قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6313|ئىنكاس: 137

مەدەنىيلىشىش ساراڭلىقىغا تەنقىد: زۇلپىقار بارات ئۆزباش

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

404

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25680
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 122
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-12 17:37:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەدەنيىلىشىش ساراڭلىقىغا تەنقىد: دورالغان مەدەنىيەت ۋە شەكلەن زامانىۋىيلىق
زۇلپىقار بارات ئۆزباش


يوللىغۇچىدىن:    ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرستىېتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ دوكتۇرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىېتىنىڭ تەڭرىتاغ ئالىمى، قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن "سەرخۇش ئېنگلىز تىلى" ئۆگىنىش-ئوقۇتۇش سىستېىمسىنىڭ ئىجادچىسى، جەمئيەتشۇناس زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ "شەكلەن زامانىۋىلىق ۋە دورالغان مەدەنىيەت" ناملىق ماقالىسى "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ياخشى تەسىر قوزغىدى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ كۈندىن كۈنىگە پۈچەكلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئىچى پۇشۇپ تۇرغان ئەقلى ئويغاق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا ئېرىشتى  . مەن بۇ ماقالىنى خېلى بۇرۇن ئوقۇغان ۋە مۇنبەرگە يوللاپ كۆپچلىك بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ئويلىغان بولساممۇ ۋاقتىم چىقماي بۇ ياخشى ئىش ھازىرغىچە سوزۇلۇپ كەلگەنىدى. يېقىندا ۋاقىت چىقىرىپ بۇ ماقالىنى كومپيۇتېردا ئۇرۇپ چىقاردىم ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى ئېنگزىلى تىلى ئۇستازىم، ياش  پەخرلىك ئالىمىمىز زۇلپىقار باراتنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ يوللاش ھەققىدىكى ئىجازىتىنى ئالدىم (مۇئەللىم ماۋزۇنى "مەدەنيىلىشىىش ساراڭلىقىغا تەنقىد" دەپ ئېلىشىمنى ئېيتتى. ئەسلى ماقالىنىڭ ماۋزۇسى شۇنداق قويۇلغان بولۇپ، ژۇرنالغا چىققىنى تەھىرىرلەنگەن نۇسخسى ئىكەن). بۇ نەچچە كۈنلىك ئەجرىم بىلەن ئۇرۇپ چىقىلغان  ۋە زۇلپىقار مۇئەللىمنڭ رۇخسىتى بىلەن يوللانغان ماقالە بولۇپ، ئىلمىي سەۋۋىيسى ۋە نەزەريىۋي ئاساسى يۇقىرى، بىز پىششىق بىلىدىغان ئاددىي تۇرمۇش دېتاللىرىدىن ئۆتۈپ چوڭقۇر مەسىلىلەر ئانالىز قىلىنىدۇ ۋە "قاندا زامانىۋلىشىش كېرەك؟" دېگەن يادرولۇق سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ. چۈشىىنىپ ئوقۇپ شەكلەن زامانىۋلىق ھادىسىسى ھەققىدە تەلقىن قىلشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

دوكتۇر زۇلپىقاربارات ئۆزباشنىڭ تەرجىمھالى
△ 1975-يىلى 8- ئايدا ئاقسۇ ئۇچتۇرپاندا تۇغۇلغان.
△ ئامېرىكا ھاۋاي ئونۋېرسىتىتىنىڭ جەمئيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى، شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىنىڭ تەڭرىتاغ ئالىمى
△ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى، ئامېرىكا ئاسىيا تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى
△سەرخۇش ئىنگىلىزتىلىنىڭ ئاساسچىسى، قارشى ئېلىشقائىرىشكەن سەرخۇش ئىنگلىزتىلى دەرسلىكى ۋە «جانغا ئەسقاتىدىغان سەرخۇش ئېنگلىز تىلىگرامماتىكىسى »نىڭ ئاپتۇرى.
△« ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە»، «جەمئىيەتشۇناسلار نىمەدەيدۇ» قاتارلىق كىتابلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
△جامىس جويىس، گارسىيە ماركوز قاتارلىق دۇنياۋى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تەرجىمانى
△1996- يىلى شىنجاڭ ئونۋېرسىتىدا جۇڭگۇ تىللىرى بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئونۋانى ئالغان، 1996-يىلىدىن 2007- يىلىغىچە دۆلەتلىك باج ئىدارىسىدە ئىشلىگەن، 2009-يىلى ئامرىكا ھاۋاي ئونۋېرسىتىدا ماگىستىرلىق ئونۋانى،2013- يىلى دوكتۇرلۇق ئونۋانى ئالغان. ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىېتىنىڭ تەڭرىتاغ ئالىمى.
2007-يىلى خەلقئارا فورد ئوقۇش مۇكاپاتىغا، 2009-يىلى شەرق غەرب مەركىزىنىڭ دوكتورلۇق پىروگراممىسى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

  ___ قايتا ئويلىنشقا جۈرئەت قىلغان، قايتا ئويلىنشقا ماھىر بولغان مىللەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تونۇش ئاڭلىقلىقى يۇقىرى بولىدۇ. ئۇ مىللەت يېڭىلىق تارىتشىقا  غەيرەت ۋە پۇرسەت تاپالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە شەرت-شارائىت يارىتالايدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا، ئۇ مىللەت ئاسانلا ئۆزىگە ئۆزى مەست بولۇپ، باشقا مىللەتلەردىن كېيىن قالىدۇ.
                              ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر("ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت ۋە مىللەت تەرەققىياتى"دىن)[1]
___ كونىنى ۋەيران قىلماي تۇرۇپ يېڭىلىقنى قۇچاقلا!
       نوبېل ئەدەبىياتى مۇكاپاتى ساھىبى ھېرمانھېسسىي("دېمىئان ناملىق ئەسىىرىدىن)[2]

مۇقەددىمە: "مەدەنىيلىشىش"، "زامانىۋىلىشىش" مۇساپىمىزدىن بىر كۆرۈنۈش
ئەسلىمەمدە بەش ئۇسسۇلنىڭ تارىخى (راست ئىشلار خاتىرىسى)
    پەگاداتولغىنىپ، بەللىرىنى، بېلەكلىرىنى لەرزان تەۋرىتىپ پىلى ئۇسۇلى ئويناۋاتقان ئوغۇل ساۋاقدىشىمغا قاراپلا قالدىم.  ساۋاقداشلار يىغىلشىغا كەلگەن باشقا قىز-ئوغۇللارمۇ يېڭى پەيدا بولغان بۇ ئۇسسۇلغا ۋە ئۇنى ئويناۋاتقان ساۋاقدىشىمغا ھەۋەس، زوقمەنلىك ئچىدە قاراپ قالغانىدى. پىلى ئۇسسۇلى ئويناۋاتقان ساۋاقدىشىم ئۈنئالغۇداقويۇلۋاتقان شوخ چەت ئەل مۇزىكىسى ئەۋجىگە چىققانسىرى  شۇنچە جانلىناتتى. "ئەجەپ ياخشى ئوينايدىكىنە؟ قاچانلاردا بۇنچە ئۇستا بولۇپ كەتكەندۇ" دەپ ئويلايتتىم  ئىچىمدە. ئۇنىڭغابولغان قايىللىقى ۋە زوقمەنلىكى قىز ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆزىدىنمۇ مەلۇم بولۇپ تۇراتتى. دەرس ۋاقتىدىكى ئىپادىسى ئادەتىكىچە بولغان  بۇ ساۋاقدىشمنىڭ قاچانلاردا ئەۋرىشملىك  ۋە ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان  بۇ ئۇسسۇلنى ئويناشقا شۇنچە ئۇستا بولۇپ كەتكىنىگە ھەيران ئىدىم. "قاچانلاردا شۇنداق ئوينىيالايدىغان بولارمەن؟" دەپمۇ ئويلىدىم.
    ساۋاقداشلاريىغىلشىدىن كۆڭلۈم يېرىم بولغان ھالدا قايتتىم. چۈنكى، مەن پىلى ئۇسۇلىنى ئوينىيالمايتتىم. ئوينىيالمايتتىملا ئەمەس، ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتاتتىم. بەل، پۇت، قول، بېلەكنى ئەۋرىشىم تۇتۇپ ئوينايدىغان بۇ ئۇسسۇلغا بولغان ھەيرانلىقىم بېسىقماي تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدەئۈرۈمچىدىن ئۆيىمىزگە بىر تۇغقىنىمىز مېھىمان بولۇپ كەلدى. بىر كۈنى كەچتەتۇغقىنىمىزنىڭ ئوغلى بۇ ئۇسسۇلنى ئۆيىمىزدە يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئويناپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن پىلى ئۇسسۇلىغا بولغان ھەيرانلىقىم يەنە بىر قېتىم قوزغالدى. ئەسلى بىلسەم، بۇ ئۇسسۇل يۇرتۇم ئۇچتۇرپانغا ئۈرۈمچىدىن تارقالغانىكەن. مەھەلىمىزدەتېلېۋىزورنىڭ يېڭىدىن پەيدا بولۇۋاتقىنىغا قارىماي  پىلى ئۇسسۇلى شۇنچە تېز تارقالغانىدى.  مەن ھېلىھەم تور-ئالاقە ۋاستىسى ھېچقانچە تەرەققىي قىلمىغان شۇ يىللاردا بۇ غەرب ئۇسسۇلىنىڭ چېگرادىكى خىلۋەت ماكان ئۇچتۇرپان ناھىيسدە قانداقسىگە بۇنچە تېز ھەم كەڭ دائىرىلىك ئومۇملاشقىنىغا ھازىرمۇھەيرانمەن. خاتالاشمىسام، بۇ 1988-يىلنىڭ ياز ئايلىرى بولۇپ، مېنىڭ تولۇقسىز 3-يىللىقتائوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. مەن شۇ چاغدا 13 ياشقا كىرگەنىدىم.
   ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي پىلى ئۇسسۇلىنىڭ ئورنىغا  "جېيمى ئۇسۇلى " دەيدىغان يەنە بىر چەت ئەل ئۇسسۇلى مودا بولدى. بۇئۇسسۇلنىڭ مۇزىكىلىرى ئۇچتۇرپان ناھيىسىنىڭ مەركىزىدىكى  ئاشخانىلارنىڭ ئۈنئالغۇلىرىدا ياڭراپ تۇراتتى. ئۆيۈمدىن ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپكە ماڭغۇچە بولغان ئارىلىقتا بۇئۇسسۇلنىڭ كۆرۈنۈشىنى سىنئالغۇلاردىن پات-پات كۆرۈپ قالاتتىم. "ئادامى دسىكو" دېگەن مسىرالىرىنى چۈشەنمىسەممۇ پات-پات غىڭشىپ قوياتتۇق. ئولتۇرۇشلار بولغاندا شوقراق ساۋاقداشلىرىم ئۈنئالغۇلارنى سورۇنلارغا كۆتۈرۈپ باراتتى. 1992-يىلى كۈزدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىېتىغا قوبۇل قىلىنغنىىمدىن كېيىن ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىغا بىر نەچچەقېتىم رەسىمگە چۈشكىلى باردۇق. مەن شۇ چاغدىمۇ ئۈرۈمچى ياشلىرىنىڭ توپ-توپ بولۇپ جېيىمى ئۇسسۇلى ئويناش ئۈچۈن خەلق مەيدانىغا ئېقىۋاتقانلىقىنى ياكى شۇ يەردەشوخ مۇزىكىغا كەلتۈرۈپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدىم.  جېيمى ئۇسۇلىمۇ مېنى ئوخشاشلا ھەيران قالدۇردى.
  مېنى ئوينىيالمىغىنىم ئۈچۈن ھەسرەتلەندۈرگەن ئۈچىنچى ئۇسۇل 40-يىللاردىن ھازىرغىچەزامانىۋىلىققا ئىنتىلىدىغان ياشلار ئارىسىدا مودا بولۇپ كېلۋاتقان تانسا بولدى. ئۇ 1992-يىلنىڭ ئۆكتەبىر ئېيى ئىدى. ھەربىي مەشىقنى تۈگىتىپ بىر ئاي بولغاندا جۇڭگوتىللىرى ڧاكۇلتېتىنىەڭ يۇقىرى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋالدى. چىراغلىرى غۇۋا يورۇپ تۇرغان تانسا زالىدا پاكۇلتېتىمىز ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بىلەن چىرايلىق بىر قىز ۋالسىقا شۇنچە كېلشتۈرۈپ پىرقىرىدىكى، مەنە يەنە بىر قېتىم قاتتىق مەيۈسلىنىپ كەتتىم. چۈنكى، مەن تانسا بىلمەيتتىم. بۇتانسا ئويناشقا خۇشتارلىقىمدىن ئەمەس ئىدى، بەلكى ئۆزۈمنى مەتۇدەك، كالامپايدەك ھېس قىلىپ ئازابلانغانىدىم. ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە ، دەرس باشلىنىپ ئىككى ھەپتەئۆتكەندە مايكل جېكسوننىڭ گېپى چىققاندا، "كىم ئۇ مايكىل جېكسون دېگەن ؟"دەپ سوراپ مازاققا قالدىم. قىزلار تانسابىلمىگەن ئوغۇللارنى ئانچە يارىتىپ كەتمەيتتى. شۇڭلاشقىمۇسىنپىمىزدىكى تانىسغا ئۇستا بىر ئوغۇل ساۋاقدىشىمغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ تانسا ئويناشنى ئۆگەندىم. ئەمما، زامانىۋىلىقنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان جەمئيەتشۇناسلىق كەسپىدە ئامېرىكىدا ئوقۇغىنىمدىن كېيىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، تانسائويناشنىڭ، جېكسوننىڭ كىملىكىنى بىلىش-بىلمەسلىكىمنىڭ مەدەنيىلىك، زامانىۋىلىق بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقكەن.
     ئۇيغۇرلار تېزسۈرئەتتە قوبۇل قىلىپ شاللىغان ھەم مېنىڭ ئېسىمدىن چىقمايدىغان تۆتىنچى ئۇسسۇل توشقان ئۇسسۇلى بولدى. بۇ ئۇسسۇل شەھەر ئۇيغۇرلىرى ئارىسدا 21-ئەسرھارپىسىنىڭ ئالدى-كەينىدە پەيدا بولدى.  ئۇسسۇلدا بىر توپ ئادەم ياش، جىنىس سۈرۈشتۈرمەي بىر-بىرىگەئېسلىپ توشقاننى دوراپ ئوينايتتى. مۇزىكا ئەۋجىگە چىققاندا "ماڭ!ماڭ!"دېگەن بۇيرۇق بىلەن ئويناۋاتقانلار تاقلاشقا باشلايتتى. بارا-باراسەپ يوغىناپ قىز-يىگىت، چوڭ-كىچىك دېمەي ھەممە ئادەمتەڭ  پىرقىرايتتى. ئۇسسۇل تەخمىنەن بىر-ئىككىيىلدەك مودا بولۇپ يوقاپ كەتتى.
    گاڭنام ئۇسسۇلى 2013-يىلى ئامېرىكىدا دوكتۇرلۇق ئوقۇشۇمنى تۈگىتىپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگىنىمدىن كېيىن مېنى ھەيران قالدۇرغان  يەنە بىر ئۇسسۇل بولدى. ئامېرىكىدا تۇرغان چېغىمدا بۇ ئۇسسۇلنىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىغان بولساممۇ بىرەر ئادەمنىڭ بۇ ئۇسسۇلنى نەق مەيداندا ئوينىغىنىنى كۆرمىگەنىكەنمەن. بۇ ئۇسسسۇل ئۈرۈمچىدە نەچچە قېتىم سۈننەت تويلىرىدا بالىلار تەرىپىدىن ئوينالدى. بۇئۇسسۇل ئوينالغان چاغدىكى جۇشقۇن كەيپىيات مېنى ھەيران قالدۇراتتى.
     ئارىدائۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا، تاللا بازارلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئويۇنچۇق ماشنىلاردا گاڭنام ئۇسسۇلىنىڭ ئوينىلۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرئۆسمۈرلىرىنىڭ بۇ ئۇسسۇل مۇزىكىسىغا كەلتۈرۈپ بەدەنلىرىنى لىڭشتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئۇسسۇلنىڭ بەش خىل ۋارىيانتىنىڭ ئۇيغۇرلاردا تارقىلشىقا ئۈلگۈرگەنلىكىنى بايقىدىم. ئاشۇ ۋارىيانتلار ئىچىدە تۇرپانچە گاڭنام ئۇسلۇبى ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ.  تۇرپانلىق ئەما ناخشىچى ئىبراھىم قۇربان ئۆزلەشتۈرۈپ ئشىلىگەن تۇرپانچەگاڭنام ئۇسسۇلىدا بوۋاي-موماي، چوڭ-كىچىك ھەممە ئادەم ئۇسسۇلغاچۈشىىدۇ. كەيپىيات شۇنچلىك جۇشقۇن. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن گاڭنام ئۇسسۇلىنىڭ غۇلجىچە ۋە باشقىچە ۋارىيانتلىرىنىمۇ كۆرۈشكە ئۈلگۈردۈم. گاڭنام ئۇسسۇلىغا بولغان بۇنداق كۈچلۈك قىزغىنلىقنى مەن ئامېرىكىدا تۇرغان چېغىمدىمۇكۆرمىگەنىدىم.
     يۇقىرىدا  تىلغا ئېلىنغان، بىزگە تاراتقۇلارنىڭ ۋاستىسىدە چەت ئەلدىن كىرگەن بەش ئۇسسۇل ئۇيغۇرلارنىڭ 1978-يىلدىن كېيىنكى مەدەنيىلىشىش مۇساپسىىدە پەيدا بولغان شەكلىي ئويغىنىش، دورالغان مەدەنىيەت ۋە شەكلەن زامانىۋىلىق ھادىسىسىنى سۈرەتلەپ بېرىدىغان تىپىك بىر مىسال. گەرچە بۇ 35يىللىق جەمئىيەت تارىخىمىزدىكى ئومۇمىيلىققا ئىگە ھادىسە بولالمىسىمۇ ھەم ھەممە ئۇيغۇر بۇئۇسسۇللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان بولسىمۇ، ئەمما يېڭىلىققا قارا-قويۇق ئىنتىلىدىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھازىرغىچە  زامانىۋىلىق ۋە مەدەنيىلىكنى شەكىل جەھەتتىن، ھادىسىۋىي نۇقتىدىن چۈشىنپكېلۋاتقانلىقى ۋە شۇنىڭ نەتىجىسىدە بىر قاتار كۆپۈك رېئاللىق كارتىنىلىرىنىڭ جەمئيىتمىزدە پەيدا بولۇشقائۈلگۈرگەنلىكى ئايان بىر پاكىت. يەنە شۇنىڭدەك، زامانىۋىلىشىش، مەدەنيىلىشىش مۇساپىسى ھەققىدىكى ئىزدىنشلىرىمىزغا خۇشياقىدىغان تەپەككۇر شەكلى ۋە ئاۋام پىسخولوگىيسىنىڭ تامغىسى بېسلغان بولغاچقا، مەدەنىيەت تارىخىمىزدا ئەقلىي ئويغىنىش ئەمەس، شەكلىي ئويغىنىش بارلىققاكېلىپ، زامانىۋىلىق ھەققىدىكى چۈشەنچىمىز ھېسسىي باسقۇچتا، مەدەنيىلىشىشتىرىشچانلىقىمىز ھادىسۋىي بىر نۇقتىدا تۇرۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك،يۈرۈش-تۇرۇش، ناخشا-ئۇسسۇل جەھەتتە باشقىلارنى دوراش-- شەكلەن زامانىۋىلىقنىڭ ۋە دورالغان مەدەنىيەتكە بولغان خۇشسس خۇشتارلىقنىڭ بىر خىل ئىپادىسى. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىىسى ھەقىقىي زامانىۋىلىققاباراۋەر ئەمەس. ھەقىقىي زامانىۋىلىقنىڭ مەزمۇن قاتلىمى كۆپ تەرەپىلىملىك ۋە چوڭقۇر بولىدۇ ھەم بىزدىن ئەقلىي بولۇشنى، ئىلىم-تېخىكىدايېڭىلىق يارتىشىنى ۋە مەدەنيىلىشىش جەريانىدا باسقان قەدەملىرىمىز توغرۇلۇق قايتىدىن ئويلىنشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ۋاھالەنكى، كۈنىمىزدە زامانىۋىلىق، مەدەنىيەتقالپىقى ئاستىدا شەكلەن زامانىۋىلىق تەشەببۇسى تەرغىپ قىلىنماقتا. بۇتەشەببۇسلاردا ئەقلىي ئويلىنىش كەمچىل. ئويلىنىش، ئەقليىلىك ئاساسىدا كۆرستىلمىگەن ھەرقانداق زامانۋىلىشىش تىرىشچانلىقى ئەمەلىيەتتە بىزنى مەدەنيىلىش ساراڭلىقىغامۇپتىلا قىلىپ ئىلگرىلەش يولىمىزدىن ئازدۇرىدۇ.
         شۇ ۋەجىدىن "ھەقىقىي زامانىۋىلىق دېگەن نېمە؟" دېگەن يادرولۇق سوئالنى چۆرىدىگەن ھالداجەمئيتىمىزدە كۆرۈلۈۋاتقان شەكلەن زامانىۋىلىق ۋە دورالغان مەدەنىيەت ھادىىسىسى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش ئارتۇقچە ئىش ئەمەس. بۇ ماقالىمىز مۇشۇئىجتىمائىي ھادىسە ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزىدۇ ۋە كونكىرىت يوسۇندا تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشقا تىرىشىدۇ:
     نېمشىقاكىشىلىرىمىز زامانىۋىيىلىقنى شەكىل جەھەتتىن چۈشىنىدۇ؟ شەكلەن زامانىيۋىلىقنى ۋەكۆپۈك رېئاللىقنى قانداق ئىجتىمائىي ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان؟ ھەقىقىي زامانىۋىلىق قانداق بولىدۇ؟ زامانىۋىي جەمئىيەتنىڭ بىز كۈتكەن، كۈتمىگەن ئاقىۋەتلىرى قايسىلار؟
        يۇقىرىقى سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن بىز جەمئيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى "ياندىن كۆزىتىش"، "زىيارەت قىلىش"، "ھايات كەچمىشى" قاتارلىق مېتودلاردىن پايدىلىنىمىز ۋە مۇناسىۋەتلىك دەلىل-پاكىت، مىساللار ئاساسىداتۆۋەندىكى بەش نۇقتنەزەرنى ئىسپاتلاشقا تىرشىمىز:
        بىرىنچى، دورالغان مەدەنىيەت زامانىۋىي مەدەنىيەت ئەمەس.  ئۇيغۇرلاردا  دورالغان مەدەنىيەتكۆپۈك، ھەجىۋىي رېئاللىق پەيدا قىلىۋاتىدۇ.
         ئىككىنچى، مەدەنيىلشىشكە،زامانىۋىيلىشىشقا شۇنچە ئىنتىلىمىز. ئەمما، تىرشچانلىقىمىز ئەقلىي تۈس ئالمىغىنى ئۈچۈنبىمەنە بىر رېئاللىق پەيدا بولۇۋاتىدۇ. ئۆزىگە خاس بەلگىلەرنى، سىمۋوللارنى، ئەنئەنىنىۋەيران قىلىش بەدىلىگە زامانىۋىلاشماقچى بولغان مىللەت مەدەنىيىلىشىش قاپقىنىغاچۈشۈۋاتقان بولىدۇ.
       ئۈچىنچى، ئېكرانلىشىۋاتقان پۈچەكلىك،شەكلەن زامانىۋىلىق ۋە دورالغان مەدەنىيەت ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە. مەدەنيىلىشىش ساراڭلىقىنىڭ جەمئىيەتلىشىشىدەئېكران ۋە تاراتقۇلار زەربىدارلىق رولىنى ئويناۋاتىدۇ.
       تۆتىنچى، زامانىۋىيلىق ئەقلىي بولۇشنى ۋە زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرگە ئەقلىي مۇئامىلە قىلشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەقىقىي زامانىۋىيلىق دۇنيا بىلەن ئۆزىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەقلىي رەۋىشتە تونۇغاندىلا ۋەقەلب ھۆر بولغاندىلا يۈز بېرىدۇ. ھەقىقىي مەدەنيىلىك ۋە ھەقىقىي زامانىۋىلىق بىزدىن قايتىدىن ئويلىنىش ۋە ئۆز-ئۆزىمىزنى تەنقىد قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ.        

مەسلىنىڭ ئىپادىلىرى: دورالغان مەدەنىيەت ۋە شەكلەن زامانىۋىيىلىق
«زامانىۋىلىشىش»، «مەدەنيىلىشىش» مۇساپىمىزدىن بىركۆرۈنۈش
^^^   ئۆز ئەنئەنىسىنى مەسخىرە قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار
     «مېھمان» ناملىق ئېتوتنىڭ 2-قىسىمى. بىر قاتار كۆرۈنۈشلەردىن كېيىن باش رولچى غەرق مەست ھالەتتە ئاۋۋال تاھارەت ئالىدۇ؛ تاھارەت ئالغاچ مەزى-مەزى دېشيىنى ئۇنتۇمايدۇ. ئاندىن يەنە بىرئەرنىڭ قولىنى بوينىدىن ئارتىلدۇرۇپ تانسا ئويناشقا تۇتۇنىدۇ. ئارىدا"تانسا ئوينىمىسىلا نېمىگە كەلگەن خېنىم" دېيشنىمۇ ئۇنتۇمايدۇ. تاماشىبنىلارئارىسىدا قىقاس-چۇقان كۆتۈرۈلىدۇ.
      «ساۋۇر بوتكىنىڭ ئۆلۈمى» ناملىق ئېتوت. باش قەھرىمان ساۋۇر بوتكىنىڭ ئۆلۈم خەۋرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن غەرق مەست ھالەتتە ئامىن دېشيىنى ئۇنتۇمايدۇ ۋە يېنىدىكى سەپدىشىغا "تاھارەت ئېلشىنى ئۇنتۇمايلى جۇمۇ" دېيشىنى ئۇنتۇمايدۇ.
       خوگوخانىغا ئايلانغان جام چايخانىسى
    2013-يىلى دىكابىر. ئۈرۈمچى ئىتتىپاق كوچىسىغا جايلاشقان جام چايخانىسىنىڭ تاقىلىپ ئورنىغا خوگوخانىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئاڭلاپ زىيارەتكە كەلدىم. مىللىي ئۇسلۇبتا بېزەلگەن ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىشتا ئاكتىپ رول ئۆتەپ كېلىۋاتقان جام چايخانىسىنىڭ ھالا بۈگۈنكى كۈنگەكەلگەندە خوگوخانىغا ئۆزگەرتىلىشى  مېنى ھەيران قالدۇرغانىدى. زىيارەتتىن كېيىن شۇنىسى مەلۇم بولدىكى، ئەسلى ھازىر خېلى بىر تۈركۈم كىشىلەردە مىللىي تائاملارغا ئەمەس، خوگو قاتارلىق  تاماقلارغا بەكرەك ئېھتىياج كۈچلۈك ئىكەن.
   ناۋاقىزغىنلىقى ۋە «چولپانلىق» ئىشتىياقى
      2013-يىل كەچكۈز مەزگىلى. شىنجاڭ تېلېۋزىيەئىستانىسسىسى ناۋا پروگراممىسىنىڭ 29-سانى.  ھەپتىدە بىر قېتىم قويۇلىدىغان، نۇرغۇن ئۇيغۇر جۈمە كۈنى كەچتە تەقەززالىق بىلەن كۈتىدىغان ناۋا پروگراممسى تەنقىدىي كۆزەتكەندە كىشىگە گويا ھەممە ئۇيغۇرئۆسمۈر چولپان بولۇشقا قىزىقىدىغاندەك، ھەممە ئىشتراكچى ناۋا پروگراممىسىغاچىقىشنى مۇۋەپپقىيەت قازىنشنىڭ بىر بەلگىسى دەپ قارايدىغاندەك تەسىراتنى بېرىدۇ.
   ناۋاپروگراممىسىنىڭ 29-سانىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. غۇلجىلىق بىر ھەۋەسكار ناخششچى سەھنىدە  ئېيتقان ناخشىسنى يېقىندا تۈگەپ كەتكەن ئانسىغا بېغشىلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. قەشقەرلىك بىر ئايال ئېرىنىڭ توسۇشىغا قارىماي مەخپىي رېپېتس قىلىپ بۇ كېچلىككەقاتناشقانلىقىنى ئېيتقاندا تاماشبىنلار ئارىسىدا كۈلكە كۆتۈرۈلدى. يەنەبىر قىز كېسەل ياتقان ئانىسىغا ناخشىسى ئارقىلىق سالامەتلىك تىلىدى.
    ناۋاپروگراممىىىسغا بولغان قىزىقىشنىڭ بۇ دەرىجىدە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى زىيارەت قىلدىم. ھەر بىر قېتىملىق ناۋا پروگراممىسىغا قاتنىشىش ھەققى ئۇنچە ئەرزان ئەمەس ئىكەن. مۇزىكا ئشىلتىش، ئاككورتلاشتۇرۇش، رېپتېتس قىلىش،كېرەكلىك كىيىملەرنى تىككۈزۈش ئۈچۈن ھەر بىر قاتناشقۇچى كەم دېگەندە 15 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىدىكەن. كېېتىدىغان خىراجەتنىڭ شۇنچە كۆپ بولۇشىغا قارىماي بۇ پروگراممىغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى ئۈزۈلمەيدىكەن.
         *** تۈركىيە بېلىقى ۋە باشقىلار
    2013-يىل 6-ئاي، تۇغقان يوقلاش، لېكسىيە سۆزلەش مۇناسىۋىتى بىلەن كۇچا شەھرىدە تۇرغان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە بىر باغقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان زىياپەتكە قاتنىشىپ قالدىم. زىياپەت ئۈستىدە تۈركىيە بېلىقىغا ئائىت ئاددىيغىنا بىر ۋەقە دىققىتمنى تارتتى. كۈتكۈچىقىز داستىخانغا تۈركىيە بېلىقى دەپ ئات قويۇلغان بىر تاماقنى قويدى.  تاۋاققا زىققا ئۆتكۈزۈلگەن بېلىق ئەتراپىغا سامساق ۋە باشقا كۆكتاتلار سەنئەتلىك تىزىلغانىدى.
__ئېتى نېمە بۇ تامىقىڭلارنىڭ؟
-تۈركىيە بېلىقى، -دېدى كۈتكۈچى قىز.
ئولتۇرغانلار ئوخشاشلا ھەيران قالدۇق. چۈنكى،شۇنچە يىراقتىكى تۈركىيەدىن بېلىقنى بۇ تومۇزدا يۆتكەپ ئەكىلىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى.
-نېمىسى تۈركىيە بېلىقى بۇنىڭ؟كۆلدە بېقىلغان بېلىقلىقى چىقىپ تۇرمامدۇ؟-- دېدى داستخان ئۈستىدە ئولتۇرغان قېرىندىشمىز.
__مەنمۇ بىلمىدىم، -دېدى قىز ئەستايىدىل قىياپەتتە،-ھازىر كىشىلەردە تۈركىيەنىڭ نەرسىلىرىگە قىزىقىش كۈچلۈك. خوجايىنىمىز خېرىدارلارغا شۇنداق تونۇشتۇرۇڭلار،دەپ تاپىلىغانىدى.
  شۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە تۈركىيە قىزغىنلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە تۇرمۇش كارتىنسىغا شاھىت بولدۇم. ھەتتا بۇ خىل قىزىقىشنىڭ دائىرىسى تۈركلەرنىڭ كىيىم-كېچىكىنى دوراشتىن تارتىپ چاي ئچىشىنى دوراشقۇچە كېڭىيىپتۇ. نۇرغۇن ئۇيغۇرقىزلىرى تۈرك يىگىتلىرىگە ياتلىق بولۇشنى شەرەپ دەپ بىلىدىكەن، ئۈرۈمچىدىكى ھەيرانباغ يېمەك-ئچىمەك مەركىزىنىڭ بىرمۇ قەۋىتى ئۇيغۇرلارغا خاس ئۇسۇلدا بېزەلمىگەن، ئاساسلىق خېرىدارلىرى ئۇيغۇر بولسىمۇ قورۇما تىزىملىكىگەئۇيغۇرچە خەت يېزىلمىغان. يەنە كېلىپ يىللاردىن بېرى مىللىي تائام ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى تونۇشتۇرۇشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناۋاتقان جام چايخانىسى مىللىي ئۇسلۇبتا بېزەلگەن بېزەكلىرىنى ئۆزگەرتىپ خوگۇخانىغا ئۆزگىرىپتۇ.
*** كىيىم-كېچەككە باغلانغان زامانىۋىلىق چۈشەنچىسى
    ...مېھمانلار ئولتۇرۇپ بولار-بولماستىنلا يەنە بىر ئايال كىرىپ كەلدى. ئەلى بۇ ئايالنى تونۇغاندەك قىلسىمۇ، قايسى يىللىقلاردا ئوقۇغانلىقىنى ئېسىگە ئالالمىدى. ئايالنىڭ بېشىدا زەرباسقان چەت ئەل ياغلىقى، ئۈستىدە چەت ئەلنىڭ زەرلىك رەختلىرىدىن تىكىلگەن،ۋالىلداپ تۇرىدىغان كۆڭلەك، ئايىغىدا ئىنچىكە پاشىنىلىق چەت ئەل توپلىيى، قاراتومۇرلۇق نېپىز يىپەك پايپاق، بوينىدا ئاجايبپ مارجانلار تۇراتتى. ئاياللاردالان ئۆيگە يۈگۈرۈشۈپ چىقىپ "ۋىيەي تۇرنىسا" دېگىنىچە ئۇنىڭ كىيىملىرىنى كۆرگەزمە قىلشىقا باشلىدى:
-ماۋۇ قەيەرنىڭ مارجىنى، دوستۇم؟
- ھەرەمنىڭ.
-ماۋۇ ياغلىقچۇ؟
-سايۈزىنىڭ.
-كۆڭلىكىنىڭ رەختى ئېسىلكىنا؟
-پاكىستاننىڭ.
-ئايغىچۇ، ئايىغىنى كۆرمەيسىلەربۇ خېنىمنىڭ...
-شياڭگاڭنىڭ.
  ھەتتا قايس بىرىئۇنىڭ كۆڭلىكىنى قايرىپ ئىچىدىكى رۇباشكىسىنىمۇ كۆرۈپ باقتى.
-ئاۋسترالىيىنىڭ،-دەپ ئېلان قىلدى ئۇ تەنتەنە بىلەن.
بۇ ئايال ئەتەي ئۈستەللەرنى پىرقىراپ ئۆتۈپ، مۇھەررىرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى كىيىملەرنىڭ ياراشقان-ياراشمىغانلىقى توغرىسىدا بىر نەرسە دېگىلى بولمىسىمۇ، ئۇ ھازىر ئاتاپ ئۆتكەن رايون-مەملىكەتلەرنىڭ ئسىملىرىلا بىر سەلتەنەت پەيدا قىلاتتى.
           ___مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ "ساۋاقداشلار" ناملىق پوۋېستىدىن [4]

تەھلىل ۋە مۇھاكىمە:  شەكلىي ئويغىنىش ۋە ئېكرانلىشىۋاتقان پۈچەكلىك
          ئۇيغۇرلار تەرەققىياتقا، ئىلگرىلەشكە ۋە يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان مەدەنىي مىللەت. ئەگەر مەدەنىىيەتلىك مىللەت بولمىغىنىدا ئىدى،ئەسىرلەردىن بۇيان ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بوران-چاپقۇنلاردا ئاللىقاچان تارىخ سەھنىسىدىن قالغان،مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قالالمىغان ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشاش داۋامىدا ئاسسسىملاتىسيە بولۇپ كەتكەن بولار ئىدى. ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ روھىدا ۋە كوللېكتىپ ئېڭىدا چۆكمە بولۇپ قالغان ئىممۇنتلىق تەركىبلەر ھەم  ئىندىۋىدالىق بىلەن خاراكېترلەنگەن مەدەنىيەت كودى  ئۇلارنى ئۆز كىملىكىنى، ئۆزىگە خاس سىمۋوللىرىنى ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرىنى مۇۋەپپەققىيەتلىك ھالدا  ساقلاش، بېيتىش، ئسلاھ قىلىش ئىمكانىيتىگەئېرشتۈرۈپ كەلگەنىدى. ئۇيغۇرلار يېڭىلىققا ئىنتلىش ياكى باشقىلارنىڭ مەدەنىيتىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۆز خاسلىقىنى، ئۆز سىمۋوللىرىنى قۇربان قىلغان ياكى تاشلىۋەتكەن ئەمەس. ئۇيغۇرلار 13-ئەسىردىكى موڭغۇل ئستىلاسى ۋە 18-، 19-ئەسىردىكى مانجۇلار ھۆكۈمرانلىقىدىن كېيىنمۇئۆزىنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى ساقلاپ قالالىغانىدى. 1910-يىللاردا قەشقەرقاتارلىق ئالتەشەھەردە زىيارەت ۋە تەكشۈرۈشتە بولغان نۇشرىۋان يائوشېفنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتتىكى ئىممۇنت كۈچىنىڭ يۇقىرىقىلىقىنى تەكىتلەپ يازغان مۇنۇقۇرلىرى يۇقىرىقى گېپىمىزنى دەلىللەيدۇ: «چىنىي تۈركىستان تۈركلىرىگە رەھمەت ئېيتمىسام بولمايدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ تىل، ئۆرپ-ئادىتىگە زوقلىنىدىكەن، دورامچى ئەمەسكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردا تۈركىي تىل ۋە تۈرك ئۆرپ ئادەتلىرى تولىمۇ ياخشى ياخشى ساقلىنىپتۇ» [4].
           نوشرېۋان يائۇشېفنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت خاسلىقىنى ساقلاشتىكى ئارتۇقچىلىقىغا ئىجابىي باھا بەرگىنىگە ئاز كەم يۈز يىل بولدى. ئۇنداقتا،زامانىۋىلىشىش، شەھەرلىشىش مۇساپىسىنىڭ تېزلىششىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان 1978-يىلدىن كېيىن ئشىلار قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ مەدەنيىلشىشىكە شۇنچە ئىنتىلىدىغان چاغداش ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا نوشرىۋان يائوشېفنىڭ ئىجابىي باھاسى ئىزچىلاشتىىمۇ يوق؟
       يۇقىرىدا مىسالغا ئېلىنغان بىر قاتاركۆرۈنۈشلەردىن شۇنىسى مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتۇكى، ئەمەلىيەت دەل ئەكىسىچە.  1980-يىللاردىن بېرى بىر تۈركۈم كىشىلەر ئارىسىدامەدەنىيلىشىش ساراڭلىقى باش كۆتۈرۈپ، كۆپۈك بىر خىل رېئاللىق كۆز ئالدىمىزدا پەيدابولۇۋاتىدۇ.  شەھەرنى مەركەز قىلغان خېلى بىر قىسىم جايلىرىمىزدا قارىغۇلارچەباشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىنى دوراش، ئۆزىنىڭكىنى ياراتماسلىق ياكى قۇربان قىلىش بەدىلىگە باشقىلارنىڭكىنى قارا-قويۇق قوبۇل قىلىش، زامانىۋىلشىشىنى شەكلەن،ھادسىۋىي نۇقتىدىن چۈشىنىش، مەددەنيىلىشىشنىڭ ئىچكى مەزمۇنلىرى ۋە ئەقلىي تەركىبلىرىگە سەل قاراش، مەدەنيىلىشىمىز دەپ ئەنئەنىنى قۇربان قىلىش مايىللىقى ئومۇملاشماقتا. بۇ گەپنى دەلىللەش ئۈچۈن يەنە تۆۋەندىكى پاكىتقىمۇقاراپ ئۆتەيلى:
"زامانىۋىلىشىش"، "مەدەنيىلىشىش"   مۇساپىمىزدىن بىر كۆرۈنۈش
     2013  -يىلى نويابىر ئۈرۈمچى. شىنجاڭ سەنئەت ئىنستتوتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەلۇم بىردېكلاماتسىيە كېچلىكىدە نەپرەت ناملىق ناخشا ئورۇندالدى. مەن جەمئىيەتتەكشۈرۈش مەقستىدە بۇ كېچلىككە قاتنىشىپ كېچلىكنىڭ ئەھۋالىنى ياندىن كۆزەتتىم. ناخشىغائۇسسۇل كىرشىتۈرۈلگەن بولۇپ، يېرىم-يالىڭاچ كىيىنگەن بىر ئۇيغۇر قىز ئاۋۋال ئۆزىگە ماسلىشىپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان يىگىت بىلەن ئىرماش-چىرماش بولدى، ئاندىن توساتتىن ئارقىدىن كېلىپ يىگىتنى ئارقىدىن چىڭڭىدە قۇچاقلىدى.  تاماشبىنلار گۈلدۈراس ئالقىش ياڭراتتى.  قىزنىڭ ئوغۇلغا ئېسلىپ ئۇزۇنغىچە تۇرۇشى ۋە يىگىتنىڭ قىزنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى مۈرىسىگە تەككۈزۈپ چىڭڭىدە چاپلىشىپ ئۇسسۇل ئوينىشى بىلەن نەپرەت ناملىق ناخشىنىڭ مەزمۇنى  ھېچقانداق باغلىنشلقى يوقتەك قىلاتتى.
       يۇقىرىقى كۆرۈنۈشمۇ ئۇيغۇرلاردا يېڭىچەرېئاللىق سۈپىتىدە باش كۆتۈرۈۋاتقان دورالغان مەدەنىيەت ۋە ئېكرانلشىۋاتقان پۈچەكلىك ھادىسىسىنڭ بىر ئىپادىسى.  ئۇنىڭدىن باشقا ماقالىنىڭ باش قىسمىدا تىلغا ئېلىنغان بەش ئۇسسۇلنىڭ ئۇيغۇرلاردا تېز سۈرئەتتە تارقلىشى ۋە ئومۇملىشىشى، 80-يىللاردا سوۋېتنىڭ ۋە شاڭگاڭنىڭ، 90-يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 20-يىللارنىڭ ئاخىرىدا كورىيەنىڭ، 2010-يىللارداتۈركىيەنىڭ كىيىملىرىنىڭ مودا بولۇشى، ناخشا-ئۇسسۇل كونسېرتلىرىدا ئۇيغۇرلار ئېغىر ئالىدىغان يۇقىرىقىدەك شەرمەندە كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئەدەپ كېتىشى ھەم تاماشىبىنلار تەرىپىدىن ئۈن-تىنسزقوبۇل قىلىنىشى بىزنى شەكلەن زامانىۋىلىق ۋە مەدەنيىلشىىش ساراڭلىقىنىڭ جەمئىيەتلىشىشگە ئائىت تىپىك مىسال بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىز مۇشۇمەسلىلىرىگە نەزەرىمىزنى ئاغدۇرغان ۋە ئەقلىيىلىك بىلەن ئويلانغان چېغىمىزداشۇنداق بىر مەسىلىدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرالمايمىز: رادىئو-تېلېۋىزىيەقاتارلىق تاراتقۇلىرىمىز مۇشۇ خىل مايللىقنىڭ كەڭ تارقىلىشىدا، بىر تۈركۈم سادداكشىلەرنىڭ زامانىۋىلىشىش قاپقىنىغا دەسسشىدە زەربىدارلىق رولىنى ئوينىماقتا. مەسىلەن،ياشلارنى سەنئەت باھانىسدە خىيالىي دۇنياغا باشلاۋاتقان ناۋا پروگراممىسىنىڭ ھەپتىدە بىر قويۇلۇشى، "بىر كىتاب بىر ئالەم"، "مائارىپ ۋە تەرەققىيات" قاتارلىق تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنىڭ كۆرۈش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش سەۋەبلىك تاقىلىشى ياكى قايتا تەرتپىكە سېلىنشى كىشىنى  جىددىي ئويغا سالىدۇ.
       بىز زادى زامانىۋىلىقنى ۋە مەدەنىيلىشىشنى قانداق چۈشىنۋاتىمىز؟ ھەقىقىي زامانىۋىيىلىق ۋە ھەقىقىي مەدەنيلىشىش قانداق بولىدۇ؟ئەۋلادلىرىمىزغا پۈچەكلىك ۋە شاكال مەدەنىيەتنىڭ ئۇرۇقىنى مىراس قالدۇرامدۇق؟ بۇمەسىلىلەر ھەققىدە ئويلىنىش ھەقىقىي مەنىدىكى مەدەنىي مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىمىزدا، زامانىۋلىققا يۈرۈش قىلىشىمىزدا كەم بولسا بولمايدۇ. ئويلانغانى غانىكەنىمىز،دورالغان مەدەنىيەتكە ۋە شەكلەن زامانىۋلىققا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ سەۋەب-نەتىجەمۇناسىۋىتىنى نەزەرگە ئېلشىمىز ئۆز سەۋەنلىكىلىرىمىزنى روھىي غالىبيەتچىلەرگە خاسبىر ئۇسۇل بىلەن ئاقلىماسلىقىمىز ۋە ياپماسلىقىمىز لازىم. ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى، دورالغان مەدەنىيەت زامانىۋىي مەدەنىيەت ئەمەس.  ئۇيغۇرلاردا دورالغان مەدەنىيەت كۆپۈك، ھەجىۋىي رېئاللىق پەيدا قىلىۋاتىدۇ.
           ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان چېغىمدا شۇنداقبىر نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغانىدىم. CNN, BBC قاتارلىق غەربنىڭ داڭلىق تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر، فىلىم بېرىلگەندە "ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى" دېگەن ئاتالغۇ ئالاھىدە ئۇرغۇلۇق ئېيتىلاتتى ۋە بۇ مىللەتنىڭ ئسىلام مەدەنيىتىگە مۇناسىۋەتلىك تۇرمۇش شەكىللىرى ۋە مەدەنىيەت ئەمەليىتى نۇقتلىق كۆرستىلەتتى. ئەمما،  بۇماقالىدە تىلغا ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەرگە قارايدىغان بولساق ،   دورالغان مەدەنىيەتنىڭ  بىزدە كۆپۈك، بىمەنە رېئاللىق پەيدا قىلىىۋاتقانلىقى مەلۇم بولىدۇ. مەسىلەن ئالايلى، دىكلاماتسىيە كېچىلىكىدە شۇنچە جىق تاماشىبىننىڭ ئالدىدا ئوغۇلبالىنى قۇچاقلاۋاتقان ۋە يېرىم- يالىڭاچ دېگۈدەك كىيىنگەن ئارتىس ئۇيغۇر قىزى. ئەمما،بۇ  قىزنىڭ غەرپ سەنئتىدىكى  كۆرۈنۈشلەردىن تاراتقۇرلارنىڭ تەسىرىدەزەرەتلەنگىنى ۋە ئۇيغۇر ئەخلاقىدا ئېغىر ئېلىنىدىغان ئشىنى قىلىشىقا كۆنگەنلىكى  ئەمەلىيتىىدىن مەلۇم. ئۇنىڭ ئوغۇلبالىنى ئارقىدىن چىڭڭىدە قۇچاقلاپ تۇرغاندىكى قىياپىتىنى ئۇيغۇر تىياتىرلىردىكى كلاسسىك كۆرۈنۈشلەردىن سەنەمنىڭ غېرىبنىڭ كۆڭۈل ئىزھارىنى ئاڭلىغاندىكى قىزارغان تۇرقىغاۋە غۇنچەمنىڭ نۇرىنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئاڭلىغاندىكى جىددىيلەشكەن ھالىتگە سېلشتۇرساق،مۇنداق بىر پاكىتنى __دورالغان مەدەنىيەتنىڭ ئاقىۋەت پەيداقىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر پەرھىز سسىتېمىسىدا ھار ئېلىنىدىغان ئشىنىڭ بىر مۇنچەئادەم قوبۇل قىلىدىغان ئادەتتكىچە، نورمال مەشغۇلاتقا ئايلىنىپ ھەجىۋىي رېئاللىق پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى  بايقايمىز. قىزىقىپ كۆرۈۋاتقان ۋە چاۋاك چېلىۋاتقان تاماشبىنلارنىڭ كەيپىياتىنى ۋە قوبۇل قىلىىش ئستېتكىسىنى نەزەرگە ئالغاندا، كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولۇۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەجىۋىيىلىك دەرىجىسى تېخىمۇ ئاشىدۇ.  
       ئۇنداقتا بۇ ھادىسە قانداق كېلىپ چىقتى؟فرانىسيىلىك جەمئىيەت نەزەيىچىسى ژان بوردىلياردنىڭ مەدەنىيەت جەمئيتشۇناسلىقىدىكى نوپۇزلۇق قارىشى بويىچە تەھلىل قىلغاندا، دورالغان مەدەنىيەت تاراتقۇلارنىڭ ياردىمىدە نۇسخلىنىش، تارقىلىش ۋە قوبۇل قىلىنش ئارقىلىق جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئېڭىغا تەسىر قىلىدۇ ھەم ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھەيران قالغۇچىلىكى يوقرېئاللىق كارتىنىسىغا ئايلىنىدۇ. بۇ يەردە دېيىلۋاتقان كۆپۈك رېئاللىق تېلېۋزورىكى تۈرلۈك بەلگە ۋە زىيادە جىق ئىماگلارنىڭ ئىسكەنجىسدە قالغان  رېئاللىق. ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان كشىلەر ئۇچۇر ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان كىشىلەردۇر. بۇنداق ئادەملەررېئال ئادەملەرگە، رېئال ھاياتقا ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ ئورنىغا تاراتقۇلاردائىماگلارغا ئىنكاس قايتۇرىدىغان بولىدۇ[5]. بۇ ئەمەلىيەتتە تېلېۋزور ئىسكەنجىسىدە قالغان ھاياتتۇر. بۇنداق ھاياتتا تاماشىبىنلارنىڭ دورالغان،نۇسخلانغان مەدەنىيەت شەكلىگە ئشىنىپ قېلىشى تەبىئىي بىر  ئەھۋال.
      يەنىمۇ ئىلگرىلەپ تەھلىل قىلساق، گاڭنام ئۇسسۇلىنىڭ بەش خىل ئۇيغۇرچە ۋارىيانتىنى چوڭ بىلىپ تارقىتىۋاتقان ئۇيغۇرلارئەمەلىيەتتە دورالغان مەدەنىيەتنى چوڭ بىلىۋاتقان ۋە ئۇنى تارقىتىۋاتقان كشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ئىنتلىۋاتقىنى ئىچى كاۋاك زامانىۋىلىق ۋە شەكلەن مەدەنيىلىكتۇر. بۇئۇرۇنۇشلاردا ئەقلىيىلىك كەمچىل بولغانلىقى ۋە زامانىۋىلىقنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى ئەمەس، پارچە-پۇرات كۆلەڭگۈسى ئەكس ئەتكىنى ئۈچۈن،  ئۇلارنىڭ يېڭىلىق ئىزدەش جەريانى ھەجۋىي بىريوسۇندا داۋام قىلغان. ئەمەلىيەتتە، دورالغان مەدەنىيەت زامانىۋىي مەدەنىيەت ئەمەس. زامانىۋيىلىق ئەقلىي بولۇشنى ۋە مەسلىلەرگە ئەقلىي مۇئامىلە قىلشىىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. كېيىم-كېچەك،مودا مەدەنىيەت، يېمەك-ئچىمەك جەھەتتە باشقىلارنىڭكىنى قوبۇل قىلىش ھەقىقى زامانىۋىيلىق ھېسابلانمايدۇ.
       مەدەنيىلشىشكە، زامانىۋىيلىشىشقا شۇنچەئىنتىلىۋاتىمىز. ئەمما، تىرشچانلىقىمىز ئەقلىي تۈس ئالمىغىنى ئۈچۈن رېئاللىقىمىز بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ. ئۆزىگە خاس بەلگىلەرنى، سىمۋوللارنى، ئەنئەنىنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە زامانىۋىلاشماقچى بولغان مىللەت مەدەنىيىلىشىش قىلتىغىغاچۈشۈۋاتقان بولىدۇ. ھەقىقىي زامانىۋيىلىق دۇنيا بىلەن ئۆزىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەقلىي رەۋىشتە تونۇغاندىلا ۋە قەلب ھۆر بولغاندىلا يۈز بېرىدۇ. بۇمەسلىنى چۈشىنىش ھەقىقىي زامانىۋلىقنىڭ نېمىلىكىنى چۈشىنشنى تەقەززا قىلىدۇ.      
زامانىۋىلىق ۋە ئۇنىڭ كۈتكەن، كۈتمىگەن ئاقىۋەتلىرى
        ئۇنداقتا ھەقىقىي زامانىۋىلىق قانداق بولىدۇ؟ زامانىۋىي مەدەنىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە پارامېتىېرى قايسىلار؟زامانىۋىلىق ئۇقۇمى ئەڭ دەسلەپتە ياۋروپادا 16-ئەسىر بىلەن 19 -ئەسىرئارىلىقىدىكى ئاقارتىش دەۋرىدە پەيدا بولغان بولۇپ، ئەنئەنىدىن چەك-چېگرائاجراتقان جەمئىيەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەشتە ئىشلتىلگەنىدى. زامانىۋىلىققايۈرۈش قىلغان جەمئيەتلەردە ئەقىلنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئەقىلنى ئىشتلىتىش زۆرۈرلۈكى تەكىتلىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئۆزلۈكى ئەنئەنىۋىي تەركىبلەر ئاساسىدائەمەس، زامانىۋىلىق ئېھتىياجىنىڭ تەلىپى بويىچە قايتىدىن لايىھېلىنىدۇ. زامانىۋىي ئادەم ئەقىلنىڭ ياردىمىدە بىر قاتار مېتاڧزىكىلىق ئەندىزىلەر ھەققىدەئورتاق تونۇشقا ئىگە بولۇۋاتقان بولىدۇ. زامانىۋىي جەمئىيەتتە كىشىلەر ئىلىمنى قورال قىلىپ تۇرۇپ تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئېستېتىك ئوبيكېت ۋە ئىستېتىك ھۇزۇرلىنىش ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئاساسىدا ئۆلچىنىدۇ. تارىخ، مەدەنىيەت، ئەنئەنەنىڭ رولىغا سەل قارىلىپ سۇبيكېتىپ ئەركىنلىك قوغلشىلىدۇ. گىرمانىيە جەمئىيەت نەزەرىيىچىسى خابېرماس مۇنداق دەيدۇ: «زامانىۋىيىلىق ھەرگىز يەنە بىر دەۋردە ھۆكۈم سۈرگەن ئەندىزىلەر ۋە ئۆلچەملەرنى ئارىيە ئالمايدۇ. ئۆز دەۋرىنىڭ ئۆلچەم، خاسلىقلىرىنى ئۆزى يارىتىدۇ»[6]
     زامانىۋىلىقنى چۈشىنىش يەنە زامانىۋىي جەمئىيەتلەرنىڭ قانداق پەيدا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشنمۇتەقەززا قىلىدۇ. زامانىۋىي جەمئىيەتلەر ئەڭ ئاۋۋال شىمالىي ئامېرىكىدا ۋە غەربىي ياۋروپادا ئالدىنقى ئىككى ئەسىردە پەيدا بولغان. بۈگۈنكى كۈندە يەر شارىلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىششى، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن  زامانىي جەمئىيەت ۋە زامانىۋىي مەدەنىيەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىدە، جۈملىدىن ئۇنتۇلغان ھەممە بۇلۇڭلارداھەم ئاجىزلار توپى ئارىسىدا ئۆز كۈچىنى كۆرستىشكە باشلىدى .
    جەمئىيەت نەزەرىيىسى "زامانىۋيىلىق دېگەن نېمە؟" دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىش مەقستىدە پەيدا بولغانىدى. ماكرولۇق نۇقتىدىن كۆزەتكەندە، زامانىۋىلىق ئىقتسادىي، سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى ھەم مەدەنىيەت تۈزۈلمىلىرى،ئەنئەنىۋىي تەركىبلەر بىلەن بولغان جىددىيلىك ئاساسىدا خاراكېتېرلىنىدۇ. ئادامسىمىس ۋە كارل ماركىسىنىڭ نەزەرىدە زامانىۋىي ھاياتنىڭ ماتورى بازار ۋە پايدا مەقسەت قىلىنىدىغان ئىشلەپچىقىرىشتۇر[7]. سېن سىمون ۋە ئاۋگۇست كومنىڭ نەزەرىدە ئىلمىي بىلىش ۋە تېخنولوگىيە ئاخىرى زامانىۋيىلىقنى ئەقلىي تەرتىپكە ئىگە قىلىدۇ[8]. ئېمىل دۇركېمنىڭ نەزەرىدە ئىش تەقسىماتى ئېنىق ئايرىلمىسا ھەقىقىي زامانىۋىي جەمئىيەت بارلىققا كەلمەيدۇ[9].   ئۇنىڭدىن باشقا، ئارمىيە، بيوروكراتلىق، ئەدلىيە سىستېمىسى ۋە مائارىپ سىستېمىسى قاتارلىقلارمۇ زامانىۋىي جەمئىيەت دىنامىكىلىرىدۇر.  
          بارلىق جەمئىيەت مۇتەپپەككۇرلىرى ئەمەلىيەتتە زامانىۋىيىلىق مەسلىسىگە ئوخشمىغان نۇقتىدىن جاۋاب بېرىشكەتىرىشقانىدى. جەمئيەتشۇناسلىقنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسى بويىچەقارىغاندا، زامانىۋىي جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى ھېچقانداق يالغۇزئامىل چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. زامانىۋلىق ۋە زامانىۋىي مەدەنىيەت تەرەقققىيات،يېڭىلىق ۋە تېخنىكا ئىنقىلابى پەيدا قىلسىمۇ، يەنە كىشىلەر ئويلاپمۇ ئۈلگۈرمىگەن يوشۇرۇن خېيىم-خەتەر ۋە ئىنسىانيىلىققا يات ئاقىۋەتلەردىن مۇستەسنا ئەمەس. زامانىۋلىقنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋەتلىرىنى تەھلىل قىلىش بىلەن داڭىق چىقارغان مەشھۇر ياۋروپامۇتەپپكۇرلىرىدىن ئانتونى گىددىنسنىڭ ۋە بېكنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، زامانىۋىيىلىق خېيىم-خەتەرگە ھامىلدار[10]. ئەمما، ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، ھېچقانداق جەمئىيەتشۇناس   زامانىۋىيلىقنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋەتلىرىنى  ئالدىن كۆرۈپ يېتەلىگەن ئەمەس. مەسىلەن،زامانۋىلىقمۇساپىسىنىڭ ئۈندۈرمىسى بولمىش گىرمانمىللەتچلىكىنىڭ تەسىرىدەپارتلىغان  ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بالايى-ئاپىىتىنى، مىللىي قىرغىنچلىقنىڭ يىلتىزىنى، يەرشارىلاشقان تور ئىگىلىكىنى، 3-دۇنيا ئەللىرىدە جاھانگىرلىكنىڭ زاۋالىققا يۈز تۇتۇشىنى زامانۋىلىق مەسلىىىسى ھەققىدە ئىزدەنگەن ھېچقانداق مۇتەپپەككۇر ئالدىن پەرەزقىلىشقا ئۈلگۈرمىگەنىدى.
     يەنەشۇنىڭدەك، زامانىۋىلىقنىڭ ئىنسانلارنى زادى نەگە ئاپىرىدىغانلىقىنى ئالدىن ھېس قىلىپ يەتمەكمۇ بەسى مۈشكۈل. زامانىۋىلىق بىزدىن قايتىدىن ئويلىنشنى ۋەئۆزىمىزنىڭ باشقان قەدەملىرىگە تەنقىدي يوسۇندا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ. سەۋەبى،زامانىۋىي جەمئىيەتتە كىشلىك ھوقۇق، ئاۋام مۇنبىرى، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك قاتارلىق قىممەت قاراشلارنىڭ ئۇلۇغلىنىشى نەتىجىسىدە مۇرەككەپ ئىجتىمائىي جەريانلار ۋە جىددىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىدۇ، ئەنئەنىۋىي جەمئىيەتتىكىدىن كەسكىن پەرقلىنىدىغان ھايات شەكلى پەيدا بولىدۇ. ئىلگىرى گۇمان پەيداقىلمىغان تونۇشلارغا ۋە نەرسىلەرگە شۈبىھ تۇغۇلىدۇ. ئۈچىنچى دۇنيائەللىرىدە ۋە تەرەققىي قىلمىغان رايونلاردا زامانىۋلىشىش مۇساپىسى بىلەن تەڭ ئومۇملىشىدىغان كاپىتالىستىك ئىگىلىكنىڭ يەرلىك مەدەنىيەتكە پەيدا قىلىدىغان ۋەيرانچلىقى كۈچلۈك بولىدۇ.
      بىز بۇقاراشلارنى نەزەرىيىۋىي ئاساسقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن زامانىۋىلىقنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋەتلىرىنى ۋە سەلبىي تەرەپلىرىنى تەھلىل قىلىش بىلەن داڭىق چىقارغان داڭلىق مۇتەپەككۇرلارنىڭ قاراشلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى. گرمانيىلىك جەمئيەتشۇناس زىممېلنىڭ نەزەرىدەزامانىۋىي جەمئيەتلەردە شەھەر ھاياتى پەيدا قىلىدىغان جىددىيلىك ۋە ئېنىقسزلىقتىن قېچىش ئۈچۈن كىشىلەر باشقىلاردىن قاچىدىغان بولۇپ قالىدۇ [11]. ناتىستلارزىيانكەشلىكىدىن قېچىپ چىققان جەمئىيەتشۇناس زىگمۇند باۋمەننىڭ قارىشى بويىچەئېيتقاندا، زامانىۋىي جەمئىيەتتە تېخنىكا قوش بىسلىق شەمشەرگە ئوخشايدۇ. ئاشۇتېخنىكىلارغا ئىگە بولغان زامانىۋىي دۆلەتلەر بولسا  تارىختىكى ئەڭ ئېچىنشلىق قىرغىنچلىقلارنىڭ مەنبەسى. ناتىسىزىم تېخنىكىنىڭ قورقۇنچلۇق تەرىپىنى ئىسپاتلىدى[12]. زامانىۋىي جەمئىيەتتە مەدەنىي ھايات ئىجتىمائى يسىتېمىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرايدۇ. نامراتلارنىڭ ئەمگىكى ئېكسپالاتاتىيسە قىلىنىدۇ، زىددىيەتلىك كىملىككە يول ئېچىلىدۇ.
     زامانىۋىي جەمئىيەت پەيدا قىلىدىغان ئەرزىمەس ئادەملەرنى كۈچلۈك تەنقىد قىلغان   گرمان پەيلاسوپى فرېدېرىخ نىچشې بولسازامانىۋىيلىقنى چىرىك ئەخلاق پەيدا قىلىدۇ دەپ تەنقىد قىلىدۇ ۋە مۇنداق يازىدۇ: "زامانىۋىي ئادەمنىڭ ئەخلاق دېگىنى ئەخلاقتەك ئەمەس، دىن دېگىنى دىندەك ئەمەس، ھەقىقەت دېگىنى ھەقىقەتتەك ئەمەس"[13]."زوروئاستېر شۇنداق دەيدۇ"، "ئىزگۈلۈكۋە  رەزىللىكنىڭ ئۇ قېتىدا" قاتارلىق ئەسەرلىرىدە زامانۋىلىق، ئىلگرىلەش دېگەن غايۋىي ئۇقۇملارنىڭ خامخىيالنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. ماركىسمۇ باشقىچەبىر نۇقتدىن چىقىپ زامانىۋىي مەدەنىيەتنى تەنقىد قىلىدۇ. ماركىسنىڭ نەزەرىدەتارىخ دېگىنىمىز ئىجتىمائىي ڧورماتسىيىلەردىكى زىددىيەتلەردىن زەرەتلەنگەن دىئالېكتىك جەريان. ئىناق جەمئىيەت دېگىنىمىز ئەسلىدىن بىر شوئار. بۇ شوئارنىڭ ساختلىقىنى ئېكسپالاتسىيە تۈسىنىئالغان كاپىتالىستىك سىستېما ئاشكارىلاپ بېرىدۇ؛ ئۇنىڭ ئىنسان ئەركىنلىكى دېگىنىمۇقۇرۇق گەپ. ئېكىسپالاتسىيە تۈگىمىسە چىن، ئەقلىي جەمئىيەت قۇرۇش ئۇرۇنۇشى بىر خىل خام خىيالغا ئايلىنىپ قالىدۇ[14].
   
خۇلاسە
         زامانىۋىيىلىق مۇھاكىمىسى كەلگۈسىدىكى ھاياتنى چۆرىدەيدىغان، ئىجتىمائىي ئۆزگرىش ۋە تەرەققىيات بىلەن زىچ باغلانغان مۇھاكىمىدۇر. ھەقىقىي مەنىدە زامانىۋىلىشىش ئۈچۈن كەلگۈسىنى نەزەردەتۇتۇش ۋە ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئېلىش كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋىلىق، مەدەنيىلىشىش ھەققىدىكىئويلىنىشى يېقىنقى ئىش ئەمەس. يىراقنى قويۇپ يېقىننى مىسالغا ئالغاندىمۇ، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋىلىق ھەققىدىكى ئويلىنىشلىرى كۈچەيگەنىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، مەمتىلى ئەپەندى قەلىمىدە تىلغا ئېلىنىغان تەرەققىيات، يېڭلىق تەشەببۇسىنى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋىلىق، مەدەنىيىلىشىش ئارزۇسىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى دەپ ئېيتشقا بولاتتى.   زامانىۋىلىققا ئىنتىلىش ئارزۇسى ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدىكى كاستوم ۋە گالستوكلاردا ئەكىس ئەتكەنىدى.
        دەرۋەقە، تەرەققىيات، يېڭىلىققائىنىتلىدىغان ھەم ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاپ قېلشىنى ئويلايدىغان ھەر قانداق مىللەت  "زامانىۋىلىق دېگەننېمە؟ قانداق زامانىۋىلىشىمىز" دېگەن سوئالغا ھامان دۇچ كېلىدۇ. چۈنكى،زامانىۋىلىق مەسلىلىسى ئەمەلىيەتتە تەرەققىيات مەسلىسدۇر،   مەۋجۇدلۇق مەسلىسىدۇر ھەم ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىدۇر.  مەيلى ياپونلار بولسۇن، مەيلى كورېئانلار بولسۇن،مەيلى تۈركلەر بولسۇن، بۇ سوئال ھەققىدە 20-ئەسىر بېشىدىلا چوڭقۇر، ئەقلىي يوسۇندا ئىزدەنگەن. ئەمما،ماقالىمىزدە قويۇلغان پاكىتلاردا كۆرستىلگەندىكىدەك، جىددىي، تەخىرسىز بىردەۋردە  تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سوئال ھەققىدىكى  ئىزدىنىشى تازا ئەقلىي
يوسۇنداداۋام ئېتەلمەيۋاتىدۇ  .
        زامانىۋىلىق ۋە تەرەققىيات ھەققىدە ئويلانغان ھەم بۇ ئۇ ئويلىنشلىرىنى ئەمەلىيەتتتن ئۆتكۈزگەن مىللەتلەر ئارىسىدا ياپونلار زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنەئوتتۇرىسىدىكى چېگىش مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئەڭ ئاقىلانە يول تۇتقان مىللەت ھېسابلىنىدۇ. 1947-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرشىكەن مەشھۇر گرمان يازغۇچىسى ھېرمان ھېسسى ئۆزىنىڭ "دېمىئان" ناملىق مەشھۇر رومانىدا : "كونىنى ۋەيران قىلمىغان ئاساستا يېڭىلىقنى قۇچاقلا" دېگەنىدى. ياپونلارئۆز ئەنئەنىسىنى ۋەيران قىلمىغان ئاساستا زامانىۋىلىقنى قۇچاقلىغان ۋە تەرەققىيات بىلەن ئۆز مەدەنىيىتى ئارىسىدىكى مۇرەككەپ زىددىيەتنى ئۇستلىق بىلەن ھەل قىلغان مىللەت ئىدى. بۇ تەرىپى ئۆگىنشكە ئەرزىيدۇ. مۇسۇلمان مىللەتلەر ئىچىدە تۈركلەرمۇ ھەم شۇنداق. ئەمما، سەموئېل خانتېڭتون تۈركلەرنى زامانىۋلىشىش مۇساپسىىدىكى ئارىسالدى مىللەت دەپ ئاتايدۇ. سەۋەبى، تۈركىيەزامانىۋلىق مۇساپىسى داۋامىدا ئۆز ئەنئەنىسنى يېېڭىغا ئالماشتۇرۇش، ئەقىدسىنى  تۇنجۇقتۇرۇشتىن خالىي بولالمىغان.  ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي زامانىۋلىقنىڭ مەزمۇن قاتلىمى ئەقلىي ئويلىنىش، سوغۇققان ھەرىكەت،قايتىدىن ئويلىنىش ۋە تەنقىد قاتارلىقلارنى تەشكىل قىلىدۇ. زامانىۋلىق مەسىلىسى ھەققىدە ئەڭ چوڭقۇر ئويلانغان تۇنجى پەيلاسوپ گېگېل: "زامانىۋلىقنى چۈشىنىش ئۇنىڭ ئىچىكى زىددىيەتلىرىنى قوشۇپ چۈشىنشىنى تەقەززاقىلىدۇ" دېگەنىدى[15]. گېگېل يەنە: " تارىخ قايتا تەكرارلىنىدۇ" دېگەنىدى. ئەمدىلىكتەتۈركلەرنىڭ زامانىۋلىشىش مۇساپىسىدىكى ئارسىالدىلىقىنى ۋە سەۋەنلىكلىرىنى ئۇيغۇرلار تەكرارلىماقتا. بۇ ھال جىددىي ئويلىنىشنى  تەقەززا قىلماقتا.  
      ئۇنداقتا،گەپنىڭ توچكىسىنى ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار زامانىۋىلىقنىڭ يۇقىرىقىدەك كۈتمىگەن ئاقىۋەتلىرىدىن ياكى زىددىيەتلىرىدىن ساقلىنشتا قانداق قىلىشى كېرەك؟ جاۋاب شۇكى،زامانىۋلىق مۇساپىسىدە ئېزىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئەنئەنىنىڭ رولىغا مۇراجىئەت قىلىش كېرەك.  ئەنئەنە دېگىنىمىز ئاغزاكى بايان، مۇراسىم ۋە دوراش ئارقلىق بۇرۇندىن ھازىرغا داۋاملىشپ كەلگەن تۇرمۇش شەكلى،ئادەتلەنگەن ياشاش ئۇسۇلى ۋە ئىشەنچ سىستېمىسىدۇر. ئەنئەنە ھەر قانداق ئائىلە،مىللەت ۋە ئىجتىمائىي توپنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى[16]. لېكىن،بۈگۈن ئەنئەنىنى قايتىدىن يارىتىدۇ. زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى داۋامىدائەنئەنىنى تاشلىۋىېتىپ زامانىۋىي مەدەنىيەتنى قارا-قويۇق كۆككە كۆتۈرۈشكەبولمايدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، زامانىۋىي مەدەنىيەت ئەنئەنىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە بارلىققا كەلسە توغرا بولمايدۇ. ئېدۋارد شىللىسنىڭ نەزەرىدەئەنئەنە بىر مىللە ئەزالىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. زامانىۋيىلىق مۇساپسىدە ئەنئەنىنى چۆرۈۋېتشىكە بولمايدۇ[17]. ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىدە،جۈملىدىن رايونىمىزدىكىدەك شەكلەن زامانىۋىيىلاشقان جەمئىيەتلەردە ئەنئەنىنىڭ رولى تېخىمۇ  مۇھىم.
ئىزاھلار
1.      ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر: «خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2010-يىل3-نەشرى، 238-بەت.
2.      ھېرمان ھېسسىي: «دېمىئان»، ئېنگلىزچە، خارپېر روۋ نەشرىياتى، 2009-يىل نەشرى، xi-بەت
3.      مەمىتىمىن ھوشۇر: «مەمتمىن ھوشۇر پوۋېستلىرىدىن تاللانما---ساۋاقداشلار»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1999-يىل نەشرى، 296-بەت.
4.      نۇشرېۋان يائوشېف: «ئالتەشەھەر خاتىرىلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2013-يىلنەشرى، 8-بەت.
5.      زۇلپىقار بارات ئۆزباش: «جەمئىيەتشۇناسلار نېمە دەيدۇ؟»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2011-يىل نەشرى، 284-بەت
6.      يۈرگېن خابېرماس: «زامانىۋىلىق ھەققىدە پەلسەپىۋىي ئېيتىملار»، 7-بەت
Jurgen Habermas: “The Philosophical Discourse of
Modernity”, Cambridge University Press, 1987
7-، 8-، 9. بريان تۇرنېر تۈزگەن كامبىرىج جەمئىيەتشۇناسلىقلۇغىتى، 389-390-بەت
Bryan S. Turner (ed): “The Cambridge Dictionary
of Sociology”, Cambridge University Press, 2006
10. ئۇلرىچ بېك: «خېيىم-خەتەرقاپلىغان جەمئىيەت»
Ulrich Beck: “The Risk Society”, Sage, 1992
Ulrich Beck, Anthony Giddens, Scott Lash: “ReflextiveModernization. Cambridge. Polity Press.
11. گېئورگ زىممېل: «زىممېل مەدەنىيەتھەققىدە"
Georg Simmel: “Simmel on Culture”, London, Sage, 1997
12. زىگمۇند باۋمەن: "زامانىۋىلىق ۋە زىتلىق"
Bauman, Zygmunt: “ Modernity andAmbivalence”, Cornell, Cornell University Press, 1991
13. ۋالتېر كافمەن: "نىچشې: پەيلاسوپ ۋە پىسىخولوگ"، 97-بەت
Walter Kauffman: “Nietzsche: Philosopher,Psychologist, Antichrist. New York: Merdian Books, 1959.
14. ئالېكىس كاللىنوكىس: "جەمئىيەت نەزەريىسى ھەققىدە تارىخىي بايان"
Alex Callinicos: “Social Theory: AHistorical Introduction”,  Polity Press,1999.
15. يۇقىرىقى كىتاب 41-بەت
16. بريان تۇرنېر: "كامبىرىج جەمئيەتشۇناسلىق لۇغىتى"
Bryan S. Turner (ed): “The Cambridge Dictionary ofSociology”,  Cambridge University Press,2006
17. ئېدۋارد شىللىس(ئامېرىكا): "ئەنئەنەھەققىدە" ، 219-بەت
希尔斯(美):论传统,世纪出版集团,上海人民出版社,2009年。
ئاپتور: جەمئيەتشۇناسلىقپەنلىرى دوكتورى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىېتى فىلولوگىيە ئىنستوتىدا
                              

0

تېما

19

دوست

297

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32061
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-12 19:21:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ مىللەت باشقىلارنىڭ مەدىنيىتىنى ناھايتى تىز قۇبۇل قىلدىغان مىللەت  ..مۇشۇ سەۋەپتىنمۇ بىزنىڭ مىللەت نۇرغۇن دولەتنىڭ قالايمىقان مەدىنيىتىنى قارىغۇلاچە قۇبۇل قىلىپ ،بىگۇناھ يېتۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

9

تېما

7

دوست

4502

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18108
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1386
توردىكى ۋاقتى: 433
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-12 19:51:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yaran يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 19:21
بىزنىڭ مىللەت باشقىلارنىڭ مەدىنيىتىنى ناھايتى تىز قۇب ...

توغرا    دوراشنىڭمۇ   شارائىتى  ماس  كەلمىسە   شۇنداق  بولىدىكەن

0

تېما

1

دوست

856

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   71.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32056
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 262
توردىكى ۋاقتى: 149
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-12 20:45:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن «ئىلغار مەدەنىيەتنى قۇبۇل قىلىش» سەپەرۋەرلىكىنى ئاڭلىغاندا ئاتالمىش مەدەنىيەت ئىسلاھاتچىلىرىمىز تەرىپىدىن ئەجداتلىرىمىز ياراتقان شانلىق مەدەنىيەتنى بىر چۆرۈپلا يوققا چىقىرىۋېتىپ،باشقىلارنىڭ كەينىدىن «مەدەنىيەت» ئىزلەپ ئۆزىنى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنى «مارش»قا دەسسىتىۋاتقانلارنى كۆرسەم تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن.
ئەزەلدىن ئۆز مەدەنىيىتى يوقلارغا نىسبەتەن باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىنى قۇبۇل قىلىش ئاسان بولغىنى بىلەن، مەدەنىيىتى بارلارغا نىسبەتەن تولىمۇ تەسكە توختايدىكەن.
شۇڭا بىزگە نىسبەتەن «ئىلغار مەدەنىيەتنى قۇبۇل قىلىش» ئەمەس «ئۆز مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇش» دىسە ھەقىقى بۇلامدىكىن دەپ ئويلايمەن.

0

تېما

0

دوست

27

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32112
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-12 21:55:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xirrkat يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 20:45
مەن «ئىلغار مەدەنىيەتنى قۇبۇل قىلىش» سەپەرۋەرلىكىنى ئ ...

مەن ماۋۇ پىكىرىڭىزگە قوشىلىمەن

0

تېما

1

دوست

2279

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20157
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 708
توردىكى ۋاقتى: 105
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-12 23:16:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھۆرمھتلھيدىغان ئادەمنىڭ بىرسى مۇشۇ

0

تېما

1

دوست

2075

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22168
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 616
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-12 23:25:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زامانىۋلىقنى چۈشىنىش ئۇنىڭ ئىچىكى زىددىيەتلىرىنى قوشۇپ چۈشىنشىنى تەقەززاقىلىدۇ"  ما گەپ ئويلۇنۇشقا چۇشلۇق،

0

تېما

1

دوست

2075

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22168
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 616
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-12 23:26:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كىتاپ بىر ئالەم، پىرگىراممىسى يوقۇلۇپ، ‹‹ناۋا›› ‹‹سادا››  چىقىدىغىنى نىمىدۇ  بۇدا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )