يېقىندىن بۇيان ئۇيقۇدىن باش كۆتۈرەلمەسلابولۇپ قالدىم. ئۇنى ئاز دەپ كۆزۈمنى يۇمساملا تۈگىمەس چۈشلەر ئارامىمنى بۇزىدۇ. بۇچىگىش چۈشلەرنىڭ باش-ئاخىرىنى چىقىرىپ بولغىچە ھېرىپ ھالىمدىن كېتىمەن. يېقىندائاڭلىسام قايسىدۇر بىر دۆلەتتە چۈشىدە نېمە كۆرىمەن دېسە شۇنى كۆرسىتەلەيدىغانمۇلازىمەت يولغا قويۇلۇپتۇدەك. يەنە ئاڭلىسام ئۇخلاتقۇ دەمدۇ ئەيتاۋۇر بىركەشپىيات بارلىققاكەپتۇدەك، ئۇنى ئىشلەتسە ئادەم پەقەتلا چۈش كۆرمەسمىش. توۋا،نېمىلەرنى كەشىپ قىلىشىپ يۈرىشىدىكىن بۇ خەقلەر، يا تەرەققىيات دېگىنى شۇمىكىن؟ يېقىندا كۆرگەن بىر چۈشۈمنى ئېيتسام،ئاجايىپلا بىرچۈش. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن كىنو كۆرۈپ يېتىپلا مۈگدەشكە باشلىدىم،قۇلاق تۈۋىمدە كىنونىڭ ناخشىسى ياڭراۋاتىدۇ:
قەدەھكە قۇيۇلدى ۋاپا كەلكۈنى، ئىناقلىقتا ئۆتسۇن ئۆمۈر ھەر كۈنى. ئىچەيلى يارەنلەر ئىچەيلى قېنىپ، تورۇسنى كۆتەرسۇن خوشەنىڭ ئۈنى.
قاچانلاردا كۆزۈم ئۇيقۇغا ئىلىندىكىن خوشەبىلەن تەڭ قولۇمدا يوغانلا بىر ئىستاكان، مەھەللىنىڭ بېغىدىكى ئۈزۈم بارىڭىئاستىدا ماڭا ئوخشاش ئىستاكان كۆتۈرىۋالغان ئۈچ ئاغىنە بىلەن ئالدىمىزغا بىريەشىكتىن بوشىغان ھاراق بوتۇلكىسىنى يىغىۋېلىپ قەدەھ سوقۇشتۇرۇپ ئولتۇرۇپتىمىز.تۇيۇقسىز بىزگە ئانچە يىراق بولمىغان مۇدېر ئىشخانىسى دەپ خەت يېزىلغان، ئىككىقاراۋۇل قول باغلاپ تۇرغان ئىشىك ئېچىلىپ، بىزنىڭ مۇدېر يوغانلا بىر پارچە گۆشنىكۆتۈرگىنىچە چىقىۋاتقۇدەك. شۇ چاغدىلا مۇدېر ۋە بايىقى ئىككى ئىشك باقارنىڭ بىريەردىن تارقاتقان فورمىدەك ئوخشاش قىلىپ كىيىۋالغان كىيىملىرىگە زەن سېلىپئۈلگۈردۈم. ئاق تاۋار كۆڭلەككە ماسلاشتۇرۇلغان كۆك تاۋار ئىشتان ۋە كۆڭلەكنىڭئۈستىدىن باغلانغان رەڭلىك بەلۋاغ، يەنە پۇتىدىكى يۇمشاق قارا ئۆتۈك ئۇلارغا خېلىلايارىشىپ قالغان ئىدى. مۇدېرنى تونۇمىغان بولسام ئۇلارنى بىرەرئۆمەكنىڭئۇسۇلچىلىرىمىكىن دەپ قالاركەنمەن. قىزىق يېرى ھەممىسىنىڭلا كۆڭلىكىنىڭ ئالدىداچوڭ دېگەن خەت يېزىقلىق تۇراتتى. ئۇنى ئاز دەپ داستىن تېشىپ چىققان خېمىردەكساڭگىلاپ تۇرغان يوغان قورسىقى بۇ چوڭ خېتىنى تېخىمۇ چوڭ كۆرسىتىۋەتكەن ئىدى.مۇدېر ئىشىكتىكىلەرگە ئالىيىپ قويۇپ قولىدىكى گۆشنى چىشلىگەچ ياندىكى بىرئىشىككەكىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئالدىمدا ئولتۇرغان مۇنۇ ئۈچ ئاداشقا قارىدىم، قارىدىم يۇھەيران قالدىم، توۋا، نېمە كارامەت بۇ. ئوخشاشلا ئاق كۆڭلەك، كۆك ئىشتان، رەڭلىكبەلۋاغ، يۇمشاق قارا ئۆتۈك، يوغان قورساق ۋە چوڭ خېتى... دەرۋازا ئالدىدا مۇدېرنىڭ يېڭى ئالغان داڭلىقماركىلىق ماشىنىسى پارقىراپ تۇراتتى، يولغا ئېسىلغان چوڭ قىزىل لوزۇنكا شامالدائۇچۇۋاتاتتى. تۇيۇقسىز ئىشىكنىڭ ئېچىلغان ئاۋازىدىن چۆچۈپ قارىسام مۇدېر باياكىرىپ كەتكەن ئىشىكتىن چىشىنى كوچىلىغىنىچەچىقىپ كەپتۇ. كىيىمىنىمۇئالماشتۇرىۋالغان بولۇپ قارا كاستۇم-بۇرۇلكا ئىچىگە ماسلاشتۇرغان قارا كۆڭلىكى ۋەتىمساھ ماركىلىق بەلۋېغى تۈگمىسى ئېتىلمىگەن كاستۇمىدىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئاجايىپئىش، بايىقى چوڭ خېتىنى تېخىمۇ چوڭ كۆرسىتىۋاتقان قورسىقى بىلەن بىللە ئۈستىدىكىچوڭ خېتىمۇ قاياقلارغىدۇر يوقالغان بولۇپ، بەلۋاغدىكى تىمساھ بەلگىسى كۈن نۇرىداپارقىراپ كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. بۇرۇنلاردا گاداي گۆش يېسە چىشقا كىرىدۇدەيدىغان گەپلەرنى ئاڭلايتتۇق، ئەجەپ بۈگۈن مۇدېرمۇ چىشىنى كوچىلاۋاتىدۇ دېسە... يەنە نېمىلەرنى ئويلار ئىدىمكىن ئالدىمدائىستاكانلارنى كۆتۈرگىنىچە ئولتۇرغان ئاغىنىلەرنىڭ قوللىرى تالدىمۇ ياكى مېنىڭھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇپ قېلىشىمغا قاراپ ئىچى پۇشتىمۇ يەنە بىر قېتىملىق خوشەنىڭچوقانلىرى بىلەن مېنى خىيالدىن ئويغاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ خوشەسىگە قوشۇلۇپسۈزۈكلىكىدىن تېگىدىكى بىر نەچچە تال يىگىلەپ سېسىپ كەتكەن ئۈزۈم ۋە شامالدا ئۇچۇپچۈشكەن توپىلار كۆرۈنۈپ تۇرغان سۇيۇقلۇقنى كۆتۈردۈم. شۇ دەقىقىدە كۆزۈم دەرۋازائالدىدىكى مۇدېرنىڭ داڭلىق ماركىلىق ماشىنىسىنىڭ ئورنىغا پەيدا بولۇپ قالغانماشرەڭ لاتا پېكاپنى ۋە شامال ئۈزىۋېتىپ كونا پالازدەك دەرەخكە ئېسىلىپ قالغانروزۇنكا پارچىلىرىنى بايقاپ ئۈلگۈردى. دەل مۇشۇ يەرگە كەلگەندە يەنە بىر خوشەنىڭچوقانلىرىدىن ئويغىنىپ كەتتىم. قارىسام كىنودىكى مەستلەرنىڭ ئىچىشۋازلىقى تازاقىزىغان بولۇپ، ناخشىسى تېخىچە ياڭراۋېتىپتۇ. يەنە بىردەم ئۇخلىغان بولسام نېمەكارامەتلەرنى كۆرەر ئىدىمكىن. سائەتكە قارىسام ئېتىزغاچىقىشقا خېلى ۋاقىت بارئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ چۈشۈمنىڭ داۋامىنى كۆرۈش تەمەسىدە يەنە ئۇيقۇغا باشقويدۇم... |