قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1424|ئىنكاس: 7

تارىختىكى ئىمپىرىيەلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

967

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   93.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11337
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 112
تۆھپە : 228
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 19:11:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      گەپنى باشلاشتىن بۇرۇن ئاۋال ئىمپىرىيە دىگەن سۆزنى بىر ئىزاھلاپ ئۈتەي،بەيدۇدىن ۋېيجى بەيكې دا بۇنىڭغا مۇنداق تەدبىر بىرىپتۇ:ئىمپىرىيە بولسا يەر مەيدانى بىپايان بولغان،ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت تىكلىگەن نۇرغۇن مىللەتلەرنى بويسۇندۇرغان ياكى ئۆزىگە بېقىندۇرغان،خەلقئارادا ياكى مەلۇم بىر رايۇندا(رايۇن دىگىنىمىز مەسىلەن:شەرقى ئاسيا رايۇنى،ئوتتۇرا ئاسيا رايۇنى،غەربى ئاسيا.....دىگەندەك)خوجا بولغان،تەسىرى كۈچى زور، بويسۇندۇرغان زىمىنىنى ئاز دىگەندە بەش ئون يىل تۇتۇپ تۇرالىغان،ھەربىي ۋە مەدىنيەت جەھەتتەگە شۇ رايۇندىكى دۆلەتلەردىن ھالقىپ كەتكەن دۆلەت ئىمپىرىيە دىيىلىدۇ.(يەنى قىسقارتىپ ئېيتقاندا غايەت زور دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە بولغان دۆلەت) ئۇ چوڭ جەھەتتىن ئىككىگە بۈلىنىدۇ.بىرسى دۇنياۋى ئىمپىرىيە(مۇڭغۇل ئىمپىرىيىسى،ئەنگىلىيە كۈن پاتماس ئىمپىرىيىسى....دىگەندەك)يەنە بىرسى رايۇن خاراكتىرلىق ئىمپىرىيە(خارەزىم ئىمپىرىيىسى،ئورخۇن ئىمپىرىيىسى....دىگەندەك).بىراق مەدىنيەت جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى بولسىلا ئىمپىرىيە سانالمايدۇ(مۇڭغۇللار گەرچە مەدىنيەت جەھەتتە قوشنىلىرىدىن كۆپ ئارقىدا بولسىمۇ بىراق دۇنيانى بويسۇندۇردى)  
     ئەمدى تارىخقا قاراپ باقساق بارلىق ئىمپىرىيەنى تەپسىلى چۈشەندۇرىمىز دىسەك گەپ ئاۋۇپ كىتىدۇ.شۇڭا تۇۋەندە مەن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن دۇنياۋى ئىمپىرىيەلەرنى ساناپ ئۆتىمەن.
تارىختا ئۆتكەن دەرىجىدىن تاشقىرى ئىمپىرىيەلەردىن:
   1.قەدىمكى مىسىر ئىمپىرىيىسى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 33-ئەسىردە پىرئەۋن مىنىس ئاستىنقى ۋە ئۈستىنكى مىسىرنى بىرلىككە كەلتۇرۇپ بۇ ئىمپىرىيىنىڭ ئۇلىغا ئاساس سالغان.مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 343-يىلى پارىسلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان.بۇ دەۋردىكى تارىخى ماتىرياللار يىتەرلىك ئەمەس
file:///C:\Users\ADMINI~1\AppData\Local\Temp\ksohtml\wpsBBE8.tmp.png
    2.ئاسۇرىيە ئىمپىرىيىسى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 8-ئەسىردە قۇرۇلغان مىلادىيىدىن بۇرۇنقى606-يىلى ھالاك بولغان.(دۇنيانىڭ 5000يىلى1-قىسىم، 1988-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىدا بۇ ئىمپىرىيە توغۇرلۇق تەپسىلى مەزمۇنلار بار)
*

3.يىڭى بابىلون ئىمپىرىيىسى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى626-يىلى قۇرۇلۇپ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى539-يىلى پارىسلار تەرىپىدىن ھالاك قىلىنغان(7چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى بولغان )

file:///C:\Users\ADMINI~1\AppData\Local\Temp\ksohtml\wpsBBFA.tmp.png
4.پارىس بىرىنجى ئىمپىرىيىسى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 550-يىلى قۇرۇلۇپ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى330-يىلى ئالىكسانندىر تەرىپىدىن ھالاك قىلىنغان.زىمىنى ئوتتۇرا ئاسيا(شىراق رىۋايىتىدە دىيىلگەن ئاپراسىياپ جەڭ قىلغان ئىمپىرىيە شۇ)ۋە غەربى ئاسياغىچە كىڭەيگەن.ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان تارىختىكى زىمىنى تۇنجى ئۈچ قىتئە ھالقىغان ئىمپىرىيە


file:///C:\Users\ADMINI~1\AppData\Local\Temp\ksohtml\wpsBC1A.tmp.png
5.ماكىدونىيە ئىمپىرىيىسى(ئالىكساندىر ئىمپىرىيىسى،ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئىمپىرىيىسى)ئەسلىدە ئافىنانىڭ غەربىدىكى كىچىك دۆلەت ئىدى ئالىكساندىرنىڭ تەختكە چىقىشى بىلەن بىراقلا باش كۆتۇرۇپ دۇنياۋى ئىمپىرىيە قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا ماكىدونىيە بىرلىككە كىلىپ خانلىق قۇرۇلغان.ئالىكساندىر ئۆلگەندىن كىيىن ئىمپىرىيە تىزلا پارچىلىنىپ تارىخ سەھنىسىدىن چىكىنگەن.ماكىدونىيە دۆلىتى كىيىن خېلى بىر مەزگىلگىچە بىردە بېقىندى دۆلەت بىردە ئايرىم دۆلەت بۇلۇپ ئاخىرى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 146-يىلى رىم ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن تۇلۇق بويسۇندۇرۇلغان.بۇ ئىمپىرىيە شەرقتىن غەرپكىچە سۇزۇلۇپ غەرپ مەدىنىيىتىنى شەرقكە تارقاتقان تۇنجى ئىمپىرىيە.
*

6.ئاسايىش  ئىمپىرىيىسى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 246-يىلىدىن مىلادىيە224-يىلىغىچە دەۋران سۈرگەن ئىمپىرىيە.پارىسلىقلار قۇرغان يەنە بىر ئىمپىرىيە.
*

7.مۇقەددەس رىم ئىمپىرىيىسى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى27-يىلى رىم قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى1453-يىلى ئوسمان تۈرۈكلىرى ھازىرقى ئىستانبولنى ئىشغال قىلغۇچە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان.ھازىرقى زامانغا زور تەسىر كۆرسەتكەن زور ئىمپىرىيەلەرنىڭ بىرسى(بۇلۇپمۇ قانۇن جەھەتتە).رىم ئەسلى بىر شەھەر بۇلۇپ ئۈزلۈكسىز سىرتقا كىڭەيمىچىلىك نەتىجىسىدە كىچىك دۆلەتكە،ئاندىن رايۇن زومىگىرىگە،ئاخىرىدا دۇنياۋى ئىمپىرىيەگە ئايلانغان.كىيىنكى دەۋىرلەردە بۇ ئىمپىرىيە ئىككىگە پارچىلىنىپ  كەتكەن.غەربى رىم ئىمپىرىيىسى رىم شەھرىنى،شەرقى رىم ئىمپىرىيىسى ھازىرقى ئستانبولنى(كونىستانتىپول) پايتەخىت قىلغان.غەربى رىم ئىمپىرىيىسى مىلادىيە 410-يىلى 8-ئايدا گوتلار ھەم ھونلارنىڭ ھۇجۇمىدا رىمنى قولدىن بىرىپ قۇيۇپ  ئاستا -ئاستا قورچاق دۆلەتكە ئايلىنىپ476-يىلى ئۈزۈل كىسىل يۇقالغان.شەرقى رىم ئىمپىرىيىسى(كونىستانتىپول ئىمپىرىيىسى،ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)1453-يىلى ئوسمان تۈركلىرى تەرپىدىن يۇقۇتۇلغان.شۇنىڭ بىلەن مىڭ يىلدىن ئارتۇق ھۈكۈم سۇرگەن رىم ئىمپىرىيىسى

تۇلۇق يۇقالغان.



file:///C:\Users\ADMINI~1\AppData\Local\Temp\ksohtml\wpsBC3C.tmp.png
8.ياۋروپا ھون ئىمپىرىيىسى(ئاق ھون ئىمپىرىيىسى)مىلادىيە370-يىلىدىن،مىلادىيە469-يىلىغىچە.ھونلار ياۋروپادا قۇرغان ئىمپىرىيە.زىمىنى ئوتتۇرا ئاسيادىن ھازىرقى فىلاندىرغىچە،دوناي دەرياسى ۋادىسىدىن ئوتتۇرا دىڭىز رايۇنىغىچە تۇتىشىدىغان غايەت زور ئمپىرىيە.453-يىلى ئاتىللا ئۆلگەندىن كىيىن تەخىت تالىشىش يۈز بىرىپ ئىچكى نىزا تۈگىمەي ئىمپىرىيە پارچىلىنىشقا باشلىغان.469-يىلى ئاتىللانىڭ ئوغلى ئۆلگەندىن كىيىن ئىمپىرىيەمۇ ھالاك بولغان.بۇ ئىمپىرىيىنىڭ شىمال ۋە شەرق تەرەپتىكى چىگراسىنى بىكىتكىلى بولمىغان


file:///C:\Users\ADMINI~1\AppData\Local\Temp\ksohtml\wpsBC3D.tmp.png
9.كونىستانتىپول ئىمپىرىيىسى(شەرقى رىم ئىمپىرىيىسى،ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسى)رىم ئىمپىرىيىسى پارچىلانغاندىن كىيىنكى شەرقى رىم ئىمپىرىيىسى بۇلۇپ، غەربى رىم ئىمپىرىيسى يوقالغاندىن كىيىن ئۆزىنى مۇقەددەس رىم ئىمپىرىيىسى دەپ ئاتىغان.1453-يىلى ئوسمان تۈرۈكلىرى تەرپىدىن يۇقۇتۇلغان.
1453)征服(قىزىققۇچىلار فەتىخ1453 دىگەن كىنونى كۆرۈپ باقساڭلار بۇلىدۇ،خەنزۇچە ئىسمى بەيدۇدىن ئىزدىسەڭلار چىقىدۇ.*file:///C:\Users\ADMINI~1\AppData\Local\Temp\ksohtml\wpsBC4E.tmp.pngfile:///C:\Users\ADMINI~1\AppData\Local\Temp\ksohtml\wpsBC4F.tmp.png
*

10.پارىس ساسانىلار ئىمپىرىيىسى(سامانىلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ).پارىسلار قۇرغان ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى ئىمپىرىيىسى.مىلادىيە224-يىلى قۇرۇلۇپ651-يىلى ئەرەبلەر بويسۇندۇرغان.
*

11.تاڭ ئىمپىرىيىسى.مىلادىيە618-يىلىدىن907-يىلىغىچە.20پادىشاھ ئۆتكەن.تاڭ سۇلالىسى ئەڭ گۈللەنگەن ۋاقتلاردا ھازىرقى قازاقىستان،قىرغىزىستان زىمىنلىرىنىمۇ ئۆزىنىڭ خەرىتىسى ئاستىغا ئالغان،زىمىنى ئوتتۇرا ئاسياغا تۇتاشقان، يىپەك،فار-فور بۇيۇملىرى، رىم ئىمپىراتورلىرىنىڭ قىممەتلىك بۇيۇملىرىغا ئايلانغان ھەم داڭقى جاھانغا پۈر كەتكەن.بىراق ئىچكى جەھەتتە پارتلىغان ئۆڭلۈك-سۆڭگۈچ توپىلىڭىدىن پايدىلىنىپ تىبەتلەر چىڭخەي گەنسۇ تەرەپنى بېسىۋالغان.تالاس ئۇرۇشىدا ئەرەب ئىمپىرىيىسى بىلەن بولغان جەڭدە مەغلۇپ بولغان ئىچكى توپىلاڭدا سەۋەبى دۆلەت كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەن.ئاخىرى907-يىلى خەلق قوزغىلاڭچىلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان.
*

12.ئەرەب ئىمپىرىيسى(ئابباسىلار سۇلالىسى).632-يىلىدىن1258-يىلىغىچە.مۇھەممەت ئەلەيھىسلام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ دىن بىلەن سىياسى بىرلەشتۇرۇلگەن ھاكىمىيەت قۇرغاندىن كىيىن ئەرەبلەر ئۈزلۈكسىز تۈردە سىرتقا كىڭەيمىچىلىك ئېلىپ بېرىپ ئىمپىرىيە زىمىنىنى ھىندى دەريا بويلىرى ھەم جۇڭگۇغىچە تۇتاشتۇرغان.600يىل ھۈكۈمرانلىق قىلغان بۇ ئىمپىرىيە ئىچكى زىدىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى ھەم مۇڭغۇللارنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدا ھالاك بولغان.1258-يىلى باغدات خەلىپىسى دەمەشىق شەھرىدە مۇڭغۇللارغا ئەسىرگە چۈشۈپ ئاتقا دەسسىتىلىپ ئۆلتۇرۇلگەندىن كىيىن بۇ ئىمپىرىيە تارىخ سەھنىسىدىن چىكىنگەن.پارىس بىرىنجى ئىمپىرىيىسى،ئالىكساندىر ئىمپىرىيىسى،رىم ئىمپىرىيىسى،ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسى،ساسانىلار ئىمپىرىيىسىدىن كىيىنكى تارىختا ئۆتكەن يەنە بىر زىمىنى ئۈچ قىتئەگە تۇتاشقان ئىمپىرىيە. file:///C:\Users\ADMINI~1\AppData\Local\Temp\ksohtml\wpsBC61.tmp.png

13.مۇڭغۇل ئىمپىرىيىسى(بوزقىر ئىمپىرىيىسى)1206-يىلىدىن1368-يىلىغىچە.1206-يىلى چىڭگىزخان مۇڭغۇل قەبىلىلىرىنى بويسۇندۇرۇپ مۇڭغۇل دۆلىتىنى قۇردى.كىيىنكى دەۋردە(چىڭگىزخان جاھاننىڭ شەرقى يېرىمىنى،ئەۋلاتلىرى غەربى يېرىمىنى بويسۇندۇردى) مۇڭغۇللار ئۈزلۈكسىز كىڭەيمىچىلىك ئېلىپ بېرىپ زىمىنى ئاسيا ياۋروپاغا تۇتاشقان تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئىمپىرىيە مۇڭغۇل ئىمپىرىيىسىنى قۇردى.ئىمپىرىيە زىمىنى شەرقتە تىنىچ ئوكياندىن غەرپتە پولشانىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغىچە،شىمالدا مۇز ئوكياندىن جەنۇپتا ھىندى دەريا بويلىرى ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە ھىندى ئوكيانغىچە تۇتاشقان غايەت زور ئىمپىرىيە(ئەينى چاغدا دۇنيانى تىتىرەتكەن)ئۈچ قېتىملىق غەرپكە يۈرۈشىدە 40دىن ئارتۇق دۆلەتنى يوقاتقان(بۇنىڭ ئىچىدە ئىمپىرىيەلەرمۇ بار)900دىن ئارتۇق مىللەتنى،قەبىلىنى بويسۇندۇرغان.1264-يىلى ئىمپىرىيە 4كە پارچىلانغان(چىڭگىزخاننىڭ 4 ئوغلى)ئۇلار گەرچە نامدا مەركەزگە بويسۇنسىمۇ بىراق يەنىلا ئۆزىنى خان دەپ ئىلان قىلغان.كىيىن ئىمپىرىيە ئاستا-ئاستا پارچىلىنىپ مۇڭغۇللار بەزى يەرلەردە يەرلىك مىللەتكە قۇشۇلۇپ كەتكەن 1368-يىلى جۇيۇەنجاڭ يۇەن سۇلالىسىنى يۇقۇتۇپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن مۇڭغۇللارنى قوغلاپ چىقارغان.(مەنبەدە شۇنداق ئېلىنىپتۇ) شۇنىڭدىن باشلاپ مۇڭغۇللارنىڭ ئىمپىرىيە دەۋرى ئاخىرلاشقان.ئەڭ ئاخىرىقى مۇڭغۇل دۆلىتى(چىڭگىزخان ئەۋلادىددىن مۇڭغۇل،خان بولغان)مەنچىڭ ئىمپىرىيىسىنىڭ خانى كاڭشى تەرپىدىن 17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى ئاغدۇرۇپ تاشلانغان،شۇنىڭ بىلەن بۈيۈك مۇڭغۇل ئىمپىرىيىسى ئاخىرلاشقان(كاڭشى خاندانلىقى دىگەن كىنودا بۇ توغۇرلۇق مەزمۇن بار)
file:///C:\Users\ADMINI~1\AppData\Local\Temp\ksohtml\wpsBC72.tmp.pngfile:///C:\Users\ADMINI~1\AppData\Local\Temp\ksohtml\wpsBC73.tmp.png
*


ھەركەتلىك رەسىم
14.تۈمۈرىلەر ئىمپىرىيىسى.1370-يىلىدىن1506-يىلىغىچە.تۈرۈكلەشكەن مۇڭغۇل ئەۋلادى تۈمۈرلەڭ(ئاقساق تۈمۈر)قۇرغان ئىمپىرىيە بۇلۇپ،چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادى.ئۇ ئۈزلۈكسىز كىڭەيمىچىلىك ئېلىپ بېرىپ شەرقتە لىڭشىپ قالغان چاغاتاي خانلىقىنى يوقاتقان(چاغاتاي خانلىقىنىڭ پۈتۈن زىمىنىنى بېسىۋالغان).كىيىن ئېتىنى غەرپكە بۇراپ مۇڭغۇل ئىمپىرىيىسىنى قايتا قۇرۇش مەقسىتىدە شۇ ۋاقتقىچە يىڭىلمەي كىلىۋاتقان ئوسمان ئىمپىرىيىسى بىلەن كىچىك ئاسيادا ئۇرۇشۇپ ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ سۇلتانىنى ئەسىرگە ئېلىپ سەمەرقەنتكىچە قەپەزگە سۇلاپ ئېلىپ كىلىپ دارغا ئاسقان.ئاندىن كىيىن شەرقكە يۈرۈش قىلىپ مىڭ سۇلالىسىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقاندا(تەخمىنەن1404-1405-يىللىرى)يول ئۈستىدە ۋاپات بولغان.ئۇ ئۆلگەندىن كىيىن تەخت تالىشىش يۈز بىرىپ ئىمپىرىيە خېلى ئاجىزلاشقان ۋە 1506-يىلى تۈرك ئۆزبىك قەبىلىسى تەرپىدىن تەرپىدىن ئاغدۇرۇلغان(مەنبەدە قەبىلە دىيىلىپتۇ).تۈمۈرلەڭ جەمەتى ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلىدىغان بۇلۇپ پايتەختى سەمەرقەنتكە چوڭ مەدىرىس سالدۇرغان.شۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ مەدىنيەت مەركىزى باغداتتىن سەمەرقەنتكە كۆچكەن.ئىمپىرىيە ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن تۈمۈرلەڭ ئەۋلادىدىن بولغان بابور ھىندىستاننى ئىستىلا قىلىپ مەرۋەنىلەر ئىمپىرىيىسى(ھىندىستان تۈرك-مۇغۇل ئىمپىرىيسى)نى قۇرغان

file:///C:\Users\ADMINI~1\AppData\Local\Temp\ksohtml\wpsBC83.tmp.png
15.پورتىگالىيە ئىمپىرىيىسى.1415-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە.تارىختىكى تۇنجى ھەم ئەڭ ئۇزۇن ھۈكۈم سۈرگەن مۇستەملىكە ئىمپىرىيىسى.يىڭى دېڭىز يولى ئېچىلغاندىن كىيىن ھەم يىڭى قۇرۇقلۇق بايقالغاندىن كىيىن پورتىگالىيەنىڭ ئىمپىرىيە دەۋرى باشلاندى.پورتىگانلار شىمالى ئامرىكا قىتئەسىدە مۇستەملىكە قۇرۇپ ئىندىئانلارنى قۇل قىلىپ نۇرغۇن بايلىق توپلىدى.16-ئەسىر پورتىگالىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى بۇلۇپ كىيىن قوشنا دۆلىتى ئىسپانىيە،ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن مۇستەملىكە تالىشىش جەريانىدا ئاستا-ئاستا خارابلىششقا يۈزلەنگەن.18-ئەسىرنىڭ ئالدى كەينىدە شىمالى ئامرىكا ھەم ئافرىقىدىن كەلتۇرۇلگەن غايەت زور ئالتۇن بۇ ئىمپىرىيەنى بارلىققا كەلتۇرگەن بولسمۇ بىراق 1755-يىلى پايتەختتە يۈز بەرگەن چوڭ يەر تەۋرەش ئىمپىرىيەنى خېلى كۆپ زىيانغا ئۇچراتقان ھەم خەلقئارادىكى تەسىرى ئاجىزلىغان.ئۇنىڭغا قۇشۇلۇپ 1822-يىلى بىرازىلىيەنىڭ ئازاتلىققا ئىرىشىشى ھەم 1890-يىلىدىكى ئەنگىلىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بۇلۇشى ئۇنىڭ دېڭىز زومىگىرى ئۇرنىدىن چۈشۈشىگە سەۋەب بولغان.ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پورتىگالىيەنىڭ مۇستەملىكە زىمىنلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئازات بۇلۇشىغا باشلىغان.1999-يىلى ئەڭ ئاخىرقى مۇستەملىكە ئاۋمىننىڭ ئىگىلىك ھۇقۇقى جۇڭگۇغا ئۆتكۈزۈپ بىرىلگەندىن كىيىن پورتىگالىيەنىڭ ئىمپىرىيە دەۋرى تۇلۇق ئاخىرلاشقان.ھەم مۇستەملىكىسى قالمىغان..
file:///C:\Users\ADMINI~1\AppData\Local\Temp\ksohtml\wpsBC84.tmp.png

16.ئىسپانىيە ئىمپىرىيىسى.1492-يىلىدىن1975-يىلىغىچە.دۇنيادىكى تۇنجى <كۈن پاتماس ئىمپىرىيە>.يىڭى قۇرۇقلۇق بايقالغاندىن كىيىن ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرى دېڭىزدىن كىسىپ ئۈتۈپ ئىندىئانلارقۇرغان ئازاتىك ئىمپىرىيىسى ۋە ئىنكا ئىمپىرىيىسىنى بويسۇندۇردى ھەم شىمالى ئامرىكىدا زور زىمىنغا ئىگە بولدى.تەڭداشسىز فىلوتى ئارقىلىق 16-17-ئەسىردە دېڭىز زومىگىرىغا ئايلىنىپ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرنى باشتىن كەچۇردى.بۇ ئىمپىرىيە17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ ئوسمان ئىمپىرىيىسى بىلەن بولغان ئۇزۇن ئۇرۇش تۈپەيلى خارابلىشىشقا باشلىدى.شۇ پۇرسەتتە فىرانسىيە ۋە گوللاندىيە باش كۈتۈرۈشكە باشلىدى.كىيىن ئىسپانىيە دېڭىز زومىگىرى ئورنىنى يۇقىتىپ قويدى.ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئىسپانىيەنىڭ ھەرقايسى مۇستەملىكە رايۇنلىرى ئازات بۇلۇشقا باشلىدى.ئەڭ ئاخىرقى مۇستەملىكە1975-يىلى ئازات بولغاندىن كىيىن ئىمپىرىيە دەۋرى ئاخىرلاشتى.ھازىر مۇستەملىكىسى يوق..


file:///C:\Users\ADMINI~1\AppData\Local\Temp\ksohtml\wpsBC95.tmp.png
17.ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى 1229-يىلىدىن1923-يىلىغىچە.ئوتتۇرا ئاسيادىن غەربكە كۆچكەن تۈركلەر قۇرغان ئىمپىرىيە بۇلۇپ زىمىنى ئۈچ قىتئەگە تۇتاشقان چوڭ ئىمپىرىيە.ئوسمان ئىمپىرىيىسى قۇرۇقلۇق سودا يولى يىپەك يولىنى بېسىۋالغانلىقتىن،ياۋروپالىقلارنىڭ سودىسى خارابلىشىپ دېڭىز ئارقىلىق سودا قىلىشقا مەجبۇر بۇلۇپ يىڭى دېڭىز يولىنى ئاچقان ھەم يىڭى قۇرۇقلۇق بايقىغان،شۇنىڭدىن ياۋروپا قۇدرەت تېپىشقا باشلىغان. بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن پارچىلىنىشقا باشلىغان ۋە 1923-يىلى مۇستاپا كامال جۇمھۇرىيەت قۇرغاندىن كىيىن ھالاك بولغان

*file:///C:\Users\ADMINI~1\AppData\Local\Temp\ksohtml\wpsBC96.tmp.pngfile:///C:\Users\ADMINI~1\AppData\Local\Temp\ksohtml\wpsBC97.tmp.png
*
18.مەرۋەنىلەر ئىمپىرىيىسى(ھىندىستان تۈرك-مۇغۇل ئىمپىرىيسى)1526-يىلىدىن1857- يىلىغىچە.تۈمۈرىلەر ئىمپىرىيىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن چىڭگىزخان تۈمۈرلەڭنىڭ ئەۋلادى بولغان بابور قۇرغان ئىمپىرىيە بۇلۇپ،ئۇ يەكەن خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سەئىدخاننىڭ ئاكىسى.1857-يىلى ھىندىستاندىكى مىللى قۇزغىلاڭ ئەنگىلىيە ن.

file:///C:\Users\ADMINI~1\AppData\Local\Temp\ksohtml\wpsBC98.tmp.pngfile:///C:\Users\ADMINI~1\AppData\Local\Temp\ksohtml\wpsBCA9.tmp.png
19.مەنچىڭ ئىمپىرىيىسى 1616-يىلىدىن1912-يىلىغىچە مانجۇلار قۇرغان ئىمپىرىيە بۇلۇپ،ئەڭ گۈللەنگەن ۋاقتتا شەرقى ئاسياغا خوجا بولغان.1912-يىلى شىڭخەي ئىنقىلابى تەرپىدىن ئاغدۇرۇلغان..
*

*
20.چارروسىيە ئىمپىرىيىسى.روسلار مۇڭغۇللارنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ قۇرغان ئىمپىرىيە.1721-يىلى قۇرۇلۇپ 1917-يىلى چارروسىيە ھۈكۈمىتى ئاغدۇرۇلغان.شۇ ۋاقتتىكى ھەم ھازىرقى زىمىنى ئەڭ چوڭ دۆلەت


file:///C:\Users\ADMINI~1\AppData\Local\Temp\ksohtml\wpsBCBA.tmp.png
21.ناپالىئون ئىمپىرىيىسى(فىرانسىيە بىرىنجى ئىمپىرىيىسى)1804-يىلىدىن 1814-يىلىغىچە ناپالىئون تەختكە چىققاندىن كىيىنكى ئىمپىرىيە بۇلۇپ فىرانسىيەنىڭ ئىمپىرىيە دەۋرى(ياۋروپانى باسقان).1815-يىلى ناپالىئوننىڭ تەختتىن چۈشۈشى بىلەن ئاخىرلاشقان.
*

22.بىرتانىيە ئىمپىرىيىسى(ئەنگىلىيە ئىمپىرىيىسى)تارىختىكى تۇنجى پۈتۈن دۇنياغا ھۈكۈمرانلىق قىلغان، زىمىنى ئەڭ چوڭ مۇستەملىكە ئىمپىرىيەسى.1588-يىلى ئىسپانىيەنىڭ تەڭداشسىز فىلوتىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كىيىن باشقا مۇستەملىكە دۆلەتلىرى بىلەن بولغان رىقابەتتە ئاستا-ئاستا ئۇتۇپ چىقىپ دېڭىز زومىگىرىگە ئايلانغان.دۇنيادىكى ھەممە قىتئە ۋە دېڭىز ئوكياندا مۇستەملىكە زىمىنى بولغانلىقتىن،ئىسپانىيىدىن كىيىنكى<كۈن پاتماس ئىمپىرىيە>(يەنى ئىمپىرىيە تەۋەسىدە كۈن پاتمايدۇ،بىر يەردە كىچە بولسا يەنە بىر يەردە كۈندۈز بۇلىدۇ،زىمىن تەۋەسىدە تۇلۇق كۈن ئولتۇرمايدۇ، دىگەندەك) 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن نۇرغۇن مۇستەملىكىسىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ بىراق يەنىلا مۇستەملىكە زىمىنلىرى بار(ئاراللار)
file:///C:\Users\ADMINI~1\AppData\Local\Temp\ksohtml\wpsBCBC.tmp.png
*

23.فىرانسىيە مۇستەملىكە ئىمپىرىيىسى.1532-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە.ئەنگىلىيەدىن قالسىلا زىمىن جەھەتتە ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ مۇستەملىكە ئىمپىرىيەسى.ھازىر قولىدا ھىندى ئوكيان،تىنىچ ئوكيان ۋە كاسپى دېڭىزىدىكى ئاراللار بار.1980-يىلى ئافرىقىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇستەملىكە ئازات بولغاندىن كىيىن ئىمپىرىيە دەۋرى ئاخىرلاشقان دىسەكمۇ بۇلىدۇ..


file:///C:\Users\ADMINI~1\AppData\Local\Temp\ksohtml\wpsBCCD.tmp.png
24.گىرمانىيە ئۈچىنجى ئىمپىرىيىسى(گىتلىر گىرمانىيىسى)بۇ توغۇرلۇق ئارتۇق سۆزلىمىسەممۇ بۇلار

*file:///C:\Users\ADMINI~1\AppData\Local\Temp\ksohtml\wpsBCDD.tmp.png
25.ياپۇنىيە ئىمپىرىيىسى1868-يىلىدىن1947-يىلىغىچە.19-ئەسىردىكى مېيجى يىڭىلىقىدىن كىيىن ياپۇنىيە تىز قۇدرەت تېپىپ كىيىن كىڭەيمىچىلىكنى باشلىغان.بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن چاۋشەن،كورىيە،ۋە جۇڭگۇنىڭ شەندۇڭ قاتارلىق جايلىرىنى بېسىۋالغان.ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە شەرقى ئاسيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئشخال قىلىپ بىر مەزگىل شەرقى ئاسيانىڭ خوجىسى بولغان.كىيىن ئامرىكىدىن ئاتوم بومبىسى يەپ توختىغان (بۇ پاكىنەكلەرنى زە...)


26.سوۋت ئىتتىپاقى1922-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە.ئاسيانىڭ خوجىسى ھەم دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت،ئۆز ۋاقتىدا ئامرىكا بىلەن تىركىشەلەيدىغان بىردىنبىر دۆلەت بولغان.بىراق1991- ئامرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قاتمۇقات سۈيقەستى بىلەن پارچىلانغان.شۇنداق بولسمۇ ھازىر بوش ئەمەس*

file:///C:\Users\ADMINI~1\AppData\Local\Temp\ksohtml\wpsBCEF.tmp.png
27.ئامرىكا قوشما شىتاتى .ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن تىز قەد كۆتۇرگەن دۆلەت بۇلۇپ،سوۋت يىمىرىلگەندىن كىيىن دۇنيادىكى بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت.مەيلى مەدىنىيەن،ئىقتىساد،ھەربى ساھە بولسۇن ھەرقانداق بىر دۆلەت رەقب بولالمايدۇ.(پۈتۈن دۇنيا بىر،ئامرىكا بىر بۇلۇپ ئۇرۇشسا قانداقكىن)
file:///C:\Users\ADMINI~1\AppData\Local\Temp\ksohtml\wpsBD00.tmp.png
1950-يىلىدىن كىيىنكى ئامرىكا زىمىنى ھەم ئامرىكا بىۋاستە قوراللىق ئارلاشقان رايۇنلار

*

*
*
بۇلار پۈتۈنلەي ۋېيجى بەيكې تورىدىن تەرجىمە قىلىندى،ئىمپىرىيەلەرنىڭ تەرجىمالى يەنە شۇ ۋېيجى بەيكېدىن ئىزدەپ،شۇ يەردە دىيىلگىنى بۇيىچە قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى. شەخىس بىلەن مۇناسىۋەتسىز،ئەسلى ماقالە بەك كۆپ بولغاچقا تاللاپ بىر بۇلىكىلا تەرجىمەقىلىندى.خاتالىقلار بولسا تۈزۈتۈپ قويغايسىلەر
*
*مەنبە:http://zh.wikipedia.org/wiki/%E5%85%A8%E7%90%83%E5%B8%9D%E5%9B%BD

4

تېما

3

دوست

2603

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9364
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 197
تۆھپە : 681
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-18 15:22:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلگىرىكى تېمىلارغا قارىغاندا خېلى تەپسىلى ئىكەن .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

967

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   93.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11337
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 112
تۆھپە : 228
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-18 19:29:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىم كۈرۈنمەيدۇغۇ

0

تېما

2

دوست

1463

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27506
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-18 20:52:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئەجىر قىلىپسىز    رەھمەت       تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىسۇن!

44

تېما

2

دوست

7722

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   54.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 719
تۆھپە : 1989
توردىكى ۋاقتى: 495
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-18 22:48:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    خېلىلا تەپسىلى ئىكەن. كۆپ ئەجىر قىپسىز. ئەمما ھۇن ئىمپىرىيىسى يوق ئىكەن.

0

تېما

0

دوست

390

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32153
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 82
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 19:54:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزگە كۆپ رەخمەت ،ياخشى تېما ئىكەن.ئەگەر بۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى ئىمپىرىيەلەرنى سۈرۈشتۈرۇش توغرا كەلسە بۈيۈك مۇ ۋە ئاتلانتىس ئىمپىرىيەلىرىنى  
قوشۇش  مۇمكىن.

ھايات دۇنيا ، مەۋھۇم روھ !

5

تېما

21

دوست

4200

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27965
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 1334
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 20:03:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمپىرىيە دىگەن نەسە جىق كەن جۇمۇ ئەينى زاماندا .

يامىنى يەنە موڭغۇللار.

ھايات دۇنيا ، مەۋھۇم روھ !

5

تېما

21

دوست

4200

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27965
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 1334
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 20:05:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )