قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2750|ئىنكاس: 33

ئوغلانى : قايتالمايمەن ئۆيۈمگە ،خوتۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

23

تېما

15

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17880
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى: 241
تۆھپە : 3228
توردىكى ۋاقتى: 723
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 14:03:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئىلاۋە: خەلق سۆيگەن بىر قىسىم ھۆرمەتلىك كىشىلىرىمىزدىن زوردۇن سابىر ،ئابدۇكېرەم ئابلىز  قاتارلىقلار ۋە بىر قىسىم جاپاكەش كارخانىچىلارنىڭ  يېقىنلىرىدىن ئەھۋاللىرىنى ئىگەللەپ، ئىش -ئىزلىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئۇلار بىلەن سۆھبەتتىن كېيىن ئاددىي بولسىمۇ مونۇ شېئىرنى يازدىم .


قايتالمايمەن ئۆيۈمگە ،خوتۇن


مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئوغلانى



باشقا كەلدى ئېغىر ۋەزىپە ،
«ئالدىراش»تا ئۆتەر دەقىقە ،
ھەركۈنلىرى ئاشۇ رەۋىشتە ،
قايتالمايمەن  ئۆيۈمگە ،خوتۇن.


مىليونىر دەپ ھەۋەس قىلارمىش ،
مەندەك بولۇش ئارزۇسى بارمىش ،
راھەت سۈرۈپ ،جاپاسى ئازمىش ،
قايتالمايمەن  ئۆيۈمگە ،خوتۇن.


بۈگۈن ئۆتسە ئەتىمۇ خىزمەت ،
خىزمەتچىلەر دەردىمۇ خىزمەت ،
ھەتتا چىققان قەرزىمۇ خىزمەت ،
قايتالمايمەن  ئۆيۈمگە ،خوتۇن.


ئۆيگە بارسام ئۇيقۇ يوق پەقەت ،
خىزمەتلىرىم كاللامدا قەۋەت ،
خىزمەت قالسا بولامدۇ راھەت ؟
قايتالمايمەن  ئۆيۈمگە ،خوتۇن.


ئارتىس بولسام ئوينايدۇ دەيدۇ ،
  يەنە بىرلەر تويمايدۇ دەيدۇ ،
  ئۇنىڭدا دەرد بولمايدۇ دەيدۇ،
قايتالمايمەن  ئۆيۈمگە ،خوتۇن.

  توقايلارنى كەزگىنىم راستۇر ،
  ئاچچىق توپا يىگىنىم راستۇر ،
ئاپتاپلاردا كۆينىم راستۇر ،
قايتالمايمەن  ئۆيۈمگە ،خوتۇن.


  ھوزۇرلاندى جاپالىرىمدىن ،
  ئىكراندىكى سادالىرىمدىن .
  ئارتىس بولغان «خاتالىقىم»دىن ،
قايتالمايمەن  ئۆيۈمگە ،خوتۇن.


  يازغۇچى مەن خەلقىمنى سۆيگەن ،
  ئۇنىڭ ئۈچۈن گۈلخاندا كۆيگەن ،
  يېزىش ئۈچۈن سەپەردە يۈرگەن،
قايتالمايمەن  ئۆيۈمگە ،خوتۇن.


  نۇمۇس ماڭا ياتسام ئۆيۈمدە ،
جاپا چەكمەي قىلغان سۆزۈمدە ،
يازاي دىگەن گۇناھ ئۆزۈمدە ،
  قايتالمايمەن  ئۆيۈمگە ،خوتۇن.

\
خەلق كۈلمىسە ماڭا كۈلكە يوق ،
يۈرەلمەيمەن ھۆددەس كۆڭۈل توق ،
يۈرەكىم دەر خەلقىڭ ئۈچۈن سوق ،
قايتالمايمەن  ئۆيۈمگە ،خوتۇن.
  

بالام بەزىتۇغۇلدى يالغۇز ،
يېشىڭ تارام تۆكۈلدى يالغۇز ،
مەن يوق كۆڭلۈڭ بۇزۇلدى يالغۇز،
قايتالمايمەن  ئۆيۈمگە ،خوتۇن.

  قالاي دېسەم ئۆيۈمنى سۆيۈپ ،
خىزمەتلىرىم قالار ئۆكۈنۈپ ،
ئانامنىمۇ كۈتمەي يۈكۈنۈپ ،
  قايتالمايمەن  ئۆيۈمگە ،خوتۇن.


  سەن چىداملىق قەيسىرىم مېنىڭ ،
گۈلدەك ئۆيۈم ئەمگىڭ سېنىڭ ،
  ئامان بولسۇن چىداملىق تېنىڭ ،
قايتالمايمەن  ئۆيۈمگە ،خوتۇن.


بەختىڭ ئۈچۈن، چوڭ ئىشلار ئۈچۈن ،
يۇتۇش كېرەك بەزىدە تۈتۈن،
چۈنكى تۇرمۇش  بولمايدۇ پۈتۈن ،
قايتالمايمەن  ئۆيۈمگە ،خوتۇن.

   
16- نويابىر  

  تىيەنجىن   


باغداشتا تېما ئاز بولسا بولسۇن، ساز  بولسۇن ، خەلق رازى بولسۇن !

3

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 592
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3402
توردىكى ۋاقتى: 808
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 15:23:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن دىجورنى تۇرمىسام تېخى ،
دەرۋازىنى مەھكەم باقمىسام تېخى .
كېچىچە كىرپىك قاقمىسام تېخى ،
قايتالمايمەن بۈگۈن ئۆيۈمگە خۇتۇن .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

841

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   68.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25433
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 258
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 16:06:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   amirsahip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-16 16:09  

ھاۋا سۇغۇق ئەجەپ بەك جۇدۇن،
كۆمۈر چېقىپ،ئۆزەڭ كەس ئوتۇن،
خىيالىمدا تۇرسا ئەل -بۇدۇن،
ھىجراندا كۆيسە قەشقەر،ئۇدۇن،
قايتالمايمەن ئۆيۈمگە،خۇتۇن..

كۈتۈپ تۇرار ،مىنى  گۈل بەدەن،
ئاشىق-مەشۇقمىزبىر جان، بىرتەن،
خىزمىتىدە ئىگىلگەن گەدەن،
ئۇنىڭ ئېسمى تاش، تۇپراق ۋەتەن،
قايتالمايمەن ئۆيۈمگە،خۇتۇن.



ئەمىر ساھىپ؛ئالاغىر
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

3

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 592
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3402
توردىكى ۋاقتى: 808
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 17:48:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
masturam يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 17:38
ھەممىڭلار ئۆيگە كەلمەيۋاتامسىلەر؟ ۋەتەننى قوغداپ ياخ ...

مەستۇرە ھامما ،
خاپا بولماڭ ،
قاپىيە ئويناپ قويدۇققۇ .
6#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

505

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32138
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 18:40:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېغىنىمەن ئۆيۈمنى پىراق،
قايتالمايمەن ئۇنىڭغا بىراق.
توغرا چۈشەن ئېرىڭنى خوتۇن،
چۈنكى بۇ يەر ئۆيۈمدىن يىراق.
قايتالمايمەن ئۆيۈمگە خوتۇن،

0

تېما

4

دوست

1395

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   39.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26835
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 426
توردىكى ۋاقتى: 129
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 21:03:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىق كۈنمۇ بوپ قالىدى مانا،
قىز تۇغۇلۇپ ئاتا بولدۇق يەنە.
ئۆيلەر سوغۇق دىللار غەمخانە،
قاچان كىلسەن ئۈيۈمگە خوتۇن.

بوران ئۇچۇپ ئۆيلەرمۇ سەنسىز،
ئىچكەنلىرىم ناۋات ھەم قەنسىز.
بۇ دەتلەرگە ئامال يوق سەنسىز،
قاچان كىلسەن ئۈيۈمگە خوتۇن.

ئاي قىزىمنىڭ مەڭزىگە سۈيەي،
سەن گۈلۈمگە باشقىدىن كۈيەي.
قىرىق كۈنمۇ تەس كەلىدى ئۈلەي،
قاچان كىلسەن ئۈيۈمگە خوتۇن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )