مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدىكى نۇتۇقى
ئايتىللا قۇربان تەرجىمە قىلىپ
بىز چوقۇم ھەر كۈنى تىرىشىپ بۈگۈنگەيۈزلىنىشىمىز كىرەك بىر ئىگىلىكتىكلىگۈچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن،ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئېنىق نىشانىمىز بولۇشىكىرەك .95-يىلى بىر كۈتۈلمىگەن پۇرسەتتە ئامرىكىغا بېرىپ قالدىم .ھەم شۇ يەردەئىنتىرنىت تورىنىڭ سودا ساھەسىدىكى يوشۇرۇن ئېچىش كۈچى بارلىقىنى بايقىدىم .قايتىپكەلگەندىن كىيىن ،مەن ئۆزۈمنىڭ يېقىن ئۆتىدىغان 24دوستۇمنى ئۆيۈمگە چاقىرىپ،ئۇلارغا ئالى مەكتەپتىكى خىزمىتىمدىن ئىستىپا بىرىپ،بىر تور بىكەت قۇرۇش نىيىتىمبارلىىقىنى ئېيىتتىم .ئىككى سائەتتەك بەس-مۇنازىرىدىن كىيىن ،بىز بىلەت تاشلاپئىپادە بىلدۇردۇق.23ئادەم قارشى بىلەت .پەقەت ۋە پەقەت بىر بىلەت مىنىڭ بۇقارارىمنى قوللايتى.كۆپچىلىك بۇ ئىشنى بەكمۇ ئىشەنچىسز كۆرەتتى .ئۇلار ماڭا ،بۇئىشنى قىلما،سەن يا كومپىيۇتىرنى راۋۇرۇسچۈشەنمىسەڭ،ئۇنىڭ ئۈستىگە تور سودىسى ئىبارەت بۇ نەرسە ئەسلىدىنلا مەۋجۇت ئەمەستۇرسا دەپ نەسىھەت قىلاتتى.لىكىن بىر ئاخشام قاتتىق ئويلىنىشتىن كىيىن،ئەتىسىئەتىگەندە مەن يەنىلا ئالى مەكتەپتىكى خىزمىتىمدىن ئىستىپا بىرىپ،ئۆز غايەم ئۈچۈنتىرىشش يولىغا قەدەم قويدۇم.نىمىشقا بۇنداق قىلدىم؟ھازىر ئويلاپ باقسام،مەنئەتراپىمدا نۇرغۇن بىر-بىرىدىن ئىلغار،مۇنەۋەر ياشلارنى بايقىدىم.ئۇلارمۇ ھەر كۈنىكەچتە نۇرغۇن خىياللارنى قىلىدۇ،لىكىن ئەتىسى ئەتىگەندە ئويغانغاندىن كىيىن يەنىلائۆزىنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيانقى مېڭىپكىلىۋاتقان يولى بىلەن داۋاملىق مېڭىۋىرىدۇ.كەچتە ئىشىكتىن كىرگۈچە مەن ئەتەمۇنداق مۇنداق ئىشلارنى قىلىمەن دەيدۇ،لىكىن ئەتىسى ئىشىكتىن چىقىپلا يەنەئالدىنقى كۈندىكىگە ئوخشاش.مۇشۇنداق خىياللا بولۇپ ئەمىلى ھەرىكەت بولمىغاندا ،ئۆزغايەڭ ئۈچۈن بىر ئەمىلىيەت پۇرسىتى بەرمىگنىڭدە،ساڭا مەڭگۈ پۇرسەت بولمايدۇ.مەنمانا مۇشۇنداق ھاماقەتلەرچە ئىگىلىك تىكلەش يولىغا كىرىپ كەتتىم .مەن ئۆزۈمنىقارىغۇ يولۋاسنىڭ ئۈستىدىكى ئەمادەك ھىس قىلاتتىم .چۈنكى مەن كىيىن يەنە نىمەئىشلار بولىدۇ ئويلاپ يىتەلمەيتىم .لىكىن بىر نۇقتا كاللامدا ئىنتايىن ئېنىقئىدى.ئۇ بولسىمۇ ئىنتىرنىت يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە ئىنسانلار تۇرمۇشىغا چوڭ تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.95-يىللىرى ئىنتىرنىتقائىشىنىدىغانلار يوق دىيەرلىك .ھەم ھېچكىممۇ ئىنتىرنىتنىڭ كىشىلەر تۇرمۇشىغا چوڭئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ يىتەلمەيتى.شۇڭا مەن بىلگەيتىسنىڭئىسمىنى قوللىنىپ ،ئىنتىرنىت تورى ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرىپىگە تەسىركۆرسىتدۇ دىدىم .لىكىن مەن مايۈن ، ئىنتىرنىت تورى ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ ھەممەتەرىپىگە تەسىر كۆرسىتدۇ دىدى دىگەنبولسام ھىچكىم ئىشەنمىگەن بولاتتى.شۇڭا مەن بىلگەيتىس ئىنتىرنىت تورى ئىنسانلارتۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرىپىگە تەسىر كۆرسىتدۇ دىدى دىۋىدىم نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرىبۇنى تارقاتتى.ئەمىلىيەتتە بۇ گەپنى مەن دىگەن .95-يىلىىرى بىلگەيتىس تېخىئىنتىرنىت تورىغا قارشى ئىدى. غايە بولغاندىن كىيىن،مىنىڭچە مۇھىمى ئۆز-ئۆزىگەلەۋزى قىلىش .ئۆزى باشلىغان بۇ ئىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بىرىشىكىرەك.لىكىن نۇرغۇن يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلۈگۈچىلەر ھېلى ئۇنى ھېلى بۇنى باھانەقىلىدۇ.ھە دىسىلا شارائىت تېخى ھازىرلانمىدى دەپ قارايدۇ.ئۇنداقتا قانداق قىلىش كىرەك؟مىنىڭچە بولغاندائىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ئۆزى ئۈچۈن شەرت-شارائىت ھازىرلاش.ئەگەر پۇرسەتتېخىچە پىشىپ يىتىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا نۆۋەتنىڭ بىزگە كىلىشى ناتايىن.شۇڭائادەتتە كۆپچىلىك ئورتاق ھالدا ياخشى پۇرسەت ،پىشىپ يىتىلگەن پۇرسەت دەپ قارىغانپۇرسەتنىڭ بىزگە نىسبەتەن ھەقىقى پۇرسەت ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن.ئۆزۈڭنى توختىتىپئىشنى باشلىغان ۋاقتىڭدا ئۆز-ئۆزۈڭگە شۇنداق لەۋزى قىلشىڭ كىرەك،مەن بۇ ئىشنى بەشيىل داۋاملاشتۇرىمەن ياكى ئون يىل داۋاملاشتۇرىمەن.لەۋزى قىلغان ئىكەنسەن ئۇنى قىلىشىڭ كىرەك .مۇشۇنداققىلالىساڭ،ئىشىنىمەنكى،چوقۇم ئۆزۈڭ ئويلىغاندىنمۇ ئۇزۇن قىلالايسەن.يەتتە سەككىزيىلنىڭ ئالدىدا ئەلى بابا نىڭ نامى يوق،مىنىڭ نەخ پۇلۇممۇ يوق.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇچاغلاردا كىشىلەرمۇ ئىكتىرونلۇق سودىغا ئانچە ئىشەنمەيدىغان .ئۇ چاغلاردا ئادەمقوبۇل قىلىشمۇ ئىنتايىن تەس،ئېلىپ قېلىش ئۇنىڭدىنمۇ تەس چاغلار.مەن چاقچاققىلىپ،كوچىدا مېڭىۋاتقان ئادەم بولسىلا،مېيىپ بولمىسىلا،ماڭالىسىلا ھەممىنى قوبۇلقىلىمىز.مانا مۇشۇنداق قىلىپ،بەش ئالتە يىلدىن كىيىن بىز قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ خېلى كۆپ پۇلىمۇ بار بولدى.ھەم ئۆزىگە نىسبەتەنمۇۋاپىقىيەت تۇيغۇسىمۇ بولدى.نىمە ئۈچۈن؟ چۈنكى مەن بىز ھەممىمىزنىڭ ئوخشاشئادەتتىكى ئەدەملەردىن ئىكەنلىكىمىزگە ئىشىنەتتىم.ھەم بىز بىللە قىلىۋاتقانئىشىمىزغا ئىشىنەتتىم.شۇڭا مىنىڭچە بولغاندا ،ئىگىلىك تىكلۈگۈچىنىڭ تىرىشىش نىشانىبولۇشى،ئۆزىگە ۋەدە بىرىشى ،داۋاملاشتۇرالىشى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن. ئۇنىڭدىن باشقا،ئىگىلىك تىكلۈگۈچنىڭ كاللىسىداتۆۋەندىكى ئۈچ مەسلە ئېنىق بولۇشى كىرەك.سەن نىمە ئىش قىلىسەن؟ئاتا-ئاناڭ سىنىنىمە ئىش قىلدۇرماقچى ئەمەس،باشقىلار سىنى نىمە ئىش قىلدۇرماقچى ئەمەس،ياكى سەننىمە قىلىشىڭ كىرەك ئەمەس ،بەلكى سەن ئۆزۈڭ زادى نىمە ئىش قىلماقچى؟سەن نىمە ئىشقىلىدىغىنىڭنى ئېنىق ئويلاپ بولغاندىن كىيىن،مەن نىمە قىلىشىم كىرەك دىگەننىئويلىىشڭ كىرەك،ھەرگىزمۇ مەن نىمە قىلالايمەن دىگەننى ئەمەس.ئىگىلىك تىكلەشتىن بۇرۇن ،نۇرغۇن ئادەم مىنىڭ ئۇ نىمەم بارمىنىڭ بۇ نىمەم بار،مەن ئۇنى قىلالايمەن،مەن بۇنى قىلالايمەن .شۇڭا مەنباشقىلاردىنمۇ ياخشى قىلىشىم كىرەك دەپ ئويلايدۇ.مەن قەتئى ئىشىنىمەنكى،بۇ دۇنياداسەندىنمۇ قابىلىيەتلىك،سەندىنمۇ ياخشى شارائىتى بارلار بەك كۆپ.لىكىن سەن بۇ ئىشنىھەقىقى ياخشى قىلىشنى ئويلايدىغان ئادەم دۇنيادا پەقەت مەن بىر دەپ تۇرۇپقىلغىنىڭدا سەن چوقۇم ئۇتىسەن.شۇڭا ئاۋال نىمە قىلىشنى ياخشى ئويلاش،ئاندىن نىمىنىقىلىش بىلەن بىرگە نىمىنى قىلماسلىقنىمۇ ياخشى ئويلاش كىرەك.ئىگىلىك تىكلەشجەريانىدىكى تۆت بەش يىل جەرياندا ،مەن ئىشىنىمەن ھەرقانداق بىر شىركەت چوقۇمھەرخىل پۇرسەت ۋە تاللاشلارغا دۇچ كىلىدۇ.ھەربىر تاللاش ۋە پۇرسەت جەريانىدا چوقۇم ئۆزۈڭنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نىشانىڭنى ئىسىڭدىنچىقىرىپ قويماسلىقىڭ كىرەك.قائىدە پىرىنسىپىڭ ئالدىدا چىڭ تۇرالامسەن يوق،ھەرخىلئازدۇرۇشلار ئالدىدا تەۋرەنمەي تۇرالامسەن يوق،ھەرخىل بېسىملارغا بەرداشلىق بىرەلەمسەنيوق ؟ئەڭ ئاخرىدا نىمە ئىش قىلماقچى بولىسەن؟قانچىلىك ۋاقىت داۋاملاشتۇرالايسەن؟ توققۇز يىللىق ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمۈشۈم ماڭاشۇنى ھىس قىلدۇرۇدى:شارائىت بولمىسا شارائىت ھازىرلىشىمىز كىرەك.سىنىڭ تەۋرەنمەسغايەڭ ۋە قابىل قوشۇنىڭ بولىدىكەن،ئەتئى ھالدا ئىجرا قىلدىغانلا بولساڭ ئۆزۈڭكۆزلىگەن قىرغاق سەندىن يىراقتا ئەمەس.ھازىر ئەلى بابا قانداق قىلىپ مۇۋاپىقىيەتقازانغان دىگەندەك كىتاپلار نۇرغۇن.راسىتنى ئېيىتسام ،ئۇ كىتاپلاردىن بىرنىمۇكۆرۈپ باققان ئەمەسمەن،ھەم ئۆزۈم يازغانمۇ ئەمەس.بىر قېتىم ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭزىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىمدا،كىيىنچە ئەلى بابا نىڭ مىڭ بىر خاتالىقى دەپ بىرپارچە كىتاپ يېزىش ئويۇم بارلىقىنى ئېيتىقانىدىم.چۈنكى بىزنىڭ خاتالاشقانجايلىرىمىز بەكمۇ كۆپ.ئەڭ ئاخىرىدا مىنىڭ ئىگىلىك تىكلىگەن ۋە ئىگىلىك تىكلەشكەتەييارلىنىۋاتقان دوستلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغىنىم،يەنىلا ئاشۇ ھەركۈنىئۆزۈمگە دەيدىغان بىر ئېغىز گەپ.بۈگۈن ئىنتايىن گۈزەل،ئەتە بەكمۇ شەپقەتسىز،لىكىنئۆگۈن تېخىمۇ گۈزەل.كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئەتىكى كەچتە ئۆلىدۇ.شۇڭا بىز ھەركۈنىتىرىشىپ بۈگۈنگە يۈزلىنىشمىز كىرەك.كۆپچىلىككە رەھمەت.
|