‹‹ۋۇ سوڭ›› ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە جۇ يەنپىڭ
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
ئەينى يىللىرى پۈتۈن مەملىكەت مىقىياسىدا قويۇلۇپ مىسىلسىز تەسىر قوزغىغان سەككىز قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ـــ ‹‹ۋۇ سوڭ››نى 1983-يىلى شەندۇڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلەنگىنىگە ھازىر توپتوغرا 30 يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەر ۋە نادىر دىيالوگلار كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق. ‹‹ۋۇ سوڭ›› ناملىق بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى جۇڭگونىڭ تۆت مەشھۇر كىلاسسىك ئەسىرىنىڭ بىرى بولغان ‹‹سۇ بويىدا›› ناملىق كاتتا ئەسەردىكى ۋۇ سوڭغا دائىر ۋەقەلىكلەر ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. فىلىمدىكى ‹‹ۋۇ سوڭنىڭ جىڭياڭ داۋىنىدا يولۋاس ئۆلتۈرۈشى››، ‹‹ۋۇ سوڭنىڭ كەيىپ گۇمپىسى بىلەن جياڭ مېنشىننىڭ دۇمبالىشى››، ‹‹ۋۇ سوڭنىڭ سۇركاۋۇل مەھكىمىسىنىڭ توزىقىغا چۈشۈشى››، ‹‹ۋۇ سوڭنىڭ قوشماق ئۆردەك راۋىقىنى قانغا بويىشى››، ‹‹ۋۇ سوڭنىڭ شى مىنچىڭنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈشى›› دېگەندەك بىر قاتار كۆرۈنۈشلەر تېخى ھېچكىمنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق.
تېلېۋىزىيە تىياتىرى ‹‹ۋۇ سوڭ›› جۇڭگونىڭ تېلېۋىزىيە تەرەققىيات تارىخىنىڭ سەھىپىسىگە يېزىلىدۇ. ‹‹ۋۇ سوڭ›› گەرچە كىلاسسىك ئەسەرلەر ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن تۇنجى تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئوخشاش تۈردىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ زور داغدۇغا قوزغىيالىغان ۋە كاتتا ئۇتۇق قازانغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەينى يىللىرى پۈتۈن مەملىكەت مىقىياسىدا ھەممەيلەن دېگۈدەك ‹‹ۋۇ سوڭ›› ناملىق بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان ۋە ۋۇ سوڭدىن ئىبارەت بۇ شەخسنى بىلىدىغان، ئۇنىڭ چامباشىچىلىق ھەرىكەتلىرىنى، نادىر دىيالوگلىرىنى تەقلىد قىلىپ دورايدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مەشھۇر ئەسەرلەر ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن فىلىملەردىكى پېرسۇناژلاردىن ھېچقايسىسى ۋۇ سوڭدەك شۆھرەتكە ئىگە بولغان ئەمەس. ‹‹ۋۇ سوڭ›› ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى تۇنجى بولۇپ مەخسۇس چامباشىچىلىق ئارتىسلىرى چامباشىچلىق ھەرىكەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەشنى، كۆرۈش ئۈنۈمىنى تەكىتلەشنى باشلاپ بەرگەن تۇنجى تېلېۋىزىيە ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى 1983-يىلى جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى ‹‹پەرىزات مۇكاپاتى››نىڭ 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1983-يىلى جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى ‹‹ئالتۇن بۈركۈت›› مۇكاپاتىنىڭ ‹‹مۇنەۋۋەر تېلېۋىزىيە تىياتىرى›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ۋۇ سوڭنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس ـــ جۇ يەنپىڭ ‹‹ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەن.
‹‹ۋۇ سوڭ›› ئوبرازىنى ياراتقان ئارتىس ـــ جۇ يەنپىڭ ھەققىدە
جۇڭگونىڭ ئاتاقلىق كىنو-تېلېۋىزىيە ئارتىسى جۇ يەنپىڭ 1958-يىلى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيئەن شەھىرىدە تۇغۇلغان. 14 ياش ۋاقتىدا جىنەن شەھەرلىك جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكىگە بېرىپ رول ئېلىشنى ئۆگەنگەن. 1978-يىلى شاڭخەي دىراما ئىنىستىتۇتى ئورۇنلاش فاكۇلتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن. مەكتەپتىكى مەزگىلىدە ئۇ جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ دىرامىلىرىدا ئوخشاش بولمىغان روللارنى ئالغان. بىر قېتىم تاساددىپىي پۇرسەتتە جۇ يەنپىڭ بېيجىڭ كىنو ئىستۇدىيەسى يېڭىدىن ئىشلىگەن ‹‹يۈەنشۈەينىڭ ئۆلۈمى›› ناملىق فىلىمدە ما خۇڭخۇنىڭ رولىنى ئالىدۇ. ئارقىدىنلا ئۇ شەندۇڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن سەككىز قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ‹‹ۋۇ سوڭ››دا ۋۇ سوڭنىڭ رولىنى ئېلىشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ ھەمدە 1983-يىلى ئاۋام تېلېۋىزىيەسى ‹‹ئالتۇن بۈركۈت›› مۇكاپاتىنىڭ ‹‹ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس مۇكاپاتى››غا ئېرىشىدۇ. 1982-يىلى ئۇ شاڭخەي دىراما ئىنىستىتۇتىنى پۈتكۈزۈپ، ئېمېي كىنو ئىستۇدىيەسىگە ئارتىسلىققا تەقسىم قىلىنغان.
جۇ يەنپىڭ ھازىرغا قەدەر ‹‹ۋۇ سوڭ›› ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىن باشقا ‹‹يۈەنشۈەينىڭ ئۆلۈمى››، ‹‹پەۋقۇلئاددە جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى 333››، ‹‹قىزىل يوپۇرماق قاپلىغان چىغىر يول››، ‹‹خۇاشيا روھى››، ‹‹208 نومۇرلۇق يولۇچىلار ئايرۇپىلانى››، ‹‹سىرلىق دېلو تەكشۈرگۈچى ديې رېنجيې-1››، ‹‹لۇ دىڭ ھەققىدە قىسسە (يېڭى نۇسخىسى)››، ‹‹ساقچى مۇنبىرىدىكى بوران-چاپقۇن (3) ـــ قارا جەمئىيەتكە زەربە بېرىش مۇھىم دېلو گۇرۇپپىسى››، ‹‹ھۆرمەتلىك مەشقاۋۇلۇم››، ‹‹نەشتەر››، ‹‹چۇ-خەن ھەققىدە قىسسە››، ‹‹تۈزلەڭلىكتىكى گۈلخان›› قاتارلىق كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئالغان.
جۇ يەنپىڭ ئادەتتە گولف توپ ئويناشىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك گولف توپ يىللىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە چېمپيۇن بولغان. ئۇ ھازىر جۇڭگو كىنوچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى ئىشلەتمەكچى بولغان باشقا تور بېكەت، ئۈندىدار سالونلىرى ۋە شەخسلەر ئاپتورنىڭ ئىجازىتىنى ئالغايسىلەر.
ئاپتورنىڭ تېلېفون نومۇرى: 13179827214
ئاپتورنىڭ ئۈندىدار نومۇرى: otyurak001
|