- تىزىملاتقان
- 2013-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7522
- نادىر
- 12
- يازما
- 376
ئۆسۈش
100%
|
ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ھەققىدىكى ئەپسانىلەر
بىلگەجان تەرجىمىسى
ئىلاۋە: نۆۋەتتە خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ بىر قەدەر كەمچىللىكى تۈپەيلى، دورىلار بىلەن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ قويىدىغان ۋە ئېغىر كېسەللەرنى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن داۋالاشنى تاللاش بىر يېڭى يۈزلىنىش بولۇپ قاپتۇ. ئەمەلىيەتتە، دورىلار بىلەن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى (يەنى ۋىتامىنلار، ئاقسىللار، قۇۋۋەت ئىچىملىكلىرى... دېگەندەك ساغلاملىق يېمەكلىرى ياكى ئۆسۈملۈكتىن ئايرىۋىلىنغان دورا يېمەكلىكلەر، تولۇقلىمىلار) ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بولۇپ، دورىلار مەلۇم ئېنىق بىر كېسەلنى داۋالايدىغانلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن بازارغا سېلىنىدۇ؛ ساغلاملىق يېمەكلىرى بولسا ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاش ياكى مەلۇم ماددا كەمچىللىكى تۈپەيلى كۆرۈلگەن بىنورماللىقلارنى تەڭشەشنى مەقسەت قىلىپ ئىشلىنىدۇ ۋە كېسەل داۋالاش ئۈنۈمى بولۇشى ناتايىن ياكى شۇنداق ئۈنۈمى ئىسپاتلانمىسىمۇ بازارغا سېلىنسا بولىۋىرىدۇ. بۇ ماقالە بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ساۋاتلاركەن دەپ قاراپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ سۇندۇم. ئەسلى تولۇق مەزمۇنىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:
http://www.cancer.org/treatment/treatmentsandsideeffects/complementaryandalternativemedicine/dietarysupplements/dietary-supplements-misconceptions
1. كۆپ مېقداردا ئىستىمال قىلىش: «قانچە كۆپ يېسە شۇنچە ياخشى» ئەپسانىسى
نۇرغۇن كىشىلەر ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى دوختۇرنىڭ رىتسىپى بولمىسىمۇ سېتىۋالسا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى كۆپ مىقداردا ئىستىمال قىلسىمۇ بىخەتەر دەپ قارايدۇ. 1990-يىللاردا ئامېرىكىدا ۋىتامىن C، بىتا كاروتىن ۋە ۋىتامىن E قاتارلىقلارنى مىگامىقداردا (ناھايىتى زور مىقداردا) ئىستىمال قىلىش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن. گەرچە ھېچقانداق تەتقىقات نەتىجىسى ۋىتامىن C نىڭ زۇكامنىڭ ئالدىنى ئىلىش ياكى داۋالاش ئۈنۈمى بارلىقىنى كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. ھازىرمۇ بەزى ساغلاملىق يېمەكلىرىنى زور مىقداردا ئىستىمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنغان تەشۋىقاتلارنى كۆرىمىز، ئەمما بۇ خىل يەكۈنلەرنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق.
ئەمەلىيەتتە زور مىقداردا ۋىتامىنلارنى ئىستىمال قىلىشنىڭ خەتەرلىك، ھەتتا زەھەرلىك ئىكەنلىكى مەلۇم. ھەدىدىن زىيادە كۆپ ۋىتامىن C بەدەننىڭ مىس سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىدۇ. كۆپ مىقداردىكى فوسفور بەدەننى كالتىسىي سۈمۈرىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. ئادەم بەدىنى زور مىقداردىكى ۋىتامىن A, D, K لەرنى بىر تەرەپ قىلالمايدىغان بولۇپ، كۆپلەپ يىغىلىپ قالسا زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. «تەبئىي بولسىلا بىخەتەر بولىدۇ» ۋە «تەبئىي بولسا تېخىمۇ ياخشىراق» ئەپسانىسى
ھازىرقى دۇنيادا كىشىلەر ئاساسەن سۈنئىي ياسالغان ياكى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن نەرسىلەرنىڭ ئەسلى، تەبئىي ھالىتىدىن ياخشى ئىكەنلىكىنى قوللىمايدۇ. ئەمما «پۈتۈنلەي تەبئىي» دەپ ئاتالغان مەھسۇلاتلارنىڭ دائىم پىششىقلاشتىن ئۆتكەن ياكى سۈنئىي سېنتىزلەنگەن ماددىدىن ياخشى بولۇسىمۇ ناتايىن.
شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، دۇنيادىكى ئەڭ ئۆتكۈز زەھەرلىك ماددىلار ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي تەبئىي ماددىلاردۇر. مەسىلەن، زەھەرلىك موگۇ پۈتۈنلەي تەبئىي، ئەمما ئادەم بەدىنى ئۈچۈن بىخەتەر بولمايلا قالماستىن بەلكى ئۆتكۈز زەھەرلىك. نۇرغۇنلىغان تەبئىي ئۆسۈملۈكلەر ياكى ماددىلارمۇ زىيانلىق ياكى زەھەرلىك خېمىيىلىك تەركىبلەر بولۇشى مۇمكىن ۋە ئىنسان ھەزىم قىلسا خەتەرلىك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
نۇرغۇنلىغان بوتانىكىلىق تولۇقلىمىلار (مەسىلەن، سامساق، زەنجىۋىل ۋە باشقىلار) ئۆسۈملۈكتىن كەلگەن بولغاچقا، تەبئىي مەھسۇلات دەپ قارىلىدۇ. ئەمما ئۆسۈملۈكلەر خېمىيىلىك تەركىبلەردىن تۈزۈلگەن. بۇ خېمىيىلىك ماددىلار ئىچىدە بەزىلىرى پايدىلىق بولسا يەنە بەزىلىرى زىيانلىق ۋە ئىنسانلاردا زىيادە سەزگۈرلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ. شۇڭا ئۆسۈملۈكلەردىن ئىشلەنگەن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت پايدىلىق بولۇشى ناتايىن چۈنكى ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى زىيانلىق خېمىيىلىك تەركىبلەر چىقىرىپ تاشلانمىغان بولۇشى مۇمكىن.
ئۆسۈملۈكتىن ئېلىنغان مەھسۇلاتلار ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى، غولى، گۈلى، يوپۇرمىقى، چىڭى ياكى شەربىتى قاتارلىقلارنىڭ بىر نەچچە خىلى ياكى ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئىلىشى مۇمكىن. ئۆسۈملۈكنىڭ ئوخشىمىغان قىسىملىرىنىڭ ئىنسان بەدىنىگە بولغان تەسىرى ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. مەسىلەن، مامكاپ يىلتىزى چوڭ ئۈچەي ھەرىكىتىنى ياخشىلايدۇ، ئەمما مامكاپ يوپۇرمىقى ئىچى سۈرگۈچى خېميىلىك ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر سىز ئۆسۈملۈكتىن ئايرىۋىلىنغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى زادى قايسى قىسمىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ۋە بەدەنگە قانداق تەسىرى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋىلىڭ، بولمىسا مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلارنى زادى قانداق ئىشلەيدىغانلىقى ۋە تەسىرىنى ئېنىق سوراڭ.
شۇمۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن، بىخەتەرلىك بىلەن مىقدار ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىك. كۆپىنچە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزى ياكى يوپۇرمىقى ئاز مىقداردا چاي (چاي دورا) ئورنىدا بىخەتەر ئىستىمال قىلىشقا بولۇشى مۇمكىن. ئەمما سۇيۇقلۇق ياكى تابلىت سۈپىتىدە سېتىلغان قويۇقلاشتۇرۇلغان ئاجراتمىلار بىخەتەر بولغان دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەن مىقداردىكى ئۆسۈملۈك خېمىيىلىك تەركىبلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى مۇمكىن.
3. «مىڭ يىللاردىن بىرى ئىشلىتىلىپ كەلگەن، شۇڭا چوقۇم ئۈنۈمى بار» ئەپسانىسى
ئۆسۈملۈك دورىلارنىڭ ئاممىباپ ياكى ئەنئەنىۋى مېدىتسىنادا مىڭ يىللار ئىشلىتىلگەنلىكىنىڭ بىلىپ قويۇش پايدىلىق، ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ ئۈنۈمى بارلىقى ياكى بىخەتەر ئىكەنلىكىنىڭ ئىشەنچلىك ئىسپاتى بولالمايدۇ. ئەگەر ئاز مىقداردىكى ئۆسۈملۈك دورىسى دەرھال ئازاپلىق ياكى ھاياتقا تەھدىت ئىلىپ كىلىدىغان ئەكىس تەسىر پەيدا قىلغان بولسا، چوقۇم ئەنئەنىۋى مېدىتسىنادا ئىشلىتىلمىگەن بولاتتى. ئەمما ئەنئەنىۋى مېدىتسىنا سىستىمىسىدا يۈز يىل ياكى مىڭ يىللار ئىلگىرى دورىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئەكىس تەسىرىنى تەكشۈرىدىغان ئىلمىي ئۇسۇللار يوق ئىدى. شۇڭا، ئەگەر بىر ئۆسۈملۈك قىسقا مەزگىلدە ئۈنۈملۈكتەك قىلغان بىلەن، سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرنىڭ كىلىپ چىقىش ئېھتىمالىنى ئاشۇرۋەتسە (مەسىلەن، راك كېسىلى، يۈرەك ئاجىزلىقى ياكى بۆرەك زەئىبلىشىش) بۇنى ئەنئەنىۋى مىدىتسىنادا بايقىغىلى بولمايتتى. يەنە كىلىپ، ئەگەر بىمارنىڭ سالامەتلىكى شۇ ئۆسۈملۈك دورىسىنى ئىشلىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالماسلىقىمۇ مۇمكىن ئىدى. ئۆلۈپ كېتىشمۇ ناھايىتى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئىدى، ھازىرقىغا ئوخشىمايدىغىنى ھەر خىل ياشتىكى بىمارلار ھازىر پۈتۈنلەي ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان ياكى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغان كېسەللەر بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن. ئاخىرىدا بەزى ئەنئەنىۋى مېدىتسىنا سىستىمىلىرىدا، چاي دورىلار ئىچ سۈرگۈزۈش ياكى قۇستۇرۇش ئۈچۈن بېرىلگەن. بۇ خىل تەسىرلەر بۇنىڭ ئاخىرقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاقىۋىتى ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن بولسىمۇ ۋاقىتلىق ئۈنۈمى بار دەپ قارالغان بولۇشى مۇمكىن.
ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇلىنى تاللاشنى ئويلاشقاندا، مۇتلەق كۆپ قىسىم چاي دورىلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە باشقا ئۇسۇللارنىڭ ئەنئەنىۋى مېدىتسىنادا پەقەت كېسەللىك ئالامىتىنى ئازايتىش ياكى بىمارنى ياخشىراق ھېس قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ. بۇ خىلدىكى ئۇسۇللار ئەلۋەتتە ساقىيىپ كېتىش ئېھتىمالى بار بىمارلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان. شۇنداقتىمۇ، ئۇ ۋاقىتلاردا ئېغىر كېسەللەرنىڭ ئاقىۋىىتنىڭ ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىمۇ مەلۇم ئىدى. ئىشەنچلىك ھالدا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، زامانىمىزدىكى ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكىلار كېسەللەرنىڭ كىلىپ چىقىشىنى ئەسىرلەر ئىلگىرىكى ھەرقانداق ئادەمدىن ياخشىراق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
ناچار ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك مەھسۇلاتلارنىڭ ھېچقايسىسىنى سېتىۋالماڭ:
1) دوختۇرنىڭ رىتسىپى بىلەن ئالىدىغان دورىلاردەك ئۈنۈمگە ئىگە دەپ دەرۋاڭ سالغان دورىلار
2) ئورۇقلاش، مۇسكۇل چىقىرىش ياكى جىنسىي ئىقتىدارنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان مەھسۇلاتلار
3) سىتىروئىدلىق ھورمۇنلارغا ئوخشاش تەسىرگە ئىگە ھورمۇنسىز مەھسۇلات دېيىلگەنلىرى
ئەسكەرتىش: مەن (بىلگەجان) يازغان بارلىق ماقالىلەر بۇنىڭدىن كېيىن ئاۋۋال شەخسىي بىلوگىمدا (بىلگە بىلوگى) ئېلان قىلىنىدۇ. مەن يازغان ماقالىلارغا قىزىققۇچىلارنىڭ بىلوگىمغا قەدەم تەشىرىپ قىلىشىنى قارشى ئالىمەن. ئەگەر مەن يازغان ماقالىلارنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بوسىڭىز بىلگە بىلوگىدىن ئېلىندى دەپ ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇماڭ.
|
|