قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2891|ئىنكاس: 23

شياڭگاڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا تونۇش چولپىنى ـــ ۋەن زىلياڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

2

دوست

863

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   72.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30204
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 270
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-21
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-21 12:43  

شياڭگاڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا تونۇش چولپىنى ـــ ۋەن زىلياڭ


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

1.jpg


    ھەممىمىزگە مەلۇمكى، شياڭگاڭ تىلغا ئېلىنسا شياڭگاڭنىڭ ھەرىكەتلىك فىلىملىرى، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئالاھىدە دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. شياڭگاڭنىڭ ئاتاقلىق كىنو-تېلېۋىزىيە ئارتىسى ۋەن زىلياڭ سان-ساناقسىز كىنو-تېلېۋىزىيە مەستانىلىرى ئىچىدىكى دىققەت-نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇشقا تېگىشلىك چولپانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلەرگىمۇ خېلى تونۇشلۇق. بىز شياڭگاڭنىڭ 90-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ‹‹تىنچسىز ھايات››، ‹‹گىگانت ئادەم››، ‹‹مۈشكۈلسەپەر›› قاتارلىق بىر يۈرۈش تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ كۆرگەن. بىز ھازىرمۇ ھەم شۇ فىلىملەرنى قايتا كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمىز. ئەنە شۇ بىر يۈرۈش فىلىملەردىكى ئەر باش پېرسۇناژ بىزنىڭ ئالاھىدە دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. بۇ ئارتىس دەل شىياڭگاڭنىڭ ئاتاقلىق كىنو-تېلېۋىزىيە ئارتىسى، ناخشىچى ۋەن زىلياڭ بولىدۇ.
    ئاتاقلىق ئارتىس ۋەن زىلياڭ 1957-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى تەيۋەندە تۇغۇلغان. يۇرتى گۇاڭدۇڭنىڭ باۋئەن ناھىيەسى (بۈگۈنكى شېنجېن)دىن بولۇپ، بالىلىق مەزگىللىرىدە شياڭگاڭدا تۇرغان، شياڭگاڭ ‹‹لىدې›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سەنئەتچى تەربىيەلەش كۇرسىنى تاماملىغان، 1977-يىلى سۈرەتكە ئېلىنغان چامباشچىلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ‹‹3-غوجامنىڭ قىلىچى››دا رول ئېلىپ نام قازانغان، كېيىن ‹‹قەھرىمانلار›› ناملىق قەدىمكى زامان تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا باش رول ئېلىپ، ‹‹لىدې›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇھىم رولچىسىغا ئايلىنىدۇ. 1979-يىلى ئىشلەنگەن ‹‹سەۋدايى›› ناملىق فىلىمدا باش رول ئالغان، كېيىن ‹‹سۈبھىنى كۈتۈش››، ‹‹قېرىنداشلار››، ‹‹قېرىنداشلار قەدرى››، ‹‹قىمار شاھى›› قاتارلىق فىلىملەردە باش رول ئالىدۇ. 1988-يىلى ‹‹كاتتىباش›› ناملىق فىلىمدە باش رول ئىلىپ، 25-نۆۋەتلىك ‹‹ئالتۇن ئات مۇكاپاتى››نىڭ ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. ئىلگىرى تەيۋەن كىنو مۇنبىرىنىڭ ‹‹ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتى››، شياڭگاڭ كىنوچىلىقى ‹‹ئالتۇن پىل مۇكاپاتى››، 33-نۆۋەتلىك ئاسىيا-تىنچ ئوكيان كىنو كۆرگەزمىسىدە ئاسىيا قىتئەسى بويىچە ‹‹رول ئېلىشتا مۇۋەپپەقىيەت يارىتىش مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەن.
    ۋەن زىلياڭ شياڭگاڭنىڭ ئاتاقلىق ئارتىسى بولۇپ، جەمەتى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىن جەنۇب تەرەپكە كۆچكەن. ئوتتۇرا، مەكتەپنى گۇاڭدۇڭنىڭ دابۇ ناھىيەسىدىكى بۇددا دىنى ‹‹داگۇاڭ›› ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان، 19 ياشقا كىرگەندە شياڭگاڭ ‹‹لىدې›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سەنئەتچى تەربىيەلەش كۇرسىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن. 1977-يىلى ‹‹ئات›› ناملىق دىراممىدا باش رول ئالغان. كېيىن ‹‹3-خوجامنىڭ قىلىچى››، ‹‹تەيجى ئۈچ ئالقان گۇمپىسى›› قاتارلىق كىنوفىلىملىرىدە باش رول ئېلىپ تونۇلۇشقا باشلىغان. 1979-يىلى ‹‹سەۋدايى›› ناملىق فىلىمدە رول ئالغان، 1983-يىلى‹‹ئەر بىلەن ئايال››، ‹‹تاڭ سۇلالىسىدىكى مەردانە ئايال››، 1984-يىلى ‹‹سۈبھىنى كۈتۈش››، 1987-يىلى ‹‹قەھرىمان››، ‹‹يۇرت مۇھەببىتى›› قاتارلىق فىلىملەردە رولئالغان.
    1988-يىىل تەيۋەنلىك رېژىسسور ئىشلىگەن ‹‹كاتتىباش›› ناملىق فىلىمدە رول ئېلىپ، 25-نۆۋەتلىك تەيۋەن ‹‹ئالتۇن ئات مۇكاپاتى››نىڭ ‹‹ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەن. ئىككىنچى يىلى 33-نۆۋەتلىك ئاسىيا-تىنچ ئوكيان كىنو كۆرگەزمىسىدە ‹‹رول ئېلىشتا مۇۋەپپەقىيەت يارىتىش›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى ‹‹ۋاڭجياۋدىكى كامېن›› ناملىق فىلىمدە رول ئېلىپ، 8-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ ‹‹ئالتۇن پىل مۇكاپاتى››نىڭ ‹‹ئەڭ ياخشى ئەر قوشۇمچە رولچى›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1989-يىلى ‹‹ئۇ يۇرتتىن كەلگەن›› ناملىق فىلىمدە رول ئالغان. 1990-يىلى ‹‹قېرىنداشلار قەدرى›› ناملىق فىلىمدە رول ئېلىپ، 27-نۆۋەتلىك تەيۋەن كىنو ‹‹ئالتۇن ئات مۇكاپاتى›› ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىنىڭ ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
    ئىلگىرى ۋەن زىلياڭ تولىمۇ كېلىشكەن ۋە سالاپەتلىك بولۇپ، ھەر قانداق رولنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالالايتتى، كېيىنچە ئۇ سەمىرىپ كېتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن 90-يىللارنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدىن باشلاپ كىنولاردا رول ئېلىشنى ئازايتىپ، ئىچكىرىدە سودا بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ يەنە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەممەيلەننىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە سازاۋەر بولغان ‹‹تىنچىسىز ھايات››، ‹‹گىگانت ئادەم››، ‹‹ئالاڭ بېيجىڭدا››، ‹‹مۈشكۈل سەپەر››گە ئوخشاش بىر تۈركۈم نادىر تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئالىدۇ.
    ۋەن زىلياڭنىڭ سەنئەت ھاياتىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى 80-يىللاردا باشلانغان دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ 1985-يىلى ئىشلەنگەن ‹‹شۆ رېنگۈينىڭ شەرققە سەپىرى›› ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغاندا ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ 1986-يىلى ‹‹تىنچسىز ھايات›› ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا باش رول ئالىدۇ، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى شۇ يىللاردا يۇقىرى كۆرۈش رېكورتى يارىتىدۇ. ۋەن زىلياڭمۇ بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدارول ئالغانلىقى بىلەن كاتتا شۆھرەت قازىنىدۇ. ئۇ يەنە ئىچكى موڭغۇلدا سۈرەتكە ئېلىنغان ‹‹چىڭگىزخان››، شياڭگاڭنىڭ ئاتاقلىق كومىدىيە ئارتىسى جوۋ شىڭچى بىلەن‹‹ئۇ يۇرتتىن كەلگەن››، ‹‹گىگانت ئادەم››، ‹‹قۇياش قوغلىغۇچى››، شياڭگاڭ بىلەن سىنگاپور بىرلىشىپ ئىشلىگەن ‹‹مۈشكۈل سەپەر›› قاتارلىق بىر يۈرۈش تېلېۋىزىيەتىياتىرىدا باش رول ئېلىپ، كەڭ تېلېۋىزىيە مەستانىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇ كىنو ساھەسىگىمۇ يۈرۈش قىلىپ شياڭگاڭنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى مېي يەنفاڭ بىلەن ‹‹قىمار شەھىرىدىكى ماگنات›› قاتارلىق بىر يۈرۈش فىلىملەردە رول ئالىدۇ.
    بىز ۋەنزىلياڭنىڭ سەنئەت ھاياتى ھەققىدە گەپ قىلغىنىمىزدا، ئۇ رول ئالغان تېلېۋىزىيەتىياتىرلىرى ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋاردۇر. ۋەن زىلياڭنىڭ ياراتقان پېرسۇناژلىرى سېلىنىدىغان مەبلەغنىڭ تولىمۇ يۇقىرىلىقى بىلەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان ھەرقانداق رولىن ھەق دادىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلايدۇ، مەسىلەن: ‹‹تىنچسىز ھايات›› ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ بىر باسقۇنچىنىڭ گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋەن زىلياڭ قاتتىق ھاياجانلىنىپ، باسقۇنچىنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىسقا راستتىنلا مۇشت كۆتۈرۈپ، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاس قالىدۇ. ما بۇ بۆلەك مەزكۇر تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئەڭ نادىر كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
    90-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، ئۇنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيەلەردە رول ئېلىشى بارا-بارا ئازلاپ بارىدۇ، 1995-يىلى ئىشلەنگەن ‹‹تۈمەن چاقىرىملىق مۇھەببەت›› ناملىق تېلېۋىزىيەتىياتىرى ئۇنىڭ سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن ئەڭ ئاخىرقى ئەسىرى بولۇپ قالىدۇ. ۋەن زىلياڭنىڭ سەنئەت ساھەسىدىكى ئورنى تولىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئۇ شياڭگاڭنىڭ داڭلىق كومىدىيە ئارتىسى جوۋ شىڭچىنىمۇ ئۆزى بىر قوللۇق كىنوچىلىق ساھەسىگە باشلاپ كىرگەن باشلامچىلارنىڭ بىرى. 1988-يىلى جوۋ شىڭچىنىڭ تۇنجى فىلىم ‹‹چاقماقتەك ئاۋانگارتلار››دا رول ئالماقچى بولۇپ، ھەقنى تۆۋەن كۆرۈپ رولغا چىقىشنى رەت قىلغاندا، ۋەن زىلياڭ ئۇنى بۇ نىيىتىدىن ياندۇرغان.
ۋەن زىلياڭ 1992-يىلى شياڭگاڭنىڭ ئاتاقلىق كىنو-تېلېۋىزىيە ئارتىسى تيەن نيۇ بىلەن توي قىلىدۇ.
    شياڭگاڭنىڭ ئاتاقلىق كىنو-تېلېۋىزىيە ئارتىسى دېڭ سۈيۋېن 2009-يىلى شياڭگاڭ سىملىق تۇرمۇش تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىلگىرى ۋەن زىلياڭ بىلەن بىر يېرىم يىل ئەتراپىدا ئالاقە قىلغانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ.
    ۋەن زىلياڭ 1989-يىلى ‹‹كاتتىباش›› ناملىق فىلىم سۈرەتكە ئېلىنغاندا، چولپان تيەن نيۇ بىلەن ئالاقە قىلىشقا باشلايدۇ. ئىككىيلەن كېيىن ‹‹ئۇ يۇرتتىن كەلگەن››، ‹‹چوڭ جەمەت›› ناملىق ئىككى تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا بىرلىكتە رول ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. ئۈچ يىللىق چۈشىنىشتىن كېيىن ئىككىيلەن 1992-يىلى توي قىلىدۇ. ئۇنىڭ تويىغا شياڭگاڭ تېلېۋىزىيە-رادىيو چەكلىك شىركىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى، شاۋ فامىلىلىك قېرىنداشلار كىنو شىركىتىنىڭ بەرپاچىلىرىنىڭ بىرى، شياڭگاڭ-شاڭخەي سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى، شياڭگاڭنىڭ داڭلىق كىنو كىرىشتۈرگۈچىسى شاۋ يىفۇ رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ئەمما توي قىلىپ تۆت يىلدىن كېيىن، يەنى 1996-يىلى ئىككىيلەننىڭ مىجەزى كېلىشمەي ئاجرىشىپ كېتىدۇ.
    ۋەن زىلياڭ 1996-يىلى شياڭگاڭ بىلەن سىنگاپور بىرلىكتە ئىشلىگەن، ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلەرگىمۇ تونۇشلۇق بولغان ‹‹مۈشكۈل سەپەر›› ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئېلىش ئۈچۈن جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايرۇپىلانىغا ئولتۇرۇپ سىنگاپورغا بارىدۇ. سىنگاپوردا ۋەن زىلياڭ ئايرۇپىلان خادىملىرىنى سىرتتا تاماق يەپ، ئويناپ كېلىشكە تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ ھەمدە بۇ جەرياندا نۆۋەت ئالماشقىلى كەلگەن يەنە بىر گۇرۇپپىدىكى گو مىڭلى ئىسىملىك بىر ئايرۇخانقىز بىلەن تاسادىپىي تونۇشۇپ قالىدۇ، ۋەن زىلياڭ خىجىلچان، ئەمما تولىمۇ لاتاپەتلىك گو مىڭلىنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئالتە يىلدىن كېيىن 44 ياشلىق ۋەن زىلياڭ بىلەن 28 ياشلىق گو مىڭلى گۇاڭجوۋ ‹‹جۇڭشىن›› مەيدانىدا توي قىلىدۇ.
    ۋەن زىلياڭ ئەسلىدە شياڭگاڭدا تۇراتتى، لېكىن قىلىدىغان سودىسى ئاساسلىقى چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالى گو مىڭلى شياڭگاڭنىڭ مۇھىتىغا كۆنەلمىگەچكە ۋەن زىلياڭ گۇاڭجوۋدىن مەخسۇس تۇرالغۇ سېتىۋېلىپ، شۇ يەردىكى تۇرمۇشىنى باشلايدۇ. ئىككىيلەننىڭ ھازىر ۋەن داچيەن ئىسىملىك بىر ئوغلى بار.
    20 نەچچە يىل كىنو-تېلېۋىزىيەلەردە رول ئېلىش بىلەن شۇغۇللانغان ئارتىس ۋەن زىلياڭ شياڭگاڭنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى جوۋ رۇنفا بىلەن دەرۋداش. جوۋ رۇنفا خەلقئارا كىنو مۇنبىرىگە يۈرۈش قىلىۋاتقاندا، ۋەن زىلياڭ سودا دۇنياسىغا قەدەم باستى. ۋەن زىلياڭ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹مېنىڭ سودىغا كىرىشىشىم ھەققىدە گەپ بولغاندا، گەپنى 1997-يىلى شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن ۋاقتىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇ چاغدا مەن ھازىرغا قەدەر نەچچە ئون يىل ئارتىسلىق بىلەن شۇغۇللىنىپتىمەن، ياشاش ئۇسۇلۇمنى ئۆزگەرتىپ بېقىشىم كېرەكمۇ-قانداق؟ دېگەن خىيالغا كېلىپ قالدىم.›› ئۇ ئىلگىرى ‹‹گىگانت ئادەم›› ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا بىر چوڭ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورىنىڭ رولىنى ئالغان، مانا مۇشۇ رول سەۋەبلىك ئۇ سودا دېڭىزىغا كىرىشنى قارار قىلىدۇ. ۋەن زىلياڭ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹مەن سودىغا كىرىشكەندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ ئارتىسلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئاشۇ مەزگىللىرىمنى ئەسلەپ، مەن ياراتقان سودىگەر ئوبرازلىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ چىن ئوبرازلار ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. كېيىنچە سودا قىلىشنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيەلەردىكىدەك ئۇنداق ئوڭاي ئەمەسلىكىنى، تولىمۇ مۇرەككەپلىكىنى ھېس قىلدىم.››
    ۋەن زىلياڭ 2013-يىلىغىچە شياڭگاڭ، چوڭ قۇرۇقلۇق، سىنگاپور، ئامېرىكا، تەيۋەندە ئىشلەنگەن ‹‹تىنچسىز ھايات››، ‹‹گىگانت ئادەم››، ‹‹ئالاڭ بېيجىڭدا››، ‹‹چوڭ جەمەت››، ‹‹چىڭگىزخان››، ‹‹مۈشكۈل سەپەر››، ‹‹ئالتۇن ياستۇق›› 50 تىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە تىياتىردا ۋە ‹‹لى شياۋلوڭ مېنىڭ ئىنىم››، ‹‹گۈزەل رىۋايەت››، ‹‹قېرىنداشلار››، ‹‹كاتتىباش››، ‹‹ئالاھىدە ئايال ساقچى››، ‹‹قانلىق قىساس››، ‹‹قىمار شاھى››، ‹‹قايتا كۆتۈرۈلگەن بوران-چاپقۇن›› قاتارلىق 80 گە يېقىن كىنودا رول ئالغان، بىر نەچچە ناخشا پىلاستىنكىسى نەشر قىلىنغان. ئۇ ئېيتقان ناخشىلارمۇ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن.
    ۋەن زىلياڭ ئەينى يىللىرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ‹‹تىنچسىز ھايات››، ‹‹گىگانت ئادەم››،‹‹مۈشكۈل سەپەر››گە ئوخشاش بىر قاتار ئېسىل تېلېۋىزييە تىياتىرلىرى ۋە كىنوفىلىملەردە ياراتقان ئوبرازلىرى بىلەن قەلبىمىزدە يۈكسەك ھۆرمەتكە ئىگە.
    سەمىمىي ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى ئىشلەتمەكچى بولغان تور بېكەت، سالون ۋە شەخسلەر ئاپتورنىڭ ئىجازىتىنى ئالغايسىز. ئۆز بېشىمچىلىق قىلسىڭىز ئاقىۋىتىگە ئۆزىڭىز مەسئۇل بولىسىز.
    يانفون نومۇرى: 13179827214
    ئۈندىدار نومۇرى:   otyurak001

2.jpg
4.jpg
3.jpg
8.jpg
5.jpg
7.jpg
6.jpg
9.jpg


0

تېما

6

دوست

924

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   84.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27163
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 274
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-24
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جورۇنفاغا تاماكا تۇتاشتۇرۋاتقىنى شۇمۇ ،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1341

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   34.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31660
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 390
توردىكى ۋاقتى: 68
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-22
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
attirim يوللىغان ۋاقتى  2014-11-21 18:57
جورۇنفاغا تاماكا تۇتاشتۇرۋاتقىنى شۇمۇ ،

ئىككىلىسى ۋەن زىلياڭدۇ؟

15

تېما

1

دوست

3090

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 924
توردىكى ۋاقتى: 251
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-22
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا ئۇيغۇرچە كۆرۈش سىنلىرى بولسا يوللاپ قويساڭلار؟
80-90-يىللىرى قۇيۇلغان شاڭگاڭ ۋە سىنگاپۇرنىڭ يەنە قانداق كىنولىرى بار؟سىلەرگە
تەسىر قىلغانلىرى قايسىلار؟
بولسا ئاساسلىق مەزمۇنىنى دەپ باقساڭلار؟

15

تېما

1

دوست

3090

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 924
توردىكى ۋاقتى: 251
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-22
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاڭگاڭ كىنولىرى زادى ئۇيغۇر جەمىيىتىگە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەن؟

15

تېما

1

دوست

3090

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 924
توردىكى ۋاقتى: 251
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-22
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە قايسى شاڭگاڭ ۋە سىنگاپۇر چولپانلىرى بار ؟

0

تېما

6

دوست

924

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   84.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27163
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 274
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-24
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
YOQSUL يوللىغان ۋاقتى  2014-11-21 20:03
ئىككىلىسى ۋەن زىلياڭدۇ؟

ياق جۇرۇنفا تاماكا چىكىۋاتقىنى ،ئىشقىلىپ ئۇلارنىڭ داڭقى ئوخشاش لىكىن جۇرنفا ھازىرمۇ توختىماي فىلىم ئىشلەۋاتىدۇ.

----كىتابخۇمار----

6

تېما

66

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1126
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1029
تۆھپە : 3076
توردىكى ۋاقتى: 554
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2001-يىلى 1-ئايلاردا شىنجاڭ تىلىۋىزىيەسى 2-قانالدا ‹‹ خاۋجىياڭدىكى مىھىر شەپقەت ››دەپ بىر كىنو بەرگەن.شۇ ۋاقىتتا ھەممەيلەن بەك ياقتۇرۇپ كۆرگەن ئىدوق بۇ كىنونى.شۇ كىنونىڭ ئۇچۇرىنى بىلىدىغانلار ياكى شۇ كىنونىڭ خەنزۇچە ئىسمى ياكى ئادىرسىنى بىلىدىغانلار بىر ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن .كىچىكلىكىمدە بەك تەسىر قىپتىكەن.شۇ ۋاقىتتا نۇرغۇن سەۋەبلەر بىلەن تولوق كۆرەلمىگەن ئىدىم ،ئەمدى كۆرەي دىگەندە تاپالمايۋاتىمەن.كىچىكىمدىكى ئارمانىمنى بىر قاندۇرۋالسام بولىتتى ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )