فىزىكا مۈشكۈل ئەھۋالدا قالدى، ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ ئاپتۇرى: لىيۇشىيا
ئەركيار تەرجىمىسى
ئەنگىليە بولىستوردىن ئىختىيارى يازغۇچى ماسىيو.جامۇس2012-يىلى«ئىلمىي ئامېرىكىلىقلار»ژۇرنىلىدا«كېيىنكى ھېككىس زەررىچىسى دەۋرى»ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.ئۇمۇنداق بايان قىلىدۇ:"ھېككىس زەررىچىسى بايقالغاندىن كېيىن،بۇخىل زەررىچىگە تېخىمۇ ئىنچىكە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ،چوڭ تىپتىكى ھادرون سوقۇشتۇرغۇچ(LHC) بۇ ۋەزىپىنى ئۇرۇنداشقا ئامالسىز".ھازىر ئالىملار يېڭى ئەۋلاد سوقۇشتۇرغۇچ ياساپ تەتقىقات ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ،ئۆلچەملىك مودېلدىن باشقا فىزىكىلىق ھادىسىلەرنى بايقاشتا تۆت خىل لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھېككىس زەررىچىسى خالتا كوچىغا كىرىپ قالدى ھېككىس بوزىيوننىڭ بايقىلىشى تارىختىكى ئەڭ توغرا ئىلمىي مودېل ــــ زەررىچىلەر فىزىكىسى ئۆلچەملىك مودېلىنى مۇكەممەللىككە ئىگە قىلدى.ئەمما،«بىرھېكايىنىڭ ئاخىرلىشىشى يەنە بىر ھېكايىنىڭ باشلىنىشى»بولغاندەك،بۇ يەنە يېڭى مەسلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى. 1964-يىلى2-ئايدا،بىتلىس(ئەنگىليىدىكى داڭلىق روك مۇزىكا ئەترىتى) ئامېرىكىنى قايىل قىلىشقا تىرىشىۋاتقاندا،بەزى كۈچلۈك ماددىلار نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى مورى. گىلماننىڭ كاللىسىدا پىرقىراپ يۈرەتتى. گىلمان ئىزدىنىۋاتقان مەسىلە شۇكى: ماددىنى تۈزگۈچى ئاتوم ۋە نېترونلارمۇ تېخىمۇ كىچىك تۈزگۈچىگە ئىگىمۇ؟ئۇ بۇ خىل كىچىك ماددىنى «كۋارك»دەپ ئاتىدى.«كۋارك»سۆزى ئېرلاندىيە يازغۇچىسى جامۇس.جويىسنىڭ«فېنگان كېچىسى»ناملىق ھېكايىسىدىكى شېئىرى جۈملە«مەيك خوجايىننى قايتا-قايتا كۋارك دەپ چاقىرىدۇ»دىن كەلگەن بولۇپ،گىلمان بۇ سۆزنى ياخشى كۆرگەچكە شۇنداق دەپ ئاتىغان. ئۇ چاغلاردا فىزىكىنىڭ يېڭى ئىدىيىگە بولغان تەقەززالىقى چۆل-جەزىرىگە پالىنىپ كەتكەن كىشىنىڭ بوستانلىققا بولغان تەقەززاسىغا ئوخشاش كۈچلۈك ئىدى.ئالىملار كائىنات نۇرلىرىدىن نەچچە ئون خىل غەلىتە يېڭى زەررىچىلەرنى بايقايدۇ.بۇ كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايتتى ھەم سەۋەبى چۈشەندۈرۈكسىز ئىدى.گىلمان ئىجاد قىلغان كۋارك پروتون،نىترون ۋە باشقا مۇشۇنىڭدەك يېڭى زەررىچىلەرنى ئىككى ياكى ئۈچ تېخىمۇ ئاساسىي بولغان زەررىچىدىن تۈزۈلىدۇ،دەپ تەسۋىرلەيتتى. كۆپ ساندىكى فىزىكلارغا نىسبەتەن بۇ قىياس بەكلا ئالدىغا كېتىپ قالغاندەك بىلىنەتتى.يېڭى زەررىچە بەلگىلىنىپ بولغان قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلىدى،سەۋەبى 2/3、-1/3 + زەرەتلەرگىمۇ ئىگە بولۇپ قالاتتى ھەمدە ئالىملار بۇنداق «ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەيدىغان»زەرىچىلەرنى ئەزەرلدىن ئۇچراتمىغان ئىدى.ئەھۋال نېمىشقا شۇنچە غەلىتە بولىدۇ؟نېمىشقا مۇشۇنداق بولمايدۇ؟ مېكسىكا شىتاتى سانتافىي تەتقىقات ئورنىدىن گىلمان رەددىيە بەردى: «ھەممىلا ئادەم ئۇنىمۇ مۇمكىن ئەمەس،بۇنىمۇ مۇمكىن ئەمەس،دەيدۇ.ئېھتىمال ھېچقانداق ئاساس يوقتۇ ياكى تەبئىي مۇشۇنداق غەلىتىدۇ»نەتىجىمۇ دەل مۇشۇنداق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.كۋارك ھەممە پەنلەرنىڭ ئىچىدە تەكشۈرۈشكە ئەڭ بەرداشلىق بەرگەن نەزەرىيۋى مودېل بولۇپ،زەررىچىلەر فىزىكىسى ئۆلچەملىك مودېلىنىڭ ئاساسى بولدى.40يىل ئىچىدە ئۆلچەملىك مودېل ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئىقتىدارىنى نامايەن قىلدى.قايتا-قايتىلاپ نەزەرىيەشۇناسلارنىڭ خىياللىرىنى رەددىيە بەرگىلى بولغۇسىز پاكىتقا ئايلاندۇردى.2012-يىلى7-ئايدا،ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزى(CERN) نىڭ چوڭ تىپتىكى ھادرون سۇقۇشتۇرۇش تەجرىبە گۇرۇپپىسى ھېككىسى بوزىيوننى بايقىغانلىقىنى خەۋەرقىلدى.بۇ ئۆلچەملىك مودېلنىڭ ئەڭ يېڭى،ئەڭ ھەيران قالارلىق،كىشىنىڭ دېققىتىنى ئەڭ تارتقان بىرقېتىملىق نامايەندىسى ئىدى. گەرچە ئالىملار مۇشۇنداق زورنەتىجىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ ئەمما «گۈللىنىشنىڭ چېكى ــ خارابلىشىش»،«فىزىكا تۈگەشتى»دېگەندەك پاراڭلار قۇلاق تۈۋىمىزدىن كەتمىدى.ھېككىس بوزىيونى بايقىلىپ ئېنىقلا مۇكەممەل بولمىغان ئۆلچەملىك مودېل مۇكەممەللىككە ئېرىشتى.ئەمما،بۇ ئۆلچەملىك مودېلنىڭ نۇقساندىن خالىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.تەجرىبىمۇ ئالىملارغا تېخىمۇ ياخشى مودېلنى تۇرغۇزۇپ تۇلۇقلاشقا قايتا يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەشكە ئىلاجسىز.تارىخ قايتا تەكرارلىنىپ زەررىچىلەر فىزىكىسى نەزەرىيسى پۈتۈنلەي يېڭى ئىنقىلابنى چاقىرىدۇ. ئامېرىكا تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوۋستىن تارماق مەكتىپىدىن نەزەرىيەشۇناس سىتېفىن.ۋېنبىرگ 1974-يىلى«ئۆلچەملىك مودېل»نى ئوتتۇرىغا قويغان.ۋېنبىرگ ئېيتىدۇ: مەن بۇ ئاتالغۇنىڭ قېلىپلىشىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلمايمەن،ئۇنىڭ ئىدىيە ئالماشتۇرۇش ۋە تەجرىبىنىڭ ئاساسى بولۇشىنى،ئالىملارنىڭ دەلىل-ئىسپاتلارنى تېپىپ چىقىپ ئۆلچەملىك مودېلنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆلچەملىك مودېلنىڭ ئاساسى ئىدىيسىنى بىرپارچە ئاتكېرتكا يۈزىدىن پايدىلىنىپلا ئىپادىلىگىلى بولىدۇ: 6تال كۋارك قوشماقلىشىپ جۈپ تۈزۈپ ماسسىدىن باشقا بارلىق ئوخشاش ئۈچ «ئەۋلات»نى تۈزىدۇ؛ئېلېكترون ۋە نېترون قاتارلىق 6«لېپتون»مۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا تىزىلىدۇ؛ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرقىسىم بوزىيونلار كۋارك ۋە لېپتون ئارىسىدا تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ ئاساسى تەسىركۈچنى ئۇزىتىدۇ.
بۇ زەررىچىلەرگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم ئىش ــ ئۇلار ماھىيەتتە ھەممىسىلا كۋانت زەررىچىلىرىدۇر.كۋانت نەزەرىيسى20-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى ھالقىلىق بايقاشلاردىن كەلگەن.بۇ بايقاشلاردىن ئايانكى،ئاتوم قويۇپ بەرگەن ۋە سۈمۈرگەن رادىئاتسىيە شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق دۇلقۇن ئوزۇنلۇقىغا ئىگە ئىكەنكى،ئېنىرگىيەنىڭ ئۈزۈك پارچىلىنىشى ياكى«كۋانت»تىن پايدىلىنىپ چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.مۇشۇ پىكىريولى بويىچە بولغاندا بىزغەلىتە ئىككى ياقىلىمىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىمىز،ئەڭ كىچىك ئۆلچەمدە،زەررىچىنىڭ ئۆزى دولقۇن،دۇلقۇننىڭ ئۆزى زەررىچە.بۇ «سالاھىيتى» ئېنىق بولمىغان دۇلقۇن-زەررىچىنىڭ ھەرىكىتى نىيۇتۇن كىلاسسىك دىنامىكىسىغا بويسۇنماستىن،ئابىستراكىت ماتېماتىكىنىڭ بوشلۇقىدىكى غەيرىيلىك قائىدىسىدىكى ئېھتىماللىق بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ.
20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە كۋانت مىخانىكىسى ئۇمۇمىيۈزلۈك شەكىللەندى ھەم تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈشنى كۈتىۋالدى.بىراق،20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە فىزىكا تالانت ئىگىسى،نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ياش نەزەرىيە فىزىكىچىسى پاۋىل.دىراك ۋە باشقىلار كۋانت نەزەرىيسى بىلەن ئېينىشتىين كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيسىنى باغلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە كىرىشىپ كەتتى.بۇ ئىزدىنىش نۇرتېزلىكىگە يېقىنلاشقان ھەرىكەتتىكى زەررىچىنى تەسۋىرلەشتە ھالقىلىق بىرقەدەمنى باستى.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىدا يېڭى بىر زېمىن ھازىرلاندى.
1928-يىلى دىراك ئېلېكترون ھەرىكىتىنىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيسى ئاساسىدىكى كۋانت مىخانىكىسى تەڭلىمىسىنى يەنى،دىراك تەڭلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.بۇ تەڭلىمە بىرلا يېشىمگە ئىگە بولۇپلا قالماي،شۇنداق بىر زەررىچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن دېرەك بېرەتتى،يەنى ئۇنىڭ خاسلىقى ئېلېكترونغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ،ئەمما زەررىتى قارمۇ-قارشى.بەش يىلدىن كېيىن ئالمىلار ئالەم نۇرلىرىدىن بۇ خىل«مۇسبەت ئېلېكترون»نى بايقىدى.نەزەرىيشۇناسلارمۇ بۇنىڭغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ «ئانتى ماددا»ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى.كۋانت مەيدان نەزەرىيسى ئۆلچەملىك مودېلنىڭ نەزەرىيۋى ئاساسى بولۇش سۈپىتىدە يۇقىرىقى مەنتىقىنىڭ توپلانمىسىدۇر.مەيداندىن پايدىلىنىپ كۈچ ئۇزىتىش قىياسىنى 19-ئەسىردىكى ئەنگىليە فىزىكى،خىمىيە ئالىمى مايكېل.فارادىيدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.ئەمما،كۋانت مەيدانىنىڭ ماتېماتىكىلىق قۇرۇلمىسى كۋانت مەيدانىغا بىرخىل غەلىتە خاسلىقنى قوشتى.بۇلار ھېچنىمە يوق ۋاكئومدىن زەررىچە ھاسىل قىلىش،يەنە ئۇنىڭ شەكىلسىزلىكتە يىمىرىلىشى.شۇڭا،كۋانت ئېلېكتىرىك-دىنامىكىسى نەزەرىيسى نۇقتىئىنەزىرىگە ئاساسلانغاندا،ئىككى ئېلېكترون شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز-ئارا تېپىشىدۇ،سەۋەبى،بىرفوتۇن«جىن ئوينىتىۋاتىدۇ».فوتۇنلار بولسا ئېلېكتىر-ماگىنىت مەيدانىدىكى كۋانت زەررىچىسى،كېلىشىنى ۋە بىرئېلېكتروندىن يەنە بىر ئېلېكترونغا ئۇزىتىلىشىنى بىلمەيمىز.مۇشۇنداق سانسىز«مەۋھۇم»زەررىچىلەر ئۆزلۈكسىز كۆرۈلۈپ كىلاسسىك ئېلېكترون ياكى «يالىڭاچ»ئېلېكتروننىڭ خاسلىقىنى چاندۇرماي ئۆزگەرتىدۇ.ئالدىنقى ئەسىرنىڭ40-يىللىرىدىن بۇيان،نۇرغۇن تەجرىبىخانىلار بۇخىل ئۆزگىرىشنى تەھقىقلىدى.ھەتتا،ئېنىقلىق دەرىجىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
كۋانت نەزەرىيسى باشقا كۈچلەرنى ئۆزىگە ئىخچاملاشتىمۇ بوش كەلمىدى ۋە كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلدى.رادىئاتسىيلىك يىمىرىلىش جەريانىدا بىرخىل زەررىچىنى يەنە بىرخىل زەررىچىگە ئايلاندۇرىدىغان ئاجىزيادرو كۈچى ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتتىن بېرى تېزگىنلەش قىيىن بولغان چەكسىز چوڭلۇق تەرىپىدىن قىين ئەھۋالدا قالدى،ئەڭ ئاددىي بىرقىسىم ئېففىكىتلاردىن سىرت باشقا ھېسابلاشلارنى ئۈمىدسىزلىككە پاتقۇزدى.ۋاقىت داۋاملىشىپ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ60-يىللىرىغا كەلگەندە ۋېنبېرگ قاتارلىقلار ئاخىرى چىقىش يولى تاپتى.ئاجىزيادرو كۈچى بىلەن ئېلېكتىرماگىنت كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ ئاجىز ئېلېكتىركۈچى دېيىشتى.بۇخىل ئاجىزئېلېكتىركۈچى ئېنىرگىيە پەۋقۇلئاددە يۇقىرى(مەسىلەن: دەسلەپكى ئالەم)شارائىتتىلا ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.
دىراك تەڭلىمىسىدە ئانتى ماددىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن مەلۇمات بېرىلگىنىدەك ، بۇ نەزەرىيەمۇ ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان زەررىچىنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئېھتىماللىقىنى كۆرسەتتى.چوڭ ماسسىلىقW ھەم Z بوزىيونىنىڭ ئاساسلىق رولى ئاجىز ئېلېكتىركۈچىدىن ئايرىلىپ چىققان قىسقا مۇساپىلىك ئاجىز يادرو كۈچىنى ھەم ھېككىس بوزىيونىنى ئۇزىتىش.ھېككىس بوزىيونى چۇقۇم مەۋجۇت بولغاندا ئاندىن W ھەم Z بوزىيونى بىرلىككە كەلگەن ئاجىز ئېلېكتىرىك كۈچتىن ئېلېكتىرماگىنت كۈچى ۋە ئاجىز يادرو كۈچىگە پارچىلىنىپ ئاتالمىش «پاچاقلىنىش»جەريانىدا ماسسىغا ئېرىشىدۇ.شۇنداقلا ئاجىز يادروكۈچىنى ئاتوملارنىڭ ئارىلىقى دائىرىسىدە چەكلەيدۇ.ھالبۇكى،شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا،ئېلېكتىرماگىنىت كۈچىنى ئۇزاتقان فوتۇن ماسسىغا ئېرىشەلمەيدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئۇلار كائىنات بوشلۇقىدا ئەركىن چېپىپ يۈرۈيدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە كۈچلۈك يادرو كۈچى(ئاتوم يادروسىنى مۇستەھكەم ساقلايدىغان تەسىركۈچ)ىنىڭ كۋانت مەيدان نەزەرىيسىمۇ «ئۆلۈك بېلىقنىڭ ئۆرۈلۈپ ئوينىشى»دەك ئۇيۇنلارنى قويۇپ كەلدى.مۇشۇ نەزەرىينىڭ ھەمكارلىشپ ئوتتۇرىغا قويغۇچىسى ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سان بارا-بارا تارماق مەكتىپىدىن دەيۋىي.گروسىنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا،ھەقىقەتەنمۇ«قالايمىقانچىلىقتىن مۇۋەپپىقيەتكىچە»ئىدى.كۋانت كرومو دىنامىكىسىمۇ گەرمان ئىجاد قىلغان ئاتالغۇ بولۇپ كۋانت كرومو دىنامىكىسى كۋارىكلار ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا تەسىرلەرئارقىلىق ئۇلارنىڭ 8خىل ئۆزئارا«رەڭلىك زەرەت»گلونىنى توختىماي ئالماشتۇرىدىغىنىنى تەسۋىرلەيدۇ ھەم ئاخىرىدا كۋاركنى بازار تاپقۇزىدۇ.بۇ نەزەرىيدە يەنە كۋارىكنىڭ مۇنداق بىرئالاھىدىلىكىنى يەنى،ئىككى كۋارىك ئارىسىدىكى ئارىلىق قانچە يىراقلاشقانچە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تەسىركۈچنىڭ كۈچىيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.گروسسى مۇنداق دەيدۇ:«بۇ نەزەرىيە پروتوننىڭ نېمە ئۈچۈن قارىماققا كۋارىكتىن تۈزۈلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپلا قالماستىن يەنەبۇ كۋارىكلارنىڭ نېمىشقائەزەلدىن پروتوننىڭ تەۋەلىكىگە تارتىپ چىقىرىلمىغانلىقىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بەردى».
يۇقىرىقىلار ئاساسەن دېگۈدەك ئۆلچەملىك مودېلنىڭ ھېكايىسى.1973-يىلىغا كەلگەندە بىتلىس مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى تارقىلىپ كېتىشتى.كېيىنكى بىرمەزگىل ئىچىدە ئالىملاركىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان كەشپىياتلارنى قىلىشتى ھەم ئۆلچەملىك مودېلنى پۈتكۈزدى.ئۆلچەملىك مودېلنىڭ ئىچىدە بارلىق زەررىچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى بوغىدىغان ئاجىزئېلېكتىربىرلىككە كەلگەن نەزەرىيسى ھەتتا كۋارك ۋە گلونغىلا ئىشلەيدىغان كۋانت كرومو دىنامىكىسىمۇ بارئىدى.ئۆلچەملىك مودېل ئەقىل پاراسەت ۋە گۈزەللىكنىڭ مۇجەسسىمى ئىدى.ئۆلچەملىك مودېلدىكى تەڭلىمىلەرمۇكەممەللىككە،سېممىترىكلىككە ئىگە بولۇپ،تەبىئەتتىكى ھەرخىل كۈچلەرنىڭ ماھىيتى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تەسۋىرلەپلا قالماي،فىزىكلارغا يېڭى زەررىچىنى قەيەردىن ئىزدەشنىمۇ ئېيتىپ بەرگەن ئىدى.
نەتىجە ئۇنداق بولماي قالدى،يېڭى زەررىچە زەررىچە سوقۇشتۇرغۇچ سانلىق مەلۇماتلىرى ئىچىدە«مۇۋەپپەقيەتلىك»باش كۆتۈردى.بۇ نەزەرىيەشۇناسلارنى قالتىس خوش قىلىۋەتتى.ئالدىنقى ئەسىرنىڭ60-يىللىرىنىڭ ئاخىرى،ئالىملارئۈچ كۋاركنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىغان ئىدى.ئەمما، 70-يىللارنىڭ ئاخىرىغا بارغاندىلا ئامېرىكىلىق فىزىكلار تۆتىنچى ۋە بەشىنچى خىل كۋارىكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى ھەم ئەڭ ئاخىرىدا1995-يىلى6-خىل چوققا كۋارىكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2000-يىلىغا كەلگەندە،ئەڭ ئاخىرقى لېپتونτدىكى نىترونو ئالىملار تەرىپىدىن نەزەرگە ئېلىندى.بۇ يېڭى زەررىچىنى بايقاش جېڭىنىڭ يەنە بىر ئۇچىدا گېرمانىيەنىڭ ھامبورگ شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى گېرمانىيە ئېلېكترون ماس قەدەملىك تېزلەتكۈچ تەتقىقات مەركىزى (DESY)دىكى ئالىملار1979-يىلى گلوئونغا ئېرىشكەن ئىدى.ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزىدىكى ئالىملار1983-يىلى W ھەم Z بوزىيونىنى "تۇتقان" ئىدى.ۋاقىت چاقى چۆرگىلەپ2012-يىلىغا كەلگەندە ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزىدىكى ئالىملار كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇسىدىكى ئۆلچەملىك مودېلدا قىياس قىلىنغان داڭلىق ھەم ئەڭ ئاخىرقى زەررىچە ــــ ھېككىس زەررىچىسىنى بايقىدى!
ۋېنبىرگكە نىسبەتەن ئۆلچەملىك مودېلنىڭ مۇۋەپپىقيەت قەدىمى ناھايىتى ئۆزگىچە.ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«خىزمەت ئۈستىلىدە بىرقىسىم ماتېماتىكىلىق تەڭلىمىلەر ۋە ئۇقۇملار بىلەن ھەپىلىشىپ ۋاقتىڭىز ئۆتىدۇ،نەچچە مىليارت دوللارخەجلەپ تەجرىبىچى فىزىكلار بۇ قىياسلارنى ئىسپاتلايدۇ،ئەجىبا بۇنىڭدىنمۇ ئالاھىدە ئىش بولامدۇ؟»دەرۋەقە شۇنداق،ئەمما،ئۇ ۋە باشقا ئالىملار نېمە ئۈچۈن تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدەك ئۇنچىۋالا خۇشال ئەمەس؟
(«جۇڭگو پەن-تېخنىكا تورى» 2013-يىلى6-ئاينىڭ11-كۈنى) 2013-يىلى6-ئاينىڭ11-كۈنى،7-ئاينىڭ8-كۈنلىرى تەرجىمە قىلىنغان.
مەنبە:http://www.stdaily.com/stdaily/content/2013-06/11/content_612608.htm
http://www.ccst.gov.cn/ccst-xw/news_view.php?id=12763 |