« نەمەت خەلپەت » رومانىنىڭ بەدىئىي مۇۋاپىقىيىتى توغرىسىدا
( مۇلاھىزە ) ئابدۇراخمان ئېلىنىياز
ياش يازغۇچى ياقۇپ ئىسمايىل قۇرۇلچىنىڭ « نەمەت خەلپەت » ناملىق رومانى چېتىلىدىغان كەڭ دائىرلىك تۇرمۇش مەزمۇنلىرىنى ، شىنجاڭ تارىخىدىكى ۋاڭ - غوجىلار دەۋرى ، گومىنداڭ دەۋرى ۋە ئازادلىق دەۋرىدىن ئىبارەت كۆپ قاتلاملىق دەۋىر كارتىنىلىرىنى ، نەمەت خەلپەتكە ئوخشاش تارىخىي شەخىسلەرنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرىنى ئاجايىپ مۇۋاپىقىيەتلىك گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن نەمۇنىلىك تارىخىي رومان ھېساپلىنىدۇ .
روماننىڭ ۋەقەلىكى قوش لېنيىلىك سىيۇژىت رامكىسى ئىچىدە تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا ، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە ، تار دائىرىدىن كەڭلىككە قاراپ راۋاجلاندۇرۇلغان . روماندا گەرچە شىنجاڭنىڭ ئۈچ دەۋرىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار تارىخىي ۋەقەلەر ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولسىمۇ ، لېكىن شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر تارىخىي شەخىس نەمەت خەلپەتنىڭ بىر پۈتۈن ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخى يادرۇ قىلىنىپ ، ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى كەچۈرمىشلىرى ، ئىلىم تەھسىل قىلىپ تەربىيلىنىش جەريانى ، ئەقىل- پاراسىتى ، بالدۇر ئۇيغانغان روھىي دۇنياسى ، ھەققانىي ئىنقىلاپقا ئاتلىنىپ بىر ئىنقىلاپچىغا ئايلانغانلىقىدەك ھايات مۇساپىسى يارقىن سۈرەتلەپ بېرىلگەن .
روماننىڭ ۋەقەلىكى ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى - كىيىنلىك تەرتىپى ۋە زامان - ماكان تەرتىپى بۇيىچە تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان . بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا بىر قەدەر زور تەسىرگە ئىگە بولغان « يەتتىنچى ئىيۇن » ۋەقەسى ، « جىمسار پۈتۈمى » ، « تورپاقلار قوزغىلىڭى » ، « تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭى » ، « 30- يىللاردىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى » ، « پىچان ، تۇرپانلاردىكى قوزغىلاڭ » ، « لۈكچۈن ئىگىز ئوردىدىكى جەڭ » ، « زىنچۈەندىكى جەڭ » ، « ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى » قاتارلىق تارىخىي ۋەقەلەر بەزىلىرى بىۋاستە ، بەزىلىرى ياندىن بايان قىلىنىش ئارقىلىق رومان ۋەقەلىكىنى بېيىتىپ ، تارىخىي چىنلىق دەرىجىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرگەن .
رومان ۋەقەلىكى يەنە ئەگرى - توقاي ، جىددىي ۋە مۇرەككەپ رەۋىشتە ، ھېكايە ئىچىدە ھېكايە بولۇشتەك رامكا شەكىللىرىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان . ۋەقەلىك تەپسىلاتلىرى ئاساسىي سىيۇژىت لېنيىسى ۋە تارماق سىيۇژىت لېنيىسى ئارقىلىق بىر - بىرىگە جىپسىلىشىپ بارغانچە چوڭقۇرلاشقان . پىرامىدا شەكلىدە راۋاجلاندۇرۇلغان . روماننىڭ يەنە بىر مۇۋاپىقىيىتى شۇنچىۋالا كۆپ پىرسۇناژلارنى ئۆزىگە خاس ئىندىۋىدۇئاللىقى ، ئۆزىگە خاس خاراكتىرى ۋە ئۆزىگە خاس سالاھىيىتى بىلەن مۇكەممەل سىزىپ كۆرسەتكەنلىكىدە كۆرۈلىدۇ . يەنە كېلىپ بۇ پىرسۇناژلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى روماندا ئۆزىلىرىنىڭ تېگىشلىك ئورنىنى ئىگەللەپ ، ئۆز لايىقىدا ، ئۆز دائىرسى ئىچىدە خېلى كۆرۈنەرلىك رول ئويناپ مەلۇم ئىجتىمائىي موھىت ، كەسكىن زىددىيەتلەر قوينىدا خاراكتىرلەنگەن ھەم ئۆسۈپ يىتىلگەن . روماندىكى باش قەھرىمان بولغان تارىخىي شەخىس نەمەت خەلپەت باشتىن - ئاخىر روماننىڭ ئاساسىي سىيۇژىت لېنيىسىگە قويۇلۇپ ، ئۇنىڭ ئىلىم - مەرىپەتنى قەدىرلەيدىغان ، يۇرتنى ، خەلقنى قىزغىن سۆيىدىغان ، ھەققانىيەتنى ياقىلايدىغان ، خەلقنىڭ ئازادلىق ئىنقىلابىغا بارلىقىنى بېغىشلىغان ، ۋىجدانلىق ، كەمتەر ، سەمىمىي ، ئەقىللىق ، ئەلەمدىمۇ ، قەلەمدىمۇ تەڭ يېتىشكەن ئىقتىدارلىق خاراكتىر ئامىللىرى تۈندىكى چولپاندەك جۇلالاندۇرۇلغان . ئۇندىن باشقا روماندا يەنە غۇجىنىياز ھاجى ، مەخسۈت مۇھىتى ، ھەمدۇللا داموللا ، تاھىربەگ ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، مەھمۇت موھىتى ، ئەخمەتجان قاسىمى ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ، گېنرال ئېساقبىك ، ئابدۇراخمان موھىتى ، رەخىمجان سابىر ھاجى ، سۇلتان مامۇت ، مەتسايىت ، شىڭ شىسەي ، ماجۇڭيىڭ ، ماشىمىڭ ، ۋۇجىڭشىن قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تارىخىي شەخىسلەرنىمۇ بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان تارماق سىيۇژىت لىنيىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ مۇۋاپىقىيەتلىك سۈرەتلەپ بەرگەن . بولۇپمۇ يازغۇچى بۇ تارىخىي شەخىسلەر ئۈستىدە توختالغاندا نوقۇل ھالدا تەرجىمھالغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىپ ، تارىخ بىلەن ئەدەبىياتنى جانلىق بىرىكتۈرگەن . يەنى بۇ تارىخىي شەخىسلەرگە باغلانغان تارىخىي كارتىنىلارنى يۇقۇرى ماھارەتلىك بەدىئىي يول بىلەن ئىپادىلەپ ، ھەم تارىخ بولۇش ھەم ئەدەبىيات بولۇشتەك تارىخىي روماننىڭ پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلغان .
زۆرۈر تېپىلغاندا ھەر خىل بەدىئىي ۋاستىلەر ، بەدىئىي توقۇلمىلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان . تارىخىي چىنلىق بىلەن بەدىئىي چىنلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . بولۇپمۇ باش قەھرىمان نەمەت خەلپەت ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە ئۇنىڭ ئوخشىمىغان دەۋىرلەردىكى ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئەھۋالىنى ئەسلى ئەندىزىسى بۇيىچە تارىخىي مەنبەلەرنىڭ ئەينەنلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ ، ئۇنىڭ مىللىي قەھرىمان ، خەلق ئىنقىلاپچىسى ئىكەنلىكىدەك شانلىق ئوبرازىنى يورۇتۇش بىلەن بىرگە ، يەنە « يارەپ » ، « ۋادەرىخ » ، « پەرىشان بولما » قاتارلىق بىر قىسىم تەۋەررۈك شېئىرلىرىنى ئەينەن بېرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تۇنۇلغان ئەدىب ئىكەنلىكىدەك ئوبرازىنىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرگەن . روماندا ئۇنىڭ ئىنقىلابىي پائالىيەتلەر بىلەن تولغان ئۆتمۈشىگە دائىر دېتاللار تەپسىلىي تەسۋىرلىنىپ ، ئازادلىقتىن كىيىنكى ھايات مۇساپىسى ئىخچام ئوتتۇرغا قويۇلۇپ ، تەپسىلىي بولۇش بىلەن ئىخچام بولۇشنىڭ پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنغان . روماننىڭ تىل جەھەتتىكى مۇۋاپىقىيەتلىرىمۇ بىزنى بەك سۆيۈندۈرىدۇ . يازغۇچى روماننىڭ تىلىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن . يەنى تىل جەھەتتە دىئالوگ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدىغان بۇ روماندا قوللىنىلغان تىل ئەينى دەۋىردىكى زامان ۋە ماكان شارائىتىغا ، پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكىگە شۇنداق ياخشى ماسلاشتۇرۇلغان . بەزى ئاتالغۇلار ۋە خەلق تىلىغا دائىر ئەھۋاللار ئەينەن بېرىلىپ تارىخىي چىنلىق كۈچەيتىلگەن . روماندا ئەدەبىي تىل ئامىللىرىدىن باشقا يەنە يەرلىك شىۋە ، يۇمۇرىستىك تىل ، خەلق تىلى ۋە قۇيۇق تۇرمۇش پۇرىقىغا ، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئورالغان تىل ئامىللىرىمۇ قوللىنىلىپ ، روماننىڭ ۋەقەلىكى ، پىرسۇناژلار خاراكتىرى ۋە دەۋىر ئارقا كۆرۈنۈشىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە ئۈنۈملۈك رول ئوينىغان . قىسقىسى ، بۇ رومان يۇقۇرىقىدەك مۇۋاپىقىيەتلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلب ئېكرانىدا ئۇنتۇلغۇسىز زوقلىنىش كارتىنىسىنى پەيدا قىلغان ئېسىل تارىخىي روماندۇر .
ئاخىرىدا يازغۇچى ياقۇپ ئىسمايىل قۇرۇلچىنىڭ تىرىشچانلىق روھىنى داۋاملىق جارىي قىلدۇرۇپ ، بۇندىن كىيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇساپىسىدە تېخىمۇ ئېسىل ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن !
|