- تىزىملاتقان
- 2011-9-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4924
- نادىر
- 1
- يازما
- 300
ئۆسۈش
97.47%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئەزىز قېرىنداشلىرىم!
سالامەت ، ئوبدان تۇرىۋاتىدىغانسىلەر(؟)
مۇنبىرىمىزنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ياخشىلانغانلىغىنى كۆرۈپ ئالەمچە سۆيۈندۈم. جەنابىي ئاللاھ باسقان قەدىمىڭلاردىن قىزىل گۈللەرنىڭ ئۈنۈپ بېرىشىنى نېسىپ ئەيلىگەي، ئامىن!
مەن مۇنبىرىمىزنىڭ بۇ خىل ئىلگىرلىشىگە مۇناسىپ ھالدا ، كۆپتىن بۇيان ئېلان قىلىشنى ئويلىنىپ كەلگەن «ئىسىم - ناملار تەرجىمىسى ۋە فونېتىكا» ماۋزۇلۇق ماقالەمنى يوللىغان ۋە بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغان ئىدى.
كۆپ ئەپسۇس، بۈگۈن ئەتتىگەندە بۇ ماقالە غايىپ بوپتۇ. بۇ نىمە ئۈچۈن؟
بۇ ئەھۋال شەخسەن مەن ئۈچۈن 3- قېتىم قىلىنغان شۇملۇقتىن ئىبارەت. جۈملىدىن ، بۇ ئەھۋالنى بىر بۈتۈن ئۇيغۇر ئىلىم دۇنياسىغا قىلىنغان سۈيقەستلىك ھەرىكەت، دەپ قارايمەن. چۈنكى، مەن بۇ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى مەسىلىلەر ئەمەس ئىدى، بەلكى ماقالىدە ئۇيغۇر تىل - يېزىغىنىڭ ئالەمشۇمۇل ئىلمىي، تارىخىي قىممىتىنىڭ تۇنىلىشى ، دۇچ كېلىۋاتقان يامان ئاقىۋەتكە تاقابىل تۇرۇشنىڭ سېگنالى چېلىنغان.....
مۇنداق ئەھۋال تېخى «خەلقئارادا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ئەھۋالى» ناملىق ناھايىتى قىممەتلىك ماقالىنىڭ ئۆچۈرۈلۈپ قايتا پەيدا بولىشىدىمۇ كۆرۈلدى.
مۇشۇنىڭغا قارىغاندا سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا نامەلۇم يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭمۇ بارلىغىنى ھېس قىلىۋاتىمەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇنبىرىمىزنىڭ بىخەتەر ، ساغلام ۋە تېخىمۇ ئىلمىي ئاممىۋىي سورۇنغا ئىگە بولغان ھالدا تەرەققىي قىلالىشى ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىلىم ئەرباپلىرىنىڭ بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ، مۇنبىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسىگە تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلالىشى ئۈچۈن ئۇنداق يۇشۇرۇن مېتىلەرنىڭ تېزلىكتە تازىلىنىشىنى سەمىمىي ئۈمىت قىلىمەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، مۇنبىرىمىزدە ئىلىم - مەرىپەتنىڭ نىمىلىگىنى چۈشەنمەيدىغان ئوغۇزخان ئىسىملىك قارا قۇساق پىتنىخور ، جىدەلخورلارمۇ تازىلىنىشى كېرەك. چۈنكى بۇ ئىلمىي سورۇن تىل - ھاقارەت ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بىرىلمەسلىگى ، ئىلمىي مۇنازىرە بىلەن تولغان بولىشى كېرەك ئەمەسمۇ؟
قېنى ، ./thread-26927-1-1.html نى ئېچىپ كۆرۈپ بېقىڭلار، ئۇنىڭ نەقەدەر غالجىر بەد - بەخت ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىسىلەر.
خەير، سىلەرگە زور مۇۋەپپىقىيەتلەر تىلەيمەن. |
|