قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2651|ئىنكاس: 25

پەرىشىتىنىڭ يۈرىكىدىكى داغ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

205

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   68.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32279
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 38
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 13:41:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پەرىشتىنىڭ يۈرىكىدىكى داغ

(سىرداشىم)

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  <باغداش> مۇنبىرىدىكى ئەزىز دوسلار. مەن بۇ ئەسەرنى 4-5 يىل ئىلگىرى باشقا بىر  مۇنبەردە  يازغان. كىيىن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى مۇنبەر تاقىلىپ داۋامى يېزىلماي توختاپ قالغان. بۈگۈن تۇيۇقسىز بۇ مۇنبەرنى ئارىلىۋېتىپ ، بۇ ئەسەرنى بۇ مۇنبەرگە يوللاش ۋە داۋامىنى ئىزچىل يېزىپ پۇتتۇرۇشنى ئويلاپ قالدىم. دوسلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئۇقۇشىنى ۋە  قوللاپ بىرىشىنى سورايمەن.


ۋارىس قولىدىكى  تەكرارلاش كىتاۋىنى  ئاستا يېپىپ ،  ياتاق تەرەپكە  كىتىۋاتقان دىلنازنىڭ ئارقىسىدىن قاراپلا قالدى . ھەقىقى ئۇيغۇر گۈزەللىرىگە  خاس  بۇلاقتەك چوڭ-چوڭ كۆزلەر، ئاينى  خىجىل قىلىدىغان ئەگىم قاشلار، نىپىز ئوتقاشتەك لەۋلەر ، شامالدا لەرزان يەلپۇنىۋاتقان ئۇزۇن  چاچلار، ئىگىز ئەۋرىشىم  قامەت ...ئاھ ،ئىنسان بالىسى دىگەنمۇ مۇشۇنداق گۈزەل بۇلامدۇ ھە ؟...مۇشۇنداق بىر پەرىنى ماڭا نىسپ قىلسا ھە  خۇدايىم ؟...ۋارىس ئاستا-ئاستا يىراقلاۋاتقان دىلنازنىڭ  سىماسىغا قاراپ، ئۆزىنىڭ خىياللىرىدىن ئۆزى  خىجىل بولغاندەك، ئوتتەك قىزىپ كەتكەن يۈزىنى   ئاستا سىلاپ قويدى .

     ئۇ بۇ قىزنى  پات-پات ياتاق بىناسى ئالدىدا ئۇچرىتىپ قالاتتى، ھەر  قانداق ئادەمگە  ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن  جاۋاپ بىرىدىغان بۇ قىزدىن ئۇ   ھېچقانداق بىر ئەيپ نوقساننى تاپالمايتتى .  ئەتراپتىكى تىكىلگەن  نۇرغۇن كۆزلەر ئىچىدە   ئۇنىڭ كۆزلىرىمۇ بۇ قىزغا  ھەۋەس  بىلەن يۇشۇرۇن قارايتتى. ئارىدىن 2  كۈن ئۆتمەي مەكتەپ  ئۆتكۈزگەن  كۈڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە  ۋارس  بۇ قىزنى يەنە  بىر قېتىم  ئۇچراتتى. سەھنىدە ئەدىبىيات كەسپىدە ئۇقۇيدىغان  دىلناز   كۈڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ تىتىك، يېقىملىق ئاۋازى،  پىشقان رىياسەتچىلەردەك تالانتى تۇۋەندە ئولتۇرغان بارلىق ئۇقۇغۇچىلارنى ھەيران قالدۇراتتى، زال ئىچىدە ھەممە سۈيۈنۈش ئىچىدە ئۇنىڭ گۇزەللىكىگە، تىرىشچانلىقىغا، تالانتىغا قول قوياتتى. ۋارس  شۇ تاپ دىلنازغا قاراپ ئاجايىپ ھىس تۇيغۇلارغا چۈمۈشكە باشلىدى. ئۆزىدە بۇرۇن ھېچقاچان بولمىغان بىر خىل سىزىمنىڭ پۇتۇن بەدەنلىرىگە تارىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى. ئۇ نىمىشقىدۇر ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا دىلنازنىڭ ئاۋازىغا مەپتۇن بولۇپ، ئارىلىقتا ئېيتىلىۋاتقان مۇڭلۇق ناخشىلارغا، لەرزان ئۇسۇللارغا قىلچىمۇ دىققەت قىلمىدى. زال ئىچىدىكى قىزغىن پاراڭلار، جاراڭلىق كۈلكىلەر،چاۋاكلار ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيتتى.

    -ھەي ئاشىق...
  ۋارىس قۇلاق تۈۋىدىكى بۇ ئاۋازدىن چۇچۇپ كەتتى. يېنىدا ئۇنىڭ  يۇرتداش دوستى ، ساۋاقدىشى مۇرادىل كۇلۇپ تۇراتتى.

    - ئاغىنە، دىلنازغا قاراپ قېتىپلا  قاپسەنغۇ ؟سەنمۇ ئۇنىڭغا ئاشىقمۇ نىمە ؟...بىلەمسەن. ئۇ دىگەنچۇ مەكتەپتىكى بىر نۇرلۇق  چولپان، ئۇنى مەكتەپتىكى  نى –نى يىگىتلەر  قولىنى ھەر قانچە  سۇزۇپمۇ ئۈزىۋالالمىغان ، سەن ئاخماق بولما جۇمۇ...

    ۋارس  بىر سىنىپتا  ئۇقۇيدىغان  خوشچاقچاق ، يۇمۇرلۇق بۇ دوستىغا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن تىكىلدى.

    -نىمە؟ سەن ئۇنىڭ ئىشلىرىنى قانداق بىلىسەن؟ يائۇ بىزنىڭ فاكولتىتتا بولمىسا؟...

    -بىزنى كىم چاغلاپ قالغان ئاغىنە،مەكتەپتىكى گۈزەل قىزلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارخىپى بار جۇمۇ بىزدە.

    ۋارىس مۇرادىلنىڭ سۆزلىرىدىن بىر نەرسىنى قىزغانغاندەك تۇرۇپلا قالدى. تىرىشچان، ھەممە ئىشتا ئېپى بار، شەھەر تۇرمۇشىغا سىڭىپلا كەتكەن بۇ دوستىنىڭ كۆزىگە مىختەك تىكىلدى.

     -قارىغاندا سەنمۇ ئۇ قىزنى خۇپىيانە ياخشى كۆرىۋاتقانلارنىڭ بىرسىمۇ نىمە؟ مىنىڭ ھالىمغا يىتەر بولساڭ ، سەن ئۇنداق خىياللاردا بولما جۇمۇ...

     -تۆۋە دىگىنە، مەنچۇ ئۇ قىزنى ياخشى كۆرەي دىسەممۇ ياخشى كۆرۇشكە پېتىنالمايمەن. سەنمۇ ھەم شۇنداق. بىز دىگەن كىم؟ ئۇ دىگەن كىم؟ بىزدەك جەنۇبى شىنجاڭنىڭ بىر يېزىسىدىن كەلگەن يالاڭتۆشلەرگە ئۇ پەرشتە قانداقمۇ نىسىپ بولسۇن؟ بىلەمسەن ئاغىنە، ئۇ دىگەن گۈزەللىكتە تەڭداشسىز بۇلۇش بىلەن بىرگە ئىزچىل ئەدىبىيات فاكولتىتى بويىچە بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەي ئۇقۇۋاتقان قىز، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇ بىر نازىرنىڭ يالغۇز ئەتىۋارلىق قىزىمىش. مەكتىۋىمىزدە مۇشۇ شەھەرنىڭ نى-نى قاملاشقان يىگىتلىرى بۇ قىزنىڭ پىراقىدا شامدەك كۆيۇپ ۋىسالىغا ئىرىشەلمىگەن يەردە بىزدەك سەھرالىقلارغا كۆيۇشنى نەدەقويۇپتۇ، سىنىڭمۇ دوستۇم، ئاۋۇ كۆيگەن يۈرۈگۈڭ مۇشۇ يەردىلا سۇۋۇپ قالسۇن.

    ۋارس مۇرادىلنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يىنىكككىنە بىرنى تىندى. لېكىن <نازىرنىڭ قىزى، شەھەرلىك نى-نى يىگىتلەر، سەھرالىق...> دىگەندەك سۆزلەر ئۇنى جىمىتىپلا قويدى. ئۇ مۇرادىل بىلەن خوشلۇشۇپ ، سەھنىدە ئۇماق تەبەسسۇم بىلەن رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان دىلنازغا مۇھەببەت ھەم ھېيقىش ئارلىشىپ كەتكەن بىر خىل ھىسياتتا ئاستا قاراپ قويۇپ، زال سىرتىغا چىقتى.

    ئۇ ياتاق بىناسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. لېكىن نىمىشقىدۇر قەدەملىرىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى، قانداقتۇر بىرخىل ئوتنىڭ يۇرىكىنى كۆيدۇرۇش بىلەن بىرگە، تاشتەك ئېغىر بېسىمنىڭ يەلكىسىنى بېسىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى. -توۋا ،- دەپ پىچىرىلىدى ئۇ ئۆزىگە،-ئەجەپ سىنىپتا نۇرغۇن قىزلار تۇرسا، مەكتەپتە بىر يۇرتلۇق، بىر مەھەللىلىك قىزلار تۇرسا ، نىمانداق ماۋۇساراڭ كۆڭلۇم شۇ قىزنىلا ئويلايدۇ؟ نىمە دەپ شۇ قىزغىلا ئىنتىلىدۇ؟ بۇگۇن تەلىيىم كىلىپ بۇ قىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلدىم. ئەگەر ئايغا تاش ئېتىپ ، بۇ قىزغا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلغان بولسام نىمە سەتچىلىكلەر كۆرۇلەر ئىدى ھە ؟<ماۋۇ سەھرالىق تومپاينىڭ ھالىغا باقماي گىپىنى قارا، كۆڭلىنى قارا>  دەپ مازاق قىلىپ كۇلۇپ كىتەر بولغىيتتى . ئۇھ ،مۇرادىل ئاغىنەمگە مىڭ مەرتىۋە رەخمەت...،-ۋارىس خۇددى ئېغىر بىر يۇكتىن قۇتۇلغاندەك بېشىنى چايقاپ قويدى. لېكىن قەدىمى ياتاق تەرەپكە كىتىۋاتسىمۇ نىمىشقىدۇر كۆڭلۇنىڭ بىر يەرلىرى  يەنىلا زال ئىچىدىكى رىياسەتچى قىزغا تەلپۇنەتتى.

     ئالى مەكتەپنىڭ ئالدىنقى 3 يىلىدا ئىزچىل سىنىپ بويىچە < 3تەياخشى> بۇلۇپ ئۇقۇۋاتقان ۋارىسنىڭ دەرس ۋاقتىدىكى ئاكتىپ ھالىتىدە ئۆزگۇرۇش بولۇشقاباشلىدى. بەزى-بەزىدە دەرسكە كىچىكىپ قالىدىغان، ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرەلمەيدىغان، ماتىرىيال كۆرىۋېتىپ، ئۇگۇنۇش قىلىۋېتىپ ئۇزۇن-ئۇزۇن خىيال دەرياسىغا غەرق بولۇپ كىتىدىغان بولۇپ قالدى. جۇشقۇن، تىتىك كەيپىياتىنىڭ ئورنىنى سۇلغۇن چىراي، ئويچانلىق ئىگەللىدى. ئۇ دىلنازنى غايىۋانە ياخشى كۆرۇپ قالغاندىن بۇيان بۇ كۇيۇكتىن ئەسلا قۇتۇلالمىدى. بۇنىڭ تۇلىمۇ بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ كۆڭلى يەنىلا شۇ قىزنى  سېغىناتتى، كۆز ئالدىدا ھەر ۋاقىت شۇ قىزنىڭ سىماسى جىلۋە قىلاتتى.

      ۋارىسنىڭ بۇ ھالىتىگە مۇرادىلدىن باشقا ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى ھەيران ئىدى. بۇنداق تىرىشچان يىگىتنىڭ تۇرۇپلا ئۆزگۇرۇپ كىتىشى ئۇلار ئارىسىدا قىزىق نوقتا بۇلۇپ، دائىملىق پاراڭ تىمىسىغا ئايلىنىپ قالدى.

    بۇگۇنكى مۇئەللىمنىڭ يۇمۇرىستىك دەرس نۇتۇقلىرىمۇ، قىزىق ئەمىلى تەجرىبىلىرىمۇ ۋارىسقا  خوشياقمىدى. ئۇ كەچلىك تەكراردىن شۇنچە ھارغىن چۇشتى. ساۋاقداشلىرىن ئايرىلىپ كونا جايغا، دىلناز ياتاققا ماڭىدىغان يول بويىدىكى گۇللۇككە كىلىپ ئولتۇردى. ئۇ بۇگۇنمۇ دىلنازنى يەنە بىر ئۇچراتسامكەن، ئۇنىڭ ئىللىق تەبەسسۇم چىرايىنى يەنە بىر كۆرسەمكەن، ۋۇجۇدۇمدىكى سېغىنىش ئوتىنى بىردەم بولسىمۇ ئۇچۇرسەمكەن دىگەن ئۇمۇتتە ئىدى. ئۇ دىلنازنى مۇشۇ يەردە تۇنجى ئۇچراتقان شۇ كۇندىن باشلاپ بۇ گۇللۇككە قانچە قېتىم كەلگىنىنى ، قانچە سائەت ئولتۇرغۇنىنى، دىلنازنى يۇشۇرۇن نەچچە يۇز قېتىم كۆزەتكىنىنى  ساناپ بىرەلمەيتتى. ئارىدىن يېرىم يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇ مەڭگۇ ئەمەلگە ئاشمايدىغان بۇ رىئاللىقنىڭ شىرىن چۇشلىرىدىن تېخى قۇتۇلۇپ بۇلالمىغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ پەقەت بىر يۇشۇرۇن كۆيىۋاتقان ئوت ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.  بۇ ئوتنى دىلنازغا كۆرسۇتۇشكە،تۇتاشتۇرۇشقا ئۇنىڭدا قىلچىلىك جۇرئەت يوق ئىدى. ئۆزىدەك نامرات دىھقان بالىسىنىڭ بۇنداق يۇقىرى مەرتىۋىلىك قىزغا كۇڭۇل ئىزھار قىلىش بىر كۇلكۇلۇك ئىش ئەمەسمۇ؟ بۇ قىز ئۇنىڭ  تەلىۋىمنى قۇبۇل قىلدىمۇ دەيلى، لېكىن كىيىنكى تۇرمۇش قانداق بولىدۇ؟بۇنىڭغا بۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قانداق قارايدۇ؟  ئوغلىنى يىمەي-ئىچمەي مىڭبىرجاپادا ئۇقۇتىۋاتقان  ئاتا-ئانىسى بۇ ئەھۋالنى ئۇقسا نىمە بۇلۇپ كىتىدۇ؟...بۇ ئەمىلىيەتتىمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىشقۇ؟...ۋارىس ئېغىر بىر تىنىپ، ھەممە غەملەردىن بىراقلا قۇتۇلماقچى بولغاندەك كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ، ئىككى ئالقىنىنى يۇزىگە ياقتى. ئۆزىنى شۇ قەدەر بىچارە، شۇ قەدەر ئاجىز ھىس قىلدى...ئۇ بىر ھازا سۇكۇت ئىچىدە تۇرغاندىن كىيىن، كۆزىنى ئېچىپ يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قارىدى. ئۇ شۇتاپ كۆكتىن ئۆزىنىڭ يۇلتۇزىنى ئىزدەۋاتاتتى، ئالاھىدە نۇر چاقنىتىپ تۇرغان چولپان يۇلتۇزنىڭ ئۆزىنىڭ يۇلتۇزى بۇلۇپ قېلىشىنى تىلەۋاتاتتى. ئۇ بىر ھازا يۇلتۇزىنى ئىزدەپ ھارغاندىن كىيىن، ئاستا كۆزىنى يەنە دىلنازنىڭ ياتاق بىناسى تەرەپكە ئاغدۇردى.   ئۇنىڭ چىرايى تېخىمۇ سۇلغۇن بۇلۇپ، كۆز جىيەكلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ تۇيۇقسىز گۇللۇك تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتقان تۇنۇش چىرايغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى. دىلناز قولىدا ماتىرىيال تۇتقان ھالدا شۇنچە سالماق قەدەم بىلەن ۋارس تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتاتتى. ۋارىسنىڭ  يۇرىكى ئەنسىز سۇقۇپ كەتتى. دىلناز خۇددى ئاستا كىلىپ، ئۇماق لەۋلىرى بىلەن ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىدىغاندەك، چىرايلىق يۇمران قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ سۇلغۇن چىرايىنى مىھىر بىلەن سىلايدىغاندەك ، ئاپئاق قولياغلىقى بىلەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۇرتىدىغاندەك بىلىنىپ كەتتى. ئۇ جىددىلىكىنى پەسەيتمەكچى بولغاندەك دەرھاللا كىتاۋىنى ئېچىپ ئۇقۇغان قىياپەتكە كىرىۋالدى. لېكىن كۆزى ھېچنەرسىنى كۆرمەيتتى. پۇتۇن دىققىتى  دىلنازنىڭ ئاياق تىۋىشىدا ئىدى.  دىلنازنىڭ ئاياق  تىۋىشى شۇنچىلىك يىنىك، شۇنچىلىك رىتىملىق بۇلۇپ، ئۇنىڭغا بارغانسىرى يېقىنلىشىۋاتاتتى...

     -كەلدىڭىزما؟- يان تەرەپتىكى گۇللۇكتەئولتۇرغان بىر يىگىت تىزلا دىلنازنىڭ ئالدىغا كەلدى،- مەن تېخى سىزنى چىقمامدىكىن دەپتىمەن،بۇگۇن كۆڭلۇمنى يەردە قويمىدىڭىز ، سىزگە رەخمەت جۇمۇ. قېنى بۇياققا كىلىپ ئولتۇرۇڭ.....

     ۋارىس تا ھازىرغىچە دىلنازنى بىرەر يىگىت بىلەن كۆرۇپ باقمىغان ئىدى.ئۇنى دائىم چىرايلىق قىزلار ئارىسدا ئۇگۇنۇش بىلەنلا مەشغۇل ھالەتتە كۆرەتتى. بۇگۇنكى بۇ مەنزىرىدىن ۋارىسنىڭ يۇرىكى ئېغىزىغا كەپلىشىپلا قالدى. ۋۇجۇدىدا رەشىك ئوتى يالقۇنجاپ كۆيۇپ، يۇرۇكىنى بىئارام قىلىۋەتتى. بۇ قىزنىڭ گۇزەل ئوبرازى،جىسمى ھەم پۇتۇن كەلگۇسى پەقەت ۋارىسقا تەئەللۇقتەكلا غەزەپتىن تىترەپ كەتتى. ئۇ گەرچە ئورنىدىن تۇرۇپلا كىتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، قانداقتۇر بىر خىل قىزىقىش ھەم غەزەپ ھىسياتى يان تەرەپتىكى ئۇرۇندۇقتا  ئولتۇرغان دىلناز بىلەن ھېلىقى يىگىتنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلاشقا مەجبۇرلىۋاتاتتى. ئۇ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا خۇددى كىنولاردىكى شىپىيۇنلاردەك ئاستا بۇ ئىككى گەۋدىگە يېقىنلاپ، سۇس چىراق نۇرىدا كىتاپ كۆرىۋاتقان قىياپەتتە ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سالدى.

-چاقىرتىپتىكەنسىز ئەكرەم.

-شۇنداق، مەقسىتىمنى دىمىسەممۇ بىلىسىزغۇ، مەن سىزنىڭ ئوتىڭىزدا ساراڭ بۇلاي دىدىم، مىنى بۇنداق قىينىماڭ، مەن بۇ دۇنيادا بىرەر قىزنى سىزنى ياخشى كۆرگەندەك كۆرۇپ باقمىغان، ھەم بۇنداق يىلىنىپ باقمىغان. بۇ قېتىملىق تەلىپىمنىڭ سىز ئۇچۇن نەچچىنچى قېتىملىق تەلەپ ئىكەنلىكىنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن، سىز ئۇدا مىنىڭ كۆڭلۇمنى رەت قىلىپ كەلدىڭىز، مىنى قانچە رەت قىلغانسىرىڭىز ، مەندىن قانچە قاچقانسىرىڭىز مەن سىزگە شۇنچە ئاشىق بۇلۇپ قالدىم،  تۇرغان، ماڭغان تۇرقۇم خۇددى ئۆزەمنىڭ ئەمەستەكلا...مىنىڭ بۇ كۆڭلۇمنى قاچانمۇ چۇشۇنەرسىز؟؟؟

   - بولدى ئەكرەم، سۆزلىمەڭ. مەن بۇگۇن ئەدەپ يۇزىسىدىن، سىزنىڭ ھىسياتىڭىزغا ھۆرمەت قىلغانلىقىم ئۇچۇن بۇ يەرگەچىقتىم. لېكىن مەن سىزگە يەنىلا <ياق> دىگەن جاۋاپنىلا بىرەلەيمەن. مەن سىزگە  نۇرغۇن قېتىم دىدىم: ھەر قانداق ئادەمنىڭ مۇئەييەن نىشان، ئارزۇسى بولىدۇ. مۇنىڭ بىردىنبىر نىشانىم ياخشى ئۇقۇش ، مەكتەپنى ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن  پۇتتۇرۇش. مەن ھازىرغىچە مۇھەببەت توغرسىدا ئويلانمىدىم ھەم ئويلانمايمەن. ھەم سىزگە نىسپتەن قىلچىلىك مۇھەببەت تۇيغۇلىرىدا، سۇيۇلۇش تۇيغۇلىرىدا بولۇپ باقمىدىم. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى مىنى ئۇنتۇپ كىتىڭ.

    -ياق، ياق...مەن ئۇنتۇپ كىتەلمەيمەن، سىزنى كىم بۇنداق گۇزەل، لاتاپەتلىك بولسۇن، بۇنداق ئەقىللىق، خۇشخۇي بولسۇن دەپتىكەن؟ سىز ماڭا يۇلۇقمىغان بولسىڭىز،مىنىڭ قەلب قەسىرىمگە بۇسۇپ كىرمىگەن بولسىڭىز مەن بۇنداق كۇنگە قالمايتتىم.سىز مىنى ساراڭ قىلىپ قويدىڭىز.

    -ئەكرەم، ئويلۇنۇپ باقتىڭىزمۇ؟ سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرمەيدىغان ، قىزىقمايدىغان بىرسىگە كۆڭلىڭىزنى بىرەلەمسىز؟ ئۇنى باغرىڭىزغا باسالامسىز؟...كۇڭۇل دىگەننى مەجبۇرلاپ تاڭغىلى بولمايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇنىڭ ئاقىۋىتى تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. شۇڭا بۇندىن كىيىن مىنى ئىزدىمەڭ، مىنىڭ ياتىقىمغا تېلىفۇن قىلماڭ، سىنىپنىڭ دەرىزىسىدىن قالايمىقان قارىماڭ، مەكتەپ ئىچىدە مىنىڭ ئالدىمنى قالايمىقان توسماڭ...ئەگەر سىز بۇنداق قىلىۋەرسىڭىز مىنىڭ مەكتەپتىكى ئوبرازىمغا يامان تەسىر بىرىپ قويىسىز، سىز مىنىڭ شاللاق قىز نامىنى ئېلىپ قېلىشىمنى خالىمايدىغانسىز؟؟؟

    -قاراڭ دىلناز، مەن سىزگە ھەر ۋاقىت ناھايىتى  سەمىمىلىك بىلەن، يىلىنىپ تۇرۇپ كۆڭلۇمنى ئىزھار قىلىپ كەلدىم. مەن ھېچقاچان بىر قىزنىڭ ئالدىدا بۇنداق كۇنگە قالمىغان، مىنىڭ قانداق ئەكرەم ئىكەنلىكىمنى ئوبدان بىلىسىزغۇ؟..شۇڭا ئوبدان ئويلۇنۇپ بېقىڭ، مەن سىزنىڭ<ياق> دىگەن جاۋابىڭىز كېرەك ئەمەس. لۇكچەك قىياپىتىم ئاشكارىلىنشتىن بۇرۇن تەلىۋىمگە ئۆز ئىززىتىڭىز بىلەن ماقۇل دەۋېلىڭ...

    -نىمە؟...ماڭا پوپوزا قىلىۋاتماسىز، مەن بۇ يەرگە سىزنى ئادەم قاتارىدا كۆرۇپ چىقتىم. مىنى ئۇنداق باشقا قىزلارغا ئوخشاتماڭ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوغلى بولسىڭىز نىمە بوپتۇ؟ ...بىلىپ قۇيۇڭ، مەن بۇ مەكتەپكە ئۆزەمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇقۇشقا كىرگەن، ھەم مەكتەپ تەلىۋى بويىچە ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن ئۇقۇپ كىلىۋاتىمەن. مەن پەقەت سىزنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىم، سىزگە قىلچىلىك قىزىقمىغانلىقىم ئۇچۇن <ياق> دىدىم. ئەگەر ماڭا باشقىچە نىيەتتە بولىدىغان بولسىڭىز مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ، دادىڭىزغا دوكلات قىلىمەن.

  ۋارىس كىتاپتىكى ئىمىر-چىمىر خەتلەرگە تىكىلگىنىچە ئويلۇنۇپ قالدى. بۇ ھېلىقى تەنتەربىيە  فاكولتىتىدا ئۇقۇيدىغان، ھەر ۋاقىت مەكتەپنى بېشىغا كىيىپ يۇرىدىغان ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوغلى ، جىدەلخور ئەكرەم قوپالغۇ. بۇ ئەبلەخمۇ دىلنازنىڭ پېيىدە يۇرۇپتىكەندە، شۇنچە مەمەدان، ھېچقانداق ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىنى كۆزگە ئىلمايدىغان گۇينىڭمۇ قىزلارغا يىلىنىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدىكەن ھە، مۇھەببەتنىڭ شاھنىمۇ گاداي قىلىۋېتىدىغانلىقى راس ئوخشىمامدۇ؟ لېكىن دىلناز ئەجەپ قورقمىدا بۇ قۇپالدىن؟ شۇنداق زەردىلىك گەپلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟ بۇ ئەبلەغ دىلنازغا يامانلىق قىلمىسىلا بولاتتىغۇ؟...ئۇ ئۆز-ئۆزىگە سۇئال قويغاچ يەنىلا  پاراڭغا قۇلاق سېلىشقا باشلىدى.

    -دوكلات قىلىمەن. قېنى دوكلات قىلىڭ، بولسا ھازىرلا دوكلات قىلىڭ، ئەكرەم مىنى ياخشى كۆرۇپ قاپتۇ، ماڭا كۇيۇپ قاپتۇ، مىنىڭ دەردىمدە ئېلىشىپ قاپتۇ دەپ دوكلات قىلامسىز؟ مەن سىزگە شۇنى دەپ قوياي دىلناز، مەن بۇ مەكتەپتە ئۆزەم ئىرىشەلمىگەن نەرسىنى ھېچقانداق ئادەمگە ئىرىشتۇرمەيمەن. مەن سىزنى ئۇقۇش پۇتتۇرگۇچە بۇمەكتەپ دەرۋازىسى ئىچىدە بىرەر يىگىت بىلەن ئۇچرىتىپ قالماي ھە؟!

    -خاتىرجەم بولۇڭ، مەن سىزگە دىدىمغۇ: مىنىڭ خىيالىمدا پەقەت ئۇقۇشلا بار، بەلكىم ئۇقۇش پۇتتۇرگەندىن كىيىنمۇ ئاسپىرانت، دوكتۇرلۇقنى پۇتتۇرگۇچە بىرەر يىگىت بىلەن ئارلىشىپ قالماسلىقىم مۇمكىن...

    -كۆرىمىزغۇ...

    - بولدى ئەكرەم، تەگەشمەيلى، ياتاقنى تاقايدىغان ۋاقىتمۇ بولۇپ قاپتۇ. مەن سىز بىلەن يەنىلا ياخشى دوست بۇلۇپ، ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىشىپ ئۇتۇشنى ئۇمۇت قىلىمەن. مىنى تەڭلىكتە قويماڭ، تەڭرىم سىزدەك قاملاشقان يىگىتكە مەندىنمۇ ياخشى قىزنى ئاتا قىلىدۇ . مەن قايتاي.

  -بوپتۇ، قايتىپ كىتىڭ. لېكىن مىنىڭ كۆڭلۇمنى يەرگە ئۇرغۇنىڭىزنى، غۇرۇرۇمنى دەپسەندە قىلغىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ. بىلىپ قويۇڭ، مەن بېشىمغا ئېلىپ كۆتۇرگەن قىزلارنى يەنە يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىشنى بىلىمەن جۇمۇ...

  دىلناز ئەكرەمنىڭ سۆزىگە جاۋاپمۇ بەرمەي سۇكۇت ئىچىدە ئورنىدىن قوزغالدى. ئۇ ۋارىسنىڭ ئالدىدىن ئېغىر<ئۇھ > تارتىپ ئۇتۇپ، ياتاق بىناسى تەرەپكە قاراپ ئاستا قەدەملەر بىلەن يۇرۇپ كەتتى. ۋارىس بىردەم دىلنازغا، بىردەم كۇچەپ تاماكا چىكىۋاتقان ئەكرەمگە يۇشۇرۇن قاراپ ئېغىر سۇكۇتكە چۆمدى. دىلنازنىڭ ھەقىقى ئىسىمى-جىسمىغا لايىق گۇزەل ئوبرازى ئۇنىڭ قەلبىدە تېخىمۇ  يۇكسەكلىككە كۆتىرىلىۋاتاتتى. مۇشۇ ياشتىمۇ ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ ، پۇتۇن دىققىتىنى ئۇقۇشقائاتىۋەتكەن قىزنى ئۇچرىتىش تەس بۇلىۋاتقان بۇگۇنكى كۇندە، ۋارىس ھەقىقەتەن بىر ئۇلۇغ پەرىشتىنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن سۇيۇنۇپ كەتتى. ئۇنىڭ بايامقى رەشىك ئوتلىرىمۇ ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتكەن بۇلۇپ، دىلنازنىڭ بارلىق سۆزلىرى ئۇنىڭغا  <ئەكرەم، مەن سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن، مىنىڭ لايىقىم بار، مەن پەقەت ۋارىسنىلا ياخشى كۆرىمەن، ۋارىستىنلا بارلىق بەختىمنى تاپىمەن....> دىگەندەك بىلىنىپ كەتتى. لېكىن بۇنىڭ ھەممىسى شىرىن چۇش ئىدى. ئەكرەمدەك مەكتەپ مۇدىرىنىڭ سۆلەتۋاز، بايۋەچچە  ئوغلىنى رەت قىلغان دىلناز قانداقمۇ ۋارىسنىڭ ساددا مۇھەببىتىنى قۇبۇل قىلالىسۇن....

  ۋارس ياتاققا ئېغىر خىياللار ئىچىدە كىرىپ ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلىدى. ئۇزىنىڭ كەچلىك تاماق يىمىگەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان ئىدى. ئۇ ياتاقداشلىرىنىڭ شىرىن ئۇيقۇسىنى بۇزماسلىق ئۇچۇن ئۆزىنى شۇنچە ئۇيقىغا زورلىسىمۇ ، ھېچ ئۇيقۇسى كىلىدىغاندەك ئەمەس. ئۇ ئۇيان-بۇيان نەچچە رەت ئۆرۇلگەندىن كىيىن ئورنىدىن تۇرۇپ كارۋات بېشىدىكى كىچىك چىراقنى ئاستا ياندۇردى. ياستۇق ئاستىدىن تۇركىيە يازغۇچىسىنىڭ < لەۋدىن قەلبكە > دىگەن كىتاۋىنى ئېلىپ، قاتلاپ قويغان يىرىدىن باشلاپ ئۇقۇشقا باشلىدى....

  مۇرادىل تېخى ئۇخلىمىغان ئىدى. ئۇ دوستىنىڭ ئىشلىرىغا چىن يۇرۇكىدىن كۇڭۇل بۇلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ پات-پات ئۇھسىنىشلىرىدىن، ئۆزىنى تاشلىۋېتىشىدىن، دەرستە چىكىنىپ كىتىشىدىن يۇرىكى پۇچۇلىناتتى. ئۇ دوستىنىڭ كىتاپ ئۇقۇپ تۇرۇپ، پات-پات تۇرۇسقا قاراپ ئۇنسىز خىيال سۇرۇشلىرىگە قاراپ ياتتى. ئۇ :مەن بۇ دوستۇمغا زادى ياردەم بەرمىسەم بولمايدىغان يەرگە كەپتۇ، مەيلى رەت قىلسۇن، رەت قىلمىسۇن بۇدوستۇم كۆڭلىنى چۇقۇم دىلنازغا بىلدۇرۇشى كېرەك. بەلكىم ئېغىر رەددىيەگە ئۇچرىسا بۇ ئىشلارنىڭ پەقەت بىر چۇش ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ، دىلنازدىن ئۇمۇت ئۇزۇپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالسا ئەجەپ ئەمەس ...دىگەنلەرنى ئويلىدى...
  يەكشەنبىلىك دەم ئېلىش كۇنىمۇ كەلدى. ياتاقتىكى ھەممە ساۋاقداشلار رەتلىك كىيىنىپ سىرتقا چىقىپ كىتىشىتى. ۋارىس بۇگۇن چۇشكىچە قېنىپ ئۇخلىدى. نەچچە كۇندىن بۇيانقى ئۇيقۇسىز تۇنلەردىن بۇگۇن دەردىنى تازا ئالدى. ئۇ خېلىلا جۇدەپ قالغان بولۇپ، قاپقارا ئۇلىما قاشلار ئاستىدىكى چوڭ قوي كۆزلىرىمۇ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن، يىگىتلىكنى نامايەندە قىلىۋاتقان ساقال -بۇرۇتلىرىمۇ خېلىلا ئۆسۇپ، ھارغىن چىرايىغا تېخىمۇ ھارغىنلىق بىرىپ قويغان ئىدى. ئۇ تەستە ئورنىدىن تۇردى. يۇز-كۆزىنى يۇيۇپ، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۇچۇن چامادانىنى نەچچە رەت ئۆرۇپ-چۆرۇپ باققان بولسىمۇ، يۇيۇپ قاتلاقلىق پاكىزە كىيىمدىن بىرەرىنىمۇ تاپالمىدى. شۇ تاپ ئۇ ئۆزىنىڭ پات يېقىندا كىىيىم-كىچىكىنى يۇيۇپ باقمىغانلىقىنى ئەسلەپ، كۆزلىرىنى چىڭ يۇمغۇنىچە ، ئېغىر جىسمىنى يەنە كارۋاتقا تاشلىدى....
     ۋارىس يەنە بىر ئۇزاق خىياللار ئىچىدە ياتتى. خىيالىدا بىر پەرىشتە ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇپ ئۇنىڭغا ئاراملىق بەرمەيتتى. خىياللىرى خىياللارغا قۇشۇلۇپ، نۇرغۇن شىرىن دەملەرنىڭ ھۇزۇرىنى سۇرۇپ چىقتى. نۇرغۇن ئاچچىق كەچمىشلەرگە ھەمرا بولدى . شۇ تاپ ئۇنىڭ خىيالىغا تۇيۇقسىز يېزىدىكى جاپاكەش ئاتا-ئانىسى كەلدى. ماڭلايلىرىدىن چىپ-چىپ ئېقىۋاتقان تەرلىرىنى سۇرتۇپ، ئېتىز بېشىدا قاتتىق زاغرا غاجاپ، كەڭ ئېتىزغا شۇنچىلىك ھارغىن نەزەردە قاراۋاتقان بىر جۇپ چىراي ئۇنىڭ ئېڭىدا ئەكس ئەتتى. دادا پىژغىرىم ئىسسىقتا ئېتىزلارنى ئوغۇتلىۋاتاتتى، ئانا شۇ جېنىدا ئېغىر كەتمەننى كۇچەپ چېپىۋاتاتتى، ئۇلاردىكى ۋاقىتسىز ئاقارغان چاچلار ، پىشانىسىدىكى يول-يول قورۇقلار، قاپارغان قوللار، رەڭگى ئۇچۇپ كەتكەن كونا كىيىم-كىچەك، ھارغىن چىراي...ۋارىس خىياللىرىدىن بىراقلا قۇتۇلماقچى بولغاندەك چاچراپ ئورنىدىن تۇردى. كۆز جىيەكلىرىگە كىلىپ قالغان ئاچچىق ياشلىرىنى يۇشۇرماقچى، ئازاپلىق خىياللىرىدىن بىراقلا قۇتۇلماقچى بولغاندەك كۆزلىرىنى چىڭڭىدە يۇمۇۋالدى.
     <يار دەردىم> دىگەن ناخشىنى بۇلۇشىغىچە توۋلاپ ياتاققا كىرىپ كەلگەن مۇرادىل  تېخىچە كارۋاتتىن چۇشمەي كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ ئولتۇرغان ۋارىسنى كۆرۇپ ئىشىك تۇۋىدە جىممىدە توختاپ قالدى. ھەم كەيپىياتنى كۆتۇرۇش ئۇچۇن دەرھاللا چاقچاققا ئۆتتى:

  -ھەي ، ئاغىنە، سەن ئىشەكمۇ يا ئادەم، قاراسائەت نەچچە بولدى؟ قۇتۇر ئىشەكمۇ جېنىدا بۇ كەمگىچە جاڭگالدىن نەچچە ھارۋا ئۇتۇن تۇشۇپ بولدى. سەن نىمانداق تېخىچە ياتىسەن؟- ۋارىس كۆزلىرىنى ئاستا ئېچىپ دوستىغا تىكىلدى. كۆزلىرىدىن بىر تالاي ھەسرەت تۇكۇلۇپلا تۇراتتى.ئۇ ئاستا پۇتىنى كارۋاتتىن چۇشۇرۇپ، ھارغىنلىق بىلەن سورىدى:
   -سائەت قانچە بولغاندۇ؟
    - ئۇچ بولدى، ئۇچ...يەنە بىر ئاش پىشىمدىن كىيىن كەچ بولىدۇ...
   -نىمە؟...ۋارىس ئەندىككەندەك دەرھاللا سائەتكە قارىدى. سائەت مۇرادىل ئېيتقاندەك راسلا 3 بولغان ئىدى...- توۋا، ئەجەپ مۇشۇ چاققىچە يېتىپتىمىنا؟ قورسۇقۇممۇ ھېچ ئاچماپتۇ...

   -ئاۋۇ خىيالىڭدىكى پەرىشتىنى ئويلاپ ياتساڭ قانداقمۇ قورسۇقۇڭ ئاچىدۇ ئاغىنە؟ ساڭا ئاشۇ قىز بولسىلا بولىدىغۇ...

   -بولدى . ئادەمنى مازاق قىلمىغىنا ، مەنمۇ ئويلىنىۋاتىمەن ھەم كۆپ ئويلاندىم. مەن كىمزادى؟ كىمنىڭ ئەۋلادى؟ مەن نىمانداق ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىشلەپ ، خىيالپەرەسلىك ئىچىدە ياشايمەن؟ مىنىڭ بۇ مەكتەپكە كىلىشىم نىمە ئۇچۇن؟ ئاتا-ئانامنىڭ ئۇنسىز جاپا چىكىشى كىم ئۇچۇن؟ ئاشۇ قىزنى دەپ ، ئاشۇ شىرىن چۇشنى دەپ مەن مۇشۇنداق بۇلۇپ كەتسەم بولامدۇ؟ قېنى مىنىڭ نەتىجەم؟ قېنىمىنىڭ گۇزەل ئارزۇلىرىم؟ قېنى مىنىڭ كەلگۇسۇم؟...مەن راستىنلا ئۆزەمگە ئوخشىمايلا قېلىۋاتىمەن. نىمە ئۇچۇن خۇدا ماڭا نىسىپ قىلمىغان نەرسىگە شۇنچە تەلپۇنىمەن؟نىمە ئۇچۇن ئۆز يۇلۇمدىن سىرت يول تۇتىمەن؟...ۋارس مۇرادىلنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بىرىش ئورنىغا، ئۆزىگە ئۆزى بىر تالاي سۇئاللارنى قويۇپ كارۋاتتىن ئاستا چۇشتى.
     -ئۇھ، خۇداغاشۇكرى ...سىنىڭمۇ ئۆزۇڭنى تۇنۇپ يىتىدىغان ۋاقىتىڭ كىلىدىكەن ھە، ئۇ قىزغا ئاشىق بولغۇنىڭنى گۇناھ دەپ قاراپ كەتكىلى بولمايدۇ. لېكىن شۇ  ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئىشقا بەك ئېسىلىۋالدىڭ ، كۇيۇك ئازابىنى بەك تارتىپ كەتتىڭ.  بولدى، سەنمۇ ئۇغۇل بالىغۇ، مەيلى نامرات ، گاداي بول سىنىمۇ ئاپاڭ ئۇغۇل بالا دەپ تۇققان.  شۇڭا  كۆڭلۇڭنى ئۇ قىزغا ئۇچۇق ئاشكارا ئىپادىلەپ باق. ئۇ قۇشۇلمىغان تەقدىردىمۇ سەندەك بىر يىگىتنىڭ ئۆزىنى سۇيىدىغانلىقىنى، قەدىرلەيدىغانلىقىنى بىلىپ قالسۇن...قوپە ئاداش، بۇنداق يېتىۋەرسەڭ ھۇرۇن ئىشەكتىن قىلچە پەرقىڭ قالمايدۇ. قورسۇقۇڭمۇ ئېچىپ تارتىشىپ كەتكەندۇ، بازار ئايلانغاچ ، قورساقنى توقلاپ مۇڭدۇشۇپ كىلىمىز...

   - مىنىڭ كەيگۇدەك پاكىزە كىيىمىم قالماپتۇ.
     مۇرادىل ۋارىسنىڭ چامىدىنى ئەتراپىدا چېچىلىپ ياتقان كىيىملەرگە قاراپ قويدى. بۇ ئاددى ساددا دوستىنىڭ كىيىم-كىچەكلىرى ئىچىدە بىرەر ئالاھىدە ماركىلىق كىيىم-كىچەكمۇ كۇرۇنمەيتتى.
   -كىيىملىرىمنى دىلناز  يۇيۇپ بىرەمدىكىندەپ ساقلاپ قويغانما؟ ئۇكۇنلەرمۇ كىلىپ قالار، ۋاقتى كەلگەندە مىنىڭ كىيىملىرىمنىمۇ يۇدۇرۇپ بىرەرسەن ھە، مانا كىيىم، ئۆزەڭ ياقتۇرغاننى كىيىپ تۇرغىن،- مۇرادىل چامادانىدىن 4-5 قۇر كىيىمنى ئېلىپ ۋارسىنىڭ ئالدىغا قويدى.

   ۋارىس بىلەن مۇرادىل سىرتقا چىقتى. ۋارىس ئاغىنىسىنىڭ سۆزلىرىدىن خېلىلا يىنىكلەپ قالغان بولۇپ،  قىممەتلىك بىر نەرسىنى تېپىۋالغاندەك خېلى جۇشقۇن كۆرۇنەتتى. يول ئارىلىقىدا، تاماق ۋاقتىدا، پاراڭ ئارىلىقىدا مۇرادىل ۋارىسقا بىر مۇنچە مەسلىھەتلەرنى كۆرسەتتى. ئۇنى دىلنازغا تەلەپ قويۇشقا ، ھېچ بولمىسا خەت ئارقىلىق بولسىمۇ كۆڭلىنى ئىپادىلەپ بېقىشقا ئۇندىدى. مۇھەببەتنىڭ مۇرەككەپ ھىسيات ئىكەنلىكىنى، گۇزەل قىزلاردىمۇ نازۇك ھىسيات بۇلىدىغانلىقىنى، ئەخلاقلىق قىزلارنىڭ ساددا، تىرىشچان ، كىلىشكەن يىگىتلەرنى يەنىلاياخشى كۆرىدىغانلىقىنى... ۋارىسقا سۆزلىدى.  يىتىم غېرىپنىڭمۇ شاھ قىزى سەنەم پىراقىدا بىر تالاي كەچمىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۇزۇپ ئاخىرى ۋىسالىغا يەتكەنلىكىنى، ئاددى بىر خىزمەتچىنىڭمۇ ساچىر خانىمدەك دۆلەت ۋەزىرى بىلەن شۇنداق بەخىتلىك ياشىۋاتقانلىقىنى...ئىشقىلىپ بىر تالاي مىساللارنى توختىماي سۆزلەپ چىقتى... ئۇنىڭغا مەدەت ، ئىلھام بەردى. ھەم ئاخىرى ۋارىسنى دىلنازغا كۆڭلىنى ئۇچۇق بىلدۇرۇشكە كۆندۇردى...

     ۋارىس دىلنازغا قانداق ئېغىز ئېچىش، ھىسياتىنى قانداق ئىپادىلەش توغرسىدا كۆپ باش قاتۇردى. ياتاقتا يالغۇز قالغاندا، دەرس ئارىلىقىدا، ھېلىقى گۇللۇكتە...دىلنازغا دەيدىغان سۆزلىرىنى نەچچە-نەچچە رەت يادلاپ چىقتى. يادلاش جەريانىدىمۇ خۇددى دىلناز ئالدىدا  تۇرىۋاتقاندەك دۇدۇقلاپ، كىكەچلەپ، ئوتتەك قىزىرىپ ، ھەر قېتىمدا ئېلىشپ كەتتى. ھەرقانچە پىششىق يادلىسىمۇ ، ھەرقانچە سەمىمى ، مۇھەببەتلىك سۆزلەرنى قاتسىمۇ لېكىن يەنىلامۇكەممەل ئەمەستەك ھىس قىلدى. ئۇ شۇنچە ئىمتاھانلارنىڭ ئۆتكەللىرىدىن ئۇتۇپ كەلگەن.  ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىغا، خەنزۇ تىلى، ئىنگىلىز تىلى دەرىجە ئىمتاھانلىرىغا، نۇرغۇن ئالى مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۇزۇلگەن زىھىن سىناش مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان، نۇرغۇن توم-توم كىتاپلارنى قارىلاردەك يادلاپ چىققان، نۇرغۇن چىگىش ، مۇرەككەپ سۇئاللارغا شۇنچىلىك تەدبىرلىك بىلەن جاۋاپ بەرگەن. نۇرغۇن دوكتۇر، پىرافىسورلارنىڭ ئالدىدا شۇنچىلىك سالماقلىق بىلەن ئولتۇرغان. لېكىن ئەمدىلىكتە مۇشۇنچىلىك كىچىك سىناق ئالدىدا شۇنچە تەمتىرەپ ، جىددىلىشىپ كىتىشى نىمە گەپ؟...مۇھەببەت دىگەن شۇنچىلىك قۇدرەتلىك نەرسىمىدۇ ھە؟ ھېچقانداق ئادەم ئالدىدا تەمتىرەپ باقمىغان ۋارىس ئەجەپ بۇ قىزنى كۆرمەي ، كۆڭلىنى ئىزھار قىلماي تۇرۇپ كالۋالىشىپ كىتىپ بارىدۇ دىسە؟...

     ۋارس نەچچە رەت مەشىق، نەچچە رەت ئويلۇنۇش، نەچچە رەت ئىككىلىنىشتىن كىيىن ، يۇز تۇرانە مۇھەببەت ئىزھار قىلىش نىيتىدىن ياندى. -مەن ياخشى كۆرگەن قىز بەلكىم دىلناز بولماي باشقا بىر قىز بولغان بولسا بەلكىم  بىۋاستە كۆرۇشكەن بولغىيتتىم، لېكىن ئەكرەمدەك پوچى يىگىتلەرگە سۆز بەرمىگەن قىزغا  بىۋاستە شىلتىڭ ئاتسام سۆزلىرىمگە قانداق جاۋاپ بىرەر ؟ بىر مۇنچە قىز -يىگىتلەر ئارىسىدا قاقاقلاپ كۇلۇپ، مىنى مازاق قىلىپ كەتسە قانداق قىلارمەن؟ <ئەپتىڭىزگەقاراڭ >، ياكى بولمىسا <ياتىقىڭىزدا ئەينەك يوقمۇ؟> دىگەندەك جاۋاپلارنى بەرسە، < يۇقال ماز، ئەبلەخ> دەپ تىللاپ كەتسە ئۆلگۇنۇم شۇئەمەسمۇ؟...بولدىلا ئەڭ ياخشىسى خەت ئارقىلىقلا يازاي، مەن يېنىدا بولمىغاندىكىن خەتنى يىرتىپ-يىرتىپ تاشلىۋىتەمدۇ؟ كۆيدۇرىۋىتەمدۇ؟ مىنى بولۇشىغىچە تىللامدۇ؟...ئۆزىنىڭ ئىشى...لېكىن مەندەك بىر سەمىمى يىگىتنىڭ ئۆزىنى غايىۋانە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپ قالسىلا بولدى...-ۋارىس بىر ھازا خىياللاردىن كىيىن شۇنداق قىلىشنى لايىق تاپتى.

  دىلناز بىر دوستى بىلەن ياتاق بىناسىدىن شوخ كۇلكىلەر ئىچىدە چىقىپ كەلدى. ئۇ يەنىلا ئاۋالقىدەكلا شۇنچىلىك ئۇماق، شۇنچىلىك خۇشخۇي ئىدى.  ئىككى تال قىلىپ ئۆرىۋالغان چېچى ئۇنى ئوتۇرا مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىدەكلا شۇنداق سەبى كۆرسۇتۇپ تۇراتتى. ئۇ بىر قولىدا كىچىككىنە چاماداننى كۆتۇرۇپ، يەنە بىر قولىدا دوستىنى قولتۇقلاپ مەكتەپ دەرۋازىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى . گۇللۇكتىكى ئورۇندۇقتا مۇرادىل بىلەن بىرگە ئولتۇرغان ۋارس جىددىلىشىپ كەتتى. ئۇ قولىدىكى خەت قىستۇرۇلغان كىتاپنى كۇچ بىلەن مۇجۇقلىدى. شۇ تاپ ئۇ بارغانسىرى يېقىنلاپ كىلىۋاتقان دىلنازغا قاراپ شىددەت بىلەن سۇقۇۋاتقان  يۇرۇگۇنى ئاستا سىلاپ قويدى. شۇ دەمدە ئۇنىڭ كاللسىدا قىز ئالدىغا بېرىش-بارماسلىق، نىمە دەپ ئېغىز ئېچىش، قولىدىكى كىتاپنى قانداق بىرىش توغرىسىدا كۇرەش بۇلىۋاتاتتى. ئۇ ھاياتىدا بىرەر قىزغا سۆيگۇ مەكتۇبى سۇنۇپ باقمىغاچقىمۇ شۇنچىلىك جىددىلەشتى، شۇنچىلىك تىترىدى. ھەتتا نىيتىدىن دەرھال يېنىپ ياتاققا كىتىشنى، ياكى بولمىسا دىلنازنى كۆرمىگەن بولۇپ ئولتۇرىۋېلىشنىمۇ ئويلىدى...

   -قۇپە ئاداش، مەن بىرگە كەلمىگەن بولسام ئاللىبۇرۇن قۇيرۇقىڭنى تىكىۋىتەرسەنكەن. نەرىڭ ئۇغۇل بالا سىنىڭ . ئۇ ئادەم يەيدىغان ئالۋاستى ئەمەس بىر گۇزەل پەرىشتە...مۇشۇنچىلىك ئۆتكەلدىن ئۇتەلمىسەڭ ئالدىڭدا يەنە نى-نى ئىشلار بار جۇمۇ ...بۇلە...- مۇرادىل مېڭىشنى ياكى تۇرۇشنى بىلەلمەي قالغان ۋارسىنى دىلناز كىلىۋاتقان تەرەپكە كۇچ بىلەن ئىتتىردى...

0

تېما

3

دوست

956

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   91.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29626
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 294
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 20:15:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇگەپ قالمىغىيدى دەپ ئوقۇپ يەنىلا تۇگىتىپ قويدۇم ، داۋامىنى تىزراق يوللاڭ .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

43

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   14.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32286
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 21:54:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى قايتا كۆرگىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن.داۋامىنى توختىتىپ قويماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.داۋامىنى تىزراق يوللار سىز...............

11

تېما

3

دوست

2210

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15618
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 672
توردىكى ۋاقتى: 178
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 22:58:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن بېرىلىپ،ئەڭ قىزىقىپ ئوقۇغان،ئەڭ نادىر دەپ قارىغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى مۇشۇ ئەسەر ئىدى...


تۈگىگىچە ئوقۇغاندەك قىلغان ئىدىما؟


ۋارىس  دىلنازنى ماشىنا بىلەن سوقۇپ قويغاندىن كېيىن ،دىلنازنىڭ قورسىقىدىىك بالىسى چۈشۈپ كېتىپ،ۋارىس بىلەن دىلناز ئاجرىشىپ كېتىپ .....دېگەندەك....


مەن تېخى تولۇق تۈگىگەن ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن،بۇ مۇنبەرگە يوللىغىنىڭىز بەك ياخشى بولدى،بىر باشتىن قايتىدىن ئوقۇپ چىقىمەن ئەمدى.....

يىراقتا تۇرۇپ جا

33

تېما

16

دوست

6112

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   22.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11900
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1015
تۆھپە : 1192
توردىكى ۋاقتى: 311
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 09:45:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز ، ئۆزۈمنى ئالى مەكتەپتىكى ۋاقتىمغا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم . داۋامىنى كۈتىۋاتىمىز...

0

تېما

2

دوست

1463

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27506
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 12:11:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرىشتە دەپ تەسۋىرلەپ كەتكە نېمە دەي ئەمدى،

2

تېما

0

دوست

1861

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   86.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7762
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 211
تۆھپە : 431
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 12:19:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4032 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-22 12:11
پەرىشتە دەپ تەسۋىرلەپ كەتكە نېمە دەي ئەمدى،

ئالدى بىلەن ئەسەرنى تولۇق ئوقۇسىڭىز دىلنازغا سىزمۇ شۇنداق باھا بېرىسىز. ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەر بۇ.

2

تېما

0

دوست

1861

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   86.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7762
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 211
تۆھپە : 431
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 12:22:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سادىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-22 12:31  

بۇ ئەسەر ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەر. ئىلگىرى مىسرانىمدا ئېلان قىلىنغان. ھازىرhttp://www.qarasu.com/forum.php? ... p;tid=1875#lastpost   دا ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ يەردە كۆرۈپ تېخىمۇ خۇش بولدۇم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )