ئۆگنىش قىلۋاتاتتىم ،تۇيۇقسىز ئۇستازىم تېلفۇن قىلىپ ئەتە چۈشتىن كېيىن سائەت بىر يېرىمدا «مەدەنيەت بوستانى » پىروگگىراممىسى ئۆتكۈزۈلدىغانلىقى ئامال بولسا بېرىپ كۆرۈپ قاتنىشىپ كېلىشىمنى، ئۇستازلاردىن مىر سۇلتان ئوسمان مۇئەللىم،ئارىسلان ئابدۇللامۇئەللىم،ئابلىزئورخۇنلارنىڭ سۆزقىلدىغانلىقنى،ئاساسلىقى«قۇتادغۇبىلىك»نىڭ مىرسۇلتان مۇئەللىم تەرپىدىن ئىشلەنگەن يېڭىدىن نەشىرگەتەييارلانغان فەرغانە نۇسخسدا سۆھبەت ئېلىپ بېرلىدىغانلىقنى ئېييتى. ئوتتەك بىرئىشتىياق قەلبىمدە پەيدا بولدىيۇ، يەنە ئىكلىنىپ تۇرۇپ قالدىم . چۈنكى ئەتسىبېرىدىغان ئىككى پەن ئىمتىھانغا يەنە تەييارلىق قىلمىسام بولمايتتى .ئۇزاق ئىككلىنىش ۋە ئويلىنىشدىن كېيىن ئاخىرى بېرىش قارارىغا كەلدىم ،چۈنكى بۇنداق پۇرسەت ئەمدى يەنە بىر قېتىم كەلمەيتتى.
ئەتسى مۇددەتتىن بۇرۇن ساۋاقدىشىم بىلەن شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئستانسىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش زالىغا يېتىپ باردۇق .باشقىلار سوغوقتاساقلىغاچ تۇنۇشلار ھەرخىل تېمىداپاراڭلاشماقتا، مەن بولسام ئۇزاقتىن بۇيان ئىسمىنىئاڭلىغان، تېلۋۇزۇردىمۇ خېلى بۇرۇن بىر ئىككى قېتىم كۆرگەن تىلشۇناس، ئالىممىرسۇلتان ئوسمانوف توغرىسىدا خىيال سۈرۋاتاتتىم . «84ياشقاكىرگەنبۇ بوۋىمىزقانداقراقتۇ؟ياكى ئەينى يىللىرى مەن تېلۋۇزۇردا كۆرگەندەك تېمەنمىدۇ؟يەنە شۇنداق جانلىق،يۇمۇرىستىك سۆزلىرى بىلەن بىزنى
تۇيۇقسىز ئەتراپىمدىكلەرنىڭ «مىر سۇلتانمۇئەللىم كەلدى»دېگەن سۆزلىرى بىلەن ئەينەك ئىشىككە بۇرۇلدۇم ، مەن ئۇزاقتىن كۆرۈشكە تەقەززا بولۇپ كەلگەن ئالىمىمىزنى تونۇۋالدىم ،قاش كىرپىكلىرى ئۇچتەك ئاقارغان، چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان بۇبوۋىمىز تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىن تېمەن ھالدا مېڭىپ، بىز تەرەپكە قاراپ كېلۋاتاتتى،ئولتۇرغانلار ۋە پاراڭلىشىپ تۇرغانلار گۈررىدە ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدۇق ۋە -بىربىرلەپ كۆرۈشتۇق ، ئۇ ھەربىرمىز بىلەن كۆرۈشكەندە ئۈمىدلىك ،نۇرلۇق كۆزلىرى بىلەن تىكلىپ قارايتتى . مانا كۆرىشش نۆۋىتى ماڭا كەلدى . ئىككى قولۇمنى ئۇنىڭغا سۇندۇم، ئۇقوللىرىمنى مەندىنمۇ بەكرەك قىسىپ كۆرۈشتى ، چىرايىمغا بولسا خۇددى ئۆز باللىرىغاياكى تۇنۇش بىرسىگە قارىغاندەك مېھرىبانلىق بىلەن قارىدى . ۋۇجۇدۇمدا شۇ زامان ئىللىق بىر سىزىم تاراپ كەتتى . مەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەۋەررۈك بۇلۇپ قېپقالغان ، پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، پۈتۈن تۈركىي قەۋىملەر ئارىسدا مەلۇم تەسىر ۋە ئابرويغا ئىگەئاتا سۈپەت ،يىتۈك تىلشۇناس ئالمى بىلەن كۆرىشۋاتاتتىم ، مەندىن ئۆتۈپ ئابلىز ئورخۇن ئەپەندىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە بولسا ئابلىز ئەپەندىنىڭ يۇرتىنىڭ شىۋىسى بويىچە «ئالتۇن بويلىرى ئامانمۇ ؟كۆمۈش تەنلىرى ئامانمۇ ؟ »دەپ ئۇنىڭ بىلەن دوستلارچە چاقچاقلىشىپ كۆرۈشىشى مەندىكى ئۇنىڭدىن ياتسىراش ، ئەيمىنىش تۇيغۇسىنى شۇنداقلا زالدا پەيدابولغان بىر دەملىك تىمتاسلىقنى ئاللىقاياقلارغىدۇر ئۇچۇرۋەتتى . ئۆزىنى كۆرگىلى ۋەسۆزىنى ئاڭلىماقچى بولغان بۇ ئادەملەر بىلەن ، بۇ دىللار بىلەن ئۇ تېخمۇ كۆپرەك سىردىشىۋېلىشنى ئويلىسا كېرەك ، توختىماي يېىندىكلەرگە گەپ قىلاتتى ۋە سورىغان سوئاللارغا زېرىكمەيتېرىكمەي جاۋاب بېرەتتى . يېنىغا بېرەرسى كەلسە دەرھال ئۇرۇن بوشتاتتى-يۇ،باشقىلار رەت قىلىپ ئۇنى ئولتۇرۋېلىشقا ئۈندەيتتى . مۇشۇ تەرىقىدە يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كېيىن بىز رەسمى فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش زالىغا كىردۇق.
بۇ يەردە يەنە بىردەم ساقلاشقا توغراكېلەتتى، مەن ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي دىققەت قىلۋاتاتتىم . ئۇ ئارىسلان مۇئەللىملەر بىلەن «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ھەرخىل نۇسخىللىرى ، تىلمىزدىكى بىرقىسىم سۆزلەرنىڭ بۇزۇلۇش سەۋەبى ۋە بۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى توغرىسدا قىزغىن پاراڭلىشۋاتاتتى . مەن ئۇنىڭ بۇ ھالىتنى كۆرۈپ چوڭقۇر ئويغا پاتتىم ، بۇ خىل ئۆز تىل يېزىقى، ئۆز تەتقىقاتى ئۈچۈن توختىمايئىزدىنىش روھى بىزدىكى بىرقىسىم ئىلمىنى پۇل تېپىشنىڭ ، يۈز تېپشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالغان، نەپكە ئېرىشىپ بولۇپلا كىتاب كۆرۈشتىن ۋاز كېچىدىغان كىشلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا بۇ خىل روھ نېمدىگەن كەم تېپلغۇسىز ھەم ئۇلۇغ ھە!... ئەسلى ئىلىمي روھ دېگەن مانا شۇنداق بولىشىكېرەك ئىدىغۇ ؟
ئۇ قولقىنىڭ ئېغىرلىشىپ قالغىنغا قارىماي ،يېندىكلەر سورىغان سوئاللارنى ئاڭلاشقا تىرىشاتتى ،ئاڭلىيالمىسا قايتا سوراپ تۇرۇپ سوئاللىرىغا تولىمۇ تەپسىلىي جاۋاب بېرەتتى.
ئۇ شۇ منۇتلاردا ماڭا شۇنچىلىك تەبئىي ۋەسۈيۈملۈك كۆرۈندىكى ، ئاتا-ئانام ۋە قېرىنداشلىرىمدىن باشقا بىرسى ماڭا ھازىرغىچەبۇنداق تەسرات بېرىپ باقمىغان ئىدى .
بىر ئازدىن كېيىن پىروگگىراممنى سۈرەتكەئېلىش رەسمىي باشلاندى رىياسەتچىنىڭ قانداق بۇلۇپ مۇشۇ ياشقا كىرگەندە بۇ ئېغىرئىشنى
قىلشقا تۇتۇش قىلىپ قالغانلىقنى سورىغاندا، ئۇ بىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھەقدار ۋارىسلىرى بۇلۇش سۈپتىمىز بىلەن بۇ جەھەتتە تېخى بىرەر چوڭراق تەتقىقات ئىلىپ ئېلىپ بارمىغىنمىز ، ھازىرقى تەتقىقاتلىرىمىزنىڭ تۈركىيەلىك ۋە باشقا بىرقىسىم چەتئەللىك تەتىققاتچىلارنىڭ تۇرغۇزغان مەتىنگە ئاساسەن بولۋاتقانلىقنى، بىز ئۇزىمىزنىڭ بۇنى قىلىشمىزنىڭ باشقىلارنىڭ قىلغىنىغا قارىغاندا تېخىمۇ ھەقلىق ۋەتوغرا ئىكەنلىكنى تۇنۇپ يېتىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا يۇلۇقسىمۇ بەل قۇيۋەتمەي،تاماللىغانلىقىنى. نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ شاھانە ئەسىرى دېگەن سوئالغابولسا ئالىم خۇددى مۇشۇ سوئالنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ھازىر جاۋابلىق بىلەن بىرقىسىم ماددىي ئىسپاتلار،تارىخ نوقتىسدىن تۇرۇپ بۇنىڭغا ناھايىتى توغرا جاۋاب بېرىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرتىلنىڭ ئالاھىدىلىكى نوقتىسدىن چىقىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلنىڭ «ج»لىق تىل ئەمەس بەلكى«ي» لىق تىل ئىكەنلىكى، يەنى «جاقسى» دېمەي «ياخشى» دېيىلدىغانلىقى ،«س» لىقتىل ئەمەس بەلكى«ش» لىق تىلى ئىكەنلىكى يەنى «باس»ئەمەس، «باش» دېيىلدىغانلىقى،قاتارلىق لىكسىكىلىق ئالاھىدىكلەرنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» تە ناھايتى روشەنئىپادىلەنگەنلىكنى شۇ نوقتىدىنمۇ بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ شاھانە ئەسرىدەيدىغانلىقىمىزنى ناھايىتى ئىلمىي ۋە قىزىقارلىق تىل بىلەن ئىپتخارلانغان ھالدا كۆرسىتىپ ئۆتتى.بۇنىڭدىن مەنلا ئەمەس پۈتۈن تاماشبنىلار ئۆزىمىزنىڭ تىلى ۋە «قۇتادغۇبىلىك » ھەققىدە باشقا جايلاردا ياكى سىنىپلاردا ئولتۇرپ ئاڭلاپ ئېرىشەلمىگەن يېڭى بىلملەرگە ئىگە بولدۇق.
ئاخىرىدا پىشقەدەم ئالىممىز ئۆزىنىڭ تىلتەتقىقاتىدا شۇنچە يىل ئىشلىگەن بولسىمۇ ،ئۇيغۇر تىلنىڭ بەزى بىرقىسىم تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىل ئالاھىدىككە بېقنىپ كەتكەنلىكنى ،بۇنى تۈزىتىشكە شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ، ئۆزگەرتىپ بولالمىغانلىقنى بىلدۈرۈپ، ئەپسۇسلىنىشنى بىلدۈردى .شۇنىڭ بۇ كۆڭۈللۈك سۆھبەت ئاياقلاشتى .
بىر ئۆمۈر ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن قان تەرئاققۇزغان ، شۇنداقلا مەرھۇم تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىئى بىلەن مەھمۇت قەشقىرىنىڭ يۇرتنى ئىلمىي يۇسۇندا ئېنىقلاپ چىقىپ ، دۇنيادىكى پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتنى ئىپتخارلاندۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشنى باشقا تۈركىي مىللەرتلەر ئالدىدا تىك تۇتۇپ يۈرۈش ئىمكانىيتىگە ھەسسە قوشقان ، يېشى 80دىن ئاشقاندىمۇ بۇشاشماي ، يەنە ئۇيغۇررلارنىڭ يەنە بىر شاھانە ئەسرى «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ فەرغانەنۇسخىسنىڭ مەتىننى قايتىدىن ئىشلەپ چىققان بۇ ئالىممىز بىلەن بولغان سۆھبەت ئەنە شۇنداق ئاخىرلاشتى .كۆزۈم قىيمىغان ھالدا ئالم بىلەن خوشلاشتىم .مەكتىپىمگە قايىتقۇچە ئۇنىڭ ئاشۇ خۇشخۇيلۇقى،كەمتەرلىكى كۆزئالدىمدىن كەتمىدى . بۇ تەسراتلارغا ئىلگىرىكى بىر قىسىم ئۇنىڭبىلەن بىۋاستە ئۇچراشقان ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئۇنىڭ كەمتەرلىكى ، ياخشى پەزىلىتى، ھەتتا ھېرىپ ياكى ئاغرىپ قىلىپ ياتقان بولسىمۇ ، تىلتوغرىسدا چۈشەنمىگەن بېرەر نەرسىنى سوراپ بارسا دەرھال جانىلىنىپ ئېرنىمەي ،زىرىكمەي چۈشەندۈرۈپ قويدىغانلىقى توغرىسدىكى بايانى ، ئۇيغۇر مۇئەللىمىلىرىمىلا ئەمەس ،بىرقىسىم باشقا قېرىنداش مىللەتلەردىن بولغان مۇئەللۇملىرىنىڭمۇ ئۇنىڭ تىل تەتقىقاتىدىكى ئەستايىدىللىقى ، تىلشۇناش، ئالىمغا چۈشلۇق مول بىلم ۋەكەمتەرلىكى توغرىسدىكى تەكرار بايانىلىرى قۇشۇلۇپ ، خىيالىمدىكى بۇ ئۇرۇققىنە، ۋىجىك بوۋايشۇنچە زورىيىپ بارماقتا ئىدى .
ئىچىمدە بىر قىسىم كىشىلەرگە ئاچچىق كۈلەتتىم. بىلىمنىڭ تاينى يوق، گەپ سېتىش بىلەن باشقىلارنى ئاغزىغا قارىتىشنى كەسىپ قىلۋالغان، ئۆزىنى باشقىلارغا كۆرسىتش كويدا قاتىراپ يۈرگەن بىچارىلەرگە بۇ تەۋەررۈك ئۇستاز ئۈنىسز دەرىس ئۆتمەكتە ،كىتاب كۆرۈش خوشياقمايدىغان ، ئۆزىدە نە بىر ئىلمىي روھ بولمىغان پەقەت كەسپىي ئۈنۋانىلا تەتقىقاتچى،پروفىسور ئاتىلىپ قالغان كىشلەرگە خىيالىمدىكى مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ كەسىپنى سۈيۈپ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان بۇ كەمتەر بوۋاي ئاچچىق كۈلمەكتە ئىدى .ئۇلار خىيال دۇنيارىمدا بۇ مۆھتىرەم ئۇستازنىڭ ئالدىدا قورۇلۇپ كىچىكلەپ بارماقتا ئىدى.
ئىچىمدە بۇ ئۇستازغا سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيتتىم
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈڭ بوۋا!!! .
2014-يىل 1-ئايدا يېزىلغان