- تىزىملاتقان
- 2013-4-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4007
- نادىر
- 1
- يازما
- 170
ئۆسۈش
66.9%
|
ئىسراپىل ئەمەت
-2014يىلى11-ئاينىڭ18-كۈنى
تۈنۈگۈن بىردوستىمىز مەسلىھەت سورىغاندا،تېلېفوندا ئۆز-ئارا ئۇقۇشماسلىق بولۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ. بۈگۈن ماتىرياللارنى ئەكەلگەندە قارىسام، ئەسلى مۇنداق ئىش ئىكەن:"2013-يىلى8-ئاينىڭ17-كۈنى تەرەپلەر 570مىڭ يۇەنگە ئۆي ئېلىم-سېتىم توختامى تۈزۈپ ئالدىن 70مىڭ يۇەننى رەنە بەرگەن،قالغان پۇلنى ئىككى ئاي ئىچىدە ئىككىگە بۆلۈپ تاپشۇرىدىغان، ئەگەر تاپشۇرالمىسا70مىڭ يۇەن قايتۇرالمايدىغان. "بولۇپ توختام تۈزۈشكەن ئىكەن. كىيىن ئىككى ئايمۇ توشۇپتۇ، بۇكىشى خوتەندىن كەلگەن بولۇپ:"ياتاقتا ياتساممۇ ياتىدىكەنمەن،ئاچقۇچنى بەرسىلە ئۆي قۇرۇق تۇرسىمۇ تۇرىدۇ،مەن ياتقاچ تۇراي."دەپ چىرايلىق گەپ قىلسا،ئۆي ئىگىسى ئاچقۇچنى بىرىپ قويىدۇ.ئاچقۇچنى قولىغا ئېلىپلا تاش پۇلىغا باشقىلارغا بىرىدىغان قەرزىگە ھىساپلاپ ئۆينى تۇتۇپ بىرىدۇ.ھازىرمانا بىريىلدىن 3ئاي ئېشىپتۇ، ئۆينى بوشىتىپ بەر دەپ بارسا:" مانا مەن خەقتىن سېتىۋالدىم"دەپ،سېتىۋالغان ھۆججەتنى چىقىرىدىكەن.بۇنىڭغا خېلى يامان قانۇن كىشىللىرىمۇ ئامال قىلالماي،ئۆيدە باشقىلار خاتىرجەم ئولتۇرۇۋاتقىدەك.بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆي ئىگىسى قانداق قىلىش كىرەك؟
جاھاننىڭ ئىشلىرى مانا مۇشۇنداق ئۆزگىرىشچان بولىدىكەن، ئۆزگىرىشكە ماسلىشىپ ياشاش كىرەكتە! يېڭى ئەھۋالغا يەنە يېڭىچە بىرنىمە دىمەي بولمايتى،بۇ مەسىلىنى خىزمەتداشلىرىمغا مۇزاكىرە قىلغۇزۇش نەتىجىسىدە مۇنداق ئىككى خىل كۆز-قاراش شەكىللەندى:
بىر خىل قاراشتىكىلەر توختام ئالدامچىلىغى دەپ جىنايى ئىشلار بويىچە دىلو تۇرغۇزۇش دەپ قارايدۇ. بۇ خىل قاراشتىكىلەرنىڭ ئاساسى:« پۈتكۈل ئۆي ئېلىم-سېتىم ئىشىدا، ئۆي ئىگىسنى ئىككىسى تىل بىرىكتۈرۈپ ئالداش خارەكتىرى مەۋجۇت. يەنى 70مىڭ يۇەن رەنە پۇلىنى چىقارغۇچى،ئۆي كۆرۈپ سۆزلەشكۈچى، توختام تۈزگەن نەق مەيداندا بار بولغان كىشى دەل ئۆينى ھازىر ئىگەللەپ تۇرغۇچىدۇر. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا ئىككىسى بىرلىشىپ ئالداش قىلمىشى شەكىللەندۈرگەن.شۇڭا،جىنايى ئىشلار بويىچە دىلو تۇرغۇزۇش كىرەك.»دەپ قارىدى.
يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەرنىڭ بولسا، ھەق تەلەپ بويىچە سوت مەھكىمىسىگە دىلو تۇرغۇزۇش كىرەك دەپ قارىدى. بۇلارنىڭ ئاساسى: "70مىڭ يۇەننى رەنىگە قويۇپ ئوي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي ئېلىم-سېتىم ئىشىدا توختام ھۆججەت بار ئەھۋالدا، ساقچىنى «ئالدامچىلىققا» ئىشەندۈرۈش تەس؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ساقچى ئارلاشسا «مەن ئۆينى باشقىلاردىن سېتىۋالدىم» دەپ ھۆججەتنى ئوتتۇرىغا چىقارسا، ساقچى" سوتقا ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلىڭلار" دەپ ھىچنىمە قىلالمايدۇ." دىگەندىن ئىبارەت بولدى.
بۇ ئىككى خىل قاراشنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئورۇنلۇق تەرىپى باردەك قىلىدۇ. قېنى سىز قايسى خىل كۆزقاراشنى ياقلايسىز؟
|
-
|