قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1380|ئىنكاس: 3

تۈركيىلەرنىڭ سامانىيلار پادىشاھلىقىدىكى ئورنى ۋە رولى(2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

1

دوست

4316

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   77.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1488
توردىكى ۋاقتى: 246
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-13 16:45:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيلەرنىڭ سامانىيلار پادىشاھلىقىدىكى ئورنى ۋە رولى(2)                                                                 

   ئاپتورى : شۈي شۈيا                                                                                                         

  تەرجىمە قىلغۇچى : ئەخمەت مۆمىن تارىمى                                                                                          

(بۇماقالىدە ئېيتىلغان "تۈركىيلەر" ئەينى دەۋردىكى  ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇماقالە خەنزۇچە "ئوتتۇرا ئاسىياشۇناسلىق " ژۇرنىلىنىڭ 1995 –يىللىق 4–سانىدىن تەرجىمە قىلىنىپ ، " بۇلاق " ژۇرنىلىنىڭ  2007 –5–،6– سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان،ئىزاھاتى قىسقارتىلغان ، ھەجىمى كۆپ بولغانلىقتىن ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ بېرىلدى)
2  
       سامانىيلارپادىشاھلىقى ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن فېئوداللىق دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى خېلىلامۇكەممەل بولغان. سامانىيلارپادىشاھلىقىنى قۇرغۇچى ئىسمائىل ھاكىمىيەت تىكلىگەندىن باشلاپلا ئىككى چوڭ سىستېمىدىن تەركىب تاپقان، خېلىلا مۇستەھكەم بولغان ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن سىياسىي تۈزۈلمىنى ئورنىتىپ چىققان. بۇ ئىككى چوڭ سىستېما دەرگاھ (dargah،يەنى ئوردا) سىستېمىسى ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ دىۋانلىرى ( divan ) سىستېمىسى ئىدى. دىۋان تۈزۈمى ساسانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىلا بار بولۇپ، ئەرەب خەلىپىلىكىدەئابباسىيلار سۇلالىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە سىرتتىن قوبۇل قىلىنغانىدى. سامانىيلار پادىشاھلىقىدا دىۋان ئاساسلىقى خەلق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغان. ئەمما،بەزىدە خەلق ئىشلىرى بىلەن ھەربىي ئىشلارنى ئايرىماق ئىنتايىن تەس بولغان. مەركىزىي ھۆكۈمەت ئون دىۋاندىن (ھازىرقى مىنىستىرلىككە تەڭ كېلىدۇ) تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارغا ۋەزىرلەر (  Wazir، بۇ ئەسلىي ئەرەبچە سۆز بولۇپ، دۆلەت ئەربابى، مىنىستىر دېگەن مەنىدە) باش بولغان. ئون دىۋان ئىچىدىكى ياساۋۇللار بېشى  (Sahib-shura ) دىۋانى ھەربىي ئىشلار مىنىستىرلىكىگە تەڭ بولۇپ، ۋەزىپىسى قوشۇن تەمىناتىنى تارقىتىش ۋە ئىشلىتىشىنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش بولغان. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقى قانۇن - پەرمانلارنى تۈزۈش، مالىيىنى باشقۇرۇش، قانۇننى ئىجرا قىلىش (شەخسىي سوراقلارنى مەھكىمە شەرئى بىر تەرەپ قىلغان)تىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتنى ئۆز ئىچىگەئالغان. ئالدىنقى ئىككى ھوقۇق ۋەزىرلەرگە كۆرە لەشكىرىي ئەمەلدارلارغا مەنسۇپ بولغان. چۈنكى، ۋەزىرلەردە قانۇننى ئىجرا قىلىش ۋاسىتىلىرى كەم ئىدى. سامانىيلار پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە ياساۋۇللار بېشى شاھ ھۆكۈمىنىڭ ئىجراچىسى بولغان. ئەمىر ناسىرⅡ ھاكىمىيەت تۇتقان ۋاقىتتا ئاتاقلىق ئىككى ۋەزىر - جەيھانى ۋە بەلامى مەركىزىي ھۆكۈمەت تەشكىلىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن.ناسىرⅡ يەنە پەرمان چۈشۈرۈپ رىگىستان ( Registan، ئىچكى شەھەر) دا يېڭىدىن سېلىنغان ئوردىنىڭ چوڭ قوۋۇقى ئەتراپىغا مەركىزىي ھۆكۈمەتتىكى ئون دىۋان ئۈچۈن بىردىن ساراي سالدۇرۇپ، ھەرقايسى دىۋانلارنى ئۆز ئورنىدا مۇستەقىل ئىش بېجىرىدىغان قىلغان. دەرگاھ سىستېمىسىمۇ ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنگەن: بىرى، ئەمىر جەمەتىنىڭ ئاقساقىلى باشچىلىقىدىكى خان جەمەتى گۇرۇھى بولۇپ، مەزكۇر ئاقساقال ئوردا مۇپەتتىشى، يەنى ۋەكىل (Vakil)ئەمىلىنى ئۆتىگەن؛ يەنە بىرى، ئوردا ۋەزىرى ھاجىپ (haJib) باشچىلىقىدىكى يات جەمەتلەر گۇرۇھى بولغان. بۇ ئىككى گۇرۇھنىڭ ئوردىدىكى ھوقۇق - مەنپەئەت تالىشىش كۈرىشىدە تۈركىي قۇل ياساۋۇللار مۇھىم رول ئوينىغان. سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ۋەكىلنىڭ نوپۇزى قارىغاندا ھاجىپتىن چوڭ بولغان بولۇپ، گەردىزى (Gardizi) ۋەكىلنى ئەمىر ۋە ۋەزىر بىلەن تەڭ قاتاردا تىلغا ئالغان. ئەمما، ھاجىپ ئوردا ياساۋۇللار قوشۇنىنى باشقۇرىدىغان بولۇپ،ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى قۇرۇقچىبېىشى(Sahib-haras) ئوردا ياساۋۇللار قوشۇنىنىڭ سەردارى بولغان.بۇ ياساۋۇللار ئاساسلىقى ئوردا مەكتىپىدە تەربىيىلىنىپ چىققان تۈركىي قۇللار-"غۇلام"لاردىن تەشكىللەنگەن. غۇلاملارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ھاجىپنىڭ نوپۇزىمۇ چوڭىيىپ بارغان. ھاجىپ بىلەن ۋەكىلنىڭ كۈرىشى نەتىجىسىدەكېيىنكىسىنىڭ ھوقۇقى پەيدىنپەي ئاجىزلاشقان. تۈركىي قۇللار ئۆسۈپ ھاجىپ بولغاندا بولسا، ۋەكىل ئوردا سىياسىي ھاياتىدا ئاساسىي جەھەتتىن ھېچقانداق رول ئوينىيالمىغان. شۇنداق قىلىپ، ئوردا ھاجىپ باشچىلىقىدىكى غۇلاملار تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان. بۇ ۋاقىت كېيىن دېگەندىمۇ 10 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى بولسا كېرەك.سوۋېت ئالىمى ب. گ. غاپوروف ھاجىپ بىلەن ۋەزىرنى ئارىلاشتۇرىۋەتكەن بولۇپ، "ئوكسفورد ئىران تارىخى"دىمۇ خاتا ھالدا "نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا،ۋەزىر دىۋان ئەمەلدارلار تۈزۈلمىسىنىڭ كاتتىبېشى، شۇ سەۋەبتىن ئۇ مۇناسىپ ھالدا ئوردا ئەمەلدارلار تۈزۈلمىسىنىڭمۇ كاتتىبېشى، يەنى ھاجىپتۇر" دېيىلگەن. ئەمەلىيەتتە ۋەزىر بىلەن ھاجىپ ئىككى ئوخشىمىغان سىستېمىنىڭ كاتتىبېشى بولۇپ، 10 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇلار ئۆز ئالدىغا ئەمىر ئالدىدا جاۋابكار بولغان.
   ئوتتۇرائاسىيادىكى ئىلگىرىكى خانلىقلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، سامانىيلار پادىشاھلىقى ئورناتقان ھوقۇقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈلمىسى بىر قەدەر مۇكەممەل بولۇپ، ئۇنىڭ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش دەرىجىسى خېلىلا يۇقىرى بولغان. ئەمما، بۇ خىل ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە يەنىلا نۇرغۇن بۆلۈنمىچىلىك ئامىللىرى ساقلانغان.بىرىنچىدىن، سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ نوپۇزى ماۋەرائۇننەھر رايونىدا تىكلىنىشى بىلەنلا سامانىيلار جەمەتى ناسىر ، ئىسمائىلنى قوللايدىغان ئىككى چوڭ گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتكەن.بۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئۈزۈلمەس ئىچكى نىزالارنىڭ يىلتىزى بولۇپ قالغان. ئىككىنچىدىن، پۇلشۇناسلىق تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نۇرغۇن جايلارنىڭ (مەسىلەن، پەرغانە قاتارلىق جايلارنىڭ)يەرلىك ئاقسۆڭەك ھۆكۈمرانلىرى بۇخارادىكى سامانىيلار پادىشاھلىقى ئەمىرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمدارى ئىكەنلىكىنى نامدىلا ئېتىراپ قىلغان ياكى پەقەتلا ئېتىراپ قىلمىغان. ئۇلار دائىم ئاسىيلىق قىلىپ، ئوردىنىڭ نوپۇزىغا قارشى چىققان. 952-953 - يىللىرى،960-961- يىللىرى، 966 -967 - يىللىرى قابا (پەرغانىدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر) دا قۇيۇلغان ئۈچ خىل مىس تەڭگىدىن قارىغاندا، سامانىيلار پادىشاھلىقى ئەمىرلىرىنىڭ نوپۇزى قابادا 952 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئېتىراپ قىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما 960 - يىلىدىن كېيىن پەقەت نامدىلا ئېتىراپ قىلىنغان، ئەمەلىيەتتە يەرلىك ھۆكۈمران ئاشئاس مۇھەممەد بەگ ۋە مەنسۇر بەكار بەگ ئۆز ئالدىغا پۇل قۇيۇش ھوقۇقىغا ۋە مۇستەقىل ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا ئىگە بولۇۋالغان. ئۈچىنچىدىن، سامانىيلار خانىدانلىقىنىڭ پۈتكۈل بىيوكرات سىياسىي تۈزۈمى دەرگاھ سىستېمىسى ۋە دىۋان سىستېمىسى دەپ ئىككى چوڭ سىستېمىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، تۈركىيلەر ۋە ئىران تىللىقلار ئايرىم - ئايرىم ھالدابىردىن سىستېمىغا باشچىلىق قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قارشىلىق شەكىللىنىپ، تۈركىيلەرنىڭ مەركەزدىن ئېغىش خاھىشى كۈچەيگەن. ئوردىدىكى تۈركىي قۇل ياساۋۇللارنىڭ ھوقۇقىنىڭ كۈچىيىشى،تۈركىي قۇللارنىڭ ھاجىپ بولۇپ ئوردا ئىشلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشىغا ئەگىشىپ، ئوردىدىكى يات مىللەت  كۈچلىرى بىلەن مەركىزىي ھۆكۈمەتتىكى دىۋان كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا ھوقۇق توقۇنۇشى يۈز بەرگەن.ئالدىنقىسىنىڭ سىرتقى ئۆلكىلەردىكى تۈركىي ۋالىيلار بىلەن ئالاقە باغلىشى نەتىجىسىدە تۈركىيلەرنىڭ سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە ئارىلىشىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچەيگەن.
     تۈركىي ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر كۈچىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار بىلەن ئىران تىللىق ئاقسۆڭەكلەر ۋە سامانىيلار ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ناسىرⅡى    943-يىلى4 - ئايدا ۋاپات بولغان. بۇنىڭ بىلەن نوھⅠتەختكە چىققان. ئۇ ساداقەتمەن ئەبۇل فازىل( Abul-fazl )نى ۋەزىرلىككە تەيىنلىگەن. بۇ ۋەزىر ئىسلام دىنىنىڭ ئەمىرىمەرۇپلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان بولۇپ ،تۈركىي ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر ۋە باشقا سەركەردە - لەشكەرلەرنىڭ قاقتى - سوقتىلىق، زورلۇق - زۇمبۇلۇق قىلىشىنى چەكلىگەنلىكتىن، كېيىنكىلەرئۇنى"ئېتىقادقا جېنىنى پىدا قىلغان ھۆكۈمران"(aI-hakim ash-shahid ) دەپ ئاتىغان. بۇ مەزگىلدە سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ مالىيىسدە قىيىنچىلىق كۆرۈلۈپ،خەلقتىن ئېلىنىدىغان ئۇلپان بىلەن باج ھەسسىلەپ ئاشقان. مۇقەددەسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مەزگىلدە يىللىق باج قەرز ئېلىش شەكلى بىلەن ئالدىن يىغىۋېلىنغان. ئەمما،ھۆكۈمەت بۇنداق قەرزنى ئەزەلدىن قايتۇرمىغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، 942 - يىلىلا ھۆكۈمەت خەلقتىن بىر يىلدا ئىككى قېتىم باج ئالغان. گەرچە مۇشۇنداق بولسىمۇ،مالىيە قىيىنچىلىقى يەنىلا تۈگىمىگەن.مالىيە قىيىنچىلىقىنىڭ ئېغىرلىقىدىن قوشۇننىڭ تەمىنات ئالالماسلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەزىر بولغۇچىنىڭ ھۆكۈمرانلىق سىياسىتىنىڭ سەركەردە - لەشكەرلەرنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەپ قويۇشى ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. بۇنىڭ بىلەن قوشۇن ۋە ۋەزىر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئۆتكۈرلەشكەن. ھالبۇكى بۇچاغدا، نوھⅠ قوشۇننىڭ ئۆزى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىغا جىددىي مۇھتاج بولغان، يەنى ئۇ ئۇلارنى مىلادىيە 944 - يىلى خارەزمدا يۈز بەرگەن توپىلاڭنى تىنچىتىشقا، خۇراسان ۋالىيىسى ئەبۇ ئەلى چاغانى (Abu ali Chaghani) بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا، تاغىسى ئىسھاقنىڭ(946 -يىلى خەلىپە ئۇنىڭغا خۇراساننىڭ ھوقۇقىنى بەرگەن )ئىسيانىغا تاقابىل تۇرۇشقا بۇيرۇغان. ئەمما، تۈركىي ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھىنىڭ پېشۋاسى ئىبراھىم بىننى سىمجور (simjur) باشچىلىقىدىكى سەركەردە - لەشكەرلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچىلەر بىلەن بىرلىشىپ، ۋەزىرنى "قوشۇننىڭ تەمىناتىنى بەرمىدى، خۇراسان ۋالىيىسى ئەبۇ ئەلى بىلەن تىل بىرىكتۈردى" دەپ ئەيىبلەپ، ئەمىرنوھⅠ نى ۋەزىر ئەبۇل فازىلنى ئۆلتۈرۈشكە قىستىغان. بۇ تۈركىي ھەربىي ئاقسۆڭەكلەرنىڭ سامانىيلار پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانىنى تىزگىنلىشىنىڭ باشلىنىشى بولغان. شۇنىڭدىن تارتىپ سامانىيلارنىڭ پادىشاھلىق ھوقۇقى ئاجىزلىشىشقا يۈزلىنىپ، تۈركىيلەرنىڭ سامانىيلار خانىدانلىقىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى تىكلىنىشكە،ئىران تىللىقلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقى ئاجىزلىشىشقا باشلىغان.
     900 - يىلى ئەمىر ئىسمائىل سەففارىيلارپادىشاھلىقىنىڭ قولىدىن خۇراساننى تارتىۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن سامانىيلار پادىشاھلىقى قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى ئومۇمەن خۇراساننىڭ ۋالىيىسى بولىدىغان بولدى. ئۇ سىپاھ سالار (Sipah Salar)دەپ نام ئالدى ھەم نىشاپوردا تۇرۇپ شۇ يەردىن ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغىچە بولغان سامانىيلار پادىشاھلىقى زېمىنىنى باشقۇردى.سامانىيلار پادىشاھلىقى مەزگىلىدە كېيىنكى موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدىكىگە ئوخشاش پادىشاھ بىلەن سەركەردىلەر خەلق ئىشلىرىغا مەسئۇل باشلىق تەيىنلەشتە ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىدىغان بولۇپ، بۇمۇتلەق توغرا دەپ قارىلاتتى. ئۇنىڭدىن قالسا، خۇراساننىڭ دېھقانچىلىقى راۋاجلانغان، مەھسۇلاتلىرى مول،ئاب - ھاۋاسى ياخشى بولۇپ، ئالتۇن، كۈمۈش،بىريۇزا، دورا، توقۇلما بۇيۇملار ۋە ئات كۆپ چىقاتتى. شۇ سەۋەبتىن خۇراساننىڭ ۋالىيلىقىمۇ چوڭ ئاقسۆڭەكلەر تالىشىدىغان ئەمەلگە ئايلىنىپ قالغانىدى. غۇلاملارمۇ بېشىغابەخت قۇشى قونسىلا بۇ كۈرەشكە كىرىشىپ كېتەتتى. تەخمىنەن 930 - يىلى ئامۇ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى بىر داڭلىق ئىران تىللىق جەمەتتىن كېلىپ چىققان ئەبۇ ئەلى چاغانى خۇراساننىڭ ۋالىيىسى بولدى. 945 - يىلى ئەتىيازدا خۇراسانلىقلار ئەمىر نوھقا چاغانى ئۈستىدىن ئەرز قىلدى. شۇنىڭ بىلەن نوھ تۈركىي ھەربىي ئاقسۆڭەكلەرگۇرۇھىنىڭ پېشۋاسى ئىبراھىم بىننى سىمجۇرنى چاغانىنىڭ ئورنىغا قويۇش نىيىتىگە كەلدى (تارىخىي ماتېرىياللاردىكى خاتىرىلەر  بەك ئاددىي بولغانلىقتىن،بىز تۈركىيلەرنىڭ ئەمىرنوھنى چاغانىنى ئەمىلىدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇرلاش جەريانىدا قانچىلىك رول ئوينىغانلىقىنى بىلىشكەئامالسىزمىز). ھالبۇكى، چاغانى ئۆزلۈكىدىن ئورنىنى سىمجۇرغا بىكارلاپ بېرىشنى ئەسلا ئويلىمىغانىدى. شۇڭا، ئۇ947- يىلى 1 - ئايدا نوھنىڭ تاغىسى ئىسھاق (يەنە بەزى خاتىرىلەردە ئىبراھىم بىننى ئەھمەدمۇ دېيىلگەن)بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ بۇخاراغا ھۇجۇم قىلدى. خۇراساننىڭ ۋالىيلىقىنى تالىشىش كۈرىشى ئەۋجىگە چىقتى. شۇنداق قىلىپ خۇراساننىڭ ۋالىيلىق ئەمىلى نەچچە قېتىم قولدىن -قولغا ئۆتۈپ (سىمجۇر 849 - يىلى ئەتىيازدا ئۆلدى. نوھ ئارقىدىن يەنە بىر تۈركىي ئاقسۆڭەك، ئىسپىجاپ شەھىرىنىڭ ھۆكۈمدارجەمەتىنىڭ ئەزاسى مەنسۇر بىننى قاراتېگىننى ۋالىي قىلدى. 915 - يىلى مەنسۇر ئۆلۈپ، ئەمىر يەنە چاغانىنى ۋالىي قىلدى. تەخمىنەن 954 - يىلى 7 - ئايداچاغانى يەنە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، تۈركىي  جەمەتتىن بولغان ئەبۇ سەيىد بەكىر  ۋالىي بولدى ھەم ئەمىر قوشۇنىغا باشچىلىق قىلىپ چاغانى بىلەن ئۇرۇش قىلدى), چاغانى گەرچە خەلىپە تەرىپىدىن خۇراساننىڭ ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئاقىۋەتتەبۇ ئەمەلنى ساقلاپ قالالمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن خۇراساننىڭ ۋالىيلىق ئەمىلى بىلەن سامانىيلار قوشۇنىنىڭ قوماندانلىق ھوقۇقى كۆپىنچە تۈركىيلەرنىڭ قولىدا بولدى. تۈركىي ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر قولىدا ھەربىيھوقۇق بولغاچقا، ئەمىرنى قىستاپ ھەرقايسى بەگلەرگە پەرمان چۈشۈرگۈزۈپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، 10 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سامانىيلار جەمەتىنىڭ ئىچكى نىزاسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەرلىك ئىران تىللىق ھەربىي ئاقسۆڭەكلەرنىڭ توپىلىڭى سامانىيلار ئوردىسىنى تۈركىيلەرنى يەنىمۇ ئەتىۋارلاپ، ئۇلار ئارقىلىق بۇ توپىلاڭلارنى تىنچىتىشقا، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەشكە مەجبۇر قىلغان. بۇ ھال شۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان سىياسىي، ئىقتىسادىي ئاساسقا ئىگە بولۇپ بولغان تۈركىي ھەربىي ئاقسۆڭەكلەرنىڭ سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن.945 - يىلى 8 - ئايدا نوھⅠ ئۆلۈپ، ئۇنىڭ بەش ئوغلىنىڭ ئىچىدىكى يېشى چوڭراق ئۈچىنىڭ ھەربىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياساۋۇللار بېشىنى يېنىغا تارتىپ، ئۇلارنى ئۆز ئادىمى، يېقىن ھەمدەمچىسى قىلدى. بۇنىڭدىن شۇ ۋاقىتتا تۈركىي ھەربىي ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئىگەبولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئابدۇلمەلىك(954-961 يىللار)تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، يېڭى ھۆكۈمەت ئۇزۇنغىچە ھوقۇقنى تىزگىنلىيەلمىدى. ئۇ تۈركىي قۇل ياساۋۇللار بېشى ئالىپ تېگىن بىلەن خۇراسان ۋالىيىسى بەكر (بارتولد ئۇنى Bakrb.Malik دېگەن) نىڭ زىددىيىتىدىن پايدىلىنىپ، بەكرنى بىدئەت كارامەتچىلەر (the Karamitah) تەرىپىدىن بۇزۇلدى دەپ،956 - يىلى 12 - ئايدا ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئىبراھىم سىمجۇر ( Muhammad b.IbrahimSimjur) نى خۇراساننىڭ ۋالىيسى قىلدى. بۇ كىشى كۇھىستاننىڭ ئاتا مىراس بېگى ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئالىپ تېگىن باشچىلىقىدىكى تۈركىي ھەربىي گۇرۇھى بۇخارادا ھۆكۈمەتنى تىزگىنلەپ، كۈچى ئىنتايىن زورىيىپ، دۆلەتنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋالدى. ئەمىر مالىكⅠ ئالىپ تېگىننىڭ دوستى ئەبۇ ئەلى بەلامىنى ۋەزىرلىككە تەيىنلىمىگەندە، ۋەزىر نامزاتلىرى قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدىلا (954 - يىلىدىن 959 - يىلىغىچە) ئۇدا تۆت قېتىم ئۆزگەردى. مالىكⅠ ھەم ئۇنىڭ ۋەزىرى يۈسۈپ بىننى ئىسھاق ( AbuMansur Yusuf Ishaq)ھەربىي گۇرۇھنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنۇپ، 960 - يىلى بىر ئالىي سەركەردىنى ئۆلتۈردى. ئەمما، بۇ دۆلەت ئىچىدە مالىمانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بۇنداق ئۇرۇنۇش مەغلۇپ بولۇپ، مالىكⅠ ئامالسىز ئالىپ تېگىننى خۇراساننىڭ ۋالىيسى قىلدى
     ئالىپ تېگىن ئەسلىدە بىر سېتىۋېتىلگەن تۈركىي قۇل بولۇپ،سامانىيلار پادىشاھلىقى ئوردىسىدا ياساۋۇل بولۇش بىلەن سىياسىي ھاياتىنى باشلاپ، ياساۋۇللار بېشى، ئۇلۇغ ھاجىپ بولغانىدى. ئۇ ئۇلۇغ ھاجىپ بولغان ۋاقىتتا ياش ئەمىرگە بېسىم ئىشلىتىپ ئەبۇ ئەلى بەلامىنى ۋەزىرلىككە تەيىنلەتكۈزدى (ئۇ 974 - يىلىغىچە ئەمەلدە ئولتۇرۇپ ئالەمدىن ئۆتتى). گەردىزىنىڭ "زەينۇل ئەخبار"دېگەن ئەسىرىدە كۆرسىتىشىچە، بۇ ۋەزىر شاپائەتچىسى ئالىپ تېگىن بىلەن ئۇنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ھەرقانداق ئىش قىلماسلىققا كېلىشكەنىكەن. ئالىپ تېگىننىڭ ھەيۋىسىدىن قورققان ئەمىر 961 - يىلى 2 - ئاينىڭ ئالدى -كەينىدە خۇراساننىڭ ۋالىيلىقىنى ئۇنىڭغا بېرىشكە مەجبۇر بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئالىپ تېگىن پايتەختتىن ئايرىلىپ، ئەمىر قايتا ئۇنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان بولدى. ھالبۇكى، ئالىپ تېگىن ئۇلۇغ ھاجىپلىقتىن سامانىيلار قوشۇنىنىڭ ئەمىر لەشكىرى ۋە خۇراساننىڭ ۋالىيسى بولغاندىن كېيىن تۈركىي قۇل ياساۋۇللارنى تايانچ قىلغان دەرگاھ سىستېمىسىنىڭ كۈچى بىلەن سىرتقى ئۆلكىلەردىكى تۈركىي ھەربىي ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈچى تېخىمۇ زىچ بىرلىشىپ، دىۋاننى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چەكلەپ، ۋەزىرنىڭ سىياسىي ئورنى يەنىمۇ تۆۋەنلىدى.

   961-  يىلى 11 - ئايدا ئەمىر مالىكⅠ ئاتتىن يىقىلىپ ئۆلدى. بۇنىڭ بىلەن پايتەختتە پاراكەندىچىلىك يۈز بېرىپ، ئوردىمۇ ئەمىرنىڭ قۇل - مۇلازىملىرى تەرىپىدىن بۇلاڭ - تالاڭ قىلىندى ۋە كۆيدۈرۋېتىلدى. بۇ ۋاقىتتا، ئالىپ تېگىن نىشاپوردا ئىدى. ۋەزىر بەلامى ئۇنىڭغا مەكتۇپ يېزىپ تەخت ۋارىسى تىكلەشنى مەسلىھەتلەشتى. شۇنداق قىلىپ، ئالىپ تېگىننىڭ ئارزۇسىغا بىنائەن بەلامى ئەمىر مالىكⅠ نىڭ كىچىك ئوغلى ناسىر نى تەختكە چىقاردى. ئالىپ تېگىننىڭ بۇ بالىنى (16 ياش) يۆلەپ تەختكە چىقىرىشتىكى مەقسىتى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش ئىدى. ئەمما، بۇ فائىق(Faiq) باشچىلىقىدىكى يەنە بىر ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھىنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى يەتكۈزدى.شۇنىڭ بىلەن فائىق سامانىيلار خانىدانىنىڭ بىرقىسم ئەزالىرى بىلەن بىرلىشىپ، ناسىرنى بىر كۈندىن كېيىنلا تەختتىن چۈشۈرۈپ، مالىكⅠ نىڭ ئىنىسى مەنسۇرنى تەختكە چىقاردى. ئۇ دەل مەنسۇر Abu salih Mansur b. Nuh) Ⅰ )ئىدى. ئەمەلىيەتتە فائىقنىڭ ئۆزىمۇ تۈركىي  ياساۋۇللار بېشى بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپلا مەنسۇرنىڭ يېقىنى ئىدى. شۇنداق قىلىپ تەخت ۋارىسى تىكلەش مەسىلىسى تۈركىي ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھىنى پارچىلىۋەتتى. ۋەزىر بەلامى بولسا يەنە يېڭى ھۆكۈمەت تەرەپتە تۇرۇپ، يېڭىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىققان تۈركىي ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ ۋاپات بولغۇچە ئۆزىنىڭ ۋەزىرلىك ئەمىلىنى ساقلاپ قالدى. ئالىپ تېگىن بىرنەچچە قېتىم ئەمىر مەنسۇرⅠنىڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن،962 - يىلى غەزنە (Chazna) نى ئىگىلەپ،ئۇ يەردىكى لەۋىك پادىشاھلىقىنى (Lawiks)ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يېرىم مۇستەقىل بەگلىك قۇردى. غەزنە رايۇنىدا خېلىلا كۆپ قارلۇقلار بولۇپ، ئالىپ تېگىن ئۇلاردىن بىر تۈركىي ياللانما قوشۇن تەشكىللەپ، كېيىنكى غەزنەۋىلەر ئېمپىرىيىسىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ھەربىي ئاساس سالدى. 963 - يىلى ئالىپ تېگىن غەزنىدە ئۆلدى. 977- يىلى ئالىپ تېگىننىڭ قۇلى ھەم كۈيئوغلى، تۈركىي ھەربىي ئاقسۆڭەك سەبۇق تېگىن غەزنىدە قوشۇن تەرىپىدىن تەختكە چىقىرىلىپ، غەزنەۋىلەر پادىشاھلىقىنىڭ ھەقىقىي ئاساسچىسى بولۇپ قالدى. غەزنەۋىلەر پادىشاھلىقى تۈركىيلەر مۇسۇلمان ئىران تىللىقلار زېمىنىدا قۇرغان تۇنجى ھاكىمىيەت بولۇپ، سامانىيلار پادىشاھلىقى زېمىنىدىكى تۈركىيلىشىشنى تۇنجى قېتىم تەشكىللىك ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ،تۈركىيلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئىران تىللىقلارنى يېڭىشى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي ئامىللارنىڭ كۈچىيىشى جەھەتتە زور رول ئوينىدى. غەزنەۋىلەر پادىشاھلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىيلەرنىڭ مۇسۇلمان ئىران تىللىقلار تەرىپىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچى مىللەتتىن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى مىللەتكە ئايلىنىشقا باشلىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولدى.

  تۈركىي ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن تۈركىيلەرئىچىدىكى ئوخشىمىغان مەزھەپلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەت تالىشىش كۈرىشى سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. ئالىپ تېگىن خۇراساننىڭ ۋالىيلىقىدىن قالغاندا، تۇس (Tus) نىڭ ۋالىيسى ئابدۇراززاق  ئالىپ تېگىننىڭ تۆھپىسىگە قارشى چىققانلىقتىن، خۇراساننىڭ ۋالىيلىقىغا ئېرىشتى.ھالبۇكى، دانا ئابدۇرازاق ناۋادا پۇرسەت بولسىلا ئۆزىنىڭ ئورنىنىمۇ باشقا تۈركىي ھەربىي ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تارتىۋالدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.شۇڭا، ئۇ بار كۈچى بىلەن ھوقۇق ئىگىلەش ۋە كېڭەيتىشنى جىددىيلەشتۈرۈپ، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ مەزكۇر رايوننى تالان - تاراج قىلىشىغا يول قويدى ھەم بۇيىلار(Buyids) بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا كىرىشتى. جۈملىدىن ئۇ بۇيىلارنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزىنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، سامانىيلارئوردىسى بىلەن قارشىلىشىشقا ئۇرۇندى. ئەمەلىيەتتە، 954 - يىلى خۇراسان ۋالىيىسى ئەبۇئەلى چاغانى توپىلاڭ كۆتۈرگەن ۋاقىتتىلا تۈركىي ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر بۇيىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنى ئىستىگەنىدى.
       ئەمىر مەنسۇرⅠ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە پەرغانە، سىكىستان (Sijistan) ۋە ئىراق( Irak ) تىكى بارلىق چوڭ ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھى ئۈزلۈكسىز توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ نوپۇزىغا قارشى چىقتى. بۇ بىر تەرەپتىن ئوردىنى تۈركىيلەرنى ئاساس قىلغان قوشۇنغا تايىنىپ توپىلاڭنى تىنچىتىپ، بويۇنتاۋلىق قىلىۋاتقان ئىران ئاقسۆڭەكلىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا تېخىمۇ بەك مەجبۇر قىلسا، يەنە بىرتەرەپتىن تۈركىيلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئىران ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىشىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى. بۇئەھۋالدا سامانىيلار ئوردىسى بىرى بىلەن بىرلىشىپ يەنە بىرىگە قارشى تۇرغاندىلا، جۈملىدىن بىر تۈركىي ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھى ئارقىلىق يەنە بىر تۈركىي ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھىغا تاقابىل تۇرغاندىلا ئاندىن خوراساننىڭ ۋالىيلىقىنى، پادىشاھلىق قوشۇننىڭ ئەمىر لەشكەرلىكىنى تىزگىنلەپ تۇرالايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەمىر مەنسۇرⅠ ئىبراھىم سىمجۇرنى يەنە خۇراساننىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلىدى (ئۇ تۇنجى قېتىم956- يىلى12 - ئايدىن 960 - يىلىنىڭ بېشىغىچە ۋالىي بولغانىدى، بۇ قېتىم 962 - يىلىدىن 982 - يىلىغىچە ۋالىي بولدى). ئۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش بىلەنلا سابىق ۋالىي ئابدۇرازاققا قارشى تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈردى.شۇ ۋاقىتتا ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن خۇراسان ۋالىيسى مەنسۇر بىننى قارا تېگىننىڭ( 951 - يىلى ئۆلگەن)ئوغلى ئەھمەدمۇ ئىبراھىم سىمجۇرنىڭ قوشۇنىدا ئىدى.بۇنىڭدىن ئىسپىجاپتىكى تۈركىي ھۆكۈمران جەمەت ئەزالىرىنىڭمۇ سىمجۇر گۇرۇھىغا قاتناشقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. قوشۇن تەمىناتى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىبراھىم سىمجۇر مەنسۇرⅠ نىڭ يوليورۇقى بىلەن بۇيىلارغا ۋە زىيارلارغا   (ziyarids )ئۇرۇش قوزغىدى ھەم نۇسرەت قۇچتى. سامانىيلار پادىشاھلىقى قوشۇنى يەنە ئالىپ تېگىننىڭ ئوغلى ئىسھاقنىڭ غەزنە ھۆكۈمرانىنى مەغلۇپ قىلىشىغا (965 - يىلى)ياردەم بېرىپ،ئىسھاقنى ئۇ يەردە ماكانلاشتۇردى ھەم پادىشاھلىققا بېقىندۇردى. سىرتقى ئۇرۇشلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن سىمجۇر گۇرۇھىنىڭ ھوقۇقى ۋە كۈچى ناھايىتى تېز زورايدى. بۇنىڭ ئەكسىچە، ۋەزىرنىڭ ھوقۇقى ئۈزلۈكسىز ئاجىزلاپ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىمۇ ئىنتايىن قىسقىراپ كەتتى. نەتىجىدە تۈركىي ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھى-سىمجۇر گۇرۇھى بىلەن ۋەزىر باشچىلىقىدىكى ئىران ئاقسۆڭەكلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ زىددىيىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى.
      ئوخشاش بولمىغان تۈركىي ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش نەتىجىسىدە، ھۆكۈمەت پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ ماجرالارنى ھەل قىلىش ھەم ماۋەرائۇننەھر ۋە خۇراساننىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، چەت - چېگرالاردىكى قارام جايلارغا قاراشقا چولىسى تەگمىدى. بۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقنى تىزگىنلەپ تۇرۇشى زور دەرىجىدە ئاجىزلىشىپ، سامانىيلار پادىشاھلىقى كۆپلىگەن چېگرا رايونلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. مەسىلەن، 969 - يىلى ئەتراپىدا بايتۇز (Baituz) باشچىلىقىدىكى بىر تۈركىي قۇل ياساۋۇللار گۇرۇھى بۇست(Bust) تا ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل بىر ھاكىمىيەت قۇردى. بايتۇز 970 - يىلى قۇيدۇرغان بىر خىل مىس تەڭگىنىڭ ئاستىغا سامانىيلار پادىشاھلىقى ئەمىرىنىڭ ئىسمى چۈشۈرۈلمىگەن. بايتۇز گۇرۇھى بىلەن بۇستتىكى ئەسلىدىكى قاراتېگىن ھاكىمىيىتى(929 - يىلى قۇرۇلغان)ئوتتۇرىسىدا چوقۇمكى مەلۇم باغلىنىش، ۋارىسچانلىق بولغان. تۈركىيلەرنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشى سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، غەربتىكى بۇيىلارنىڭ كېڭەيمىچىلىك قىلىشىغا ھەم سامانىيلار پادىشاھلىقى زېمىنىنى قوشۇۋېلىشىغا پايدىلىق بولدى. 975-976- يىللىرى بۇيىلارنىڭ ھۆكۈمدارى ئەدۇدەل دەۋلە (Adud al-Daula)سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ قولىدىن كىرماننى (Kirman ) تارتىۋالدى. شۇنداقلا تەبەرىستان ۋە گۇرگاندا خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە سامانىيلارنىڭ ئىتتىپاقدىشى، زىيارىلارنىڭ ھۆكۈمدارى قابۇس بىننى ۋەشىمگىر (Qabus b.vushmgir )نى بېسىپ تۇردى. سامانىيلار پادىشاھلىقى غەربتىكى قولدىن كەتكەن زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ،ئەمما بۇيىلارنى پەقەتلا يېڭەلمىدى. 982 - يىلى 3 - ئايدا خۇراسان قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىسى تاس باشچىلىقىدىكى سامانىيلار قوشۇنى بۇيىلار قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ بولدى. بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيەت سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن قوشۇن ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ پارتلىشىنى تېزلەتتى.سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ شەرقىدىكى قاراخانىيلار خانلىقى سامانىيلار پادىشاھلىقىدىكى تۈگمەس مالىمانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، 980 -يىلى ئىسپىجاپنى بېسىۋالدى. بۇنىڭ بىلەن سامانىيلار پادشاھلىقى زېمىنى كۈنسايىن ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىدى
     نوھ Ⅱھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە تۈركىي ھەربىي ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مۇستەقىل بولۇش يۈزسىدىن قوزغىغان فېئودال بۆلۈنمىچىلىكى پەيدىنپەي ئەۋجىگە چىقىپ، سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ ھالاكىتى تېخىمۇ تېزلەتتى.
     976 - يىلى6  - ئايدا ئەمىر مەنسۇر ئۆلۈپ ئورنىغا ئوغلى ئەبۇلقاسىم نوھ (Abul-qasimNuh) تەختكە چىقتى، ئۇ نوھ Ⅱ ئىدى. نوھⅡ نىڭ ئانىسى ۋە ۋەزىر ئەھمەد ئۇتبى  (Abdallah b.Ahmad utbi  ،  ئۇ 977 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ۋەزىر بولغان)ھاكىمىيەتكە نائىبلىق قىلدى.يېڭى ھاكىمىيەت تىكلىنىشى بىلەن مەركىزىي ھۆكۈمەت ئامالسىز كۈچىنىڭ بارىچە قوشۇندىكى تۈركىي باشلىقلارنىڭ، بولۇپمۇ ئىبراھىم سىمجۇرنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولدى.ئىبراھىم سىمجۇر ئەمىر نوھⅡ نىڭ نامىدا ھىرات، نىشاپور، تۇس ۋە ماۋەرائۇننەھر رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ يەنە ئەمىردىن"ناسىرۇد دەۋلە ( Nasir-ud-Daullah ) "دېگەن نامغا ئېرىشىپ، قىزىنى ئەمىرگە ياتلىق قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم سىمجۇرنىڭ ھوقۇقى ۋە كۈچى ئىنتايىن زورىيىپ كەتتى.روشەنكى، بۇنىڭغا ۋەزىر ئۇتبى باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت قاراپ تۇرالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇتبى ئۆز ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ نۇپۇزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ،قوشۇندىكى تۈركىي باشلىقلارنى باش ئەگدۈرۈش نىيىتىگە كەلدى.982- يىلىنىڭ بېشىدا ئۇ نوپۇزى زورىيىپ كەتكەن ئىبراھىمنى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئەمىلىدىن قالدۇرۇپ، ئاتىسىنىڭ قۇلى ئابباس تاس (Abbasi Tash، ئۇ ئەسلىي ئوردىدا ھاجىپ ئىدى) نى خۇراسان قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىسى قىلدى. شۇ چاغدا خۇراسان قوشۇنلىرى سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ بىردىنبىر ھەقىقىي مۇنتىزىم قوشۇنى بولۇپ قالغانىدى. ئۇتبى تاس ۋە فايىق قاتارلىق ياساۋۇللار باشلىقلىرىنى قوشۇن باشلاپ ئىراقتا بۇيىلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ئەۋەتتى. ھالبۇكى شۇ يىلى 3 - ئايدا خۇراسان قوشۇنلىرى گۇرگاندا بۇيىلار قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى (بۇيىلارغا شۇ ۋاقىتتا ئەدۇدەل دەۋلە ھۆكۈمران ئىدى). شۇنىڭ بىلەن ۋەزىر ئۇتبى پەرمان چۈشۈرۈپ مەرۋىدە بىر يېڭى قوشۇن توپلاپ، ئۆزى شەخسەن قوشۇن باشلاپ جەڭ قىلماقچى بولدى. ئەمما، تۈركىي ھەربىي باشلىقلار ۋەزىر بولغۇچىنىڭ ھەربىي ھوقۇق تۇتۇشىغا يول قويالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم سىمجۇر ھاجىپ فايىق بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، قاتىل ياللاپ ئۇتبىنى مەخپىي ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئۇتبىنىڭ قەستكە ئۇچرىشى  بىلەن ئىران تىللىقلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان سامانىيلار پادىشاھلىقى مەركىزىي ھۆكۈمىتى (دىۋان) سىستېمىسى ھوقۇقتىن ئايرىلىپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ۋەزىرلەر ھېچقانداق ھوقۇقى قالماي قۇرۇق جازىغىلا ئايلىنىپ قېلىپ، ھەربىي ئىشلارغا ھەم تۈركىي ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھىنىڭ كۈرىشىگە ئارىلىشالمايدىغان بولدى.تارىخشۇناس ئۇتىبنىڭ دېيىشچە، 987 - يىلدىن كېيىن ۋەزىرلەر ھۆكۈمرانلىق تەرتىپىنى پەقەتلا ئەسلىگە كەلتۈرەلمىگەن."كۆپىنچە ئۆلكىلەردە توپىلاڭچىلار ھوقۇقنى ئىگىلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇمىي كىرىمى ئازىيىپ كەتكەن، لەشكەرلەر ئاھالىلەرنى قەبىھلەرچە ئەزگەن. ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى تۈركىيلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىپ،ۋەزىرلەرنىڭ پەرمانى كۈچتىن قالغان". شۇنداق قىلىپ ھوقۇقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدىكى دىۋان سىستېمىسىمۇ پارچىلانغان.
ئومۇمەن10 - ئەسىرنىڭ40 - يىللىرىدىن 80 - يىللىرىنىڭ بېشىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تۈركىيلەرنىڭ كۈچىنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر سالغاندا، مۇنداق بىر يۈزلىنىشىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، يەنى ئوردىدىكى تۈركىي قۇل ياساۋۇللار گۇرۇھى ئۆز نوپۇزىنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ياساۋۇللار بېشى بولغان ھاجىپلار داۋاملىق ھەربىي ئاقسۆڭەكلەرگۇرۇھى (ئاساسلىقى سىمجۇر جەمەتى) بىلەن زىچ بىرلىشىپ، تۈركىيلەرنىڭ سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئىقتىدارىنى ئۈزۈلۈكسىز زورايتقان. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ۋەزىر باشچىلىقىدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقى بولسا ئۈزلۈكسىز ئاجىزلىغان. ئىككى قېتىملىق زور ئېلىشىش(946 - يىلى ۋەزىر ئەبۇل فازىلنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە 982 - يىلى ۋەزىر ئۇتبىنىڭ مەخپىي ئۆلتۈرۈلۈشى)ئارقىلىق مەركىزىي ھۆكۈمەت ئاقىۋەتتە ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالغان. تۈركىيلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى غەلىبىسى ئوتتۇرائاسىيادىكى تۈركىيلىشىش ئامىللىرى ۋە تۈركىيلەرنىڭ مەركەزدىن ئېغىش يۈزلىنىشىنىڭ كۈچىيىشىنى تېزلىتىپ،سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، بۇيىلار ۋە قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ زېمىنىنى قوشۇۋېلىشىغا پايدىلىق بولغان.

27

تېما

2

دوست

4524

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9423
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 682
تۆھپە : 954
توردىكى ۋاقتى: 394
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 19:13:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر تاجىكىستاندا ئۆز پۇلىنى شۇ خانلىقنىڭ ئىسمى بولغان سامانى نامى بىلەن ئاتايدۇ...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

147

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   49%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34157
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 32
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 10:57:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەخمەد مۆمىن تارىمى ئۇستاز ،ۋاقتىڭىز چىقسا ئايۇب خانلىقىدىكى تۈرك قۇل ئەسكەرلەر ۋە مەمەلىكىيلەر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن بولسىڭىز. ھېچبولمىسا شۇ توغرىسدا يېزىلغان ئوبدانراق يېزىلغان كىتابلار بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ

13

تېما

1

دوست

4316

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   77.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1488
توردىكى ۋاقتى: 246
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 14:37:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ توغرىدا «سالاھىددىن » دەپ بىركىتاپ بولىدىغان، يەنە يېقىندا نەشىر قىلىنغان «ئىلخانىلار خانلىقى تارىخى» دېگەن كىتابتىمۇ بۇ توغرىدا بەزى مەزمۇنلار بار(كىتاپ ئارقىسىدا مەملۇكىلەر خانلىقىنىڭ نەسەبنامە جەدۋىلى بار).
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )