- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71012
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
ئىلاۋھە : بۇ بايانلار دىلدار ئەزىز ئاپپاينىڭ پارىج رىشىتىسى دىگەن كىتاپىنىڭ 150،151،152-بەتلىرىدىكى ماڭا تەسىر قىلغان بايانلار . بۇ كىتاپ ھەقىدە يەنە ئۇزۇندىن ئۇزۇن كىتاپ ئوقۇش خاتىرلىرىم بار .بولۇپمۇ پارىجدىكى ۋەتەندىشىم دىگەن بابىنى ئۆيىمىزدە كەچ بولۇپ كەتكىنىگە قارىماي يوتقاندا يېتىپ تۇرۇپ خوتۇن باللىرىمىغا ئۇنلۇك ئوقۇپ بەرگىنىم ھېلىمۇ ئىسىمدە . ئاپپاينىڭ رۇخسىتىنى ئالمايلا تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا ئالدىراپ كەتتىم.
مەن يېزىپ موشۇ يەرگە كەلگەندە ئۈرۈمچىدىكى قۇرلۇش باشلىنىپ 20يىلغىچە پۈتمىگەن ،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كۇتۈپخانىنى ئەسلەپ قالدىم . ئۇ ئەينى يىلى ، 1930-يىلى 8-ئايدا ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان تۈنجى كۈتۈپخانا ئىدى . شۇ چاغدا بۇ كۈتۈپخانا 80كىۋادىرات مىتىر ئەتراپىدىكى ئالتە ئېغىزلىق ئۆي بولۇپ ، ئۇنىڭدا 5000 پارچە كىتاپ ساقلىناتتى . ئۇ چاغدا بۇ كۈتۈپخانىنىڭ نامى "ئۆلكە قارمىقىدىكى كۈتۈپخانا "دەپ ئاتىلاتتى . 1949 -يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كىيىن ،بۇ كۈتۇپخانىنىڭ نامى "ئۆلكىلىك كۇتۇپخانىغا ئۆزگەرتىلدى . ئۇنىڭدا ساقلانغان كىتاپلارنىڭ سانىمۇ ئەسلىدىكىدىن كۆپۈيۇپ 15مىڭغا يەتتى. 1955-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قۇرۇلغاندا ،بۇ كۈتۈپخانىنىڭ نامى "ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كۈتۈپخانىغا ئۆزگەرتىلدى. ئۇنىڭدا ساقلانغان كىتاپلارنىڭ سانى 20مىڭغا ، كۈتۈپخانا كۆلىمىمۇ 400 كۇۋادىرات مىتىرغا يەتتى. 1958-يىلى ئۆكتەبىردە بۇ كۈتۈپخانىنىڭ كۆلىمى 4300 كۇۋادىرات مىتىرغا كېڭەيدى . بۇ كۇتۇپخانا ئۈرۈمچىنىڭ پەن مەدىنيەت مەركىزى بولغان جەنۇبى شىنخۇا يولىغا جايلاشقاچقا ، كۇتۇپخانىغا كىلىپ كىتىدىغانلارمۇ ، كىتاپ ئارىيەت ئالدىغانلارمۇ كۆپ ئىدى . بەزىدە ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن جايمۇ تاپقىلى بولمايتتى . شىنجاڭنىڭ باشقا ۋىلايەت-شەھەرلىرىدىنمۇ بۇ يەرگە كىتاپ ئىزلەپ كىلدىغانلار بار ئىدى . شۇ يىللاردا بۇ كۈتۈپخانا ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ پەن -تېخنىكا ئشىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ تىگىشلىك ھەسسىسىنى قوشقان ئىدى . كۇتۇپخانىنىڭ شۇ چاغدىكى كۆلىمى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغانلىقتىن ، كۇتۇپخانىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش زۆرۇر بولۇپ قالدى . (ئەسلىدىكى كۇتۇپخانا كۆپەيتىشنى ھېچ كىشى ئېسىگە كەلمىدى . 1984-يىلى بۇ كۇتۇپخانىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش پىلانىغا كىرگۇزۇلدى . بۇ ئەسلىدە بىر ياخشى ئىش ئىدى ، بىراق بۇ ياخشى ئىشنىڭ نەتىجىسى بىز ئويلىغاندەك ياخشى بولماي قالدى. يەنى كۇتۇپخانا تاقىلىپ كىتاپلار يەر ئاستى ئامبارلىرىغا تىقىلدى. كۇتۇپخانا ئىشكىمۇ ئىلىمگە تەشنا ئوقۇرمەنلەر ئۇچۇن تاقالدى . شۇنىڭدىن كىيىنكى 20يىل شىنجاڭ خەلقى ئۇچۇن كۇتۇپخانىسىز ئۆتكەن 20يىل بولدى . دائىم كۇتۇپخانىغا بارىدىغان ، كۇتۇپخانىغا بېرىشنى ئادەت قىلغان كىشلەر ئەمدى نەگە بېرىشنى بىلمەي قېلىشتى . كىتاپ سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان بىلىمگە تەشنا ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇنمۇ بۇ بىر قىيىن ئىش بولدى . بۇ كۇتۇپخانىنىڭ ئورنى گەرچە ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ ، بىراق ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات رايۇنىغا جايلاشقانلىقى ئۇچۇن كىشلەرنىڭ بۇ يەرگە كىلىپ كىتاپ ئارىيەت ئېلىشلىرىغا ۋە ماتىريال ئىزدەشلىرىگە بەكمۇ قولايلىق ئىدى . ئەپسۇسكى ، بۇ كۇتۇپخانىنىڭ ئورنى قايسى بىر پۇلدار شېركەتنىڭ سودا-ساراي سېلىشى ئۇچۇن لازىم بولۇپ قالغانلىقتىن ،كۇتۇپخانا چېقىلىپ ،ئۇنىڭ ئورنىغا ھەيۋەتلىك بىنا ناھايىتى تىزلا پۇتۇپ ئىشقا كىرىشتۇرۇلدى . بىراق شەھەر سىرتىغا -بېيجىڭ يولىغا سېلىنغۇسى يېڭى كۇتۇپخانا بىناسى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن 20-يىلغۇچە پۇتمىدى . بۇ 20 يىلدا ئۈرۈمچىدە نۇرغۇن ھەيۋەتلىك سودا سارايلار ،مېھمانخانىلار ، رېستۇرانلار ، كىشلەرنى شەھۋانىلىققا يىتەكلەيدىغان تورخانىلار ، يەر ئاستى دېسكوخانىلار ، يەر ئاستى ماجاڭخانىلار (ئەمىليەتتە قىمارخانىلار )،ھۆكۈمەتنىڭ ئالى دەرىجىلىك خىزمەت بىنالىرىنىڭ قۇرۇلۇشلىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۇرۇلدى . بۇ 20 يىل جەريانىدا ، يېزا باشلىقلىرىدىن تارتىپ ئاپتۇنۇم رايۇن باشلىقلىرىغىچە بولغان مەمۇرىيەت خادىملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دىگۇدەك ماشىنىلىىرىمۇ نەچچە قېتىمدىن يېڭىلىنىپ بولدى ،بىراق كۇتۇپخانا بىناسى پۇتمىدى . ئۈرۈمچى خەلقى 20يىلغۇچە كۇتۇپخانسىى يوق تۇرمۇشنى باشتىن كەچۇردى . بۇ 20يىل جەريانىدا ،سىياسى كېڭەش ھەيئەت ئەزالىرى ، خەلق قۇرلتاي ۋەكىللىرى ھەر يىلى دىگۇدەك ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كۇتۇپخانىنىڭ قۇرۇلۇشى توغىرسىدا پىكىر -تەكلىپلەرنى بىرىپ ھارمىدى ، بىراق ۋەدىلەر ۋەدە پېتى قېلىۋەردى . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ مەدەنىي مائارىپقا مەسئول رەھبىرى كادىرلار بۇ كۇتۇپخانىىنىڭ ئەھۋالىنى بىر نەچچە قېتىم كۆزدىن كەچۇردى ۋە ياخشى ۋەدىلەرنى بەردى ، بىراق كۇتۇپخانا يەنىلا پۇتمىدى . بۇ 20يىلدا كىشلەر كۇتۇپخانا دىگەن نەرسىنىڭ بارلىقىنى پۇتۇنلەي ئۇنتۇپ كەتتى ،موشۇ يىللاردا تۇغۇلغان بالىلارمۇ كۇتۇپخانا دىگەننىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي چوڭ بولۇشتى . كشىلەرنىڭ كۇتۇپخانىغا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ ئورنىنى رېستۇران ۋە ئەيىش -ئىشرەتلىك سورۇنلارغا بولغان قىزغىنلىقى بېىسپ كەتكەنئىدى . 2004-يلىى ئۆكتەبىردە كۇتۇپخانا ئاخىرى پۇتتى ، بۇ چاغدا كشىلەردىكى كىتاپ خۇمارىنىڭ ئورنىنى غەيۋەت خۇمارى ۋە ئەيىش ئىشرەت خۇمارى بېسىپ كەتكەن ،كۇتۇپخانا كشىلەرنى ئەيىش ئىشرەت سورۇنلىرىچىلىك قىزىقتۇرالمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى . ئۈرۈمچىنىڭ قەدىمىي ئاۋات كوچىلىرىدىن كۆچۇرۇلۇپ ،خىلۋەت بېيجىڭ يولىدىن ئورۇن ئالغان ، ئەتىراپتىكى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۇرۇپ تۇرغان ئېسىل مېھمانسارايلارنىڭ يېنىدا غېرىپلارچە شۇمشىيىپ تۇرغان ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كۇتۇپخانىنى ھەې قېتىم كۆرسەم مېنى يىغا باسىدۇ .كۇنىنى رېستۇرانلاردا ناخشا -موزىكىلارنىڭ لەرزان پەپىلىىتىىش بىلەن ئۆتكۇزۇپ ، ئۆزىنىڭ ئەتىىسنىڭ قانداق بولۇشىنى بىلمەي ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمنىڭ نادانلىقىغا يىغىلىغۇم كىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا مىللەتنىڭ خەلىقنىڭ مەنپەئەتىنى ئاغزىدىن چۇشۇرمەيدىغان رەھبەرلەرنىمۇ ، ئۆزىنى ئاجايىپ بىلەرمەن ھىساپلايدىغان كىشلەرنىمۇ پارىجدىكى شۇ كۇتۇپخانىلارنى كۆرۇپ باقسىكەن كىتاپسىز قالغان مىللەتنىڭ جەميەتكە قانچىلىك ئاپەت كەلتۇرىدىغانلىقىنى چۈشەنسىكەن ، دىگۇم كىلىدۇ . |
|