- تىزىملاتقان
- 2014-4-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4429
- نادىر
- 0
- يازما
- 62
ئۆسۈش
80.97%
|
باغداش تورىغا كىرگىلى يىرىم يول بولۇپ قاپتۇ،بۇجەرياندا مەن ھەرقايسى مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ ھازىر شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قەرەللىك ئىلىپ بىرىلىۋاتقان يىڭى ناۋا، يىپەك يولى ساداسى قاتارلىق ھەرخىل سەنئەت پىروگىراممىللىرىغا بولغان مۇئەييەنلەشتۈرشى شۇنداقلا يەنە بىر قىسىم مۇنبەرئەزالىرىنىڭ ئىنكار قىلغانلىقىنى كۆرۈپ تۇردۇم،بەزىلەر رىياسەتچىلەردىن نارازى بولغان بولسا يەنە بەزىلەر بۇ پىروگىراممىلارنىڭ ماھىرلارغا بولغان پوزىتيىسدىن نارازا بولدى،مەنمۇ ئەسلىدە بىر كۆرۈرمەن ئىدىم،بىراق كىيىن كۆرمەس بولۇپ قالدىم ،يىقندىن بۇيان يەنە يىڭى يىپەك يولى ساداسى پىروگىراممىسى دىققىتىمنى تارتتى،بۇ توغۇرلۇق توردىن ۋىدىئو ئىزدەۋاتسام شىنجاڭ تالانتىقلار سەھىنىسى دىگەن پىروگىرىممىنىڭ تەشۋىقات ۋىدىئوسى ئۇچراپ قالدى.شۇنىڭ بىلەن بۇ يازمىنى يازاي دەپ ئويلاپ قالدىم.
سەنئەت –بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى بايلىقىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ۋە كىشلەرنىڭ كۈندىلىك مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىرقىسمى بولۈش سۈپىتى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلدى ،بولۇپمۇھازىرىقى تىخنىكا ۋە ئۇچۇر تەرەققىي قىلغان دەۋىردە بىرقسىم دۆلەتلەرنىڭ سەنئەت ئارقلىق قۇدەرەت تىپىشى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاستىللىرى بولۇپ قالدى،مەسلەن:كورىيە تىلىۋىزىيە تىياتىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىداقىزغىن ئالقىشقا ئىرىشىپ زور ئىقتىسادى قىممەت ئىلىپ كەلدى،شۇنداقلا ئامرىكىنىڭھەرخىل كىنىولىرى، ياپۇنينڭ كارتونلىرى ھىلھەم شۇنداق.،دۆلىتىمىزمۇ مەدىنىيەت ۋەسەنئەتنى تەرەققى قلدۇرۇشنى دۆلەتنىڭ ئۇنۋىرسال ئەمەلىي كۈچىنىى ئاشۇرۇشىتكى مۇھىمبىر نۇقتا دەپ كۆرسەتتى،ئۇيغۇرلارنىڭ 12مۇقامى 2005-يىلى بىرلەشكەن دۆلەت تەرپىدىنغەيرى-ماددى مەدىنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزلۈپ بىزنى خۇشال قىلدى .
بەلكىم بەك خۇشال بولغان بولساق كىرەك،شۇنىڭدىنكىيىن ھەرخىل تىپتىكى سەنئەت پىروگىراممىللىرى مەيدانغا كەلدى ،ئەڭ دەسلەپكى جۇلا،ئاندىن كىيىن ناۋا ،يىپەك يولى ساداسى، شىنجاڭ تالانتىقلىرى مەيدانغاكەلدى،ئەلۋەتتە بۇرۇندىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان «ئالىم بولاي دىسەڭ مەكتەپكەبار،ئادەم بولاي دىسەڭ مەشرەپكە »دەپ تەرىپلەنگەن مەشرەپمۇ بار. بۇلارنى تۈپتىن ئنكار قىلىۋەتكى بولمايدۇ ،چۈنكى بۇ پىروگىرىممىلار كىشلەرنىڭ تۇرمۇشىغا خۇشاللىق ئىلىپ كەلدى شۇنداقلا بىر قىسىم ئەلگە تونۇلغان سەنئەتچىلەرگە ،ھەرقايسى ساھەدىكى سەنئەتخۇمار كىشلەرگەئۆزىنى نامايەن قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بەردى ،بىراق شۇنىڭغا دىقققەت قىلىشقائەرزىيدىغىنى بۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا بىزنىڭ مائارىپقا مۇناسىۋەتىلىك پىروگىراممىللىرى قانچىلىك؟
ئىسمدە قىلىشچە بىر كىتاب بىر ئالەم پىروگىراممىسى بىر مەزگىل قىزغىن قويۇلغاندىن كىيىن تۇيۇقسز غايىپ بۇلۇپ قاچانلاردىن بىرەيەنە ئەسلىگە كەلدى،ئوتتۇردىكى تۇيۇقسزغايىپ بولغان چاغدا ھەرخىل غولغۇلار بولۇشتى، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن قەيتائەسلگە كەلگىنىگە ھەممەيلەن خوش.بۇنىڭدىن سىرت يەنە باشقا پىروگىرىمىلارنى ئىزدىسەك مائارىپقا نىسپەتەن ئالاھىدە تەربىيىۋى ئەھمىيتى بار پىروگىراممىلارنى تاپماق سەل تەسكە توختايدۇ،دۆلىتىمىزگە قارايدىغان بولساق مەركىزى تىلىۋىزىيەئستانسسىنىڭ 1-يۈرۈش قانىلىدا ھەر شەنبە كۈنى قويۇلدىغان «نۇتۇق باشلاندى»پىروگىراممىسى،بۇ پىروگىراممىدا بىر داڭلىق شەخىس ئۆزىنىڭ كىشلىك ھاياتقا بولغان قارشى ۋە ۋە كىشلىك ھاياتتا ھىس قىلغانلىرىنى ياش ئۇقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتەھەمسۆھبەت بولۇپ ياشلارنىڭ جەمئىيەتتە يولۇققان مەسلىللەر ۋە يولۇقىدىغان مەسىللەرتوغرىسىدا چۈشەنچە بىرىدۇ:مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ 10-يۈرۈش قانىلىنىڭ«ھەرقايسى ئىقىمدىكىلەر» پىروگىراممىسىدا ھەركۈنى كەچتە داڭلىق پىراففىسورلار كۇڭزىنىڭ <مۇھاكىمە ۋە بايان>دىگەن مەشىھۇر ئەسىرى توغرسىدا چۈشەنچە ۋە مۇلاھىزە ئىلىپ بارىدۇ،يەنەچەتئەلگە قارايدىغان بولساق ئامرىكىنىڭ TED پىروگىراممىسىدايىڭىچە تەپەككۇر ياكى يىڭىچە بولغان پەن- تىخنىكىدىكى بايقاش سۆزلىندۇ ،خارۋاردھەمدە يېلۇئۇنۋىرستىنتىنڭ «بەخت »ۋە »«ئادىللىق » دەرسى،ھەمدە سىتانفوردئۇنۋىرسىتىنى ۋە كولۇمبىيە ئۇنۋىرستىتى قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوچۇق دەرسلىرى بار ،بۇ دەرسلەرنىڭ ئاساسلىق دەرس ئاڭلىش ئوبۇكتىۋى ئالى مەكتەپكتىكى ياش ئوقۇغۇچىلار بولۇپ بۇ دەرس ئارقلىق ئۇلارنىڭ جەمئىيەت ۋە تۇرمۇشقا بولغان چۈشەنچىسنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ،بىراق بىزدە ھازىرمۇشۇنداق پىروگىراممىلار بارمۇ؟
بۇ بىر ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە،بىزدە سەنئەتچىكەممۇ؟ياق ،كۆپ ساندىكى كىشلەر كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ نۇرغۇن سەنئەتچىلەرنى دەپ بىرەلەيدۇ،ئۇنداقتا ئالىمنچۇ؟ئالىمنى ساناپ بىرەلەيدىغان كىشلەر قانچىلىك؟گەرچەمەن بۇنى تەھلىل قىلىپ باقمىغان بولسام شۇنى كىسىپ ئىيتالەيمەنكى ئالىمنى تونۇيدىغان كىشلەر سەنئەتچىلەرنى تونۇيدىغان كىشلەردىن خىلىلا ئاز،ئۇنداقتا بىزدەئالىم كەممۇ؟بەلكىم راستىنلا ئالىم كەمدۇر،بىراق كىشلەر ئىيتىپ بىرەلمىگىدەك دەرجىدە كەممۇ؟ ياق،بۇيەردە كىشلەرنىڭ سەنئەتچىلەرنى كۆپ تونۇپ ئالىملارنى تونۇماسلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرسى بىزنىڭ ئالىملىرىمىزنىڭ خەلىق بىلەن يۈزكۆرۈشىدىغان ۋە پىكىر ئالماشتۇرىدىغان پىروگىراممىلار ئاز، خەلىقنىڭ سەنئەتكەبولغان قىزىقىشى كۈچلۈك ،بىراق مائارىپقا بولغان قىزىقىشى بولسا سۇس،بۇنى نۆۋەتتىكى كىشلەرنىڭ تۇرمۇشىنى بىيتىۋاتقان تۈرلىگەن سەنئەت پىروگىراممىلىرىنىڭ كۆپلىشى بىلەن مائارىپ ۋە تەرەققىيات ھەققىدىكى پىروگىراممىلارنىڭ ئاز بولۇشى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ يوق؟ يىقىنقى بىر قانچە يىللار ئىچىدە كۆتۈرۈلگەن تۈركىيەقىزغىنلىقى يەنە بىر مىسال بولالايدۇ،تاركان كەپتۇ دىسە بىرقىسىم كىشىللىرىمىزكىچە ئۇخلىماي يولىغا قارايدۇ،سەنئەت كىچىلىكىدە بولسا زالغا پەغەزگە قونغان كەپتەردەك پىتىشماي قالىدۇ،ئەگەر ئىلىم چىيى،ئىلمى مۇھەكىمە يىغىنى،خالىسانە نۇتۇق بولسا كەلگەن كىشلەرنىڭ تايىنى يوق،بۇ ھادىسلەر ئەۋىج ئالغان دەۋىرىدە مائارىپ پىروگىراممىىللىرىنى كۆپەيتىش كىرەكمۇ يوق؟مۇھەممەت سالىھ ئۇستاز مۇنداق دەيدۇ:« كىتابلىرى غېرىب قالغان خەلىقنىڭ ،ئەرلىرى نادانلىقتا قۇل،ئاياللىرى روھى تۇلبولىدۇ».مىنىڭ دەيدىغىنم بولسا ھىچ بىر قايسى مىللەت سەنئەتكە تايىنىپ باش كۆتۈرۈپ چىقالىغان ئەمەس،بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتى تۈپ يىلتىزدىن يەنىلا مائارىپقا باغلىق.ئاخىرىداچاقچاق بولسۇن ئۈچۈن مۇنۇ رەسىمنى چىقىرىپ قوياي........
|
|