قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2333|ئىنكاس: 6

ھۇنلارنىڭ ياۋروپاغا بېسىپ كىرىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

10

دوست

4143

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 1357
توردىكى ۋاقتى: 1047
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 03:03:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۇنلارنىڭ ياۋروپاغا بېسىپ كىرىشىنىڭ 1- باسقۇچى (مىلادىيە 374 ~ 400- يىللار) ۋە مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈشىنى پەيدا قىلىشى




      مىلادىيە 91- يىلىدىن باشلاپ غەربكە كۆچۈشكە باشلىغان ھۇنلار 374- يىلى ھازىرقى دون دەرياسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ئالانلارنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن دون دەرياسى ساھىلىد پەيدا بولۇپ، ياۋروپادىكى مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاساسلىق رول ئويناشقا باشلىدى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە ياۋروپاغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. ئالان دۆلىتى يوقىتىلغاندىن كېيىن، گەرچە نۇرغۇنلىغان ئالانلار ھۇنلارغا بويسۇنۇپ، ئۇلارنىڭ غەربكە قىلغان يۈرۈشىگە قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسىمى جەنۇبقا قېچىپ كاۋكاز تېغىغا كېتىپ، يەنە بىر قسىمى غەربكە قېچىپ شەرقىي گوتلارنىڭ مۇداپىئە سېپىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، شەرقىي گوتلارنىڭ تېرىتورىيىسىگە كىرىۋالدى. شەرقىي گوتلارنىڭ چېگىرىسى دون دەرياسىنىڭ غەربى بىلەن دېنىستىر دەرياسىنىڭ ئارىلىقىدا ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ھۇنلارمۇ داۋاملىق تۈردە غەربكە يۈرۈش قىلىپ، دون دەرياسىدىن ئۆتۈپ، مىلادىيە 374- يىلى شەرقىي گوتلارنىڭ زىمىنىغا ھۇجۇم قىلىپ كىردى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەينى چاغدىكى ھۇنلارنىڭ يولباشچىسى بالامىر ئىكەن.

     ھۇنلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىك خەۋىرى «گوتلارنىڭ باشقا قەبىلىلىرىنىڭ ئارىسىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇلار ھىچقاچان ئاڭلاپ باقمىغان، قەيەردىن كەلگەنلىكىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان بىر قوۋمنىڭ تاغدىكى بوران- چاپقۇندەك كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارغا يولۇققانلىكى نەرسىنىڭ بۇلاڭ- تالاڭغا ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلىشىپ، ئىنتايىن قورقۇپ كەتكەن [1]. شەرقىي گوتلارنىڭ ياشىنىپ قالغان پادىشاھى ھېرمانرىكنىڭ ھۇنلارنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇشقا كۈچى يەتمىگەچكە، قوشۇنى بىرىنچى قېتىم مەغلۇپ بولغاندىلا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى. ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان ۋىتخىمىر بۇ ۋەزىيەتنى ئوڭشىماقچى بولۇپ ھۇنلار بىلەن بىر نەچچە ئاي جاپالىق ئۇرۇش قىلغان بولسمۇ، لېكىن ئاخىرىدا يەنىلا مەغلۇپ بولۇپ ھالاكەت تەقدىرىدىن قۇتۇلالمىدى. ھېرمانرىكنىڭ ئوغلى ھۇنىمۇند قوۋمىنى باشلاپ ھۇنلارغا تەسلىم بولدى. قالغان شەرقىي گوتلار ئالاتىئۇس ۋە سافراكىس قاتارلىق ئىككى كىشىنىڭ باشلامچىلىقىدا غەربتىكى غەربىي گوتلار شەرقىي (دېنىستېر دەرياسىنىڭ غەربىگە) كەتتى. غەربىي گوتلار شەرقىي گوتلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ قېلىپ قالغانلىرىنىڭ ئۆز تېررىتورىيىسىگە قېچىپ كېلىشىدىن ھۇنلارنىڭ تاجاۋۇزىنىڭ تەھدىتىنى ھېس قىلغاچقا، پادىشاھ ئاتانارىك دەرھال شەرقىي سەپتىكى مۇداپىئەنى كۈچەيتىپ، دېنىستېر دەرياسىنىڭ بويلىرىغا قورغانلارنى سېلىپ، ھۇنلارنىڭ دەريادىن ئۆتۈشىنى توسىماقچى بولدى. لېكىن، ھۇنلار ئۇ غەربىي گوتلارنىڭ مۇداپىئە سېپىدىن يىراق بولغان دېنىستېر دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىن يۇشۇرۇنچە ئۆتۈپ، غەربىي گوتلارنىڭ ئارقىسىدىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلماقچى بولدى.
     نەتىجىدە، غەربىي گوتلار قوشۇنى قاتتىق زەربىگە ئۇچراپ ئېغىر چىقىم تارتىپ، جەنۇپتىكى دوناي دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى دېلانسىرۋانىيە ئورمانلىقىغا (ھازىرقى رۇمىنىيە چېگرىسى ئىچىدە) قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. ھۇنلار كۆپ غەنىيمەتلەرگە ئېرىشكەچكە، بىر مەھەل قوغلىغاندىن كېيىن قوغلاشنى توختاتتى. غەربىي گوتلار ئىنتايىن قورقۇپ كەتكەچكە، ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرى، جۈملىدىن تەخمىنەن 200 مىڭدەك ئاھالە ئاقساقال فىرىتگېرننىڭ باشلامچىلىقىدا رىم ئىمپېرىيىسىدىن ئۆزلىرىنىڭ دوناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ رىم ئىمپېرىيىسىدە پاناھلىنىشقا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ چاغدا رىم ئىمپېرىيىسى تېخى شەرق- غەربتىن ئىبارەت ئىككىسىگە بۆلۈنمىگەن ئىدى. رىم ئىمپېراتورى ۋالنېس ئوردا كېڭىشىنىڭ مۇزاكىرىسى ئارقىلىق، ئاخىرىدا غەربىي گوتلارنىڭ چېگرىدىن كىرىشىگە رۇخسەت قىلدى. رىم ئىمپېرىيىسى تەۋەسىگە كىرگەن بۇ غەربىي گوتلار كېيىن ئىمپېرىيىنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر زۇلىمى ۋە ئىقتىسادىي ئېكىسپىلاتاتىسىيىسىگە چىدىماي زور كۆلەملىك مالىمانچىلىق پەيدا قىلدى [2]. ئۇلار بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدا بارغانلا يېرىدە ئوت قويۇپ بۇلاڭچىلىق قىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇرۇن ھۇنلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ ئالاتىئۇس ۋە سافراكىس ئىككىيلەننىڭ باشلامچىلىقىدا غەربىي گوتلار رايونىغا قېچىپ كەلگەن قالدۇق شەرقىي گوتلارمۇ دوناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ، بالقان يېرىم ئارىلىدا پەيدا بولۇپ، سېرىس ۋە ماكىدۇن قاتارلىق جايلارنى بۇلاڭ- تالاڭ قىلدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ھۇنلار ۋە ئالانلارنىڭ ئالدىن يۈرەر قوشۇنلىرىمۇ بۇ يەردىكى مالىمانچىلىققا قاتناشتى. لېكىن ئۇلارنىڭ سانى ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. چۈنكى، ھۇنلارنىڭ ئاساسىي كۈچى بۇ چاغدا تېخى دوناي دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى ئەسلىدە گوتلارغا تەۋە بولغان زىمىندا تۇرىۋاتاتتى.
     گوتلارنىڭ ئىسيانىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن، رىم ئىمپېراتورى ۋېلنېس شەرق ۋە غەربتىكى سەر خىل قىسىملارغا شەخسەن ئۆزى باشچىلىق قىلىپ، مىلادىيە 378- يىلى گوتلار بىلەن جەڭ قىلدى. نەتىجىدە رىم قوشۇنلىرى قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئەسكەر ئۆلدى. ۋلېنېسمۇ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ئۇرۇش رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاساسىنى تەۋرىتىپ قويدى. ۋالنېس ئۆلگەندىن كېيىن ، گوتلار ھۇنلارنىڭ تەھدىتىنى تېخىمۇ بەك ھېس قىلغاچقا، رىم ئىمپېرىيىسى تېرىتورىيىسىدە تۇرىۋەردى. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىشقا مادارى يەتمىدى. ئاخىرىدا مىلادىيە 382-يىلى ئەتراپىدا ئىككى تەرەپ سۈلھى تۈزۈشتى. سۈلھىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، شەرقىي گوتلار ۋە ئۇلار بىلەن بىللە بالقانغا كىرگەن ئالانلار ۋە ھۇنلار پاننونىيە (ھازىرقى ۋېنگرىيە تەۋەسىدە) ۋە ئۈستۈنكى موسىيا تۆۋەنكى موسىيادا ئولتۇراقلىشىدىغان بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن، غەربىي گوتلار دائىم دېگۈدەك ئىسيان كۆتۈرۈپ تۇردى. مىلادىيە 395-يىلى رىم ئىمپېرىيىسى رەسمى ھالدا شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككىگە پارچىلاندى. 398-يىلى شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى غەربىي گوتلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىنى يوقىتالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئۇلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنىڭ رەھبىرى ئالارىكنى ئۆزىگە تارتىپ، ئاندىن ئۇلارنى ئىمپېرىيىگە بويسۇندۇردى.
     مىلادىيە 375~400-يىللار ئارىلىقىدا، ھۇنلار ئالانلار ۋە گوتلارنى غەربكە كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاساسلىق قىسىمى يەنىلا جەنۇبىي روسىيە يايلاقلىرىدا، يەنى ئالانلار ۋە شەرقىي گوتلارنىڭ ئەسلىدىكى زېمىنىدا تۇرۇۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسىمى جەنۇپقا يۇرۇش قىلىپ كاۋكاز تېغىدىن ئۆتۈپ، ئەرمىنىيە، مېسوپوتامىيە ۋە سۈرىيە قاتارلىق جايلارغا ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھۇجۇنلىرىنىڭ ھەممىسىلا چېكىندۈرۈلدى. مىلادىيە 396-يىلى يەنە ئاز بىر قىسىم ھۇنلار تىگرىس دەرياسى بويىدىكى كېتىسفون (پېرسىيەدىكى ساسانلار خانلىقىنىڭ پايتەختى) شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قايتۇرما زەربىگە ئۇچراپ غەلبە قازىنالمىدى. شۇڭا، تاكى مىلادىيە 400- يىلىغا قەدەر ھۇنلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى يەنىلا كارپات تېغىنىڭ شەرىقىدە تۇرىۋەردى. لېكىن مىلادىيە 400- يىلىنىڭ كۈز پەسلىدىن باشلاپ ھۇنلار تۇنجى قېتىم رىملىقلار بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىشقا باشلىدى. يەنە شۇ چاغدا شەرقني رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ گانىيا ئىسىملىك بىر سەركەردىسى ئاسىيلىق قىلىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، دوناي دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىن يۇشۇرۇنچە ئۆتۈپ، ھازىرقى رومىنىيگە قېچىپ كەتمەكچى بولدى. ھالبۇكى، ئەينى ۋاقىتتا بۇ رايوننى يىلدىز باشچىلىقىدىكى ھۇنلار ئىگىلەپ تۇرىۋاتقان ئىدى. يىلدىز رىم ئىمپېرىيىسىگە بولغان دوستلۇقنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، گانيانى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ، كاللىسىنى كونىستانتىنوپولىدىكى شەرقىي رىم ئىمپېراتورىغا ئەۋەتىپ بەردى [3]. تەخمىنەن مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ھۇنلارنىڭ غەربكە يۈرۈشىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى باشلاندى.


ھۇنلارنىڭ پاننونىيەدىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تىكلىنىشى (ھۇنلارنىڭ ياۋروپاغا بېسىپ كىرىشىنىڭ 2- باسقۇچى، مىلادىيە 400 ~ 415- يىللار

      مۇشۇ چاغلاردا، زېئىس دەرياسىنىڭ شەرقىي، يەنى ھازىرقى ۋېنگىرىيەنىڭ شەرقىدە تۇرىۋاتقان يېڭى بىر تۈركۈم يىلدىزنىڭ باشچىلىقىدىكى ھۇنلارنىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشى بىلەن يولباشچىسى راداگائىسنىڭ باشچىلىقىدا غەربكە- دوناي دەرياسىنىڭ ئوتۇرا ئېقىنىغا قاچتى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي دوناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پاننونىيە ئۆلكىسىگە كىردى. ھۇنلار تاپ باستۇرۇپ قوغلاپ كەلگەچكە، مىلادىيە 404- يىلى ئۇلار ئالىپ تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، ئىتالىيىگە كىرىشكە مەجبۇر بولدى. ئەمما، 405- يىلى فايسۇلىدا غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى قوشۇنلىرىنىڭ توسۇپ زەربە بېرىشىگە ئۇچراپ پۈتۈنلەي دىگۈدەك يوقىتىلدى. گوتلارنىڭ بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيىتى يىلدىز باشچىلىقىدىكى ھۇنلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن تاپ باستۇرۇپ ئىتالىيىگە قوغلاپ كىرگەنلىكىدىنلا بولماستىن، بەلكى رىم ئىمپېرىيىسى قوشۇنى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارغا قىسىپ زەربە بەرگەنلىكىدىن ئىدى.

     راداگائىس باشچىلىقىدىكى گوتلارنىڭ ھۇنلارنىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشى بىلەن پاننونىيەگە كىرىشى، ئۇزۇندىن بېرى بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ كېلىۋاتقان ۋانداللار، بۇرۇن ۋېگىرىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن كۆچۈپ كەلگەن سۇئېۋلار ۋە ئىلگىرى ھۇنلارنىڭ قوغلىشى بىلەن روسىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن كەلگەن ئالانلارنى ئوخشاشلا زور تەھدىتكە ئۇچراتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئامالسىزلىقتىن مىلادىيە 401- يىلىدن باشلاپ غەربكە كۆچۈشكە باشلىدى. ئۇلار دەسلەپتە رايىتىيە ۋە نورىكۇمدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكىگە كۆچۈپ كەلگەن بولسىمۇ، كېيىن داۋاملىق بېسىمغا ئۇچرىغاچقا، يەنە داۋاملىق غەربكە كۆچۈپ، مىلادىيە 406- يىلى رېيىن دەرياسىدىن ئۆتۈپ گاللىيىگە كىردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىلەن فىرانكلار ئوتتۇرىسىدا زور ئۇرۇش يۈز بەردى. ئۇلار گەرچە ئېغىر چىقىم تارتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا فىرانكلارنىڭ توسالغۇسىنى بوسۈپ ئۆتۈپ، گاللىيىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئىگەللىۋالدى. كېيىن،رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھەربىي كۈچى كۈچەيگەچكە، بۇ ئۈچ خەلق كۆچۈش يۆنىلىشىنى جەنۇپقا بۇراپ، مىلادىيە 409- يىلى پېرىنېوس تاغلىرىدىن ئۆتۈپ ئىسپانىيە يېرىم ئارىلىغا كىردى ۋە ھەر قايسىسى ئايرىم يەرلەرنى ئىگىلەپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئۈچ پادىشاھلىق، يەنى سۇئېۋلار يېرىم ئارالنىڭ غەربىي شمالىدا سۇئېۋ پادىشاھلىقىنى، ۋانداللار يېرىم ئارالنىڭ باشقا جايلىرىغا ۋاندال پادىشاھلىقىنى قۇردى. ۋاندال پادىشاھلىقى كېيىنچە ئۆز تەسىر دائىرىسىنى شىمالىي ئافىرقىغىچە كېڭەيتتى.
      ۋاندانلار، سۇئېۋلار ۋە ئالانلار گاللىيە تەۋەسىدە بۇلاڭ- تالاڭ قىلىپ، ئىسپايەگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان چاغدا، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ مەركىزىي رايونى بولغان ئىتالىيە ئالارىك باشچىلىقىدىكى تۆۋەنكى موسېيادا تۇرىۋاتقان غەربىي گوتلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. چۈنكى، داۋاملىق تۈردە غەربەك قاراپ ئىلگىرلەۋاقان ھۇنلار ئۇلارغا ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلگەن ئىدى.ئالارىك ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم رىم شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالدى. 1- قېتىم (مىلادىيە 408- يىلى) ۋە 2- قېتىم (409- يىلى) دا زور مىقداردىكى تۆلەمگە ئېرىشىۋالدى. 3- قېتىمدا (410- يىلى) رىم شەھىرىگە بېسىپ كىرىپ قاتتىق بۇلاڭ- تالاڭ قىلدى. رىمنىڭ شۆھرىتى شۇنىڭدىن باشلاپ يوقىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئالارىك داۋاملىق جەنۇپقا يۈرۈش قىلىپ، ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى يەرلەرنى ئېغىر خانىۋەيرانچىلىققا ئۇچراتتى. مىلادىيە 412- يىلىل شۇ قوۋمىغا باشچىلىق قىلىپ، گاللىيىنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ زىمىننى ئىگىلىدى. غەربي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئۇلارغا كۈچى يەتمىگەچەك، ئامالسىز ئۇلار بىلەن مۇرەسسەلىشپ، ئىمپېراتور ھونۇرىئوس سىڭلىسىنى ئۇنىڭا ياتلىق قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئالارىك ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئۆزلىرى ئىگىلىگەن رايونلاردا ئەمەلىي ھوقۇقنى ئىگىلەپ، نامدا رىم ئىمپېرىيىسنىڭ ۋالىسى بولۇپ، رىم ئىمپېرىيىسىگە قارام بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەي غەربىي گوتلار پېرىنئىوس تېغىدىن ئۆتۈپ ۋانداللارنى مەغلۇپ قىلىپ، ۋانداللارنىڭ قولىدىن ئىسپانىيە يېرىم ئارىلىنىڭ كۆپ قىسىمىنى تارتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قۇرغان غەربىي گوت پادىشاھلىقىنىڭ زېمىنى كېيىنكى نەچچە ئەسىر ئىچىدە ھازىرقى فىرانسىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبى ۋە ئسىپانىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىنى ئۆز ئىچگە ئالىدۇ.
      غەربىي گوتلار رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ قولىدىن گاللىيىنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ زېمىننى تارتىۋالغان چاغدا، بۇرگۇندىلار ۋە فىرانكىلارمۇ ئاستا- ئاستا يۆتكىلىشكە باشلاپ، رېيىن دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گاللىيىنىڭ شىمالىدىكى ھەر قايسى جايلارنى ئىگەللەشكە باشلىدى. مىلادىيە 413 ~ 443- يىللار ئارىلىقىدا ، بۇرگۇندىلار ئاخىر ھېلىھەممۇ بۇرگۇندى دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان رايوننى ئىگىلىدى. ئۇلار يۆتكىلىشتىن بۇرۇن ھۇنلار بىلەن بىر نەچچە قېتىملىق دەھشەتلىك جەڭلەرنى قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۆتكىلىشى روشەنكى ھۇنلارنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقىدىن بولغانىدى. فىرانكىلارنىڭ يۆتكىلىشى توغرىسىدا غەرب ئالىملىرى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىمۇ يۇقىرقىغا ئوخشاپ كېتىشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىدۇ. ھۇنلارنىڭ 2- قېتىملىق غەربكە يۈرۈش قىلىشى ھەققىدە مېك گوۋېرىننىڭ مۇنداق بىر ئابزاس مۇھىم بايانى بار:
      «ھۇنلارنىڭ ياۋروپاغا بېسىپ كىرىشىنىڭ 2- باسقۇچى 400- يىللار ئەتىراپىدا باشلىنىپ، 415- يىلى ئەتراپىدا ئاخىرلاشتى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ياۋروپانىڭ تارىخىدا زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى. ھۇنلارنىڭ 1- قېتىملىق تاجاۋۇزىنىڭ نەتىجىسىدە، نۇرغۇنلىغان گېرمان نەسىللىك خەلقلەر روسىيەنىڭ جەنۇبىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، توپلاشقان ھالدا بالقانغا كىرىپ، شەرقىي رىمغا نىسبەتەن بەك ئۇچرىمىغانىدى. ئەمدىلىكتە ھۇنلارنىڭ ياۋروپاغا قىلغان 2- قېتىملىق تاجاۋۇزى نۇرغۇنلىغان ياۋايى قوۋملەرنى غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ قېچىپ كىرىشىگە مەجبۇر قىلدى. نەتىجىدە ئىتالىيە تۆت يىل غەربىي گوتلارنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچرىدى. يەنە ئافرىقا، ئىسپانيە ۋە گاللىيىنىمۇ باشقا ياۋايى قوۋملەر ئىگەللىۋالدى.بۇ ياۋايى قوۋملەرنىڭ رىم ئىمپېرىيىسىگە كىرىشىنى پۈتۈنلەي دىگۈدەك ھۇنلارنىڭ بېسىمى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. بىز ھۇنلار بىلەن رىم ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرسىدا بىۋاستە مۇناسىۋەت بولغانلىقىنى ناھايتى ئاز ھېس قىلىمىز. بىز شۇنىڭغا بىۋاستە كونتىرول قىلىش مەزگىلىدە بىرىنچى قېتىم پاننونىيەنى بىۋاستە كونتىرول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىۋالغان. پاننونىيەنى ئەسلى ياۋايى قوۋملەر (ئالاتائۇس ۋە سافراكىس باشچىلىقىدىكى شەرقىي گوتلار) ئىگىلىگەن ئىدى. ھۇنلارنىڭ بۇ يەرنى ئىگىلىشى بۇ يەردىكى ياۋايى قەۋملەرگە نىسبەتەن ھۆكۈمراننىڭ رىملىقلاردىن ھۇنلارغا ئالمىشىشلا بولدى. ھۇنلار پاننونىيەنى ئىگىلىگەندە، بارلىق شەرقىي گوت خەلقى يېڭىۋاشتىن ئىتتىپاقلاشقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ھۇنلارنىڭ كونتىروللىقىدا بولدى. بۇ مەزگىلدە ھۇنلار پاننونىيەنىلا ئىگىلەپ قالماستىن يەنە غەربىي رىمغا بىۋاستە ھۇجۇم قىلمىسىمۇ، دوناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا ئانچە- مۇنچە بۇلاڭ- تالاڭ قىلىپ تۇرىدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنى نىشان قىلغان بولۇپ، خاراكتېرىمۇ ئانچە ئېغىر ئەمەس. بىر قېتىم (مىلادىدىن بۇرۇنقى 408- يىلى) ھۇنلار (ئۇ چاغدىكى يولباشچىسى يىلدىز ئىدى) مۇشۇ بۇلاڭ- تالاڭ زەربىگەئۇچراپ....يىلدىز ئۆلگىلى تاس قالغان ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ يىلدىز ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بىزگە نامەلۇم. بەلكىم ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن. يىلدىزنىڭ ئۆلۈشى بىلەن ھۇنلارنىڭ 2- قېتىملىق يۈرۈشى ئاخىرلاشتى [4].

3. ئاتتىلا ھۇن پادىشاھلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە گۇمران بولۇشى (ھۇنلارنىڭ ياۋروپاغا بېسىپ كىرىشىنىڭ
3- باسقۇچى، تەخمىنەن مىلادىيە 422 ~ 468- يىللار)




       ھۇنلارنىڭ يىلدىز ئۆلگەندىن كېيىنكى بىر قانچە يىللىق تارىخى غەرب ئالىملىرىغا نامەلۇم. چۈنكى، ئۇ چاغدىكى ياۋروپا بىرەر ۋەسىقە بىلەن تارىخنى دەللىلىگىلى بولمايدىغان مەزگىلدە تۇرىۋاتاتتى. تاكى ھۇنلارنىڭ يەنە بىر يولباشچىسى ئاتتىلا قۇرغان «ئاتتىلا پادىشاھلىقى» باش كۆتۈرگەندىن كېينلا، ھۇنلارنىڭ ياۋروپاغا بېسىپ كىرىشى تارىخىدا يېڭى بىر بەت ئېچىلدى. بۇ يېڭى ھۇن پادىشاھلىقىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىككى ھۆكۈمدارىنىڭ بىرى ئوكتار، يەنە بىرى ئۇنىڭ ئىنىسى رۇگا ئىدى. ئوكتارنىڭ ئىش- ئىزلىرى ھەققىدىكى خاتىرىلەر ناھايتى ئاز. روگا تەختكە ئولتۇرغان دەسلەپكى مەزگىلگە ئائىت خاتىرلەرمۇ يوقنىڭ ئورنىدا. تارىخنامىلەردە خاتىرلىنىشىچە، مىلادىيە 422 ~ 426- يىللارغا كەلگەندە، ھۇنلار شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىگە تاجاۋۇز قىلغان ھەم سېرىس بىلەن ماكىدوننى بۇلاڭ- تالاڭ قلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي شەرقىي رىم ئىمپېراتورى تىئودورس Ⅱ ھۇنلارنى دوناي دەرياسىنىڭ شىمالىغا قوغلىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر يىلى رۇگاغا 350 قاداق ئالتۇن تاپشۇرۇش بەدىلىگە ئاندىن ئۇنىڭ ئىمپېرىيە زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلماسلىق كاپالىتىگە ئېرىشكەن.

     مىلادىيە 432-يىلىدىن بۇرۇن، شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدىغان دوناي دەرياسىنىڭ شىمالىدا نۇرغۇنلىغان ئۇششاق قەبىلىلەر ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلار ئەسلىدە شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىدىن بىللە سۆھبەت ئۆتكۈزەتتى ۋە ھەر خىل كېلىشىملەرنى ئىمزالايتتى. لېكىن432-يىلىغا كەلگەندە، رۇگا شەرقىي رىمدىن ئېمپېرىيە تەۋەسىگە قېچىپ بېرىۋالغان ھۇن قاچقۇنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ۋاقىتتا، دوناي دەرياسىنىڭ شىمالىدا ياشايدىغان بارلىق ئۇششاق قەبىلىلەرنىڭ ھۇنلارغا قارام ئىكەنلىگىنى جاكارلاپ، ئىمپېرىيەنىڭ بۇرۇن بۇ ئۇششاق قەبىلىلەر بىلەن تۈزگەن بارلىق كېلىشىملەرنى پەقەت ھۇنلار بىلەنلا تۈزۈشنى ۋە ھۇنلار بىلەنلا سۆھبەتلىشىشنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭدىن رۇگا دەۋرىدىكى ھۇن پادىشاھلىقىنىڭ بۇ مەزگىلدە دوناي دەرياسىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئۆزىنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىنى ئورنىتىپ بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ[5].
      تىئودورۇس رۇگانىڭ تەلىپىگە ئۇرۇش ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماي، ھۇن پادىشاھلىقىغا ئەلچى ئەۋەتىپ تىنىچ سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى بولدى. ھالبۇكى، رىم ئەلچىسى ھۇنلارنىڭ تېرىتورىيىسىگە كەلگەن چاغدا رۇگا ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئورنىغا ئۇنىڭ ئىككى جىيەنى بىلېدا ۋە ئاتتىلار چىققان ئىدى. بۇ ئىككى ھۇن پادىشاھىنىڭ رىم ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئورنى ھۇن پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولماستىن، بەلكى ھازىرقى يۇگۇسلاۋىيە تەۋەسىدىكى مارگۇس دېگەن شەھەر ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ھۇنلارنىڭ بۇ ئىككى پادىشاھى مۇلازىملىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئات ئۈستىدە تۇرۇپ رىم ئەلچىسى بىلەن سۆھبەتلەشكەن (رىم ئەلچىسىمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ئات ئۈستىدە تۇرۇپ سۆھبەتلىشىشكە مەجبۇر بولغان). سۆھبەت نەتىجىسىدە رىم ئەلچىسى ھۇن قاچقۇنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۇششاق قەبىلىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزۈش مەسىلىسىدە يول قويۇپلا قالماستىن. يەنەھۇنلاردا ئىككى پادىشاھ بولغاچقا ئاتتىلارنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولۇپ، ھەر يىلى ھۇنلارغا تۆلەيدىغان ئولپاننى ئىككى ھەسسىلەشكە، يەنى 350 قاداق ئالتۇننى 700 قاداق ئالتۇنغا كۆپەيتىشكە مەجبۇر بولغان. رىم تارىخى ئەسەرلىرىدە شۇنىڭدىن كېيىن نەچچە يىل ئىچىدىكى ھۇنلارنىڭ پائالىيىتىگە ئائىت خاتىرىلەر ناھايىتى ئاز ئۇچىرايدۇ. بۇ ئېھتىمال شۇ چاغدا ھۇنلار شىمالىي ياۋرۇپا ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى ھەر قايسى قوۋمىلەرنى بويسۇندۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك. بېلىدا ۋە ئاتتىلار ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان چاغدىكى ھۇن پادىشاھلىقىنىڭ زېمىنىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمرانلىقى ھوقۇقىنىڭ قانداقلىقى توغرىسىدا ماتىرىياللار كەم بولغانلىقى ئۈچۈن غەرب ئالىملىرىمۇ بۇنىڭغا ئېنىق جاۋاب بېرەلمەيدۇ. لېكىن، ئەينى چاغدىكى ھۇن پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەركىزىنىڭ دوناي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدا ئىكەنلىكىنى، 19-ئەسىردىكى ئاۋىستىرىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ زىمىنى بىلەن تەڭ كېلىدىغانلىقىنى مۇقۇملاشتۇرۇشقا بولىدۇ. بۇ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسى ئىچىدە ھۇنلار ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ نوپۇسى ئىنتايىن ئاز ئىدى، يەنە دوناي دەرياسىنىڭ غەربىدىكى پاننونىيەدە تۇرۇشلۇق شەرقىي گوتلار ۋە دوناي دەرياسىنىڭ شەرقىدە تۇرۇشلۇق جىبۇتلارمۇ ھۇن پادىشاھلىقىغا بېقىناتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ھۇن پادىشاھلىقى ھازىرقى گېرماىيە تەۋەسىدە تۇرۇشلۇق نۇرغۇنلىغان قەبىلىلەرگىمۇ ھۆكۈمرانلىقى قىلغان بولۇپ، ھۆكۈمرانلىقى دائىرسىنى شىمالىي دېڭىز ۋە بالتىق دېڭىزىغىچە يەتكۈزگەن ئىدى، شۇڭا بەزى غەرب ئالىملىرى ئانگىلولار ۋە ساكسونلارنىڭ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلىقىدىن ئايرىلىپ دېڭىزدىن ئۆتۈپ بىرىتانىيە تاقىم ئاراللىرىغا كېتىشىنىمۇ ھۇنلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە بېسىمنى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن روسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ يايلاقلاردا تۇرۇۋاتقان ھۇنلار (ئۇلارنىڭ سانى ۋېنگىرىيىدە تۇرۇۋاتقان ھۇنلارىن كۆپ ئىدى) مىلادىيە 435~447-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە ئاتتىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى، ئېھتىمال روسىيە يايلاقلىرىنىڭ شىمالىدىكى ئورمانلىقلاردا ياشاۋاتقان سىلاۋىيانلار ۋە فىنلارمۇ مۇشۇ چاغدا ھۇنلار تەرپىدىن بويسۇندۇرۇلغان بولۇشى، سىلاۋىيانلار مۇشۇ چاغدا «ھۇنلارنىڭ قۇلى» سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم ياۋروپانىڭ غەربىگە كەلگەن بولىشى مۇمكىن [6]. مىلادىيە 445-يىلى بېلىدا ئۆلگەندىن كېيىن، ئاتتىلار ھۇن پادىشاھلىقىنىڭ بىرىدىبىر ھۆكۈمرانى بولۇپ قالدى. پادىشاھ ئوردىسى دوناي دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى چوڭ تۈزلەڭگە (ھازىرقى ۋېنگىرىيە تەۋەسىدە) قۇرۇلۇپ، ھۆكۈمرانلىق دائىرسى غەربتە رىيىن دەرياسىنىڭ شەرقدىن شەرقتە ئوتتۇرا ئاسىياغىچە سوزولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شەرقى ۋە غەربى رىم ئىمپېرىيىلىرى ئىنتايىن چوڭ تەھدىدكە دۇچ كەلدى. مىلادىيە 447-يىلى ئاتتىلار قوشۇن باشلاپ شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى كونستانتىنوپولغىچە باستۇرۇپ كەلگەچكە، شەرقى رىم ئېمپىراتورى تىئودورۇس Ⅱ سۈلھى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، كېيىنكى يىلى ھاقارەتلىك ئىتتپاقلىق ئەھدى تۈزدى، ئەھدىدە ئىمپېرىيە ھەر يىلى ئاتتىلارغا 2100 قاداق ئالتۇن ئولپان تاپشۇرۇشى، يەنە 6000قاداق ئالتۇن بىلەن كوا قەرىزلىرىنى تۆلىشى بەلگىلەندى. سۈلھىدىن كېيىن، رىم ئىمپېرىيىسى ماكسىمىن باشچىلىقىدىكى ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ئاتتىلار تۇرۇۋاتقان پاننونيېنغا ئەۋەتىپ بۇ ئولپانلارنى تاپشۇرۇپ بەردى، ئەلچىلەر ئۆمىكى ئىچىدىكى پېرىسكۇس تارىخچى بولغاچقا، ئەلچىلىكتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن «سەپەر خاتىرىسى» دېگەن ئەسەرنى يېزىپ چىقتى[7]. بۇ ئەينى دەۋىردىكى ئاتىلار ئوردىنىڭ ئەھۋالىنى تەتقىق قىلشتا ناھايىتى ئېسىل ئەسىرنىڭ «پارچىلىرىنى »دىن ئېلىنىغان نەقىلىدۇر:
      «ئاتتىلانىڭ پايتەختى بىر قەلئە ياكى كەنتكىلا ئوخشاش بولۇپ، شەھەرگە ئوخشىمايدىكەن. تاشتىن قوپۇرۇلغان ئىمارەتتىن بىرسىلار بولۇپ، ئۇ رىم ئۇسلۇبىدىكى مۇنچا ئىكەن. خەلقنىڭ كۆپىنچىسى كەپىلەردە ياكى چېدىرلاردا تۇرىدىكەن. ئاتتىلار ۋەئۇنىڭ ئاساسلىق ئادەملىرى ئائىلىسىدىكىلىرى ھەم مۇلاھىملىرى بىلەن بىر سارايدا تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ ساراي قەلئەنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىكەن. بۇلاپ كەلگەن ماللار ناھايتى كۆپ بولسىمۇ، ئاتتىلار يەنىلا كۆچمەنلەرچە ئاددىي-ساددا تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، تاماقنى ياغاچ تاۋاق ۋە چۆچەكتە يەيدىغان، بولكا دېگەندەك نەرسىلەرنى ئەزەلىدىن يېمەيدىكەن. ئىشنى ناھايتى ئەستايىدىل بېجىرىدىكەن. ساراينىڭ ئىشىكى ھەر قانچە ئۇچۇق بولۇپ، ھەر دائىم ئات توقۇقلۇق ھالەتتە تۇرىدىكەن. زىياپەتتە شاراب ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىچىلىدىكەن». پېرسكۇس يەنە قەسىدىچىلەرنىڭ ئاتتىلاغا مەدھىيە ئوقۇغانلىقىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق يازغان: «بىر قەسىدىچى ئۆزى يازغان قەسىدىنى ئوقۇپ ئاتتىلانىڭ باتۇرلىقى ۋە ۋە غەلبىلىرىنى مەدىيلىدى. ئۇ قەسىدە ئوقۇۋارتقان چاغدا ئوردىنىڭ ئىچى تىمتاسلىققا چۆمۈپ، مېھمانلارنىڭ ھەممىسى قەسىدىگە مەپتۇن بولۇپ قېلىشتى. ئۆتكەن چاغدىكى شانلىق غەلبىنىڭ تىلغا ئېلىنىشىدىن يۈرەك تارى چېكىلدى. ياساۋۇللارنىڭ كۆزلىرىدە غەلىبىگە ئىنتىلىش ئەكىس ئەتسە، قېرىلار ئەمدى جەڭگاھتا قېلىچ ئوينىتىپ ئات چاپتۇرالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆزلىرىگە ياش ئېلىشتى. ئارقىدىن ھەربى مەشىق ۋە ھەربىي ئەخلاق توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلەندى. كېيىن، قىزىقچىلىق باشلىنىپ كىشلەرنىڭ جىددىي كەيپىياتى پەسەيتىلدى. قىزىقچىلىق ئاساسەن موللىلار ۋە ساكلار بولۇپ، غەلىتە كېيىملەرنى كېيىشىپ، لاتىن تىلى، گوت تىلى ۋە ھۇن كىشلەرنىڭ كەيپىياتىنى يوقىرى كۆتۈردى. پۈتۈن زالنى كۈلكە ساداسى قاپلىدى. بۇ قىزىقچىلىق ئالدىدا پەقەت ئاتىلار تەمكىن تۇرپ ئۆزىنىڭ ئېغىر بېسىق قىياپىتىنى نامايەن قىلدى»[8].
     تىئودورۇس Ⅱ مىلادىيە 450-يىلى ئۆلۈپ ئۇنىڭ تەختىگە مارسىئان ۋارىسلىق قىلدى. مارسىئان ئۆز قوشۇنىنى پائال ئىسلاھ قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، پۇرسەت تېپىپ ھۇنلارغا قايتۇرما زەربە بەرمەكچى بولدى.
     ئاتتىلا مىلادىيە434-يىلى تەخىتكە چىققاندىن باشلاپ450-يىلىغا قەدەر غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلىغان. ئۇ گەرچە شەرقىي ئىمپېرىيسىدە ئانچە چوڭ تەسىر قوزغىيالمىغانلىقتىن، مىلادىيە 448~449-يىللىرى، ئاتتىلا بىلەن غەربىي رىم ئىمپېريىسىنىىڭ مۇناسىۋىتى بۇرۇندىن سۆرىلىپ بىر ئىش تۇپەيلىدىن يرىكلىشىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاتتىلا يەنە ئىمپېراتور ۋالېنتىنايانⅢنىڭ ئاچىسى ھونۇرىيا بىلەن تويلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىمپېراتوردىن ھونۇرىيانى ئۆزىگە ياتلىق قىلىشنى ھەم غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى زېمىنىنىڭ يېرىمىنى قىز مېلى سۈپىتىدە ئۆزىگە بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ تەلىپى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، ئاتتىلا غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىگە ئۇرۇش قوزغاش قارارىغا كەلدى.
     ئاتتىلا ھۇجۇم قوزغاشتا ئىتالىيە زىمىنىنى ئەمە، گاللىيىنى نىشان قىلپ تاللىدى. چۈنكى گاللىيە بۇ ۋاقىتتا بىر قانچىلىغان يېرىم مۇستەقىل پادىشاھلىقلار بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىگە ھۇجۇم قىلسام بۇ ياۋايى مىللەت پادىشاھلىقلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمەيمەن دەپ قارىغان ئىدى. مىلادىيە 451-يىلى ئاتتىلا شەخسەن ئۆزى زور قوشۇن باشلاپ (ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قوشۇننىڭ سانى 500 مىڭدىن كۆپ ئىكەن)رېيىن دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گاللىيىنىڭ شىمالىغا بېسىپ كىردى. دەسلەپتە نۇرغۇنلىغان مۇھىم شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى، مېتىزنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى، گاللىيىدىكى مۇھىم ھەربىي ئورۇن ئورلىئاننىنمۇ قورشاۋغا ئالدى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ سەركەردىسى ئائېتىئوس قوشۇن باشلاپ شىمالغا يۈرۈش قىلدى ھەم كۆپلىگەن ياۋايى مىللەت پادىشاھلىقلىرىنىڭ، مەسلەن، غەربىي گوتلار، بۇرگۇندىلار ۋە بىر قىسم ئالانلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. شۇڭا، ئۇ ئاتتىلا بىلەن كاتالونىيە تۈزلەڭلىكىدە، ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش قىلدى. بۇ ئۇرۇش ئۇزاققا سوزۇلدى، ھەر ئىككى تەرەپتىن چىقىم ئىنتانىي ئېغىز بولدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا،بىر كۈن ئىچىدىلا 150 مىڭ ئادەم جەڭدە ئۆلگەن. بۇ دەشھەتلىك ئۇرۇشتا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى يېڭىش-يېڭىلىش ئايرىلمىغان بولسىمۇ، ئاتىلانىڭ ئۇرۇش قىلغۇسى كەلمەي قوشۇنلىرىنى ۋېنگىرىيىگە چېكىندۈرۈپ كەتتى. مىلادىيە 452-يىلى ئاتىلار غەربىي رىم ئىمپىېريىسىگە يەنە ئۇرۇش قوزغىدى. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇرۇش نىشانى گاللىيە بولماستىن، بەلكى ئىتالىيە بولدى. ئاتتىلا قوشۇنلىرىنى باشلاپ ئالىپ تېغىدى ئۆتۈپ، ئالدى بىلەن ئاكۇيلىيانى ئىگەللەپ، شەھەردىكى قورۇلۇشنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلۋەتتى. ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى نۇرغۇنلىغان يەرلەرنىمۇ بولاڭ-تالاڭ قىلدى. ئارقىدىن پادويا، ۋېرونا ۋە مىلان قاتارلىق شەھەرلەرنىمۇ ئىگەللەپ بولاڭ –تالاك قىلدى، ئاندىن نىشاننى رىمگە قاراتتى. لېكىن، بۇ چاغدا قوشۇننىڭ ئىچىدە ئاچارچىلىق ۋە كېسەل تاراپ كەتتى، يەنە كېلىپ شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ياردەمچى قوشۇنلىرى يېتىپ كېلىپ، ئاتتىلاغا كۆپ قېتىم قايتۇرما زەربە بەردى. شۇنىڭ بىلەن، ئاتتىلا قوشۇنلىرىنى چېكىندۇرۇپ دوناي دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ھۇن پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختىگە قايتىپ كەتتى. كېيىنكى يىلى (453-يىلى) ئۇ شارابقا ۋە ئىشقىۋزلىققا بەك بېرىلىپ كېتىپ، يېڭىدىن تەقدىم قىلىنغان بىر ساھىبجامال بىلەن «توي قىلغاندىن كېيىن، ئېغىر كەيىپچىلىكتە قان قۇسۇپ ئۆلدى»[9].
       ئاتتىلانىڭ ھايات پائالىيتىنى ۋە ھۇنلارنىڭ غەربكە كۆچۈشىنىڭ ياۋروپاغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى يىغىنچاقلاپ مېك گوۋېرىن قىسقىچە مۇنداق باھا بەرگەن:
«ئاتتىلا ھەقىقەتەنمۇ بىر ئۇلۇغ شەخس، لېكىن ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك تۆھپىلىرى ئىنتايىن ئاز. ھۇنلارنىڭ ياۋروپاغا ھۇجۇم قىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىم نەتىجە ياكى مەڭگۈلۈك نەتىجە، گوتلار ۋە باشقا گېرمان نەسىللىك قوۋملارنى غەربكە يۈرۈش قىلىپ، رىم ئىمپېرىيىسىگە تاجاۋۇز قىلىشقا مەجبۇرلاش بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىش ئاتتىلادىن بۇرۇنلا ئورۇنلىنىپ بولغان؛ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈشىدىمۇ ئاتتىلانىڭ تۆھپىسى ئانچە زور ئەمەس. ئۇنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ تۆھپىسى بىر قۇدرەتلىك ھۇن ئىمپېرىيىسىنى بەرپا قىلغانلىقىدا. لېكىن، بۇ ئىمپېرىيەمۇ خۇددى بالدۇر ئېچىلىپ، گۈلدەك ناھايتى تېزلا يىمىرىلدى. ئاتتىللا ئۆلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ھۇنلار ياۋروپانىڭ غەربىدىن مەڭگۈ قوغلىۋېتىلدى [10].
      ھۇن پادىشاھلىقىنىڭ يىمىرىلىشىگە ئاساسلىقى ئالىي ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىچكى نىزامى سەۋەب بولغان بولۇپ، ئاتتىلانىڭ ئوغللىرىنىڭ ھەممىسىلا ئايرىم مۇستەقىل پادىشاھلىق قۇرۇشنى ئويلايتتى. پادىشاھلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرىۋاتقان گېرمانلار، جۈملىدىن جىبوتلار ۋە شەرقىي گوتلار بولسا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قارشىلىق كۆرسىتىپ، ھۇنلارنىڭ كونتىروللىقىدىن قۇتۇلۇش ئويىدا ئىدى. مىلادىيە 454- يىلى ئىككى تەرەپ ۋېنگىرىيە تەۋەسىدىكى نېدال دەرياسى بويىدا قاتتىق جەڭ قىلدى. نەتىجىدە ھۇنلاردىن نەچچە مىڭ ئادەم ئۆلۈپ، ئاتتىلانىڭ چوڭ ئوغلى ئىلەكمۇ ئۆلتۈرۈلدى. ھۇنلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى كارپات تاغلىرىنىڭ شەرقىگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇپ، 70 نەچچە يىلدىن بۇيان جەنۇبىي روسىيە يايالاقلىرىدا ياشاپ كېلىۋاتقان ھۇن قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ پاناھلاندى. ھۇن پادىشاھلىقىنىڭ مەركىزىي رايونى ۋېنگىرىيە ھۇنلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشىلىق كۆرسىتىپ غەلبە قازانغان گېرمانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىپ، جىبۇتلار دوناي دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى كەڭ زىمىنلارنى ئىگىلىدى. شەرقىي گوتلار دوناي دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى پاننونىيەنى ئىگىلىدى. نەچچە يىللاردىن كېيىن ئاتتىلانىڭ ئەۋلاتلىرى يەنە غەربكە يۈرۈش قىلىپ، ئەسلىدىكى زېمىنلىرىنى قايتۇرۋالماقچى بولغان بولسىمۇ، جىبۇتلارنىڭ قاتتىق زەربىسى تۈپەيلىدىن پەقەت ئۇلارنىڭ زېمىنىنىڭ جەنۇبىدىكى (دوناي دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى) ئازراق يەرنىلا ئىگەللىيەلىدى.
بۇ چاغدا ئاتتىلانىڭ ئوغلى ئەرنەقمۇ ئاز ساندىكى ھۇنلارنى باشلاپ دوناي دەرياسى ئېغىزىنىڭ جەنۇبىدىكى دوبرۇگا دېگەن يەنى ئىگىلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى ھۇن شاھزادىسى شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ غەربىدىكى جايلارنى ئىگەللىدى. باشقا بىر نەچچە توپ ھۇنلار يەنىلا شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدىكى ھەر قايسى جايلاردا قېلىپ قالدى.
       مىلادىيە 461- يىلى ئاتتىلانىڭ يەنە بىر ئوغلى دېڭگىزىك غەربكە قوشۇن تارتىپ ھۇنلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئورۇندى. ئۇ دوناي دەرياسىنى بويلاپ ئىلگىرلەپ، جىبۇتلاردىن ئۆزىنى تارتىپ، پاننونىيەدە تۇرىۋاتقان شەرقىي گوتلارغا بىۋاستە ھۇجۇم قوزغىدى ۋە ئۇلارغا يېقىن يەردە بىر نەچچە يىل تۇردى. مىلادىيە 468- يىلى (جۇڭگودىكى شىمالىي ۋېي پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى شيەن ۋېندى توغبات خۇڭنىڭ خۇاڭشىڭ 2- يىلى) ئۇ جەنۇپقا يۈرۈش قىلىپ دوناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ، شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىگە تاجاۋۇز قىلدى. ئىمپېرىيە كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىپ ھۇنلارنى مەغلۇپ قىلدى ۋە دېڭگىزىكنى ئۆلتۈردى. بۇ غەرب تارىخنامىلىرىدىكى ھۇنلارنىڭ ياۋروپادىكى پائالىيىتى ھەققىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق خاتىرە ھېسابلىنىدۇ [11]. شۇنىڭدىن باشلاپ، ھۇنلار ياۋروپانىڭ تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىقتى. جۇڭگودا بولسا بۇ ۋقىت شىمالىي ۋېي پادىشاھلىقىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرى بولۇپ، ھۇنلارنىڭ تارماقلىرى- جەنۇبىي ھۇنلار، تۇغا ھۇنلىرى، لۈشۈي ھۇنلىرى ۋە توبا ھۇنلىرى بەش غۇز ئون ئالتە پادىشاھلى دەۋرى ھەم جەنۇبىي، شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئايرىم- ئايرىم ھالدا خەن- ئالدىنقى جاۋ، شىمالىي لياڭ، بۈيۈك شيا قاتارلىق ھاكىمىيەتلەرنى قۇردى. لېكىن ھەممىسى 460- يىلىدىن بۇرۇن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ يوقالدى. شۇڭلاشقا ياۋروپادا ھۇن پادىشاھلىقىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە ئاتتىلانىڭ ئوغۇللىرىنىڭ دۆلەتنى ئەلسىگە كەلتۈرۈش يولىدىكى ئۇرۇشلىرىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى، ھۇنلارنىڭ دۇنيا مىقياسىدا تارىخ سەھنىسىدىن چۈشكەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى.


ئىزاھلار:
[1] رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى تارىخشۇناس ئاممىئانۇس مارسېلىنۇسنىڭ «تارىخ» ناملىق ئەسىرى. چى سىخې قاتارلىقلار تەرجىمە قىلغان «دۇنيا تارخىي ماتېرىياللىرى مەجمۇئەسى دەسلەپكى توپلىمى. ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى غەربىي ياۋروپا» غا قاراڭ. سەنلىيەن كىتابخانىسى 1958- يىلى نەشرى، 35- بەت.

[2] ئاممىئانۇس مۇنداق دەيدۇ: «رىم ئىمپېرىيىسنىڭ سەركەردىلىرى ۋە يەرلىك ئەمەلدارلىرى يېڭىدىن كەلگەن. ھىچقانداق گۇناھى بولمىغا چەتئەللەرگە ئىنتايىن ناچار مۇئامىلە قىلغان.
.... ياۋايى قوۋملەر دەريادىن ئۆتۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇزۇلۇق يېتىشمەسلىك ئىنتايىن ئېغىر بولغان. بۇ قەبىھ سەركەردىلەر ناھايتى پەسكەش بىر سودىنى ئويلاپ تېپىشقان. ئۇلار كەڭ رايۇنلاردىن ئىت تۇتۇپ كېلىپ ياۋايى قوۋملەر بىلەن بىر ئىتقا بىر قولىنى ئالماشتۇرغان. نۇرغۇنلىغان ياۋايى قوۋملەر، ھەتتا قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئوغۇللىرىمۇ شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولغان» (جى سىخې قاتارلىقلار تەرجىمە قىلغان «دۇنيا تارىخىي ماتېرىياللىرى مەجمۇئەسى دەسلەپكى توپلىمى» 38- بەتكە قاراڭ).
[3] مېكگوۋېرىننىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر تارىخىي»، جاڭ جۈەن تەرجىمە قىلغان نۇسخىسىنىڭ 7- بابى «ياۋروپاغا تاجاۋۇز قىلغان ھۇنلار» غا ۋە ئوتتومائېنچىن خېلفىننىڭ «ھۇنلار دۇنياسى» 2- باب 4- پاراگىراف «يىلدىز» غا قاراڭ. [4] «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر تارىخىي» 7- باب «ياۋروپاغا تاجاۋۇز قىلغان ھۇنلار»،
184 ~ 185- بەتلەر.
[5] مېكگوۋېرىننىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر تارىخى» ، جاڭ جۈەن تەرجىمە قىلغان نۇسخىسىنىڭ 7- بابى «ياۋروپاغا تاجاۋۇز قىلغان ھۇنلار» غا ۋە ئوتتۇمائېنىچىن خېلفېننىڭ «ھۇنلار دۇنياسى» 2- باب، 6- پاراگىراھ «ئوكيا ۋە رۇگا» غا قاراڭ.
[6] پېرىسكۇسنىڭ «سەپەر خاتىرىسى» دە مىلادىيە 440 ~ 472- يىللار ئارىلىقىدىكى ئىشلار خاتىرلەنگەن. بۇ ھۇنلارنىڭ ياۋروپادىكى تارىخىغا ئائىت ئەڭ ئىشەنچىلىك بىرىنچى قول ماتېريالدۇر. ئەسلى ئەسەرنىڭ تولۇق نۇسخىسى يوق. ياۋروپالىق مەشھۇر ئالىم فرېيتاف ئۆزىنىڭ «گېرمانىيىنىڭ ئۆتكەن دەۋرلەردىكى خاتىرلىرى» دېگەن ئەسىرى 1- توم «مىللەتلەرنىڭ چوڭ كۆچۈش دەۋرى» دە بۇ ئەسەرنىڭ پارچىلىرىنى نېمىس تىلىغا تەرجىمە قىلغان. يېقىنقى زاماندىكى ئەنگىلىيە تارىخشۇناسى گىببون «رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھالاك بولۇش تارىخى» دېگەن ئەسىرىدە، ياۋروپادىكى ھۇنلارنىڭ پائالىيىتىنى پۈتۈنلەي مۇشۇ پارچىلارغا ئاساسلىنىپ يازغان. پارچىلارنىڭ تارىخي ماتېرىياللىق قىممىتى ئېلىمىزىدكى «تارىخىي خاتىرىلەر» بىلەن ئوخشايدۇ.
[8] ئەنگىلىيىلىك ۋېللىسنىڭ «دۇنيا تارىخىي تېزىسلىرى» دىن ئېلىنغان. لياڭ سىچېڭ قاتارلىقلار تەرجىمە قىلغان نۇسخسى (1927- يىلى شاڭخەي شاڭۋۇ باسمىخانىسى نەشىرى) 1- توم 418- بەت. بۇ ئابزاس باياننى سېللىسىمۇ گىبوننىڭ «رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھالاك بولۇش تارىخى» دىن ئالغان.
[9] مېكگوۋېرىننىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر تارىخى» 7-باب «ياۋۇرپاغا بېسىپ كىرگەن ھۇنلار»غا ۋە خېلفېننىڭ «ھۇنلار دۇنياسى» 2-باب 7-پارگىراف «ئاتتىلا» ۋە 8-پارگىراف «ئاتتىلا پادىساھلىقى» غا قاراڭ.
[10] «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر تارىخى» 7-باب 197 ~198-بەتلەر.
[11] مېكگوۋېرىننىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر تارىخى» ۋە خېلفېننىڭ «ھۇنلار دۇنياسى».

«ھونلارنىڭ ئومومى تارىخى» دىن ئېلىندى.

خوجە

0

تېما

11

دوست

4693

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   89.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9687
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 214
تۆھپە : 1309
توردىكى ۋاقتى: 375
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 15:19:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھونلار ھەققىدىكى چۇشەنچەم يەنە بىر بالداق ئۆرلىدى ،،،رەخمەت سىزگە!!!!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

aaot=oghuztigin=和平之子

43

تېما

7

دوست

8450

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   69%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10330
يازما سانى: 432
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1498
تۆھپە : 1561
توردىكى ۋاقتى: 285
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 11:49:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ghojia يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 13:19
ھونلار ھەققىدىكى چۇشەنچەم يەنە بىر بالداق ئۆرلىدى ،،، ...

ھۇنلار توغرىسىدىكى توردىن تاپقان ماقالىنى مۇنۇ bagdax تورىغا يوللىسام تەستىقلىماپتۇ،باشقا توردىكى ئادرىسى مۇنۇ كۆرۈپ باقارسىزلەر:
http://ejdad.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2871

http://bbs.bozqir.net/forum.php?mod=viewthread&tid=5450

0

تېما

0

دوست

282

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32153
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 90
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 23:33:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ohuztigin يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 11:49
ھۇنلار توغرىسىدىكى توردىن تاپقان ماقالىنى مۇنۇ bagdax ت ...

تېما ئىسىل ئىكەن ،يوللىغۇچىغا كۆپ رەھمەت.بولسا قەدىمى قۇدرەتلىك خەلق ھونلار توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپرەك ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

2

تېما

0

دوست

367

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   33.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29880
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 19:31:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى  يازمىكەن ساقلاشقا تىگىشلىك ماتىريالكەن تىما ئىگىسىگە رەخمەت يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ھونلار توغرىسىدا يازمىلار بولسا ئايىمىغايسىز

0

تېما

1

دوست

782

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   56.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33251
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 222
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 20:50:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھونلار ھەققىدىكى تارىخى بىلىملەرگە بەكمۇ قىزىقاتتىم ، رەھمەت سىزگە

4

تېما

1

دوست

956

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   91.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33673
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 286
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 16:07:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل يازما رەخمەت سىزگە كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )