قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 408|ئىنكاس: 7

ئەلكۈن: ھايات بېكىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

16

تېما

15

دوست

2953

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى: 112
تۆھپە : 1146
توردىكى ۋاقتى: 151
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-18
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ezimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-15 08:23  


ھايات بېكىتى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن


كۈن پارلىماستا
مەھەللىنى قىزىل رەڭدە بويىغان قۇياش.
كۆك ئاسماننى قىزارتقان
ئاخشام بالدۇر چاقنىغان چولپان....
قەيەرگىدۇ يوقىغان.

تىنماس ھايات قۇتراتقۇسى
مەن نىمكەش ئالدىراش         
جان باقماققا شەھەرگە قاتىرغان.
پويىز بىكىتىگە قاراپ چاپقان....
كۆڭلى سۇنۇق كېچە ئۇيقۇسى
غايىپ ئاخشام يۇلتىزى
پويىز ۋاگونىدا مەن بىللە مۇگدىگەن.
كۆزۇمدە ئۇيۇپ قالغىنى پەقەت  -
بىر تامچە ھەسىرەت يېشى .

سۇلغۇن قايتتىم
بىر كۈنلۇك ئالماننى تۇگۇتۇپ،
سەھەر ۋە ئاخشىمىنىڭ پەرىقى يوق -
كۈن قىزىرىپلا تۇردىغان مەھەللەمگە.
ئەتە يەنە شۇنداق ماڭىمەن
شۇنداق قايتىمەن....
سەپرىمدىكى بۇ بىكەتكە.

رەڭدار ئاسمىنىدا،
ماڭا تەۋە تۇيغۇم ئىنتىزار.
سەھەردە قىزىرىدۇ قۇياش....
چۇشتە ھىجىران يامغۇرى ياغار.
جۇدالىق شامىلى كەچتە چىقار.
ئاخشىمى نازىن چولپان…
گاھى بۇلۇتسىز ئاسمىنىمدا پارلار.
خۇددى يېزىلپ يېرىمى قالغان
پۇتمىگەن قىسسىەگە ئوخشاش -
بۇ كۇنلەرماڭا تەكرار...

2014- يىلى. 12- نويابىر. لوندون.

Hayat_Bekiti.jpg

خوجە

0

تېما

9

دوست

3374

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   45.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9687
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 209
تۆھپە : 913
توردىكى ۋاقتى: 285
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-17
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭقۇر ھېسلارغا تويۇنۇپ شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ،،،،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

7

تېما

2

دوست

2062

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23987
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 622
توردىكى ۋاقتى: 160
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-15
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلىپ تۇ بىر دەستە گۈل بىلەن تەبىركلەيمەن .

0

تېما

8

دوست

3201

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   40.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 980
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-18
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«قىزلاردا نىمە گۇناھ»نىڭ يىڭى قىسمى نەدە بار.

0

تېما

1

دوست

1711

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   71.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20157
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 526
توردىكى ۋاقتى: 82
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-17
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز...

4

تېما

3

دوست

2473

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9364
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 197
تۆھپە : 639
توردىكى ۋاقتى: 98
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-18
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
masturam يوللىغان ۋاقتى  2014-11-15 21:04
«قىزلاردا نىمە گۇناھ»نىڭ يىڭى قىسمى نەدە بار.

قىز-ئاياللار ئەمدى قاچانمۇ شۇ تۈركىينىڭ كىنولىرىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ، بوش ۋاقىتلىرىدا كىتاپ كۆرۈپ ياكى پەرزەنتىگە ئۆزىنىڭ بىلىشىچە ئىلىم بېرىدىغان كۈنلەر كېلە .

4

تېما

3

دوست

2473

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9364
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 197
تۆھپە : 639
توردىكى ۋاقتى: 98
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-18
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئىنتايىن تەبئى ، سەھەردىكى ساپ ھاۋادەكلا .

0

تېما

8

دوست

3201

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   40.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 980
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-18
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sahabi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 02:48
قىز-ئاياللار ئەمدى قاچانمۇ شۇ تۈركىينىڭ كىنولىرىدىن  ...

كەچكىچە كىنو كۆرىدىدۇ دەپ قالدىڭىزما؟ نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش بولسۇن. ھۆكۈمەتكە ئىشلەيمىز 8سائەت. قايتىپ كېلىپ ئۆيدە 3،4سائەت ئۆي ئىشى قىلىمىز. ئەمدى ئاخشىمى بىردەم يېرىمدەم بولسىمۇ ئازراق كىنو كۆرۈپ قويساق يامان كەتمەس، ھوي بىز ئاياللارمۇ ئاەمغۇ ھە، قۇل ئەمەس. بالا دىگەنمۇ بىر كۈندە چوڭ بولمايدۇ. ئۇلارنىمۇ ماكرو جەھەتتىن تەربىيەلەش ھەر مىنۇت سىكۇنىت كاللىمىزدا بار. ئەمدى مىكرو جەھەتتىنمۇ ھەممە ئىشىغا ئارلىشىۋالىمىز دىسەك ئادەمكەن ئۇ. ئايرىم كاللىسى بار، تەپەككۈرى بار. ئۇنىڭ ئۈستۈگە بەك كۆزىگە كىرىۋالسىمۇ ئاتا-ئانىدىن بىزار بولۇپ كېتىدىكەن. بەك كۆيىنىپ كەتسىڭىز ، يىيىش ئىچىشتىن، ئوبىرنىغا كىرىشتىن باشقىغا يارىمايدىكەن. شۇ. قانداق قىلىمىز، ماڭا ئازادە بوشلۇق كىرەك دەيمىش. شۇڭا، ئازراق مەيلىگە قويىۋەتتۇق.
بۈگۈن سائەت 12دە ۋالىبول مۇسابىقىسىگە باراتتىكەن، ئازراق تاماق يەپ ماڭسۇن دەپ ئالدىراپ تىنەپ پولۇ ئەتتىم. چۈنكى تۈنۈگۈن ئۆپكە- ھىسىپ قويغان. بەك سۇغۇقلۇق ئىكەن. قاپاقلىرى ئىششىپ قوپۇپتۇ. پولۇنىمۇ ئۈلگۈرەلمەيمەن دەپ ئاران يىدى. بىر چاغدا چاي ئىچىمەن دىگەنتى. چاي قىززىق ئىكەن. يوغان ئىككى چىنىدىن بىرى بىرىگە قۇيۇپ سۇۋۇتۇپ ئاران تەييار قىلدىم. ئىچىپ كەتتى. ئەمدى بىرەر سائەت ئۆزەمگە ئاجرىتاي دەيمەن. قانداق بولۇپتۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )