قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 575|ئىنكاس: 12

NASA: يۇپىتېرنىڭ يۈزىدىكى قىزىل داغ ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

121

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.04%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 18
مۇنبەر پۇلى: 1090
تۆھپە : 3147
توردىكى ۋاقتى: 1268
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇپىتېرنىڭ يۈزىدىكى قىزىل داغ ھەققىدە

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى


ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، بىز ياشاۋاتقان قۇياش سىستېمىسىدا خۇددى تۆۋەندىكى 1-رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك جەمئىي 8 پلانېتا بار:

c02_8planet.jpg

1-رەسىم: قۇياش سىستېمىسىدىكى 8 پلانېتىنىڭ جايلىشىش ئەھۋالى.

بۇ 8 پلانېتىنىڭ ئىچىدىكى 5-پلانېتا يۇپىتېر بولۇپ، ئۇ قۇياش سىستېمىسىدىكى ئەڭ چوڭ پلانېتا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  ئۇ گازدىن تۈزۈلگەن پلانېتا بولۇپ، ئۇنىڭ ماسسىسى قۇياشنىڭ ماسسىسىنىڭ 0.001 ھەسسىسىگە، قالغان 7 پلانېتىنىڭ ماسسىنىڭ يىغىندىسىنىڭ 2.5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.  ھازىرغىچە يۇپىتېر  ھەمراھلىرىدىن 67 دانىسى بايقالدى.  يۇپىتېرنىڭ ئاتموسفېراسىنىڭ تەخمىنەن 75 پىرسەنتى ھىدروگېن، 24 پىرسەنتى گېلىي، قالغىنى باشقا ماددىلار بولۇپ،  ئۇنىڭ ئىچكىي قىسمىنىڭ تەخمىنەن 71 پىرسەنتى ھىدروگېن، 24 پىرسەنتى گېلىي، قالغان 5 پىرسەنتى بولسا باشقا ئېلېمېنتلاردىن تۈزۈلگەن [1].  بۇ پلانېتا 17-ئەسىردە بايقالغاندىلا ئۇنىڭ يۈزىدە بىر چوڭ قىزىل داغ بار بولۇپ، ئۇ داغ ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.  بۇ داغ ئىنگلىزچە «Great Red Spot» دەپ ئاتىلىدۇ.  

c02_jupiter.jpg

2-رەسىم: قۇياش سىستېمىسىدىكى 5-پلانېتا يۇپىتېر.  ئۇنىڭ تۆۋەن ئوڭ تەرىپىدە بىر چوڭ قىزىل داغ بار بولۇپ، ئۇ ئىنگلىزچە «Great Red Spot» دەپ ئاتىلىدۇ.  

كىشىلەر يۇپىتېرنىڭ يۈزىدىكى بۇ قىزىل داغنى «يوغان قۇيۇن» (giant storm) دەپ ئاتايدىغان بولۇپ،  ئالىملارنىڭ ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تەتقىق قىلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىللار بولغانىدى.  ئالدىنقى ھەپتە، يەنى 2014-يىلى 13-نويابىر كۈنى، ئامېرىكا ئارىزونا شتاتىنىڭ تۇكسون (Tucson) شەھىرىدە ئامېرىكا ئاسترونومىيە جەمئىيىتى (American Astronomical Society) نىڭ بىر ئىلمىي دوكلات يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، ئاشۇ يىغىندا بىزنىڭ ئىدارىمىز ج پ ل دىن بارغان دوكتۇر كېۋىن بېينىس (Kevin Baines) يۇپىتېرنىڭ يۈزىدىكى ئاشۇ قىزىل داغنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە بىر ئىلمىي دوكلات بەرگەن [2].  ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنى بىزنىڭ ئىدارىدىكى بىر گۇرۇپپا تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات نەتىجىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە بۇ داغنى قۇياشتىن كەلگەن ئۇلترا-بىنەپشە رەڭلىك نۇرنىڭ يۇپىتېرنىڭ ئەڭ سىرتقى قىسمىدىكى گازلارنى كۆيدۈرۈۋېتىشى ياكى «داغلاپ قويۇشى» تۈپەيلىدىن ھاسىل بولغان ئىكەن.  

c03_red_spot.jpg

3-رەسىم: يۇپىتېرنىڭ يۈزىدىكى قىزىل داغ.  بۇ داغ مەزكۇر رەسىمدە بىر قۇيۇندەك ئايلىنىپ تۇرىدىغان ئويمانلىقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئورنى ناھايىتى ئېگىز بولۇپ، ئۇ ئەتىراپىدىكى باشقا بۇلۇتلاردىن تەخمىنەن 46 كىلومېتىر ئېگىزراق يەردە ئىكەن.  يەر شارىدا يەر يۈزىدىن ئەڭ يىراق بولغان بۇلۇتلارنىڭ ئېگىزلىكى 12 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ناسانىڭ «كاسسىنى» (Cassini) ناملىق ئالەم ئۇچقۇرى 2000-يىلى يۇپىتېرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ، يۇپىتېر ھەققىدە نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى يىغقان ئىدى.  بۇ تەتقىقاتنى ئېلىپ بارغان تەتقىقاتچىلار ئاشۇ ئۇچۇرلار بىلەن يەر يۈزىدىكى تەجرىبىخانىلاردا قولغا كەلتۈرگەن ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىپ، ئۇلترا-بىنەپشە رەڭلىك نۇر ئاممىياك گازى بىلەن كاربون ھىدرىدقا چۈشكەندە مولېكۇلىلىق پارچىلىنىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بايقىغان.  شۇنىڭغا ئاساسەن يۇقىرىقىدەك پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بېينىسنىڭ دېيىشىچە بۇ قىزىل داغ بىر چوڭ قۇيۇن ئەمەس بولۇپ، ئۇ كۈن نۇرىنىڭ كۆيدۈرۈشىدىن پەيدا بولغان داغ ئىكەن.  ئەمما بۇ بىر يوغان چاقنىڭ شەكلىنى ئالغان قىزىل داغنىڭ نېمە ئۈچۈن نەچچە يۈز يىللاردىن بېرى شۇ پېتى ساقلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى ھازىرمۇ بىر چوڭ سىر بولۇپ تۇرۇۋېتىپتۇ.


قوشۇمچە (1):


ئالدىنقى ھەپتە، يەنى 2014-يىلى 9-نويابىر كۈنى، ناسا، رۇسىيە ۋە ياۋروپا ئالەم مەركىزىنىڭ ئۇچقۇچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان 3 كىشى ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىكى 165 كۈنلۈك خىزمەت ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، تۆۋەندىكى 4-رەسىمدە كۆرسىتىلگەن قۇرۇلما بىلەن قازاقىستانغا سالامەت قايتىپ چۈشكەن،  ھەمدە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن (5-رەسىم).

c04_capsul.jpg

4-رەسىم:  ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ياۋروپانىڭ 3 ئالەم ئۇچقۇچىسى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى قازاقىستان تۇپرىقىغا چۈشكەندىكى بىر كۆرىنىش.  بۇ ئەترەت ئىنگلىزچە  «Expedition 41 Crews» دەپ ئاتىلىدۇ.  

c05_iss_20141103.jpg

5-رەسىم: قازاقىستان ھۆكۈمىتى يۇقىرىدىكى 3 ئالەم ئۇچقۇچىسىنى كۈتۈۋاتقان ۋاقىتتىكى بىر كۆرىنىش.


قوشۇمچە (2):

ناسا 2011-يىلى 24-ماي كۈنى «ئورىئون» (Orion) دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېڭى تىپتىكى ئالەم كېمىسىنى ياساپ چىقىش پىلانىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئالدىمىزدىكى 4-دىكابىر كۈنى ئورىئوننى ئۇچۇرۇشنىڭ تۇنجى قېتىملىق سىنىقى ئېلىپ بېرىلىدۇ.  قىزىقىدىغان قېرىنداشلار شۇ كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىپ قويساڭلار بولىدۇ.  سىناقتىن كېيىن مەنمۇ ئىمكانىيىتىمنىڭ يار بېرىشىچە يەنە بىر خەۋەر تەييارلاشقا تىرىشىمەن.  ناسانىڭ ھازىرقى پىلانى ئورىئون سىناقلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئايغا، مارسقا ۋە ئاستېرويد (كائىنات ئۇچار تاشلىرى) غا چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىش.

c06_orion.jpg

6-رەسىم: ئورىئوننى راكېتاغا يۈكلەش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىۋاتقاندىكى بىر كۆرىنىش.

c07_orion.jpg

7-رەسىم (سىزما رەسىم): ئورىئوننىڭ راكېتادىن ئايرىلغان ۋاقتىدىكى بىر كۆرۈنىشى.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:


[1] Jupiter
http://en.wikipedia.org/wiki/Jupiter

[2] Jupiter's Great Red Spot Likely One Big UV 'Sunburn'
<http://www.forbes.com/sites/bruc ... big-uv-sunburn/>


پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

8

دوست

6734

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   34.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 598
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 1617
توردىكى ۋاقتى: 307
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-21
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1103

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31143
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 322
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ داغ قارىماققا بىر قاينامغىمۇ ئوخشاپ قالىدىكەن،ئاللا بىلدۈرۈشنى خالىسا بۇ سىرلارمۇ ئېچىلىشى مۇمكىن،
ئالەم بوشلىقىغا چىقىپ سامان يولى سېستىمىسىغا يىراقتىن نەزەر سېلىپ باقسا بەك پەيزى بولىدىغاندۇ ھە، ...
ئاللا ئەركىنكامنىڭ تىنىنى سالامەت قىلسۇن.

0

تېما

0

دوست

65

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   21.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32262
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-20
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت.دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇۋاتىمىز.تېنىڭىز سالامەت،ئىشلىرىڭىز ئۇتۇخلۇق بولسۇن!!!!!

6

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   15.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22736
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 5312
توردىكى ۋاقتى: 86
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-21
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ھازىرقى بوشلۇقتا ئۇچىدىغان ئۇچۇش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سىرتقا ماددا قويۇپ بەرمەي تۇرۇپ يۆنىلىش ئۆزگەرتىدىغان ياكى تېزلىنىش ھاسىل قىلىدىغانلىرى بارمۇ ؟ يەنى سىرتقا گاز قويۇپ بەرمەيدىغان ،ھەم سىرتتىنمۇ ماددا قوبۇل قىلماي ھەرىكەت قىلالايدىغان دىمەكچى !
ـــــــــــــــــــ يۇپىتىرنىڭ بىرقىسىم رەسىملىېىدە مەنمۇ بۇنىڭغا دىققەت قىلغان ئىدىم ، بۇ سىرمۇ ئېچىلىپ قالا ! كىم بىلىدۇ تېخى ، مۆجىزىلىك يىڭىلىقلارنى بېرەمدۇ تېخى !  

ئەلقانات

2

تېما

18

دوست

7889

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   57.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 678
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 2302
توردىكى ۋاقتى: 1070
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-22
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 04:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا، ئىپادىلەشتىكى خاتالىقمۇ ياكى  مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى سۈرەتتە بۇزۇلۇش كۆرۈلدىمۇ؟ دېمەكچى بولغىنىم ئاۋۇ سۈرەتتىن ھەرقانچە قىلىپمۇ قىزىل رەڭنى تاپالمىدىم. ئۇ داغنىڭ رەڭگىنى قىزىل دېسەك بولماس!

0

تېما

0

دوست

142

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   47.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32222
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 42
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-22
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 08:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
istambol يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 15:53
ئۇ داغ قارىماققا بىر قاينامغىمۇ ئوخشاپ قالىدىكەن،ئالل ...

قىزىقچىكەنسىز، ئاللا بىلىشنى خالىغانلارغا بىلدۇرىدۇ دەڭ، ھەممىنى ئاللاغا ئارتىپ قويماي.

0

تېما

0

دوست

142

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   47.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32222
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 42
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-22
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 08:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
borabalisi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 21:02
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ھازىرقى بوشلۇقتا ئۇچىدىغان ئۇچۇش ...

بار ، ئىلىكتىرلىك ئايرۇپىلان، سىرىتقا گاز قويۇپ بەرمەيدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )