قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1486|ئىنكاس: 13

1- تۇپراقتىكى سۇلياۋ قالدۇقىنى يىغىۋىلىشنى كىچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

112

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   37.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22109
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 14:33:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1-تۇپراقتىكى سۇلياۋ يوپۇق قالدۇقىنى يىغىۋىلىش يىزا ئىگىلىكىدىكى ئەڭ تەخىرسىز ئىشتۇر
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بايلىقى مول،تۇپرىقى مۇنبەت ،تۈت پەسىل ئىنىق ئايرىلغان،قوياش نورى يىتەرلىك ،يىزائىگىلىك تىرىقچىلقىغا ئەڭ باپ كىلىدىغان تىپك يىزائىگىلىك رايۇنى،شۇنداقلا سۇبايلىقى كەمچىل،كىلماتى قۇرغاق ھۈل-يىغىن ئاز،سۇغرىش تىپىدىكى دېھقانچىلىق رايۇنى ،بۇخىل شەرت-شارائت ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز يىزائىگىلىكىدە سۇلياۋ يوپۇق يىپىپ تىرىش تىخنىكىسنى كەڭ كۈلەمدە قوللىنىش،كىڭەيتىش ئىھتىياجنى بەلگىلگەن 。
سۇلياۋ يوپۇق يىپىپ ئۆستۈرۈش ئارقىلىق دىھقانچىلىقتا مەھسۇلات ئاشۇرۇش تىخنىكىسى-پولى ئېتېلىنلىق سۇلياۋ يوپۇقنى زىرائەت تىرىلدىغان ۋاقىتتاياكى كۆچۈرۈپ تىكىلدىغان تاختا ياكى چۆنەكلەرنىڭ يۈزىگەيىپىلىپ باشقا ئۆستۈرۈش تەدبىرلىرى ماسلاشتۇرلۇپ ،ئېتىزنىڭ ئىكولوگىيىلىك مۇھىتنى ياخشىلاپ ،زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈپ يىتلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۈتۈرىدىغان بىر خىل مۇھاپىزەت خاراكتىردىكى ئۆستۈرۈش تىخنىكسى بولوپ،مەھسۇلاتنى 30-50پىرسەنىت ئاشۇرغىلى بولىدۇ .ئۈنۈملۈك يىغىندا تىمپىراتۇرا كۆپەيگەچكەزىرائەتلەرنى تىرىشقامۇۋاپىق كىلىدىغان كىرىتىك كەڭلىك گرادۇس شىمالغا 2-4گىرادۇس سۈرۈلۈپ سورىتلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋە كۆپ ھوسۇل ئېلىش تىرىقچىلقىغا چۇڭقۇر تەسىر كۆرسىتدۇ
سۇلياۋ يوپۇق ياپقاندا تۇپراق قوياش ئېنېرگىيسىگەتۇلۇق ئېرىشىپ،ئىسسىقلىقنى زاپاس ساقلىيالايدۇ،تۇپراق يۈزىدىكى نەملىكنى ساقلاپ، پارغا ئايلىنىشنى چەكلەپ،قۇرغاقچىلىققا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرىدۇ. تۇپراق تىمپىراتۇرسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ پائالىيتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تۇپراقتىكى ئوزوقلۇق ماددىلارنىڭ ئۆزگىرشىنى، پارچىلنىشىنى  تىزلىتىپ تۇپراقنىڭ فىزىكىلىق ،خىمىيلىك خۇسۇسىيتىنى ياخشىلاپ ،سۇ تۇپراقنىڭ ئىقىپ كىتشىنىڭ ۋەشور ئۆرلەشنىڭ ئالدىنى ئىلىپ ،زىرائەتلەرنىڭ ئۈنۈش نىسبىتنى يۇقرى كۆتۈرىدۇ،زىرائەتلەرنىڭ يەر يۈزىگەيىقىن جايىدىكى يوروقلۇق  شارائىتنى ياخشىلاپ ،بالدۇر يىتىلدۈرۈپ ،پىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .فوتۇسىنتىز ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ،زىيانداش ياۋا ئوت چۆپلەرنىڭ ئۆسۈپ يىتلىشىنى كونتىرۇل قىلىش رولى بار .   
لىكىن سولياۋ يوپۇق يىپىش دىھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا يەنە ئېغىر سەلبى تەسىرلەرنىمۇئىلىپ كىلىدۇ .سولياۋ يوپۇق تۇپراقتىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ پارچىلنىشنى ۋەپايدىلنىشنى تىزلىتۋىتىدۇ. تۇپراقتىكى‹‹سازاڭ››قاتارلىق پايدىلىق بىئولوگىيلىك جانلىقلارنىڭ كۆپىيشى،ياششىشى ئىغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ،‹‹پارنىك››ئېففىكىتنى پەيدا قىلدىغان گاز شەكىللەندۈرۈپ،ئاتمۇسپىرانى بۇلغاپ،تۈرلۈك ھاۋارايى ئاپەتلىرىنى ۋاستىلىق ياكى بىۋاستە  كەلتۈرۈپ چىقىردۇ،ئەڭ ئىغىرى شۇكى؛ ئىتىزلاردىكى سۇلياۋ يوپۇق قالدۇقلىرى ‹‹ئاق رەڭلىك بۇلغىنىش››نى كەلتۈرۈپ چىقرىپ ،تۇپراققا پارچە-پارچە بۇلۇپ ئارلىشىپ،خۇددى ساغلام ئادەمگەيۇققان ئەيدىز ۋىرۇسىغا ئوخشاش ،ئۆزىنىڭ بەلگىلىك مىقدارغا ئىگەبولۇپ .مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە،تىرىلغۇ يەرلەرنى بىراقلا ئۈنۈمسىز يەرلەرگە ئايلاندۇرۋىتدىغان ئاپەتكە ئايلىنىپ،كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ ھاياتلىق كاپالىتگەئىغىر تەھدىت بولۇپ شەكىللەنمەكتە.
سۇلياۋ يوپۇق قالدۇقلىرى تۇپراقتا چىرىمەيدۇ،سۇدا ئىرىمەيدۇ.قوياش نۇرىدا پارچىلانسا ھاۋانى بۇلغىغۇچى گاز ۋەتۇپراقنى بۇلغايدىغان ماددىغا ئايلىندۇ .يەر ئاغدۇرۇش ماشىنلىرى ۋەيەر تەكشىلەيدىغان تىرنىلار مەشغۇلات جەرياندا سۇلياۋ قالدۇقنى تىخىمۇ پارچىلاپ،تۇپراققاچۇڭقۇر ئارلاشتۇرۋىتدۇ.ئادەم كۈچى بىلەن تىرىۋالغانداجسمانىي ئەمگەك سەرپىياتى ئىشىپ كىتىپلا قالماي،ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇپ،يەر يۈزىدىكى كۆزكۆرگەننىلاتىرەلەيدۇ،تۇپراق ئاستىدىكى، تۇپراق ئارىسدىكى قالدۇق سۇلياۋنى تىرىۋالالمايدۇ.ئەگەرئۇرۇق تۇپراقتىكى سۇلياۋ قالدۇقى ئۈستىگەچۈشسەيىلتىز سۈرەلمەي مايسائۆلۈپ قالىدۇ،سۇلياۋ قالدۇقى ئاستىغاچۈشسە ئۈنۈپ چىقالمايدۇ ياكى سىسىپ قالىدۇ.
سۇلياۋ قالدۇقى يەنە ماشىنا مەشغۇلاتىدا يىزائىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنىڭ ئىشچى دىتاللىرىغا يىپىشىۋىلىپ مەشغۇلات سۈپىتى ۋەئۈنۈمگە ئىغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ ......
قىسقىسى؛سۇلياۋ يوپۇق ‹‹قوش بىسلىق شەمشەر››بولۇپ ،ئۇنىڭ پايدىلىق بىسىنى بىلەپ،زىيانلىق بىسىنى گاللاشتۇرشىمىز لازىم.
بىنەم يەرلەر ئىچلىپ تىرىلغۇيەر كىڭىيۋاتقان،سۇ قىس بولۇپ، قۇرغاقچىلىق يىلمۇ-يىل كۈچىيۋاتقان شارائىتتازىيانلىق دەپ سۇلياۋ يوپۇق يىپىپ ئۆستۈرۈش تىخنىكىسىدىن ۋاز كىچەلمەيمىز.شۇڭابىز بارلىق ئىمكانيەت،شارائىت ،مەبلەغ ۋەتىخنىكا بايلىقلىرىدىن پايدىلنىپ،ئىقتىساس ئىگىللىرى ۋە يىڭىلىق ياراتقۇچلارنى  ئەڭ زوردەرىجىدە قوزغىتىپ،قوللاپ سۇلياۋ يوپۇق قالدۇقلىرىنى يىغىۋىلىشنى ماشىنلاشتۇرۇپ ۋە كىڭەيتىپ يىزا ئىگىلىكىدىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئىغىر بۇلغىنىش ‹‹ئاق بۇلغنىش››نى تەلتۆكۆس تۈگۈتۈشىمىزلازىم.بۇ يىزا ئىگىلىك ماشىنلىرى ساھەسىدەئىلمى تەرەققىيات قارشىىنى ئۈگۈنۈش، ئەمىليەتتىن ئۆتكۈزۈش.يىزا ئىگىلىك، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك يىڭى يېزاقۇرۇش،تىخنىكىدا يېڭىلىق يارتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ،بايلىق تېجەر،مۇھىت سۆيەرجەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئەڭ ئەملى ئۇسۇلى ۋەيولىدۇر.
2- تۇپراقتىكى سۇلياۋ يوپۇق قالدۇقىنى يىغىۋىلىشنى ماشىنلاشتۇرۇش كىچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان مۇھىم خىزمەت ۋە تەتقىقات تۈرىدۇر
سۇلياۋ يوپۇق قالدۇقىنى يىغىۋىلىشنى ماشىنلاشتۇرۇشقا ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر كۆڭۈل بۆلۈپ،كەسپى تەتقىقاتچى-مۇتخەسىسلەر كۆپلىگەن يىغىۋىلىش ماشىنلىرىنى ۋۇجۇتقا چىقارغان بولسىمۇ ،بىراق سۇلياۋ يوپۇق قالدۇقى بىرىنىچىدىن نىپىز ۋەنازۇك،ئاسان يىرتىلىپ پارچىلنىپ كىتىدۇ.ئىككىنچىدىن توپا ئارىسىدا،چالمىلارنىڭ ئىچىدەبولۇپ نەم توپىغا ئۆزئارا چاپلىشۋالىدۇ.ئۈچىنچىدىن پارچە-پارچە بولۇپ چوڭ-كىچىكلىكى تەڭ ئەمەس.تارقىلشى تەكشى ئەمەس،تۆتىنجىدىن تىرىلغان زىرائەتنىڭ قالدۇق غولى ۋە يىلتىزى يىغۋىلىشقا تەسىر كۆرسىتدۇ.....مۇشۇ سەۋەپلەرتۈپەيلىدىن سۇلياۋ قالدۇقىنى يىغىۋىلىشنى ماشىنلاشتۇرۇش قىيىن بولۇپ،ياسالغان ماشىنلارنىڭ ئىش ئۈنۈمى تۆۋەن،مەشغۇلاتى موقۇم ۋە ئىزچىل بولۇپ كىتەلمىدى ئىشەنچىلىكلىكى ياخشى بولمىغاچقا باشقا يىزا ئىگىلىك ماشىنلىرىدەك كەڭ كۆلەمدە كىڭەيتىلمىدى.مەن ئاساسى قاتلامدا كۆپ يىل يىزا ئىگىلىك ماشىنلىرى سىپىدە ئىشلەش جەريانىدا بۇ مەسلىگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ ھەل قىلىشنى كۆڭلۇمگە پۈكۈپ 2008-يىلدىن باشلاپ ئىزدەندىم ھەمدە بارماق دىسكىغا قاچلانغان سىنئالغۇ كۆرۈنۈشىدىكى سۇلياۋ يىغىۋىلىش ماشىنسنى ياساپ چىقىپ دۆلەتنىڭ پاتنىت ھوقۇقىغا ئىرىشتىم ، ماشىننى تەكرار ئۆزگەرتىش،تەكرار سىناق قىلىش ئارقىلىق بۇماشىننىڭ ئىش پىرىنسىپى بويىچە سۇلياۋ قالدۇقىنى يىغۋىلىش ئۈنۈمىنىڭ%90دىن يۇقىرى بولدىغانلىقى ئىسپاتلاندى
كۆرۈشكە بولدۇكى:ئەگەربۇماشىنا كەڭ كۆلەمدە كىڭەيتىلسە،يەر ھەيدەش،تۇپراقنى يۇمىشتىپ.چالمىلارنى ئىزىش،ئىتىزدىكى قالدۇق سۇلياۋ.ئەخلەتلەرنى پاكىز تازىلاپ يىغۋىلىش،يىغىۋالغان قالدۇق سۇلياۋ. قالدۇق زىرائەت يىلتىزى ئارىسدىكى توپىنى پاكىز تازىلاش،قالدۇق سۇلياۋ. قالدۇق زىرائەت غولى ۋە يىلتىزلىرى يىغلىپ بەلگىلىك مىقدارغا يەتسە ئاپتۇماتىك يىغىپ تاشلاش،تازلاپ يۇمشىتىلغان يەرنى تۈزلەپ،چىڭداپ ‹‹ئۈستى قاتتىق،ئاستىنى يۇمشاق››قىلىش،تۇپراق زىچلىقىنى ئاشۇرۇپ نەملىك ساقلاش ئىقتىدارنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى بىريوللا تۈگۈتۈپ.يىقىلغۇ ماي تىجىگىلى،مەشغۇلات ۋاقتىنى قىسقارتقىلى،مەشغۇلات ھەققىنى ئازايتقىلى بولۇشتەك ئەمەلى ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولشى،شۇنداقلا دىھقانلارنىڭ ئەمگەك سىجىللىقىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىرگە يەردىن يىغىۋىلىنغان قالدۇق سۇلياۋنى ساتسا دىھقانلار مەلۇم ئىقتىسادى نەپكە ،سۇلياۋ ئىشلەپچىقرىش كارخانلىرى كەڭ خام ئەشيا مەنبەسىگە ئىگە بولۇپ،سۇلياۋ مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلەتكىلى،بۇلغانمىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ ئايلانما ئىقتىساد چەمبىرىكنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولشىمۇ مۇمكىن.
3. تۇپراقتىكى سۇلياۋ يوپۇق قالدۇقىنى يىغىۋىلىش خىزمىتگە بىرنەچچە تەكلىپ
(1) سۇلياۋ يوپۇق قالدۇقىنى يىغىۋىلىشقا تىخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قوللاش سالمىقنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كىرەك،تەشكىلنىڭ قوللىشى ،رىغبەتلەندۈرشى،ھەيدەكچىلىك قىلشى،تەشكىللىشى بۇ خىزمەتنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاساسى،مەسئۇليەت،ۋەزىپە بىكتىپ ،سۇرۈشتە قىلىشنى كۇچايتىش كىرەك.چۇنكى تۇپراقتىكى‹‹ئاق رەڭلىك بۇلغىنىش››نى يوقىتىشقا قارىتا يەر تىرىغۇچلارنىڭ ئىستىخىيلىك ھالدا ئۆزلىكىدىن تازىلاش .يىغۋىلىش ئىلىپ بىرىش نىسبىتى كىشنى ئۈمىتسىزلەندۈردۇ.
(2)تۈرمەبلىغى ئارقىلىق قۇللاشنى يەنىمۇ كۇچايتىش كىرەك،تۈرمەبلىغنى مەيلى كىم ،قايسى زاۋۇت،قايسى ئورۇن ئىشەنچىلىك ،ئىلغار،پۇختا، ئۈنۈمى يۇقىرى،كاشلىسى ئازقالدۇق سۇلياۋ يىغىۋىلىش ماشىنسى ياكى كىرەكسىز سۇلياۋنى قايتا پىششىقلاپ ئىشلەش ماشىنلىرىنى ياساپ چىقىسا ئىقتىدارىنى سىناپ ،شۇنۇڭغا بىرىپ تىزدىن كىڭەيتىش ،رەسمىيەتلەرنى تىز بىجىرىپ،ئىشنى ئاقساتماسلىق كىرەك. تۈر مەبلىغنىڭ سۇرۈشتىسنى قاتتىق قىلىپ ،ساختىلىق قىلغان،قىلغان ئىشنىڭ تايىنى يوق مەبلەغنى ئىسراپ قىلغانلاردىن مەبلەغنى قايتۇرۋىلىش كىرەك،تۈرنى تەكشۇرۇپ ئۆتكۈزۋىلىشتا يازغان ماتىرىيالنى ئەمەس بەلكى نەق ئىشنىڭ ئۆزىنى،ياسالغان ماشىننى نەق مەيداندا ئىتىزدا كۆرۈپ ، باھالاپ،مۇتىخەسىسنىڭمۇ،ئىشلەتكۈچنىڭمۇ، دىھقان ئاممىسنىڭمۇ پىكرىنى ئاساس قىلىش كىرەك.چۇنكى ھەرقانداق ئىشقا ئەڭ توغراباھا بەرگۈچى كەڭ ئامما ۋە ۋاقىتتۇر.  
(3)دۆلەتنىڭ يىزا ئىگىلىك ماشىنلىرى تولۇقلىما ياردەم پۇلى بىرىش مىقدارىنى  ئىلغار،پۇختا، ئۈنۈمى يۇقىرى،كاشلىسى ئاز سۇلياۋ يىغىۋىلىش ماشىنلىرىغا بىرىش نىسبىتىنى كۆپەيتىش(ئەڭ يۇقىرى بولغاندا%30بولۇش چەكلىمىسنى بوشىتىش)،مەرگەز ،ئاپتۇنۇم رايۇن ،يەرلىك مالىيەدىن قوللاش سالمىقنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش بۇ ئارقىلىق دىھقانلارنىڭ سۇلياۋ يىغۋىلىش ماشىنلىرىنى سىتىۋىلىش يۈكىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە تۆۋەنلىتىش كىرەك،
(4)قالدۇق سۇلياۋ يىغىش مەشغۇلاتىغا تولۇقلىما بىرىشنى يەردىن يىغۋالغان قالدۇق سۇلياۋلارنى سىتىۋىلىشقا ئۆزگەرتىش كىرەك،دىھقانلارقايسى خىل چارە بىلەن(مەيلى ماشىندا،مەيلى قولدايىغسۇن) قالدۇق سۇلياۋلارنى يىغۋالسا ساتالايدىغان ئورۇن بولۇش كىرەك، قالدۇق سۇلياۋنى قايتا پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانلىرىنىڭ قۇرلىشغا مەدەت بىرىپ ئۇلارنىڭ سىتىۋالغان قالدۇق سۇلياۋ مىقدارى ھەمدە قالدۇق سۇلياۋنى قايتا پىششىقلاپ ئىشلىگەن مەھسۇلات مىقدارىغا قاراپ تولۇقلىمنى شۇنۇڭغا بىرىش كىرەك. قالدۇق سۇلياۋنى قايتا پىششىقلاپ ئىشلىگەن مەھسۇلاتلاردىن باجنى كىمەيتىش كىرەك، سۇلياۋ يوپۇق ئىشلەپچىقرىش كارخانلىرىنىڭ خام ئەشيا مەنبەسىگە بولغان باشقۇرۇشنى كۇچايتىپ قالدۇق سۇلياۋدىن باشقا خام ئەشياغا چەكلىمە قويۇش،ياكى مەلۇم نىسبەتتە قالدۇق سۇلياۋنى قايتا پىششىقلاپ ئىشلەش ۋەزىپە كۆرسەتكۈچى بىكىتىش، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى قالدۇق سۇلياۋنى كۆپلەپ قايتا پىششىقلاپ ئىشلەشكە مايىللاشتۇرۇش كىرەك.
(5) مەيلى كىم ،قايسى زاۋۇت،قايسى ئورۇن ئىشەنچىلىك ،ئىلغار،پۇختا، ئۈنۈمى يۇقىرى،كاشلىسى ئاز قالدۇق سۇلياۋ يىغىۋىلىش ماشىنسنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىسا ،ۋاقتىدا موكاپاتلاپ ،رىغباتلەندۇرۇش، قوللاش كىرەك،كارى بولماسلىق،پەرۋا قىلماسلىق،قوللىماسلىق،مەڭسىتمەسىلىك پوزىتسىيەسىدە بولماسلىق كىرەك......... بۇ ئارقىلىق نورغۇن ئىزدىنىشچان كىشلەرنىڭ ئەقىل پاراسەت پۇكۇسىنى بۇ مەسلىگە مەركەزلەشتۈرگەندە بەلكىم تىخىمۇ ئىلغار ،تىخىمۇ پۇختا، ئۈنۈمى يۇقىرى،كاشلىسى ئازقالدۇق سۇلياۋ يىغىۋىلىش ماشىنلىرى تىزدىن روياپقا چىقىپ ،تۇپراقتىكى‹‹ئاق رەڭلىك بۇلغىنىش››نى يوقىتىش قەدىمى تىزلىششى مۇمكىن،
(6) قالدۇق سۇلياۋ يىغىش، تىرىلغۇ يەر مۇھىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى تەشۋىقات تەربىيە سالمىقنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش كىرەك، چۇنكى ئاشلىق ،سەي-كۆكتات ،قوغۇن تاۋۇز ئىستىمال قىلمايدىغانلاردىن باشقا بارلىق كىشلەرنىڭ تىرىلغۇ يەر مۇھىتىنى ياخشىلاش، تىرىلغۇ يەرنىڭ بۇلغىنىشنى تۈگىتىش مەجبۇرىيتى ۋەمەسئۇلىيتى بار،
ئاخىرقى سۆز
ھازىر تۇپراقنى بۇلغاش بەدىلگە جان بىقىپ،بىيساق. كەلگۈسىدە ئەۋلاتلار ئاچارچىلىقتىن جان تالىشىدۇ، تىرىلغۇ يەرلەرنى بۇلغاپ ئەۋلاتلارغا قالدۇرۇش ئۇلارغا بولغان مەسئۇليەتسىزلىك بولۇپلا قالماي بەلكى ئىغىر زىيانكەشلىكتۇر، بۇلغانمىغان مۇنبەت تۇپراقنى ئەۋلاتلارغا قالدۇرۇش ئىنسانلار كىيىنكىلەرگە قالدۇرغان مىراسلار ئىچىدىكى ئەڭ قىممەتلىك مىراستۇر، تۇپراقتىكى‹‹ئاق رەڭلىك بۇلغىنىش››نى يوقىتىش خىزمىتگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىك نۆۋەتتىكى يىزا ئىگىلىك خىزمىتىدىكى ئەڭ زور مەسئۇليەتسىزلىكتۇر
      مەن سۆزۈمنى سۆزلىدىم . تۇپراقتىكى سۇلياۋ يوپۇق قالدۇقىنى يىغىۋىلىش ئۈچۈن قىلغان ئازتولا ئەجرىمنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىغا قويدۇم،پىكرىمنى توغرا،پايدىلىق دەپ  چۈشەنگەنلەر دىققەت ئىتۋارىنى ئايمىغاي،ئاڭلىغانلار ئاڭلىمغانلارغا ،كۆرگەنلەر كۆرمىگەنلەرگە يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېغىر ئالمىغاي،سەھۋەنلىكلەر بولسا سەمىمىيلىك بىلەن سەمىمگە سىلشىڭلارنى سەمىمى سورايمەن ،دىھقانبايدىن دىھقانبايلارغا سالاملار بولسۇن

قالدۇق سۇلياۋنى قانداق يىغۋالمىز2.doc

56.5 KB, چۈشۈرۈش سانى: 6

1

تېما

0

دوست

112

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   37.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22109
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 14:37:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

3

دوست

1639

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   63.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32022
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 470
توردىكى ۋاقتى: 60
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 19:36:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا ئەھمىيەتلىك  تىما بوپتۇ...كەڭ دىھقان قىرىنداشلار ۋە جەميەتكە تولىمۇ پايدىلىق تىما ئكەن ..بولسامۇشۇ ئشلارغامۇناسىۋەتلىك قىىرىنداشلار كوڭۈل بۈلسە دىگەن ئۈمۈتتە. تىما ئگسىگە رەھمەت.....

1

تېما

7

دوست

6347

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8628
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 443
تۆھپە : 1662
توردىكى ۋاقتى: 725
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 20:54:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالدۇق سولياۋلارنى يىغىۋىلىش،ھەققىقەتەن تەخىرسىز خىزمەت.ئانا دىيارىمىزنىڭ مۇھىتىنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇريىتى.ئاپتۇرنىڭ ئەجىرىگە كۆپ رەھمەت.

0

تېما

0

دوست

1938

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   93.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2184
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 615
توردىكى ۋاقتى: 125
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 21:04:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھاسى سەل قىممەترەك  چىقىپتۇ  نۇرغۇن دىھقانلار سېتۋالامدۇ؟،

0

تېما

2

دوست

4851

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   95.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20920
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1588
توردىكى ۋاقتى: 564
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 21:46:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئىشتىن بىرنى قىپسىز،ئەجرىڭىز يەردە قالمىغاي،باھاسى نەچچە پۇلدۇ.

0

تېما

1

دوست

619

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   23.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32039
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 184
توردىكى ۋاقتى: 140
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 23:01:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  قېرىندىشىم نىجات، ياخشىمۇ سىز؟  خەلقىمىز ئۈچۈن غەم يىگەن دىللىرىڭىزغا شادلىق يار بولغاي!
  -سىز دېھقانچىلىق تېخنىك خادىمىمۇ قانداق؟!

0

تېما

1

دوست

2075

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22168
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 616
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 23:30:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )