مائارىپ نازارىتىگە ئوچۇق ئىلتىماس مائارىپ نازارىتى ئوقۇتۇش-تەتقىقات ئىشخانىسىغا : كەمىنەئىنگىلىزتىلى كەسپىنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن، يۇرتىمدىن ئايرىلىپ ئىنگىلىزتىلى ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىلى يەتتە يىل بولدى.بۇ يەتتە يىلدا مەن ئۆزۈم كەسىپ قىلىپ ئۈگەنگەن تىلنىڭ تار دائىرىدىكى ABC مۇھىتىدا تەكرار-تەكرار چۆرگىلەپ يۈردۈم،ئەتىراپىمدا چەتئەللىك ياكى بۇ كەسپتە ئوقۇپ كەلگەنلەر بولمىغاچقا بۇ ھەقتە پىكىر ئالماشتۇرۇش مۈمكىنچىلكى يوق دىيەرلىك، شۇنداقلا بىرەر ئىنگىلىزتىلى تەربىيەلەش پۇرسىتىگىمۇ نائىل بولالمىدىم.شۇڭلاچقا ئىنگىلىزتىلى تۈگۈل خەنزۇتىلىنىڭ ھۆددىسىدىن ئاران چىقىپ كىتىۋاتقان يەنە كىلىپ كىچىكىدىن باشلاپ ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىپ كۆنمىگەن مىللىتىم ئەۋلادلىرى ئۈچۈن شۇنچە كۈچىسەممۇ ماسلىشىش يىتەرلىك بولمىغاچقا ئۈنۈم كۆرنەرلىك بولمىدى.قابىلىيىتىمنىمۇ جارى قىلدۇرالمىدىم.قەلبىمدە يېنىۋاتقان مۇنداق بىر ئارزۇ بۇ خەتنى يىزىشقا تۈرتكە بولدى.مەن ئىنگىلىزتىلىنى چەتئەللىكلەردىن ئۈگەنگەن،خەنزۇچىغا قارىغاندا ئىنگىلىزتىلىدا ئىپادىلەش ئىقتىدارىم كۈچلۈك.ئەگەر ماڭا ئىچكىردە بىر مەۋسۇم ئىنگىلىزتىلدىن دەرس سوۋغا قىلىش پۇرسىتى بىرىلسە بىرى ئۆزۈم ئۈگەنگەن ئۆلچەملىك تىلىنى ئىچكىردىكى بالىلارغا ئۆلچەملىك ئۈگىتىش پۇرسىتىگە ئىرشكەن، يەنە بىرى دەرس ئۆتۈش جەريانىدا تىخىمۇ كۆپ ئىزدىنىش پۇرستىگە ئىرىشكەن بولاتتىم.چۈنكى ئىچكىردە بالىلار كىچكىدىن باشلاپ ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىدۇ،يەنە كىلىپ چەتئەللىكلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى كۆپ.بۇ ئارزۇ شىنجاڭ مۇھىم ئىستىراتىگىيە باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان، قەشقەرنى ئالاھىدە رايۇن قىلىپ قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى يولغا قۇيۇلىۋاتقان ئۇشبۇ ھالىقلىق مەزگىلدە مەن ئۈچۇنلا ئەمەس قۇرغۇچىللىرىمىز بولمىش تەربىيەگە تەشنا ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن رىيال ئۈنۈمگە،ھەقىقىي قىممەتكە ئىگە بولسا كىرەك.شۇنداقلا مەندەك مەدەنىيەتكە قىزىقىدىغان بىر ياش ئۈچۈنمۇ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ ياخشى پۇرسىتى بولاتتى.شىنجاڭدىن تۈركۈم-تۈركۈم ئوقۇتقۇچى تەجىرىبە ئالماشتۇرۇشقا ئىچكىرىگە باردى.ئۇلار بىر قانچە سائەت ئۈلگىلىك ئۆتۈلگەن دەرسىنى ئاڭلاپ ئۇ يەرلەرنى زىيارەت ۋە ئىكۇسكۇرسىيە قىلىپ قايتىپ كەلدى.بۇ ئالماشتۇرۇشتا ئىكسكۇرسىيە ئاساسى مەخسەت بولغاچقا بارغان ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرى قول سېلىپ تەجىرىبە ئىشلەپ،دەرىس لاھىيەلەپ ئۆتۈش جەريانلىرى تاماملانمىغاچقا (دىمەكچى ئۇلار مەخسۇس ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانمىغاچقا)كۆزلىگەن ھەقىقىي مەخسەت ئىشقا ئاشمايۋاتىدۇ.شۇڭلاچقا مەن ئىچكىردىكى ئوماق بالىلارغا قانائەتلىنەرلىك دەرس ئۆتۈپ ئازىراق ھەسسە قۇشۇش ۋە ئۆزۈمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋاقىت ئاجىرتىپ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئۈگەنگەن بىلىملىرىم ،توپلىغان تەجىرىبە ساۋاقلىرىمىنى مۇشۇ يەردىكى قىرىنداشلىرىمغا ئىشلەتسەم دىگەن ئىستەكتىمەن. شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرىنىڭ ئىنگىلىزتىلى ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى سېلشتۇرغىلى بولمايدۇ.ئەمما بۇ دىگەنلىك شىنجاڭدىن مۇنەۋەر ئىنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى چىقمايدۇ دىگەنلىك ئەمەس.دۆلەت رەئىسىدىن تارتىپ ھەممە كىشى شىنجاڭنىڭ تەرەققياتى ئۈچۈن باش قاتۇرىۋاتقان دەملەردە مەندەك ئاددى بىر ئوقۇتقۇچى بۇ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزۈكسىز تىپىرلاپ ئاخىرقى نىشانىم بولغان رايۇنىمىز تىل ئوقۇتۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئىشقىدا يانماقتىمەن.(بولسا ئەتىلا ماڭغۇم بار)ئاددى ئوقۇتقۇچى بولساممۇ مائارىپ ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئىرادەم كۈچلۈك،گەرچە ئىزدىنىش روھىم يىلنجاپ تۇرغان بىر ياش بولساممۇ شارائىت چەكلىمىلىكىگە ئۇچىراپ كەلدىم.مائارىپ نازارىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك بۆلۈم ۋە رەھبەرلەرنىڭ ئازۇيۇمنى ئويلىشىپ شارائىت يارتىپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلمەن . قەشقەر ۋىلايىتى يۇپۇرغا ناھىيە3-ئوتتۇرا مەكتەپتىن روزىمۇھەممەد |