قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4590|ئىنكاس: 17
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تاشپولات: ئانا دىيار تەسىراتلىرى(3)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

200

تېما

63

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 22
مۇنبەر پۇلى: 495
تۆھپە : 3700
توردىكى ۋاقتى: 259
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 15:23:25 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-14 15:22  

ئانا دىيار تەسىراتلىرى(3)

تاشپولات روزى

ئوقۇرمەنلەرگە ئايانكى، مەن ئالدىنقى قېتىملىق «ئانا دىيار تەسىراتلىرى 2» ناملىق يازمامدا، ئانا دىياردا يېگەن تائامنىڭ شۇنچىلىك لەززەتلىك بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەنىدىم، مەن ئۇشبۇ يازمامنى دەل ئاشۇ بايانلار ئاساسىدا داۋام ئېتىمەن...

قېيناتا-قېينئاناملارنىڭ ئۆيىدە بىر قاچا ئوخشىغان «ئانا دىيار چۆچۈرىسى» نى ئىچىپ يولدىكى ھارغىنلىقلىرىم چىقىپ قالغاندەك بولدى. مېنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن غۇلجا توققۇزتاراغا مېڭىش پىلانىم بار ئىدى. ئۈرۈمچىدىن بۇنداق تېز ئايرىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى، دادامنىڭ تەن سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىدىن بولدى. 2013 - يىلى 12-ئايدا دادامنىڭ مېڭىسىگە يېنىك قان چۈشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ سول پۇتى ۋە سول قولى تازا نورمال ھەرىكەت قىلالماس بولۇپ قاپتىكەن. خۇداغا شۈكرى، ئۇ كېسىلىنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپارغانلىقى ۋە كېيىنكى سالامەتلىكىنى ئاسىرىشى بىلەن، ھازىر ماڭالايدىغان ۋە گەپ قىلالايدىغان بوپتۇ. ماتېرىيالدىن كۆرۈشۈمچە، مېڭىگە قان چۈشۈش كېسىلى ئاساسەن قان بېسىمنىڭ يۇقىرىلىقىدىن كېلىپ چىقىدىكەن. دادام بىلەن ئاپام ھازىرغىچە ئامېرىكىغا 3 قېتىم كەلگەن ئىدى. ئۇلار ھەر قېتىم ئامېرىكىغا كەلگەندە دوختۇرخانىلاردا تەن سالامەتلىكىنى تەكشۈرتەتتى. دوختۇرلارنىڭ دېيىشىچە، دادامدا يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بار ئىكەن. قان دوختۇرخانىغا بارسا دوختۇرلار قان بېسىم كېسىلى بارغلارغا قان بېسىمىنى نورمال ھالەتتە ساقلىتىش ئۈچۈن ھەر كۈنى بىر ۋاق ئىچىدىغان دورا بېرىدىكەن، ئۇنى داۋاملىق ئىچىپ بەرسە مېڭىگە قان چۈشۈش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. مېنىڭچە، كىشىلەر سالامەتلىك ئۈچۈن دورا يېمەي، ھەر كۈنى بەدەن چېنىقتۇرۇشى لازىم. دادام ئامېرىكىدا تۇرغان ۋاقتىدا، دورىلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئىچەتتى ۋە 82 ياشقا كىرگىنىگە قارىماي چېنىقاتتى. دادامغا ئامېرىكىدا بېرىلگەن دورىلار ۋەتەندىمۇ بار ئىكەن. دادام ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىنمۇ بۇ دورىلارنى ئىچتى. دادامدا قان بېسىم بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئانچە ئېتىبار بەرمەيتتى، يەنى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن دوختۇرلارنىڭ دېگىنىگە ئىشەنمەي مەندە قان بېسىم يوق دەپلا يۈرۈپتۇ. ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ كەتكەندىن كېيىن بىزگە ئوخشاش دورىلارنى ۋاقتىدا ئىچىپ تۇرۇشنى تەكىتلەپ تۇرىدىغانلار يېنىدا بولمىغاندىن كېيىن، ئاۋۇ سەل قاراش ئىدىيىسى بويىچە دورىلارنى ئۆز ۋاقتىدا ئىچمىگەن. مۇشۇ سەل قاراش نەتىجىسىدە پۈتۈنلەي ئالدىنى ئېلىشقا بولىدىغان كېسەلنىڭ ئالدى ئېلىنماي، مۇشۇ كېلىشمەسلىك كېلىپ چىققانىدى.  مەن بۇنىڭدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم.

m10.jpg

بۇلتۇر ئىنىم قۇربانجان 12-ئايدا ۋەتەنگە تۇققان يوقلاش ئۈچۈن قايتقان بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن غۇلجاغا كېتىپ بارغان يولدا دادامنىڭ يىقىلىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپتۇ. ئىنىم «ۋەتەنگە بېرىپ ئۇرۇق تۇغقانلارنى يوقلاپ كەلگەچ، ئۇ يەردە خۇشال كۈنلەرنى ئۆتكۈزىمەن» دېگەن مەقسەتتە مانا مۇشۇنداق بىر ئىشقا دۇچار بوپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ۋەتەنگە بېرىپ ئايلىنىپ كېلىدىغان بارلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىكار بولۇپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنىم توققۇزتاراغا بېرىپ دادامغا دوختۇرخانىدا قاراپتۇ. ھەدە-ئىنى ۋە تۇغقانلارنىڭ ياخشى قارىشى بىلەن دادام دوختۇرخانىدا ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېپتۇ. مېنىڭچە، ئىنسان سالامەتلىكتىن ئايرىلسا يەتمەكچى بولغان نىشان، غايىلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكنىڭ ياخشى ياكى يامان بولىشى ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا كىشىلەر ھەر كۈنى يۈگۈرۈپ بەدەن چېنىقتۇرۇپ تۇرۇشى، يېمەك ئىچمەكلەرنى دىققەت قىلىپ ئىستېمال قىلىشى لازىم. ھاراق ئىچمەسلىك بىلەنلا ساغلام بەدەننى ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ. بىزدە سېمىز ئادەملەرنى، گۆشنى ۋە باشقا تاماقلارنى كۆپرەك يېگەنلەرنى، تەن سالامەتلىكى ياخشى پۇت قولىدا جېنى بار دەپ قارايمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ ناھايىتى خاتا قاراش. بولۇپمۇ سېمىزلىك ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ مەنبەسى. ئامېرىكىدا سېمىزلەر خېلى كۆپ. ئۇلارنىڭ دۆلەت خىراجىتىگە بولغان يۈكىمۇ خېلى ئېغىر. ئامېرىكىدا بەدەن چېنىقىپ تۇرۇشنى بەكمۇ تەكىتلەيدۇ. ئەگەر سىز مەلۇم بىر چېنىقىش كۇلۇبىغا ئەزا بولسىڭىز تەن-سالامەتلىك سۇغۇرتا شىركىتى سىزنىڭ بۇ كۇلۇبقا ئايدا تۆلىگەن پۇلىڭىزنىڭ مەلۇم پىرسەنتىنى كۆتۈرۈپ بېرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ باغچىلىرى چېنىقىش ئۈچۈن كەلگەن ئادەم بىلەن لىق تولىدۇ. ئەتىگەن - كەچلىرى ئۆيلەرنىڭ ئەتراپلىرىدا يۈگۈرۈپ يۈرگەن ئادەملەرنى داۋاملىق ئۇچۇرتۇپ تۇرىسىز. ئامېرىكالىقلار تەنھەرىكەت بىلەن چېنىقىشنى ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشتىكى ئادىتىگە ئايلاندۇرغان. بىزنىڭ مەكتەپ ھەر مەۋسۇمدا ئوقۇتقۇچى، ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئورۇقلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ. پائالىيەتكە ھەركىم ئىختىيارى قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۇلار مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان ھەر كۈنلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ. بۇ پائالىيەتنىڭ مۇددىتى بىر ئاي بولۇپ، مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە ئورۇقلاپ ئۇتۇپ چىققان 3 كىشىنى ماددىي نەرسىلەر بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەر كۈنلۈك چېنىقىشلاردىن كېيىن ئېغىرلىقى ئۆلچىنىدۇ. بۇ ئېغىرلىق نەتىجىلىرى مەكتەپنىڭ مەخسۇس ياسىغان ئېلان تاختىسىدا ھەر كۈنى ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ. قاتناشقۇچىلار مەكتەپ بەلگىلىگەن چېنىقىش تەلەپلىرىگە بوي سۇنماي ئۇنى بۇزۇپ، مەسىلەن مەكتەپ ئاشخانىلىرىدا ياكى سىرتتا تاماق يەپ يۈرگەنلەر بولسا، ئۇنى كۆرگەن ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارنى مەخپىي رەسىمگە تارتىۋېلىپ مەكتەپ تاختىسىغا ئۇلارنىڭ تاماق يەپ ئولتۇرغان رەسىملىرىنى ئېلان قىلىپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ پائالىيەت ناھايىتى قىزىقارلىق شەكىلدە داۋاملىشىدۇ. مەن 1999-يىلى ۋەتەنگە بارغىنىمدا قېينانا قېيناتىلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدە تۇرغان ئىدىم. ئۇلارنىڭ ئۆيى شىنجاڭ مائارىپ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىدى. مەن ھەر كۈنى ئەتىگەن تۇرۇپ مەكتەپنىڭ ئىچىنى ئايلىنىپ چىقاتتىم. شۇ چاغدا مەكتەپنىڭ ئىچى بەدەن چېنىقتۇرىدىغانلار بىلەن لىق توشاتتى. بۇ يەردە بەدەن چېنىقىپ يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەنزۇلار بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئاساسەن كۆرۈنمەيتتى. تۆۋەنلەرگىمۇ باردىم ئۇ يەرلەردە بەدەن چېنىقىپ يۈرگەنلەرنى پەقەتلا ئۇچراتقىلى بولمايدىكەن. مەن شۇ چاغدا ئۇلاردىن: «سىلەر نېمە ئۈچۈن چېنىقمايسىلەر؟» دەپ سورىسام، چېنىقساق، يەنە يۈگۈرۈپ يۈرسەك بىزنى خەق ساراڭ بولۇپ قاپتۇدەيدۇ» دېدى. قارىغاندا «بۇ ساراڭ بولۇپ قاپتۇ» دېگەن گەپ تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. بىز بۇنداق خاتا كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىشىمىز لازىم.
بىز يېقىندىلا سۆيۈملۈك ئالىمىمىز خەمىت ھىمىتتىن ۋاقىتسىز ئايرىلدۇق، ئۇ بۇ يىل ئەمدىلا 54 ياشتا ئىدى، ئۇ مېنىڭ يېقىن دوستۇم بولۇپ، مەن ئۇنىڭ ۋاپاتىغا چۇڭقۇر قايغۇردۇم، ئەسلىدە، مېنىڭ نەزىرىمدە بۇنداق ياخشى كىشىلىرىمىز ئۇزاقراق ياشىشى كېرەك ئىدى، بىراق ھەر خىل ئامىللار سەۋەبىدىن ئۇيغۇر زىيالىلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇ ئالەمگە ئۇزاپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ ئالەمنى سەۋەب ئالىمى دەيدىكەنمىز، شۇڭا مېنىڭچە، مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئاۋۋال چوقۇم ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنى ساغلام قىلىشىمىز لازىم، چۈنكى سالامەتلىكى ناچار ئادەمدىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.  شۇڭا بىز باشقا ئىلغار مىللەتلەرگە ئوخشاش ئۆيىمىزنىڭ ئەتراپلىرىدا، باغچىلاردا بەدەن چېنىقىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇشىمىز، ئۇنى مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىگە ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم.

m11.jpg
مەكتىپىمىزنىڭ ئورۇقلىغۇچىلار ئۇچۇر تاختىسى

مەن شۇلارنى ئويلاپ ئولتۇرۇپ، چىنەمدىكى چۆچۈرىنى قانداق ئىچىپ بولغانلىقىمنى سەزمەيلا قاپتىمەن، ئارقىدىنلا دوستۇم ئىسراپىل بىز بىلەن خوشلىشىپ ئۆيگە قايتتى. ئۇ مېنى ئەتە توققۇزتاراغا ئاپىرىپ قويماقچى ئىدى. مەن قېيناتا- قېينانىلارنىڭ ئۆيىدە يەنە 3 سائەت تۇرغاندىن كېيىن، دوستۇم ئىسراپىلنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇ يەردە قونۇپ ئەتىسى ئەتىگەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە توققۇزتاراغا ماڭماقچى بولدۇق. ئوغلۇم ئىككىمىز قېيناتا-قېينانىلارنىڭ ئۆيىدە ئۇلار بىلەن تازا ئوبدان پاراڭلاشتۇق ھەم ئارىلىقتا ئازراق دەممۇ ئېلىۋالدۇق. بىز چوڭلارنى ئەتىسى ئەتىگەن ئاۋارە قىلماسلىق ئۈچۈن كەچ سائەت 6 لەردە ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ ئىسراپىلنىڭ ئۆيىگە ماڭدۇق. بىز شىنجاڭ مائارىپ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كەينى ئىشىكىدىن چىقىپ، ماشىنا بىلەن بىرىنچى يولغا چۈشتۇق. مەن ماشىنىدا  مائارىپ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئەتراپىنى كۆرۈپ پەقەتلا تونۇيالمىدىم. ئۇنىڭ ئەتراپىدا قاتمۇ-قات سېلىنىپ كەتكەن بىنا، يولدىكى ماشىنىلارنىڭ كۆپلۈكى مېنى ھەيران قالدۇردى. يولدىكى ماشىنىلارنىڭ بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ كەتمەي ئوزارا ئۆتۈشۈپ كېتىشلىرىنى ئوغلۇم كۆرۈپ ھەيرانلا قالدى. ئۇ دادا بۇ يەرنىڭ شوپۇرلىرى بەك ئۇستىكەن ھە دەپ كۈلۈپ قوياتتى. مەن بىرىنچى يولدا كېلىۋېتىپ خەلق تىياتىرىنى  ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى مەسچىتنى كۆرۈپ، بۇ يەرنىڭ بېىيمىن (شىمالىي قۇۋۇق) ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇم. يەنە بىرئاز مېڭىۋېدۇق، خەلقئارا چوڭ بازىرى ۋە ئىتتىپاق تىياتىرى كۆرۈندى، بۇلارنى كۆرۈپ بۇ يەرنىڭ دۆڭكۆۋرۈك ئىكەنلىكىنى ئاران پەرەز قىلدىم. ئۇنىڭ ئەتراپىنى تونۇيالمىدىم. مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمدا ئىتتىپاق تىياتىرىنىڭ ئالدىغا كۆپ كېلەتتىم. ئىتتىپاق تىياتىرىنىڭ ئالدىدا بىر بازار بولۇپ، ئۇ يەردە كاۋاپچىلار قاتار تۇرۇپ كاۋاپ ساتاتتى. ئۇ يەردە يەنە ھەرخىل مېۋىلەر سېتىلاتتى. بولۇپمۇ ئاشلاڭپۇڭ ۋە راڭپىزىلار بەك ئوخشايتتى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا ساناقلىقلا بىنا بار ئىدى. مۇشۇ يەردىن نەچچە مىنۇتلا ماڭساق بىر تار كوچا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدە كىچىك ئاشخانىلار بار ئىدى. بۇ يەرنىڭ قاچا لەڭمەن دەپ بىر لەڭمىنى بولىدىغان ئۇ ئاجايىپ ئوخشايتتى. بۇ لەڭمەنلەرنىڭ تەمى ھازىرمۇ ئېغىزىمدا بولۇپ، ئۇنى ئويلىساملا ئېغزىمغا لىققىدە شۆلگەي كېلىدۇ. مەن 1990-يىلى ياپونىيەگە ئوقۇشقا چىققان ۋاقتىمدا، بىر نەچچە ئاغىنە بالىلار مېنى مۇشۇ يەردىكى كاۋاپ ئولتۇرۇشىغا تەكلىپ قىلىپ، مېنى ياپونىيەگە ئۇزىتىپ قويغان ئىدى. بۇ يەر مەن ئۈچۈن بەكمۇ تونۇشلۇق ۋە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ماڭا روھى ئوزۇقلۇق بەرگەن ئۇنتۇلغۇسىز ئورۇن ئىدى. مەن 14 يىلنىڭ ئالدىدا بۇ يەرگە ئالاھىدە كېلىپ كاۋاپ ۋە لەڭمەن يېگەن ئىدىم. ئۇ چاغدىمۇ بۇ يەردە بازا تازا قىزىيتىكەنتۇق. مەن شوپۇر بالىدىن ئۇ بازارنىڭ ھازىرمۇ بار يوقلىغىنى سورىسام، ھازىر بۇنداق بازارنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى دېدى. مەن ماشىنىدا ئولتۇرۇپ ئاشۇ كاۋاپدانلار قويۇلىدىغان يەرلەرگە قارىسام، ئۇ يەردە ئادەم مىغ-مىغ مېڭىشىپ يۈرگەن، ئەتراپى ئېگىز بىنالار بىلەن ئورالغان بىر كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ مۇشۇ ئەتراپتا ناھايىتى كۆپ ئىكەن. بىز ئالىي مەكتەپنى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدىمۇ مۇشۇ ئەتراپتا ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراتتى. ماشىنىدا مەن، ئوغلۇم ۋە ئىسراپىل ئەۋەتكەن ماشىنا شوپۇرى بار ئىدى. مەن شوپۇردىن يول ئەتراپى توغرىلىق سوئاللارنى سوراپ كەلدىم. شوپۇر ماڭا ماۋۇ يەر شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ ئەتراپى بولىدۇ دەپ جاۋاب بەردى. مەن ئۇنىڭ ئەتراپىغا قاراپ مەسچىتنى كۆردۈم، ئۇنى كۆرۈپ بۇ ئەتراپنى ئەسلىيەلىدىم. مەسچىتنىڭ يېنىدا يېزائىگلىك نازارىتى، ئۇنىڭ يېنىدا مائارىپ نازارىتى بار بولىدىغان. ئۇ نازارەتلەر ھازىرمۇ بار ئىكەن. مۇشۇ ئەتراپتا ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق قارلۇق شىركىتى ۋە داڭلىق ھەرەمباغ ئاشخانىسى بار ئىكەن. شوپۇردىن قارلۇق شىركىتىنى ئاڭلاپ، بەك خوش بولدۇم. مەن ئۇ شىركەت تۇرۇۋاتقان بىناغا ماشىنا ئىچىدىن خېلى ئۇزۇنغىچە قاراپ تۇردۇم. چۈنكى بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى پەخىردىن ئۇكام ماڭا بەكلا تونۇش،  مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامېرىكىغا كەلگەندىلا تونۇشقان ۋە مەكتىپىمىزگە ئاپىرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرغان ئىدىم. شۇنىڭدىن بېرى ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇقىمىز ئىنتايىن چوڭقۇر ئىدى. مەن پەخىردىن ئىنىم توغرىلىق كېيىنكى يازمىلىرىمدا تەپسىلىي توختىلىمەن. مەن بۇ ئەتراپنى كۆرۈپ ھە ئازراق ماڭساق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كەينى ئىشىكىگە كېلىمىز دەپ ئويلاپ ئولتۇرۇشۇمغا، شوپۇر ماڭا «مانا ماۋۇ دەرۋازا سىز ئوقۇغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كەينى ئىشىكى» دەپ تونۇشتۇردى. بۇنى ئاڭلاپ باشقىچىلا خوش بولۇپ كەتتىم. چۈنكى مانا بۇ ئورۇن ماڭا بىلىم بەرگەن، مېنى ئادەم قىلىپ يېتىلدۈرگەن بىلىم بۇلىقى ئىدى. ۋاقتىم بولغان بولسا مەكتەپ ئىچىگە كىرىپ بىر يۈگۈرۈپ ئىچىنى كۆرۈپ چىققۇم كېلىپ كەتتى. مەن ئوقۇغان ۋاقىتلىرىمدا مۇشۇ دەرۋازىدىن چىقىپ يۈگۈرگەن ۋاقلىرىممۇ بار ئىدى. ئۇ چاغدا بۇ دەرۋازىنىڭ يېقىن  يېنىدا ئۇيغۇر تىبابەتخانىسىمۇ بولاتتى. بۇ ئەتراپنى كۆرۈپ تونۇماي قالدىم، ئەتراپى ئېگىز بىنالار، كىچىك-كىچىك سېلىنغان دۇكانلار، ئادەملەرنىڭ توپ-توپ جۇشقۇن يۈرۈشلىرى مېنى ئاجايىپ خۇشال قىلدى.

m12.jpg
ئۈرۈمچى

مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتنى 84-يىلى 7-ئايدا ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، ماتېماتىكا فاكۇلتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالدىم. مەن 79-2 سىنىپتا ئوقۇغان ئىدىم. مەن ئوقۇغان سىنىپتىن 4 بالا، 79-4 سىنىپتىن 2 بالا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ 6 بالىنىڭ ئىككىسى قىز بولۇپ، مېنىڭ ئايالىم ئىقتىسات فاكۇلتېتىغا ئوقۇتقۇچى  بولۇپ قالغان ئىدى. فاكۇلتېتتا قالغان بۇ 4 ئوغۇل بالا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا داڭلىق بىنا 3 يېرىم قەۋەتلىك بىنادىكى بىر كىچىك ياتاققا ئورۇنلاشتۇق. بۇ تۆتىمىز ئاجايىپ رىقابەتچىلەر بولۇپ، بىر-بىرىمىزدىن قېلىشمايدىغان بىلىمخۇمار يىگىتلەر ئىدۇق. بۇ تۆتىمىز ناھايىتى ئىتتىپاق ياخشى ئۆتكەن بولساقمۇ، بىراق كەسىپ ساھەسىگە كەلگەندە بىر-بىرىمىزنىڭ خاتالىقىغا قەتئىي يول بەرمەيتتۇق. شۇ چاغدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇنداق گەپ بار ئىدى: ئۈچ يېرىم قەۋەت بىنادا ياتمىغان ئادەم چەتئەلگە چىقالمايدۇ، ئۇنىۋېرسىتېتتىكى تالانتلىق ياشلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ بىنادا دېيىشەتتى. دېمىسىمۇ ھەر كۈنى ئەتىگەن بىنانىڭ ئەتراپىدا تىل ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تولۇپ كېتەتتى. ھازىر چەتئەلدە ۋە دۆلەت ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ بىنادا ياتقانلار ئىكەن. فاكۇلتېتتا قالغان 5 مىزنىڭ ھەممىمىز ياپونىيەگە چىقىپ ئوقۇپ دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالدۇق. مېنىڭ ئايالىم ياپونىيەدە ئىقتىسادتىن ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالدى. بىر قىسىم ئۇيغۇرلىرىمىز «ئۆي بېزەشتە مەن سېنىڭدىن ئېشىپ چۈشىمەن دېگەن رىقابەتنى قىلماي بىزگە ئوخشاش ئىلىمگە رىقابەت ئېلان قىلغان بولسا ۋەزىيىتىمىزدە قانچىلىك چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولغان بولاتتى ھە».  ھازىر بۇ 6 ساۋاقداشنىڭ ئىككىمىز ئامېرىكىدا، بىرىمىز كانادادا، بىرىمىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېت ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا،  ئۇ فاكۇلتېتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھەم ماتېماتىكا پروفېسسورى، مەن بىلەن بىللە ئوقۇغان، ئىككىلىسى (ئەر-ئايال) شىنجاڭ مائارىپ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى.
ئەينى چاغدا فاكۇلتېت مېنى ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كافىندىراسىغا تەقسىم قىلدى. ماتېماتىكىنىڭ بۇ تارمىقى ماتېماتىكىنىڭ ئەمىلىي قوللىنىشىدا بەكمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ، ئۇ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە قوللىناتتى. بولۇپمۇ ئالەم ئىلمى، ئايروپىلان، كېمە ياساش ۋە ئاقار جىسىملار قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىدۇ. ماتېماتىكىدا بەزى تەڭلىمىلەرنىڭ ئانالىتىك يېشىمىنى تېپىش پەقەتلا مۇمكىن بولمايدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن ئېينىشتېين تەڭلىمىسى.  بۇنداق ئەھۋالدا تەڭلىمىنىڭ سان قىممەتلىك يېشىمىنى تېپىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن تەڭلىمىنىڭ ھەقىقىي يېشىمىگە باھا بېرىلىدۇ. يەنى تەڭلىمىنى سان قىممەت جەھەتتىن يېشىدۇ. تەڭلىمىنى سان قىممەتلىك جەھەتتىن يەشتى دېگەنلىك ئاشۇ تەڭلىمە ئىپادىلىگەن ھادىسىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىنى بىلىش دېمەكتۇر. ئۇ چاغدا بىزنىڭ كافىدىرادا 8 ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ 4 نەپىرى ئۇيغۇر، 4 نەپىرى خەنزۇ ئىدى. ماڭا نىسبەتەن بۇ ساھە يېڭى بولغاچقا مۇشۇ كەسىپنى ياخشى ئۆگىنىش ئۈچۈن كۆپ دەرسلەرنى ئاڭلىدىم. ئۇ چاغدا ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن داڭلىق پروفېسسورلار كېلىپ، ئوقۇتقۇچىلارغا دەرس ئۆتەتتى. مەن ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلارنىڭ دەرسلىرىنى ئاڭلايتتىم. بىر تەرەپتىن دەرس ئۆتۈش ۋە بىر تەرەپتىن سىنىپ مۇدىرى بولۇش ئىشلىرىنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن بېجىردىم. ئىشقىلىپ بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ قاتتىق تىرىشتىم. 1987-يىلى 2-ئايغا كەلگەندە بىر سىنىپتا ئوقۇغان ساۋاقدىشىم مۇنىرە قادىر  بىلەن كورلىدا توي قىلدىم. بىزنىڭ توي قىلىپ كىرگەن ئۆيىمىز مېنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋاقتىمدا، 3 يېرىم قەۋەتلىك بىنانىڭ 2-قەۋىتىدىكى ياتىقىم بولدى. توي قىلغان ۋاقتىمىزدا ئۆيىمىزدە تېلېۋىزورمۇ يوق ئىدى. مائاشىمىزنى بۇ ئايدىن يەنە بىر ئايغىچە ئاران يەتكۈزەتتۇق. پۇل يېتىشمىگەچكە سىرتتىن تاماق يېمەي ئۆيدە تاماق ئېيتىپ يەيتتۇق. تۇرمۇشىمىز مۇشۇنداق ئاددىي-ساددا بولسىمۇ بىراق پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بىلىم ئالاتتۇق. بىزنىڭ بىلىمگە بولغان تەشنالىقىمىز بەك يۇقىرى ئىدى. بىلىم ئىگىلىسەك كەلگۈسىدە مىلىتىمىز ئۈچۈن كۆپ ئىشلارنى قىلىپ بېرەلەيمىز دەپ ئويلايتتۇق. مەن توي قىلىشنىڭ ئالدىدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ياپونىيەگە چىقىپ 2 يىل بىلىم ئاشۇرىدىغان ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ قويغان ئىدىم. توي قىلىپ ئاز ئۆتمەيلا ئۇ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىك خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. مەن 3-ئاينىڭ 10-كۈنى شىنجاڭ بويىچە تاللانغان 25 ئوقۇتقۇچى بىلەن بىرگە چاڭچۇن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ياپونچە تىل ئۆگىنىش فاكۇلتېتىدا 10 ئايلىق ئۆگىنىشكە ماڭدۇق. ھەر يىلى 25 ئوقۇتقۇچىنى ياپونغا ئەۋەتىپ بىلىم ئاشۇرۇش توختامى ياپونىيە خۇسۇسى مەكتەپلەر جەمئىيىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان بولۇپ، بىز بۇنىڭ 3-قارارلىق ئوقۇغۇچىلىرى ئىدۇق. ھەر قاراردا 20 نەپىرى مىللىي ئوقۇتقۇچى، 5 نەپىرى خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار ئىدى. 20 نەپەر مىللىي ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە 16 نەپىرى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئىدى.  10 ئاي ئىچىدە بىزگە 3 ياپون تىل ئوقۇتقۇچىسى دەرس بەردى. بۇ 3 ئوقۇتقۇچىنىڭ 2 سى ياپونلۇق ئەر ئايال ئىدى. بۇلارنىڭ تىل ئۆگىتىش ئۇسۇلى مەن ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەن تىل ئۆگىنىش ئۇسۇلى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايتتى. بىز ئالىي مەكتەپتە تىل ئۆگەنگەندە گرامماتىكىنى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇپ تىل ئۆگىنەتتۇق. ۋاقتىمىزنىڭ كۆپ قىسمى جۈملىلەرنىڭ گرامماتىكىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەھلىل قىلىش بىلەن ئۆتەتتى. بۇ ياپون تىل سىنىپىدا تېكىستلەرنى يادلاشنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئادەملەرنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ گرامماتىكىسىز تىل ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. بىز كىچىكىمىزدە باشقىلار قىلغان نەرسىلەرنى كۆپ دوراش، نەرسىلەرنى كۆپ كۆرۈش، كۆپ ئاڭلاش ئارقىلىق سۆزلەش قابىلىيىتىمىز يېتىشىدۇ. بىزگە دەرس بەرگەن 2 ياپونلۇق ئوقۇتقۇچى خەنزۇچە ياكى ئۇيغۇرچە بىلمەيدۇ. خەنزۇ ئوقۇتقۇچىمىزمۇ دەرستە پەقەت خەنزۇچە سۆزلىمەي ياپونچە سۆزلەپ دەرس ئۆتىدۇ. بىزگە ئۆتۈلگەن تېكىستلەرنى چوقۇم شۇ كۈنى ياتلاش، تېكىستلەرنى قايتا-قايتا ئاڭلاش تەلەپ قىلىناتتى.  خام سۆزلەرنى جۈملە ئىچىدە، جۈملىلەرنى تېكىست ئىچىدە يادلايتتۇق. دەرستە خام سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى رەسىم ياكى تېلېۋىزورلارنى كۆرۈش ئارقىلىق چۈشىنەتتۇق. ئوقۇتقۇچى دەرس ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئارا ياپونچە سۆزلەشكە قويۇپ بېرەتتى. ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئۆگەنگىنىمىزدىن ئىمتىھان بېرەتتۇق. ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجە ئالالمىساق ئوقۇتقۇچىلار ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ ئۆتۈلگەن مەزمۇنلارنى قايتا تەكرارلاپ بېرەتتى. بىز 2 ھەپتىگىچە ئوقۇتقۇچىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى تولۇق چۈشىنەلمەي خېلى قىينالدۇق. 2 ھەپتىدىن كېيىن ئاز-ئازدىن مۇئەللىمنىڭ گەپلىرىنى چۈشىنىدىغان بولدۇق. 3 ئاي ئۆتكەندە ئۆزىمىزمۇ ئۇقمايلا ياپونچە سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدۇق. ھەممىمىز بۇ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا ھەيران قالدۇق. ياپون تىل گرامماتىكىسى ئۇيغۇر گرامماتىكىسىغا ئاساسەن ئوخشايدىكەن. بەزى ۋاقتىدا قىينىلىپ جۈملە قۇراشتۇرالمىغان ۋاقتىمىزدا ياپونچە خام سۆزلەرنى ئۇيغۇرچە جۈملىلەردىكى خام سۆزلەرنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ قويساق ناھايىتى ياخشى جۈملە قۇراشتۇرۇلۇپ چىقاتتى. بىزدە ياپونغا چىقىپ بىلىم ئالىمىز دېگەن ئارزۇ بولغاچقا بۇ تىلنى ھەقىقەتنىمۇ تىرىشىپ ئۆگەندۇق. 6 ئايغا بارغاندا مەكتەپتە ياپونچە سۆزلەپ يۈرىدىغان بولدۇق. شىنجاڭدىن كەلگەن بۇ 25 ئوقۇتقۇچىنىڭ ياپون تىلىنى ئۆزلەشتۈرۈشى ئىنتايىن ياخشى بولغاچقا، ئۇنىۋېرسىتېتتا شىنجاڭلىقلار تىلنى ئاجايىپ ياخشى ئۆگىنىدىكەن دېگەن گەپ تارقىلىپ يۈردى. بىزدىن بۇرۇن كەلگەن قاراردىكى ئوقۇتقۇچىلارمۇ ياپون تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، مەكتەپتە ناھايىتى ياخشى تەسىر قوزغاپتىكەن. شۇڭلاشقا پۈتۈن ئۇنىۋېرسىتېتتا شىنجاڭلىق بالىلارنىڭ ھۆرمىتى قالتىس چوڭ ئىدى. شۇڭا ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بولىدىغان ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ياكى مەكتەپ تەن ھەرىكەت يىغىنلىرىغا بىزنى تەكلىپ قىلىدىغان بولدى. بىز 25 ئوقۇتقۇچى 10 ئايدا ياپونچىنى ناھايىتى ياخشى ئوقۇدۇق. ھەممىمىز ياپونغا چىقىش تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتتۇق. ئادەمدە غايە، تىرىشچانلىق بولسا مېنىڭچە دۇنيادا قىلالمايدىغان ھېچ نەرسە بولمايدۇ. بىز 10 ئاي ياپون تېلىنى ئۆگىنىپ بولۇپ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ، ياپونىيەدىن كېلىدىغان ئۇقتۇرۇشنى ساقلىدۇق. 1990-يىلى 4-ئايدا ياپونىيە دېنكى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ فىزمات فاكۇلتېتىدىن ئوقۇشقا قوبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.

m16.jpg

بىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كەينى ئىشىكىدىن ئۆتۈپ ئاز ماڭغاندىن كېيىن بىر ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ قورۇنىڭ ئىچىدە دوستۇم ئىسراپىل تۇرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۆيى بىنانىڭ 2-قەۋىتىدە ئىكەن. ئۆي ئىشىكىنى قېقىۋىدۇق ئۆيدىن ئىسراپىل ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئالدىمىزغا چىقتى. بىز سالام بېرىشىپ قىزغىن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆيدە تەييارلاپ قويغان مېھمان ئۈستىلىگە كېلىپ ئولتۇردۇق. ئىسراپىلنىڭ ئايالى ناھايىتى ئوچۇق مېھماندوست ئاپپاي ئىدى. ئىسراپىلنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، چوڭى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھازىر ئۈرۈمچىدە بىر شىركەتتە ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دورىگەرلىك كەسپىدە ئوقۇۋاتىدۇ. ئاتا-ئانا بالا ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاپ بالىغا ياردەم قىلمىسا داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇش پۇرسەتلىرىنى يارىتالمايدۇ.  ئىسراپىلنىڭ ئۆيى ناھايىتى كەڭ ئىكەن. ئىسراپىل بىزنىڭ ئەتىسى توققۇزتاراغا ماڭىدىغانلىقىمىزنى بىلگەچكە باشقا كۆپ مېھماننىمۇ ئۆيىگە چاقىرماي، ئاتاقلىق خەلق ناخشىچىسى ئەخمەتجان ۋە كارخانىچى دوستۇم تۇرسۇننى چاقىرىپ قويۇپتىكەن. دوستۇم تۇرسۇن ئامېرىكىغا سۇ ئىشلىرى تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن كېلىپ تۇرىدۇ.ئەخمەتجان بولسا بىزنىڭ چولپىنىمىز بولۇپ، ۋەتەن سىرتىدا ئۇنىڭ ئېيتقان ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ ھۇزۇر ئالىمىز ۋە ئۆزىمىزگە روھى ئوزۇق تاپىمىز. بىز ئۇلار بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ ۋاقىتنىڭ ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كەچ سائەت 11 بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇقماي قاپتۇق. ئۇلار مېنىڭ چارچاپ كەتكەنلىكىمنى ۋە ئەتىسى ئەتىگەن ماڭىدىغانلىقىمنى ئەسكەرتىپ، مېنى بالدۇرراق ئۇخلاشقا دەۋەت قىلدى ھەمدە ئويۇنلارنىڭ ئۈرۈمچىگە كەلگەندە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، خوشلىشىپ كېتىپ قالدى.
ئىسراپىل ئەتىسى ئەتىگەن مەن بىلەن بىرگە توققۇزتاراغا بارماقچى ئىدى. بىراق ئاپتونوم رايوننىڭ باشلىقلىرى دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر تېبابەت تەتقىقات ئورنىنى تەكشۈرۈشكە كېلىدىكەن. شۇڭا ئۇ ئەتىسى مەن بىلەن ماڭماي چۈشتىن كېيىن ئايروپىلان بىلەن غۇلجىغا كېلىپ شۇ يەردە مەن بىلەن ئۇچرىشىدىغان بولدى. ئەتىسى ئەتىگەن بىز ئىسراپىلنىڭ چوڭ ئوغلى بىلەن بىرگە غۇلجاغا قاراپ يول ئالىدىغان بولدۇق. ئەتىسى ئەتىگەن تەييارلاپ قويۇلغان ماشىنىنى شوپۇر ھەيدەپ كەلدى. بىز بارلىق سومكىمىزنى ماشىنىغا قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن توققۇزتاراغا قاراپ يولغا چىقتۇق. شوپۇر بىزنى پويىز ئىستانسىنىڭ ئالدى تەرەپتىكى يولى بىلەن ئېلىپ ماڭدى. شوپۇر ماۋۇ پويىز ئىستانسىسى دېمىگەن بولسا ئۇ ئەتراپنى پەقەتلا تونۇيالمىغان بولاتتىمكەن. مەن يول ئەتراپىدىكى مەنزىرىلەرنى رەسىمگە تارتىپ ماڭدىم. ئۈرۈمچى بىلەن غۇلجا ئارىلىقىدىكى يول سىموت يولى بولۇپ، سايرامغا بارغىچە يولنىڭ ئىككى تەرىپى دېھقانچىلىق مەيدانى، مېۋە باغلىرى بىلەن گۈزەللىشىپ كېتىپتۇ. بۇ يول خۇددى لوس ئانجېلېس بىلەن سانفىرانسىسكو ئارىلىقىدىكى يولغا ئوخشاپ قاپتۇ. ئۈرۈمچىدىن ئەتىگىنى چىققان ماشىنا بىر كۈن ئىچىدە توققۇزتاراغا بېرىپ بولىدىكەن. يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە سېلىنىپ كەتكەن ئېگىز-ئېگىز بىنالارنىڭ قايسى ۋاقىتلاردا قوپۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىدىن ھەيران قالدىم. بىز ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا بۇ يول بەكمۇ ئۇزۇن بىلىنەتتى. توققۇزتارادىن ئۈرۈمچىگە 2 قونۇپ كېلەتتۇق. كېيىن يوللار ياخشىلىنىپ بىر قونىدىغان بولدۇق. ياز كۈنلىرى شىخۇ دېگەن يەرلەردە قوناتتۇق.

m5.jpg

ياتقان مېھمانخانىلارنىڭ تازىلىقى ناھايىتى ناچار بولغاچقا، ئۇخلىغاندا چۇسا چېقىپ ئارام بەرمەيتتى. ئۆيدە يېتىش مۇمكىن بولماي يوتقان كۆرپىنى تالاغا ئاچىقىپ ئاشۇ تاشلىقتا ياتاتتۇق. يولنىڭ ئىككى تەرىپى بىرقانچە ئورۇنلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا تاشلىق ئىدى. ھازىر ئۇ تاشلىقلارنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيدىكەن. مەن يولنىڭ ئەتراپىدىكى بۇ كىچىك شەھەرلەرنى ھەيرانلىق بىلەن كۆرۈپ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكىنىنى ئۇقماي قاپتىمەن. شوپۇر ماڭا يەنە يېرىم سائەتتىن كېيىن سايرام كۆلىنىڭ بويىغا كېلىمىز دېدى. سايرامغا ئاز قېلىشىمىزغا قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتتى. يامغۇرنىڭ دەھشەت يېغىشىدىن ئەتراپنى پەقەتلا كۆرۈش مۇمكىن بولمىدى. شوپۇر ماشىنىنى ئاستىلىتىپ ماڭا بۇ يىل بۇ تەرەپلەردە ۋە غۇلجىدا قۇرغاقچىلىق، يامغۇر ياغمىغىلى خېلى بولغان، بۈگۈن سىزنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىدا يامغۇر ياققان ئوخشايدۇ، دېدى. مەن ئۇنىڭغا ئۇنداق بولسا مەن داۋاملىق كېلىپ تۇراي، يامغۇر داۋاملىق يېغىپ تۇرسۇن، دەپ چاقچاق قىلىپ قويدۇم. تەلىيىمىزگە يامغۇر سايرام كۆلىنىڭ ماشىنا توختىتىش ئورنىغا كېلىشىمىز بىلەن توختاپ قالدى. بىز ماشىنىدىن چۈشۈپ سايرام كۆلىگە قاراپ يۈگۈردۇق. مەن سايرام كۆلىگە قولۇمنى جۈپلەپ سېلىپ بىر يۇتۇم سۇ ئېلىپ ئېچىۋالدىم. سۇنى ئىچىپ پۈتۈن بەدىنىم باشقىچىلا جانلىنىپ كەتتى. يولدىكى چارچاشلار نەلەرگىدۇ ئۇچۇپ كەتتى. مەن سايرام كۆلىنىڭ ئەتراپلىرىنى ھاياجان ئىچىدە كوپ رەسىملەرگە تارتىۋالدىم. سايرام كۆلى ئۆز گۈزەللىكىنى تېخى يوقاتماپتۇ. ئۇ تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كەتكەندەك ھېسسىياتتا بولۇپ قالدىم. بىز سايرام كۆلىنىڭ مەنزىرىلىرىدىن تازا ھۇزۇرلىنىۋالغاندىن كېيىن، يەنە ماشىنىغا چىقىپ سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق.

m6.jpg

ماشىنىغا چىقىپ كۆپ ماڭمايلا تەلكە داۋىنىغا يېتىپ كەلدۇق. بىز ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمىزدا تەلكە داۋىنى ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ، سەللا دىققەت قىلمىسا ماشىنا بىلەن چوڭقۇر سايغا دوملاپ چۈشۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار ئىدى. يۇقۇردىن تۆۋەنگە چۈشۈپ بولۇش ئۈچۈن ئىككى - ئۈچ سائەتتەك مانا مۇشۇ يەرگىلا كېتەتتى. بولۇپمۇ قىش كۈنلىرى بۇ يەردىن ئۆتۈش بەك تەسكە توختايتتى. ھازىر بۇ يەرگە يېڭى ئاسما كۆرۈك سېلىنىپ داۋاندىن ئۆتۈش ئادەتتىكى بىر يولدا مېڭىپ ئۆتكەن بىلەن ئوخشاش بولۇپ قاپتۇ. بۇ يېڭى سېلىنغان كۆۋرۈك تەلكە تېغىغا بەكمۇ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىپتۇ. مەن ماشىنا ئىچىدە ئولتۇرۇپ، بۇ كۆۋرۈكنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىن رەسىمگە تارتىۋالدىم. كەڭ ساينىڭ ئىككى تەرىپى ياپيېشىل قارىغايلىق بىلەن ئورالغان بولۇپ، بۇ مەنزىرە مانا ئازراق ماڭساڭ گۈزەل غۇلجىغا كىرىسەن دېگەن بېشارەتنى بېرەتتى.

m7.jpg

بىز ھەش-پەش دېگۈچە سۆيدۈڭگە يېتىپ كەلدۇق. مانا بۇ غۇلجا بولۇپ يولنىڭ ئەتراپى كۆپكۆك مەنزىرە بىلەن قاپلانغان ئىدى. بىز ھاياجانلىق پاراڭلار بىلەن غۇلجا شەھىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېتىپ كەلدۇق. مېنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى دوستلىرىم مۇشۇ ئېغىزغا ماشىنا بىلەن كېلىپ كۈتۈپ تۇرۇپتىكەن. مەن ئۇلار بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ،  قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ماشىنىلىرىغا چىقىپ، ئۈچ ماشىنىدا غۇلجا شەھىرىگە قاراپ يول ئالدۇق. بىز يوللاردا كۆپ توختاپ كەلگەچكە غۇلجىغا كېچىلەپ كەلدۇق. دوستلار بىزنى غۇلجىدىكى يېڭى ئېچىلغان ئۇيغۇر نەقىشلىرى بىلەن بېزەلگەن رېستورانغا باشلاپ كەلدى. بىز بۇ يەردە قورساقلىرىمىزنى كۈلكە چاقچاق، پاراڭلار بىلەن تازا تويغۇزۇپ ئالدۇق. بۇ كاتتا سورۇندىمۇ كۆپ ئولتۇرالمىدۇق. چۈنكى توققۇزتاراغا بۈگۈن چىقىپ كەتمىسەك بولمايدۇ، ئۇ يەردە چوڭلار ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلار بىزنىڭ كېلىشىمىزنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقان ئىدى. توققۇزتارادىنمۇ نەچچە قېتىم تېلېفونمۇ كېلىپ بولدى. بىز ئىككى ماشىنىدا توققۇزتاراغا قاراپ يول ئالدۇق. بىر ماشىنا دوستلىرىم ئىسراپىلنىڭ ئايروپىلان بىلەن غۇلجاغا كېلىشىنى كۈتۈپ، غۇلجىدا قېلىپ قالدى.  مانا يەنە بىر سائەتتىن كېيىن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتۇم توققۇزتاراغا يېتىپ بارىمىز. توققۇزتارا مېنى چوڭ قىلغان، ماڭا بىلىم بەرگەن ئەزىز يۇرتتۇر. ئۇشبۇ تاپتا قەلبىمدە «ئەي گۈزەل ئانا ماكانىم توققۇز تارا، سېنى كۆرسەم دىلىم قانچىلىك ھاياجانغا تولا» دېگەن ھېسلار كۈۋەجىمەكتە ئىدى.

m15.jpg
غۇلجا شەھىرى
داۋامى بار

تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چەكسىڭىز، ئانا دىيار تەسىراتلىرىنىڭ (1) ھەم (2) نى ئۇقالايسىز.

./thread-26560-1-1.html

0

تېما

0

دوست

2116

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28208
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 658
توردىكى ۋاقتى: 148
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 18:51:46 |ئايرىم كۆرۈش
تاشپۇلات ئاكىمزنىڭ قەلەم قۈۋۋىتىگىمۇ بەك قايىل بولدۇم .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

4

تېما

2

دوست

2077

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6463
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 293
تۆھپە : 432
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 18:52:26 |ئايرىم كۆرۈش
ئاۋۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالدىكى سۈرەت قاچانقى سۈرەتتۇ

0

تېما

0

دوست

3880

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   62.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22142
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1228
توردىكى ۋاقتى: 451
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 20:30:19 |ئايرىم كۆرۈش
   سەپىرىڭىزنىڭ   كۆڭڭۇللۇك   بولغانلىقىدىن    بەكمۇ    سۆيۇندۇق   .

0

تېما

1

دوست

2013

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22168
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 614
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-30
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 22:00:43 |ئايرىم كۆرۈش
تازا بىر ياشاڭ ئاكا بۇ ئانا دىياردا

0

تېما

0

دوست

684

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   36.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16602
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 220
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-15 18:51:00 |ئايرىم كۆرۈش
داۋامىنى كۈتۈمىز.

10

تېما

1

دوست

2372

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14439
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 742
توردىكى ۋاقتى: 208
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-22
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-15 20:23:24 |ئايرىم كۆرۈش
ياخشىمۇ سىز ئاكا،بۇ تەسىرات ماقالىڭىزنى بەك ئەتىراپلىق ئادەم ئوقۇسا قىزىقىپ ئوقۇغۇسى كىلدىغان شۇنداق تەپسىلى يىزۋاتسىز،داۋامىغا تەشنامىز ئاكا

2

تېما

0

دوست

1940

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6302
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 336
تۆھپە : 379
توردىكى ۋاقتى: 197
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-3
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 16:52:02 |ئايرىم كۆرۈش
تاشپۇلات ئاكىمزنىڭ قەلەم قۈۋۋىتىگىمۇ بەك قايىل بولدۇم .داۋامىغا تەشنامىز ئاكا.......
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )