ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن مۇئەللىم بىلەن ياپوندا بىللە بولغان ۋاقىتلار
بىلىمخۇمار
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى تۆۋەندىكى 1-رەسىمدىكى يەنە بىر كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلىدۇ. ئۇ بىزنىڭ ئەل سۆيگەن ۋە ئەلنى سۆيگەن، ئۇيغۇرلار ئىچىدە ناھايىتى يۇقىرى ھۆرمەتكە ئىگە، ۋە ھازىر ئەڭ كۆپ ئەسلىنىدىغان رەھمەتلىك ئۇستازىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بولىدۇ. 1980-يىللىرى مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى رادىئو-ئېلېكترونىكا كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋاقتىمدا بۇ ئۇستازىمىز ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. شۇڭلاشقا مەن تۆۋەندە مەرھۇمنى «ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم» دەپ ئاتايمەن. مەن تۆۋەندىكى 1-رەسىمنى ئۆزۈمنىڭ تورلاردىكى باش سۈرىتى قىلىپ ئىشلىتىشكە باشلىغاندىن بۇيان، بىر قانچە قېرىنداشلار مەندىن ئاشۇ رەسىم توغرىسىدا بىر چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈشۈمنى ئۆتۈندى. ئاخىرقى قېتىم شۇنداق قىلغىنى «a.sayrami» ئىسىملىك قېرىندىشىمىز بولۇپ، ئۇ بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاخىرىدا بېرىلگەن 1-مەنبەدە مۇنداق دەپ ئىنكاس قالدۇرۇپتۇ [1]:
«ئەمدى، مەن بۇ يەردە سىزدىن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتسىز، بىراق سىزنىڭ مۇنبەردە «بىلىمخۇمار» نامى بىلەن ئىشلىتىۋاتقان باش سۈرىتىڭىز توغرىلىق كىچىككىنە سوئالىم بار ئىدى. مەلۇمكى: سۈرەت سىز ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان مەزگىل، مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 1986-يىلى ياپونىيەگە ئىلىم زىيارىتىگە بارغاندا تارتىلغان بولۇپ، سىز شۇ چاغدا مەرھۇمغا تەرجىمانلىق قىلىپتىكەنسىز. مۇشۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر ماتېرىيال كۆرمىدىم. ئەتىيازدا مەرھۇم ئالىمىمىزنىڭ «مەن ۋە مېنىڭ خەلقىم» ناملىق تەرجىمىھال خاراكتېردىكى كىتابىنى سېتىۋېلىپ كۆرۈپمۇ باقتىم. كىتابتا ئاشۇ ئىشلار توغرىلىق ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمەپتۇ. مۇمكىن بولسا 1986-يىلدىكى ئاشۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىسمى، بولۇپمۇ ئاشۇ سۈرەت تارتىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىشلار ھەققىدە ئازراق ئۇچۇر بەرسىڭىز. تېمىغا مۇناسىۋەتسىز سوئال سوراپ، شۇنچە ئالدىراشلىقىڭىزدا سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، ئەپۇ قىلارسىز.»
مەن «a.sayrami» قېرىندىشىمىزنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالىدا مەن ئالدى بىلەن ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم بىلەن ياپوندا بىللە بولغان ۋاقىتلاردىكى مۇھىم ئىشلار ۋە ئۆزۈمنىڭ بەزى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن. ئاندىن مەن نېمە ئۈچۈن ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم ئۆزىنىڭ ياپونىيىدىكى بۇ پائالىيىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ بىرەر يازمىلىرىدا توختالمىغانلىقى ھەققىدىكى ئۆزۈمنىڭ پەرىزىنى قىسقىچە تىلغا ئېلىپ ئۆتىمەن. ئەڭ ئاخىرىدا ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمدەك ئۆزىنى مەلۇم بىر ئۇلۇغۋار ئىشقا ئاتىۋەتكەن كىشىلەر ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدىغان مۇھىم ئامىللار ھەققىدىكى بىر ئىلمىي نەزەرىيىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
1-رەسىم: 1986-يىلى 10-ئايدا رەھمەتلىك ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم كوبېدىكى كانسېي گاكۇيىن ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور كوداما شىنجىرو ئەپەندى قاتارلىق بىر قانچە پروفېسسورلارنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن ياپونىيىگە ئىلمىي دوكلات بېرىشكە كەلدى. مەن شۇ چاغدا ياپونىيىدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ ئۇيغۇرچە دوكلاتىنى نەق مەيداندا ياپونچىغا تەرجىمە قىلىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ بەردىم. بۇ رەسىم 1986-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى بىر ئىلمىي دوكلات جەريانىدا تارتىلغان.
1. مۇئەللىمنىڭ ئىلمىي پائالىيىتى ھەققىدە
يۇقىرىدىكى 1-رەسىم 1986-يىلى 6-ئۆكتەبىر كۈنى تارتىلغان. ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم شۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىگە كېلىپ، ئۇ يەردە بىر قانچە كۈن ئىلمىي دوكلات بېرىش ۋە زىيارەت قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن. مەن ئۇ چاغدا توكيونىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، توكيو بىلەن بولغان ئارىلىقى 500 كىلومېتىردەك كېلىدىغان ئوساكا شەھىرىدە بولۇپ، ئوساكا ئېلېكترو-خەۋەرلىشىش ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان ئىدىم. شۇڭلاشقا توكيودىكى پائالىيەتلەرگە مەن قاتناشمىغان بولۇپ، توكيودىكى تەرجىمانلىق ئىشىنى ئۇيغۇر دىيارىدىن كېلىپ بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان، شىۋە مىللىتىدىن بولغان بىر ياش ئۆز ئۈستىگە ئېلىپتۇ. يەنى، توكيودا ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم خەنزۇچە سۆزلەپ، ھېلىقى شىۋە ياش ئۇنىڭ نۇتقىنى خەنزۇچىدىن ياپونچىغا تەرجىمە قىلىپ بېرىپتۇ. ساياھەت جەريانىدىكى تەرجىمانلىقنىمۇ ئاشۇ ياش ئۆز ئۈستىگە ئېلىپتۇ.
ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنى ياپونغا تەكلىپ قىلغان ئىككى پروفېسسور مەن ياپونغا كېلىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ ساياھەتتە بولغان، ھەمدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغىمۇ كېلىپ، ئىلمىي سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، مەن ئۇلار بىلەن شۇ چاغدا تونۇشۇپ قالغان ئىدىم. ئۇلار كېتىشتىن بۇرۇن ماڭا ئۆزلىرىنىڭ ياپوندىكى ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىنى قالدۇرۇپ، مەندىن ياپونغا بارغاندىن كېيىن ئۇلار بىلەن چوقۇم ئالاقىلىشىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى كوبېدىكى كانسېي گاكۇيىن ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، «كوداما» ئىسىملىك يەنە بىر كىشى بولسا ئوخشاش مەكتەپنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ئىدى. كوداما مۇئەللىم ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جۇڭگو تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان بولۇپ، بىر قانچە كىتاب يازغان، ھەمدە ئاشۇ كىتابلىرىغا ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىمۇ بىر قىسىم مەزمۇنلارنى كىرگۈزگەن ئىدى. مەن ياپونغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈۋاتقان ئىدىم. بولۇپمۇ كوداما مۇئەللىم ئۇيغۇرلارنىڭ تاماقلىرىغا بەك ئامراق بولۇپ، ئۇنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن مەن ئۇنىڭغا پولۇ ئېتىشنى ئۆگىتىپ قويدۇم. شۇنىڭ بىلەن مەن بەزى شەنبە كۈنلىرى كەچتە ئۇنىڭ ئۆيىگە بارسام، ئۇ پولۇ ئېتىپ تۇرىدىغان بولغانىدى. شۇڭلاشقا مەن ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ ياپونغا كېلىدىغانلىقىنى ئاشۇ پروفېسسورلاردىن ئەڭ دەسلىپىدىن تارتىپلا بىلىپ تۇرغان ئىدىم. ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم ئوساكا رايونىغا كەلگەندىن كېيىن، تەرجىمانلىقنى مەن ئۆز ئۈستۈمگە ئالدىم. مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشىچە، يۇقىرىدىكى 1-رەسىم ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر گۇرۇپپا ياپونلۇق پروفېسسورلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى مۇتەخەسسىسلىرىگە بىر مەيدان ئىلمىي دوكلات بېرىۋاتقاندا تارتىلغان بولۇپ، ئۇ دوكلاتنىڭ تېمىسى «ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يېتۈك قامۇسى - قۇتادغۇبىلىك» ئىدى. ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم سۆزلىگەن كونكرېت مەزمۇنلار ئېسىمدە قالمىدى. مەن شۇ قېتىم ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم بىلەن جەمئىي 2-3 كۈندەك بىرگە بولغان بولۇپ، بىز ئاشۇ يىغىن ئېچىلغاندىن باشقا ۋاقىتلاردا كيوتو، ئوساكا ۋە كوبېدىكى بىر قىسىم داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق. ھەمدە ئاشۇ رايوندىكى بىر قانچە گۈزەل جايلارنى تاماشا قىلدۇق. بىر كۈنى كەچتە بىر قانچە ياپونلۇق پروفېسسورلار بىلەن بىللە بىر ئىسسىق كۆلگە كىرىپ، ھۇزۇرلاندۇق . تۆۋەندىكى 2-رەسىم ئەنە شۇ چاغدا تارتىلغان.
2-رەسىم: كوداما ئەپەندى ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنى بىر ئىسسىق سۇ كۆلىگە ئاپارغان ۋاقىتتىكى بىر كۆرۈنۈش.
ماڭا شۇ چاغدا ئەڭ تەسىر قىلغان نەرسە، ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ قولىدىن زادىلا چۈشمەيدىغان بىر خاتىرە دەپتەر بىلەن بىر قەلەم بولدى. مۇئەللىم بارغان ھەممە يەرلەردە ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسىلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتەتتى. بىر نەرسە ئېسىگە كېلىپ قالسا، مېڭىشتىن ياكى قىلىۋاتقان باشقا ئىشىدىن توختاپ، بىر يەردە ئولتۇرۇپ، ئېسىگە كەلگەن نەرسىنى خاتىرىسىگە دەرھاللا يېزىۋالاتتى. بىز بىر كۈنى كەچتە ياپونلۇق پروفېسسورلار بىلەن بىللە تاماق يەۋاتقاندا، مۇئەللىم تۇرۇپ-تۇرۇپلا خاتىرىسىنى ئېچىپ، بىر نەرسىلەرنى يازدى. ئۇ ئاشۇنداق بىر نەرسە يازغاندا، ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ئۇنىڭ خىيالىغا ئازراقمۇ كىرىپ قويمايتتى. ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ئۇنىڭغا ئازراقمۇ تەسىر قىلمايتتى. ئۇ بىر نەرسە يېزىۋاتقاندا بەزى ياپونلۇق پروفېسسورلار ئۇنىڭدىن سوئال سورىسىمۇ، ئۇ ياپونلۇقنىڭ گېپى مۇئەللىمگە ئاڭلانمايتتى. مەن خۇددى بىر ئۇخلاپ قالغان ئادەمنى ئويغاتقانغا ئوخشاش مۇئەللىمنىڭ قولىنى تارتىپ، ئۇنىڭغا بىرەيلەننىڭ ئۆزىگە گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ قوياتتىم. يەنى، كاللىسىدا ئويلاۋاتقان ئىش ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى قاپلىۋالىدىغان بولۇپ، ئۇ ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە گويا ئۇ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە باشقا بىر دۇنيادا ئۆزى يالغۇز تۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇنى بېرەتتى.
تۆۋەندىكى 3-رەسىمنى بىز كوبېدىكى بىر گۈزەل يەرنى ساياھەت قىلىۋاتقاندا تارتقان. مۇشۇ رەسىمدىكى ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ قولىدىكى خاتىرە دەپتەرگە دىققەت قىلىپ قويۇڭ. يەنى، مۇئەللىم ساياھەت جەريانىدىمۇ قولىغا بىر خاتىرە دەپتەرنى ئېلىۋالغانىدى.
3-رەسىم: ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم قاتارلىق بىر قانچە كىشى كوبېدا بىللە ساياھەت قىلىۋاتقاندىكى بىر كۆرۈنۈش. بۇ رەسىمدىكى قالغان ئىككى كىشى كوداما مۇئەللىمنىڭ ئايالى بىلەن توكيودا تەرجىمانلىق قىلغان شىۋە ئوقۇغۇچى.
بىز بىللە بولغان بىر كەچلىك تاماق ئەنە شۇنداق ئۆتتى. تاماقتىن كېيىن مۇئەللىم ماڭا: «ئەركىن، مەن ھازىرلا بىر پارچە شېئىر يازدىم. ئۇنى سىزگە ئوقۇپ بېرەي»، دەپ، يازغان شېئىرىنى ماڭا ئوقۇپ بەردى. يازغان ئۇ شېئىرى ئۆزى ياپوندا كۆرگەن ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ كونكرېت مەزمۇنى مېنىڭ ئېسىمدە قالماپتۇ.
مەن مۇئەللىم بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقىت مېنىڭ ياپونغا كەلگىنىمگە بىر يىلدىن سەل ئاشقان ۋاقىت بولۇپ، ئۇ چاغلاردا مېنىڭ كۈنلۈك ئىشلىرىممۇ ئىنتايىن جىددىي ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۇ چاغدا ھەرگىزمۇ ئاشۇ بىر قانچە كۈننىڭ مېنىڭ مۇئەللىم بىلەن كۈنلەپ بىللە بولالايدىغان ئەڭ ئاخىرقى كۈنلەر بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىغان ئىدىم. ئەگەر ئاشۇنداق بولۇپ قېلىشىنى بىلگەن بولسام، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ بارلىق ۋاقتى ۋە زېھنىنى مۇئەللىمنى كۆزىتىش، ۋە ئۇ قىلغان ئىشلارنى ۋە ئۇ يازغان نەرسىلەرنى تەپسىلىي خاتىرىلىۋېلىشقا قاراتقان بولاتتىم.
مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا، يەنى 1980-يىللىرى، قېيۇم باۋۇدۇن ئاكىمىز مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىدى. شۇ چاغدا ئۇ كۆپ قېتىملىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار چوڭ يىغىنلىرىدا «بىز 30 يىلدا پروفېسسورلاردىن ئاران ئىككىنى يېتىشتۈردۇق. ئۇلارنىڭ بىرى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدىكى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، يەنە بىرى بولسا جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدىكى مىجىت خۇدابەردى. ئەگەر بىز كېيىنكى 30 يىل ئىچىدە پروفېسسوردىن يەنە ئاران ئىككىنى يېتىلدۈرسەك، ئۇ بىز ئۈچۈن بىر چوڭ نومۇس بولىدۇ. شۇڭا سىلەر تىرىشىپ ئوقۇڭلار، بۇنداق ئەھۋالغا خاتىمە بېرىڭلار»، دېگەن مەزمۇندىكى گەپلەرنى قىلغانىدى. مەن ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ ئىسمىنى ئەڭ دەسلىپىدە ئەنە شۇنداق ئاڭلىغان ئىدىم. لېكىن مەن فىزىكا فاكۇلتېتىدا ئوقۇغۇچى، مۇئەللىم بولسا ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغاچقا، ماڭا ئۇ چاغدا مۇئەللىم بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولمىغان ئىدى.
مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئاشۇ يىللاردا، ئۈرۈمچىدە ھەر يىلى بىر قېتىم داڭلىق شائىرلار تاللاپ قاتناشتۇرۇلىدىغان شېئىر دېكلاماتسىيە يىغىنى ئۆتكۈزۈلەتتى. مەن ئۇ چاغدا بىر شائىر ئەمەس ئىدىم (مەن ھەرگىزمۇ «شائىر» دېگەن سالاھىيەتكە يېقىن كېلەلەيدىغان بىرى بولۇپ باققان ئەمەس بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنداق بولۇپ باقمىدىم). پەقەت شۇ چاغلاردا مېنىڭ بىر قانچە پارچە شېئىرلىرىم شىنجاڭ گېزىتىگە بېسىلغان ئىدى. ئەمما مەن ئۇ چاغدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ۋە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق 5 چوڭ ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالغان بولۇپ، شۇ چاغلاردا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھەر يىلى بىر قېتىم مەكتەپ بويىچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ شېئىر دېكلاماتسىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىدىم (شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ فاكۇلتېتلار ئارا سەنئەت كۆرىكىنىمۇ يىلدا بىر قېتىم تەشكىللەپ تۇرغان ئىدىم). ئوقۇشۇم ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، ئۆزلۈكۈمدىن ئىنگلىز تىلىمۇ ئۆگىنىۋاتقان ئىدىم. شۇڭلاشقا رادىئو ۋە گېزىت-ژۇرناللاردا كۆپلەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان ئىدىم (ئۇ چاغدا ئائىلىلەردە تېخى تېلېۋىزورلار يوق بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدا تارقىتىلىدىغان تېلېۋىزور پروگراممىسى بار-يوقلۇقىنى بىلمەيدىكەنمەن. بىزنىڭ مەكتەپتىكى بىر دەرس پروجېكتى سۈپىتىدە قىلغان بىر ئىشىمىز بىر قانچە ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە بىردىن رەڭسىز تېلېۋىزور قۇراشتۇرۇپ چىقىش بولغانىدى). قايسى سەۋەبتىنكىن ئۇ ھازىر ئېسىمدە قالماپتۇ، ئىشقىلىپ مەن ھېلىقى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى داڭلىق شائىرلار يىغىلىپ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىدىغان يىغىنغا ئۇدا 2 يىل تەكلىپ قىلىندىم. بۇ يىغىندا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىدىغان سانغا ئېرىشىش ئىنتايىن قىيىن بولۇپ، ئۇ يىغىندا دېكلاماتسىيە قىلىنغان شېئىرلار ناھايىتى تېزلا ئاپتونوم رايونلۇق گېزىت ياكى ژۇرناللارغا بېسىلاتتى. مەن شۇ چاغدا ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم، تېيىپچان ئىلىيوپ قاتارلىق داڭلىقلارنىڭ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلغىنىنى بىۋاسىتە ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. بىر قېتىملىق يىغىندا مېنىڭ قېشىمدا ئولتۇرغان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ بىر ئايال مۇئەللىمى ماڭا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشقا بىر سان بېرىلگەنلىكىنى، ئەمما مېنىڭ تەييارلىغان شېئىرىم يوقلۇقىنى بىلىپ، دەرھال يېنىدىن ئۆزى يېزىپ تەييارلاپ قويغان بىر پارچە شېئىرنى چىقىرىپ ماڭا بېرىپ، «ئۇكام، ماۋۇ شېئىرنى ئۆزۈڭنىڭ شېئىرى، دەپ دېكلاماتسىيە قىلىۋەتكىن، ھەمدە ئۆز نامىڭدا ئېلان قىلىۋەرگىن. ئۇ مېنىڭ ساڭا قىلغان ھەدىيەم بولسۇن»، دېدى. ئۇ خانىم شېئىر تەييارلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا دېكلاماتسىيە قىلىش سانى بېرىلمىگەن ئىكەن. ئۇ پەقەت بىر ساننى ئۆلتۈرۈۋەتمەسلىك ۋە ماڭا ياردەم قىلىش ئۈچۈنلا ياخشى كۆڭۈللۈك بىلەن بۇ تەكلىپنى قىلغانىدى. ئەمما مېنىڭ كىشىلىك خاراكتېرىم بويىچە مەن ئۇنداق ئىشنى قەتئىيلا قىلالمايتتىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىنتايىن تەڭلىكتە قالدىم. ناھايىتى قاتتىق ئازابلاندىم. ھەمدە ئۇ يىغىنغا قاتناشقىنىمغىمۇ ئىنتايىن پۇشايمان قىلدىم. يېرىم سائەتتەك قاتتىق ئويلىنىپ، ئاخىرى ئۇ خانىمغا: «كەچۈرۈڭ، مەن ئۇنداق قىلالمايمەن»، دېدىم (ئۇ ھەدىمىز ھازىرمۇ ھايات بولۇپ، ناھايىتى ياشىنىپ قالدى. ئۇنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن بۇ يەردە ئىسمىنى ئاتىمىدىم). بۇ ئىشلار مېنىڭ ئېسىمدە ھازىرمۇ خۇددى تۈنۈگۈنكى ئىشلاردەكلا ساقلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما ھېلىقى يىغىندا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلغان داڭلىق شائىرلارنىڭ چىرايلىرى ئېسىمدە ئانچە قالماپتۇ.
يۇقىرىدىكى ھېكايە بىلەن مەزكۇر ماقالىنىڭ ئانچە مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. ئەمما ماقالىنى يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۇ ئىشلار ئېسىمگە كېلىپ قالدى. شۇڭا بۇ «كىچىككىنە تەرجىمىھالىم» خاتىرىلىنىپ قالسۇن، دەپ، ئۇنى بۇ يەرگە قىستۇرۇپ قويدۇم.
قىسقىسى، مەن ياپوندا ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتىنى خېلى ياخشى بىلەتتىم. ئەمما، شۇ چاغدىكى شارائىتتا كېيىنكى كۈنلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىغاچقا، ئاشۇ پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىۋېلىش ھەرگىزمۇ مېنىڭ ئېسىمگە كەلمەپتۇ. مەن ياپوندىكى ۋاقتىمدا كوبېدىكى بىر ياپونلۇق پروفېسسور شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ قولىدا 10 ئايدەك ئۇيغۇر تىلى ئۆگەندى. مەن ياپوندا ئۇنىڭ ئۆيىگە پات-پات بېرىپ تۇردۇم (ئۇ مۇئەللىمنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئايالى ۋە 3 بالىسى بىر ئۆيدە تۇراتتى). ئۈرۈمچىدە بولسا ئايالىم ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە پات-پات بېرىپ، رەنا ئاپپاينىڭ ھېلىقى ياپونلۇق پروفېسسورنى كۈتۈشىگە ياردەملىشىپ بەردى.
مەن ياپوندىن قايتىپ، ئامېرىكىغا مېڭىشتىن بۇرۇن، يەنى 1988-يىلى 5-ئايدىن 8-ئايغىچە ئۈرۈمچىدە 3 ئايدەك ۋاقىت تۇرۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى 4 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ باكلاۋۇرلىق ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسىگە يېتەكچىلىك قىلدىم. شۇ چاغدا مۇئەللىمنىڭ ئۆيىدە بىر قانچە قېتىم ئايرىم مېھمان بولۇپ، مۇئەللىم بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىلىرى توغرىسىدا خېلى كۆپ پاراڭلاشتۇق. بىزنىڭ ئىدىيىمىزدە خېلى كۆپ ئوخشاشلىقلار بار بولۇپ، ھەر قېتىم بىللە بولغاندا بىزنىڭ گېپىمىز تۈگىمەي كېتەتتى. شۇ ۋاقىتتا بىر پارچە ئەدەبىي ئاخبارات يېزىش ئۈچۈن، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ مۇخبىرى مىڭچېبى (موڭغۇل) بىلەن ئۇنىڭ ئايالى لولۇلۇ مۇئەللىم بىلەن ئىككىمىزنى كۆپ قېتىم ئايرىم-ئايرىم زىيارەت قىلىپ، بىز بىلەن سۆھبەتلەشتى. بۇ ماقالە مەن ئامېرىكىغا كەتكەندىن كېيىن پۈتۈپ، «ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش» دېگەن تېمىدا ئېلان قىلىندى، ھەمدە ئىنتايىن زور تەسىر قوزغىدى. ئۇ ماقالىنى ئوقۇپ باقمىغان قېرىنداشلارغا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، مەن ئۇ ماقالىنى مەزكۇر يازمىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇپ قويدۇم. شۇ ۋاقىتلار ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم ياپوندىن قايتىپ كەلگىنىگە ئانچە ئۇزۇن بولمىغان ۋاقىتلار بولۇپ، 1986-يىلى ياپونغا بېرىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇئەللىم يەنە باشقا دۆلەتلەرگىمۇ بېرىپ كەلدىمۇ، مەن ئۇنى بىلمەيدىكەنمەن. ئىشقىلىپ مېنىڭ پەرىزىمچە مۇئەللىمنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى ئىدىيىلىرى يۇقىرىدىكى «ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش» دېگەن ماقالىدا تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، مۇئەللىمنىڭ ياپونغا قىلغان ئىلىم زىيارىتىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى باشقا بىرەر پارچە ماقالىسىگە كىرگۈزمەسلىكىدىكى ئاساسىي سەۋەب مۇشۇ بولۇشى مۇمكىن. بۇ مېنىڭ شەخسىي پەرىزىملا بولۇپ، بۇ ئىشنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچى بىرلا ئاللاھتۇر.
مەن 2012-يىلى 12-ئايدا ئوغلۇم دىلشاتنى ساياھەت قىلدۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ياپونغا باردىم. ئوغلۇم كۆرمەكچى بولغان يەرلەرنىڭ ھەممىسى توكيو ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا بولغاچقا، مەن ئارىلىقتا 2 كۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ، «شىنكانسېن» دەپ ئاتىلىدىغان تېز سۈرئەتلىك پويىزدا ئولتۇرۇپ، كيوتو، ئوساكا ۋە كوبېلارغا بېرىپ، ئەينى ۋاقىتتا ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنى ياپونغا تەكلىپ قىلغان، ھەمدە ماڭا خۇددى ئۆز ئوغلىدەك مۇئامىلە قىلغان كوداما مۇئەللىمنى يوقلاپ كەلدىم. بۇ مۇئەللىم ھازىر بىر ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولۇپ، ئاساسەن يول ماڭالمايدىكەن. ئەمما مەن ئۆيىگە بارغاندا، ناھايىتى سوغۇق ھاۋاغا ۋە ئاغرىقىغا قارىماي، ھاسىسىغا قاتتىق تايىنىپ، مېنى ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇپتۇ. مەن ئۆيىگە كىرىپ، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن بىلەن بىر-ئىككى سائەت پاراڭلاشتىم. بۇ مۇئەللىمنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئاجايىپ كۆز-قاراشلىرى بار بولۇپ، مەن بۇ قېتىممۇ سۆھبىتىمىزدىن ناھايىتى ھۇزۇرلاندىم. كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان بىرلا يېرى، مەن ياپوندىن ئايرىلغىلى 26 يىلدىن ئاشقان بولغاچقا، مەن بۇ قېتىم تارىخ ھەققىدە ياپون تىلىدا بۇرۇنقىدەك سۆزلىشەلمىدىم. شۇڭا ياپونچە گەپلەرنى تاپالمىغاندا ئىنگلىزچە سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە مەجبۇرى بولدۇم. كوداما مۇئەللىم بىلەن ئايالى ئىككىيلەن مېنى تاكسى بىلەن بىر رېستورانغا ئاپىرىپ مېھمان قىلىپ، ئاندىن مەن بىلەن خوشلاشتى. تۆۋەندىكى 4-رەسىم شۇ قېتىم تارتىلغان.
4-رەسىم: 2012-يىلى 12-ئايدا مەن ئوغلۇمنى ساياھەت قىلدۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ياپونىيىگە باردىم. شۇ سەپەر جەريانىدا مەن ئۆزۈم مەخسۇس كوبېغا بېرىپ، كوداما شىنجىرو مۇئەللىمنى يوقلاپ كەلدىم. بۇ شۇ چاغدىكى بىر كۆرۈنۈش.
مەن ئۇ كۈنى كوبېدىن كيوتوغا كېلىپ، ھازىر كانسېي گاكۇيىن ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى قىلىۋاتقان بىر ياپونلۇق كونا دوستۇمنىڭ ئۆيىدە بىر ئاخشام قوندۇم. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئەتىسى كيوتوغا يېقىن جايدىكى ياپوننىڭ بۇرۇنقى پايتەختى نارانى ساياھەت قىلىپ، كەچ تەرەپتە توكيوغا قايتىپ كەلدىم. بۇ قېتىمقى سەپەردە ياپوندەك بىر باي دۆلەتتىكى ئىككى پروفېسسورنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ، مەن كۆرگەن ئىنتايىن تەسىرلىك ئەھۋاللار بار. يەنى، ھازىر پۈتۈن ياپون خەلقى دۆلىتىنىڭ توكنى ئىقتىساد قىلىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، توك ئىشلىتىشتە ئىنتايىن ئىقتىسادچىل بولۇپ كېتىپتۇ. كوداما مۇئەللىم بىر داچا ئۆيدە تۇرسىمۇ، پەقەت بىرلا ياتاق ئۆيىنى ئىسسىتىپ، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن شۇ ئۆيىدە تاماق يەيدىكەن، شۇ ئۆيىدە پۇتلىرىنى يوتقان بىلەن ئوراپ ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرىدىكەن، ھەمدە شۇ ئۆيىدە ئۇخلايدىكەن. يەنى، ئۇ ئىككىيلەن ئاشۇ بىر ياتاق ئۆيدىلا ياشايدىكەن. تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ساكاگۇرا مۇئەللىممۇ بىر داچا ئۆيدە تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلار بولسا پۈتۈن ئۆيىدە بىر ۋاقىتتا ئۇزۇنلۇقى ئىككى غېرىچ كېلىدىغان، توملۇقى باش بارماقتەك كېلىدىغان، توك ئىقتىساد قىلىدىغان چىراغدىن پەقەت بىرىنىلا توكقا ئۇلايدىكەن. ھەمدە كۈندۈزى ئاشخانا ئۆيىنى ئىسسىتىپ، ئاخشىمى ياتاق ئۆيىنى ئىسسىتىدىكەن. بىر ئۆيدىن يەنە بىر ئۆيگە كىرمەكچى بولسا، بىر چىراغنى ياندۇرۇپ، يەنە بىرىنى ئۆچۈرۈپ ماڭىدىكەن. مەن كېيىنچە بىر ياخشىراق پۇرسەت تېپىپ، بۇ ھەقتە تەپسىلىيرەك سۆزلەپ بېرىشىم مۇمكىن.
2. مۇئەللىمنىڭ سۆزى: ئەرلەر ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان 3 نەرسە
مەن ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم بىلەن بىر كۈنى كەچتە پاراڭلىشىپ كېتىۋاتقاندا، ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «ئەرلەر ئۈچۈن مۇنداق 3 نەرسە ئەڭ مۇھىم:
(1) بىلىم
(2) پۇل
(3) بىر ياخشى خوتۇن
ئۇ چاغدا بىز قانداق تېما ئۈستىدە پاراڭلىشىۋاتقانلىقىمىز ئېسىمدە قالماپتۇ. ئەمما بۇ سۆزلەر مەن ئۈچۈن شۇ چاغدا بىر مۇھىم ھېكمەتلىك سۆزدەك تۇيۇلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۆزلەرنى ئېسىمدىن زادىلا چىقارمىدىم. ماڭا ياپوندىكى ئوقۇشنى تاماملاپ، ياپوندىن ئايرىلغىلى 26 يىلدىن ئاشتى. ئاشۇ 26 يىللىق ھاياتىمدا مۇئەللىمنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرىنىڭ نەقەدەر توغرا ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. باشقىسىنى قويۇپ تۇرۇپ، پەقەت «بىر ياخشى خوتۇن» دېگەنگىلا قاراپ باقىدىغان بولساق، ئەگەر مەندە ئۆزۈمگە ناھايىتى يېقىندىن ماسلىشىپ بېرىدىغان، مېنى يېقىندىن قوللاپ بېرىدىغان، ناھايىتى ياخشى يۈرۈشۈپ كېتىۋاتقان بىر خاتىرجەم ئائىلە بولمىغان بولسا، ماڭا ھازىرقىدەك دەم ئېلىش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ، ھەپتىسىگە بىر پارچە ماقالە تەييارلاش قەتئىيلا مۇمكىن بولمايتتى. مەن جاھان ئايلىنىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر ئۇكىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن تونۇشتۇم. مېنىڭ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگىنىم، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېنىدا «بىر ياخشى خوتۇن» بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۆزى ناھايىتى قابىلىيەتلىك بولسىمۇ تېخىچە دېگەندەك مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىغان ئەرلەردە بولسا بىر خاتىرجەم ئائىلە كەم ئىكەن. بىر ئائىلە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ئۈچۈن، شۇ ئائىلىدىكى ئەر بىلەن ئايال چوقۇم تەڭ بەدەل تۆلىشى كېرەك. بۇ ئىشتا ئەر بىلەن ئايالنىڭ خىزمەت تەقسىماتى ئوخشىمايدۇ. ئەمما تۆلەيدىغان بەدەلنىڭ دەرىجىسىدە بەك چوڭ پەرق بولمايدۇ. ئەگەر چوڭ پەرق بولىدىكەن، چوقۇم تەڭپۇڭسىزلىق يۈز بېرىدۇ. شۇڭا مېنىڭ بارلىق سىڭىللارغا دەيدىغىنىم، ئەگەر ئېرىڭىز بىر توغرا يولنى تاللاپ قاتتىق تىرىشىۋاتقان بولسا، ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن قوللاڭ، ھەمدە ئۇنىڭغا بارلىقىڭىزنى ئاتاپ ياردەم قىلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئېرىڭىز سىزنى بارغانسېرى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ ماڭىدۇ، ھەمدە قىلغان ياردىمىڭىزنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈنمۇ بۇرۇنقىدىن بەكرەك تىرىشىدۇ.
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەن غايە ھەققىدە تېما تەييارلاۋاتقاندا، توساتتىن ئېسىمگە مۇنداق بىر ئىش كېلىپ قالدى: بىز جەمئىي 6 بالا بولۇپ (مەن بالىنىڭ ئىككىنچىسى)، ئاپام ئاكام بىلەن ئىككىمىز تۇغۇلغاندىن كېيىنلا ئۆزىنىڭ ئىشچىلىق خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىۋەتكەن ئىكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى يالغۇز دادامنىڭ كىرىمىگە تايىنىپ ياشىغانلىقتىن، مېنىڭ بالىلىق دەۋرىم ناھايىتى جاپالىق ۋە ئاچارچىلىق ئىچىدە ئۆتتى. كۆپ ۋاقىتلاردا ئاچ قورساق يۈرۈشكە مەجبۇرى بولدۇق. يەنى ئۇ چاغدا ئاش نورمىلىق، بىزنىڭ يېزىلاردىن كېلىدىغان تۇغقانلىرىمىز كۆپ بولغاچقا، ئاشلىق نورمىمىز ئۆزىمىزگە زادىلا يېتىشمەيتتى. شۇڭلاشقا مەن ناھايىتى كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپلا قاتتىق تىرىشىدىغان، ۋە كۆپ ئويلىنىدىغان ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈۋالغان ئىدىم. مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، پۈتۈن جۇڭگو بويىچە «بىلىمنىڭ كېرىكى يوق» دېگەن بىر سەپسەتە كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىنىپ يۈرگەندە، مەن «بىلىم چوقۇم ئەسقاتىدۇ» دېگەن ئىدىيىنى تەشۋىق قىلىپ يۈرگەن، ھەمدە سىنىپىمىزدىكى بالىلاردىن پۇل يىغىپ، ئۇنىڭغا شۇ چاغدا يېڭىدىن چىققان ئۇيغۇرچە كىتابلىرىنى سېتىۋېلىپ ئەكېلىپ، بالىلارغا تارقىتىپ بېرىپ يۈرگەن ئىدىم. 1972-1973-يىللىرى بولسا كېرەك، مەن ئاقسۇ 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئۆزۈم ئۈچۈن مۇنداق 3 چوڭ نىشان تۈزدۈم:
(1) ئەڭ يۇقىرى پەللىگىچە ئوقۇش
(2) ئۆزۈمنىڭ ئىقتىسادىي تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش
(3) بىر بەختلىك ئائىلە قۇرۇش
ئۇ چاغدا مەن ئوقۇشتىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. ئەمما مەن ئۇ چاغدا بىلىمنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ۋە پايدىلىق نەرسە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدىم. مېنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىم ۋە مەن بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يازما سۆھبەتنىڭ خاتىرىسىدە بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار بار [2]. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئويلىسام، مەن ئەينى ۋاقىتتا تۈزگەن يۇقىرىدىكى 3 نىشان ماھىيەت جەھەتتىن ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم ماڭا 1986-يىلى دېگەن «ئەرلەر ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان 3 نەرسە» بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن. يەنى، مەن ئاشۇ 3 نەرسىگە ئېرىشىشنى ئۆزۈم ئۈچۈن ئاساسىي نىشان قىلىپ تىكلىگەن ئىكەنمەن. بۇ باغلىنىشنى بايقىغاندىن كېيىن، مەن ھەم ھەيران بولدۇم، ھەم خۇشال بولدۇم. ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم ياپوندا پاراڭلىشىش جەريانىدا ماڭا دېگەن، ھەمدە مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم سۆز بولۇپ تۇيۇلۇپ، مېنىڭ ئېسىمدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن سۆزلەر مۇشۇ بولغاچقا، مەن ئۇنى بۇ يەرگە قىستۇرۇپ قويدۇم.
ئۇ قېتىمقى پاراڭلار جەريانىدا مۇئەللىم قىزلار ئۈچۈن نېمە ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىدى. شۇڭلاشقا بۇ يەردە ئۇ توغرۇلۇق بىر نەرسە يازالمىدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن سىڭىللار ۋە خانىملاردىن ئەپۇ سورايمەن.
مەن يېقىندا ئىمام ۋە دوكتور ياسىر قازىنىڭ ئامېرىكا مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى (Muslim Students Association) نىڭ بىر قېتىملىق يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىنى ئاڭلىدىم [3]. بۇ قېتىمقى دوكلاتتا ياسىر قازى نۆۋەتتە ئىسلام دىنى دۇچ كەلگەن بىر قىسىم قىيىن مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالغان بولۇپ، دوكلاتىنىڭ ئەڭ بېشىدا ئۇ ئىنسانلار ئۈچۈن زۆرۈر بولغان 3 ئاساسلىق نەرسىنى تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دېدى: «ئاللاھ بىزنى 3 ئاساسلىق ئېھتىياج بىلەن بىللە ياراتقان. ئۇلار ماددىي (physical) ئېھتىياج، مەنىۋى (spiritual) ئېھتىياج، ۋە بىلىم (intellectual) ئېھتىياجلىرىدىن ئىبارەت. بۇ يەردىكى 1-ئېھتىياج ماددىي ئېھتىياج بولۇپ، بىز يېمىسەك بولمايدۇ، ئىچمىسەك بولمايدۇ، ھاۋا بىلەن نەپەس ئالمىساق بولمايدۇ. ئەگەر بىزدە بۇ نەرسىلەر بولمايدىكەن، بىز ئۆلىمىز. ئىككىنچىسى، بىزنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىمىزمۇ بار. بۇ مەنىۋى ئېھتىياجىمىزمۇ قانائەتلەندۈرۈلۈشى كېرەك. ئەگەر ئۇ قانائەتلەندۈرەلمەيدىكەن، نېمە بولىدۇ؟ ئەگەر ئۇ قانائەتلەندۈرەلمەيدىكەن، نۇرغۇن ئىشلار يۈز بېرىدۇ. ئۇنىڭ بىرىنچىسى ۋە ئەڭ مۇھىمى، چۈشكۈنلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. ئىككىنچىسى ھاياتنىڭ مەنىسىزلىكى كېلىپ چىقىدۇ. سىز ھاياتىڭىزنىڭ ناھايىتى قۇرۇق ئىكەنلىكىنى، پەقەت كۈن ئۆتكۈزۈپ ياشاۋاتقانلىقىڭىزنى، ھاياتىڭىزدا بىر يۇقىرى نىشاننىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلىسىز. شۇڭلاشقا ئەگەر سىزدە بىر يۇقىرى نىشان بولمايدىكەن، سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر نىشاننى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، ئۇنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرىدىكى نىشان قىلىپ تىكلەيسىز. كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئاتايدىغان بىر يۇقىرى نىشانغا ئېھتىياجلىق بولىدىغان بولۇپ، ئاللاھ ئىنسانلارنى ئەنە شۇنداق ياراتقان. ئىنسانلارنىڭ 3-ئېھتىياجى بولسا بىلىم جەھەتتىكى ياكى ئەقلىي ئېھتىياجدىن ئىبارەت. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەقلىنى، ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ھەۋىسىنى قانائەتلەندۈرۈشكىمۇ ئېھتىياجلىق بولىسىز. ئىسلام سىزگە مۇشۇ 3 جەھەتتىكى ئېھتىياجلارنىڭ ھەممىسىنى تەڭ قاندۇرۇش ئۈچۈن قانداق ياشىشىڭىز كېرەكلىكىنى ئۆگىتىدۇ.»
يۇقىرىدا ياسىر قازى تىلغا ئالغان ئىسلام چۈشەنچىسىدىكى ئىنسانلارنىڭ 3 چوڭ ئېھتىياجىنىڭ ئىككىسى ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم «ئەرلەر ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم» دەپ قارىغان 3 نەرسىنىڭ ئىككىسى بىلەن ئوخشاش ئىكەن.
مەن تولۇق ئوتتۇرىنىڭ يۇقىرى يىللىقىدىن باشلاپ مۇھەببەتنىڭ دەردىنى خېلى ئوبدان تارتتىم. شۇنىڭ بىلەن «ئادەمنى ساراڭ قىلىپ قويىدىغان بۇ مۇھەببەت دېگەن نەرسە زادى نېمە؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈستىدە يېزىدا قايتا تەربىيە ئالغان ۋاقتىمدىن تارتىپ ئالىي مەكتەپنىڭ 2- ياكى 3-يىللىقلىرىغا چىققۇچە ئىزدەندىم. نەتىجىدە مۇنداق نەرسىنى، يەنى «تۇرمۇشنىڭ جۇڭگوچە ئېنىقلىمىسى» نى بىلىۋالدىم: كىشىلىك تۇرمۇش 3 قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇلار ماددىي تۇرمۇش، مەنىۋى تۇرمۇش، ۋە ئىجادىيەت تۇرمۇشى (يەنى خىزمەت). مۇھەببەت مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى باشقا ھېچ قانداق بىر نەرسە بىلەن تولدۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇنى باشقا بىر نەرسە بىلەن ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ. مەن ئەسلىدە مۇھەببەتنى باشقا بىر نەرسە بىلەن ئالماشتۇرغىلى بولسا، ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن سەرپ قىلىشقا مەجبۇرى بولغان ۋاقتىم بىلەن زېھنىمنى ئۆزۈمنىڭ ئۆگىنىشى ۋە خىزمىتىگە سەرپ قىلىشنى ئويلىغان ئىدىم. ئىزدىنىشىم نەتىجىسىدە ئۇنداق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلىۋالدىم (ئېھتىمال بەزى كىشىلەر ئۈچۈن ئۇ مۇمكىندۇر، لېكىن ماڭا ئۇنداق بولمىدى).
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەزمۇنلارنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئىنسانلار يارىتىلغاندا ئۇلارنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويۇلغان ئاساسلىق ئېھتىياجلار بىلەن ئىنسانلار، جۈملىدىن ئەرلەر ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان نەرسىلەر ھەققىدە خېلى تولۇق چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇش مۇمكىن.
مەن ئۆزۈمنىڭ «بۇيرۇلغان ياردەم ۋە تىرىشچانلىق ـــ بەدرى ئۇرۇشىدىن ئويلىغانلىرىم» دېگەن ماقالىسىدە، ئۆزۈم ھېس قىلغان، ئاللاھ بۇيرۇغان ياردەمنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان بىر قەۋم ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بىر «قانۇنىيەت» نى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم. قىسقارتىپ ئېيتقاندا، ئۇ قانۇنىيەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: ئەگەر بىر قەۋم ئاللاھ بۇيرۇغان ياردەمگە ئېرىشمەكچى بولىدىكەن، ئۇ چوقۇم تاشتەك ئۇيۇشۇپ، توغرا ئىشلارنى تاللاپ، جاننى تىكىپ، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ، قاتتىق تىرىشىشى كېرەك. ھازىرقى زامانغا ماس كېلىدىغان «توغرا ئىشلار» ئۈچۈن مەن ئامېرىكا مائارىپىدا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان «تەبىئىي-پەن، تېخنولوگىيە، ئىنژېنېرلىق، ۋە ماتېماتىكا پروگراممىسى» نى تەۋسىيە قىلدىم. مەن يەكۈنلەپ چىققان خۇلاسە شۇ بولدىكى، ئەگەر بىر قەۋم يۇقىرىدىكى قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىدىكەن، ئۇ قەۋمنىڭ دىنچى بولۇش-بولماسلىقى، ئەگەر دىنچى بولسا قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئاللاھ ئۆزى خالىغان ياردەمنى ئاشۇ قەۋمغا يەتكۈزىدۇ. بۇ قانۇنىيەت ھەر بىر ئىندىۋىدۇئالغا ياكى ھەر بىر شەخسكىمۇ ماس كېلىدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ «مىكرو-باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭ زىيانلىرى» [1] دېگەن ماقالىسىدە ئۆز ھاياتىمدا يۈز بەرگەن، يۇقىرىدىكى قانۇنىيەتكە ئىسپات بولالايدىغان ئىشلاردىن بىرىنى تەسۋىرلىدىم. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ پۈتۈن ھاياتىم ئاشۇنداق ئىشلار بىلەن تولغان بولۇپ، مەن ھازىرغىچە ماڭغان ئەگرى يول تۈز يولدىن خېلىلا كۆپ.
يالغۇز قەۋم دائىرىسىدىلا ئەمەس، شەخسلەرنىڭ ئايرىم-ئايرىم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالىشى، ۋە چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلالىشىدا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر قىسىم تەبىئىي قانۇنىيەتلەرمۇ بار. ئۇنداق قانۇنىيەتلەرنى كىشىلەر 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە يەكۈنلەپ چىققان. مەن ھازىرغىچە بۇ جەھەتتە ئىسلام دىنىدا بار بولغان ئىدىيىلەرنى تېخى ئۇچرىتىپ باقمىدىم. ئەمما پەننىي جەھەتتىكى بىر قىسىم نەزەرىيىلەر «ناپولىيون خىلنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىكى ئۆزىگە تارتىشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» دېگەن داڭلىق ئىنگلىزچە كىتابتا بايان قىلىنغان بولۇپ، مەن ئاشۇ كىتابنىڭ مەزمۇنىنى ئىخچاملاپ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، «غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» دېگەن تېمىدا بىر ئۇزۇن ماقالە قىلىپ يېزىپ چىقىپ، ئۇنى 2011-يىلى 15-يانۋار كۈنى تورلارغا چىقىرىپ بولدۇم. بىراق، بۇ ماقالىنىڭ نەزەرىيىۋى سەۋىيىسى يۇقىرى، ۋە سەل ئابستراكت بولۇشىدەك بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇ ماقالە ئوقۇرمەنلەرنى دېگەندەك ياخشى جەلپ قىلالمىدى. مەن تۆۋەندە ئاشۇ ماقالىنىڭ ئىككى كىچىك قىسمىنى بايان قىلىمەن. مېنىڭ ئوقۇرمەنلەردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىم، سىز يۇقىرىدىكى 3-رەسىمدىكى ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم ساياھەت جەريانىدا قولىدا كۆتۈرۈپ يۈرگەن خاتىرە دەپتەرنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، ۋە مۇئەللىمنىڭ مەن يۇقىرىدا بايان قىلغان ئادىتىنى ئەسلەپ تۇرۇپ، تۆۋەندىكى مەزمۇننى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىڭ. ئېھتىمال بۇ قېتىم ئۇ مەزمۇندىن ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلالىشىڭىز مۇمكىن.
مەن ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى بىر ماقالىسىدە ياپونلار، گېرمانلار ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ئانچە كۈلمەيدىغانلىقىنى، ئانچە ئوينىمايدىغانلىقىنى، ۋە كۆپ ئويلايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدىم. ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمدىمۇ ئەنە شۇنداق خاراكتېرلەر بار ئىدى. بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەر ئېھتىمال ئاشۇ خاراكتېر يۇقىرىدىكى 3 پارچە رەسىمدىمۇ نامايان بولۇپ تۇرغانلىقىغا دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭ بىلىشىمچە، ئەينى ۋاقىتتا ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنى تەنقىد، ھۇجۇم ۋە ھاقارەتلەرگە دۇچار قىلغان نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرى، ئۇنىڭ سورۇنلارغا، يەنى توي-نەزىر قاتارلىق يىغىلىشلارغا ئانچە قاتنىشىپ كەتمەسلىكى ئىدى. ئادەم بىر ئالىيجاناب مەقسەت ئۈچۈن ياشىغاندا، ۋاقىتتىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئوبدان پايدىلىنىش ئۈچۈن، ھۇزۇرلىنىش ۋە كۆڭۈل ئېچىشقا ياتىدىغان نۇرغۇن ئىشلاردىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرى بولىدۇ. ئېھتىمال ئەينى ۋاقىتتا مۇئەللىمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئۆزىگە ناھايىتى ئايدىڭ بولۇپ، ئۆزىنىڭ قېلىپ قالغان چەكلىك ۋاقتىدا مىللەت ئۈچۈن كۆپرەك ئىش قىلىپ بېرىشنى ئويلاپ، سورۇنلارغا بارمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بەزىلەر مۇئەللىمنى توغرا چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇپ بېقىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭغا ناھايىتى كۆپ ئازابلارنى پەيدا قىلىپ بەردى. بۇرۇنقى نۇرغۇن ۋاقىتلاردا مىللەت ئۈچۈن تۆھپە يارىتىشتا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەيىبلەنگۈچىلەر ئۆزىنىڭ بىرەر ئىشتىكى كەمتۈكلۈكى ياكى خاتالىقى ئۈچۈن ئەيىبلەنگەن بولماستىن، بەلكى باشقا بىر قىسىم «زىيالىي» ئاتالغان كىشىلەرنىڭ ھەسەتخورلۇقى، كۆرەلمەسلىكى، ۋە ئابرۇي بىلەن ئورۇن تالىشىشى تۈپەيلىدىن ئاشۇنداق ئەيىبلىنىشكە، ئېغىر دەرىجىدىكى ئازابلىنىشقا، ۋە ئۆزىنىڭ بىر قىسىم قىممەتلىك ۋاقتىنى تاشقى ھۇجۇملارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىشقا مەجبۇرى بولغان ئىدى. بىزنىڭ ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمدىن بەك بالدۇرلا ئايرىلىپ قېلىشىمىزغا سەۋەبچى بولغان ئىشلارنىڭ بىرىمۇ مۇشۇ بولۇشى مۇمكىن. خۇددى نۇرغۇنلىرىمىز كۆرۈپ تۇرغىنىمىزدەك، ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم دۇچ كەلگەن، ئەينى ۋاقىتتا يۈز بەرگەن بىر قىسىم يامان ئىشلار ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا ھازىرمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە داۋاملىشىۋاتىدۇ. بەزىلەر ھازىرمۇ مۇئەللىم دۇچ كەلگەن، مىللەت ئۈچۈن خالىسانە خىزمەت قىلىش يولىدا ھۇجۇمغا ۋە ھاقارەتلەشلەرگە ئۇچراشتەك تەقدىرلەرگە ئۇچراپ قېلىۋاتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمدە نام-ئابرۇي ۋە پۇل-دۇنيا يېتەرلىك بار ئىدى. ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ نام-ئابرۇيغا ۋە پۇل-دۇنياغا ئېھتىياجى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئاشۇنداق بىر ياخشى شارائىتقا ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىنمۇ توختاۋسىز ھالدا ئۆزىنىڭ جېنىنى تاتلىق بىلمەي قاتتىق تىرىشىشى پەقەت مىللەت ئۈچۈنلا ئىدى. ئەمما بىر قىسىم نادانلار ئۇنى چۈشەنمىدى. مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشىچە، زىيالىي قېرىنداشلاردىن بەزىلىرى ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم ئۆز ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا دۇچ كەلگەن ناچار مۇئامىلىلەر ھەققىدە بۇرۇن ناھايىتى تەپسىلىي ۋە ناھايىتى سۈپەتلىك ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدى. شۇڭلاشقا مەن بۇ يەردە ئاشۇنداق ئەھۋاللار ئۈستىدە بۇنىڭدىن كۆپ توختالمايمەن.
تۆۋەندە بايان قىلىدىغىنىم مېنىڭ «غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» دېگەن ماقالەمدىكى ئىككى بۆلۈمدىن ئىبارەت [4].
3. ئىستەك ياكى ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشان
(بۇ قىسىمدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار قىسقارتىلدى.) خىيالنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى سىز ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئويلاپ چىققان ئىنتايىن ئېنىق ئىدىيە بولۇشتىن ئىبارەت. بۇنى ناپولىيون ئۆزىنىڭ 1-كىتابىدا «ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشان» (ئىنگلىزچە «definite chief aim»)، دەپ ئاتاپ، ئىككىنچى كىتابىدا بولسا «ئىستەك» دەپ ئاتىغان بولۇپ، ناپولىيوننىڭ «مۇۋەپپەقىيەت قانۇنىيىتى» دېگەن كىتابىدىكى 1-پرىنسىپ مانا مۇشۇ ئۇقۇمدىن ئىبارەت بولغان. «ئىستەك» دېگەن سۆز ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئىنگلىزچە سۆز «desire» بولۇپ، يۇلغۇن لۇغىتىدە بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «ئارزۇ، ئۈمىد، ئىستەك، تىلەك» دەپ ئېلىنغان. لېكىن، ئىنگلىزچىدا «ئارزۇ» ئۈچۈن «wish»، «ئۈمىد» ئۈچۈن «hope» ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ناپولىيوننىڭ كىتابىدىكى «desire» دېگەن سۆز پەقەت «ئىستەك» دېگەن مەنىدىلا ئىشلىتىلگەن. بۇ سۆزنىڭ ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتىدە ئوينايدىغان رولى بەك مۇھىم بولغاچقا، مەن بۇ يەردە ئازراق ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىپ قويدۇم.
سىز مەيلى بىر چوڭ نەرسىنى ئارزۇ قىلىڭ، ياكى بىر كىچىك نەرسىنى ئارزۇ قىلىڭ، ئۇنىڭ چوقۇم بىر ئاساسىي مەقسىتى بار بولۇپ، بۇ مەقسەت سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ئىنتايىن ئېنىق ۋە كونكرېت بولۇشى كېرەك. سىزنىڭ ئىستىكىڭىز ياكى ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانىڭىز بىر كونكرېت نىشان بولۇشى، بىر چوڭراق ئوبيېكتىپ بولۇشى، ياكى سىزنىڭ پۈتۈن ھاياتىڭىزغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىر پەلسەپىۋىلىك ھېكمەتلىك سۆز بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر سىز ئۇنى بىر خىيالدىن رېئاللىققا ئايلاندۇرماقچى بولىدىكەنسىز، ئۇنىڭ نامايەندىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چوقۇم ئىنتايىن ئېنىق بىلىشىڭىز كېرەك.
پسىخولوگىيىلىك پرىنسىپلار مۇنداق دەيدۇ:
بىرىنچى، ئىنسان بەدىنىنىڭ ھەر بىر ئىختىيارى ھەرىكىتىنى ئىنساننىڭ خىيالى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كونترول قىلىدۇ، ۋە يېتەكلەيدۇ. بۇنداق جەريان كۆڭۈلنىڭ رولى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
ئىككىنچى، سىزنىڭ ئېڭىڭىزدا مەلۇم بىر خىيال ياكى ئىدىيىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بىر خىل ھېسسىياتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، سىزنى ئاشۇ ھېسسىياتنى شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بەدەن ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشقا قىستايدۇ. بۇ ھەرىكەت سىزنىڭ خىيالىڭىزغا تەلتۆكۈس ئۇيغۇنلاشقان بولىدۇ.
بۇ پرىنسىپنى باشقىچىرەك بايان قىلساق، سىز بىر ناھايىتى ئېنىق مەقسەتنى تاللاپ، ئاشۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قەتئىي ئىرادە باغلىسىڭىز، ئاشۇ تاللاشنى قىلغان پەيتتىن باشلاپلا، بۇ مەقسەت سىزنىڭ ئېڭىڭىزدىكى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان خىيالغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز ئاشۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەقىقىي ئەھۋاللارغا، ئۇچۇرلارغا، ۋە بىلىملەرگە سەزگۈر بولۇپ تۇرىسىز. سىز كۆڭلىڭىزگە بىر ئىنتايىن ئېنىق مەقسەتنى ئورناتقان پەيتتىن باشلاپلا، سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا ئاشۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماتېرىياللارنى يىغىدۇ، ۋە ئۇلارنى ئۆزىدە ساقلايدۇ.
ئىستەك سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ ئېنىق مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدىغان ئامىلدۇر. سىزنىڭ ئاساسىي ئىستىكىڭىزنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى باشقا ھېچ كىم بەلگىلەپ بەرمەيدۇ. ئۇنى سىز ئۆزىڭىز تاللىغان ھامان، ئۇ سىزنىڭ ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانىڭىزغا ئايلىنىپ، ئۇ بىر رېئاللىققا ئايلىنىپ بولغۇچە سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنىڭ دىققەت مەركىزىدە تۇرىدۇ. باشقا بىر زىددىيەتلىك ئىستەك كۆڭلىڭىزگە كىرمىگۈچە، ئەسلىدىكى ئىستەك ئۆز ئورنىنى بوشاتمايدۇ.
ئەگەر سىز ئۆز ھاياتىڭىز ئۈچۈن بىر ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشاننى تاللىمايدىكەنسىز، سىز ئۆز ئېنېرگىيىڭىز بىلەن ئۆز تەپەككۇرىڭىزنى ئىنتايىن كۆپ ئىشلارغا ۋە ھەر خىل يۆنىلىشلەرگە چېچىۋېتىپ، كۈچىڭىزنى بىر يەرگە يىغالمايسىز، ھەمدە قارارسىز ۋە ئاجىز ھالەتتە ياشايسىز. بۇ خۇددى بىر چوڭايتقۇچى ئەينەك ياكى لېنزىغا ئوخشاش. سىز كۈن نۇرىنى ئاشۇنداق بىر ئەينەك بىلەن بىر نۇقتىغا ئىنتايىن كۈچلۈك ھالدا يىغىش ئارقىلىق، بىر پەننى (ياكى ياغاچ تاختاينى) كۆيدۈرۈپ، ئۇنى تېشىۋېتەلەيسىز. ئىنتايىن ئېنىق مەقسەتنىڭ رولى ئەنە شۇ چوڭايتقۇچى ئەينەكنىڭكى بىلەن ئوخشاش. ئەگەر سىز ئۇ ئەينەكنى ئېلىۋېتىپ، ئوخشاش مىقداردىكى كۈن نۇرىنى ھېلىقى پەنگە بىرەر مىليون يىل چۈشۈرسىڭىزمۇ، ئۇنى ھەرگىز كۆيدۈرەلمەيسىز.
سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىستىكىنى ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن تاللىشىڭىز، ھەمدە ئۇنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى بىر ۋاراق قەغەزگە يېزىپ، ھەر كۈنى كەم دېگەندە بىر قېتىم كۆرۈپ تۇرالايدىغان بىر جايغا چاپلاپ قويۇشىڭىز كېرەك. بۇنداق قىلىشنىڭ پسىخولوگىيىلىك ئاساسى بار. يەنى، مۇشۇنداق قىلىشتىكى سەۋەب، بۇ مەقسەتنى ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا ئىنتايىن قاتتىق ئورنىتىپ، ئۇنى يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا بىر ئادەت ياكى بىر لايىھە سۈپىتىدە قوبۇل قىلدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۆز ھاياتىڭىزدىكى ئىش-پائالىيەتلىرىڭىزگە ئاشۇ مەقسەت ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان، سىزنى ئاشۇ مەقسەتنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇلغان نەرسىگە قەدەممۇ-قەدەم يېتەكلەيدىغان بىر ئەھۋالنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.
سىزنىڭ ئۆز ئىستىكىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا ئىنتايىن قاتتىق ئورنىتالىشىڭىزنىڭ پسىخولوگىيىلىك پرىنسىپى «ئاپتوماتىك تەكلىپ» تىن ئىبارەت. ئۇ سىز ئۆز-ئۆزىڭىزگە قايتا-قايتا بېرىدىغان تەكلىپتۇر. ئاپتوماتىك تەكلىپ پرىنسىپىنى ئىلىم-پەن تولۇق ئىسپاتلىغان بولۇپ، شۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە ئىنتايىن چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن بىر ئىستەك سىزنىڭ پۈتۈن بەدىنىڭىز بىلەن پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىزنى ئۆزى بىلەن تويۇندۇرۇپ، كۆڭلىڭىزنى بىر ئىنتايىن كۈچلۈك ماگنىتقا ئايلاندۇرىدۇ. سىزنىڭ ئىستەيدىغىنىڭىز بىر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن نەرسىلا بولىدىكەن، ماگنىتقا ئوخشاپ قالغان كۆڭلىڭىز سىز ئىستىگەن نەرسىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ كېلىدۇ. توماس ئېدىسون مانا شۇ پرىنسىپتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئىنتايىن تۆۋەن ئورنىدىن ئامېرىكا ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن تارىختىكى ئەڭ داڭلىق كەشپىياتچى بولۇش ئورنىغا كۆتۈرۈلگەن. بارنېسمۇ ئاشۇ پرىنسىپتىن پايدىلىنىپ، بىر سەرگەرداندىن بىر چوڭ بايغا ئايلانغان. ئابراھام لىنكولنمۇ ئاشۇ پرىنسىپتىن پايدىلىنىپ، بىر كەمبەغەلنىڭ بالىسىدىن ئامېرىكىنىڭ ئەڭ داڭلىق پرېزىدېنتلىرىنىڭ بىرسىگە ئايلانغان.
ئىلاۋە: مېنىڭ ھازىرغىچە بولغان پۈتۈن ھاياتىمدا ئاساسىي رول ئوينىغان نەرسىمۇ دەل ئاشۇ ئاپتوماتىك تەكلىپ پرىنسىپىدىن ئىبارەت.
يۇقىرىدىكى ئاپتوماتىك تەكلىپ پرىنسىپىنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن، سىزگە مۇنداق بىر مىسال كۆرسىتەي. ئەگەر سىزنىڭ ئىستەيدىغىنىڭىز بىر يېڭى ئاپتوموبىل بولسا، سىزنىڭ ئاشۇنداق بىر ئىستىكىڭىزنىڭ بولغىنى ئۈچۈنلا ئۇ ماشىنا سىزنىڭ ئۆيىڭىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالمايدۇ. ئەمما سىزنىڭ ئاشۇ ماشىنىغا بىر كۆيۈپ تۇرغان ئىستىكىڭىز بار بولىدىكەن، بۇ ئىستەك سىزنى ئاشۇ ماشىنىنى ئېلىش ئۈچۈن كېتىدىغان پۇلغا ئېرىشىش يولىدا قوللىنىدىغان توغرا ھەرىكەتلەرگە يېتەكلەيدۇ.
4. قىزغىنلىق، ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش، ۋە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش
(بۇ قىسىمدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار قىسقارتىلدى)
(1) قىزغىنلىق
قىزغىنلىق بىر خىل كەم بولسا بولمايدىغان كۈچ بولۇپ، ئۇنىڭ قۇدرىتىنى باشقا ھېچ قانداق نەرسىنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر سىزنىڭ بىر ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانىڭىز بار بولىدىكەن، سىزنىڭ ھازىر ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا تەييارلىنىپ بولغان-بولمىغانلىقىڭىزدىن قەتئىينەزەر، سىز ئاشۇ ئاساسىي نىشانىڭىزغا نىسبەتەن چوڭقۇر قىزغىنلىق يېتىلدۈرەلەيسىز. سىز ئۆز نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ناھايىتى يىراق بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئەمما سىز قەلبىڭىزدە قىزغىنلىق ئوتىنى تۇتاشتۇرسىڭىز، ھەمدە ئۇنى توختىتىپ قويماي كۆيدۈرۈپ تۇرسىڭىز، ھازىر سىزنىڭ يولىڭىزنى توسۇپ تۇرغان بارلىق توسالغۇلار خۇددى بىر سېھرى كۈچنىڭ تەسىرىدىن بولغاندەكلا غايىب بولۇپ، ئۆزىڭىز بۇرۇن ھېس قىلىپ باقمىغان كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىسىز.
قىزغىنلىقنىڭ قوزغىتىشى بىلەن قەلبىڭىز بىر يۇقىرى تەكرارلىقتا تىترىگەندە، بۇ تىترەشنى سىزنىڭ چۆرىڭىزدىكى بەلگىلىك بىر رادىئۇس ئىچىدە تۇرغان كىشىلەر، بولۇپمۇ سىزگە يېقىن تۇرغان كىشىلەرنىڭ كۆڭلى قوبۇل قىلىدۇ. سىز بىر ئادەم توپىغا سۆزلىسىڭىز، سىزنىڭ قىزغىنلىقىڭىز تىڭشىغۇچىلارنىڭ قەلبىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىمۇ سۆزلىگۈچىنىڭ قەلبىگە ماسلاشقان ھالدا تىترەيدۇ. بىر ئادەم يەنە بىر ئادەم بىلەن سودىلاشقاندا، بەزىدە بىر سودىدا كېلىشىشنىڭ «پسىخولوگىيىلىك پەيتى» يېتىپ كەلدى، دېگەننى ھېس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ چاغدا ساتقۇچىنىڭ قىزغىنلىقى ئالغۇچىنىڭ قەلبىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئالغۇچىنىڭ قەلبىنى ساتقۇچىنىڭكىگە مايىل كەلتۈرىدۇ.
ئاپتوماتىك تەكلىپ پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، ھەمدە ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشاننىڭ ياردىمى بىلەن، كۆڭلىڭىزگە چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئارزۇسىنى ئورنىتىپ باقىدىغان بولسىڭىز، سىزنىڭ بۇرۇنقى كەچۈرمىش-تەسىراتلىرىڭىزغا دەرھاللا جان كىرىپ، سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا باشلايدۇ. ئەگەر سىز قەلبىڭىزگە بىر ئارزۇنى ئىنتايىن چوڭقۇر ئورناتماقچى بولسىڭىز، ئۇنى چوقۇم مەردلەرچە قىزغىنلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈڭ. چۈنكى، قىزغىنلىق ئارزۇنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈشىگە ۋە ئۇنىڭ مەڭگۈ ھايات كەچۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئوغۇتتۇر.
(4) ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش
بۇ سۆزنى ناپولىيون ئىنگلىزچە «self-control» دەپ ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇتتۇر مەنىسى «ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىش» دىن ئىبارەت. لېكىن، مەن ناپولىيوننىڭ كىتابىدىكى مەزمۇنغا ئاساسلىنىپ، بۇ سۆزنى «ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش»، دەپ ئېلىشنى بەكرەك مۇۋاپىق كۆردۈم.
ئىنسانلارغا ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى ئاتا قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئىقتىدار باشقا ھېچ قانداق جانلىقلارغا ئاتا قىلىنمىغان. يەنى، ئىنسانلارغا ھازىرغىچە بايقالغان، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە رەتلەنگەن ئېنېرگىيە-تەپەككۇر ئېنېرگىيىسىنى ئىشلىتىش ئىقتىدارى ئاتا قىلىنغان. شۇنداق ئېيتىشقىمۇ بولىدۇكى، تەپەككۇر مۇشۇ ماتېرىيال ۋە فىزىكىلىق نەرسىلەر دۇنياسى بىلەن ئىلاھىي (divinity) دۇنيانى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئەڭ يېقىن باغلىنىشتۇر.
سىز ئويلاش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭدىن نەچچە مىڭ ھەسسە مۇھىم بولغان ئۆزىڭىزنىڭ خىيال-تەپەككۇرىنى ئۆزىڭىز كونترول قىلىش، ۋە ئۇلارنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش قابىلىيىتىگىمۇ ئىگە. بۇ ئۇقۇم ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ ئۇقۇمنى مۇۋاپىق سەۋىيىدە تۇرۇپ چۈشەندۈرەلەيدىغان كىشىلەر ئانچە كۆپ ئەمەس. سىزنىڭ مېڭىڭىز بىر دىنام ياكى گېنېراتورغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇ «تەپەككۇر» دەپ ئاتىلىدىغان بىر سىرلىق ئېنېرگىيىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، ھەمدە ئۇنى ئىشقا سالىدۇ. سىزنىڭ مېڭىڭىزنى ئىشقا سالىدىغان قوزغاتقۇچىدىن مۇنداق ئىككىسى بار. ئۇنىڭ بىرى ئاپتوماتىك تەكلىپ، يەنە بىرى بولسا تەكلىپ. سىز بىر تەپەككۇرنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ماتېرىيالنى ئۆزىڭىز تاللىسىڭىز بولۇۋېرىدىغان بولۇپ، بۇ «ئاپتوماتىك تەكلىپ» ياكى «ئۆز-ئۆزىگە بېرىلگەن تەكلىپ» دەپ ئاتىلىدۇ. سىز ئۆزىڭىز بىر تەپەككۇرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كېتىدىغان ماتېرىيالنى باشقىلارنىڭ تاللاپ بېرىشىگە تاپشۇرسىڭىزمۇ بولۇۋېرىدىغان بولۇپ، بۇ «تەكلىپ»، دەپ ئاتىلىدۇ.
ئادەمنى ئۇياتلاندۇرىدىغان بىر ئەمەلىيەت شۇكى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى تەپەككۇرلار باشقىلار تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن. ئېتىراپ قىلمىساق بولمايدىغان تېخىمۇ بەكرەك نومۇسلۇق ئىش شۇكى، كۆپىنچىلىرىمىز ئاشۇنداق باشقىلار تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن تەپەككۇرلارنى ھېچ قانداق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزمەي، ياكى ئۇلارنىڭ توغرا-خاتالىقى ھەققىدە ھېچ قانداق گۇمانلانمايلا ئەينەن قوبۇل قىلىمىز. بىز كۈنلۈك گېزىتنى ئۇنىڭدا سۆزلەنگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتتەكلا ئوقۇيمىز. باشقىلارنىڭ غەيۋەتلىرىگە ۋە قۇرۇق گەپدانلىقىغا خۇددى ھەقىقەتكە ئىشەنگەندەك ئىشىنىمىز. تەپەككۇر بىز مۇتلەق ھالدا كونترول قىلالايدىغان بىردىن-بىر نەرسە تۇرۇقلۇقمۇ، بىز باشقىلارنىڭ ئۆز كۆڭۈل سارىيىمىزغا كىرىپ، «تەكلىپ بېرىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇ يەرگە ئۆزلىرىنىڭ چاتاقلىرىنى، قىيىن ئەھۋاللىرىنى، كېلىشمەسلىكلىرىنى، ۋە يالغان سۆزلىرىنى ئەكىرىپ قويۇشىغا يول قويۇپ، خۇددى بىزنىڭ ئىشىكنى تاقاپ ئۇلارنى كىرگۈزمەسلىك قابىلىيىتىمىز يوقتەك بىر ئىشنى قىلىمىز.
سىز ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىدە ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا تۇرىدىغان تەپەككۇرنى تەشكىل قىلىدىغان ماتېرىيالنى ئۆزىڭىز تاللاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئەگەر ھۆكۈمران ئورۇندىكى ئاشۇ تەپەككۇر ئىجابىي تەپەككۇر بولىدىكەن، ئۇ سىزنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر ئۇ سەلبىي تەپەككۇر بولىدىكەن، ئۇ سىزنى مەغلۇبىيەتكە ئېلىپ بارىدۇ.
ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش دېگىنىمىز ئۆزىنىڭ تەپەككۇرىنى باشقۇرۇش، دېگەنلىكتىن ئىبارەت. بۇ جۈملىنى ئۈنلۈك ئاۋازدا قايتا-قايتا ئوقۇڭ. چۈنكى، بۇ بىر جۈملە سۆز ماقالىنىڭ مەزكۇر بۆلۈمىدىكى ئەڭ مۇھىم مەزمۇن.
ئاپتوماتىك تەكلىپ پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، قەلبىڭىزدە ئۆزىڭىزنىڭ ئىنتايىن ئېنىق ئاساسىي نىشانىغا ماس كېلىدىغان ئىجابىي، ئاكتىپ ۋە پايدىلىق تەپەككۇرلارنى تۇرغۇزۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ئاشۇ تەپەككۇرلارنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى سىزگە بىر پۈتكەن مەھسۇلات تەرىقىسىدە ئەكېلىپ بېرىدۇ. مانا بۇ تەپەككۇرنى باشقۇرۇشتۇر. سىز كۆڭلىڭىزدىكى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان تەپەككۇرنى مەقسەتلىك ھالدا تاللاپ، تاشقى تەكلىپلەرنى قەتئىي رەت قىلسىڭىز، ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىش ئۇسۇلىدىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ھالدا پايدىلانغان بولىسىز. ئىنسانلار مانا مۇشۇنداق قىلالايدىغان بىردىن-بىر جانلىقلاردۇر.
(5) قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش
سىز ھەر ۋاقىت ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاشقا تېگىشلىك يەنە بىر سۆز «قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش» تىن ئىبارەت. ھەر بىر نەتىجە بەدەل تەلەپ قىلىدۇ. ھېچنېمە بەرمەي، پەقەتلا ئېلىش ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. بىرەر ئىشنى ئېلىپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق بىر نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش خۇددى تەبىئەت بىلەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ۋە ئەڭ ئالىيجاناب شەكىلدە سودىلاشقان بىلەن ئوخشاش. تەبىئەتنى گوللىغىلى ۋە ئالدىغىلى بولمايدۇ. سىز پەقەت تەبىئەتكە تېگىشلىك بەدەل تۆلىگەندىلا، ئۇ ئاندىن سىزگە ئۆزىڭىز ئىستىگەن نەرسىنى بېرىدۇ. بۇ يەردىكى بەدەل توختاۋسىز، ئېگىلمەس، ۋە قەتئىي رەۋىشتە داۋاملاشتۇرۇلغان تىرىشچانلىقتىن ئىبارەت.
قىلىۋاتقان ئىشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ 4 ئاددىي قەدەم-باسقۇچلىرى بار. ئۇلار سىزدىن ناھايىتى كۆپ ئەقىل ۋە ئالاھىدە ئۇنۋان تەلەپ قىلمايدىغان بولۇپ، سىزدىن پەقەت ئازراق ۋاقىت بىلەن ئازراق تىرىشچانلىقلا تەلەپ قىلىدۇ. بۇ قەدەم-باسقۇچلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1) بىر ئىنتايىن ئېنىق مەقسەت بىلەن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى بىر كۆيۈپ تۇرغان ئىستەككە ئىگە بولۇش.
2) توختاۋسىز قوللىنىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر ئىنتايىن ئېنىق پىلانى بار بولۇش.
3) تۇغقانلارنىڭ، دوستلارنىڭ ۋە تونۇشلارنىڭ سەلبىي تەكلىپلىرىنى، ۋە باشقا بارلىق سەلبىي ۋە سوغۇق سۇ چېچىش خاراكتېرىدىكى تەسىرلەرنى پۈتۈنلەي چەكلەيدىغان ئىرادىگە ئىگە بولۇش.
4) ئۆز پىلانىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئۆزىگە داۋاملىق مەدەت بېرىپ تۇرىدىغان بىر ياكى بىر قانچە ھەمكارلاشقۇچىلىرى (ياكى ياخشى دوستلىرى) بار بولۇش.
بىر ئىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرالايدىغان كىشىلەردە ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭەلەيدىغان بىرەر سىرلىق قابىلىيەت بار بولامدۇ؟ بىر ئىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرالايدىغان كىشىلىك سۈپەت سىزنىڭ قەلبىڭىزدە مەلۇم شەكىلدىكى روھىي، مەنىۋى، ياكى خىمىيىلىك ھەرىكەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق سىزگە بەزى تەبىئەتتىن تاشقىرى كۈچلەرنى ئاتا قىلامدۇ؟ ناپولىيوننىڭ خېنري فورد بىلەن توماس ئېدىسون ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئانالىزىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدە ئاساسلىق رول ئوينىغان نەرسە، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ئادىتىدىنلا ئىبارەت. ئەگەر سىز پەيغەمبەرلەر، پەيلاسوپلار ۋە دىنىي لىدېرلار ئۈستىدە ئادىل تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان بولسىڭىز، ئۇلار قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ئاساسىي مەنبەلىرى ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، تىرىشچانلىقنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈش، ۋە ئىنتايىن ئېنىق مەقسەتكە ئىگە بولۇش ئالاھىدىلىكلىرى ئىكەن، دېگەن مۇقەررەر خۇلاسىگە كېلىسىز.
5. ئاخىرقى سۆز
مەن قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان بەدرى ئۇرۇشى بىلەن ئوھۇد ئۇرۇشىدىكى ئەھۋاللارغا، ھەمدە ياپونلار، گېرمانلار ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، بىر قەۋم ئاللاھ ئاتا قىلغان ياردەمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم. رەھمەتلىك ئۇستازىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن مۇئەللىمنىڭ ھاياتىدىكى بەزى ئىشلارنى تەسۋىرلەپ، ئۆز ھاياتىنى قەدىرلەيدىغان، ئۆز ھاياتىنى ئۇلۇغۋار ئىشلار ئۈچۈن تەقدىم قىلىدىغان بىر ئادەمنىڭ قانداق ياشايدىغانلىقى، ۋە ئۆزىنىڭ ھاياتتىكى تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن قايسى شەكىلدە تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم. بۇ يەردىكى 2-مەزمۇنغا مەن «ناپولىيون خىلنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىكى ئۆزىگە تارتىشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» دېگەن ئىنگلىزچە كىتابتىكى بىر قىسىم بايانلارنىمۇ قوشۇپ قويدۇم. ئوقۇرمەنلەر قىزىقىدىغان يەنە بىر مۇھىم مەزمۇن ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنىڭ ياپونغا قىلغان ئىلىم زىيارىتىدىن كېيىنكى تەسىراتلىرى بولۇپ، مەن بۇ جەھەتتە ئوقۇرمەنلەرنى ھېچ قانداق يېڭى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىيەلمىدىم. سەۋەبى، ئۇ ئۇچۇرلار مەندە يوق. مېنىڭ پەرىزىمچە، مۇئەللىمنىڭ 1985-يىللىرى چەت ئەللەرگە قىلغان زىيارەتلىرىدىن كېيىنكى تەسىراتلىرى ۋە شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىلىرىگە بولغان كۆز-قاراشلىرى مىڭچېبى بىلەن لولۇلۇ 1988-يىلى تەييارلاپ ئېلان قىلغان «ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش» دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنغان. مەن بۇ ماقالىنى تېخى ئوقۇپ باقمىغان بارلىق قېرىنداشلارغا ئۇنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن مەن ئۇ ماقالىنى مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاخىرىسىغا قوشۇپ قويدۇم.
مەن بۇ ماقالىنى ئىمام ۋە دوكتور ياسىر قازى بۇ يىل 5-ئايدا ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر خۇتبىدە قىلغان نۇتقىدىكى بىر قانچە جۈملە سۆزلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن [5]: «قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇڭ، ۋە چىداملىق بولۇڭ. شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز ئۆزىڭىز كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ئەمما ئاللاھ سىز كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ دىنىمىزدا ئاللاھ سىزنى ئۆزىڭىز قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىلەر ئاساسىدا باھالىمايدۇ، بەلكى ئاللاھ سىزنى سىز ئۆز ھاياتىڭىزدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلار ئاساسىدا باھالايدۇ. بۇ جەھەتتە ئاللاھ باشقا ھېچ قانداق نەرسىگە ئوخشىمايدۇ. ئوقۇتقۇچىڭىز سىزنى ئىمتىھاندا ئالغان نومۇرغا، ۋە قولغا كەلتۈرگەن باشقا نەتىجىلەرگە ئاساسەن باھالايدۇ. ئەمما ئاللاھ ئۈچۈن سىز قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنىڭ سىزنىڭ قانداق باھالىنىشىڭىز بىلەن ھېچ بىر مۇناسىۋىتى يوق. ئۇ سىزنى پەقەتلا سىز كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلارغا ئاساسەن باھالايدۇ.»
بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] تۆۋەندىكى ئادرېسنىڭ 23-قەۋىتىدىكى ئىنكاس:
http://bbs.misranim.com/thread-131055-3-1.html
[2] مېنىڭ بۇرۇنقى سەرگۈزەشتلىرىم بىر پارچە قىسقا «تەرجىمىھال» بىلەن ئىككى قىسىملىق «بىلىۋال تور بېتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يازما سۆھبەت» تە تەسۋىرلەنگەن. ئۇلارنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن تاپالايسىز: http://www.menzil.biz گە كىرىپ، «ئېلكىتاب ئامبىرى» نى چېكىڭ. ئاندىن «ماقالىلەر» غا كىرىپ، «ئەركىن سىدىق» نى تاللاڭ. ئاشۇ سەھىپىنىڭ 2-بېتىدە «ئەركىن سىدىقنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى» دېگەن بىر ئېلكىتاب بار.
[3] Why are Muslims leaving Islam? Dr. Yasir Qadhi | 29th August 2014
https://www.youtube.com/watch?v=APVCAxF4C8Q
[4] بىلىمخۇمار: « غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى»
http://bbs.misranim.com/thread-90186-1-1.html
[5] Khutbah: The Trials of this Ummah and the Help of Allah. Dr. Yasir Qadhi | 16th May 2014
https://www.youtube.com/watch?v=KGm4mGMB8y4
|