قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 9611|ئىنكاس: 157
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدە قىيىن دەپ قارىلىۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋا...

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

1186

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   18.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32140
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 372
توردىكى ۋاقتى: 156
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-15 18:35:44 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدە قىيىن دەپ قارىلىۋاتقان مەسىلىلەرگەجاۋاپ تاپقان تەتقىقاتلار توغىرسىدا
مىجىت ھېمىت
mijit.jpg


   دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدە قىيىن دەپ قارىلىۋاتقان سوئاللارغا جاۋاب تېپىش تەتقىقاتى 30 يىل ئېلىپ بېرىلدى. قىيىن سوئال دېگىنىمىز-ئالەمدىن-ئادەمگىچە-زەررىچىلەرگىچەبولغانئالەمدە تۈپكى«بىرلىك قانۇنىيەت» بارمۇ؟ بار بولسا ئۇنى قانداق چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ؟ دىن ئىبارەت سوئالغا تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان قانۇنىيەتتىن پايدىلىنىپ ئالاھىدەفورمۇلالار كەشىپ قىلىنىپ جاۋاب تېپىلدى. بۇ فورمۇلالارنى نەزەرىيە ئاساس قىلىنىپچوڭ ھەجىمدە ئۇنۋىرىسال، بىر بىرىگە ئىلمى تەدبىقلانغان ئىلمى ئەسەر يېزىلدى.ئەسەرنىڭ ئىسمى ئالەمنىڭ بىرلىك قانۇنىيتى«ئابد1لمىجىد”1“ =96=16 فورمۇلالار» تەلىماتى ۋەئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى دەپ ئىسىم قۇيۇلدى. بۇ تونۇشتۇرۇشۇمدا ئەسەرنىڭ مۇندەرىجىسى بېرىلدى.

17.jpg


مۇندەرىجىدىكى تەتقىقاتلار قىسقارتىلىپ سوئال-جاۋاب تەرىقىسىدە بېرىلدى.ۋە بۇ نەزەرىيەنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن مودېل ئىسپاتلىرىمۇ بېرىلدى. بۇتونۇشتۇرۇشنى بىرىشتىكى مەقسەت مەملىكەت ۋە خەلقئارا ئىچىدىكى ئالىملار، تەتقىقاتچىلار،ئالىي بىلىم يۇرتىدىكى مۇتەخەسىسسلەر، ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىدىكى زىيالىيلار، ئۇيغۇرتېبابەتچىلىكى مۇتەخەسىسلىرى، ئوقۇتقۇچىلار، شىپاخانىلار ، نەشىرياتلار،كارخانچىلار...بىلەن ھەمكارلاشماقچى.
1.سوئال: ئالەمنىڭ تۈپكى بىرلىك قانۇنىيتى بارمۇ؟ بار بولسا ئۇنى چۈشەندۈرگۈچى ئاچقۇچ بارمۇ؟
جاۋاب: ئالەم سىرلىرىنى يېشىدىغان فورمۇلالار كەشىپ قىلىندى.
2.سوئال: ئالەمدىن ئادەمگىچە ۋە زەررىچىلەرگىچە بولغان قانۇنىيەتلەرگە ماس كېلىدىغان فورمۇلالاركەشىپ قىلىپ ئالەم،ئادەم،ئاستىرونومىيە،جۇغراپىيە،تېبابەتچىلىك،ئۇنۋىرسال پەنلەرنى...چۈشەندۈرۈشكە ۋە بىلىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: بولىدۇ.

3.سوئال: ئالەم ۋەيەرشارى جۈملىدىن تەبىئەت دۇنياسىنى ۋە ئۇلارنىڭ بىرلىك قانۇنىيتىنى ئاسان،ئىلمىي ئۇسۇلدا يازما چۈشەندۈرۈشكە بولامدۇ؟

جاۋاب: بولىدۇ.

4.سوئال:ئاستىرونومىيەدە،جۇغراپىيەدە،ئادەم بەدىنىدە ۋە بارىلىق شەيئىلەردە تەڭپۇڭلۇق بىرلىك قانۇنىيتى قانداق بولىدۇ؟
جاۋاب:ئېكولوگىيسى بار.
5.سوئال: تەبىئەت دۇنياسىدىكى كۆپ خىل تەدىرىجىلىك بىر قانۇنىيەتنى ئاساس قىلغانمۇ؟
جاۋاب: شۇنداق،ئاساس قىلغان. بىر يىلدىكى1460تەدىرجىي باسقۇچ ئېنىقلاندى.
6.سوئال:قۇياشتىكى، قۇياش سېستىمىسىدىكى قانۇنىيەت، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ۋە بارىلىق شەيئىلەردىكى قانۇنىيەت بىرلىك قانۇنىيەتكە ئىگىمۇ؟ئىلمىي چۈشەندۈرۈشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: تامامەن بولىدۇ.ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئالاھىدە سائەت كەشىپ قىلىندى.
1.jpg

7.سوئال:ئاستىرونومىيەدە پىلانېتلارنىڭ تۈزۈلۈشى، شەكلى،ھەركىتى،يەرشارى بىلەن ئادەمبەدىنى تۈزۈلۈشى، ھەركىتى بىلەن بىرلىك قانۇنىيەتتىمۇ؟ قايسى پىلانېتتا جانلىقلارمەۋجۇت؟
جاۋاب: بىرلىك قانۇنىيەتتە بولىدۇ.13-پىلانېتتا.
8.سوئال: يەرشارى ئۆز ئالدىغا تەرتىپلىك قانۇنىيتىگە ئىگە بىر شار، ئۇنىڭدىكى قانۇنىيەت بىلەن ئادەم بەدىنىدىكى ماددا قانۇنىيەتلىرى، ئەزالار قانۇنىيەتلىرى بىلەن بىرلىكلىگى بارمۇ؟
جاۋاب: شەكىللىرى ئوخشىمايدۇ،ئەمما تۈپكى قانۇنىيتى بىر بولىدۇ.
9-سوئال: ئۇيغۇر32 ھەرىپى تاسادىبىي 32 بولۇپ ئاتىلىپ قالغانمۇ(ئەڭ ئاخىرىدا)؟ئۇنىڭ ئارقىسىغا بىرەر سىر يوشۇرۇنغانمۇ؟
جاۋاب: سىرى يېشىلدى.
32 ھەرىپ شاھمىتى رەسىمى
2.jpg

10.سوئال: ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى تىببىي شاھمات ئۈستىدە تەپسىلىي،ئىلمىي چۈشەندۈرۈشكە بولامدۇ؟ خەلقئارالىق شاھماتنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۈپكى قانۇنىيەت بىلەن بىرلىكلىگى بارمۇ؟
جاۋاب: ئىلمىي ئاساسى ۋە بىرلىكلىگى بارلىقى ئېنىقلاندى.

تىببىي شاھمات رەسىمى
3.jpg


11.سوئال: ئادەمبەدىنىنىڭ ئاناتومىيلىك تۈزۈلۈشى ۋە فىزىئولوگىيلىك ھەركەتلىرى ئالەم قانۇنىيەتلىرى بىلەن بىرلىكلىككە ئىگىمۇ؟
جاۋاب:بىرلىكلىككە ئىگە ئىكەنلىكى ئىلمىي ئىسپاتلاندى.
12.سوئال ئالەم ماددىللىرىنىڭ 256 قېتىم ئورۇن ئالمىشىش پىرىنسىپلىرى ئوخشاشمۇ؟
جاۋاب: تامامەن  بىر قانۇنىيەتتە ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.
13.سوئال: تومۇرھەرىكەتلىرىنىڭ ئەزالار بىلەن باغىلنىشلىق بولغان سىرلىرىنى ئىلمى ئۇسۇلداچۈشەندۈرگىلى بولامدۇ؟ دۇنيادا بىرلىككە كەلگەن كىسەل ئېنىقلايدىغان تومۇررىسالىسى تۈزگىلى بولامدۇ؟
جاۋاب: ئەلۋەتتەبولىدۇ. بۇ رىسالە تۈزۈلدى.
18.jpg



14.ئادەمنىڭ مەركىزىي نېرۋا سېستىمىسى يەنى ئادەم مېڭىسى خۇددى بىر ئالەم دىيىشنى،ئالەم بىلەن باغلاپ بىر قانۇنىيەتتە ئىكەنلىكىنى ئىلمىي چۈشەندۈرگىلى بولامدۇ؟
جاۋاب:چۈشەندۈردىغان ئىسپات يېزىلدى.
15.سوئال:كۆز،قۇلاق،بۇرۇن،ئېغىزدىن ئىبارەت تۆت ئەزانى تەبىئەت دۇنياسىدىك ئوت،ھاۋا،سۇ،تۇپراق ئىلمى بىلەن خۇددى چىشلىق چاقلار كىرىشكەندەك كىرىشتۈرۈپ ئىلمىي چۈشەندۈرگىلى بولامدۇ؟
جاۋاب:چۈشەندۈرۈلدى.
16.سوئال: چوڭ ھەجىمدىكى ئەسىرىمدىكى ھەر خىل كەشپىياتلار،ئىجادىيەتلەرنى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى بىلەن تۆت ئامىللىق قانۇنىيتى بىر ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي باغلاپ چۈشەندۈرگىلى بولامدۇ؟
جاۋاب : بىرلىك قانۇنىيتىنى ئىلمىي چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.
17.سوئال: تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھېسابسىز سىرلارنى بىر خىل ئىلمىي ئاچقۇچ نەزەرىيەسى بىلەن ئېچىپ چۈشەندۈرگىلى بولامدۇ؟
جاۋاب: تامامەن بولىدۇ.
18.سوئال: بارلىق پەنلەرنى چۈشەندۈرۈشتە ئۇلارنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىدىكى قانۇنىيەتلىرىنى  بىر تۈپكى قانۇنىيەتكە مۇجەسسەملەشتۈرۈپ چۈشەندۈرۈشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: يەرشارىمىز بىرلا شۇڭا مۇجەسسەملەشتۈرۈپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ.
19.سوئال: ۋاقىت ئىلمى بىلەن ماددا ئىلمىنى بىرلىك فورمۇلالار بىلەن چۈشەندۈرۈشكە بولامدۇ؟
جاۋاب:چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ.ئىلمىي ئىسپاتلاندى.
20.سوئال: ئالەم ماددىلىرىدىكى(ئاسمان جىسىملىرى،يەرشارى،شەيئىلەر) ئېكولوگىيلىك تەڭپۇڭلۇق قانداق بولىدۇ؟
جاۋاب: ئالەم ماددىلىرىدىكى ئېكولوگىيلىك تەڭپۇڭلۇق بىلەن مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاندى.
21.سوئال: كۈننىڭ چىقىش ۋە ئولتۇرىشى دۇنيادىكى ماددا قانۇنىيتى بىلەن بىرلىكلىككە ئىگىمۇ؟
جاۋاب: بىرلىكلىككە ئىگە.

ۋاقىت جەدۋىلى رەسىمى
4.jpg


22.سوئال:يەرشارىنىڭ 3.خىل ھەركىتى(پەسىل پەيدا قىلىش ھەركىتى)، يەرشارىنىڭ جەنۇب ۋە شىمال قۇتۇپلىرى66گىرادۇس5مىنۇت بويىچە ھەركەتلىنىپ پەسىللەرنى پەيداقىلامدۇ؟ ياكى45گىرادۇس ۋە  90 گىرادۇسلۇق بويىچە ھەركەتلىنىپ پەسىللەرنى پەيدا قىلامدۇ؟ بۇلاردىن قايسىسى توغرا؟ 40ۋە 90لىك ھەركىتىنى ئىلمىي مودېل بىلەن ئىسپاتلاشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: ئالاھىدەمودېل بىلەن ئىسپاتلاندى. بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن 20 يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىلدى.
مودېل رەسىمى.

5.jpg


23.سوئال:ئالەمنىڭ بىرلىك قانۇنىيتى نەزەرىيىسى ئارقىلىق دۇنيادا بىرلىككە كەلگەن ئالاھىدەسائەت (ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەركىتىگە ماس ئوڭدىن-سولغا ئايلىنىدىغان) ۋە ئالاھىدە كالېندار(يەرشارىنىڭ سىلجىش ھەركىتىگە تەدىبىقلىنىپ ئىشلەنگەن) تۈزۈپ دۇنيادا بىرلىككە كەلگەن ۋاقىت جەدۋىلى قىلىپ ئىشىلتىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: ئالاھىدە سائەت كەشىپ قىلىندى، ئالاھىدە كالىندار ئىشلەندى. بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 20يىل ۋاقىت كەتتى.
ئالاھىدە سائەت ۋەئالاھىدە كالېندار رەسىمى
6.jpg


24.سوئال: يەرشارى ئۆز ئوقىدا 66 گىرادۇس5مىنۇت ئەمەس 45گىرادۇس ۋە 90 گىرادۇسلۇق ھەركەتتە سىلجىپ ھەركەتلىنىشىنى ماتېماتكىدا ۋە يەرشارى ھەركەت مودىلى بىلەن ئىسپاتلاشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: ئىلمىيمودىلى ياسىلىپ ئىسپات كۆرسىتىلدى.
يەرشارى 45 ۋە 90گىرادۇسلۇق ھەركەت مودىلى


25.سوئال: ئۇيغۇر32 ھەرىپىنىڭ تۈزۈلۈش قانۇنىيتى، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ماددىلار قانۇنىيتى بىلەن بىر قانۇنىيەتتە ئىكەنلىكىنى تېپىپ، تەبىئىي پەن ئاساسىدا دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: ئىلمىي ئىسپاتلاشقا بولىدۇ.
32ھەرىپلىك شاھمات تاختىسى رەسىمى
26.سوئال: ئۇيغۇرتېبابەتچىلىك شاھمىتىنى ياساپ، ئۇنى ماددا قانۇنىيتىگە تەدىبىقلاپ ئىلمىي چۈشەندۈرۈپ ئەمىلىي ئىشىلتىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: شەك-شۈبھىسىز بولىدۇ.
تېبابەتچىلىك شاھمىتى رەسىمى
يۇقىرقى ئىككى خىل شاھمىتىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ سىناق قىلىش ئۈچۈن 20يىل ۋاقىت كەتتى.
27.سوئال: ئادەم بەدىنىدىكى مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەرنى ، دىئاگىنوز تاختىسى ياساپ تاختا ئۈستىدە ئىلمىي چۈشەندۈرۈشكە بولامدۇ؟ ھەم بۇ تاختىنى ئەمەلىي ئىشىلتىشكە ئاساس قىلغىلى بولامدۇ؟
جاۋاب: 20 يىل تەتقىق قىلىپ ئەمەلىيەتتە پايدىلنىپ ئىشىلتىشكە بولىدىغانلىقى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاندى!
دىئاگنوز تاختىسى رەسىمى.
7.jpg


28.سوئال:ئالەمنىڭ بىرلىك قانۇنىيتى ئاساسىدا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكنىڭ ئاساسى نەزەرىيەسىنى فورمۇلالارغا جەۋھەرلەپ توپلاملاشتۇرۇپ ئايلانما ئۈستەل ئۈستىدە چۈشەندۈرۈشكە ۋەئەمەلىي ئىشىلتىشكە بولامدۇ؟ كىشلەر ئۆيلىرىدىلا ئۆز ئالدىغا كېسەللەرگە دىئاگنوز قۇيۇپ داۋالاپ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۆرەلەيدىغان قىلىپ بىرىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: ئايلانمائۈستەل ياسىلىپ ئۇنىڭغا تەجىربىدىن ئۆتكەن دورىلار قويۇلۇپ ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىلىپ بۇ قىيىن مەسلە ھەل قىلىندى. شەك-شۈبھىسىز قىلغىلى بولىدۇ.
ئايلانما داۋالاش ئۈستىلى رەسىمى:

8.jpg


29.سوئال:ئالەمنىڭ بىرلىك قانۇنىيتى ئاساسىدا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكنىڭ ئاساسى نەزىرىيسىنى فورمۇلالارغا جەۋھەرلەپ فورمۇلالار ۋە ئەركان ئىلمىگە مۇجەسسەملەپ، توپلاملاشتۇرۇپ ئايلانما داۋالاش تاختىسى ياساپ، تاختا ئۈستىدە كېسەل بولۇش قانۇنىيىتى ۋە داۋالاش پىرىنسىپلىرىنى تولۇق چۈشەندۈرۈشكە ۋە ئەمەلىي ئىشىلتىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: قىلىشقا بۇلىدۇ، ئەمەلىي مودىل تاختىسى ئۈستىدە كۆرسىتىلدى.
ئايلانما داۋالاش تاختىسى مودىلى رەسىمى
9.jpg


30.سوئال: ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە ئادەم ئاناتومىيىسى ۋە ئۆز نەزەرىيسىگە خاس سېستىمىلار ئىلمىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئۇنى مودىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىشىلتىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: سېستىمىلارئىلمىي تۇرغۇزۇلۇپ مودىل ياسىلىپ ئەمەلىيەتتە ئىشىلتىلدى.
31.سوئال:ئەرەبچە، پارىسچە، ئۇيغۇرچە دورىلار لۇغىتى تۈزۈپ دورىلارنىڭ تەبىئەتلىرىنى دەرىجىگە ئايرىپ فورمۇلالارغا تەئەللۇقلاشتۇرۇپ ئۇنى مىجەز،خىلىت،تەبىئەت...لەربىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بىر گەۋدە قىلىشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: يۇقىرقى سوئال ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
32.سوئال: دۇنيا مېدىتسىنا تېبابەتچىلىگى ۋە ھەر قايسى تېبابەتچىلىكلەرگە بىرلىككە كەلگەن تېبابەتچىلىك بەلگە مودىلى تۈزەشكە بۇلامدۇ؟
جاۋاب: بۇ مودىلبەلگە ئىلمىي ئاساستا ياسالدى.
تېبابەتچىلىكبەلگە مودىلى رەسمى
10.jpg


33.سوئال: قۇياش،ئاستىرونومىيە، يەرشارى(جۇغراپىيە) ئادەم ئەزالىرى،خىلىتلار،دورىلار،تومۇرھەركەتلىرى، قان تىپلىرى... قاتارلىقلارنىڭ قانۇنىيتى بىر ئىكەنلىكىنى فورمۇلالارغا مۇجەسسەملەپ ئالاھىدە ئايلانما مودىلداچۈشەندۈرۈپ ئىشىلتىشكە بۇلامدۇ؟
جاۋاب: تامامەن بولىدۇ.
ئايلانما تۇربىسىمان ئەسۋاب مودىل رەسىمى.
11.jpg


34.سوئال: ئۇيغۇرتېبابەتچىلىكىدىكى قۇرۇق ئىسسىق دەپ ئاتالغان يەككە دورىلار بىلەن مۇرەككەپ نۇسخا تۈزۈپ ئەكىس تەبىئەتلىك تەڭ دەرىجىلىك خىلىتىدىن پەيدا بولغان كېسەللەرگە ئۈنۈملۈك رېتسىپ تۈزۈپ ئۇنى فورمۇلالار بىلەن چۈشەندۈرۈشكە بولامدۇ؟
جاۋاب:چۈشەندۈرۈشكە ئەمەلىي ئىشىلتىشكە بولىدۇ.
35.سوئال: ئۇيغۇرتېبابەتچىلىكىدە ھۆل ئىسسىق دەپ ئاتالغان يەككە دورىلار بىلەن مۇرەككەپ نۇسخىنى تۈزۈپ، ئەكىس تەبىئەتلىك تەڭ دەرىجىلىك خىلىتىدىن پەيدا بولغان كېسەللەرگە ئۈنۈملۈك رېتسىپ تۈزۈپ ئۇنى فورمۇلالار بىلەن چۈشەندۈرۈشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: بولىدۇ.تۈزۈپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلدى.
36.سوئال:تېبابەتتىكى ھۆل سوغۇق دەپ ئاتالغان يەككە دورىلار بىلەن مۇرەككەپ نۇسخىنى تۈزۈپ، ئەكىس تەبىئەتلىك تەڭ دەرىجىلىك خىلىتىدىن پەيدا بولغان كېسەللەرگە ئۈنۈملۈك رېتسىپ تۈزۈپ ئۇنى فورمۇلالار بىلەن چۈشەندۈرۈشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: بولىدۇ. تۈزۈپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلدى.
37.سوئال: ئۇيغۇرتېبابەتچىلىكىدىكى قۇرۇق سوغۇق دەپ ئاتالغان يەككە دورىلار بىلەن مۇرەككەپ نۇسخىنى تۈزۈپ، ئەكىس تەبىئەتلىك تەڭ دەرىجىلىك خىلىتىدىن پەيدا بولغان كېسەللەرگە ئۈنۈملۈك رېتسىپ تۈزۈپ ئۇنى فورمۇلالار بىلەن چۈشەندۈرۈشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: تامامەن بولىدۇ. تۈزۈپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلدى.

38.توپلاشتۇرۇلغان«داۋالاش جەدۋىلى» ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇپ مەجۈنى ئەنبەر بىلەن تۇتقاقلىق كېسىلىنى قانداق ساقايتىدۇ؟
جاۋاب: تەجىربىدىن ئۆتكۈزۈلدى.
39.سوئال: يەرشارىدا ۋاقىتنى بىرلىككە كەلتۈردىغان ئالاھىدە سائەت ياسىلىپ ئۇنىڭ ياسىلىش ئۇسلۇبى، رەقەملىرى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى بولغان ئەركان نەزەرىيىسى ۋە فورمۇلالار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشىلەنگەن. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى نەزەرىيسىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر ئىلىم-پەن ئىكەنلىكى سائەتتە نامايان قىلىندى.
جاۋاب: ئەمەلىي سائەت ياسالدى ۋە رەقەملەر ئەمەلىيەتتە ئىشىلتىلدى.
40.سوئال:ساقايماس كېسەللەرنى ۋە ئادەتتىكى كېسەللەرنى يەرشارى كىلىماتلىق رايونلىرىغايۆتكەپ ساقايتقىلى بولامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئىشىلتىلدىغان كۆرسەتكۈچ نەزەرىيە مودىلى بارمۇ؟ ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرۈشنىڭ سىرىنى بىلىشكە بولامدۇ؟ ئىنسانلارنىڭ بەلگىلەنگەن ئۆمىرى 100دىن 120ياشقىچە بولىدۇ، نىمە ئۈچۈن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىدۇ بۇلارنى بىلىشكەبولامدۇ؟
جاۋاب: بۇلارغاجاۋاب بىرىدىغان يەرشارى ھەركەتچان مودىلى ياسالدى.
5.jpg


41.سوئال:ئالەمنىڭ بىرلىك قانۇنىيىتى ئاساسىدا كەشىپ قىلىنغان فورمۇلالار ئاساسىدا ياسالغان32 ھەرىپلىك شاھمات تېببىي شاھمات بىلەن تېبابەت ئۆگەنگۈچىلەرگە ئەركان نەزەرىيسىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ،بۇ شاھماتلار ئۈستىدىكى ئويناشلارنى تېبابەتچىلىك ئەمەلىيتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بۇلارنى دەرىسلىك قىلىپ ئۆتۈشكە بۇلامدۇ؟
جاۋاب: ئەمەلىي جانلىق قامۇس قىلىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ
42.سوئال: تېببىي شاھماتنى ئويناپ، ئۇنىڭ بىلەن كېسەللەرگە دىئاگنوز قۇيۇش ھەم داۋالاشلارنى تېبابەتچىلىك چوڭقۇر ئاساسلىرىنى شاھماتتىنلا بىلگىلى بولامدۇ؟
جاۋاب:بۇشاھماتتىن تەبىئىي پەننىڭ چوڭقۇر سىرلىرىنى بىلگىلى بولىدۇ.
43.سوئال:دىئاگنوستىكا تاختىسىدىن فورمۇلالارنىڭ 256 ئورۇن ئالمىشىش قانۇنىيتىنى بىلىۋېلىپ،ئادەم بەدىنىدىكى خىلىتلارنىڭ ھەم 256 قېتىم ئورۇن ئالمىشىشىدىن كېسەل پەيدا قىلىشىغا دىئاگنوز قويۇپ كىسەل داۋالىغىلى بولامدۇ؟
جاۋاب: تامامەن بولىدىغانلىقى ئېنىقلاندى.
256 قېتىملىق ئورۇن ئالمىشىش جەدۋىلى رەسىمى
12.jpg


44. سوئال:توپلاملاشتۇرۇلغان«داۋالاش ئۈستىلى» دىكى فورمۇلالارنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن توغرا دىئاگنوز قۇيۇپ كېسەللەرنى ئەڭ ئاسان ئۇسۇلدا داۋالىغىلى بولامدۇ؟توپلاملاشتۇرۇلغان داۋالاش ئۈستىلى رەسىمى
جاۋاب: ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ كېسەللەرگە توغرا دىئاگنوز قۇيۇپ داۋالىيالايدۇ.
45.سوئال توپلاملاشتۇرۇلغان «ئايلانما داۋالاش تاختىسى»دىكى فورمۇلالارنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن توغرا دىئاگنوز قويۇپ كېسەللەرنى ئەڭ ئاسان ئۇسۇلدا داۋالىغىلى بولامدۇ؟ ئايلانماداۋالاش تاختىسى رەسىمى.
جاۋاب: ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ كىسەللەرگە توغرا دىئاگنوز قۇيۇپ داۋالىيالايدۇ.
46.سوئال:غېجەك،تەمبۇر،راۋاپ،دۇتتارلار ئارقىلىق كىسەللەرنى داۋالىغىلى بولامدۇ؟
جاۋاب: فورمۇلا ۋە مۇزىكا نوتا نەزەرىيىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرگىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ.
47.سوئال: مەجۈن دورىلارنىڭ ئەنئەنىۋى ياسىلىشىنى ئۆزگەرتمەي قۇتىلارغا قاچىلىماي ئۆلچەملىك قېلىپلاپ ياساشقا بولامدۇ؟ شەربەت تالقانلارنىڭ ئەڭ ياخشى ياسىلىش ئۇسۇلى بارمۇ؟
جاۋاب: ياساپ ئەمەلىيەتتە ئىشىلتىلدى.
دورا ياساش قېلىپى رەسىمى
13.jpg


48. سوئال: يېڭى كەشىپ قىلىپ ياسالغان فورمۇلالارنى ئاساس قىلىپ تەڭپۇڭلۇق تېبابەتچىلىك بەلگىسىنى ياساپ يەرشارى مېدىتسىناسىدا ۋىۋىسكا قىلىپ قوللىنىشقا بۇلامدۇ؟ دوختۇرخانىدىكى كىسەل داۋالاش قانۇنىيتىنى ، مەكتەپلەردىكى دەرىس ئۆتۈش قانۇنىيتىنى، فورمۇلالارغا مۇجەسسەملەپ ئۇنى ۋىۋىسكا ئۈستىدە يىغىنچاقلاپ ئىپادىلەشكە بۇلامدۇ؟ يەنى ۋىۋىسكىغا قاراپلا ئالەم قانۇنىيىتى، تېبابەتچىلىك قانۇنىيىتى، بىرلىك قانۇنىيەتكە مەنسۇپ بۇلىدىغانلىقىنى بارلىق كىشلەرگە چۈشەندۈرۈشكە بولامدۇ؟ كىشلەر بۇ بەلگىنى ئىزنەك قىلىپ تاقاپ ئۆز بەدىنىدىكى ئەزالار، ماددىلار قانۇنىيتىنىڭ ئىزنەكتىكى قانۇنىيەت بويىچە تۈزۈلگەنلىكىنى ، كىسەللەر بولسا  ئاشۇ قانۇنىيەتتىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇپ كىسەل پەيدا بولىدىغانلىقىنى بىلىش كىرەكمۇ؟ ئالەمدىن-ئادەمگىچە، زەررىچىلەرگىچە بولغان تۈپكى بىرلىك قانۇنىيەتكە مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى ۋە جەۋھەرلەپ توپلاملاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلىش مۇھىم دەپ قارىلامدۇ؟
جاۋاب: تېبابەتچىلىك تەڭپۇڭلۇق بەلگىسى ياسالدى.
تېبابەتچىلىكتە تەڭپۇڭلۇق بەلگىسى رەسىمى



ئالاھىدە تەتقىقاتلىرىم
ئالەمنىڭ تۈپكى بىرلىك قانۇنىيتى بارمۇ؟ ئەگەر بار بولسا ئۇنى قانداق ئىپادىلەش كىرەك ۋە ئۇنى چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلى قانداق بولىدۇ؟ دىگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۇزۇن يىل ئىزدىنىش،تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئۆزىدە ئەسلىدە بار بولغان قانۇنىيەتنى تېپىپ چىقىپ بۇ تەبىئىي قانۇنىيەتتىن پايدىلىنىپ تاق ۋە جۈپ ساندىن پۈتكەن تۆت قەۋەت قۇرۇلمىلىق فورمۇلالارنى كەشىپ قىلدىم. بۇ فورمۇلالار ئارقىلىق ئالەمدىن-ئادەمگىچە،زەررىچىلەرگىچە بولغان تەبىئىي پەنلەرنى ۋە ئىجتىمائىي پەنلەرنى، جاۋابى تېپىلمايۋاتقان بەزى قىيىن مەسىللەرنىڭ ئىچكى سىرلىرىنى فورمۇلالار ئارقىلىق يەشتىم. بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرىمنى چوڭ ھەجىملىك ئەسەر قىلىپ يېزىپ چىقتىم. ئەسەردىكى تەتقىقاتلىرىمنىڭ ئىلمىيلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مودىللارنى ياسىدىم. مەسلەن:
14.jpg              15.jpg               
1.مەسلەن: قۇياش سېستىمىسىدىكى پىلانىتلارنىڭ ئاستىرونومىلىك تۈزۈلۈش ۋە ئورۇنلىرىنى قانۇنىيتى بويىچە تەتقىق قىلىپ سىرلىرىنى يەشتىم. جۈملىدىن قۇياش سېستىمىسىدىكى 16 دانەپىلانىتلاردىكى ( قۇياش بىلەن ) قانۇنىيەتلەر بىلەن يەرشارىدىكى قانۇنىيەت،ئادەم بەدىنىدىكى،بارىلىق شەيئىلەردىكى قانۇنىيەت بىرلىك قانۇنىيەتتە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ بىرقانۇنىيەتكە بويسۇنىدىغانلىقىنىڭ سىرىنى يەشتىم. يەرشارىدا يۈز بېرىۋاتقان پەسىللەر، ئۆزگۈرۈشلەر ئەشۇ بىرلىك قانۇنىيەتتە ئىكەنلىكىنىڭ سىرىنى يەشتىم.ئاخرىدا يەرشارىنىڭ قۇياش ئەتىراپىدا ئايلىنىش قانۇنىيىتى، ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش قانۇنىيتى، ئۆز ئوقىدا ئايلىنىپ سىلجىپ پەسىل پەيدا قىلىش قانۇنىيتى قاتارلىق ئۈچ خىل قانۇنىيەتلىك ھەر كىتىگە ماس بولغان ئالاھىدە سائەت(ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئوڭدىن-سولغا ئايلىنىشغا ماس ھالدا سائەت ئىستىرىلكىسىمۇ ئوڭدىن-سولغائايلىنىدىغان گىلۇبۇسلۇق سائەت) ۋە ئالاھىدە كالىندار (يەرشارىنىڭ سىلجىپ  ھەركەتلىنىپ پەسىل پەيدا قىلىشىغا ماس ھەر خىل پەنلەر تەدبىقلانغان 40 خىل مەسلە ماسلاشتۇرۇلۇپ دەۋىرلەندۈرۈلگەن) ياسالدى ۋە تۈزۈلدى. بۇنىڭ بىلەن يەرشارىدىكى رايونلارنىڭ ۋاقتىنى بىر جايدا كۆپ سائەت قويۇۋېلىپ بىلىشتەك قالاق ھالەتكە خاتىمە بىرىلدى.يەرشارىنىڭ بارلىق رايونلىرىدا بىر كالىندار بىلەنلا ھەر كۈنلۈك ۋاقىتلارنى بىلىپ ئىشىلتىشتىن تاشقىرى پۈتكۈل يەرشارى كەڭلىكلىرىدىكى ئوخشىمىغان پەسىللەر ۋە ئۆزگىرىشلىرى، ۋە كىچە كۈندۈزلۈك ئۆزگىرىشلەرنى بىلگىلى بولىدىغان قىلىندى. جۈملىدىن ھەر خىل پەنلەر قانۇنىيەتلىرى،تېبابەتچىلىك، پەسىلشۇناسلىق، ئۆمۈرشۇناسلىق...قاتارلىقلاردىكى قانۇنىيەتلەرنىڭ يەرشارىدىكى تۈپكى قانۇنىيەت بىلەن بىرلىك قانۇنىيەتتە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەسلىكلەرگە خاتىمە بېرىلىدۇ.

2.مەسلەن:ھازىرقى زامان ئاستىرونومىيسىدە قۇياش سېستىمىسىدىكى 10پىلانىت ئېنىقلىنىپ بېكىتىلدى.يېڭىدىن كەشىپ قىلىنغان فورمۇلالار قۇياش سېستىمىسىدا 16 پىلانىت ( قۇياش بىلەن) بارلىقىغا ئالدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ھەمدە قۇياش سېستىمىسىدىكى پىلانىتلارنىڭ سانى قانچە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاشتا پايدىلىنىدىغان ئاساسى پۇختا ئىلمىي نەزەرىيۋى ئاساسي يوق بۇلىشىغا خاتىمە بېرىدۇ.

3.مەسلەن:ئىنسانلارنىڭ يۇرتى بولغان يەرشارىنىڭ شىمالىي قۇتۇبىدىن جەنۇبىي قۇتۇبىغىچە بولغان پەسىل تەبىئىتى چېگىرالىرىنى ئايرىيالمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىنسانلارنىڭ،شەيئىلەرنىڭ يۆتكەلگەندىن كىيىن ئۆزگىرىشلىرىگە، ماسلىشىشلىرىغا ھۆكۈم چىقىرالمايۋاتىدۇ. مەسلەن: كىشلەر بىر جايدىن بىر جايغا يۆتكەلسە كىسىلى ساقىيىپ قالدىغانلىقىنى«يەردىن-يەرگە سائەت» دەپلا ئاتاۋاتىدۇ.بەزى جايلاردىكى كىشلەرنىڭ ئۆمۈرى ئۇزۇن بۇلىشىنى چۈمۈلە يىگەندىن، سامساق يىگەندىن...دەپلا ماھىيتىنى تاپالمايۋاتىدۇ.بەزى رايونلارغا جانلىقلار، زىرائەتلەر ماسلىشىپ سۈپەتلىك،ھۇسۇللۇق بۇلۇشلىرىنى ياخشى پەرۋىش قىلغانلىقلىرىدىن ... دەپ ھەقىقىي جاۋابىنى تاپالمايۋاتىدۇ. بۇ مەسىللەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيتىنى فورمۇلالار قويۇلغان يەرشارى ھەركەتچان مودىلى بىلەن ئىسپاتلاشقا بولىدۇ.

4.مەسلەن:تېبابەتچىلىكتە تومۇر ھەركىتى بىلەن ئەزالارنىڭ بىرلىكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ كىسەللەرنى تومۇردىن قانداق تاپقىلى بولىدۇ؟ دېگەنگە تولۇق جاۋاب بىرىدىغان رىسالە ھازىرغىچە يوق. بۇنىڭغا فورمۇلالار ئارقىلىق ئىلمىي بولغان سان-سىفىرلىق جەدۋەل تۇرغۇزۇلۇپ بۇ مەسلە ھەل قىلىندى. ئەمىلىيەت جەريانىدا سىناق قىلىش ۋە ئىلىم-پەن تەدىبىقىدىن ئۆتكۈزۈلدى.

5.مەسلەن:ئاستىرونومىيە قانۇنىيتى،يەر شارى قانۇنىيتى، ئادەم بەدىنى قانۇنىيتى ۋە ھەر خىل شەيئىلەرگىچە ئۇلاردىكى قانۇنىيەتنىڭ تۈپتىن بىر ئىكەنلىكىنى شاھمات تاختىسىدائىلمىي چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. ئالەم بىر شاھمات تاختىسى، پىلانىتلار بۇ شاھمات تاختىسىنىڭ ئۇرۇقلىرى، يەر شارىدىكى شەكلى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان نەرسىلەر ھەم شاھمات تاختىسىنىڭ ئۇرۇقلىرى، ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالار،خىلىتلار، دورىلار..ھەم شاھمات تاختىسىنىڭ ئۇرۇقلىرى... بۇ قانۇنىيەت ۋە پىرىنسىپلارنى شاھمات تاختىسىداچۈشەندۈرۈشكە ھەم ئەمىلىي قوللۇنۇشقا بولىدۇ.

6.مەسلەن:تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەقىقىي قانۇنىيەتكە ماس شاھمات تاختىسى ياسالدى. ھەم ئۇرۇقلار ياسالدى. ئۇرۇقلار16 ‘ فورمۇلالار سانى بويىچە 16 دانەياسالدى. ھەربىر ئۇرۇقتا تەبىئەت قانۇنى بويىچە تۆت ئامىل ئاتالغۇلىرى، فورمۇلالار،دەرىجىسى،ئەزا(ئەزانىڭ ئورنىغا خىلىتنى،دورىنى پەسىلنى،پىلانىتنى،مىجەزىنى..ئالماشتۇرۇپ قويۇشقا بولىۋېرىدۇ)لارنى قويۇۋېلىپ ئۇنى ئويناشقا بولىدۇ، ماددا قانۇنىيتىنىڭ ماھىيتىنى چۈشۈنۈشكەبولىدۇ. تېبابەتچىلىكتە بۇ شاھمات قامۇسى دەپ ئاتىلىدۇ.

7.مەسلەن: تىببىي خادىملار ۋەئۇلاردىن باشقا ھەر قانداق ئادەتتىكى كىشلەرمۇ كىسەللەرگە دىئاگنوز قۇيۇپ كىسەللەرنى داۋالىيالايدىغان(ئېغىر ۋە جىددىي كىسەللەردىن باشقا)ئالاھىدە«ئايلانما كىسەل داۋالاش ئۈستىلى»كەشىپ قىلىندى. كىشلەر دورىلارنى(16 خىل) ئۆزلىرى تەييارلاپ ئۈستەل ساندۇقلىرىغا قويۇۋېلىپ لازىم بولغاندا، ئۈستەلدىكى چۈشىنىش ئاسان ئايلانما تاختىسىنى ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق دىئاگىىنوز ۋە دورىنى تېپىپ كىسىلىنى داۋالىيالايدۇ. بۇئۈستەلدىكى ئاددىي،قىسقا، توپلاشتۇرۇلغان نەزىريە ئالاھىدىلىكلىرى ئادەتتىكى كىشلەرنى دوختۇر سەۋىيسىگە يەتكۈزۈپ كىسەلنى داۋالىيالايدىغان دەرىجىگە يەتكۈزىدۇ.ئۈستەلنى، دورىلارنى«تەبىئىي داۋا»شىركىتىدىن ئېلىپ ئۆيدە قۇيۇپ دورىلارنىئىشىلتىپ تۈگىسە شىركەتتىن دورىلارنى يەنە ئېلىپ قۇيۇۋېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ.يۇقىرقى نەزىرىيە ۋە ئەمەلىيەتلەرنى كىشلەر بۇندىن بۇرۇن تەسەۋۋۇرلا قىلىدۇ. لىكىن ئەمەلىيەتكە ئاشۇرۇش مومكىن ئەمەس دەيدىغان قىيىن مەسىللەرنى يېڭى كەشىپ قىلىنغان فورمۇلالار بىلەن تەتقىق قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ئەمىلىيەتكە ئايلاندۇرۇلدى.

8.مەسلەن:ئىنسانلار ھازىرغىچە يەرشارىنىڭ تەبىئىي نۆل «0»رايون نۇقتىسىنى تېپىپ بىكىتەلمىدى. ھازىر ئىشىلتىۋاتقان شەرقىي يېرىم شار،غەربىي يېرىم شار ،مېردىئان ئۇقۇمى ئەنگىلىيەنىڭ گېرنىۋىچ رەسەتخانىسىنى نۆل «0» قىلىپ باشلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتەبۇ جاي تەبىئىي نۆل «0» ئەمەس. بۇ جاي نۆل بولۇپ قېلىشتا ئەينى چاغدا بۇنى بەلگىلەشتە ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ سەۋىيسى يۇقىرى،ھەمدە خەرىتە سىزىشنى،نۆل«0» نى بېكىتىشنى ئۇلار بەلگىلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆز دۆلىتىنى نۆل«0» قىلىۋالغان. ھەقىقىي تەبىئىي نۆل «0» نۇقتا شىمالىي يېرىم شار كەڭلىك37 گىرادۇس05مىنۇت دىكى قەمەل رايونىنى كىسىپ ئۆتكەن كىسىشمە تەبىئىي نۆل رايون بولىدۇ(بۇ رايون ئېنىقلىنىپ بولدى) . ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان يەر شارىنىڭ تەبىئىي نۆل«0» رايونىغامۇنار تىكلەش كىرەك.بۇ مۇنارنىڭ شەرقىنى شەرقىي تەبىئەت رايونى،غەربىنى غەربىيتەبىئەت رايونى دەپ ھەقىقىتىنى ئاتاش كېرەك. بۇ جاينىڭ خەرىتىسى،ئورنى،فورمۇلاسى،ماتىماتىكىلىق ھېسابى،پەسىل قانۇنىيتى... قاتارلىقلار ئېنىقلىنىپ بولدى.

9.مەسلەن: نورۇز بايرىمى پۈتكۈل تۈركىي مىللەتلەرنىڭ (تۈركىي مىللەت ئەمەس بولسىمۇ ئۆتكۈزىدىغانلار بار) ئەنئەنىۋى بايرىمى، ئەمما بۇ جەھەتتە تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچىلار ھازىرغىچە«نورۇز» قاچان،قەيەردىن باشلانغانلىقىنى ئېنىقلىيالماي كەلمەكتە. ھازىر نورۇز بايرىمىنىڭ قەيەردىن باشلانغانلىقى ئېنىقلاندى ۋە جۇغراپىيە ئىلمى بويىچەتەپسىلاتى دەلىل-ئىسپات بىلەن چۈشەندۈرۈلدى. بۇندىن كىيىن بۇ جايغا نورۇز مۇنارى تىكلەش، نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزگۈچى  مىللەتلەرنىڭ ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى. بۇ جايغا نورۇز مۇنارى تىكلەش بىلەن يىلدا نورۇز كۈنى بۇجايغا يىغىلىپ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش كىرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا نورۇز ئاتاقتا بار،ئىلىم-پەن جۇغراپىيسىدە ئورنى يوق نورۇز بولۇپ قالىدۇ.

10.مەسلەن:شىنجاڭدا، خوتەن،ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر تېبابەت ئالىي تېخنىكومىدا ئۆتكەن نەزەرىيەدەرىسلىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلايدىغان ئەمەلىي مودىل يوق، ھەتتا دۇنيادا 30غايېقىن ئىسلام دۆلەتلىرىدە تېبابەتچىلىك نەزەرىيەسى دەرسى بار،ئەمما، ئەمەلىي مودىل يوق، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان ئەمەلىي مودىل يوق ئۆتكەن دەرىسلەرنىڭ سەۋىيەسى تۆۋەن بولىدۇ. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئەمەلىيتىدىن ئېلىنغان بولىدۇ. ئۇ قانداق ئەمەلىيەت؟ بىز چوقۇم ئۇنى مودىل ئارقىلىق ھەمدە ھازىرقى زامان ئىلغار پەن مودىللىرى بىلەن تەدىبىقلاپ بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرۈشنى ۋە ئىشىلتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرشىمىز كىرەك.

يۇقىردا10 خىل مەسلەننى قىسقا كۆرسىتىپ ئۆتتۈم. تەتقىقاتلارنىڭ تەپسىلاتىنى مۇندەرىجىدىكى،كەشپىياتلار ۋە ئەمەلىي ئىسپاتلاردىن كۆرگەيسىز...


نەتىجىدە ئالەم ۋە شەيئىلەر مۇرەككەپتەك قىلسىمۇ، ئۇلاردىكى تۈپكى قانۇنىيەت بىر بولۇش قائىدىسى بويىچە نۇرغۇن قىيىن مەسىللەرنى ئىلمىي ئۇسۇلدا چۈشەندۈرۈشكە، تەتقىق قىلىشقا،تەدىبىقلاشقا،ھەل قىلىشقا تامامەن بولىدۇ ھەم بولدى.

«ئالەمنىڭ بىرلىك قانۇنىيتى »بارمۇ،بار بولسا ئۇنى قانداق ئىپادىلەش ۋە چۈشەندۈرۈش كىرەك،ئىلمىي ئىسپاتلار بىلەن كۆرسىتىشكە بولامدۇ؟ دېگەن بۇ خەلىقئارالىق قىيىن ۋە مۇرەككەپ مەسلىنىڭ ئاچقۇچى تېپىلىپ مەزكۇر تەتقىقاتلار ئىشلەندى ۋە ئەسەر قىلىپ يېزىلدى. بۇ ھەقتە ئىزدەنگۈچىلەر،قوللىغۇچىلار، ئەمەلىيەتتە پايدىلانغۇچىلار ئۈچۈنمۇھىم بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئالاقىلاشقۇچى تېلفۇن نۇمىرى: 15999338807 . 15349920109. 0902-2256104

ئىسىم-فامىلىسى:مىجىت ھېمىت

رايون ئورنى: قومۇل ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى.


1.jpg (157.49 KB, چۈشۈرۈش سانى: 330)

1.jpg

13.jpg (172.77 KB, چۈشۈرۈش سانى: 338)

13.jpg

16.jpg (182.86 KB, چۈشۈرۈش سانى: 343)

16.jpg

14

تېما

25

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 3990
توردىكى ۋاقتى: 1537
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 11:54:42 |ئايرىم كۆرۈش
مەكتەپتە مىنىڭ ئەڭ كاللام قاتىدىغىنى مۇشۇ فورمىلالار ئىدى...
بۇ تىمىنى مەلوم ۋاقىت ئارلىق قالدۇرۇپ نەچچە قىتىم ئۇقۇسام ئاندىن چۈشىنەلەيدىغاندەك قىلىمەن.
فورمۇالا دىگەن خەت كۆپ بولسىمۇ سەل جىددىلىشىپ قالىمەن دىسە...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

1

دوست

1381

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   38.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11476
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 92
تۆھپە : 386
توردىكى ۋاقتى: 86
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-27
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 12:08:41 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aral52 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-16 12:22  

تەكلىپ : 13-سۇئالدىكى سىخىمىغا.
خەلقئارا دەرىجىلىك تومۇر تۇتۇپ كىسەل تېپىش رىسالىىسدە ئەر ئاياللارنىڭ تۇمۇر سۇقۇشى ئايرىلماپتىمۇ قانداق ؟...
ئەرلەر ۋە ئاياللارغا خاس رىسالە  قايتا تۈزۈلسە...
....

65

تېما

23

دوست

4 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   98.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2595
تۆھپە : 12862
توردىكى ۋاقتى: 6307
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 12:30:25 |ئايرىم كۆرۈش
تەقدىرى قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر بۇ بىر ئىلمى ئىزدىنىشكەن.مۇۋەپىقيەت تىلەيمەن.

1

تېما

1

دوست

1381

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   38.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11476
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 92
تۆھپە : 386
توردىكى ۋاقتى: 86
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-27
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 12:38:15 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aral52 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-16 12:39  

تۇمۇر تۇتۇش جابدۇقىنى ياساشمۇ ھەم مۇمكىن ئىكەن..خۇددى قان بېىسىمنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب بولغاندەك...
پەقەت تۇمۇرنىڭ توم ، ئىنچىكە، كۈچلۈك ئاجىز سۇقۇشىنىڭ تېخىمۇ ئېنىق بولغان ئېنىقلىمىسى بولسا ...سان سىفىرى،قانداق بولسائىنچىكە تىز بولىدۇ؟...ھەر بىر تۈرگە ئىلمىي ئاساسقا ئىگە سان سىفىرلار تولۇق بولسا
ئاستا تىزلىكىنى كۆرستىدىغان  چىراغ، توم ئنچىكە سۇقۇشقا بىر چىراق. بىر مىنۇت ئىچىدىكى سۇققان تۇمۇر قېتىم سانىنى كۆرسىدىغان چىراغ لارنى ھازىرقى پەن تېخنىكا سەۋىيسى پۈتۈنلەي ھەل قىلالايدۇ....
تۇمۇر تۇتۇش سايمىنى پات ئارىدا بارلىىققا كىلدىغاندەك تۇرىدۇ..
بۇنىڭ بازىرى ھەم ناھايتتى تىز  بولىدۇ...مۇشۇنىڭغا تۇتۇش قىلىش كىرەك.
ئىقتىسادى بار ، كاللسىدىن ئۆتكەنلەر تىزدىن تۇتۇش قىلىش كېرەك...
بولمىسا پاتنىت ،شۇ مەھسۇلاتنىڭ  ئۇيغۇرچە ماركاسى  خەقنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كىتدۇ.....بۇ راس

0

تېما

2

دوست

1464

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27506
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 19:22:25 |ئايرىم كۆرۈش
ئىلمى ئىزدىنىشىڭىزلارغا مۇۋەپپەق تىلەيمەن.
سۇئاللار بەك ئىنىق چۇشۇنىشلىك سۇرىلىپتۇ      
جاۋاپلىرىنى بەك كۆلتا يۇللاپ قۇيۇپسىلەر  
جاۋابىنى تەپسىلىرەك  يېزىپ يۇللاشقا مۇمكىن بۇلارمـــــــــــــــــــــــــۇ؟

0

تېما

0

دوست

2421

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19768
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 784
توردىكى ۋاقتى: 176
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 19:24:03 |ئايرىم كۆرۈش
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 11:54
مەكتەپتە مىنىڭ ئەڭ كاللام قاتىدىغىنى مۇشۇ فورمىلالار  ...

سىز قايسى مەكتەپتە ئوقوغان؟؟؟
ھىچ بىزگە بۇنداق فورمىلالار ئۇچىرمىدى.....

14

تېما

25

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 3990
توردىكى ۋاقتى: 1537
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 21:17:02 |ئايرىم كۆرۈش
ئەپەندى يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 19:24
سىز قايسى مەكتەپتە ئوقوغان؟؟؟
ھىچ بىزگە بۇنداق فورمى ...

مىنىڭ دەۋاتقىنىم تۇلۇقسىزدىكى فورمۇلالار، مەن دەسلىۋىدە ياخشى ئۈگەنمىگەچكە لوگارفىما، يىلتىز دىگەنلەرمۇ بىشىمنى ئاغىرتاتتى...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )