كىشى ئىسىملىرى» قىسمى(1992-يىلى) نەشر قىلىغان بولدى. ئارقىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش بۇيىچە «خەنزۇچە ياپۇنچە ئۇيغۇرچە ياپۇنىيە كىشى ئىسىملىرى لۇغىتى» قىسمىنى تەييارلىدىم. بۇ لۇغەت توختام بۇيىچە 1995-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 2005-يىلى 2-ئاينىڭ 9 – كۈنىگىچە نەشر قىلىنىدىغانلىغى بېكىتىلىپ ئىككى تەرەپ قول قويۇشقانمۇ بولدۇق ۋە لۇغەت باسمىغا تەييارلىنىپ مۇشتىرى قوبۇل قىلىنىش خەۋىرىمۇ تارقىتىلدى.
ئەمما مانا ھازىر يىل 2015 كە يېقىنلىشىپ قالدى، يانىلا تۇتامغا چىققۇدەك جاۋاپقا ئېرىشەلمىدىم.
ئۇنداقتا بۇنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟
ئەگەر نەشرىيات لۇغەت بۆلۈمى توختامغا ئەمەل قىلغان بولسا لۇغەتنىڭ ئەسلىدىكى « چەتئەل كىشى ئىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىش قوللانمىسى» نۇسخىسى ئاللىقاچان جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ۋە ئۇيغۇر لۇغەتچىلىگىدە چوڭ بىر بوشلۇق تولدۇرۇلغانمۇ بولاتتى. بۇ جەھەتتە ھەتتا شىنخۇا ئاگىنتلىغى لۇغەت بۆلۈمىدىن 10 يىل بۇرۇن بۇ ئىشنى ئورۇنلاپ بولغانمۇ بولاتتۇق. دېمەكچىمەنكى، مەن لۇغەتنىڭ مانا شۇ قىسمىنى تەييارلاپ 10 يىل كېيىن ئۇلار« 世界人名翻译大辞典 » نامدا ئىككى قىسىملىق زور ھەجىملىك لۇغەتنى نەشر قىلالىغان ئىدى......
قاتتىق ئېچىنىمەنكى، بۇ كەمگىچە «تەرجىمە» قىلىنىۋاتقان چەتئەل كىشى ئىسىملىرى ۋە يەر ناملىرىدا ساقلىنىۋاتقان خاتالىقلار ھەددى – ھېساپسىز بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچى ئىنتايىن تۈۋەن ، ھەتتا يوق ھالەتكە چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ!!!
بۇ ئىش مۇشۇنداق بەربات ھالەتتە داۋاملاشسۇنمۇ؟
كىمگە ئېيتاي دەردىمنى؟؟؟؟؟؟؟؟
|
|