قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4441|ئىنكاس: 21
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قەيسەر مىجىت:گاچچىدە خاتىرلەپ قويغانلىرىمدىن ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

90

تېما

34

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 57
مۇنبەر پۇلى: 905
تۆھپە : 4327
توردىكى ۋاقتى: 246
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 05:30:48 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش


(1)

‏دانىيال ئاكا...
‏***********
‏‏      ئۇيغۇرلاردا كىچىكلەر ئۆزىدىن چوڭ ئەرلەرنى ئاكا دەپ چاقىرىشىدۇ.
‏   ئاتۇشنىڭ لەڭگەردە چوڭ بولغان زەينۇللا ئۈرۈمچىدە ئېنگلىزچە ئۈگۈنۈپ يۈرگەن دەسلەپكى كۈنلەردە بىر ياشقا چوڭ ئامىرىكىلىققا ئۇچراپ قاپتۇغۇ.
‏  بۇ ئامىرىكىلىق ئېنگلىز تىلىدا ئەمدىلاتىن تىلى چىقىشقا باشلىغان زەينۇللاغا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپتۇ.
‏-I am Daniel (مەن دانىيال بولىمەن)
‏-ماي نەيىم ئىز زەينۇللا دەپتۇ ئۇ، ۋە بۇ ئامىرىكىلىقنى قانداق ئاتاشنى بىلەلمەي تىڭىرقاپتۇ، چۈنكى بۇ ئامىرىكىلىق ئۇنىڭ  ئاكىسىدىنمۇ ياشقا چوڭكەندە.
‏-بۇنداق ئادەملەرنى قانداق ئاتايدىغان بولغىيتى؟ ئىسمى دانىيال ئىكەن، بىر تەرىپى ئۇيغۇر بولىشى مۈمكىن، قوشنىمىزنىڭ دانىيار دەپ بالىسى بارغۇ.  ئۇدۇللا ئىسمىنى ئاتىسام، ئۇيغۇرچە بىلىپ قالسا ھۆرمەتسىزلىك بولمىسۇن، ئەڭ ياخشىسى ئۇيغۇرچە ھۆرمەت قىلىپ ئاتاۋىرەي، دەپ ئويلاپتۇ ئۇ ۋە سۆز باشلاپتۇ.
‏-خەلو دانىيال ئاكا....

(2)

ياشلىقتىكى روھى غالبىيەتچىلىك...

‏************

‏چۈشلىرىڭدە، خىياللىرىڭدا،
‏ئۇچۇپ يۈرسەم گويا شۇڭقار بوپ.
‏ئىيتقىنا چىدايسەن قانداق؟،
‏ئاسمىنىڭدىن مۆلدۈر ياغدۇرۇپ!

(3)

‏‏‏خانتېرەك

‏********

‏پامىر تاغلىرىنىڭ ئىتىگىدە،
‏ئاسمانغا ئەڭ يىقىن يەردە.
‏خانتېرەك دەپ بىر يۇرت بار،
‏كىندىك قىنىم تۆكۈلگەن شۇ يەرگە.
‏تاغلىرى ھەيۋەتلىك، ئاسمىنى كەڭ،
‏ئىقىپ كىلىدۇ چوققىدىن سۇلار.
‏دۇنيانىڭ پاكلىغى ئۇ يەردە،
‏پەرۋاز ئەيلەيدۇ شۇڭقارلار.
‏ياپچانغا تۇتاشقان يوللىرى بار،
‏ئاقتۇغا يول ئالاتتى پىيادە،
‏ئىگىز بويلۇق غوجا مامۇتكام.
‏غەيرەت دىگەن بالىنىڭ دادىسى،
‏توم قاشلىق ئاۋۇت داۋۇتكام.
‏ئىشان دەپ ماگىزىنچى بار ئىدى،
‏دۇكىنىغا يوغۇن تۆمۈر قۇلۇپ سالاتتى.
‏ئىسىمدە بىر ئىغىز ئۆيىمىزدە،
‏قۇيماق قۇيماقچى بولغىنى ئانامنىڭ.
‏ياغنىڭ بۇسىدا باش قىيىپ،
‏بوسۇغۇدا بىر مەھەل ئولتۇرغىنىم
‏كۆك خالات بار ئىدى ئۇچامدا،
‏ئىسىمدە يەنە ئۇنىڭغا قۇسقۇنۇم.
‏شۇ چاغدا كۆزۈمگە چۈشكىنى،
سازايى قىلىنىپ ماڭغانلار.
بىشىدا بەك ئۇزۇن قالپاق بار،
‏ۋە يەنە پۈكۈلگەن قامەتلەر.
‏كەينىدە توۋلايدۇ ۋاقىراپ،
‏ئادىمى سۈرئەتلىك ھايۋانلار.
مەن بەلكىم بۇلاردىن يىرگەندىم،
‏بولمىسا خالاتقا قۇسامدىم؟
‏بەختىمنى ئىزدىگەن ياش دادام،
‏مۇشۇنداق بىر تىلەك قىپتىكەن:
‏«بۇ بالام، چوڭ بالام بىر كۈنى،
‏شۇڭقار بوپ يىراققا ئۇچسىكەن»
‏خانتېرەك،
‏مەن سەندە «ئىڭڭەلەپ» كۆز ئاچتىم.
‏مىھرىم بار قوينۇڭغا ئاتقۇم بار،
‏قىپ قالغان بوۋاقلىق ھىدىمنى،
‏پۇراشچۈن توپاڭدا ياتقۇم بار.
‏سۆيۈملۈك يۇرتلارنىڭ ئىچىدە،
‏باش قىلىپ ئالدىغا قاتقۇم بار  ...
(4)

‏ھەقىقى پۈتۈنلۈك....

‏(فوتوگراپ ئىنىمىز جۇماخۇنغا بىغىشلايمەن)

‏********************

‏شۇنداق ئادەملەر بار،
‏ئاغزى سۆزلەيدۇ،
‏قەلبىدە سۆزلىيەلمەيدۇ.
‏ئىككى قۇلىغى ساق،
‏ھاياتنىڭ گۈدۈكىنى ئاڭلىيالمايدۇ.
‏جۇماخۇن،
‏‏قەدىمى يۇرت -بارچۇقتا تۇغۇلغان ئىنىم،
‏سۆز قىلالمىغاندەك تۇرغىنىڭ بىلەن،
‏ئىگىلمەس روھىڭدا سۆز قىلىپ كەلدىڭ.
‏ئاڭلىيالمىغىنىڭ بىلەن،
‏يۈرەك تىۋىشلىرىڭنى ئاڭلىتىپ كەلدىڭ.
‏چۈنكى سەن ھاياتنىڭ پىچىرلىشىنى،
‏سەزگۈر قەلبىڭدە ئىنىق ئاڭلىدىڭ.
‏قارامتۇل توق يىشىل جىلىتكە كىيىپ،
‏بوينىڭغا ئاپارات بار سومكىنى ئىسىپ،
ۋايىغا يەتكۈزۈپ سۆيگەن كەسپىڭنى،
‏يىقىملىق كۈلكەڭدە تارتىپ دوستلارنى،
‏«ۋاي بىزنىڭ جۇماخۇن» بولۇپ ئاتالدىڭ.‏
‏سۆيۈملۈك خانىمىڭ مىھرىگۈل بىلەن،
‏ياشلىق ھاياتىڭغا يىڭى تۈس بەردىڭ.
‏كىسەللىك مۈشكۈلات تۇغقان بولسىمۇ،
‏ئۈمىتۋار روھ بىلەن ئۇلارنى يەڭدىڭ.
‏جۇماخۇن،
‏سەن ئۈلگە ساق تۇرۇپ كەمتۈك بولغانغا،
‏ھاياتتىن بىزار بوپ ۋايسايدىغانغا،
‏ۋە ياكى ھەممىنى تەقدىردىن كۆرۈپ،
‏باشقىنى ئۆچ كۆرۈپ قاۋايدىغانغا.
‏نەشىنى ئۆلگۈدەك تارتىپ مەس بولۇپ،
‏ئۆزىنى ساق -باتۇر سانايدىغانغا.
‏جۇماخۇن،
‏ھەقىقى ئىنسانلىق سىنىڭدە پەۋەس،
‏قولۇڭدا ئاپارات، يۈزۈڭدە كۈلكە،
‏قەلبىڭدە مۇھەببەت، دوستلارغا چىنلىق،
‏‏تۇرمۇشنى، ھاياتنى سۆيۈپ ياشايسەن.
‏ھەقىقى پۈتۈنلۈك بار سەندە شۇنداق،
‏ئەل دۇئا ئوقۇيدۇ:«روناق تاپقايسەن!»

‏.(5)

‏‏ئا.جالالىدىننىڭ "ئاق چېچىم" ناملىق شىئېرىغا تەقمىس...

‏***********

‏ئاقارغۇدەك چىچىم قالمىدى،
‏خىلى بۈدۈر چاڭگا باش ئىدىم.
‏بەلكى مىڭ قىز كۆيگەن بولغىيتى،
‏ئەمدى بىرگە «ھەشقاللا» دىدىم.
‏قارا تۇرۇپ شالاڭلىدى چاچ،
‏ئەمما ھامان ئاق تۇردى قەلبىم!:)


0

تېما

8

دوست

1569

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   56.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23688
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 496
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 11:45:41 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yiganayapraq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-17 11:47  

ئىلھاملارغا كۆز تەگمىسۇن قەيسەركا.گاچچىدە خاتىرلەپ قويغان شۇ خىياللارنىڭ رەڭدارلىقى  بىزگە زور كۈچ بولىۋاتىدۇ.بۇ ئىلھاملاردا ئۆزگىچە بىر يېڭىلىق ۋە كىشىگە بېرىدىغان ئىلھام ۋە مەدەت بار،رەھمەت.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

450

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20352
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 140
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-9
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 12:40:43 |ئايرىم كۆرۈش
سىز يازغان ماقالىلارنى كۆپىنچە ھاللاردا ئەڭ بۇرۇن مەن كۆرۈپ قالىمەن ،قوللىرىڭىز ھارمىسۇن ،رەھمەت.ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق ،ئامەت يار بولسۇن.

0

تېما

4

دوست

1858

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   85.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9548
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 138
تۆھپە : 478
توردىكى ۋاقتى: 213
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 13:23:05 |ئايرىم كۆرۈش
قەيسەر ئاكا سىز ئاجايىپ ئەسەر يازىسىزھە، مەن ئەسىرىڭىزنى ئىز بېسىپ ئۇقۇپ كىلىۋاتىمەن لىكىن ئىنكاس يازمىساممۇ .

0

تېما

0

دوست

1044

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   4.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32202
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 310
توردىكى ۋاقتى: 68
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 13:44:29 |ئايرىم كۆرۈش
ياخشې چېكېپتۇ!

2

تېما

12

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25041
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 305
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 15:31:43 |ئايرىم كۆرۈش
بارىككاللا قەيسەركا،قەلمىڭىز ھارمىغاي..

9

تېما

3

دوست

2168

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19310
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 666
توردىكى ۋاقتى: 187
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-11
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 16:56:24 |ئايرىم كۆرۈش
باشقىللىرىمۇ يارىدى، لېكىن ئاۋۇ خانتېرەك دېگەن شېئىر بەك ئېسىل چىقىپتۇ
ىلھاملىرىڭىز ئۈزۈلمىگە ي

0

تېما

0

دوست

1325

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   32.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10545
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 418
توردىكى ۋاقتى: 152
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-18
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 17:07:48 |ئايرىم كۆرۈش
bagalip يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 16:56
باشقىللىرىمۇ يارىدى، لېكىن ئاۋۇ خانتېرەك دېگەن شېئىر  ...

بارىككاللا قەيسەركا،قەلمىڭىز ھارمىغاي..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )