بۆرە تۇتىمى ئەپسانىلىرىدىكى پەلسەپىۋى قاراشلارئۈستىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
خۇددى يۇنان پەلسەپىسىنىڭ ئاساسى يۇنان قەدىمكى ئەپسانىلىرى بولغىنىدەك ئۇيغۇر قەدىمكى ئەپسانىلىرىمۇ ئۇيغۇر پەلسەپىسىنىڭ مۇھىم ئاساسىدۇر. بۆرە تۇتىمى ھەققىدىكى ئەپسانىلەر ئۇيغۇر قەدىمكى زامان ئەپسانىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمكىسى سانىلىدۇ.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى ئەپسانىلىرى مىلادىدىن بۇرۇنقى4-5-ئەسىرلەردە يارىتىلغان بولۇپ،ئەينى زاماندىكى ئەجدادلار ئۆز ئەپسانىلىرىدا ئالەمنىڭ مەنبەسى،ئادەم، تەبىئەت،تەپەككۇر،مەۋجۇتلۇق قاتارلىق مەسلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بارغان.گەرچە بۇ خىل ئىزدىنىشلەر قۇللۇق جەمئىيەتكە يۈزيىلدەك بالدۇر قەدەم قويغان، شەرقتىكى مىسىر ۋە بابىلونلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا نىسبەتەن زور يۈكسىلىشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن يۇناندىن ماكان،زامان جەھەتتىن نىسبەتەن پەرقلىق بولسىمۇ ئەجدادلىرىمىز قەدىمكى ئەپسانىلەردە ئاجايىپ گۈزەل خىيال ۋە مول تەسەۋۋۇر بىلەن ئۆزلىرىنىڭ يارىلىش ھەققىدىكى چۈشەنچە-ئېتىقادلىرىنى،قەھرىمانلىق كۈرەشلىرىنى،تەبىئەتنى چۈشىنىش يولىدىكى ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى خاتىرلەپ قالدۇرغان.
بۆرە تۇتىمى ئەپسانىسى تۈرك ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يارىلىشى ھەققىدىكى ھەققىدىكى قەدىمى ئەپسانە بولۇپ، بۇ ئەپسانە ئۈستىدە توختىلىشتىن ئاۋۋال گەپنى تۇتىم چۈشەنچىسىدىن باشلايمىز.
«تۇتىم»سۆزى ھىندىئانلار،پاپۇئاسلارنىڭ تىلىدىن كەلگەن بولۇپ ئۇيغۇرچە مەنىسى«ئۇرۇغ»دېگەنلىك بولىدۇ.ئىنسانلار ئىپتىدائى جەمئىيەتتە بىرەر ھايۋان ياكى دەرەخنى نەسىل،ئۇرۇغ ۋە قان سېستىمىسىنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ بەلگۈسى قىلغان ھەمدە مۇنداق بەلگە قىلغان نەرسىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-بوۋىسى ھېسابلاپ ئۇنىڭغا چوقۇنغان. مانا شۇنداق چۇقۇنغان نىشان ياكى بەلگە «توتېم»دەپ ئاتىلىدۇ.مەسىلەن:بىزنىڭ ئاتا-بوۋىمىز بۆرىنى،خەنزۇلار ئەجدىھانى،ھىندىلار كالىنى تۇتىم قىلغان.
بۆرە تۇتىمى ئەپسانىسى مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:
ئۇبۇلغازىنىڭ«شەجەرىئى تۈرك»ناملىق كىتابىدا يېزىپ قالدۇرۇشىچە،ئۇيغۇرلار بىر ئۇرۇشتا دۈشمەندىن مەغلۇپ بولۇپ بىرتاغ قاپتىلىدا قامىلىپ قاپتۇ.ماڭىدىغان يول تاپالماي ھالاك بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەپتۇ.شۇنداق قىيىن ئەھۋالدا تۇرغاندا،ئۇشتۇمتۇت بىر بۆرىنىڭ تاغ تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ.خەۋپتە قالغان ئۇيغۇرلار بۆرىنىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ.تاغنىڭ تۆۋىنىگە يېتىپ بارغاندا ،بۆرە ناھايىتى چوڭ بىرغارغا كىرىپ كېتىپتۇ.ئۇيغۇرلار بۆرە كىرىپ كەتكەن غارغا كىرىپ،بۆرىگە ئەگىشىپ مېڭىپتۇ.قاپقاراڭغۇ غار ئىچىدىن خېلىپ ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن غارنىڭ ئۇ بېشىغا يەتكەندە بىر ئۇچۇقچىلىق كۆرۈنۈپتۇ.بۆرە ئۇلارنى غارنىڭ ئۇ بېشىدىكى چوڭ تۆشۈكتىن ئوتلار يەلپۈنۈپ تۇرغان،سۇلىرى ئەلۋەك جەننەتتەك بىر يايلاققا باشلاپ چىقىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ھالاكەتتىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىكەن.شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار بۆرىنى مۇقەددەس ھايۋان ھېسابلاپ،ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلاپتۇ.
بۇ ھېكايەتتىن تۆۋەندىكىدەك مۇھىم ئۇچۇرلارغا ئېرىشىمىز:
بىرىنچى، ئۇرۇش.«ئۇيغۇرلار بىرئۇرۇشتا دۈشمەندىن مەغلۇپ بولۇپ بىر تاغ قاپتىلىدا قامىلىپ قاپتۇ».بۇ بايانلار بىزگە قەدىم يۇناندىكى پېلوپوننېسوس ئۇرۇشى،پېرسىيە ئىمپىرىيسى بېسىپ كىرگەندىكى ئۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار ۋەقەلەرنى ئەسلىتىش بىلەن بىرگە شۇ ۋاقىتتىكى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات سەۋىيسى،ئىجتىمائى زىددىيەتلەر ۋە بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى،شەخىسلەر ھەققىدە ئويلاندۇرىدۇ.
ئىككىنچى،بۆرىگە ئەگىشىپ خەتەردىن قۇتۇلۇش.بۇ بايانلار سىپارتا چەۋەندازلىرىنىڭ ئات مىنگەن،ئەتراپىدا ھەرخىل ھايۋانلار تۇرغان يۇنان ساپال رەسىمىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ.قەدىمكى ئىنسانلار «ماددا ھايات»چۈشەنچىسىگە كېلىپ بارلىق ماددىدا ئوخشاشلا جان،تۇيغۇ ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارى بولىدۇ،دەپ قاراشقان.ئۇلار تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق ماددى جىسىملاردا جۈملىدىن (بۆرە قاتارلىق)ھايۋانلاردىمۇ ئاڭ بولىدۇ،ئادەم بىلەن تەبىئەت بىرگەۋدە،ئادەم بىلەن ھايۋانلار ئوخشاش تۇيغۇغا ئىگە دەپ قارىغان.
ئۈچىنچى،ياخشىلىق ۋە ئېتىقاد چۈشەنچىسى. «قاپقاراڭغۇ غار ئىچىدىن خېلىپ ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن غارنىڭ ئۇ بېشىغا يەتكەندە بىر ئۇچۇقچىلىق كۆرۈنۈپتۇ.بۆرە ئۇلارنى غارنىڭ ئۇ بېشىدىكى چوڭ تۆشۈكتىن ئوتلار يەلپۈنۈپ تۇرغان،سۇلىرى ئەلۋەك جەننەتتەك بىر يايلاققا باشلاپ چىقىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ھالاكەتتىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىكەن.شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار بۆرىنى مۇقەددەس ھايۋان ھېسابلاپ،ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلاپتۇ».دېمەك،ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائى ئېڭىدا بۆرە شۇنىڭ ئۈچۈن خاسىيەتلىككى،ئۇلار بۆرىنىڭ يول باشلىشى بىلەن خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.شۇنداقلا،بۆرىگە تېۋىنىش،ئۇلۇغلاش ئېڭى تۇغۇلىدۇ ۋە ئىپتىدائى ئېتىقاد شەكىللىنىدۇ. يەنە،ئىپتىدائى ئېتىقادنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبلىرىدىن بىرى بولغان«ياخشىلىق»،«جاۋاب قايتۇرۇش» چۈشەنچىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
بۆرە ھەققىدە يەنە «جۇ سالنامىسى»دېگەن كىتابنىڭ «تۈرك تەزكىرىسى»دېگەن قىسمىدا مۇنداق بىر ئەپسانە خاتىرلەنگەن.ئۇنىڭدا تۈرك مىللىتىنىڭ كېلىپ چىقىشى رىۋايەت قىلىنىدۇ:«تۈركلەر ھۇنلارنىڭ بىر تارمىغى بولۇپ،ئۇلار ئاشىنا ئۇرۇغىدىن ئىكەن.تۈركلەر خوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يوقۇتۇلۇپ ئۇرۇغى پۈتۈنلەي قۇرۇتۇلۇپتۇ.تۈرك ئۇرۇغىدىن پەقەت 10ياشلىق بىر ئوغۇل بالا قالغان بولسىمۇ ،ئەمما خوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئەسكەرلىرى ئۇنى كىچىك كۆرۈپ،ئۆلتۈرىۋېتىشكە كۆڭلى بارماپتۇ.شۇنداقتىمۇ ئاخىرى ئۇنىڭ بىر پۇتىنى كېسىپ تاشلاپ سازلىققا تاشلىۋېتىپتۇ.بۇ ئوغۇلنى بىر چىشى بۆرە تېپىۋېلىپ ئۆڭكۈرگە ئېلىپ كېتىپ،گۆش بىلەن بېقىپتۇ.ئوغۇل چوڭ بولغاندىن كېيىن بۆرە بىلەن بىللە يېتىپ قوپۇپتۇ،نەتىجىدە بۆرىنىڭ قورسىغىدا قاپتۇ.ھېلىقى خوشنا دۆلەتنىڭ خانى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەرتېپىپ بالىنى ئۆلتۈرىۋېتىشكە ئادەم ئەۋەتىپتۇ.خاننىڭ ئادىمى كېلىپ قارىسا بالىنىڭ يېنىدا بىر بۆرە تۇرغۇدەك، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۆرىنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپتۇ.بۆرە خۇچۇ ئىدىقۇتلىغىنىڭ شىمالىدىكى تاغقا قېچىپ چىقىپ كېتىپتۇ.تاغدا بىر ئۆڭكۈر بار بولۇپ،ئۆڭكۈر ئىچىدىكى تۈزلەڭلىك قېلىن ۋە قۇيۇق ئوت-چۆپلەر بىلەن تولغان ئىكەن.ئۆڭكۈرنىڭ ئايلانمىسى بىرقانچە يول ئىكەن.تۆت ئەتراپى بولسا تاغ ئىكەن.بۆرە ئەنە شۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدىكى قېلىن ئوت چۆپنىڭ ئىچىگە يۇشۇرىنىۋاپتۇ.كېيىن ئون بالا تۇغۇپتۇ.بۇ ئون ئوغۇل چوڭ بولۇپ باشقا قەبىلىلەردىن قىز ئاپتۇ،شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسىسى ئۆزئالدىغا بىر ئۇرۇق بولۇپ كۆپەيگەن ئىكەن.
بۇ ھېكايەتتىمۇ ئوخشاشلا بىرىنچى ئۇچۇر-ئۇرۇش.
ئىككىنچى،كىچىك بالىنى(نارسىدىنى) ئۆلتۈرمەسلىك. بۇ بايان بىزگە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائى ئەخلاق قارىشىدىن مۇھىم مەلۇمات بېرىۋاتىدۇ.
ئۈچىنچى مۇھىم نۇقتا، بۆرە بىلەن ئادەمنىڭ يېقىنچىلىقىدىن بۆرىنىڭ بويىدا قېلىشى. قەدىمكى ئەجدادلار تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق ماددى جىسىملاردا جۈملىدىن (بۆرە قاتارلىق)ھايۋانلاردىمۇ ئاڭ بولىدۇ،ئادەم بىلەن تەبىئەت بىرگەۋدە،ئادەم بىلەن ھايۋانلار ئوخشاش تۇيغۇغا ئىگە دەپ قارىغان. ئەڭ مۇھىمى بۆرە تۇغقان ئون ئوغۇلنىڭ باشقا قەبىلىلەردىن قىزئېلىشىدەك ۋەقەلىكلەرئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئىپتىدائى نىكاھ چۈشەنچىسىدىن ئۇچۇر بېرىدۇ.
يۇقىرىقى ئىككى ئەپسانىدىن ئىپتىدائى جەمئىيەتتىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنى،ئادەملەرنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدىكى خىيال-چۈشەنچىلىرىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز.باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا،يۇنان پەلسەپىسى ئالەمنىڭ مەنبەسى (ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى)توغرىسىدىكى ئىزدىنىشتىن باشلانغان بولسا،ئۇيغۇر پەلسەپىسى تىپىك شەرقچە ئالاھىدىلىك بويىچە تۇتىم،ئادەملەرنىڭ پەيدا بولۇشى(ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى شۇنداقلا تېخىمۇ بىرپەللە يۈكسەكلىككە كۆتىرىلىپ تەبىئەتتىن ھالقىغان قانداقتۇر بىر مۇقەددەس كۈچنى ئىزدەش)دىن باشلانغان،دەپ قاراشقا بولىدۇ.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
ئابدۇرېھىم سابىت:«ئۇيغۇركىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»بىرىنچى كىتاب1-قىسىم،1982-يىلىدىكى نەشىرى.
جاڭ شىيىڭ:«غەرب پەلسەپە تارىخى»(ئەنۋەر تاشتۈمۈر تەرجىمە قىلغان)،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2014-يىللىق نەشىرى
|