- تىزىملاتقان
- 2014-11-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 182
- نادىر
- 0
- يازما
- 6
ئۆسۈش
60.67%
|
ئەسسالام ھۆرمەتلىك بىلگەجان ، ياخشى تۇرۋاتامسىز ؟
مەن سىزدىن بىر ئىش توغۇرلۇق مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم ، جاۋاپ قايتۇرشىڭىزنى ئۈمىد قىلمەن .
مەن بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىمدىن باشلاپ ئانانىزىم دىگەن ناچار ئادەتكە ئۆگىنىپ قالغان ، ئۇ ۋاقىتلاردا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلمىگەچكە بەك جىق قىلۋېتىپتىمەن ، كىىيىن ئۇنىڭ زىيىننى تونۇپ يېتىپ تاشلىغان ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈردىغان ۋاقىتتا بۇغدا دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئۇرۇق تەكشۈرتكەندە ئۇرۇق سۈپىتى % 33 چىققان ، دوختۇرلار ئون كۈن ئەتراپىدا داۋالاتقاندا ساقىيدىغانلىقنى ، 10000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ، ئۇ ۋاقىتلاردا پۇل بولمىغاچقا داۋالىنالمىغان ، خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن
ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە داۋالانماقچى بولۇپ تەكشۈرتسەم نۆلگە چۈشۈپ قاپتۇ ، ئۇرۇق يوق دەيدۇ ، بۇغدىدىكى دوختۇرلار ئەمدى ساقايمايدۇ ، ئەگەر% 1 بولسىمۇ ساقايتقىلى بولاتتى ،ھازىر نۆلگە چۈشۈپ قاپتۇ ، ئۈمىد يوق دېدى ، كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى .
كىيىن تورلارنى ئاختۇرۇپ شاڭخەيدىكى پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە ئو چوڭ تۇغماسلىقنى داۋالاش دوختۇرخانىسى بىلەن ئالاقىلاشسام ، ھازىرقى تېخنىكا سەۋىيسى بىلەن ئەگەر ئۇرۇقداندىكى ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچى ھۈجەيرە بولسىلا تامامەن داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ ، سەن ئاۋۋال دوختۇرخانىمىزغا كەل ، تەكشۈرۈپ باقساق بىلگىلى بولىدۇ دەيدۇ ، ھازىر قانداق قىلشىمنى بىلەلمىدىم ، توي قىلغىلى ئىككى ئاي بولدى ، ئايالىم ئىككىمىزنىڭ بەك بالىلىق بولغۇمىز بار ، قانداق قىلسام بولار ، بۇ كېسەلنى زادى داۋالىغىلى بولامدۇ تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى ئەھۋال قانداق؟ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ جاۋاپ بېرىشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن .
تورداشلارنىڭ مېنى تەنقىد قىلماسلىقنى ئۈمىد قىلمەن.چۈنكى مەن ئۆزەمنى ئەيىبلەپ بەك چۈشكۈنلىشىپ كەتتىم .
|
|