- تىزىملاتقان
- 2012-9-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8385
- نادىر
- 1
- يازما
- 427
ئۆسۈش
67.7%
|
چاغداش ئۇيغۇر تىلى 2
ئوغۇزتىگىن
3.تىل –فىكىر(تەفەككۈر) قىلىش قورالى
تىل-كىشىلەر ئۈچۈن ئورتاق بولمىش ئەڭ ئۈنۈملۇك فىكىر قىلىش قورالى.شۇ سەۋەبدىن بىلىم مۇۋاپىقىيەتلەرىنىڭ ساقلىنىش ۋاستەسى قىلىنغاندۇر.كىشىلەر تىل ئارقىلىق ئۆزلەرىنىڭ فىكىر-غايەلەرىنى بىر-بىرسىگە بىلدۈرىشىدۇ.بۇ فىكىر-غايەلەر كىشىلەرنىڭ مېڭىسىدە شەكىلسىز ھالەتتە بارلىققا كەلمەسلىگى مۈمكىن.يەنى كىشىلەر ماتېرىيالاررنىڭ مېڭىسىدە تىلدا شەكىلسىز ئىپادە قىلىنىدىغان تەييار فىكىر بولمايدۇ.تەفەككۈر پەقەت ئادەمگىلا خاس بولۇدۇ.ئۇ كىشىلەر چوڭ مېڭىسىنىڭ تىل ماتېرىياللارى ۋە فىزىلوگىيەلىك ھەركەتى بىلەن چەمبەرچەس زىچ باغلانغان بولۇپ،ئۇ پەقەت تىلدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە ۋاستاگە تايانغان سىياقدا ئىپادەلىنىپ چىقىدۇ.
شۇنداق ئەيتىشقا بولۇدىكى تەفەككۈر تىلسىز ۋۇجۇدقا كەلمەيدۇ،يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا تەفەككۈرسىز تىل يوق ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.بۇ ھەقدە ك،ماركىس مۇنۇ سۆزلەرنى ئايتقان ئىدى:تىل-تەفەككۈرغا ئوخشاشلا ئىنتايىن قەدەمىيدۇر،تىل--باشقا كىشىلەر ئۈچۈن ،شۇنىڭدەك،شەخسەن ‘ئۆزۈم’ ئۈچۈن ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تەفەككۈردۇر.تىل تەفەككۈر ئوخشاشلا ئىجتىماىيەت ئۆزگەرۈشلەر زۆرۈريەتى ئېھتىياجى ئۈچۈنلا مەۋجۇت بولغان(1).سابىق ئىتتىپاقى 2-ئەۋلاد رەھبەرى بولغان ستالىنمۇ مۇنداق دەيدۇ:”كىشىلەرنىڭ مىڭىسىدە قانداق فىكىرلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە بۇ فىكىرنىنىڭ قاچان پەيدا بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر،بۇ فىكىرلەر ئاشۇ تىل ماتەريالى ئاساسىدا،تىلدىكى سوزلەر ۋە جۇملىلەرنى نىگىز قىلىپ پەيدا بولىدۇ ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.تىل-ماتەرىيالدىن خاھلىي بولغان ،تىلنىڭ ‘تەبىئىي ھادىسەسىدىن خاھلىي بولغان ‘‘قىپ يالاڭاچ” فىكىرلەر مەۋجۇت ئەمەس،’تىل ---فىكىرنىڭ بىۋاستە رېئاللىقى’ (ك.ماركىسنىڭ سۆزى)،(1)"فىكىرنىڭ ھەقىقىيلىقى تىلدا ئىپادە قىلىنىشىدۇر(2)”
خوش،ئۇنداقتا،تىل بىلەن تەفەككۈر بىر نەرسەمۇ؟
تىل بىلەن تەفەككۈر ئەينەن بىر نەرسە ئەمەس،تەفەككۈر—ئاڭ فورماتسىيەسىگە تەۋە بولمىش ئىجتىمائىي ھادىسەدۇر،تىل بولسا ماددىي فورماتسىيە تەۋە بولغان ئىجتىمائىي ھادىسە دۇر.تەفەككۈرنى تىل،تىلنى تەفەككۈر دەپ ئايتماقلىقنى تۇۋغرا دەيىشكە بولمايدۇ بۇ خاتا يەكۈندۇر.تىل بىلەن تەفەككۈر ئوزارا بىر-بىرىگە چمەبەردەك زىچ باغلانغان،يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر-بىرى ئۆزارا يۆلەنگەن سىياقتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئىككى خىل ئىجتىمائىي ھادىسەدۇر.تەفەككۈر-جەمئىيەت،تەبىئەت قانۇنىيەتلەرىنى تەبىر،ھۆكۈم ۋە ئەقلىي يەكۈن……قاتارلىق تەفەككۈر شەكىللەرى ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرىدۇ.تىل ئەنە شۇنداق تەفەككۈر شەكىللەرىنى سۆز ۋە جۈملە ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.شۇڭا كئېسىپ ئەيتىشقا بولىدۇكى ،تەفەككۈر-تىلنىڭ مەزمۇنى بولسا،تىل-تەفەككۈرنىڭ ئىپادەلىنىش شەكلىدۇر.
4.چاغداش ئۇيغۇر تىلى
ھەممەيلەنگە مەلۇملۇقكى چاغداش كۈنلەرىمىزدە ،ئۇيغۇر ئۇلۇسى(3)نىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئالاقە قىلىش ۋاستەسى قىلغان بارلىق كىشلەرنىڭ ئۆزارا فىكىر ئالماشتۇرۇش ،بىر-بىرىنى چۈشەنىش ھەم بىر بىرى بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى-چاغداش ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر ئۇلۇسىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك قوللۇنىۋاتقان ئومۇمىي،مىللىي،ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىلمىي يوسۇندا ،سئېستىمالىق تەتقىق قىلىدىغان ۋە ئۆگۈتىدىغان فەنمۇ “چاغداش ئۇيغۇر تىلى”دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
چاغداش ئۇيغۇر تىلى –ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى.ئۇ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇس ۋە جەمىيەت بۇلۇپ ئۇيۇشۇشىدا ،ئۆزلەرىنىڭ پارلاق ئۇيغارلىق(4)كەچمىش(5)ئىنى ياراتىشدا،بىر-بىرى بىلەن فىكىر ئالماشتۇرۇپ ،بىر-بىرىنى چۈشۈنۈش كىشىلىك ياشام(6)نىڭ ھەممە ساھەلەرىدە ئوملۇشىپ ئىشلەش،ئۈزلۈكسىز تۈردە تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق چاچداش ئۇلۇسقا ئايرىلىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئويناۋاتقان نىگىزلىك ئامىللارنىڭ بىرى دەپ ئەيتىشقا ھەقلىقمىز.
ئۇيغۇرلار ئاجۇن(6)ۋە ئېل(7)ىمىزدىكى ئۇزاق ئۇيغارلىق كەچمىشىگە ئىگە ،مول ئەدەبىي مىراسلارغا ۋارىسلىق قىلغۇچى،ئوتتۇرا ئاسىيا تۇپراغىدا ياشاپ كەلىۋاتقان قەدىمقى ئۇرال-ئالتاي تىل سەستىماسى ئالتاي تىلى گۇرۇپپاسى تۈركىي تىل ئايرىماسىغا تەۋە قەدەمىي ئۇلۇسلارنىڭ بىرى.ئاجۇن ۋە ئېلىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق شانلىق ئۇيغارلىق كەچمىشىدە ئۇيغۇرلار ئاجۇن ۋە ئەلىمىزدىكى باشقا قەرىنداش مىللەتلەر بىلەن دۇنيا ۋە ئېلىمىز زىمىنىنى ئورتاق بەرپا قىلغان.بولۇپ ئۇلۇغ جوڭخۇا زىمىنىنى جوڭگودىكى 56 مىللەت بىلەن ئىناق –ئىتتىفاق ھالەتتە ئاچقان ۋە قانلىق بەدەللەرنى بەرىپ قوغداپ كەگەن،ئېلىمىزنىڭ ئۇيغارلىقىنى ئورتاق ياراتقان ۋە گۈللەندۇرگەندۇر.
ئۇيغۇر تىلى--ئۇرال-ئالتاي تىللىرى سېستىماسى ئالتاي تىل تەركىبىدىكى تۈركى تىللار تۈركۇمى مەركەزىي تارمىغى ئۇيغۇر،ئوغۇز،قىپچاق ئايرىمىسى ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر-قارلۇق گۇرۇپپاسىغا كىرىدۇ.مەملىكىتىمىزدە بۇ گۇرۇپپىغا تەۋە بولغان ئۇلۇسلاردىن ئۇيغۇر،ئۆزبېك،قىرغىز،قازاق،تاتار،سالار،سارىق ئۇيغۇر(سارىغ ئۇيغۇر ياكى يۈگۈر ياكى يۇغۇر ياكى يوغۇر…)،تۇۋا(توبا،توۋا،توغبات،تۇغبات)، سارتا(سارت ياكى دوڭشياڭ-ئاز بىر قىسىملارىدىن باشقا ،تىلى ئاساسەن يوقۇلۇشقا يۈزلەنگەن ).... لارنىڭ تىللىرى كىرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر ئۇلۇسىغا ئوخشاشلا ناھايىتى ئۇزاق كەچمىشلەرگە ئىگە.ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزاق كەچمىش تەرەققىياتى جەريانىدا ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆزگەرىش،ياڭىلىنىنىش،تولۇقلىنىش ۋە مۇكەممەللىشىش باسقۇچلىرىنى باشدىن كەچۈردى.ئۇ،لۇغەت(8)تەركىبى ۋە تاۋۇش تەركىبى تولۇق،ئىپادەلىنىش ئۈنۈمى يۇقۇرى ،مۇكەممەل گىرمماتىكا(9)لىق كاتئەگورىيە گە ئىگە بولغان بىر خىل ياپىشقاق تىلدۇر.بۇ ئۇيغۇر ئۇلۇسىنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي،فەن-ئۇيغارلىق كەچمىشىدە ئۆچمەس تۆھپەلەرنى ياراتقان.بۇ تىل بىزنىڭ ئەستايىدىل ئۆگەنىشىمىزگە،تەتقىق قىلىشىمىزغا ۋە ۋارىس(10)لىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك كەچمىش،ئۇيغار يادىكارلىقلىرىمىز مۇشۇ تىل ۋاستەسى بىلەن بىزنىڭ چاغداشىمىزغا يەتىپ كەلدى.
“چاغداش ئۇيغۇر تىلى”نى،بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئالاھىدىكىنى تەخىمۇ ياخشى چۈشۇنۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات كەچمىشىگە نەزەر سالماقلىق ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل دەپ ئايتاماقلىققا ھەقلىقمىز.
“بىر تىلنى ،ئۇنىڭ تەرەققىيات ياساق(11)لارنى بىلىش ئۈچۈن تىلنى جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ كەچمىشى بىلەن شۇ تىلنى ئىجاد قىلغان ۋە شۇ تىلدى پايدالىنىپ كەلىۋاتقان خەلقنىڭ كەچمىشى بىلەن زىچ بىرلەشتۇرگەن ھالدا تەتقىق قىلىشىمىز كەرەك.بىزنىڭ تىلىمىز ئەينى ۋاقىتتا بىزنىڭ كەچمىشىمىزدۇ،بىر ئۇلۇسقا نىسبەتەن سۆزلىگەنىمىزدە ،ئۇستىخان-سۆڭەك،قورال-جابدۇق ۋە قەبرە-كەفەنلەرگە قارىغاندا ،تەخىمۇ جانلىق دەلىل-فاكىت باركى،ئۇ بولسامۇ ،ئۇلارنىڭ تىلىدۇر”(12)
ئىزاھاتلار:
(1) ماركىس-ئېنگىلىس تاللانما ئەسەرلەرى رۇسچە نەشرى،3-توم 29-بەت 1960,موسكىۋا
(2) ماركىسىزىم ۋە تىلشۇناسلىق،رۇسچە نەشرى 55-بەت 1960,موسكىۋا
(3)ئۇلۇس---مىللەت،مىللەت فارسچە ئاتالغۇسى،ئۇلۇس ئورتاق ئەدەبىي تىلغا تەۋە.
(4)ئۇيغارلىق—مەدەنىيەت-ئەرەبچە ئاتالغۇسى.ئۇيغارلىق ئانادولۇ تۈركلەرى ئۇيغۇر دېگەن سۆزدىن تۈرلەندۇرۇپ ياساپ چىققان يېڭى سۆز،ھازىر تۈركىيە ۋە جوڭگۇدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارى مەتبە،گەزىت-ژورناللار ۋە ئىنتېرنەتتا مۇشۇنداق ئالماقتا.مۇھەممەت.باغراش.شىنجاڭ مەدەنىيەتى ژورنىلىغا يازغان ئەسەرى.”كەلپىن ئۇيغۇرلارى ئەيتىپ تۈگۈتەلمىگەن رىۋايەتلەر"دەگەن ماقالىسىگە قارالسۇن.
(5)كەچمىش—تارىخ،تەۋارىخ،تارىخ،تارىخىن ئەرەبچە ئاتالغۇسى.ئوتكۈنچى دەۋرلەردىكى ئىش پاالىيەتلەر،ئوتۈپ كەتكەن ۋە يۈز بەرگەن مۇھىم ئىشلارنى كورسەتىدۇ.
(6)ياشا،ياشام-ھاياد-ئەرەبچە ئاتىلىشى بىزدە ھايات دەپ ئومۇملاشتى.
(7)ئاجۇن-دۇنيا،جاھان—ئەرەبچە ئاتلىشى.ئاجۇن ئانا تىلچە ئالغان سۆزدۇر.
(8)لۇغەت،لۇغات-ئەرەبچە ئاتالغۇسى،ئورتاق سۆزلۈك بولسا “سۆزلۈك،سۆزلۈگى” دەپ ئالساقمۇ بولىدۇ.
(9)گىرامماتىكا---ياساغ،ياساق،تۈزۈت،مەلۇم بىر تىلنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سۆزلۈك تەركىبلەرىنى بولغا “تىل ياساقلىرى ياكى تىل قانۇنىيەتى”نى كورسەتىدۇ،بۇنى “ئۈنياساغ،تىل ياساقى ياكى تىل ياساغى،تىل تۈزۈتلەرى”دەپ بىر نەچچە خىل ئالغىلى بولىدۇ.
(10)ۋارىس—ئىزباسقۇر،ۋارىس ئەرەبچە ئاتالغۇسى،مىراسخور-مىراس،ئەرەبچە سۆز،خور-فارسچە،گىركچە (مىراس+خور=مىراسخور،ئەرەب+فارس ياكى گىرك=شالغۇت سۆز،بىزدە بۇ سۆزگە مۇۋاپىق سۆز بولمىغاچقا بۇنىڭغا كەمىنە ئوغۇزتىگىن ئەفەندى“ئىز باسقۇر’ دەپ سۆز ياساپ ئىشلەتتىم.
(11)ياساق—قانۇن-ئەرەبچەسى،ياساغ،ياساق،تۈزۈت دەپمۇ ئالغىلى بولىدۇ.
(12)ياكوب.گىرىم.گېرمانىيەلىك،مەشھۇر فولكلورچى،فولكلورشۇناس.
بىلدۈرگۈ:
"ئوغۇزتىگىن" ئاتى ئاستىدىكى ئەسەرلەرنىڭ قەغەز كىتابچە نەشرى ۋە ئىنتېرنېتتا تارقاتىش قانۇنلۇق ھوقۇقى پەقەت "تىنىچلىق ئوغلى كۆپ خىل تىللار تەرجىمە-تەھرىرلىك سالونى"غا مەنسۇپتۇر،دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەرقانداق تور بەت،تەشكىلات،بلوگ،مۇڭداشقۇ(微信Wechat)،كوت--كوت قوراللارى تارقاتقۇچىلار،نەشرىيات ئورۇنلارىدىن ھېچ قانداق خىراجەت ئالىنماي ئۆزئەركلىك ئاساسىدا كەمىنەڭىز 《ئوغۇزتىگىن》دىن ئىنتېرنېت تورىغا ھەقسىز ھالدا يوللانماقچى! ھەرقانداق ئورۇن،شەخس،تەشكىلات,QQ بوشلۇقى ۋە مۇڭداشقۇ(微信Wechat) سورۇنلارى قانۇنسىز ھالدا تارقىتىشقا بولمايدۇ.ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا ئېل-كىتاب قىلىشقا،قانۇنسىز سوۋدا شەكلىدە cd,vcd,dvd,evd,yy…..…..قىلىپ تارقاتسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىمەن،ئەگەر قانۇنسىز تارقاتقان ئورۇن ياكى شەخسلەرنى بايقاسىڭىز تېزدىن مەن بىلەن 1-بولۇپ ئېل-خەت ياكى ئۇچۇر،مۇڭداشقۇ نومۇرۇمغا خەت قالدۇرغان ھەرقانداق قېرىندىشىمىزغا قانۇنلۇق زاكونلىشىپ ئېرىشكەن تاپاۋەتنىڭ 50%نى مۇكاپات قىلىپ تارقىتىپ بېرىمەن،شۇڭا ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى،ۋاقىپ بولغايسىز؛
ئالاقە ئۇسۇلى:
e-mail:aaot@sina.com
مۇڭداشقۇwechat微信:Q1034901351
تىنچلىق ئوغلى كۆپ خىل تىللار تەرجىمە-تەھرىرلىك سالونى
كوپ خىل تىللار ئاچۇرى: .ئوغۇزتىگىن(AAOT)
مىلادىيە كالېندارى:2014-10-27 ئازنا ;رۇمچە بالۇق
|
|