قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2493|ئىنكاس: 35

چاغداش ئۇيغۇر تىلى-1-ئوغۇزتىگىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

aaot=oghuztigin=和平之子

43

تېما

7

دوست

8385

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   67.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10330
يازما سانى: 427
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1498
تۆھپە : 1541
توردىكى ۋاقتى: 283
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-18 10:21:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاغداش(ھازىرقى زامان) ئۇيغۇر تىلى-1

ئوغۇزتىگىن


    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! ئۆزۈم 10 نەچچە يىل ئىنتېرنېت تورىدىكى تور ھەۋەسكارى بولۇش سۈپەتىمدە قارىسام ئۇيغۇر تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولمىش ئەسەرلەر ئىنتېرنېت تور دۇنياسىدا ئاساسەن يوق دەيەرلىك ئىكەنلىكىنى نەزەرەدە تۇتۇپ ,كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشنى خاھلايدىغانلارنى نەزەردە تۇتۇپ,كەمىنە ئوغۇزتىگىن ئەفەندى ئۆزۈمنىڭ قولىدا بار بولغان ئۇيغۇر تىلىگە ئالاقىدار بولغان ھەرخىل تىلاردىكى كىتاب،گېزىت-ژورناللار ۋە  ئىنتېرنېتتىكى مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار ئاساسىدا "چاغداش(ھازىرقى زامان) ئۇيغۇر تىلى" دېگەن بۇ بىر قەدەر ئۇزۇن ھەجىمدىكى ئەسەرنى ئىجتاھات بىرلە تەييارلىماقتىمەن.ئەسەرنى يازغاندا مەن ئاساسلىق پايدىلانغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكى رويخەت تىزىملىكى بەرىلىدى.كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇپ پايدالىنىشنى مەقسەت قىلدىم،شۇ ۋەجىدىن ھەرقانداق  تور بەت،بلوگ،QQ  بوشلۇقى،مۇڭداشقۇ(微信),YY。。。。。。。ھەقلىق-ھەلىق ۋە ھەقسىز مېدىيالارغا يوللىشى بىردەك چەكلىنىدۇ.ئەمگەگىمنى ھۆرمەت قىلماي قانۇنسىز يوللىغۇچىلار بايقالسا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيەتى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارى بۇيىچە قانۇنىي جاۋابكارلىقى ئالاھىدە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ,ۋاقىپ بولغايسىزلەر.
1.تۇردى.ئەھمەد,ئەنسارىدىن.مۇسايىف,نەسىرۇللا.يولبولدى;ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى،
شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى。1985-يىل نەشرى
2.مىرسۇلتان.ئوۋسمانوف,مۇھەممەدرەھىم.سابىت,قىسقىچە تىلشۇناسلىق لۇغىتى,شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى,1991-يىل نەشرى
3.خەمىت.تومۇر,ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى,مىللەتلەر نەشرىياتى,1987-يىل نەشرى
4.ئابدۇكېرىم.باقى,ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى,مىللەتلەر نەشرىياتى,1984-يىل نەشرى
5.ئابدۇرەئۇپ.پولات,ئۇيغۇر تىلى لەكسىلوگىيەسسى,قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى,1995-يىل نەشرى
6.رەۋەيدۇللا.ھەمدۇللا,ئۇيغۇرتي تىلى ئىستىلىستىكىسىدىن لكسىيەلەر
7.يولۋاس.راشىدىن;ئىستىلىستىكا دېگەن نېمە?(تىل ۋە تەرجىمە ژورنالى)
8.ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى,شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى,1997-يىلى نەشرى
9.ئارسلان.ئاخۇن.ئوغۇزتىگىن(AAOT) ئىجادىيەت ئەسەرلەرى(قوليازما)

سۆز ئورنىدا
1. تىل ۋە ئۇنىڭ ۋەزىپەسى

تىل-كىشىلەرنىڭ فىكىر قىلىش ۋە ئوزارا ئالاقە قىلىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم قورالى.تىلنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە 1-ۋەزىپەسى :كىشىلەرنىڭ فىكىر قىلىشىغا ،بىر-بىرى بىلەن فىكىر ئالماشتۇرۇشىغا ،بىر بىرى بىلەن مۇناسىۋەت باغلىشىغا ھەم بىر-بىرىنى چۈشىنىشىگە ۋاسىتە بولۇشتىن ئىبارەت.تىلدىن باشقا ھەرقانداق بىر قورال بۇ ۋەزىپەنىڭ ھوددەسىدىن چىقالمايدۇ،ئەلۋەتتە!
   تىل جەمئىيەتنىڭ سىياسىيىي،ئىقتىساد،مەدەنىيەت ۋە فەن-تەخنىكاسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئەڭ ئەڭ مۇھىم ۋاستەلەرىنىڭ بىرى.
    تىل كىشىلەر  ئۈچۈن شۇنداق زۆرۈر بولمىش قورالكى،ئۇ-كىشىلەرنىڭ ھەرقانداق پاالىيەتلەرى بىلەن چەمبەر-چەس باغلانغان بولىدۇ.كىشىلەرنىڭ بارلىق پاالىيەتلەرى تىلدىن ھەرگىز ئايرىلالمايدۇ.
    كىشىلەر ئۆزلەرىنىڭ كوللېكتىپ(1) ئەمگەكلەرىدە مۇشۇ تىل ۋاستەسىدىن پايدىلانىپ ،ئۆزئارا ماسلىشىپ ئىشلەيدۇ،تەبىئەت دۇنياسىدا ئورتاق فىكىر ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ،شۇ ئارقىلىق جەمئىيەت(2)نىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۆرۇشكە ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسەسىنى قوشۇدۇ.
  شۇ ۋەجىدىن،كىشىلەر تەبىئەت دۇنياسىغا ماسلىشىش ،ئۆزلەرى ياشاۋاتقان كىشىلىك جەمىيەتىنى ياخشىلاش كۈرەش(3)لار فىكىر ۋە ھەركەتلەرىنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان ۋاستە(قورال) دەل تىل دەپ ئاتىلىدۇ.
      11-ئەسىردە ياشاغان ئۇلۇغ مۇتەففەككۈر،ئالىم،شائىر،قانۇنشۇناس(4)يۈسۈف.خاس.ھاجىب.بالاساغۇنى بوۋىمىز ئۆزىنىڭ دۇنياغا داڭلىق بولغان يازماسى "قۇتادغۇ بىلىگ"دە مۇنداق يازغان ئىدى:"ئوقۇش،بىلىش ئۈچۈن بىردىن بىر تەرجىمان(5)تىلدۇر .كىشىنى كىشى قىلغۇچى بىلگىنكى
تىلدۇر"؛ئاتاقلىق يۇنان پەيلاسوپى دېموكىرتمۇ:"تازا جايىدا ئىشلەتىلگەن بىر سۆز كىشىگە كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ،كىشىلەرنى قايىل قىلىشتا سۆزنىڭ كۆركى ئالتۇندىنمۇ  ئېشىپ چۈشىدۇ"دەپ ئايتقان ئىدى.
     تىل كىشىلىك جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئۇلىدۇر..چۈنكى تىل بولمايدىكەن ،كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇۇناسىۋەتمۇ  بولمايدۇ.كىشىلەر كىشى بولۇپمۇ تۇرالمايدۇ.كىشىلەر ھايۋان(6)لار توپىدىن ئايرىلىپ چىقىپ ،ئىپتىداىي جەمىيەتدىن چاغداش جەمىيەتگە تەرەققىي قىلىش جەريانىنى،ھازىر قولغا كەلتۈرگەن گۈزەل تۇرمۇش(7) ۋە فەن-تەخنىكا(8)تەرەققىياتلىرىنى تىلنىڭ ياردەمىدىن ئايرىپ قاراغىلى بولمايدۇ.دېمەك،كىشىلىك جەمئىيەت بىلەن تى بىر-بىرىگە يۆلەنگەن ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

2. تىل  ئالاھىدە بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسەسىدۇر.
تىل ئالاھىدە بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسە بولۇش سۈفەتى ئارقىلىق باشقا ئىجتىمائىي ھادىسەلەردىن يەنى ئىقتىسادىي بازىس،ئۈستى قۇرۇلما(دىن،سىياسىي،پەلسەپە،ئەدەبىيات،سەنئەت ۋە مەدەنىيەت(9)ۋە باشقا مۇەسسەلەر)دىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.
   تىلنىڭ ئالاھىدە بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسەلىك خۇسۇسيەتىنى تۆۋەندىكى 6 نۇقتادىن چۈشۈنىۋەلىشقا بولىدۇ.
1) تىل--تىل تاۋۇشى بىلەن مەنانىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت بىر پۈتۈن سىستېما.ئوخشاش بىر مەنە(ئۇقۇم)ئوخشاشمىغان تىللاردا ئوخشاشمىغان تاۋۇشلار ئارقىلىق ئىپادە قىلىنىدۇ.مەسەلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەرەبچىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن سۆزئادەم،ئىنسان(10)،كىشى(ئانا تىلچەسى)،قاتارلىق ھەر خىل تىل تاۋۇشلارىدىن تۈزۈلۈپ،چىققان سۆزلەرمۇ بىر خىل مەنانى ئىپادىلىسە ،ئىتتىك،چاپ،تېزقاتارلىق ھەرخىل تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن سۆزلەرمۇ بىر خىل مەنانى ئىپادىلەيدۇ.شۇنىڭدەك،بىر تىلدىكى ئوخشاشمىغان مەنە ئوخشاش تىل تاۋۇشلارى ئارقىلىقمۇ ئىپادىلىنىدۇ.مەسەلەن:ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتدېگەن ئىككى تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بىر سۆز--ئادەم ئىسمى(بوۋاققا ئات قويدۇق)،ھايۋان نامى(مەن ئات مىنىپ كەلدىم)ۋە ھەرىكەت(سەن مىلتىق ئات)…. دېگەندەك بىرنەچچە مەنانى ئىپادىلەيدۇ.
  تاۋۇش بىلەن مەنانىڭ قانداق شەكىللەر ئارقىلىق ئۆزئارا بىرىكىپ ،تىل تەركىبلەرىنى ھاسىل قىلىشى تەبىئىي ھالدا بەلگىلەنمەستىن،بەلكى مەلۇم جەمئىيەت ۋە كوللىكتپنىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق ھالدا ئۇزاق مۇددەت قوللۇنۇلۇپ،ئىجتىمائىي ئادەتكە ئايلىنىپ كېتىش نەتىجەسىدە بەلگەلىنىدۇ.مەسەلەن:"سەن" دېگەن 3 تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بىر سۆز ئۇيغۇر تىلىدا 2-شەخسنى بىلدۈرسە ,خەنزۇ تىلىدا "ئۈچ ساناق سان"نى بىلدۈرىدۇ،"تاڭ" سۆزى خەنزۇ تىلىدا "تاتلىق"مەناسىنى بىلدۈرسە،ئۇيغۇر تىلىدا"بىلمەيمەن،خەۋىرىم يوق….."دېگەن مەنالارنى بىلدۈرىدۇ.
2)تىل بىلەن جەمئىيەتنىڭ بىر بىرىگە يۆلەنگەن  ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى دەل ئالاھىدە بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتىدۇ.جەمئىيەت بولماسا  تىلمۇ بولمايدۇ،تىل بولمايدىكەن،جەمئىيەتمۇ بولمايدۇ.تىل-جەمىيەتنىڭ بارلىققا كەلىشى بىلەن تەڭ بارلىققا كەلگەن.ئۇ،كىشىلىك جەمئىيەتنىڭ يوقۇلۇشى بىلەن تەڭ يوقۇلىدۇ.
3)تىل-تەبىئىي ھادىسە ئەمس.ھەرقانداق بىر تىل پەيدا بولۇش،تەرەققىي قىلىش ۋە يوقىلىش جەھەتتە جەمئىيەت بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ.جانلىق ئورگانىزىملارنىىڭ توغۇلۇش،ئۆسۈشى ۋە ئۆلۈش جەريانى بولىدۇ،بۇ قانۇنىيەت بولۇپ،تىلنىڭ پەيدا بولۇشى،تەرەققىي قىلىشى ۋە يوقۇلۇشى ئىجتىمائىي جەريان ھېسابلىنىپ،جەمئىيەتكە بەقىنغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ھادىسەدۇر.
4)تىل-شەخسىي ھادىسە ئەمەس،چۈنكى ئۇ بىرەر شەخس ئۇچۇن ئەمەس،بەلكى پۈتۈن جەمئىيەت ئەزالىرى ئۈچۈن ئورتاق خىزمەت قىلىدۇ.ئۇنى جەمئىيەتنىڭ بىرەر ئەزاسى ياكى بىرەر گۇرۇھ ئۆزىنىڭ سۇبيەكتىپ ئارزۇسى بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۋەتەلمەيدۇ ياكى ئۆزگەرتىۋەتەلمەيدۇ.
5)تىل-كىشىلەر ئارىسىدا مىللەت بىلەن مىللەت ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۇكلۇك رول ئوينايدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىر خىلدىكى تىلارغا يەنە باشقا تىللار مەيلى ئىستىخىيەلىك ھالەتتە بولسۇن ياكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش،مىللەت ئارىسىدا دوستانە مۇناسىۋەتلەردە تەسىر كۆرسەتىپ كوۋرۇكلىك رول ئوينايدۇ،ئاددىسى مۇنۇ ئۇيغۇر تىلىنى مىسال قىلساق چاغداش ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەب،فارس،رۇس،لاتىن،خەنزۇ تىللار……..دىدىن قولۇمدىكى نوپۇزلۇق كىتاب بولمىش "ئۇيغۇر تىلىغا چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى………"قاتارلىق لۇغەتلەرگە ئاسالانساق بىزنىڭ تىلىمىزدا يەرلىكلەشكەن سۆزلەر 10000 دىن ئاشىدۇ،چاغداش ئۇيغۇر تىلىدا فF ھەرف بىلەن پ  Pھەرف سۈنئىي ئۇسۇلدا بەزىدە بىرلەشتۈرىۋەتىلسە يەنە بەزىدە ئېنىق ئايرىلمايدۇ.مەسەلەن:فابرىكا،فونتان…..قاتارلىق سۆزلەر ئۆز ئەينى ئەلىنىدۇ-يۇ،يەنە بەزى سۆزلەر سۈنئىي ھالدا بىر بىرىدىن ئايرىلمايدۇ،بۇنىڭ بىلەن تىل ئۆگەنگۇچى تىلىمىزغا كىرىپ يەرلىكلەشكەن سۆزلەرنى خاتا تەلەففۇز قىلغاچقا مەناسى ئۆزگەرىپ كېتىدۇ،بۇ دەل ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئىپادە قىلىنغان ھادىسە بولۇپ،ھازىرغىچە ھەل قىلىنمادى.مەسەلەن:ئەفەندى=ئەپەندى،ئەپەندىم،ئەپەندۇم،فاتىھە=پاتىھە،فەرھاد-پەرھاد-پەرھات،فاتىمە-پاتىمە،پاتەم.پاتەمخان…………………..دېگەندەك
سۆزلەر،ئەمما باشقا تۇغقان تىللاردا بۇنداق يات تىللاردىن كىرىپ يەرلىكلەشكەن سۆزلەر ئاللىقاچان ئايرىلىپ بولۇندى ھەم ئەسلىي تەلەففۇزى قانداق بولسا شۇنداق يازماقلىق تەشەببۇس قىلىنىدۇ،ئەگەر سىز ئىشەنمەسىڭىز دەرھال ئەرەب،فارس،ئۆزبېك،تۈرك……تىللاردىدىكى لۇغەتلەر ياكى سۆزلۇكلەر بولسا قاراپ باقساڭىز مانا مەن دەپلا كۆزىڭىزگە چەلىقىدۇ،بۇنى ھەرقانداق شەخسىي ئانا تىلىغا بولغان يۈكسەك ھۇشيارلىق بىلەن ئۆزىدە بار بولغان تەفەككۈر ۋە ئاڭ بويىچە ئويلىشىپ باققاي،كەمىنە ئوغۇزتىگىن ئەفەندى دەل مۇشۇ نوقتانى بۇنىڭدىن 20-30 يىل بۇرۇنلا ھېس قىلىپ يەتكەن ھەم بۇ ھەقدە گەزىت-ژورنال،ئىنتېرنېت تورلارىدا ئانچەر –مۇنچە ھېس قىلغانىمنى دەسەممۇ پۈتكۈل ئۇيغۇر تىلى بىلەن سۆزلىشىدىغان خەلقىمىز ماڭقۇرت بولۇپ كەتتىمۇ،بۇ مەسىلە تا ھازىرغىچە بىر تەرەپ قىلىنمىدى،يېڭىدىن تۇزۇلگەن "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغەتى"دەمۇ بۇ مەسىلىگە مۇنۇ مەملىكىتىمىزدىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئالىملار, ھەتتا پۈتكۈل خەلقىمىز كۆڭۈل بولۇش ئۇياقدا تۇرسۇن بۇنى ئويلاپمۇ قويۇشمىدى،ھەتتا بىر قىسىملار توردا ئاشكارا ئىزاھ-ئاھانەت قىلىشتى،ھەتتا "بۇ زادى نېمە ئۈچۈن دەپ?"  ئەقىل ئىدراك،ھوش كاللاسى،يۈكسەك مەسئۇلىيەت،ئۆز ئانا تىلىغا بولغان چەكسىز ھۆرمەت ۋە ئىپتىخار،سۆيگۈ بىلەن ئويلۇشۇشنىمۇ خاھلىمىدى،بۇ دەل خەلقىمىزدىكى يۈكسەك ھوشيار،سەگەك كىشىلىرىمىز كاللىسىنى ئوبدان سىلكىۋەتىپ ئويلىشىپ قويۇشقا تېگىشلىك،جىددىي ھەل قىلمىسا بولمايدىغان ۋەزىپە دەپ قارايمەن.
6)تىل-ئۈستىقۇرۇلما ئەمەس،شۇنداقلا ئىقتىسادىي بازىسمۇ ئەمەس.ئىجتىمائىي ھادىسەلەر پەلسەپە نۇقتاسىدىن قارىغاندا،ئادەتتە،ئىقتىسادىي بازىس ۋە ئۈستىقۇرۇلمادىن ئىبارەت 2 چوڭ كاتېگورىيىگە تەۋە بولىدۇ.تىل ئىقتىسادىي بازىسقىمۇ ،ئۈستىقۇرۇلمىغامۇ تەۋە بولمىغان ئالاھىدە بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسەدۇر.دېمەك.تىل كىشىلەر ئۈچۈن ھەم ئالاقە قورالى ھەم،ھەم فىكىر قىلىش قورالى بولۇش سۈفەتى بىلەن پۈتكۈل جەمئىيەتكە ئورتاق خىزمەت قىلىدىغان بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسەدۇر.

ئىزاھات:
1)كوللېكتىپ-رۇسچە، ئانا تىلچە ئاتالغۇسى-توپلاندى،توپلانما--AAOT ئانا تىلچە ياسىغان يېڭى سۆز
2) جەمئىيەت-ئەربچە،ئىجتىمائىي،ئىجتىمائىيەت ----قۇرۇم،قۇرۇمى-ئانا تىلچەسى
3) كۈرەش-فارسچە--چال،چالىش-ئانا تىلچەسى
4) قانۇنشۇناس،قانۇن ئەرەبچە،شۇناس-فارسچە- ياساقچى-يارغۇبەگ--ئانا تىلچەسى
5) تەرجىمان-ئەرەبچە-ئاۋغدارىم،ئاۋغدۇر،ئۆرۈۋچى،ئۆرۈۋگۈچى،چەۋەرمان،چەۋىرىم،ئۈرۈمچى،تىلماچ،كالدىر،توڭچى...........
6) ھايۋان(ئەرەبچە)،چاھارپاي(پارسچە)-ئۇلاغ-- ئانا تىلچە
7) تۇرمۇش-فارسچە،ھاياد-ئەرەبچە--- ياشام،ياشا--ئانا تىلچەسى
8) پەن-تېخنىكا.فەن-ئەرەبچە- ئانا تىلچە؟؟؟، تېخنىكا-لاتىنچە-- ئانا تىلچە؟؟؟
9) مەدەنىيەت-ئەرەبچە،مەناسى شەھەر،شەھەرلىشىش،مەدەنىيلىشىش ......دېگەنلىك بولۇپ،چاغداش ئانا تىلچە ئانادولۇدىكى تۈركلەر ياسىغان ئوخشاش مەنىدىكى سۆز "ئۇيغار،ئۇيغارلىق،ئۇيگارلىق"،شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلىغا باسىلغان،مۇھەممەد.باغراش ئەسەرى:"كەلپىن ئۇيغۇرلىرى ئېيتىپ تۈگۈتەلمىگەن رىۋايەتلەر "دە مۇشۇنداق ئالغان.مەنمۇ يازارمەنلەرنىڭ مۇشۇنداق قوللىنىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن.
10) ئادەم،ئىنسان-ئەرەبچە،ئادەم-ئەرەبچە مەناسى توپا،تۇپراق،لاي،پاتقاق...... دېگەندەك،ئىنسان-ئەرەبچە،ئاساسلىق ئادەملەر توپى يەنى پۈتكۈل ئىنسانىي مەخلۇقلارنى كۆرسەتىدۇ،كىشى---بولسا ھەقىقىي ئانا تىلچە ئاتالغۇسى.
بىلدۈرگۈ:
     "ئوغۇزتىگىن" ئاتى ئاستىدىكى ئەسەرلەرنىڭ قەغەز كىتابچە نەشرى ۋە ئىنتېرنېتتا تارقاتىش قانۇنلۇق ھوقۇقى پەقەت "تىنىچلىق ئوغلى كۆپ خىل تىللار تەرجىمە-تەھرىرلىك سالونى"غا مەنسۇپتۇر،دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەرقانداق تور بەت،تەشكىلات،بلوگ،مۇڭداشقۇ(微信Wechat)،كوت--كوت قوراللارى تارقاتقۇچىلار،نەشرىيات ئورۇنلارىدىن ھېچ قانداق خىراجەت ئالىنماي ئۆزئەركلىك ئاساسىدا كەمىنەڭىز 《ئوغۇزتىگىن》دىن ئىنتېرنېت تورىغا ھەقسىز ھالدا  يوللانماقچى! ھەرقانداق ئورۇن،شەخس،تەشكىلات,QQ بوشلۇقى ۋە مۇڭداشقۇ(微信Wechat) سورۇنلارى قانۇنسىز ھالدا تارقىتىشقا بولمايدۇ.ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن  ھالدا ئېل-كىتاب قىلىشقا،قانۇنسىز سوۋدا شەكلىدە cd,vcd,dvd,evd,yy…..…..قىلىپ تارقاتسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىمەن،ئەگەر قانۇنسىز تارقاتقان ئورۇن ياكى شەخسلەرنى بايقاسىڭىز تېزدىن مەن بىلەن 1-بولۇپ ئېل-خەت ياكى ئۇچۇر،مۇڭداشقۇ نومۇرۇمغا خەت قالدۇرغان ھەرقانداق قېرىندىشىمىزغا قانۇنلۇق زاكونلىشىپ ئېرىشكەن تاپاۋەتنىڭ 50%نى مۇكاپات قىلىپ تارقىتىپ بېرىمەن،شۇڭا ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى،ۋاقىپ بولغايسىز؛
ئالاقە ئۇسۇلى:
e-mail:aaot@sina.com
مۇڭداشقۇwechat微信:Q1034901351
تىنچلىق ئوغلى كۆپ خىل تىللار تەرجىمە-تەھرىرلىك سالونى
كوپ خىل تىللار ئاچۇرى:ئوغۇزتىگىن(AAOT)
2014-10-27

0

تېما

0

دوست

1115

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   11.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32202
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 332
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-18 18:58:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي! بىرىنچى قېتىملىق يازمام تەستىقلان ماپتۇ!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

aaot=oghuztigin=和平之子

43

تېما

7

دوست

8385

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   67.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10330
يازما سانى: 427
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1498
تۆھپە : 1541
توردىكى ۋاقتى: 283
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-18 19:25:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jokker يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 16:58
ھەي! بىرىنچى قېتىملىق يازمام تەستىقلان ماپتۇ!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم مەيۈسلەنمەڭ،داۋاملىق تىرىشىپ،ئەسەرلەرىڭىز تەستىقلانغىچە داۋاملاشتۇرۇڭ!‹‹ مەغلۇبىيەت-غالىبىيەتنىڭ ئاناسىدۇر››،سىزگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەر چىقىدۇ.ئالغا قاراپ غالىبلارچە مارش ،ئامان بولۇڭ،خەير خوش!

0

تېما

0

دوست

2583

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   19.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19768
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 838
توردىكى ۋاقتى: 183
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-18 20:55:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەفەندى

خوجە

0

تېما

11

دوست

4662

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   88.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9687
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 214
تۆھپە : 1299
توردىكى ۋاقتى: 372
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 02:58:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغۇزتىگىن تەخسىر كۆپچىلىك  ئۆزلەنىڭ بۇ يازمىسىىن سۆڭرە يازمىلىرىدىكى ھەرىپلەنىڭ نېمە ئۇچۇن ئالمىشىپ قەلدىغانلىقىنى چۇشۇنۇپ قالغۇدەك.

1

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17755
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 4672
توردىكى ۋاقتى: 141
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 09:09:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇيغۇر تىلىمۇ ياكى ؟ نىمانداق مەن ئوقۇسام غەلىتىلا تۇيىلىدۇيا

1

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17755
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 4672
توردىكى ۋاقتى: 141
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 09:11:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىكىر قىلىش ، مەسەلەن دېگەن سۆزلەر غەلىتىلا تۇيۇلدى

1

تېما

4

دوست

4417

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27945
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1436
توردىكى ۋاقتى: 195
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 10:01:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jokker يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 18:58
ھەي! بىرىنچى قېتىملىق يازمام تەستىقلان ماپتۇ!

مىنىڭمۇ ئۈچىنىچى يازمام ئاران تەستىقلاندى.......داۋاملىق تىرىشىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )