قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1081|ئىنكاس: 4

[قانۇن] نىكاھ توغرىلىق مەسلىھەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

32

تېما

2

دوست

4007

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   66.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17305
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 1260
توردىكى ۋاقتى: 340
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 12:56:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0(318).jpeg


نىكاھ توغرىلىق مەسلىھەت سورايمەن


ئىسراپىل ئەمەت
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!سىزدىن سورايدىغان مەسلىھەتىم بارتى:
مەن توي قىلغىلى بىر يىل بولغان، 3 ئايلىق قىزىم بار. ھازىر تازا كىلىشەلمەي ئاجرىشىدىغان بولۇپ،ئايالىم مەندىن بالىنى تالىشىۋاتىدۇ. ئۇ بالىنى ئىمىتىپ باقمىغان ،شۇنداقتىمۇ مەن بالىنى بىرەي دىدىم. لىكىن،"بىريىل خوتۇن بولدۇم بۇنىڭغا تۆلەم ئالىمەن،بالام ئەينەكتە تۇرغاندا پۇلىنى تەڭ تولىگەن قالغان يېرىمىنى بىرىسەن،بالىغا ھەرئايدا بېقىش ھەققى ئالىمەن."دەپ مىنى سەل بۆزەك قىلىۋاتىدۇ.شۇڭا مەن قانداق قىلسام بولىدۇ؟ ئايالىم بۇرۇن  بۆرەك ئوپېراتسىيىسى قىپتىكەن،شۇنىڭ تەسىرىمۇ ھامىلدار بولۇپ ئازغىنە ۋاقىتتىن كىيىن، قان بېسىمى ئۆرلەپ بالىنىمۇ بالدۇر ئېلىۋەتكەن. كىيىن، ئۈرۈمچىگە بېرىپ داۋالىنىپ كەلگەن،" دوختۇر ئەمدى تۇغساڭ بولمايدۇ" دىگەن ئوخشايدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسىگە تۆلەم بىرىسەن دەۋاتىدۇ. مەسلىھەت بەرسىڭىز، قانداق  قىلسام بولا؟

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قېرىندىشىم!
تۈنۈگۈن ئاخشام سورىغان سۇئاللىرىڭىزنى بىر ئاخشام ئويلىنىپ،ئەتىگەندىلا سىزگە جاۋاپ يېزىۋاتىمەن. سىزنىڭ سورىغان مەسىللىرىڭىز، يەنە  بىرتەرەپتىن جەمىيىتىمىزنىڭ ھازىرقى رىئاللىغىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى يۇرۇتۇپ بىرىدۇ.ئەسلى «ئاللاھ ئايال كىشىنى ئەركىشىنىڭ ئەگرى قوۋۇرغىسىدىن ياراتقان» دىگەننىڭ مەنىسىى ئانچە ئاددى  بولماسلىغى كىرەك ئىدى! ئەر-ئايال راھەت-پاراغەتتىلا ئەمەس ،جاپا-مۇشەققەت بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بولىدىغاندىن،ئۆلۈمدىن باشقا ھىچ نەرسە ئايرىۋىتەلمەيدىغانلىقتىن دىرەك بىرەتتى.ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت نوقۇل پۇل-مال بىلەنلا چەكلەنسە، دۇنيانىڭ ئىللىقلىغى تامامەن تۈگىگەن بولىدۇ خالاس.ئەلەكمۇللا ، بىز جەمىيەتنىڭ يۆلىنىشىنى بىكىتەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەسمىز،ئىجتىمائى مەسىلىنى بىرئىككى ئادەمنىڭ تىرىشچانلىغى بىلەن ئۆزگەرتكىلى بولمايدىكەن. شۇڭا،ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ گىپىگە كەلسەك:
نىكاھ ئىشلىرىنى بىرتەرەپ قىلىشقا قانداق ئادەمنىڭ ئالدىغا بارسىڭىز،ئاۋال ئەپلەشتۈرۈشنىڭ گېپىنى قىلىۋىتىپ،ئىككى تەرەپ پىكرىدە چىڭ تۇراۋالسا ئاندىن ئايرىيدىغان سۆزنى قىلىدۇ.چۇنكى ئەقلى-ھۇشى بار ھەرقانداق ئادەم، بىر ئوبدان ئائىلىنى بۇزۇلۇپ كەتسۇن دىمەيدۇ.شۇڭا،نىكاھ مەسلىڭىزنى يەنە بىرقېتىم باشقىلارغا مەسلىھەت سالماي، ئۆزىڭىز يالغۇز ئولتۇرۇپ مەسىلىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىگىنى يۈرىگىڭىزنى تىڭشاپ بېقىپ ئوبدان بىر ئويلىنىڭ!
ئەگەر پەقەت بولمىدى دىسىڭىز،قانۇن سىزگە مۇنداق جاۋاپ قىلىدۇ:
نىكاھ مۇناسىۋىتىنى بىرتەرەپ قىلىشتا، مۇرەسسە يەنى كىلىشتۈرۈش ئاساس. كىلىشىپ بىرتەرەپ قىلىنغاندا، ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭلى بىر-بىرىدىن ئازار يىمەيدۇ.نىمىشقا ئەر دەيمىز؟ ئايالىنى ھەر جەھەتتىن قوغدىغانلىغى ئۈچۈن ئۇ ئەر بولىدۇ.ئاجرىشىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ھالەتتىمۇ، بىر ئەر كىشى ئايالىنى قوغدايدۇ،كەڭ قوساقلىق بىلەن يول قويىدۇ(بولۇپمۇ ئىقتىسادى جەھەتتە ئالىمەن دىگىنى بىرىدۇ).دىمەكچىمەنكى، چىرايلىق كىلىشەلىسەڭلار، خەلق ئىشلار ئىدارىسدا 9 يۇەن بىلەن، بىرسائەتكە قالماي ئاجرىشىپ كىتەلەيسىز.
ياق، كىلىشەلمىدۇق دىسىڭىز! دەۋاتەرتىۋى بويىچە، سوت مەھكىمىسىدە دەۋالىشىپ بىرتەرەپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.دەۋا دىگەن كالا ھارۋىسىدا ئۆلتۇرغاندەك دىمىسەكمۇ، رېلىستىن چىقماي ماڭىدىغان ئاستا سۈرئەتلىك پويىزدا ئولتۇرغاندەك بىرئىش.بىر-ئىككى يىلغا سۆرىلىش دىگەن نۇرمال ئىش، نەچچە ئون يىلغىچە دەۋا بىلەنلا ئۆتىدىغان كىشىلەرمۇ ئاز  ئەمەس. بۇ پاتقاققا پېتىپ قالغان كىشى، قىمارۋاز تاۋكادىن مىھرىنى ئۈزەلمىگەندەك بولدى قىلغىسى كەلمەي قالامدىكىن دەيمەن.
خوش،سوت دەۋا تەرتىۋىدىن ئىبارەت ئاستا پويىزغا چۈشىۋالدۇق.
1. ئاۋال ئەر-ئايالنىڭ مىھرى-مۇھەببىتىنىڭ ھەقىقەتەن بۇزۇلغان ياكى بۇزۇلمىغانلىغى بىرىنجى تەكشۈرىدىغان ئىش. بۇزۇلغانلىغى ئېنىق بولسا، ئاجرىشىشقا يول قويىدۇ.بولمىسا، ئۆي تۇتۇشقا ھۆكۈم قىلىپ 6 ئاي قاراپ باقىمىز.6ئايدىن كىيىن يەنە ئاجرىشىشقا كەلسە، گەپ سۆز-يوق ئاجراشتۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.
2.   3 ئايلىق قىزىڭىزنىڭ مەسىلىسىدە، قۇچاقتىكى بالىلارنى ئومۇمەن ئانىسى تەربىلىگىنى تەبىئەت قانۇنى ۋە ئىجتىمائى قانۇننىڭ روھىغا ئۇيغۇن! ئانىسى روھى كىسەل ۋە ياكى باشقا ئېغىر كىسەلگە گىرىپتار بولغان بولمىسىلا،2 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى ئانىسى تەربىلەيدۇ.
        3.بالىنىڭ بېقىش راسخوتى مەسىلىسىدە، بالىنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش راسخوتلىرىنى بالىنى باققۇچى تەرەپكە تەمىنلەپ بىرىمىز.مۇقىم كىرىمى بولسا،20-30پىرسەنتىگىچە ھىساپلىنىدۇ. مۇقىم كىرمى بولمىسا،شۇجاينىڭ ئوتتۇرىچە ئىستىمال ئۆلچىمى بويىچە بەرسە بولىدۇ.
        4.ئايالىڭىزنىڭ باشقا كىرىم مەنبەسى بولمىسا ئىش تېپىۋالغىچە، تۇرىدىغان يېرى بولمىسا ئۆي تېپىۋالغىچە،ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىڭىز كىرەك.
        5.باشقا تەلەپلىرىڭلارنىڭ قانۇنى ئاساسى بولمىغانلىرى رەت قىلىنىدۇ.ئايالىڭىزنىڭ بىر يىل خوتۇن بولدۇم، تۆلەم بىرىسەن دىگىنى يولسىزلىق بولىدۇ. ئەرگە تىگىش مەدىكارلىق ياكى ئىشلەمچىلىك ئەمەس،ئۇنىڭغا ئىشلىگەن ۋاختىغا قاراپ ھەق بىرىلمەيدۇ. پەقەت، قىلغان ئىشىنىڭ ئۈنىمىگە قارايمىز! توي قىلىپ ئەرنى باي قىلىۋەتكەن بولسا، بايلىقنى تەڭ ئالىمەن دىسە تامامەن بولىدۇ. ئەرنى قەرزدار قىلىۋەتسە، قەرزىنى تەڭ تۆلەپ بىرىپ ئاجراشسا بولىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا، ئوتتۇرىدا قالغان يول يوق!

1

تېما

1

دوست

914

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   82.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4593
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 65
تۆھپە : 246
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 17:26:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەتراپلىق، چۈشىنىشلىك جاۋاب بوپتۇ.
تولۇقلاپ قويىدىغان بىر گەپ، ئايال ھامىلدار چاغدا ، تۇغۇپ بىر يىلغىچە، ئەر ئاجرىشىمەن دەپ دەۋا قىلسا بولمايدۇ. ئەگەر ئايال دەۋا قىلسا ياكى سوت مەھكىمىسى ئەرنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىش ھەقىقەتەن زۆرۈركەن دەپ قارىسا، ئۇ مەيلى.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2694
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 11:58:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى ئاجرىشىش باسقۇچىغا بارغاندا ئادىمىيلىكىنى يۇقىتىدۇ . مەن بىرەيلەننىڭ «ساڭا مانچە يىل خوتۇن بولدۇم ، بىر كۈن خوتۇن بولغىنىمغا مانچە پۇل بولسا مانچە ۋاقىتتا ماڭا مانچىلىك پۇل قەرز بولدۇڭ ( ئارقا كۆچىدىكىلەرنىڭ باھاسىدا ھىساپلاپتىكەن ).............» دىگىنىنى ئاڭلاپ ئادەم ياكى باشقا نەرسە ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلغان ئىدىم .

0

تېما

5

دوست

1308

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32248
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 392
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 20:45:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
masturam يوللىغان ۋاقتى  2014-11-22 20:10
ئاۋۇ بالىنى ئەينەك ئىچىدە ياتقۇزۇپ داۋالاتقان پۇلنى ئ ...

ـوغىرا دەيىسىز مەستۇرەم ئاچا.

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2694
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 10:33:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
masturam يوللىغان ۋاقتى  2014-11-25 00:02
بۇ خىيالىڭىزما يا؟ قارىغاندا توي قىلىپ باقىمىغان ئوخ ...

  ياق خىيالىم ئەمەس ، مەن خىيالىمنى يېزىپ يۈرىدىغانلاردىنمۇ ئەمەس ، سىز دىگەن جىق ئىشلارنى ئالتە يىل بۇرۇن بىلىپ بولغان . يۇقىرىقى ئىنكاستا يازغىنىم مىنى قاتتىق ئويلاندۇرغان رىئاللىق .
  ئىنكاسنى سەمىمىيلىك بىلەن يازسىڭىز ، مەن مۇنبەرگە باشقىلار بىلەن گەپ تالاشقىلى ئەمەس ، باشقىلارنىڭ قانداق ئويلايدىغىنىنى بىلگىلى ، ئۆزۈمنىڭ ئويلىغىنىنى باشقىلارنىڭ دىققىتىگە قويغىلى چىقىمەن . ھىچكىمنى ئۆزگەرتىش ، چېقىۋېلىش ، زىتىغا تىگىش خىيالىم يوق ............... سەمىمى تورداش ، پىكىرداش بۇلۇپ ئۈتەيلى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )