قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 712|ئىنكاس: 1

ئىبنى خەلدۇن (1332-1406)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

10

دوست

4143

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 1357
توردىكى ۋاقتى: 1047
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 19:49:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىبنى خەلدۇن (1332-1406)









     14- ئەسىرنىڭ مەشھۇر ئەرەب تارىخچىسى ئىبنى خەلدۇن شەرق ۋە غەرب دۇنياسىنىڭ تۈنجى تارىخ پەيلاسۇپى ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىنىڭ  خەۋەرچىسى سۈپىتىدە شۆھرەت قازانغان ئالىمدۇر. ئەرەبچىدىن لاتىن تىللىرىغا ئېلىپ بېرىلىدىغان تەرجىمە ھەرىكىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى دەۋرىدە ياشىغان ئىبنى خەلدۇننىڭ ئەسەرلىرى، قاراشلىرى ياۋرۇپا ئەللىرىگە ناھايىتى كېچىكىپ، يەنى 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يىتىپ باردى. ئىبنى خەلدۇننىڭ بوران- چاپقۇنلۇق، تۇراقسىز شەكلىدە ئۆتكەن ھاياتىنى ئۇمۇمىي تارىخىغا ئىلاۋە سۈپىتىدە يېزىپ قويغان قىسملىرىدىن ناھايىتى ئىنىق بىلەلەيمىز. 1332-يىلى (732ھ) تۇنىستا دۇنياغا كەلگەن ئىبنى خەلدۇن ھەزرەمەۋتتىن ئەڭ دەسلەپ ئىسپانىيە (ئەندەلۇس)گە كۆچۈپ بارغان ئائىلىلەرندىن بىرىنىڭ پەرزەنتى. 12-ئەسىردە ئىسپانىيەنىڭ ئۈچىنچى فېردىناند تەرىپىدىن كونترول قىلىنغىنىدىن كېيىن ئىبنى خەلدۇننىڭ ئائىلىسى تۇنىسقا يەرلەشتى ۋە بۇ پەيلاسۇپ شىمالى ئافرىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم شەھرى ھېسابلىنىدىغان تۇنىس شەھرىدە دۇنياغا كەلدى.
      ئىبنى خەلدۇن ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئەلئەنسارىنىڭ قولىدا ئوقىدى. كېچىك يېشىدىلا ئالىملارنىڭ ئولتۇرۇشلىرىغا قاتناشتى. بىر مەزگىل فاس ھاكىمى ئەبۇ ئىناننىڭ ۋەزىرى بولدى. بۇنىڭدىن قىزغانغان خىزمەتچىلەرنىڭ يالغان – ياۋىداقلىرى تۈپەيلى تۈرمىگە تاشلاندى. بۇ جەريان ھاكىمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغان يېڭى ھاكىم ئۇنى قاماقتىن بوشاتقان ۋە ئۇنىڭغا ئاممىۋىي كۈتۈبخانىسىنى بەرگەنگە قەدەر داۋاملاشتى. ئەمما بۇ ۋاقىتمۇ ئۇزۇن سۈرمىدى، قەبىلىلەرنىڭ ئىسيان كۆتۈرىشى نەتىجىسىدە ھاكىم تەختىدىن ئايرىلىپ قالدى. دۆلىتىنىڭ سىياسىي ھاياتىدىن بىئاراملىق ھېس قىلغان ئىبنى خەلدۇن ئىسپانىيىگە كېتىش ئۈچۈن رۇخسەت ئالدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ غەرناتە ھاكىمى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەدنىڭ سارىيىغا باردى (1364). غەرناتە ئىسپانىيەدىكى ئىسلامنىڭ ئاخىرقى پاناگاھى ئىدى. تارىخچى ئالىم ئىبنى ئەلخاتىب ئۇ يەردە ۋەزىر ئىدى. دېمەك، ئىبنى خەلدۇن ئۇ يەردە تارىخى ئىزدىنىشلىرى ئۈچۈن ئەڭ ياراملىق ھەمراھىنى تاپقان بولدى. ئابدۇللاھ ئۇنى كاستىل پادىشاھىنىڭ ھۇزۇرىغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى. بۇ جەرياندا، ئىبنى خەلدۇن بىلەن ئىبنى خاتىب ئوتتۇرىسىدا شەكىللەنگەن رىقابەت بىرىنچىسىنى غەرناتەدىن ئايرىلىشقا ۋە بەجايە ھاكىمى ئەبۇ ئابدۇللاھنىڭ شەھىرىگە كېتىشىگە مەجبۇر قىلىپ قويدى. ئىبنى خەلدۇن بۇ يەردە ۋەزىر بولدى. بەجايە بىلەن كونىستانتىن ئوتتۇرىسىىكى داۋالغۇشلارنىڭ پەسەيتىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقاردى ۋە سىياسىي ھاياتنىڭ داۋاملىق بىئارام قىلىشى نەتىجىسىدە يېڭىدىن ئۇ يەرنى تەرك قىلىشقا ۋە ئىلمىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن تېلمىساندا يەرلىشىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى. ئەمما سىياسىي ھېرىس ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلىپ دەۋەت قىلغانلارنىڭ كۆپلىكى ئاخىر ئۇنى يەنە پائال ھاياتقا سۆرەپ كىردى. تېلمىسان سۇلتانى ئەبۇ ھامۇ ئۇنى چىگرا قوغدايدىغان قەبىلىلەرنىڭ باشلىقى قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇ ئەسنادا ئىبنى خەلدۇن ئەسكەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. بۇ ۋەزىپە ئۇنىڭغا سەھرا خەلقىنى يېقىندىن تونۇش ۋە كۆچمەنلەر ھەققىدە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشىغا ئىمكان يارىتىپ بەردى. ئۇ تارىخ پەلسەپىسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى بۇ قېتىملىق تەجرىبىلىرىدىن ھاسىل قىلغان ئىدى.
     تۇنىستا بەنى ھەفس، ئالجىرىيىدە بەنى ئەبدۇ ئەلۋاھىد، فاستا بەنى مەرىنى خانىدانلىرى بار ئىدى. ئەمما ئەمەلىيەتتە ھەر شەھەردە مۇستەقىل بىر ھۆكۈمەت بولۇپ، سەھرامۇ ھېچقانداق كۈچكە قاراشلىق ئەمەس ئىدى. خانىدانلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش، شەھەرلەردىكى ئەنسىزلىك، كارۋانلار ۋە سەھرادىكىلەرنىڭ قەبىلىلەر تەرىپىدىن بولان- تالاڭ قىلىنىشى ئۇلارنى تىنچ ھاياتتا ياشىشى ئۈچۈن ئىمكان بەرمەيتتى. ئىبنى خەلدۇن شىمالىي ئافرىقىدىن يەنە ئۈمىدسىزلەندى ۋە ئىسپانىيىگە قايتىش نىيىتىگە كەلدى. ئەمما غەرناتە ھاكىمىنىڭ ياخشى قارشى ئېلىشىغا قارىماي، ئۇنىڭ توغرىسىدا ئەبۇ ھامۇنىڭ جاسۇسى، دېگەن پىتنە- ئىغۋالارنىڭ تارقىلىشى ئۇنىڭ يېڭىدىن ئەبۇ ھامۇنى ئىزدەشكە مەجبۇر قىلىپ قويدى. ئۇ 47 ياشتا ئىدى. ئۇ داۋاملىق شەكىلدىكى ماتېرىيال كۆرىشى ۋە سىياسىي تەجرىبىلىرى بىلەن ناھايىتى ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئىگە بولغان ئىدى. بۇنىڭدىن كېيىن سىياسىي ھاياتنى تاشلاش ۋە ئۆز تىلى بويىچە «يېڭى بىر ئىلىم»نى يېزىشقا قارار بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇمۇمىي تارىخىنىڭ باش قىسمى بولغان «مۇقەددىمە»سىنى يازدى ۋە ئۇنى ئۆز كىتابخانىسىدا تاماملاش مەقسىتىدە تۇنىسقا قايتىپ كەلدى. تۇنىسنىڭ سۇلتانى بۇ ئەھمىيەتلىك ئەسەرنىڭ يېزىلىشىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى. ئىبنى خەلدۇن ئەسىرىنى سۇلتانغا ھەدىيە قىلدى ۋە قوليازما نۇسخىسىنى كۈتۈپخانىغا بەردى. بۇنىڭدىن كېيىن ئىبنى خەلدۇن ھەجكە باردى ۋە قايتىش يولىدا ئۆزىنى قىزغىن قارشى ئالغان مىسىرغا يەرلەشتى. ئەزھەردە دەرس بەردى ۋە قازىيۇل قۇزات (قازىلارنىڭ قازىسى) لىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى. بىر قىسىم قارشىلىقلارغا قارىماي ھوقۇقى جەھەتتىن ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى ۋە قىسقا بىر مەزگىلدىن كېيىن يېڭىدىن باشتىكى ئىشىغا تەيىن قىلىندى. ئۇ بۇ ۋەزىپىنى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئۆتىدى. تېمۈرلەڭ بايەزىتنى يېڭىۋالغاندىن كېيىن مىسىرنى قولغا ئېلىشقا بەل باغلىغان ئىدى. پادىشاھ ناسىر خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىبنى خەلدۇننى شامغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى. دەرۋەقە بۇ ئەلچىلىك مىسىرنىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.
      ئىبنى خەلدۇن مەشھۇر ئەرەب تارىخچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەڭ مۇھىم ئەسىرى «مۇقەددىمە»دۇر. ئۇ يەردە ئۇنى مودېرىن تارىخ پەيلاسۇپلىرىغا ۋە جەمئىيەتشۇناسلارغا يېقىنلاشتۇردىغان بىر تارىخ فورمىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. «مۇقەددىمە» دەسلەپتە پارىژدا كۇۋاترەمەرە تەرىپىدىن، قاھىرەدە مۇستەفا فەتھى تەرىپىدىن نەشىر قىلدۇرۇلدى. تۈنجى تەرجىمە تۈركىيەدە پىرىزادە، جەۋدەت پاشا تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى. 18-ئەسىرگە قەدەر غەرب دۇنياسى بۇ پەيلاسۇپنى تونىمايتتى. 19-ئەسىرنىڭ بېشىدا Sylvestre de Sacyبۇ ئەسەرنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇپ يەتتى. Garcin de Tassy ئىبنى خەلدۇننىڭ ئەسىرىنىڭ بىر قانچە بابىنى تەرجىمە قىلدى. كۇۋاترەمەرە بۇ ئەسەرنى «Prolegomenes» نامى ئاستىدا نەشىر قىلىپ تارقاتتى. خۇلاسە شەكلىدە فرانسۇزچىغا تەرجىمە قىلىندى، ئەمما ئەسەرنىڭ تولۇق تەرجىمىسىنى روياپقا چىقىرالمىدى. ئەسەرنىڭ تولۇق تەرجىمىسى تۈنجى بولۇپ بارون دې سلەين (1862-1886) تەرىپىدىن روياپقا چىقىرىلدى. شۇ چاغلاردىن بىرى غەرب ئەللىرى ئىبنى خەلدۇن ھەققىدە ئۇزۇندىن ئۇزۇن سۆزلىشىدىغان،تارتىشىدىغان، مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ بارىدىغان بولدى.

«ئىسلامىيەتتىكى مەشھۇر شەخىسلەر» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.

0

تېما

0

دوست

117

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   39%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32128
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 11:12:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەمگەك بوپتۇ. قايسى تىلدىن تەرجىمە قىلدىڭىز.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )