قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1370|ئىنكاس: 11

بارغانسىرى تەسلەشكەن راھاتباغ ئامىۋى قاتنىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12044
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 19:00:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tohotur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-14 21:53  


1.يۇرتۇم راھەتباغ يېزىسى قومۇلنىڭ ئەڭ قەدىمى شەھەرگە يانداشقان بىر بۆلكى .ئەزىز خەلقىم تارىختىن بۇيان سۇنىڭ ئېقىنىنى بويلاپ بۇ يەردە تەبىئەت بىلەن دوسلاشقان بىرھالەتتە نەچچە مىڭ يىللىق كەچۇرمىشلىرىنى باشتىن كەچۇردى. تۆۋەنتۇر نامى بىلەن ئاتالغان راھەتباغ ۋە راھەتباغلىقلار ، گەرچە  ئېقىنلىرى قۇرۇغان بىر بوھراننى كۇتۇۋېلىۋاتقان بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى ، ئۇمۇتۋارلىقى بىلەن بىلەن ياشاپ كەلمەكتە .
2. ئسىىمدە قېلىشىچە راھەتباغنىڭ قاتنىشى ئىلگىرى قومۇل ئامىۋى قاتناش ئەتتىگەندە بىر چۇشتىن كىيىن بىر قېتىم ماشىنا ماڭدۇرۇپ تۇراتتى .كىيىن شەخسى ئىگىلىكتىكى كىچىك بولكىۋايلار ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگەللىدى .بولكىۋايلار قاتنىغان ئاشۇ بىر قانچە يىل راھەتباغلىقلارنىڭ  قاتنىشى ئەڭ راۋانلاشقان ، ئەل جاھان رازى بولغان بىر قانچە يىل بولغان ئىدى. كىيىن نىمىسى نىمە بولغان بولكىۋايلارنى يىغىۋېلىپ ، راھەتباغقا 7-يول قاتنىغان بولدى ، 7-يول شامالچاھارباغ كەنتىگىچە راۋان مېڭىپ ئۇنىڭ تۆۋەينىغا  تۆۋەنتۇرغا ئۆكتەمبەدى بولۇپ نەچچە يولدا بىر قېتىم مېىڭىپ ئۆنجەيتتى . كىيىن 7-يول شامالچاھارباغنىڭ تۆۋەينىغا ئۆتمەيدىغان بولدى . شۇنىڭ بىلەن ئامىۋى قاتناش شېركىتى ئۇچ سائەت ساقلاپ ئولتارغىلى بولدىغان  لۆم لۆم  16 -يولنى پەيدا قىلدى . شۇنىڭ بىلەن ئەلكە ، چوڭگۇمبات ، دۆشتۇر ، ئويمانتۇر ، توخوتۇر ، قۇمتۇر ، چوڭتۇر ، چۆلتۇر ،قارىتال قاتارلىق جايلارنىڭ ئامىۋى قاتناشقا ئولتۇرىشى مسىلسىز قىينلاشتى .
   3. بىر نەچچە كۇننىڭ ئالدىدا چوڭتۇرغا چوڭنەمنى يوقلاپ چۇشتۇم . چوڭنەم قاتناش توغۇرلۇق ھال ئېيتىپ 16 -يول پەقەت جانغا ئەسقاتمايدۇ ، ئۇنىڭغا ئولتۇرىمىز دىسەك بىر نەچچە سائەت ساقلاشقا توغرا كىلىدۇ .بۇ قشىنىڭ بىر تۇتام كۇنىدە ئۇنى قانداقمۇ ساقلاپ بولغىلى بولىدۇ . ئىشىمىز چىقىپ قالسا مەھەلىدە بىر قانچە ماشىنىسى بار باللار بار . شامالچاھارباغقا ئون سومغا ، بازارغا قومۇل شەھەر ئىچىگە ئوتتۇز سومغا ئاچىقىپ قويىدۇ . ئاشۇ بولكىۋايلا قاتنىغان ۋاقىت شۇنداق ئامدان ۋاقىتلاركەنتۇق .مانا قارىتالدىنى ماڭسا مەھەللە ئىچى بىلەن چۆلتۇر ۋە چوڭتۇرنى بويلاپ ماڭاتتى .ۋاي بالام تېخى شەھەردىن بازارلىقلارنى ئېلىپ قايتقاندا ئشىكىمىز ئالدىغىچە ئاپىرىپ قوياتتى .مانا ئەمدىچۇ ؟
4. بۇ ئامىۋى قاتناش بولكىۋاينى يوقۇتۇپ ئاممىنىڭ قاتنىشىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرماقتا يوق ،تېخى ئىلگىرى بولكىۋايغا ئۇچ تۆت كوي خەجلەپ شەھەرگە چىقىدىغان  تۆۋەنتۇرلۇق دىقانلار مانا ئەمدىلىكتە ، ئوتتۇز سوم خەجلەپ بازارغا چىقىدىغان بوپتۇ . ياكى بولمىسا چىقمايلا قويىدىكەن شۇ ، چىقمىسىغۇ يانچۇقتىكى پۇل خەجلەنمەيدۇ ، ئەمما ماۋۇ تەرەققى قىلۋاتقان قومۇل ، تۆۋەنتۇرنىڭ قاتنىشىنى كەينىگە چىكىندۇرۇپ تۇۋەنتۇر دىھقانلىرىنى ئۇھسىندىرىۋاتقان ئامىۋى قاتناشتىن ناھايىتى قۇرسۇقۇم كۆپتى.
5.ئامىۋى قاتناشنىڭ ئاجايىپ ماز بىر گىپى بار .ماۋۇ يەردىكى خەلق قاتناشتىن قىيلىنىپ قاپتۇ دەپ مەلۇم قىلسا ، ئۇ يەرگە قاتناش سالساق پۇل تاپالمايمىز ، بۇنداق پۇلدىن باشقىنى تونۇمايدىغان پوزۇتسىيەدىن دەھشەت نەپرەتلىنىمىز ئەلۋەتتە . لېكىن بۇمۇ بوپتۇ ، ئۆزەڭ قاملاشتۇرالمايسەن ، ئۇنداق بولسا شەخسى بولكىۋايلارنى ماڭغىلى قويساڭ بولمامدۇ . بۇ بولكىۋايلار تۆۋەنتۇر دىھقانلىرىنىڭ ھاجىتىنى ناھايىتى ياخشى راۋان قىلىپ ئىشىك ئالدىغىچە مۇلازىمەت قىلىپ خەلقنىڭ رازىلىغىنى ئېلىۋاتسا ، يا ئۇلارنى ماڭغىلى قويماي يا ئۆزەڭلار ياخشى مۇلازىمەت قىلماي ، ئىشەك ھارۋىسىىنىڭ ئورنىدىكى 16-يولنى سېلىپ قويۇپ تۆۋەنتۇر خەلقىگە قۇرۇق ئىمىزگە ئەمگۇزۇپ نىمە قىلغان ئىشىڭلار بۇ .
6. يېزىغا چۇشكەن ياردەم بەرگۇچى كادىرلار نىمە قىلىپ يۇرۇيدىكىن تاڭ . بۇ غوجاملارنىڭ ئۆزىنىڭ مىنىدىغان  ماشىنىسى كام بولمىغاندىن كىيىن ،  تۆۋەنتۇرلۇقلار زادى قانداق ماڭىدۇ ،قاتنىشى قولايلىقمۇ ،دىگەندەك ئەڭ ئەقەللى ئەڭ مۇھىم ئىھتىياجلىرىىنمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ۋاقىتنى توشقۇزۇش بىلەن بەنىتمۇ نىمە ؟
7.ئالدىنقى ۋاقىتلاردا راھەتباغدا نورۇز ، ئالتۇن توي ، كۆمۇش توي دىگەندەك پائاليەتلەر بولۇندى ، ئەمما بۇنداق بىرەر كۇن داغدۇغا بولۇپ ئاندىن ھەممە ئەسلى ھالىتىگە قايتىدىغان پائاليەتلەردىن مېنىڭچە توۋەنتۇرلۇقلارنىڭ بولۇپمۇ ئەلكىدىن تۆۋەينىدىكى توۋەنتۇر دىخانلىرىنىڭ كۇندىلىك قاتناش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۇنداق پائاليەتلەردىن مىڭ ھەسسە مۇھىم .بىز راھەتباغ يېزىسىغا يېڭى كەلگەن يېزا باشلىقىنىڭ قانداقلا قىلسا قىلىپ تۆۋەنتۇر دىھقانلىرنىڭ قاتناش قىيىنچىلىقىنى بولۇپمۇ موشۇنداق جاڭ جاڭ قىشتىكى قاتناش قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بىرىشىنى ئۇمۇت قىلىمىز .ۋە بۇ ئىشقا يېققىندىن دىققەتتە بولماقتىمىز .
8.ئەگەر قەتئى ھەل قىلالمساڭلار ، ئۆزەڭلىنى قىينىماي ، ئاۋامنىمۇ قىينىماي ئاشۇ بولكىۋايلارنى ماڭغىلى قويۇڭلار . بۇنىڭدا جاھىللىق قىلماي ، تۇزۇم قېلىپ دەپ تۇرۋالماي ، ئەل دەرھال مەنپەئەتلىنەلەمدۇ دىگەننى بىرىنچى ئورۇنغا قويساڭلار !

ئۇ ئۇخلىمايدۇ ھەم ئۇخلاتمايدۇ

3

تېما

0

دوست

2177

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19483
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 672
توردىكى ۋاقتى: 95
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-15 11:08:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ھۇكۇمەت توردىكى ئىنكاسلارغا تازا كۇڭۇل بولمەيۋاتىدۇ .
ئۇلار ھازىر مۇقۇملۇق بىلەن ئالدىراش ،
قىززىق تىمىدىن بىرسى ئوتتۇرغا چىقسا ئىدى ھەممىنىڭ نەزىرى توردا بۇلاتتى
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1702

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   70.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31143
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 510
توردىكى ۋاقتى: 78
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-15 12:50:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتتى مۇھىم مەسىلىدىن بىرنى ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز،ئىنشائاللا، بۇ مەسىلىمۇ ھەل بۇلۇپ قالار
بىچارە دىھقانلار،
مەركەزدىن چەت يېزا قىشلاقلاردىكى دىھقانلارنى يۆلەيمىز دەپ ئاجرىتىۋاتقان پۇللار قايسى كادىرنىڭ چۆنتىكىدە ئوخلاپ ياتىدىغاندۇ..........

0

تېما

21

دوست

1825

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   82.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28130
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 554
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-15 16:52:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يا ئاللا توخوتۇر ئاكا ، قوللىرى دەرت كۆرمىسۇن ، ئەل-ئاۋام ئۈچۈن باسقان يوللىرىدىن گۈل ئۈنسۇنكى توزىمىسۇن ....... تولىمۇ مۇھىم بولغان ئەل-ئاۋامغا ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەل رايىنى سىنىشىغا ، ھالقىما تەرەققىيات ، ئومومىيۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم چوڭ مەسىلىكەن ، مەنچە ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەل رايىنى ئىنكاس قىلىش نىشان-مەقسىتى بويىچە ئيتقاندا بۇ ھەل قىلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە ، قانۇن-تۈزۈمنىڭ كۈچەيتىلىشى ، دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ كونكرېت جنلىق ئەمەلىيلىشىشنىڭ نەتىجىسىدە مېنىڭچە چوقۇم بۇ ئىشلار ھەل بوماي قالمايدۇ ، مۇھىمى پۇقرالىق سالاھىيىتىمىز بىلەن بۇنداق مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا مۇۋاپىق ئىنكاس ھەم نازارەت ئاستىغا ئېلىپ تۇرۇشىمىز كېرەك .

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12044
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2014-11-15 16:58:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇن توي ئەلەي بەلەي دىگەنلەر پەقەت بىر كۇنلۇكلا ھەشەم دەرەم ، ئەمما توۋەنتۇرنىڭ قاتناش قىيىنچىلىقى بولسا 365 كۇنلۇك قىينچىلىق .
مېنىڭچە ئەل يۇرت نىمىنىڭ باراڭ نىمىنىڭ قاپاق ئىكەنلىكىنى تازا ئوبدان بىلگۇچىلىكى بار .

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-15 17:25:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kitabhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-15 17:29  
tohotur يوللىغان ۋاقتى  2014-11-15 16:58
ئالتۇن توي ئەلەي بەلەي دىگەنلەر پەقەت بىر كۇنلۇكلا ھەش ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم توختور بۇرادەر ،سىز بىلەن مۇنبەرداش بولوۋاتقىلى 3 يىلچە ۋاقىت بوپتۇ.
مەن جەنوبى شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ،ئەڭ يىرىقى ئۈرۈمچىگە بىرىپ نەچچە يىل ئوقوپتىمەن.جەنوبى شىنجاڭ رايونى ماڭا نىسبەتەن ئاساسەن تونوش ئەمما دىيارىمىزنىڭ باشقا رايونلىرى ماڭا نىسبەتەن ئانچە تونوش ئەمەس  بولوپمۇ  قۇمۇل تەرەپلەرنى ئانچە چۈشەنمەيمەن ھەم بىلمەيمەن .مومكىن بولسا قۇمۇل دىيارىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى،ئۇ جايدىكى ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىزنىڭ تەخمىنى سانى ۋە ئىقتىسادى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە بىر تونوشتۇرۇش بەرسىڭىز بوپتىكەن ...
خوتەن،قەشقەر،ئاقسۇ تەرەپلەرنى دىيىش مىنىڭچە بىھاجەت بۇ تەرەپلەردە ئاساسلىق نوپوس يەنىلا بىز ،ئىقتىساد ۋە مەمۇرى ھوقوق جەھەتلەردىن مۇئاۋىن بولسىمۇ يەنىلا بار ...
ئەمما مىنىڭ جەنوبى شىنجاڭدىن باشقا شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىزنىڭ تەخمىنىي نوپوسى،تۇرمۇش ۋە باشقا جەھەتتىكى ئىشلىرىنى بەكمۇ بىلگۈم بار ئىدى ...
بولوپمۇ تۇرپان،قۇمۇل،كورلا،غولجا،قارىماي دىگەندەك رايونلاردىكى ئومومىي نوپوس ۋە ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىزنىڭ نوپوس تۇرمۇش ئەھۋالى دىگەندەك ...
چىقىرىپ ئالدى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭنى بىر ساياھەت قىلاي دەيمەن ئەمما ما مۇقۇملۇقنىڭ دەستىدىنزە قوشقا كەنىتكە بارماقمۇ ئانچە قولاي ئەمەس...

52

تېما

12

دوست

6314

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  75
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1293
تۆھپە : 1046
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-18 14:10:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
16 يولنى يېڭىلاپتۇ ئەمدى ئاتتەك ماڭىدىغان بوپتۇ

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32244
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 19:58:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ahgul914 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 14:10
16 يولنى يېڭىلاپتۇ ئەمدى ئاتتەك ماڭىدىغان بوپتۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )